niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 قانغا بويالغان ساي

قانغا بويالغان ساي

نۇرمۇھەممەد توختى
 (جىڭ ناھىيىلىك 4 - ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

تەييارلىغۇچىدىن:
ياش چاغلىرىمدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ شاھىتى بولغان دادام توختى مەرگەن (توختى ئەمەت ياسىن) ماڭا دائىم ئۇرۇش ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى. كېيىنچە سابىق غۇلجا يېزا ئىگىلىك 4 - دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ پېشقەدەم رەھبىرى، ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى ئابدۇللا مەخپىروپ ئاكا بىلەن تونۇشۇپ، ئۆيىگە كۆپ قېتىم بېرىپ ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىدە بېشىدىن ئۆتكەن قىزىقارلىق، تەسىرلىك، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئەسلىمىسىگە ئىگە بولدۇم. بۇ ئۇستاز 1925 - يىل 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى تاشتىقارا مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1932- يىلى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1937 - يىلى غۇلجا «ھەرەمباغ مەكتىپى» دە باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملىغان. ئۇ ئاتا - ئانىسىدىن يىتىم قېلىپ بايلارغا مالاي بولۇپ چوڭ بولغان. 1944 - يىل 9 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ھەرەمباغ، ئايرودروم ئۇرۇشى ۋە جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1952 - يىلى خەلق ئازادلىق ئارمىيە 5 - كورپۇس دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن. 1956 − 1958 - يىلغىچە شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتوتىدا ئوقۇغان، ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن غۇلجىغا قايتىپ 4 - دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن. 1966 - يىل 8 - ئايدا »ئەكسىلئىنقىلابچى« دېگەن قالپاق بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىگە پالانغان. 1978 - يىلى 12 - ئايدا ئاقلىنىپ خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەن. 1987 - يىلى 01- ئايدا دەم ئېلىشقا چىققان. 2004 - يىل 7- ئاينىڭ 9 - كۈنى 79 يېشىدا غۇلجا شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابدۇللا مەخپىروپ ئاكا بىلەن تونۇشقان ئاشۇ يىللاردا ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر توغرىسىدىكى ئەسلىمىلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
 ئۇ ھويلىسىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن: «سىزگە ئەسلىمەم بار ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى قويۇپ بېرەي، ئۇنىڭدا خېلى تەپسىلىي تەرجىمىھالىم بار، خاتىرىلىۋېلىڭ، بىر ئېغىز گەپمۇ چۈشۈپ قالمىسۇن، توقۇپ كۆپتۈرۈپمۇۋەتمەڭ...» دېگەنىدى.جىڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا دوساجىمنىڭ سايلىقى دەپ ئاتىلىدىغان تۈپتۈز كەتكەن بىر سايلىق بار، بۇ سايلىقنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدە 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى يەنى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنىڭ قەبرە ئىزىنى ھازىرمۇ تاپقىلى بولىدۇ. بۇ قەبرىستانلىقنى ئىلگىرى نۇرغۇن كىشىلەر «شېھىتكارلىق» دەپ ئاتىشاتتى ھەم بۇ جايدىن ئۆتكەن - كەچكەنلەر ئات - ھارۋىلاردىن چۈشۈپ دۇئا قىلىپ ئۆتۈشەتتى. 1958 - يىلى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»تە بۇ قەبرىلەر ئېتىز - ئېرىق، ئۆستەڭ قۇرۇلۇشلىرىغا توغرا كېلىپ قېلىپ قۇربان بولغانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ سۆڭىكى يۆتكىۋېتىلگەنىدى. 1993 - يىلى مەن شۇ چاغدىكى قۇربان بولغانلارنىڭ سۆڭىكىنى يۆتكەشكە قاتناشقان سانسىزباي(قازاق) دېگەن بوۋايدىن قانچىلىك جەسەتنىڭ سۆڭىكى يۆتكەلگەنلىكىنى سورىسام، بوۋاي: «پەقەت بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى چارۋىچىلار كولاپ يۆتكىگەن جەسەتنىڭ سۆڭىكىلا 200دىن ئاشىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
تۆۋەندە مەن 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغانلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللا مەخپىرۇپ ئاكىنىڭ ئاغزىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن، تولۇقلاش يۈزىسىدىن دادام توختى مەرگەن ۋە باشقا پېشقەدەم جەڭچىلەردىن ئاڭلىغانلىرىمنى، ماتېرىياللاردىن كۆرگىنىمنى مەخپىروپ ئاكىنىڭ بايانىغا يۇغۇرۇۋەتتىم.

ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئالغا! 
 
1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ئازاد رايوننى كېڭەيتىش ۋە ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇش مەقسىتىدە شىمالىي يۆنىلىش، ئوتتۇرا يۆنىلىش ۋە جەنۇبىي يۆنىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ يۆنىلىشكە بۆلۈنۈپ گومىنداڭ ئارمىيىسىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئاتلاندى. ئوتتۇرا يۆنىلىشتە جىڭ ناھىيىسىدىكى گومىنداڭنىڭ مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ۋەزىپىسى تېكەس 1- ئاتلىق پولكىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەندى. 1945 - يىل 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى جەڭ مەيدانلىرىدا چېنىقىپ، تاۋلىنىپ ئۇرۇش قىلىش ماھارىتىنى ئىگىلىگەن جەسۇر ھەر مىللەت جەڭچى - ئوفىتسېرلىرىدىن تەركىب تاپقان تېكەس 1 - ئاتلىق پولكى غۇلجا ھەرەمباغ ھەربىي گازارمىسىنىڭ ئالدىدىكى كەڭرى مەيداندا جەڭگىۋار ھالەتتە رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتۇق.
پولك كوماندىرى رازاق مەۋلانوپ، پولكنىڭ مۇئاۋىنلىرىدىن ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجىيوپ، ئىبراھىموپ، پولك كومىسسارى ئابدۇرېھىم ھەسەنوپ، پولك شتاب باشلىقى قالپاقوپ، پولك دوختۇرخانا باشلىقى غەنى خوجا ۋە مەن (پولك تېببىي بۆلۈم باشلىقى) قاتارلىق كوماندىرلار ھەربىي دەرىجە ئۇنۋانلىرىمىز بويىچە ئۆز قىسىملىرىمىز ئالدىدا ھەربىي فورمىلىرىمىزنى تۈزەشتۈرۈپ، قەددىمىزنى رۇسلاپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن قوماندان گېنېرال ئىسھاقبېكنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە ئىدۇق. سومكىلىرىنى بويۇنلىرىغا ئاسقان ھالدا رەيھانە غابىدىن، روشەنگۈل شاۋكەت، رىزۋان مۇھىدىن، ليۇسىيە(رۇس) نىناشاخۇرۇستىۋا(رۇس)، ئايشەم، لۇسۇ(رۇس)، شەۋقىيە، ئامىنەم قاتارلىق 30دىن ئارتۇق ھەر مىللەت سېسترا قىز سەپنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. 
شۇ كۈندىكى پولك دىجورنىسى مايور سىدىقجان ئاخۇنبايوپ گېنېرال لېيتىنانت ئىسھاقبېكنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. جەڭچى - ئوفىتسېرلارنىڭ دىققىتى ئالدى تەرەپكە مەركەزلەشتى. تولۇق گېنېرال لېيتىنانتلىق ھەربىي فورما كىيگەن گېنېرال لېيتىنانت ئىسھاقبېك بىرقانچە ھەمراھىنى باشلاپ ئالدىمىزغا كېلىۋاتاتتى.
 سىدىقجان ئاخۇنبايوپ پۈتۈن پولكقا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «دىققەت!» دەپ ھۆرمەت كوماندىسى بەرگەندىن كېيىن، ھۆرمەت قەدەم بىلەن گېنېرالنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئوڭ قولىنى چېكىسىگە قويۇپ:— مۆھتەرەم قوماندان! تېكەس 1 - ئاتلىق پولكى جەڭگىۋار ھالەتتە مەيدانغا يىغىلىپ بولدى! سىزنىڭ بۇيرۇقىڭىزنى ئورۇنداشقا تەييارمىز! — دەپ قىسقىچە دوكلات قىلدى. قوماندان:— راھەت! — دېدى - دە، مايور سىدىقجان ئاخۇنبايوپ بىلەن ناھايىتى قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. بىللە كەلگەنلەرمۇ ئۆزئارا قول سىقىشىپ كۆرۈشتى. بۇلار ئىچىدە مۇئاۋىن قوماندان گېنېرال مايور زۇنۇن تېيىپوپ، باش شتاب باشلىقى گېنېرال ماژاروپمۇ بار ئىدى. قوماندان قوشۇننى كۆزدىن كەچۈرۈپ مەمنۇن بولغان ھالدا:— بالىلىرىم، ياخشىمۇسىلەر؟ — دېدى ئۈنلۈك ئاۋازدا. — ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا تەييارمىز! — دېدى مەيداندىكى بارلىق جەڭچىلەر يۇقىرى ئاۋازدا بىردەكلا. سېسترا قىزلارنىڭ زىل ئاۋازى بوم ئاۋازلاردىن ئۆزگىچە ئىدى.قومانداننىڭ ھەر خىل ئۇرۇش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللىنىپ، مەردانىلەرچە رەتلىك تۇرغان جەڭچى - ئوفىتسېرلارغا قاراپ ھەۋىسى كەلدى ھەمدە قوشۇننى بىر بىرلەپ كۆزدىن كەچۈردى. بەزى كوماندىر - جەڭچىلەردىن ئۇرۇشقا دائىر سوئاللارنى سورىدى. ئۇلاردىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالغاندىن كېيىن خۇشاللىق بىلەن:— يارايسىز ئوغلۇم! — دەپ ئۇلارنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قوياتتى ئۇ، «بارىكاللا!» دېگەندەك پولك كوماندىرى رازاق مەۋلانوپقا قاراپ:— تېخى ئازاد بولمىغان رايونلاردا گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، گومىنداڭنىڭ زۇلۇمىنى تارتىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتسەك خەلقىمىزنىڭ قىساسىنى ئالغان بولىمىز، — دېدى ۋە يېنىدا تۇرغان پولكنىڭ مۇئاۋىن كوماندىرى ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجىيوپقا: — روشەنگۈلنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتمەستىن، پولك شتابىدا قالدۇرۇپ ئىشلىتىڭ، يېشىمۇ تېخى كىچىك ئىكەن، — دېدى. بۇ كىشى «بولىدۇ!» دېگۈچە روشەنگۈل:— مۆھتەرەم قوماندان، مەن ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتناشمىسام قەلبىمدىكى جاراھەت ھەرگىز ساقايمايدۇ، مېنى ئالدىنقى سەپكە بېرىپ جەڭ قىلىشتىن توسماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، يېشىمغا قاراپ ماڭا ئېتىبار بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن مىننەتدارمەن!— دېدى چاقماقتەك سۆزلەپ ①. ئۇنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلىرى قومانداننى قايىل قىلدى. قوماندان مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ، جەڭچىلەرگە قاراپ:— جەسۇر جەڭچى - ئوفىتسېرلار! مەن سىلەرنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقىغا بولغان جەڭگىۋارلىقىڭلارنى كۆرۈپ، غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى. مەن سىزلەردىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم! مەن ئەمدى ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ۋە مىللىي ئارمىيە باش شتابىنىڭ بۇيرۇقىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، — قوماندان ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئىخچام قىلىپ سۆزلىگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:— تېكەس 1 - ئاتلىق پولكىنى جىڭ ناھىيىسىدىكى گومىنداڭنىڭ ھەربىي ئىستىھكاملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇننى ئىگىلەپ، ئۇ يەردىكى خەلقنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۈزۈل - كېسىل ئازاد قىلىشقا بۇيرۇيمەن، ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئالغا!قومانداننىڭ سۆزلىرى تۈگىشىگە جەڭچى- ئوفىتسېرلار خۇشاللىق ھېسسىياتى بىلەن «ھۇررا!» دەپ توۋلاپ قومانداننىڭ بۇيرۇقىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغان ئىپادىسىنى بىلدۈردى. ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولغان تېكەس 1 - ئاتلىق پولكى ئازادلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى.
ھەرەمباغ ھەربىي گازارمىسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن بىرىنچى بولۇپ ئاق ئاتلىقلار، ئارقىسىدىن تورۇق ئات، قارا ئات، ئالا ئاتلىقلار قىسىملار بويىچە ئارىلىق قالدۇرۇپ، ئۈچ رەتتىن تىزىلىپ ھەيۋەت بىلەن چىقتى. ئۇزىتىش ئۈچۈن چىققان شەھەر گارنىزۇنىدىكى ھەربىيلەر، ھەر مىللەت، ھەر ساھە شەھەر خەلقى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سانجاق - سانجاق تۇرۇشۇپ «غەلىبەڭلارنى كۈتىمىز!» «سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز!»، «ئاللا سىلەرگە يار بولسۇن!» دەپ توۋلىشاتتى، ياشانغانلار قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشاتتى. جەڭچى - ئوفىتسېرلار ئۇلارغا جاۋابەن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ باشلىرىنى لىڭشىتىپ سالام بېرىشەتتى. كىشىلەر توپىنى كۆرگەن ئاتلار تىزگىنىنى سېرىپ ئالغا ئىنتىلەتتى.بىز 1945 - يىل 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى غۇلجىنىڭ ئاچال يولى ئارقىلىق (ئاچال يولى تارىختىن بۇيان غۇلجا بىلەن جىڭ ناھىيىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان تاغلىق يول بولۇپ شۇ زامانلاردا ئاتلىق كارۋانلار جىڭدىن ئىلىغا تۇز توشۇيتتى) گۆرسايدىن ئۆتۈپ شىرمەتخاننىڭ ئۆڭكۈرىگە② چۈشتۇق. مۇشۇ يەرگە چۈشكەن ئاخشىمى ئىككى تۇڭگان ئەسكىرىمىز قاراۋۇللۇققا چىققان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دۈشمەن تەرەپكە قېچىپ كەتتى. 1945 - يىل 8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ئاچال داۋىنىدىن ئۆتۈپ جىڭ ناھىيىسىنىڭ كاللائاستى دېگەن يېرىگە چۈشۈپ ئاتلارنى دەم ئالدۇرغاندىن كېيىن، جىڭ ناھىيىسىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى داندىغاينىڭ قۇملۇقى دەپ ئاتىلىدىغان قۇملۇقنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يۈرۈپ كەتتۇق. بىز كېلىشتىن ئىلگىرى جىڭلىق توختى مەرگەن③، قۇۋان مەرگەن قاتارلىق پالۋانلار ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇللاردىن تەركىب تاپقان 22 ئادىمى بىلەن (بۇلارنىڭ تولىسى نامى چىققان ئوۋچى مەرگەنلەر) بىر پارتىزانلىق ئەترىتى تەشكىللەپ ئاچال، قوشئەمچەك، كۆكۈرچىن ئەتراپىدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، 1945 - يىل 4 - ئايدا غۇلجا تەرەپتىن ياردەمگە كەلگەن مەنسۇرنىڭ (خۇيزۇ) رۇتىسى بىلەن بىرلىشىپ ھەم تارقىيا(داخىيەنزى) دىكى بىر باتاليون گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن تىركىشىپ تۇرۇۋاتقان بورتالالىق بارات پالۋاننىڭ④ رەھبەرلىكىدىكى 80 نەچچە كىشىلىك پارتىزان ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ 1945 - يىل 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تارقىيانى ئازاد قىلغانىكەن.
جىڭ ناھىيىسى ئىلىدىن ئۈرۈمچى، ئالتاي، چۆچەك ۋە باشقا ۋىلايەتلەرگە ئۆتىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن ئىدى. جىڭدىكى تۇز كان پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتى خەلقىنى تۇز بىلەن تەمىنلەيتتى. جىڭ ناھىيىسى سەككىزتام(باجاخۇ)، يۈنجۇخۇ، تارقىيا قاتارلىق يېزا - كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ ئورۇنلارنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، شىمال تەرىپى سازلىق ۋە ئېگىز قومۇشلۇق، جەنۇب تەرىپى كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك ساي ۋە قۇملۇق ئىدى (كېيىن گومىنداڭ قومۇشلارغا ئوت قويۇپ تاقىر قىلىپ قويدى). جىڭنىڭ مۇشۇنداق يەر شارائىتى دۈشمەننىڭ مۇداپىئەلىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ھۇجۇم قىلىشىمىزغا تەبىئىي توسۇق بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەنلەر پوتەي، ئاكوپ قاتارلىق قاتمۇ قات ئىستىھكاملارنى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان مۇنتىزىم ئەسكىرىي كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. جىڭ ناھىيىسى گومىنداڭنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا قارىتىلغان ئالدىنقى بىرىنچى ئىستىھكامى ئىدى.
بىز يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى جىڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى داندىغاينىڭ قۇملۇقى دەپ ئاتىلىدىغان ئېگىز قۇم بارخانلىرىنىڭ جەنۇبىغا ئۆتۈپ قۇلانساي، قازانبۇلاق دېگەن جايلارنى ئىگىلىدۇق(بۇ جاي خەرىتە بويىچە 72 - نومۇرلۇق ئېگىزلىك دەپمۇ ئاتىلاتتى). شۇ ئاينىڭ 24 - كۈنى قۇملۇق ئىچىدە يۈسۈپ ئەمەت ئىسىملىك بىر ياش ئوۋچىنىڭ ياردىمىدە بىر بۇلاقنى تاپتۇق. ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، بۇ ئوۋچى تۇلۇمغا سۇ قاچىلىۋېلىپلا بۇلاقنىڭ كۆزىنى ئېتىۋەتتى. نېمىشقا ئېتىۋەتكەنلىكىنى سورىساق، ئىلگىرى گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ئۆزلىرى تاشلاپ كەتكەن بۇلاقلارغا زەھەر تاشلاپ ياۋايى ھايۋانلارنى قىرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
بىز پولك شتابىنى مۇشۇ بۇلاققا قۇرۇپ، گومىنداڭنىڭ پولات قورغانى دەپ ئاتالغان سەككىزتامدىكى دۈشمەننىڭ مۇداپىئە ئەھۋالىنى كۆزەتتۇق. 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى پولك كوماندىرى رازاق مەۋلانوپ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ سەككىزتام كەنتىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن دۈشمەنگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. بۇ بۇيرۇقنىڭ تازا توغرا بولمايۋاتقانلىقىنى پەملەۋاتقان ئوفىتسېرلاردىن مايور سىدىقجان ئاخۇنبايوپ سۆز قىستۇرۇپ: — ئۆستەڭگە سۇ باشلاپ كېلىش ئۈچۈن كەتكەن ئىككى ئەسكىرىمىز تېخى كەلمىدى، يەنە كۆپرەك ئەسكەر ئەۋەتىپ تېزرەك سۇ بار ئۆستەڭنى ئىگىلەيلى، يەنە بىر گەپ، دۈشمەننىڭ يوشۇرۇن پوتەيلىرى بولۇشى مۇمكىن. بىز ئالدى بىلەن بىر رازۋېدكا ئەترىتى تەشكىللەپ دۈشمەن مۇداپىئەسىنى ۋە يوشۇرۇن پوتەيلىرىنىڭ ئورۇنلاشقان جايىنى تولۇق ئىگىلەپ ... — مايورنىڭ گېپى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا مەۋلانوپ ئاچچىقلانغان ھالدا ئاخۇنبايۇپقا تىكىلىپ: — سىز دېمىسىڭىزمۇ بىلىمەن، مەندە دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا ئىگىلىگەن ئاخبارات بار — دەپلا مايور سىدىقجان ئاخۇنبايوپنىڭ مەسلىھەتىنى رەت قىلىۋەتتى. تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى بىز دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىدىغان جاي تۈپتۈز كەتكەن سايلىق بولۇپ، دالدا بولغۇدەك ھېچ نەرسە يوق ئىدى.

تۇيۇقسىز ئېتىلغان بىر پاي ئوق

1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن بۇيرۇققا بىنائەن پۈتۈن پولك سەپ بويىچە سەككىزتام كەنتىگە ھۇجۇمغا ئۆتتۇق. تىۋىش چىقارماي ئىلگىرىلەپ مېڭىپ تاڭ ئاتماستا سەككىزتام كەنتىگە يېقىنلاپ باردۇق، يېزا كەنتلەردىكى ئىگىسىز قالغان ئىتلارنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرىلا كېچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تۇراتتى. بىزدە ھېچقانداق قورقۇش ئالامەتلىرى يوق ئىدى. دۈشمەننىڭ شەپىسىمۇ يوق ئىدى. بۇ جاي تۈپتۈز سايلىق بولغاچقا، ئۈرۈمچى − غۇلجا تاشيولىدىنمۇ توسالغۇسىزلا ئۆتۈپ كەتتۇق. ئىچىمدە «نېمە دېگەن جىمجىتلىق - ھە، دۈشمەن بىزگە پىستىرما قويۇۋاتامدىغاندۇ؟ ئەگەر دۈشمەن ئۇخلاپ قالغان بولسىچۇ، ئۇنداق بولسا كىرگەن پېتى دۈشمەننى بوغۇپ ئۆلتۈرگەن بولاتتۇققۇ» دېگەن خىياللارنى قىلىۋاتقىنىمدا ئالدىمدا ئۆمىلەپ كېتىۋاتقان بىر سەبدىشىمنىڭ مىلتىقىدىن تۇيۇقسىز بىر پاي ئوق «ۋاڭ» قىلىپ چىقىپ كەتتى. ئۇخلاپ قالغان دۈشمەننى بىر پاي ئوق ئېتىپ ئويغىتىۋەتكەندەك، ئالىتاغىل ۋارقىراشلار بىلەن تەڭ دۈشمەن پوتەيلىرىدىن پىلىموت ئوقى ئېتىلىشقا باشلىدى. دۈشمەن پىلىموتلىرىنىڭ ئوقى خۇددى ئاسماندىن مۆلدۈر ياغقاندەك كېلىپ سەپداشلىرىمغا تېگىپ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىۋاتاتتى. ماڭىمۇ ئوق تەگكەن بولۇپ، مىڭ تەسلىكتە ئۆمىلەپ تاشيولغا شېغىل ئالغان بىر ئازگالنىڭ دالدىسىغا بېرىپلا ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن.
ھۇشۇمغا كېلىپ قارىسام كۈن چىقىپ بولغان بولۇپ ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق ۋە دىمىق ئىدى. ئوق ئاۋازلىرىمۇ توختىغانىدى، ئەمما زەمبىرەك ۋە سىنارەتلەردىن چىققان قويۇق ئىس - تۈتەكلەر بىلەن قاننىڭ ھىدى بىرلىشىپ دىماغنى ئېچىشتۇرۇپ ئاچچىق پۇرايتتى. بېشىم سىرقىراپ ئاغرىيتتى، ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن ئەتراپىمدىكى نەم تاشلارنى ئاغزىمغا سېلىپ شورايتتىم، بەزى سەپداشلىرىم ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن سۈيدۈكىنى ئىچكەنمۇ بولدى. ئۈستى بېشىم تىتىلغان، قاپاقلىرىم يېرىلغان، ئاياغلىرىم قانغا مىلەنگەن، پۈتۈن بەدىنىم ناھايىتى جانسىز بولۇپ، پۇتلىرىمنى ناھايىتى تەسلىكتە يۆتكەيتتىم. بېلىمگە ئاسقان قىلىچىم ئالدىمدىكى ياغاچ كۆتەك ئۈستىدە سېپى قېتىپ كەتكەن قان داغلىرى بىلەن تولغان ھالەتتە تۇراتتى، تاپانچام قولۇمدا قان ئارىلاش تۇرۇپتۇ. ئېسىمنى يىغىپ بېشىمنى ئاستا كۆتۈرۈپ يىراققا قارىسام، كۆز ئالدىمدا دەھشەتلىك ئېچىنىشلىق مەنزىرە كۆرۈندى. سەپداشلىرىم يۆتكىلىپ كەتكەن بولۇپ، نىمجان گەۋدىلەر ئۇيەر - بۇيەرلەردە ئىنجىقلايتتى، بەزىلىرى سەل - پەل مىدىرلىغاندەك قىلاتتى، ئۆلۈكلەر ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەنىدى. ئۆزۈممۇ يارىلانغان ئىدىم، قارىسام يارامنى بىرسى تېڭىپ قويۇپ كېتىپتۇ. ئاخشامقى پاجىئە يادىمغا كېلىشكە باشلىدى. ئەسلىدە بىز گومىنداڭ ئىستىھكاملىرىغا يېقىنلىشىپ قالغاندا بىر جەڭچىمىز پۇتلىشىپ كېتىپ مىلتىقىدىن بىر پاي ئوق چىقىپ كەتكەنىكەن، ئوق ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتكەن دۈشمەنلەر توختاخۇن ئاقساقالنىڭ جاڭزىسىنىڭ ئەتراپىغا قۇرۇۋالغان مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىدىن، بولۇپمۇ ئۈچ تۈپ قارىياغاچ ئۈستىگە قۇرۇۋالغان پىلىموتلىرىدىن بىزگە ئوت ئاچقانىدى، بىز پەستە، دۈشمەن ئۈستىدە بولۇپ، بىزگە دالدا بولغۇدەك قوغۇنچىلىك بىرەر تاشمۇ يوق ئىدى. بىز كېلىشتىن بۇرۇن دۈشمەنلەر بۇ يەردىكى چوڭ تاشلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىۋەتكەنىكەن. سېسترا قىزلارمۇ يارىدارلارنى يۆتكەپ كېتىشكە ئۈلگۈرەلمەپتۇ. پاجىئە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى مايور سىدىقجان ئاخۇنبايوپ ئۈچ مەرگەننى ئەپلىك جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىدى. تاڭ ئاتقاندا مەرگەنلىرىمىز دەرەخ ئۈستىدىكى گومىنداڭنىڭ ئۈچ پىلىموتچىكىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىنلا دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى پەسىيىپتۇ. مەن تەستە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالدىغا بىرئاز ماڭدىم، بۇ چاغدا شېغىل كولىغان ئازگال ئىچىدىن بىر قىزنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى: — ئابدۇللا مېنى ئېتىۋەت، مېنى ئېتىۋەت دەيمەن! — قارىسام بۇ ۋارقىرىغان قىز سېسترا سائادەت ئىكەن. ئۇنىڭدىن 10 مېتىر بېرىدىكى ئازگالدا سېسترا قىز گۈلسۈم يۇراشىۋا (تاتار) مۇ بار ئىكەن. ئۇلار يارىدارلارنى تېڭىپ قويۇش ئۈچۈن بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا ئۆمىلەپ كېتىۋاتقاندا ئوق تەگكەنىكەن. سائادەتنىڭ يارىسى ئېغىر ئىدى، ئۇ ئارقا تەرەپ چات ئارىسىدىن، ئىنچىكە بېلىدىن كىندىك ئارىلاپ، پىلىموت ئوقىدا يارىلانغانىكەن. گۈلسۈمنى چوڭ يانپاش ئىچىگە قاراپ دوۋسۇن ئارىلاپ ئوق تېشىپ ئۆتكەنىكەن.  — تېز بولغىن، ئوغۇل بالا بولساڭ مېنى ئېتىۋەت! — دەپ ھەر ئىككى سېسترا قىز ۋارقىراپ زارلايتتى. ئەھۋال خەتەرلىك بولۇپ، شۇ تاپتا دۈشمەن ئوت ئېچىپ قالسا ئۈچىلىمىز ئۆلەتتۇق. شۇنداق بولمىغاندىمۇ بۇ قىزلارنى ئېتىۋەتكىلى قانداقمۇ قول بارىدۇ؟ ئۇلار جەڭلەردە يامغۇردەك يېغىۋاتقان دۈشمەن ئوقلىرىغا قارىماي جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، ھەر - ھەر ئەزىمەتلەرنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، بەزىلەرنى يۈدۈپ قۇتقۇزۇپ قالغان ھەمشىرىلەر تۇرسا. مەن بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش قارارىغا كەلدىم، ئۇلار مېنى ھەرقانچە ۋارقىراپ تىللىسىمۇ پەرۋا قىلمىدىم. ئۇلار بولسا كەلگۈسىدە مېيىپ بولۇپ ياشىغاندىن كۆرە، ھازىرلا ئۆلۈپ كېتەيلى دەپ ئويلىغانىدى. مەن ئاۋۋال سائادەتنىڭ يارىسىنى تېڭىشقا كىرىشتىم، ئۇنىڭ ۋارقىراشلىرىغا پىسەنت قىلماي ئۈستىگە تەتۈر مىنىۋېلىپ، پۇتلىرىنى قايرىپ تۇرۇپ ئوبدانلا تېڭىپ قويدۇم، ئوق ئۇنىڭ بەكمۇ نازۇك يېرىگە تەگكەنىكەن. ئۇ ئىككى قولى بىلەن دۈمبەمگە دۇمباق چالغاندەك مۇشتلايتتى. قىلىچىمنى غىلىپىدىن چىقىرىپ شىنە قىلىپ، ئۇنىڭ بىر پۇتىنى مىدىرلىماس قىلىپ تېڭىپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنى ئازگالنىڭ قىرىغا يۆلەپ قويدۇم. ئۇ ماڭا: — ھۇ يۈزى قېلىن، سەن مېنى جان يېرىمنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن تاڭدىڭمۇ ياكى ھەقىقىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تاڭدىڭمۇ؟ ھۇ قورقۇنچاق! سەن مېنى قورقۇپ ئېتىۋەتمىدىڭ- ھە؟ ھۇ بېشىڭنى يەيدىغان، — دەيتتى. مەن ئۇنىڭغا:  — سەندەك بىر گۈزەل بەرنا قىزنى ئېتىۋەتسەم، يىگىتىڭگە نېمە دەپ جاۋاب بېرىمەن؟ قورقمىغىن، ياراڭنى مەن تېڭىپ قويدۇم، ساقايساڭ ماڭىمۇ قارىماسسەن ھەرقاچان؟! ھېلىمۇ تەلىيىڭ بارىكەن، — دېدىم چاقچاق تەلەپپۇزدا.  — ئۆل، ئاۋاق ساراڭ! — دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ. — ھوي ئۆلمە! مىڭ - مىڭ ياشىغىن! ساقايسام سېنى ئىزدەپ بېرىپ رەھمەت ئېيتىمەن! — دېدى يەنە قوشۇمچە قىلىپ. مەن گۈلسۈمنىمۇ قىلىچىمنىڭ غىلىپىنى شىنە قىلىپ پۇتىنى تېڭىپ قويدۇم. ئۇمۇ ناھايىتى بەك ۋارقىراپ كەتتى، ئۇنىڭ يارىسىمۇ ۋارقىرىغىدەك يېرىدە ئىكەن. مەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئالىقىنىم بىلەن بېسىپ تۇرۇپ بىر پۇتۇمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارتىلدۇرۇپ يارىسىنى تاڭغىچە، ئۇ مېنى تاتارچە تىللاپ كەتتى ۋە: — تاپانچاڭنى ماغان بېر، مەن ئۆزۈمنى ئېتىۋالىمەن! — دېدى. مەن ئۇنىڭغا: — نېمە دېسەڭ دەۋەرگىن، مەن بۇرچۇمنى ئادا قىلساملا بولدى، ھەر ئىككىڭلارنى سىلەرنى ساقايتىدىغان جايغا ئاپىرىپ بېرىمەن، — دېدىم. ئۇ:— ھۇ قاشقارلىق! خاپ توختاي تۇر، مەن ساقايسام كۆرۆتىنىڭ بار شۇندا! — دېدى. مەن: — ئەگەر سېنى پۇچۇق دەپ ئەر ئالمىسا مېنىڭ قېشىمغا كېلەرسەن، سەن مېنى بۇرۇندىنلا ياخشى كۆرەتتىڭغۇ؟ ئاتقا بېدە توغرىشىپ بەرگەنلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ — دېدىم. — ئى ئاللا، سىن شۇل ئابدۇللامىدىڭ؟ كېل بىر سۆيۈپ قوياي، شۇ كۈنلەرنى ئېسىڭگە ئالىپ مېنى ئاتىۋېت دېسەمدە ئاتماغانىڭ شۇل ئىكەنغۇي، مېنى ئاتماغانىڭغا تاغى بىر رېت راقمېت! — دېدى ئۇ مېنى تونۇۋېلىپ.
 مەن 1942 - يىللىرى گۈلسۈملەرنىڭ قوروسىدا ئىشلىگەنىدىم، ئۇ چاغدا يېتىم بالا بولۇپ، پاناھلىنىدىغان ئۆيۈم شۇ ئىدى. — كېيىن سەن ماڭا كېرەك بولىسەن، — دېدىم مەن ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ، — خوش گۈلسۈم غانجۇغىدا كۆرۈشەرمىز، مەن كەتتىم ... — دېدىم ئورنۇمدىن تۇرۇپ (بۇ ئىككى قىز ھازىرمۇ ھايات بولۇپ بالا - چاقىلىق بولدى. گۈلسۈم بولسا قىرغىزىستاننىڭ مەركىزى بىشكەكتە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلار بىلەن قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىمىز بار). 
بۇ ئىككى قىزنىڭ يارىسىنى تېڭىپ دورا سومكام قۇرۇقدىلىپ قالغاچقا، قىزلارنىڭ دورا سومكىسىدىكى دورىلارنى ئېلىپ، تۈزلەڭلىكتە ئەلەمدە زارلىنىپ ياتقان سۈيدۈڭلۈك جالالىدىن قاتارلىق نۇرغۇن يارىدارنىڭ يارىسىنى تاڭدىم. بۇ چاغدا بىر قىزنىڭ ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۆمىلەپ بېرىپ قارىسام، 2 - روتىنىڭ سېستراسى سانىتاركا قىز ساشا(رۇس) ئىككى كۆزى قانغا بويالغان ھالدا رۇسچە ۋە ئۇيغۇرچە «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ياتقانىكەن. بىچارە قىزنىڭ ئوڭ چېكىسىدىن تەگكەن ئوق سول چېكىسىدىن چىقىپ ئىككىلا كۆزىنى چاچرىتىۋېتىپتۇ. مەن دورا، داكىلار بىلەن ئۇنىڭ كۆزىنى ئاۋايلاپ تېڭىپ قويدۇم. ئاڭغىچە روشەنگۈلمۇ ئۈلگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭغا بوتۇلوشكا بىلەن سۇ ئىچكۈزۈپ قويدى. روشەنگۈلنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ساشا بىر ئەسكەرنىڭ يارىسىنى تېڭىۋاتقاندا يان تەرەپتىن ئوق تەگكەنىكەن. ساشا يىغلاپ تۇرۇپ:  — بىز ئېغىر چىقىم تارتتۇق، بۇ قانلىق پاجىئەگە پولك كوماندىرى مەۋلانوپ⑤ سەۋەبچى، ئۇنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ، ھۇ ئادەم ئەمەس چوشقا! — دەپ سۆزىنى تەكرارلايتتى. تۇيۇقسىز بىر جىرا ئىچىدىن ئۈستى - بېشى قانغا مىلىنىپ تونۇغىسىز بولۇپ كەتكەن بىرسى ئۆمىلەپ چىقتى، مەن دەرھال تاپانچامنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ تەپكىسىنى باساي دەپ تۇرۇشۇمغا، ئۇ:  — ھەي، ئابدۇللامۇ سەن؟ يائاللا، جىن- شەيتانمۇ يا؟ — دەپ توۋلىدى.  — خۇدا ئۆزى ساقلىدى، سېنى ئېتىۋەتكىلى تاسلا قاپتىمەن، — دېدىم ئۇنىڭغا. بۇ كىشى تېكەس 1 - ئاتلىق پولك مال دوختۇرلۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئوسمان ئىمىن ھاجىيوپ ئەپەندى ئىدى. ئۇ يارىدارلارنى تېڭىشىمغا ياردەملەشتى. 18 جەڭچىنىڭ پۇت - قولى ئۈزۈلگەنىدى، يارىدارلارنىڭ كۆپلۈكىدىن بەزى جەڭچىلەر يارىسىنى تېڭىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قانسىراپ ئۆلۈپ كەتتى. بەزى جەڭچىلەرنىڭ ئۈچەي - باغرى ساڭگىلاپ قالغان، باشلىرى بوينىدىنلا ئۈزۈلۈپ كەتكەن، قىسقىسى بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم كۆزىگە ياش ئېلىپ يىغلاپ سالاتتى. ھەر ھالدا سېسترا قىزلارنىڭ قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن يارىدارلارنى بىخەتەر جايغا يۆتكىۋالدۇق. شۇ كۈنى ھاۋا ئوچۇق، كۈن ئىسسىق ۋە دىمىق بولۇپ، يارىدارلارنى جاراھىتىدىن بەكرەك ئۇسسۇزلۇق قىينايتتى. ئۇلارغا قاراپ چىدىمىغان سېسترا قىز روشەنگۈل ئون نەچچە باكلاشكىنى دولىسىغا ئارتىپ، دوساجىمنىڭ تۈگمىنى دەپ ئاتىلىدىغان 150 مېتىر نېرىدىكى تۈگمەن بېشىدىن سۇ ئېلىپ كەلمەكچى بولدى. بۇ ئارىلىق تۈپتۈز بولۇپ، دۈشمەن كۆرۈپ قالسا ئاسانلا قارىغا ئالالايتتى، شۇڭا ئۇنى كوماندىر- جەڭچىلەر سۇ ئەكىلىشتىن توستى، ئەمما ئۇ يارىدارلارنىڭ ھاياتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ:— تۈگمەنگە بېرىپ سۇ ئەكىلىشىم پەقەت يارىدارلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا! مېنى توسماڭلار، مەن ئۇلارنىڭ ئۇسساپ زارلىنىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن، — دېدى - دە، تۈگمەنگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى. زىلۋا بويلۇق چېۋەر سېسترا قىز روشەنگۈل دۈشمەن ئوقلىرىدىن ئۆزىنى ھىمايە قىلىپ يىلان باغرى يۈگۈرگەن پېتى تۈگمەن ئۆستىڭىگە يېتىپ باردى. ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان جەڭچى - ئوفىتسېرلار: — پاھ، قوشۇنىمىزنىڭ بۇ پەرىشتىسى قالتىس جۇمۇ، — دېيىشىپ ئۇنىڭ سەپداشلىرىغا بولغان مېھرى - شەپقىتى ۋە باتۇرلۇقىغا چىن دىلىدىن قايىل بولۇپ ماختاشتى. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۆستەڭدە سۇ يوق ئىدى، روشەنگۈل ئارمىنىنى يۈتۈپ ئۆستەڭگە چۈشۈپ يۇقىرىغا بىرنەچچە قەدەم مېڭىپ ئۆستەڭ ئىچىدىكى بىر كۆلچەكتە توختاپ قالغان توختام سۇنى كۆردى ۋە مۇشۇ سۇدىن بولسىمۇ ئېلىپ كېتەي دەپ باكلاشكىلارغا سۇ قاچىلاشقا باشلىدى. ئۇ بوتۇلوشكىلارنى تولدۇرۇپ كۆتۈرۈپ ئەمدىلا ئۆستەڭنىڭ قىرىغا چىقىشىغا دۈشمەننىڭ بىر پاي ئوقى كېلىپ ئۇنىڭغا تەگدى. ئۇ «ۋاي» دەپ بوتۇلوشكىلارنىڭ يىپلىرىنى مەھكەم تۇتقان پېتى يىقىلدى. بۇ ۋەقەنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرغانىدۇق. مەن يۈگۈرۈپ روشەنگۈلنىڭ قېشىغا بارغان چاغدا، ئۇنىڭ كۆزى تېخى يۇمۇلمىغانىكەن، كۆكرىكىدىن قان توختىماي ئېقىۋاتاتتى. سېسترا قىز ئاسىيە ئۇنىڭ بېشىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا رازىلىق بېرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ چىرايى ۋە نۇرلۇق كۆزلىرىدىن بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. شۇ ئەسنادا شەۋقىيە: — ۋاي ئېسىتەي، چىرايلىق، چېۋەر قىز ئىدى، تۈنۈگۈنكى چوڭ قىرغىنچىلىقتا ئۇ ئۆمىلەپ، يۈگۈرۈپ يۈرۈپ يارىدارلارنىڭ يارىسىنى تېڭىپ، بەزىلىرىنى سۆرەپ، بەزىلىرىنى ھاپاش قىلىپ بىخەتەر يەرگە ئاپىرىپ نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ئەمەسمىدى، ئويلىمىغان يەردىن مۇشۇنداقلا كېتىشىنى كىممۇ خىيالىغا كەلتۈرسۇن، − دېدى. مەن:  — ئوق يېقىنلا يەردىن تەگكەندەك قىلىدۇ، يۈرۈڭلار، ئاۋۇ تۈگمەننىڭ ئىچىگە كىرىپ باقايلى، — دېدىم. بىر نەچچەيلەن يۈگۈرۈپ تۈگمەننىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاختۇرۇپ، سۈگەل ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالغان بىر دۈشمەن ئەسكىرىنى بايقىدۇق: — مانا بۇ ئەبلەخ، ماۋۇ يەردىكەن! — دېدىم - دە، گومىنداڭ ئەسكىرىنىڭ گەجگىسىدىن تۇتۇپ قاماللىغانچە سۆرەپ ئېلىپ چىقتىم. لەنىتى ئەبلەخ قورققىنىدىن تۈگۈلۈپلا قالغانىدى. ئۇنى روشەنگۈلنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ: — مانا، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدۇق، — دېدىم - دە، خەنجىرىمنى چىقىرىپ ھېلىقى ئەبلەخنىڭ كۆكرىكىگە غەزەپ بىلەن تىقتىم.
 تۈگمەننىڭ باش تەرىپىدە ئۆز ئارا ئارىلىقى 6 مېتىرچە كېلىدىغان ئىككى تۈپ قېيىن دەرىخى بولۇپ، روشەنگۈلنىڭ جەسىتىنى شۇ ئىككى تۈپ دەرەخ ئارىسىغا دەپنە قىلىپ، كېيىن تېپىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بىر قىسىم كىيىم - كېچەكلىرى بىلەن ئادرېسىنى يېزىپ، تۇپراق بېشىغا قويۇپ خامان تېپىدىغان تۇلۇق تاش بىلەن باسۇرۇپ قويدۇق. روشەنگۈلنىڭ گىمناستۇركىسىنىڭ يانچۇقىدىن يېرىمى قانغا بويالغان، ئىككى قىزىلگۈلنىڭ غۇنچىسى كەشتىلەنگەن قول ياغلىق چىقتى. بۇنى كۆرگەن رۇس قىزى ژۇلكا: — ئېسىم قۇرۇسۇن، مەن بۇ قىز بىلەن غۇلجىدا تونۇشقانىدىم، ئىككىمىز تۈنۈگۈن كېچە دۈشمەن ئوقىدىن مۇداپىئەلىنىپ بىر يەردە ياتقانىدۇق، مەن ئۇنىڭ باتۇرلۇقىغا ھەۋىسىم كېلىپ:— سېنىڭ يىگىتىڭ بارمۇ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:— ھەم بار، ھەم يوق، — دەپ جاۋاب بەرگەنىدى، مەن: — بۇ نېمە دېگىنىڭ، ئوچۇقراق قىلىپ دېمەمسەن؟ — دەپ قىستاپ تۇرۇۋالسام، ئۇ ئاخىرى: — بىز بىر مەھەللىلىك بولۇپ، ئۇرۇشقا تەڭ قاتناشقان، ئىسمى ئەنۋەرجان⑥، ئۆزى ئالدىنقى سەپتە، ئۇ ماڭا ئېغىز ئاچقاندا مەن ئۇنىڭغا «ئالدىنقى سەپتە خىزمەت كۆرسىتىپ ئوردېن ئالسىڭىز سىز بىلەن ئۆمۈرلۈك بولىمەن، ئۇنداق بولمىسا ئاۋارە بولماڭ!» دېگەنىدىم، — دېگەن.
 بۇ قولياغلىق روشەنگۈلنىڭ شۇ يىگىتكە تەييارلاپ قويغان كۆڭۈل سوۋغىسى بولسا كېرەك. بىز قولياغلىقنى قولدىن - قولغا ئېلىپ كۆز يېشى قىلىشتۇق. ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن، بۇ يەرگە سۇ باشلاپ كېلىش ئۈچۈن پولك كوماندىرى خۇددى دېھقاننى ئېچىققا سۇ باشلاپ كېلىشكە بۇيرۇغاندەك تۇيغۇدا بىر ئۇيغۇر، بىر موڭغۇل جەڭچىنى ئەۋەتكەنىدى، لېكىن ھازىرغىچە ئۇلارنىڭمۇ، سۇنىڭمۇ دېرىكى بولمىدى. روشەنگۈل پاجىئەسى بولغاندىن كېيىنلا كوماندىر ئۇيقۇسىنى ئېچىپ تەجرىبىلىك، پىشقان ئوسمانوپ ئىسكادىرونىنى سوغا ئەۋەتتى. ئۇلار تېزلىكتە 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تۈگمەنگە ئايرىلىدىغان، تولا يار كېتىدىغان سۇ بېشىغا يوشۇرۇن بېرىپ، ئۈچ چېدىر ئىچىدىكى گومىنداڭنىڭ بىر ۋوزۋوت ئەسكىرىنى تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ تەلتۆكۈس يوقاتتى ۋە ھېلىقى ئىككى ئەسكىرىمىزنىڭ مۇشۇ يەردە پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇلار دۈشمەنلەر ئېتىۋالغان توساقلارنى ئېچىپ يارىدارلارنىڭ يېنىدىكى ئۆستەڭگە سۇ باشلىدى.
 دوساجىمنىڭ سېيى⑦دىكى بۇ قېتىملىق پاجىئەدە 500 دەك سەبدىشىمىز قۇربان بولدى⑧، ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەن جەسەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق بولۇپ باتۇرلۇق ئەكس ئەتسە، بەزىلىرىنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈك بولۇپ دۈشمەنگە بولغان غەزەپ - نەپرىتى ئىپادىلىنەتتى. كوماندىر - جەڭچىلەر قۇربان بولغانلارغا قاراپ:— سىلەرنىڭ خەلقپەرۋەر روھىڭلار بىزگە تولۇپ - تاشقان غەيرەت - جاسارەت ۋە ئىرادە بېغىشلىدى! بىز دۈشمەنلەرنى يوقىتىپ جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىپ قەھرىمانلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىمىز! — دەپ ئۈنلۈك توۋلاشتى⑨. 1945 - يىل 11 - ئاينىڭ 12- كۈنى گېنېرال ئىسھاقبېك جىڭ ناھىيىسى سەككىزتام كەنتىنىڭ شەرقىدىكى توختاخۇن ئاقساقالنىڭ جاڭزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى 500 جەڭچى دەپنە قىلىنغان دوساجىمنىڭ سايلىقىدىكى شېھىتكارلىققا جىڭ چوڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى زۇنۇن ئاخۇن ۋە بىر قىسىم خەلق بىلەن چىقىپ، بىر ئۆكۈز سويۇپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، 3 پاي ساليوت ئېتىپ كاتتا تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.  1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قوشۇنىمىز جىڭ دەرياسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ قارشىلىقسىزلا جىڭ بازىرىغا كىردى.

جىڭ ناھىيىسىنى پەم بىلەن ئېلىش ئۇرۇشى
 گومىنداڭ 1944 - يىل 12 - ئايدا جىڭ ناھىيىسىنىڭ پۇقرالىرىنى شىخۇغا ھەيدىۋېتىپ شەھەردىكى ئۆيلەرنى چېقىۋەتكەنىدى. جىڭ ناھىيىسىنىڭ چوكان بۇت سېپىلى10 ئىنتايىن پۇختا ھەم ئېگىز بولۇپ، ئېگىزلىكى 7 مېتىر كېلەتتى، سېپىل چۆرىسىگە كەڭلىكى 4 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 2 مېتىر خەندەك كولاپ ئىچىگە لىق سۇ تولدۇرۇلغان، سېپىلنىڭ ئۈستىدە ھەر ئون مېتىر ئارىلىققا بىردىن ئېغىر تىپتىكى پىلىموت ئورنىتىلغانىدى. شەھەر ئىچىدىكى ئاق مەسچىتتىن باشقا ھەممە ئۆيلەرنى چېقىپ تۈزلەپ خارابىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولۇپ، دۈشمەننىڭ بارلىق پوتەيلىرى يەر ئاستى يول ۋە ئاكوپلار ئارقىلىق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغانىدى. ھەتتا دۈشمەنلەر شەھەر ئەتراپىغا يېقىن ئېرىق - ئۆستەڭ ياقىسىدىكى چاتقاللىقلارغىمۇ ئوت قويۇۋەتكەنىدى.دۈشمەننىڭ جىڭ ناھىيىسىدە مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان 7000دىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئارمىيىسى بولۇپ، قوراللىرى خىل ھەم زامانىۋى ئىدى. ئۇندىن باشقا سېپىل ۋە دەريا ئەتراپىدا چوڭ - كىچىك بولۇپ 3000دەك پوتىيى بار ئىدى. تانكا، زەمبىرەكچى(توپچى) قىسىملىرى دەريا بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئارمىيىمىز تەرەپكە قارىتىپ نىشانسىز ئوق ئاتاتتى. ناھىيىنىڭ غەربىدىكى كىچىك جىڭ سېپىلى ئىچىدىمۇ دۈشمەننىڭ ئىلغار قوراللىق مۇنتىزىم ئەسكەرلىرى بار ئىدى. جىڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىدىكى سەككىزتامنى ساقلاۋاتقان دۈشمەنلەر يېڭىلىپ جىڭغا كىرىۋالغاندىن كېيىن جىڭدىكى دۈشمەنلەر جىڭ دەرياسى كۆۋرۈكىنىڭ غەرب تەرىپىنى پارتلىتىۋېتىپ شەرق تەرىپىگە پىلىموت ئورنىتىۋالغانىدى. دۈشمەننىڭ بىرىنچى مۇداپىئەسى دەريانىڭ شەرقىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، 15 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەريا گىرۋىكىگە تەتۈر قوزۇق قېقىپ مۇداپىئە لىنىيىسى قۇرۇۋالغانىدى. بىز 1945- يىل 9- ئاينىڭ 7 - كۈنى قېرىنداش پولكلار (جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا شىبە جەڭچىلەرمۇ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنىدى) نىڭ ماسلىشىشى بىلەن سەككىزتامدىكى دۈشمەننى تارمار قىلىپ، قېچىپ كىچىك جىڭ سېپىلىگە كىرىۋالغان دۈشمەننى قوغلاپ سېپىلنى ئىشغال قىلدۇق. 
 مەن ئوق تېگىپ يارىلانغان جەڭچىلەرنىڭ يارىسىنى تېڭىۋاتاتتىم، مايور سىدىقجان ئاخۇنبايۇپ11 دەرھال يېنىمغا كەلسۇن دەپ چاقىرىپتۇ. پولك شتابىغا كىرسەم سىدىقجان ئاخۇنبايوپ خەرىتىگە قاراپ ئولتۇرغانىكەن. ئۆز ئارا سالاملاشقاندىن كېيىن ئۇ ماڭا:  — سىزگە مۇھىم بىر ۋەزىپە بەردۇق، ھازىردىن باشلاپ 1 -، 2 - ئىسكادرونلارغا قوماندانلىق قىلىپ، جىڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرىسىغا 15 كىلومېتىر ئۆرلەپ دەريادىن بۆسۈپ ئۆتۈپ 74 - نومۇرلۇق سېرىق توپىلىقنى(ئېگىزلىكنى) ئىگىلەڭ، مانا ماۋۇ دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ جايلاشقان ئورنى — دەپ قولىدىكى خەرىتىنى بەردى، — يەنە بىر مۇھىم گەپ، سىز 74 - نومۇرلۇق سېرىق توپىلىقنى ئىگىلىگەن ھامان چاڭ - توزان ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ قوشۇننى جىق كۆرسىتىڭ - دە، جىڭ ناھىيىسىگە قاراپ ئىلگىرىلەڭ، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئەتىگەندە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلىنىدۇ، بۇيرۇق كۈتۈڭلار، — دېدى. مەن:— خوپ كوماندىر! ۋەزىپىنى چوقۇم ئورۇندايمىز، — دېدىم - دە، توقۇغلۇق ئاتقا مىنىپ، تولۇقلانغان ئىككى ئىسكادروننى باشلاپ جەنۇبقا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.
بىز شۇ ئاخشىمى كېچىلەپ يول يۈرۈپ، جىڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرىسىدىكى توسما توختىماس دېگەن جايدىن دۈشمەن ئەھۋالىنى كۆزەتتۇق. دۈشمەنلەر دەريانىڭ گىرۋىكىگە تاشتىن قوپۇرۇپ بىر پوتەي ياسىۋالغانىكەن. كېچە قاراڭغۇلۇقىدا دۈشمەن ھەرىكىتىنى سېزەلمىدۇق. پەقەت دەريانىڭ شاۋقۇنلۇق ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. دەريانىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 150 مېتىر كېلەتتى. دۈشمەنگە سەزدۈرمەي دەريادىن ئۆتۈپ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش پىلانىنى تۈزگەن بولساقمۇ، دۈشمەننىڭ دەريا قىرغىقىغا ئورناتقان يوشۇرۇن مىناسى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، يەنىلا قىرغاقتا تۇرۇپ 120 مىللىمېتىرلىق مىناميوت ئوقى بىلەن دۈشمەنگە تۇيۇقسىز ئوت ئېچىشنى قارار قىلدۇق.
دەريا بويىدا ئىككى سائەتتەك كەسكىن جەڭ قىلغاندىن كېيىن دۈشمەن چېكىنىپ قاچتى. 9 - ئايلار بولغاچقا دەريا سۈيى ئازىيىپ قالغانىدى. بىز دەريادىن ئاتلىق ئۆتتۇق، دەريا لېۋىگە جايلاشقان دۈشمەن پوتىيىدىن چوڭ تىپتىكى 2 پىلىموت، 2 مىناميوت، بىرنەچچە تاغار ئۇن - گۈرۈچ، 6 ساندۇق ئوق ھەم بىر ساندۇق گومىنداڭنىڭ قەغەز پۇلىنى ئولجا ئالدۇق. بىز ئوق - دورا، قوراللارنىلا ئېلىپ شەرق تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلىدۇق، چۈنكى 2 - قېتىم بولىدىغان ھۇجۇم نىشانىمىز جىڭ ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان زۇمۇدۇن ئىستىھكامى ئىدى (زۇمۇدۇن — موڭغۇلچە ئاتالغۇ بولۇپ 100 تېرەك دېگەن مەنىدە).74 - نومۇرلۇق سېرىق توپىلىقتىكى زۇمۇدۇن جىڭ ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئېگىزلىك بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ مال سۇغۇرۇپ ئۆتىدىغان ئۆتىڭى، ناھىيىگە 15 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جايدا بىر بۇلاق بولۇپ ئەتراپتىكى دەل - دەرەخلەرنى كۆكەرتىپ تۇرىدىكەن. بۇلاقنىڭ يېنىغا دۈشمەنلەر بىر پوتەي سېلىۋالغان بولۇپ، پوتەي ئېگىزدە، ئەتراپى تۈپتۈز سېرىق توپىلىق ئىكەن. دۈشمەن مۇشۇنداق ئىستراتېگىيىلىك ئورۇننى ئىگىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئورۇن جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇراتتى. جەڭچىلىرىمىز ھەرقانچە باتۇر، جەڭگىۋار بولسىمۇ، تومتاقلا ھۇجۇم قىلساق، نەتىجە قازىنالماي ھەتتا رازاق مەۋلانوپنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى خاتا تاكتىكىسىنى تەكرارلاپ يەنە قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىشىمىز ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. ئاخىرى مەسلىھەتلىشىپ ئالدى بىلەن پوتەي ئىچىدىكى دۈشمەن پىلىموتچىسىنى ئۇجۇقتۇرۋېتىپ ئاندىن ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى بېكىتتۇق. مەرگەنلەردىن قاسىم، مەھەممەتجان ۋە ئەكرەمگە:— سىلەر ئەپلىك يەرگە جايلىشىۋېلىپ دۈشمەن پىلىموتچىكىنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىڭلار! — دەپ جىددىي بۇيرۇق چۈشۈردۈم ھەمدە ئۇلارغا پولات ئوق تارقىتىپ بەردىم. بىز ئالدىنئالا كولىۋالغان ئاكوپلارنىڭ دالدىسىدا كېچىچە ئېتىشتۇق. مىناميوت ھەم پىلىموتلارنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى دىماغنى يارغۇدەك ئېچىشتۇراتتى. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا دۈشمەن پىلىموتى بىردىنلا توختاپ قالدى-دە، دۈشمەنلەر جىڭ تەرەپكە قاراپ قاچقىلى تۇردى. بىز »ھۇررا…« دەپ چۇقان سېلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتۇق، دۈشمەنلەرنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ، قالغىنى تىكىۋېتىشتى، تەسلىم بولغانلىرىنى ئەسىرگە ئالدۇق. مەلۇم بولۇشىچە مەرگەنلىرىمىز ئاتقان ئوق دۈشمەننىڭ ئىككى پىلىموتچىكىنى يەر چىشلەتكەنىكەن. شۇ ئەتىگىنى دۈشمەندىن 90دىن ئارتۇق ھەر خىل مىلتىق، 2 چوڭ تىپلىق پىلىموت، 6 مىناميوت، 100 دەك گرانات، 16 ساندۇق ئوق - دورا، بىر ئالاقىلىشىش ئاپپاراتى، يەنە بىرنەچچە تاغار ئۇن - گۈرۈچ، بىرنەچچە تۇڭ ياغ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئولجا ئالدۇق. 
بىز ئاتلىرىمىزنىڭ قۇيرۇقىغا شاخ - شۇمبىلارنى باغلاپ جىڭ ناھىيىسى تەرەپكە توپا- چاڭ توزۇتۇپ ماڭدۇق. توپىلىق يولدا چاڭ- توزان ئاسمان - پەلەك ئۆرلىدى12. زومۇدۇندىكى دۈشمەننىڭ تارمار قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، شەھەر ئەتراپىدىكى دۈشمەنلەر مۇداپىئە سېپىنى تاشلاپ شەھەر ئىچىگە قېچىپ بېرىپ، گېنېرال گوچىگە زۇمۇدۇن تەرەپتىن ھەددى- ھېسابسىز لوموزىلار (رۇسلارنى دېمەكچى) باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر قىلغانىكەن. بىز ھەسەن بوۋاينىڭ يول باشلىشى بىلەن ئىلگىرىلەپ خاڭگۇڭ (ھازىرقى جىڭ ناھىيە ماڭدام بۇلاق يېزا جەنۇبىي خاڭگۇڭ كەنتى) دېگەن بىر كىچىك قورۇققا كەلگەندە، شەھەر ئىچىدە ئېتىلىۋاتقان ئوق ئاۋازى سەل پەسلەپ قالدى. شەھەر ئىچىنى ئىس - تۈتەك قاپلىغانىدى. 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى جىڭ ناھىيىسىنى ئازات قىلىش ئۇرۇشىغا گېنېرال ئىسھاقبېك بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلدى، تېكەس 1 - ئاتلىق پولكى، ئىلى پىيادىلەر 2 - پولكى، ئىلى زاپاس 4 - پولكى، خۇيزۇ دېۋىزىيىسى، شىبە ئاتلىق ئەسكەرلەر روتىسى ۋە توپچىلار باتالىيونى بولۇپ جەمئىي 3500دىن كۆپرەك جەڭچى ھەم ئوفىتسېر قاتناشتى. 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سەھەردىلا جىڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن يەنى قاراجىگدە تەرەپتىن بىر ئايروپىلان ئۇچۇپ كېلىپ ئۇدۇل چوكانبۇت سېپىلى ھاۋا بوشلۇقىدىن بومبا تاشلاپ سېپىل ئىچىنى بومباردىمان قىلدى. ئايروپىلان ناھايىتى پەس ئۇچقانىدى، گەرچە دۈشمەنلەردە شۇنچە ئىلغار قوراللار بولسىمۇ ئايروپىلانغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشقا پېتىنالمىدى13. ئايروپىلانىمىز شەھەرنى بىر ئاز ئايلىنىپ غۇلجا تەرەپكە قايرىلىپ كېتىشىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈش سىگنالى چېلىندى.
جەڭچىلەر «ھۇررا...، ھۇررا...» دەپ توۋلىغانچە سېپىل ئىچىگە ئاتلىق كىرىپ كېتىشتى، سېپىلنىڭ شەرق تەرەپتىكى قوۋۇقى ئوچۇق تۇرغانىكەن، ئەنە شۇ يەردە باتۇر ئەزىمەت مۇخپۇلجانغا غايىب ئوق تېگىپ بەختكە قارشى قۇربان بولدى. چوكانبۇت سېپىلى ئىچىدە بىرمۇ گومىنداڭ ئەسكىرى يوق ئىكەن. سېپىلنىڭ شەرق تەرىپىدىكى قاتار كەتكەن دۇكانلارغا ئوت كېتىپ ئاسمان پەلەك كۆيۈۋېتىپتۇ. دۈشمەنلەر ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى تاشلاپ قېچىپتۇ. كۆيمەي ساق قالغان ئۆيلەرگە كىرسەك، ئۇن، گۈرۈچ، چاي، قەنت - گېزەكلەر چېچىلىپ قالايمىقان تۇرغانىكەن. دۈشمەنلەر قېچىشتىن ئىلگىرى ئىسكىلات ۋە بىر قىسىم ئۆيلەردىكى ئاشلىقلارغا كىرسىن چېچىپ ئوت قويۇپ بەرگەن، يەنە بەزى ئۆيلەرگە ئوت قويۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قاچقانىكەن. بىز ئۆيلەرنى ئارىلاپ بىر ئۆيگە كىرسەك قىرىق نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر خەنزۇ ئايال كاڭدا ئولتۇرۇپتۇ (بۇ ئايال خەنزۇلارنىڭ باخشىسى ئىكەن). مەن بۇ ئايالدىن: — بۇ يەردىكى ئەسكەرلەر قاچان قاچتى؟ — دەپ سورىدىم، خەنزۇ ئايال بىزگە: — ئەتىگەن شۇ، ئاسماندا كەلدى شۇ، چوڭ - چوڭ ئۇرۇش بولدى شۇ، جىق - جىق لوموزىلار كەپتۇ دەپ ھەممىسى شىخۇغا قاچتى شۇ — دەپ ئۇيغۇرچە يامىداپ جاۋاب بەردى.  — سەن نېمىشقا ئۇلار بىلەن بىللە قاچمىدىڭ؟ — دەپ سورىسام، ئۇ: — مەن شۇ مەشەدە چوڭ بولدى، باشقا يەرگە كەتمەيدۇ، يەنە مەن شۇ ئۇيغۇر ئىچىدە چوڭ بولدى، — دەپ قوشۇپ قويدى.بىز سېپىلدىن چىقىپ شەھەر ئارىلاپ چوڭ گاراژغا كىرسەك، مەيداندا تۆت پۇتى باغلاقلىق تۆت كالا يېتىپتۇ. 4 قازاندا گاڭپەن دۈملەكلىك، ئىككى قاسقاندا دۈملەنگەن ھور ناندىن ھور چىقىپ تۇرۇپتۇ. ئاڭغىچە خۇيزۇ قوشۇنمۇ ئات چاپتۇرۇپ يېتىپ كەلدى.
 ئەسلىدە گومىنداڭنىڭ جىڭ ناھىيىسىدىكى 7000 كىشىلىك قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان گېنېرال گوچى سېپىل ئۈستىگە چىقىپ تۆت تەرەپكە دۇربۇن بىلەن قاراپ زۇمۇدۇن تەرەپتىكى ئاسمان پەلەك چاڭ- توزاننى كۆرۈپ ھودۇققان ھەم دەرھال شىخۇ بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، تېلېگراف ئۇلانماي ساراسىمىگە چۈشكەن. ئۇ نېمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرغاندا، سېپىلنىڭ شەرق تەرىپىدىن گومىنداڭنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلان ئۇدۇل سېپىلغا قاراپ كەلگەن، بۇنى كۆرگەن گوچى خۇشال بولۇپ، بىزنىڭ ئايروپىلان ئىكەن، دەپ تۇرۇشىغا ئايروپىلان سېپىلنى بومباردىمان قىلغان، گوچى بۇ كۈتۈلمىگەن زەربىدىن قورقۇپ كېتىپ ئۆزىنىڭ ھەربىي ماشىنىسى بىلەن ئايالى ۋە قوغدىغۇچىلىرىنى ئېلىپ چوڭ يولنىڭ شەرقىدىكى سۆكسۆكلۈك ۋە توغراقلىق ئارىسىدىن قاچقان. ئورمانباغ(يەنسىخەي) قا كەلگەندە ئۇ بىر كانىۋىيى بىلەن ئۆز ئارا كىيىم ئالماشتۇرماقچى بولىدۇ. كانىۋىيى كىيىمىنى گوچىغا بېرىشكە ئۇنىمىسا، ئۇ تاپانچىسىنى چىقىرىپ بۇ كانىۋىيىنى ئېتىپ تاشلايدۇ. جەڭچىلىرىمىز ئورمانلىقتىكى ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ قورشاپ كېلىپ ئۇلارنى ئەسىرگە ئالىدۇ. گوچىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە: جىڭ ناھىيىسىدىكى يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرىدىن كەرىم توختار، قۇنانباي، دۈنەنباي قاتارلىقلار 1944 - يىل 10 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئۆيىدە 11 تەشكىلات ئەزاسى بىلەن مەخپىي يىغىن ئېچىۋاتقاندا، بىر خائىننىڭ ساتقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 12 - ئايدا جىڭ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى سېپىل يېنىدىكى خەندەككە ئاغزىلىرىغا پاختا تىقىپ مەخپىي تىرىك كۆمۈۋېتىلگەنىكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «جىڭ ناھىيىسىدە زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان 7000دىن ئارتۇق ئەسكىرىم، 3000دەك پوتەي، 2 تانكام بار ئىدى. مەن مىللىي ئارمىيە قوشۇنىنى < ئاسماندىن ئۆتسە ئۆتەلەيدۇكى، يەردىن ھەرگىزمۇ ئۆتەلمەيدۇ > دېگەن ئىدىم، مەن ياپونىيە قوشۇنلىرى بىلەن ۋە قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان، ئۇرۇش تەجرىبەممۇ مول ئىدى، ئەمما سىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن قورقماس پىداكارانە روھىڭلار، ئۇرۇش دەستۇرلىرىدىن ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدىغان ئاجايىپ تاكتىكاڭلار بىزنى مەغلۇپ قىلدى. ئەمەلىيەتتە بىزگە ھۇجۇم قىلغان ئاران 4 پولك ئىكەن، ھەربىي ئىلىم نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ بىر مۆجىزە. مەن سىلەرنى ياۋايى ئادەملەر دەپ چۈشىنەتتىم، لېكىن سىلەرنىڭ ئەسىرلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەڭلار ياخشىكەن، ئادەمگەرچىلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك خىسلىتىڭلار يۇقىرى ئىكەن». 11 بىتىم ئىمزالانغاندىن كېيىن گوچى باشلىق گومىنداڭ ئەسىرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يەنى جىڭ ناھىيىسى ئازاد قىلىنغان كۈنى ئەتىگىنى دەل روزا ھېيت كۈنى ئىدى. پۈتۈن ئوفىتسېر، ئەسكەرلەر چوڭ گاراژغا (مەيدانغا) تىزىلىپ نامازغا ئولتۇردۇق. گېنېرال ئىسھاقبېك بۇ شانلىق غەلىبىنى تەبرىكلەپ بىر قانچە ھەمراھلىرى بىلەن جىڭ ناھىيىسىدىكى چوڭ گاراژغا كېلىپ، پولكنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئابدۇرېھىم ھاجى ھەسەنوپ بىلەن ئون مىنۇتتەك ئايرىم سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئىشغال قىلغان گومىنداڭ ھەربىي باش شتابىنىڭ قورۇسىدا (ھازىرقى جىڭ سودا سارىيى ئورنىدا) مىللىي ئارمىيە قىسمىدىكى بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەرنى قوبۇل قىلىپ نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى:— مۆھتەرەم كوماندىر، جەڭچى - ئوفىتسېر قېرىنداشلار، سىلەر كۆپ جاپا چەكتىڭلار، بۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇنلىغان قۇربانلارنى بەردىڭلار، شۇنداقتىمۇ روھىڭلارنى قىلچە بوشاشتۇرماي، غەيرەت - جاسارىتىڭلارنى ئۇرغۇتۇپ، دۈشمەنلەرنىڭ ھەر قىيىن توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ دەل ۋاقتىدا جىڭنى ئازاد قىلىپ، خەلقىمىزنى خۇشال قىلدىڭلار، سىلەر مىللىي ئارمىيىمىزنىڭ باتۇر، ئوت يۈرەكلىك خىسلىتىنى نامايەندە قىلدىڭلار، مەن سىلەرنى ھۆكۈمىتىمىز ۋە مىللىي ئارمىيە باش شتابىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلەيمەن! سىلەرگە ئالىي ھۆرمەت بىلدۈرىمەن!  گېنېرالنىڭ ھەر بىر جۈملە سۆزى گۈلدۈراس چاۋاكلار بىلەن ئالقىشىلىنىپ تۇراتتى. ئاخىردا گېنېرال ئىسھاقبېك بارلىق ئوفىتسېرلار بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە مايور سىدىقجان ئاخۇنبايوپنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:— سىز بۇ ئۇرۇشتا ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاجايىپ زور خىزمەت كۆرسەتتىڭىز، باشقىلار سىزدىن ئۈلگە ئالغىدەك نەتىجە ياراتتىڭىز. سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! — دېدى. مايور سىدىقجان ئاخۇنبايوپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: — رەھمەت سىزگە، مۆھتەرەم گېنېرال! ئازادلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن يەنە جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيمەن! — دېدى. گېنېرال ئىسھاقبېك: — ھازىر رەئىس ئېلىخان تۆرە رادىئو ئارقىلىق سۆز قىلىدۇ، — دېدى.— ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم باتۇر بالالەرىم، زەپەر قۇچقان قۇتلۇق كۈنىڭلەرگە مۇبارەك بولسۇن، بۈگۈن جىڭ ناھىيىسى بىلەن شىخۇ ناھىيىسى ئازاد بولدىلەر، غەيرىتىڭلەرگە بارىكاللا بالەلەرىم... ھازىر ھېيت نامىزى ئوقۇيمىز. روزا ھېيت نامىزىغا رەئىس ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى. تەنلىرىم جۇغۇلداپ كەتتى، بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىممۇ ياكى بەك خۇشال بولۇپ كەتتىممۇ ۋە ياكى بولمىسا شېھىت بولۇپ كەتكەن سەپداشلىرىمنى ئويلاپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇۋاتامدۇ ئۇقالمىدىم، ئايەت ئوقۇپ ناماز باشلاندى.

دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بېرىش

بىز نامازنى ئەمدىلا ئوقۇپ بولۇشىمىزغا، جىڭ ناھىيىسىنىڭ شەرق تەرىپىدىن يەنى دۈشمەن قاچقان تەرەپتىن بىر جەڭچى ئاغزىغا خەت چىشلىگەن ھالدا ئات چاپتۇرۇپ ئۇچقاندەك يېتىپ كەلدى. ئۇ دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ، پولكوۋنىك مەۋلانوپقا ھەربىيچە چاس بېرىپ خەتنى سۇندى. پولكوۋنىك خەتنى بىر قۇر ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن قوشۇنغا: — دەرھال جەڭگە ئاتلىنىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بېرىڭلار! — دەپ ئومۇميۈزلۈك بۇيرۇق چۈشۈردى.بىز ئاتلىرىمىزغا مىنىپ دۈشمەننىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ كەتتۇق. بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئىلى زاپاس 4 - پولكىنىڭ بىر ۋوزۋۇت قىرغىز ئەسكىرى دۈشمەننى قوغلاپ ماڭغانىكەن، بىز قاراتۇمشۇققا كەلسەك يول بويىدا دۈشمەننىڭ ئوڭدا - دۈمدە ياتقان ئۆلۈكلىرى ئۇچرىدى. يول بويى چېچىلىپ ياتقان قورال - ياراغلار تاكى قۇمبۇلاققا بارغۇچە ئۇچراپ تۇردى. قۇمبۇلاقتا ئالدىمىزدا كەتكەن ئەسكەرلەر قارشىلىق كۆرسەتكەن دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىۋاتقانىكەن. بىز ئۇلارغا قوشۇلۇپ دۈشمەنگە بىر سائەتتەك ئوت ئاچقاندىن كېيىن دۈشمەننىڭ يېرىمى شىمال تەرەپتىكى توغراق جازىغا قاراپ قاچتى. قالغان دۈشمەننىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ ساق قالغانلىرى تەسلىم بولدى. توغراق جازىدا(يەرلىك كىشىلەر بۇ يەرنى باخشىنىڭ توغراقلىقى دەپمۇ ئاتايدۇ) بىر كونا سېپىل بولۇپ، دۈشمەنلەر شۇ يەرگە كىرىۋېلىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىزگە تەڭ كېلەلمەي تەسلىم بولدى. بىز يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ كۈلئۆتەڭگە14 يۈرۈپ كەتتۇق.كۈلئۆتەڭنىڭ شىمالىي تەرىپى چەكسىز كەتكەن ئورمانلىق بولۇپ، گومىنداڭنىڭ جىڭدىن پىيادە قاچقان 2000دەك ئەسكىرى تەرەپ - تەرەپكە يامراپ قاچقانىكەن. بىزنىڭ ئاران 48دەك ئادىمىمىز بولغاچقا بۇنچىۋالا دۈشمەننى تەسلىم قىلماق ئىنتايىن تەس ئىدى. ئەگەر دۈشمەنلەر ئادەمىمىزنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالسا بىزنى قورشاۋغا ئېلىپ يوقىتاتتى. دۈشمەنلەر گاڭگىراپ نىشانسىز قاچاتتى. بىز ئىمكان قەدەر ئۆزىمىزنى جىق كۆرسىتىپ ئۇلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزەتتۇق. بىز بىر ئاز ئېتىشقاندىن كېيىن بىر سازلىق كۆلگە كېلىپ توختاپ قوماندانلىق شتابىغا خەۋەر ماڭدۇردۇق ھەمدە ئاتتىن چۈشۈپ ئاتلارنى ئېگەر توقۇمى بىلەنلا چاتقاللىققا قويۇۋەتتۇق. بۇ چاغدا كۈن پېتىپ بولغان بولۇپ، ھەممىمىز قورال ھەم كىيىم- كېچەك بىلەن سازلىقتىكى سۇغا كىرىپ ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئۆزىمىزنى سۇغا چۆكۈرۈپ، ئېغىز - بۇرنىمىزنى سۇ ئۈستىگە چىقىرىپ، ياردەمچى قوشۇنىمىز كەلگۈچە سۇدا ياتتۇق. بۇنداق قىلىش دۈشمەندىن ئۆزىمىزنى يوشۇرۇش ئىدى. 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ياردەمچى قوشۇن يېتىپ كېلىپ توغراقلىق ئىچىدىكى دۈشمەننىڭ پۇرتاجى(موڭغۇلچە سۆز بولۇپ ئوغرى قاچتى دېگەن مەنىدە) غا قاراپ قاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بىز خۇيزۇ باتالىيونى بىلەن قوشۇلۇپ دۈشمەننى قوغلاپ تاللىق ئارقىلىق پۇرتاجىغا كەلدۇق. ئەتىسى ئۇ يەردىكى موڭغۇل قېرىنداشلار بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. بىز داۋاملىق ئىلگىرىلەپ كەچ سائەت 4 لەردە چىگىشورغا يېتىپ باردۇق. بىزنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى دۈشمەنلەر بىلىپ بولغانىكەن. دۈشمەننىڭ خىل قوراللانغان 4 ماشىنا ئەسكىرىي كۈچى بىزگە قارىتىپ ئوق چىقاردى. باش قوماندانىمىز دەرھال دۈشمەننىڭ شىمال - جەنۇب تەرەپلىرىگە ئۆتۈپ ھەم ئۇدۇلىدىن مىنامىيوت بىلەن زەربە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى. مىنامىيوت گۇرۇپپىسىدىكى كوماندىر مۇخەممەر(خۇيزۇ) ئاۋۋال دۈشمەنگە ئوت ئاچتى، كۈن كەچ بولۇپ قالغاندا 1 - ۋوزۋوتنىڭ كوماندىرى مۇسازا(خۇيزۇ) 6 جەڭچىنى باشلاپ دۈشمەننىڭ جەنۇب تەرىپىگە ئۆتۈپ دۈشمەننىڭ ماشىنىسىغا ئوق ئاتتى.جەڭچىلىرىمىز بىلەن دۈشمەن ئارىلىقى 200 مېتىردىن ئاشاتتى، دۈشمەنمۇ بىزگە قارىتىپ ئوق ئېتىشقا باشلىدى. مۇسازا 6 جەڭچى بىلەن دۈشمەننىڭ مۆلدۈردەك ئوق ئۈزۈۋاتقان پىلىموتىغا قارشى ئىلگىرىلەپ جەڭ قىلىپ 6 سەبدىشىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقاندا ئوق تېگىپ شەرەپ بىلەن قۇربان بولىدۇ. دۈشمەننىڭ شىمالىي تەرىپىدە جەڭ قىلىۋاتقان مۇقاش ئىسمائىل ئىككى جەڭچىنى باشلاپ دۈشمەنگە قارشى ئىلگىرىلەپ، دۈشمەننىڭ 1- ماشىنىسىغا قارىتىپ پىلىموت ئېتىپ ماشىنىنىڭ چاقىنى تېشىۋەتتى. ئاندىن ماشىنىنىڭ ماي باكىغا ئوق ئېتىپ 2 -، 3- ماشىنىسىنىمۇ بىراقلا پارتلىتىۋەتتى ھەم ئۆزىمۇ دۈشمەن ئوقىدا يارىلاندى. جەڭچى ۋالىم مۇبارەك دەرھال مۇقاشنىڭ پىلىموتىنى ئېلىپ دۈشمەنگە داۋاملىق توختىماي زەربە بەردى. ئاڭغىچە مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى دۈشمەننى مۇھاسىرە چەمبىرىكىگە ئېلىۋېلىپ يوقىتىشقا باشلىدى. ئاز بىر قىسىم دۈشمەن تەسلىم بولۇپ قورال - ياراغ، ئوق - دورىلىرىنى تاپشۇردى. چىگىشور ئېلىنىپ مىللىي ئارمىيە شىخۇغا قاراپ ئاتلاندى...

جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش جېڭىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، ئەمما مەتبۇئاتلاردا ئىسمى ئاتالماي قالغان ياكى ئىسمى خاتا ئاتىلىپ قالغان ھەر مىللەت قەھرىمان قىز - يىگىتلىرىنىڭ، ئۇرۇشتىن كېيىن ماڭا ئوخشاش ھايات قالغان ياكى ئۆمۈرلۈك مەجرۇھ بولغانلارنىڭ بىر قىسمىنى(ھەممىسى ئەمەس) ئېسىمدە قالغانلىرى بويىچە قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
تاياخۇن: 20 ياشلار ئەتراپىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىن جىڭ ناھىيىسىگە كېلىپ تۇرۇپ قالغان يېتىمچى بالا ئىدى، جىڭدىكى يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتقا قاتناشقان بولۇپ، گومىنداڭنىڭ ئىشپيۇنى توختى گەجاڭنىڭ تۇتۇپ بېرىشى بىلەن 1944 - يىلى گومىنداڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.
دۇنەنباي: قازاق، 30 ياش، جىڭ ناھىيىسىگە 1934 - يىلى قازاقىستاندىن كەلگەن، 1944 - يىل 10 - ئايدا يەر ئاستى ئىنقىلابىي خىزمىتىنى ئىشلەپ، شۇ يىلى قولغا ئېلىنىپ 12 - ئايدا پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەن.
كېرەم توختار: قازاق، 23 ياش، 1913- يىلى قازاقىستاندىن چۆچەك ئارقىلىق جىڭغا كەلگەن، 1943 − 1944 - يىللىرى جىڭ ناھىيىسىدە قازاق ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان، 1944 - يىلى جىڭ ناھىيىسىدە گومىنداڭغا قارشى يەر ئاستى تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى بولغان، 1944 - يىل 10 - ئايدا قولغا ئېلىنىپ، شۇ يىلى 12 - ئايدا 11 سەبدىشى بىلەن ئاغزىغا لاتا تىقىپ تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن.
رىزۋان مۆھىدىن: 1925 - يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ تاقىچى مەھەللىسىدىكى مۆھىدىن ھاپىز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1944 - يىل 11 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا پىدائىي بولۇپ قاتنىشىپ سانىتاركىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1945 - يىل 8 - ئايدا جىڭ ناھىيىسىنىڭ سەككىزتام كەنتىدىكى ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن. گېنېرال ئىسھاقبېك رىزۋان مۆھىدىنگە 1 - دەرىجىلىك ئالتۇن ئوردېننى ئۆز قولى بىلەن تاقاپ قويغان. ئازادلىقتىن كېيىن ئىلى ئوبلاستلىق خەلق بانكىسىدا ئىشلىگەن. 1961 - يىل 5 - ئاينىڭ 02 - كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە چىقىپ كەتكەن. دەم ئېلىشقا چىققۇچە ئالمۇتىدا پويىز كۈتكۈچىسى بولغان. ئۇ 1996 - يىلى ئالمۇتىدا 71 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
تۇرسۇن سايىتوپ: 1922 - يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ جىگدىلىك مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1944 - يىل 10 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945 - يىل 9 - ئايدا جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن. 2005 - يىل 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى 83 يېشىدا ۋاپات بولغان.
 ساشا: رۇس، 19 ياش، 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا چېكىسىگە ئوق تېگىپ ئىككى كۆزى چاچراپ چىقىپ كەتكەن. ئازادلىقتىن كېيىن بۇ قىز ئاتا - ئانىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن.
نۇرجان ھوشۇروپ: 1944 - يىل 11 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945 - يىلى جىڭ ناھىيىسى سەككىزتام ئۇرۇشىدا چېكىسىگە تەككەن ئوق تۇرۇپ قېلىپ ئۆمۈرلۈك مەجرۇھ بولۇپ قالغان. 1998 - يىلى سۈيدۈڭ لەڭگەر مەھەللىسىدە 78 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئامىنەم: 1926 - يىلى غۇلجا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، 1944 - يىل 11 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945 - يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ساداقەتلىك ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلانغان. ئازادلىقتىن كېيىن ئىلى ئوبلاستلىق تاشيول ئىدارىسىدە ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان، 2004 - يىلى 78 يېشىدا ۋاپات بولغان.
نىزامىدىن ئىسھاق: 1926 - يىلى تېكەس ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945 - يىل 9 - ئايدا جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن. ئازادلىقتىن كېيىن تېكەس ناھىيىلىك كوپىراتىپتا ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان.
ھەسەننۇر ھاجى بولۇس: 1928 - يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1944 - يىل 10 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ھەرەمباغ ئايرودرومىنى ئېلىش، جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1945 - يىل 9 - ئايدا ئادىناتۇر بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن غۇلجا ناھىيىلىك تەمىنات - سودا كوپىراتىپىدا ئىشلەپ پېنسىيىگە چىققان. 2006 - يىلى غۇلجىدا ۋاپات بولغان.
مارۇسە: رۇس، 19 ياش، غۇلجىدىكى يەرلىك رۇسنىڭ قىزى ئىدى. 1944 - يىلى 12 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، سانىتاركىلىق جەريانىدا نۇرغۇن جەڭچىنى قۇتقۇزغان. 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن. كېيىن ئۆزىنىڭ رەھبىرى سىدىقجان ئاخۇنبايوپ بىلەن تۇرمۇش قۇرغان.
يۈسۈپجان ئوسمانوپ: 1925 - يىلى سۈيدۈڭدە تۇغۇلغان. 1944 - يىل 11 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، 1945 - يىل 9 - ئايدا جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى قاچقان دۈشمەنگە قوغلاپ زەربە بېرىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان (4000دەك دۈشمەننى ئەسىرگە ئېلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن). ئازادلىقتىن كېيىن سۈيدۈڭ ناھىيىلىك باج ئىدارىسىدە ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان.
مەلىكە: رۇس، غۇلجىلىق يەرلىك رۇس قىز، 1945 - يىل 9 - ئايدا جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن. كېيىن ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجىيوپ بىلەن توي قىلغان.
ۋالىم مۇبارەك: 1928 - يىلى غۇلجا ساقى يۈزىدە تۇغۇلغان. 1944 - يىل 11 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945- يىل 9 - ئايدا جىڭ، كۈلئۆتەڭ، چىگىشوردىكى ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن.
ئىمىن ھاجىيوپ: 1944 - يىل 11 - ئايدا ئايرودروم، لەنشاڭ، ھەرەمباغ ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. 1945 - يىل 9 - ئايدا جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا ئوق تېگىپ يارىدار بولغان 80 نەپەر جەڭچىنىڭ يارىسىنى داۋالاپ ساقايتىشتا زور تۆھپە ياراتقان دوختۇر ئىدى. ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 1 - دەرىجىلىك ئالتۇن ئوردېنى بەرگەن. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا خارلىنىپ 42 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
مۇقاش: قىرغىز، 1929 - يىلى قىرغىزىستاندا دۇنياغا كەلگەن، 1945 - يىل 9 - ئايدا سۈيدۈڭ، جىڭ، كۈلئۆتەڭ، چىگىشور ئۇرۇشلىرىدا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن، چىگىشور ئۇرۇشىدا ئوق تېگىپ مەجرۇھ بولۇپ قالغان. ھازىر سۈيدۈڭ ناھىيىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ.قاسىم ئىسكادرون، 1945 - يىل 9 - ئايدا جىڭ، كۈلئۆتەڭ، چىگىشور ئۇرۇشلىرىدا خىزمەت كۆرسەتكەن، ئازادلىقتىن كېيىن يۇرتى ئاقسۇغا كەتكەن. 1934 - يىلى شېڭ شىسەيگە ئەسكەر بولغان چاغدا ئىسھاقبېكنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالغانىكەن. مەن 1968 - يىلى خىزمەت بىلەن قاغىلىققا چۈشۈرۈلگەن چېغىمدا ئۇنى ئاقسۇدا كۆرگەنىدىم، شۇ چاغدا ئۇ ھارۋىكەشلىك قىلىۋاتقانىكەن.
ژېنىيە: رۇس، 1928 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غۇلجىغا ئۆتكەن رۇسنىڭ قىزى، شۇ چاغدا 17 ياش ئىدى. 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى جىڭ ناھىيىسىدىكى سەككىزتام ئۇرۇشىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان.
نۇربىيە: 1926 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1944 - يىل 11 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.خان زۆھرە: 1926 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1944 - يىل 21 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945 - يىل 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا سانىتاركىلىق قىلىۋاتقاندا ئوق تېگىپ شەرەپ بىلەن قۇربان بولغان.
مۇھەممەد رازاق: 1926 - يىلى جىڭ ناھىيىسىدە كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945 - يىل 9 - ئايدىكى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
رەيھانە غابىدىن: تاتار، 1929 - يىل 4- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قاراقۇل رايونىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1934 - يىلى ئائىلىسى بويىچە غۇلجىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. 1944 - يىل 11 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ 5 قېتىم ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئوردېن ئالغان. 1950 - يىل 3- ئاينىڭ 23 - كۈنى مەن بىلەن توي قىلغان ھەمدە بىر دوختۇرخانىدا بىللە خىزمەت قىلغان. 1999 - يىل 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى.  ئابدۇراخمان روزىيوپ: 0291 - يىلى غۇلجا سۇ دەرۋازا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1944 - يىل 21 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945 - يىل 9 - ئايدا جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان، پىلىموتچىك.
قۇربانجان: 1925 - يىلى غۇلجا جېلىليۈزىدە تۇغۇلغان. 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945 - يىلى جىڭ ناھىيىسىنىڭ قۇمتاغ(ساسەنزى) دېگەن يېرىدە دۈشمەننىڭ مىنامىيوت ئوقىدا قۇربان بولغان.
رۇستەم ئەرشىدىنوپ: 1921 - يىلى غۇلجا جېلىليۈزىدە تۇغۇلغان. 1944 - يىلى 21 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945 - يىلى جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئىلى ئوبلاستلىق پوچتىخانىدا ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىقىپ، 2004 - يىل 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 83 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. مەمەتجان تېيىپوپ: غۇلجىدىن، 1944 - يىل 10 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1945 - يىل 9 - ئايدا جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ھازىر غۇلجىدا، 92 ياش.
ياقۇپ سىدىق: غۇلجا جېلىليۈزىدىن، 1945 - يىلى 9 - ئايدا جىڭ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پىلىموتچىك. ھازىر غۇلجىدا ھايات.
ئىزاھلار:
 ① كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە، شېڭ شىسەي 1942 - يىلى روشەنگۈلنىڭ دادىسىنى ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىكەن. بۇ قىز 1944 - يىلى ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىنقىلابقا پىدائىي بولۇپ قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ھەرەمباغ، لەنشاڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ، ئۆزىگە خاس قەھرىمانلىق ئوبرازىنى ياراتقان جەسۇر قىز ئىكەن.
② شىرمەتخان يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن باتۇر كىشى بولۇپ، جىڭ ناھىيىسىدىكى بىر باينىڭ مالىيى ھەمدە داڭلىق مەرگەنىكەن، ئوغلاق تارتىشتا تەڭداشسىز ئادەم بولغاچقا باي ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىرمەتخان باينىڭ بىبىنۇر ئىسىملىك ساھىبجامال قىزىنى كۆرۈپ قېلىپ پۇرسەت تېپىپ ئېلىپ قېچىپ، ئاچالغا بېرىپ تاغ ئۆڭكۈرىدە بىبىنۇر بىلەن ئۆي - ئوچاقلىق بولغانىكەن، كېيىن كىشىلەر بۇ جاينى شىرمەتخان ئۆڭكۈرى دەپ ئاتاشقانىكەن.
③ توختى مەرگەن 1943 - يىل 6 - ئايدا غۇلجىدىن جىڭ ناھىيىسىگە كېلىپ تۇرۇپ قالغان يېتىمچى بولۇپ، 1944 - يىل 9 - ئايدا جىڭدىكى يەر ئاستى ئىنقىلابىي تەشكىلاتقا قاتناشقان. شۇ يىلى 10 - ئايدا باتۇرخان (قازاق) ئىسىملىك خائىننىڭ ساتقۇنلۇق قىلىشى بىلەن كارىم توختار باشلىق تەشكىلاتنىڭ 11 ئادىمى جىڭ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە ئۆيمۇ - ئۆي ئاختۇرۇپ توختى مەرگەننى تۇتماقچى بولغاندا، دەرھال تەشكىلات ئەزالىرىغا خەۋەر بېرىۋېتىپ، ئاغىنىسى قۇۋان مەرگەن بىلەن بىللە كېچىلەپ ئاچالغا قېچىپ بېرىۋالغان. مىللىي ئارمىيىنىڭ چۆچەك، ئالتايلاردىكى ئۇرۇشلىرىدا خىزمەت كۆرسىتىپ ساداقەت ئوردېنى، باتۇرلۇق ئوردېنى ئالغان. بۇ كىشى 1997 - يىل 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى جىڭ ناھىيىسىدە 83 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
④بارات پالۋان 1962 - يىل 30 - ماي ۋەقەسىدە سۈيدۈڭدىكى تۇغقانلىرى تەرىپىدىن تۆھمەتكە ئۇچراپ قولغا ئېلىنغان ھەم سۈيدۈڭ ناھىيە ئۆكتەبىر گۇڭشې پارلاق كەنتىگە رېجىم ئاستىدا ئىشلەشكە چۈشۈرۈلگەن، 1975 - يىلى ئاقلىنىپ نامى ئەسلىگە كەلگەن، شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 16 - كۈنى 65 يېشىدا كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.
⑤رازاق مەۋلانوپ 1975 - يىلى قىرغىزىستاندا قىساسچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
⑥ ئەنۋەرجان 1945 - يىل 9 - ئايدا شىخۇ ناھىيىسىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان.
⑦ دوساجىم ئاتۇشلۇق ئادەم بولۇپ، 1869 - يىلى جىڭ ناھىيىسىگە كەلگەن. دەسلەپتە جىڭدىكى سېلىماخۇن، قۇتلۇقئاخۇن دېگەن ئۇستىلاردىن شامچىلىقنى ئۆگىنىپ شام ياساپ ساتقان، كېيىن موزدۇزلۇق قىلىپ، قالماق ئۆتۈكى تىكىپ داڭ چىقىرىپ باي بولغان. كېيىن ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلگەن. ئۇ يۇرت بويىچە چوڭ باي بولۇپ، ناھىيىدە تۇنجى بولۇپ تۈگمەن چۆرۈگەن كىشى. 1945 - يىلى 95 يېشىدا جىڭ ناھىيىسىدە ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇنىڭ تۈگمىنى جايلاشقان ساينى خەلق دوساجىمنىڭ سايلىقى دەپ ئاتايتتى.
⑧ بۇ ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنىڭ قەبرىسى ئەينى يىللاردا قوپۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھازىر تۈزلىنىپ كەتتى.
⑨ بۇ قېتىمقى پاجىئەدە ئامان قالغان بەزى جەڭچىلەر پولك كوماندىرى مەۋلانوپقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇرۇشتا ئۆز مەيلىچە قارار چىقىرىپ تاكتىكا جەھەتتە ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدى، دەپ شىكايەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەۋلانوپ ئاشكارا ھالدا خاتالىقىنى بوينىغا ئالمىغانىدى.
10 جىڭ ناھىيىسىدە ئىككى سېپىل بار، چوڭ سېپىل ناھىيە بازىرى ئىچىدە بولۇپ، چوكانبۇت سېپىلى، كىچىك سېپىل ناھىيە بازىرىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدە بولۇپ كىچىك جىڭ سېپىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سېپىلنىڭ خارابىسى ھازىرمۇ بار، ئورنى ھازىرقى ئۇيغۇر، قازاق قەبرىستانلىقىدا.
11 سىدىقجان ئاخۇنبايوپ — تېكەس 1 - ئاتلىق پولكىنىڭ مايور دەرىجىلىك ئوفىتسېرى بولۇپ، ناھايىتى چېۋەر، چەبدەس 25 ياشلار ئەتراپىدىكى بالا ئىدى. ئۇ 1940 - يىللىرى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. كېيىن مارۇسە ئىسىملىك بىر رۇس قىزى بىلەن توي قىلغان.
12 پولك كوماندىرى يىراقتىن دۇربۇن بىلەن كۆرۈپ، بۇ نېمە ئالامەت، دەپ ئاخۇنبايوپتىن سورىغاندا مايور خۇشال بولۇپ: پاھ... بىزنىڭ جەڭچىلىرىمىز غەلىبە قىپتۇ، دېگەن ئىكەن.
13 بۇ 1944 - يىل 12 - ئايدىكى غۇلجا ئايرودروم ئۇرۇشىدا مىللىي ئارمىيە گومىنداڭدىن ئولجا ئالغان كۈرەشچى ئايروپىلان بولۇپ، مىللىي ئارمىيە جىڭ ناھىيىسىنى ئىشغال قىلىشتا دۈشمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، بۇ ئايروپىلاندىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانىدى.
14 كۈلئۆتەڭ جىڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، تارىختىن بۇيان قونالغۇ ئۆتەڭ بولۇپ كەلگەن، 1912 - يىلى بۇ يەردە ئۇيغۇرلار توغراقنىڭ كۈلىدىن (شاخاردىن) سوپۇن ياساپ ساتقان. شۇندىن بۇيان بۇ جاينى كىشىلەر كۈلئۆتەڭ دەپ ئاتاپ كەلگەن.
مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 7002 - يىل 1 - سان



bilqut
Posted: 2008-03-11 14:47 | [ئاپتور]
ATTILA
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-02-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇف ،ئاخىرى ئوقۇپ بولدۇم
بەك ياخشى ماتېرىياللار ئىكەن،رەھمەت سىزگە
1som
Posted: 2008-03-11 21:59 | 1 -قەۋەت
Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

    ئېسىمدە قېلىشىچە قانغا بويالغان سايرام دەپ بىر رومان بولىدىغان , ئۇنىڭدىمۇ شۇ دەل 3 ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى ئىشلار سۆزلگەنگەن، يامان ئەمەس ئىدى مەزمۇنى
[ بۇ يازما Erdewil تەرىپىدىن 2008-03-12 13:47 دە قاي ]
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2008-03-12 10:00 | 2 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

بۇ ئاپتورنىڭ يەنە << تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت>> دەپ بىر ئەسىرى بولىدىغان. مەن << ئىلى دەرياسى>> ژورنىلىدا ئوقۇغان. ئۆتكەندە << ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى>> دىمۇ كۆرۈپ قالدىم. بىر ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان ياخشى ئەسەر.
بۇنىڭدا قۇربانلارنىڭ جەسىتىنى ئىزدەش ئىشلىرى يېزىلىدۇ، روشەنگۈلنىڭ ئىشلىرىمۇ بار. بەك ئاجايىپ ئەسەر.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-17 02:54 | 3 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

Total 0.095410(s) query 4, Time now is:03-21 08:56, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation