ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 2099
جەۋھەر يازمىسى: 3
يوللىغان يازمىسى: 179
شۆھرىتى: 506 نومۇر
پۇلى: 2630 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-06-30
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-06
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-12 12:43

 ئالتاي-ئورالشۇناسلىققا دائىر ئۇچۇرلار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: بۇ يازمىغا admins تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-04-08)
ئالتاي-ئورالشۇناسلىققا دائىر ئۇچۇرلار

توپلاپ رەتلىگۇچى: كۇلبىلگە


1. ئالتايشۇناسلىققا دائىر ئۇچۇرلار


ئوقۇم:
ئالتايشۇناسلىق ئىلمى ئالتاي-ئورال تىللىرى ئىچىدىكى ئالتاي تىل سىستىمىسىغا تەۋە خەلقلەرنىڭ تىل-يىزىق ۋە مەدىنىيىتىنى تەتقىق قلىدىغان مەخسۇس ئىلىم.

تەتقىقات ئوبىكتى :
  ئالتايشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى تىل، يىزىق، ئەدىبىيات، سەنئەت، تارىخ، ئىقتىساد، دىن، پەلسەپە، ئۆرپ ئادەت، ئىجتىمائى فورماتىسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

ئالتاي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئومومى ئەھۋالى:
ئالتاي تىلىدا سۆزىلىشىدىغان خەلقلەر 50 كە يىقىن مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى بىپايان شىمالى ياۋرو -ئاسىيا رايونىغا تارقالغان. ئومومى نوپوسى 350مىليوندىن ئاشىدۇ(ئەگەر ئورال تىللىق خەلقلەرنىڭ نوپوسىنى قوشقاندا ھازىر ئالتاي-ئورال تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئومومى نوپوسى 400مىليونغا يىتىپ قىلىشى مۇمكىن). بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇركى تىللىق خەلقلەر 35مىللەت، نوپوسى 120مىليوندىن ئاشىدۇ. مۇڭغۇل تىللىق خەلقلەر 9 تىل تۇركۇمىگە بۇلۇنىدۇ، نوپۇسى 13مىليونغا يىقىن، مانجۇ-توڭگۇس تىللىق خەلقلەر 13 تىل تۇركۇمىگە بۇلۇنىدۇ. نوپوسى 10مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇلاردىن باشقا كورىيە مىللىتى  80مىليوندىن ئارتۇق، ياپون مىللىتى 130مىليوندىن ئارتۇق كىلىدۇ. يوقارقىلار ئىچىدە ياپونىيە ئىقتىسادى كۇچ جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇندا،كورىيە 11- ئورۇندا،  تۇركىيە  22 - ئورۇندا  تۇرىدىغان ئىقتىسادى كۇچلۇك دۆلەتلەر ھىساپلىنىدۇ.(2007-يىللىق GDP سىتاتىسكىسى)

ئالتايشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى:   
شىۋىتسىيىلىك سترالىنبىرگ ( Philip Johann Von Strahlenberg )  ئۆزىنىڭ 1730-يىلى نەشىر قىلغان "ياۋرو-ئاسىيانىڭ شىمالى ۋە شەرقى رايونلىرى" دىگەن ئەسىرىدە تۇنجى بولۇپ تۇرك، مۇڭغۇل ۋە مانجۇ تىللىرىدا مەلۇم ئوخشاشلىق بارلىقىنى ئوتتورغا قويغان ۋە يوقارقى تىللار بىلەن  فىن-ئۇگۇر تىللىرى ئوتتورسىدىكى ئورتاقلىق ئۇستىدە مۇلاھىزە ئىلىپ بارغان.
1862-يىلى فىنلاندىيىلىك كاسترېن (M.A.Castrnen )  فىن-ئۇگۇر، سامويىت، تۇرك، مۇڭغۇل، مانجۇ تىللىرىنى بىر خىل تىل سىسىتىمىسىغا كىرگۇزۇپ "ئالتاي- ئورال تىللىرى" دەپ نام بەرگەن.
19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى فىنلاندىيىلىك رامىستىد (G.J.Ramsted ) تۇرك تىللىرىدىكى z  تاۋۇشى بىلەن مۇڭغۇل تىللىرىدىكى r تاۋۇشىنىڭ، تۇرك تىللىرىدىكى s بىلەن مۇڭغۇل تىللىرىدىكى L  تاۋۇشىنىڭ نۆۋەتلىشىدىغانلىقىن بايقاپ، ئالتاي سىلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىغا ئاساس سالغان. مەزكۇر ئالىم يەنە كورىيە تىلىنىڭ ئالتاي تىللىرى بىلەن مەنبەداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يىرىمىدا، ئامىرىكىلىق ئالتايشۇناس N.N.Poppe  كۆپ مىقتاردا تەكشۇرۇش، تەتقىقات ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ، ئالتايشۇناسلىق ئىلمىغا زور تۆھپىلەرنى قۇشقان.
1957-يىلى گىرمانىيە مىيونخىندا ئىچىلغان 24- نۆۋەتلىك "خەلقارا شەرقشۇناسلىق يىغىنى" دا  دائىمى تۇرۇشلۇق "خەلقارا  ئالتايشۇناسلىق  ئىلمى جەمىيىتى" تەسىس قىلىشنى رەسمى قارار قىلغان. شۇندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر يىلدا بىر قىتىم ئىچىلىۋاتقان خەلقارا ئالتايشۇناسلىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئالتايشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى يىڭى بىر بالداققا كۆتۇردى.

"ئالتايشۇناسلىق"  تەتقىقات ئورۇنلىرى
1. "خەلقارا  دائىمى تۇرۇشلۇق ئالتايشۇناسلىق ئىلمى جەمىيىتى" ( PIAC ) ( 国际常设阿尔泰学会 )  ، يىلدا بىر قىتىم  ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۇزىدۇ. تورۇشلۇق ئورنى گىرمانىيە مىيونخىندا، 1957-يىلى قورۇلغان.
2. "ئورال-ئالتايشۇناسلىق ئىلمى جەمىيىتى" ( 乌拉尔-阿尔泰学会 ) ،  تۇرۇشلۇق ئورنى گىرمانىيە بوئىندا، 1952-يىلى قورۇلغان.
3. ئامىرىكا ھىندىئانا ئۇنۋىرسىتىتى ئالتايشۇناسلىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى، يىلدا بىر قىتىم ئىچىلىدۇ. 1958-يىلى باشلانغان.
4. ياپونىيەدە  ھەر يىلى 7-ئايدا بىرقىتىم  مەملىكەتلىك ئالتايشۇناسلىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۇزىلىدۇ.
5. كورىيەدە مەخسۇس " ئالتاي تىللىرى ئاكادىمىيەسى" ( 阿尔泰语研究院 ) تەسىس قىلىنغان.
6. يوقۇرقىلاردىن باشقا ھونگىرىيە، فىنلاندىيە، نۇرۋىگىيەك، تۇركىيە، مۇڭغۇلىيە ۋە روسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىمۇ  ئالتاي-ئورال ئىلمىغا دائىر مەخسۇس  تەتقىقات ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان.
7. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونۇم رايونى، شەرقى شىمالدىكى خىيلوڭجاڭ، جىلىن،لىياۋنىڭ ئۆلكىلىرى،  چىڭخەڭ، گەنسۇ ئۆلكىلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدە مەخسۇس ئالتايشۇناسلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى تەسىس قىلىندى.
8. 1993-يىلى "211قۇرۇلۇشى" نىڭ تۇرتكىسىدە شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىدە "ئالتايشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى" رەسمى قۇرۇلدى.



2. ئورال خەلقلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار


     ئورال تىللىق خەلقلەر دىگىنىمىز  ئالتاي-ئورال تىل سىستىمىسىنىڭ ئورال تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان مىللەت ۋە ئىتنىك گۇرۇپلارنىڭ ئومومى ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ خەلقلەر ئاساسلىقى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قورۇقلىقىنى تۇتاشتۇردىغان ئورال تاغلىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقى شىمالى ياۋروپا، غەربى شىمالى ئاسىيا ۋە شىمالى ئاسىيانىڭ سىبىرىيە رايونلىرىغا تارالغان. ئومومى نوپۇسى 20مىليوندىن ئارتۇق. ئورال تىللىرى ئۆز ئىچىدىن ئۇچ چوڭ تارماق، 20نەچچە تىلغا بۇلۇنىدۇ. تۆۋەندە ئورال تىللىرىنىڭ تۇرلەرگە ئايرىلىشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئورال مىللەتلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى.
ئورال تىللىرى چوڭ جەھەتتىن فىن تىللىرى ئائىلىس، ئۇگۇر تىللىرى ئائىلىس، سامۇيىد تىللىرى ئائىلىس دەپ ئۇچ چوڭ تارماققا ئايرىلىدۇ. بەزىدە فىن تىللىرى بىلەن ئۇگۇر تىللىرى قوشۇلۇپ فىن-ئۇگۇر تىللىرى ئائىلىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

A. فىن تىللىرى ئائىلىسى

1. بالتىق فىنىكلىرى:
1) فىنلار(Finish)- سۇمىلار(Suomi) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، فىنلاندىيە جۇمھۆرىيىتىدىكى ئاساسلىق مىللەت، ئومومى نوپۇسى 6 مىليوندىن ئارتۇق،ئورال خەلقلىرى ئىچىدە نوپۇسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.  فىنلاندىيەنىڭ ئىلىكترون سانائىتى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا بۇلۇپ،دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يانفون شىركىتى ھىساپلانغان  Nokia شىركىتى دەل مۇشۇ دۆلەتتىن چىققان.
2) ئىستىلار(Eesti) – ئومومى نوپۇسى 1مىليون 200مىڭدىن ئارتۇق، ئىستونىيە جۇمھۆرىيىتىنىڭ ئاساسلىق مىللىتى.
3) كارىلىئانلار(Karelian) – ئومومى نوپۇسى 120مىڭدىن ئارتۇق، روسىيە كارىلىئان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى.
4) ۋورۇلار(Voro) – ئومومى نوپۇسى 70مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى ئىستونيە جۇمھۆرىيىتىنىڭ ۋورو ئۆلكىسىگە ماكانلاشقان.
5) ۋېپسلار(Veps) – ئومومى نوپۇسى 12500دىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە ۋىپس ئاپتۇنۇم ئوبلاستىغا ماكانلاشقان.
6) سىتولار(Seto) – ئومومى نوپۇسى 5000دىن ئارتۇق، ئاساسلىقى ئىستونىيەنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى سىتوما يىزىسىغا ماكانلاشقان.
يوقۇرقىلاردىن باشقا يەنە ئىنگىرىيانلار(Ingrian)،لىۋولار(Livo)،ۋوتىكلار(Votic) قاتارلىق ئىنتىك گۇرۇپلارمۇ بار بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى روسىيەنىڭ غەربى شىمالىدىكى رايونلارغا تارقالغان. (سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەت ئايرىش سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىگە ئۇچراپ مىللەت ئاتىلىپ قالغانلار)

2.  ۋولگا(ئىدىل) فىنىكلىرى
1) مارىلار(Mari) – ئومومى نوپۇسى 600مىڭدىن ئارتۇق، روسىيە مارى ئاپتۇنۇم جۇمھۆرىيىتىنىڭ ئاساسلىق مىللىتى.
2) ئېرزىئالار(Erzya) – ئومومى نوپۇسى 520مىڭدىن ئارتۇق،روسىيە موردوۋىيە جۇمھۆرىيىتىنىڭ ئاساسلىق مىللىتى.
3) موكشالار(Moksha) – ئومومى نوپۇسى 500مىڭدىن ئارتۇق، روسىيە موردۇۋىيە جۇمھۆرىيىتىنىڭ ئاساسلىق مىللىتى.
(موردۇۋىيە جۇمھۆرىيتى ئېرزىئالار بىلەن موكشۇلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان جۇمھۆرىيەت بولۇپ، بۇ ئىككى مىللەتمۇ سابىق سۆۋىتنىڭ مىللەت ئايرىش سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.)
يوقۇرقىلاردىن باشقا يەنە مىريالار(Merya)،مىشچىرلار(Meshcher)،مۇرۇملار(Murum) قاتارلىق ئىتنىك گۇرۇپلار مەۋجۇد بولۇپ، روسىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى رايونلارغا تارالغان.

3.  پېرمىكلار(Permic)
1) ئۇدمۇرتلار(Udmurt) – ئومومى نوپۇسى 550 مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە ئودمۇرت جۇمھۆرىيىتىگە ماكانلاشقان.
2) كومىلار(Komi) – ئومومى نوپۇسى 300 مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە كومى جۇمھۆرىيىتگە ماكانلاشقان.
3) پىرمياكلار(Permyak) – ئومومى نوپۇسى 120 مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە كومى-پىرمياك ئوبلاستىغا ماكانلاشقان.

4.  سامىلار(Samilar)
1) داۋۋى سامىلار(davviSami) – ئومومى نوپۇسى 20 مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى نۇرۋىگىيە، شىۋىتسىيەلەرنىڭ شىمالى قسىملىرىغا تارقالغان.
2) لۇل سامىلىرى(LuleSami) – ئومومى نوپۇسى 2000دىن ئارتۇق، ئاساسلىقى شىۋىتسىيە، نۇرۋىگىيەلەرگە تارقالغان.
بۇلاردىن باشقا يەنە يەنە روسىيەنىڭ شەرقى شىمالى، نۇرۋىگيە، شىۋىتسىيەلارنىڭ شەرقى شىمالى قىسىملىرىغا تارقاق ئورۇنلاشقان كېمى سامىلىرى(KemiSami)،كىلدىم سامىلىرى(KildemSami)، پىتا سامىلىرى(PitaSami)،جەنۇپ سامىلىرى(NorshernSami)، تېر سامىلىرى(TerSami)، ئۇم سامىلىرى(UmeSami) قاتارلىق ئىنتىك گۇرۇپلارمۇ مەۋجۇد.


B. ئۇگۇر تىللىرى ئائىلىس

1) ھونگارلار(ماجالار دەپمۇ ئاتىلىدۇ، Magyar) – ئومومى نوپۇسى 15 مىليوندىن ئارتۇق، ۋىنگىرىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ  ئاساسلىق مىللىتى. ئورال خەلقلىرى ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت.
2) خانتىلار(Khanty) – ئومومى نوپۇسى 12 مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە خانتى-مانىس ئاپتونۇم ئوبلاستىغا ماكانلاشقان.
3) مانسىلار(Mansi) – ئومومى نوپۇسى 3200دىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە خانتى-مانىس ئاپتۇنۇم ئوبلاستىغا ماكانلاشقان.


C.  سامۇيىد تىللىرى ئائىلىسى

     سامۇيىدلار ئاساسلىقى روسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىغا، يىنسەي دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئىقىنلىرىغا ماكانلاشقان بولۇپ،ئومومى نوپۇسى 35مىڭدىن ئارتۇقراق. سامۇيىد تىللىرى ئۆز ئىچىدىن يەنە شىمالى سامۇيىد تىللىرى ۋە جەنۇبى سامويىد تىللىرى دەپ ئىككى چوڭ تارماققا ئايرىلىدۇ.
1. شىمالى سامويىدلار
1) نىنتىسلار(Nenets) – ئومومى نوپۇسى 31مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى روسىيە نىنتىس ئاپتۇنوم ئوبلاستىغا ماكانلاشقان.
2) ڭاناسانلار(Nganasan) – ئومومى نوپۇسى 1000دىن ئارتۇقراق، روسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىغا ماكانلاشقان.
يوقۇرقىلاردىن باشقا يەنە يىنتىسلار(Yenets)، يۇراتلار(Yurat) قاتارلىق ئىتنىك گۇرۇپلار بار، ئاساسلىقى يىنسەي دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئىقىنى ۋە سىبىرىيەگە تارالغان.

2. جەنۇب سامۇيىدلىرى
1)سىلكاپلار(Selkap) – ئومومى نوپۇسى 1500دىن ئارتۇق، روسىيە يىنسەي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا ماكانلاشقان.
يەنە كاماسلار(Kamas)، ماتورلار(Mator)،كويباللار(Koybal) قاتارلىق ئىنتىك گۇرۇپلارمۇ مەۋجۇد. ئەمما بۇلارنىڭ نوپۇسى ئىنتاين ئاز بولۇپ، بەزىلىرى يوقۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قالغان.


قوشۇمچە:
يوقۇرقىلاردىن باشقا روسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى ياقۇت(خاكاس) جۇمھۆرىيىتىنىڭ كولىما دەرياسىنىڭ بويلىرىدا يۇكاگىرلار(Yukagirs) دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر ئىتنىك گۇرۇپ بولۇپ، ئومومى نوپۇسى 2000غا يىقىن. بەزى تىلشۇناسلار مۇشۇ خەلقنىمۇ ئورال تىللىق خەلقلەر بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارايدۇ.



--------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:
"ئالتاي مەدىنىيىتى ۋە غەربى يۇرت فولكلورى"(خەنزوچە) ، نيۇ رۇجى، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى،2003-يىل.
"阿尔泰语言学导论" ,  لىتىپ توختى، شەنشى مائارىپ نەشرىياتى، 2004-يىل.
" 阿尔泰学丛书 " ،  ئىچكى مۇڭغۇل مائارىپ نەشرىياتى نەشىر قىلغان ئالتايشۇناسلىققا دائىر يۇرۇشلۇك كىتاپلاردىكى قىسمەن مەزمۇنلار.
ئىتىرنىت ئۇچۇرلىرى.
[ بۇ يازما Kulbilge تەرىپىدىن 2008-11-02 12:18 دە قا ]
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UIDنومۇرى: 1168
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 557
شۆھرىتى: 908 نومۇر
پۇلى: 5415 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 286(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-21
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-03-15 03:10
kulbilge ئەپەندىم، بۇنىڭ ئاخىرى يەنە جىق، داۋاملىق يوللاپ بېرەرسىز-ھە. داۋامىغا ئىنتىزارمىز.
yol
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1637
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 85
شۆھرىتى: 86 نومۇر
پۇلى: 850 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-03-17
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-05-09
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-04-08 16:57
  مەن مەركىزىي مىللەتلەر ئېنىستىتوتىغا ئوقۇشقا  ماڭغان مۇئەللىمىمدىن " ئالتايشۇناسلىق فاكۇلتىتى بارلىقىنى ئاڭلىغانىدىم (2003 - يىلىدىكى پاراڭ . خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ ؟) ، لېكىن شىنجاڭ ئونۋېرستىتدا "ئالتايشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى " قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇم. ئاللا شۇ ئورۇندا بىر سائەت بولسىمۇ دەرس ئاڭلاشقا نېسىپ قىلسا!!!!!!!!!
terjime guruppisi
دەرىجىسى: ياساۋۇل
UIDنومۇرى: 2399
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 41
شۆھرىتى: 44 نومۇر
پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 1 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-05-31
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-06-27
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-06-02 20:52
ئالتايشۇناسلىق تەرەققىياتى ياخشىكا ... تۈركلۇگىيە ھەم مۇھىم تۈرىدىن بىرىكا!!!
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 327
جەۋھەر يازمىسى:
يوللىغان يازمىسى:
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-05-22
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 1970-01-01
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-06-10 21:41
  شىنجاڭ ئونۋېرستىتدا "كارىز تەتقىقات مەركىزى" قۇرۇلسا ياخشى بولاتتى.
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 2593
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 50
شۆھرىتى: 51 نومۇر
پۇلى: 500 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-06-10
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-07-22
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-06-10 22:06
ئىسىل تىمىكەن. ئۇيغۇر، مۇڭغۇل دوستلۇقى ياشىسۇن. مىنىڭ كۆڭلۇمدىكىدەك تىمىكەن. تىما ئىگىسىگە رەھمەت.
كۇلبىلگە ئەپەندى  بولسا ئورال خەلقلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز  تولىمۇ ياخشى بۇلاتتى. رەھمەت.
دەرىجىسى: يۈز بېشى
UIDنومۇرى: 1895
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 183
شۆھرىتى: 263 نومۇر
پۇلى: 1885 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-24
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-04 19:51
شىنجاڭ ئونىۋېرسىتىدا قۇرۇلغان "ئالتايشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزى" نىڭ ئىلمى ژورنىلى يوقمىدۇ؟
yol
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 5056
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 3
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-10-14
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-04
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2008-10-14 19:10
مەن مۇشۇ كەسىپتە  ئۇقۇسام  خىزمەت تىپش  تەسمىدۇ؟؟؟
yol
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !