Erdewil
ئورخۇن نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-23
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۈرۈمچىدىكى تارىخى ناملار---قىسمەن ناملار

ئۈرۈمچىكى بۇ ناملار تارىختىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كەلگەن بولۇپ ، مەلۇم كېلىپ چىقىش مەنبىيى بار، مۇمكىن بولسا تورداشلار بىلگىنىنى بۇ تېما ئىنكاسىغا قالدۇرسا بىلىپ قالساق....

ئۈرۈمچىگە مۇناسىۋەتلىك تارىخى ناملار:

تۆۋەندىكىلەر دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان يەر ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتېلىشى 

    1 . خۇڭيەنچى  ــــ  ئەسلىسى :  شوركۆل .  ( 1942 ــ يىلىدىن كىيىن چوڭكۆل دەپ ئاتالغان . )
    2 . سەندۇڭبىي  ــــ  ئۈچتاش    3 . ئەرداۋچىياۋ  ــــ دۆڭكۆۋرۈك    4 . سەنشىخاڭزا  ــــ  بۇلاق بېشى كوچىسى ( سەنشىخاڭزا دېيىلىشتىن بۇرۇن شۇنداق ئاتالغان ) 
    5 . نەنمىن  ــــ  ئاق قوۋۇق ( جەنۇبىي قوۋۇق )
    6 . بىيمىن  ــــ  شىمالىي قوۋۇق |
    7 . نەنخۇ  ــــ  يىكەنكۆل 
    8 . ئەرگۇڭ  ــــ  ئىككىنچى ئىش مەيدانى دىگەن مەنىدە ( ئەمما بۇرۇندىن ئىسمى خەنزۇچە )    9 . ساڭفاڭگۇ  ــــ  تۆشۇك تام 
  10 . تاۋسىچاڭ  ــــ  فار ــ فۇر بۇيۇملار زاۋۇدى ( چىنە زاۋۇتى ) 

      * ئەرگۇڭ :  ئىككىنچى ئىش مەيدانى دىگەن مەنىدە .
        ئىلگىرى بۇ يەردە خۈييىباۋ قورغىنى بار بولغان ، قورغاندا تەخمىنەن 300 ئېغىز ئۆي بولغان ، كىيىن گومىنداڭنىڭ ئوتتۇرا باتالىيۇنىدىكى بىر قىسىم ئەسكەرلەر بۇ يەردە تېرىقچىلىق قىلغان ، بۇ بىرىنچى ئىش مەيدانى ( تۇگۇڭ ) نىڭ ئايىقىدا بولغېنى ئۈچۈن ئەرگۇڭ دېيىلگەن .

بۇنىڭدىن باشقا  :      تۇگۇڭ  ــــ  بىرىنچى ئىش مەيدانى 
                              ئەرگۇڭ  ــــ  ئىككىنچى ئىش مەيدانى
                              سەنگۇڭ  ــــ  ئۇچىنچى ئىش مەيدانى 
                              سىگۇڭ  ــــ  شەھەر دۆڭ     

بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سىگۇڭنىڭلا ئۇيغۇرچە نامى بولغان ، چيەنلۇڭ زامانىسىدىلا بۇ يەردە ئۇيغۇرلار ئولتۇرغان .
ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى تۇرۇپ بۇ يەر ناملىرىنى ئۇيغۇرچە دېيەلمىسەك بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ( سەت ) ئىش بولمامدۇ  شۇڭلاشقا كۆپچىلىكنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم . 
* بۇلار ئىشەنچىلىك تارىخىي كىتاپلادىن ئېلىندى ، تەپسىلىي چۈشەندۈرمىسىنى كىيىنچە ئايرىم تىما قىلىپ يوللاپ قويىمەن .  >======================================================
  شەبنەمدىكى قايتماس نىڭ سوئال شەكلىدە ( بۇ يەر ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسنى بىلەمسىز؟ ) يوللىغان تېمىسى ئىكەنتۇق ، توغرا ئاتىلىشى بىلەن قوشۇپ ئالدىم ئۆلسەممۇ كەسپىمنى ئۇلۇغلاپ ئۆلەي
ئاخىرقى خەۋەرنى يېزۋېلىڭ ئۆلەي،
ئۆلگەندە جاناننىڭ قۇچاقلاپ ئەمەس،
يىرتىلغان گېزىتنى قۇچاقلاپ ئۆلەي
مەن ئۇيغۇر مەڭگۈ سۆيىمەن ئۇيغۇرنى!
Posted: 2007-11-19 21:11 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يەر ــ جاي ناملىرىمىز

Total 0.065855(s) query 3, Time now is:12-05 01:39, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation