koxuk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 ئۇيغۇرلاردا ئىسلام  مائارىپى

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام  مائارىپى

قاراخانىيلار خانلىقى زامانىسىدا ئاساس سېلىنغان شىنجاڭ ئىسلام دىنىي مائارىپى شىنجاڭنىڭ سىياسى ، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ،گاھى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، گاھى تۆۋەن مۇقامدا يۈرۈشۈپ تۇرغان. مەيلى قايسى سەۋىيىدە بولسۇن ، 1950-يىللىرىغىچە ئىسلام دىنىي مائارىپىنىڭ شىنجاڭ جەمىيىتىدە ئوينىغان رولى چوڭ بولغان.
  چاغاتاي ئۇلۇسى (1224-1309-يىللار)ۋە چاغاتاي خانلىقى (1309-1348-يىللار)زامانىسىدا كاشىغەر ۋە بۇخارادىكى «مەدىرىسەئى مەسئودىيە»نىڭ تەسىرى بەك چوڭ بولغان . بۇ مەدرىسىنى چاغاتاي خانىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تەيىنلەنگەن ئۇيغۇر باش ۋالىيسى،مەھمۇد يالاۋاچنىڭ ئوغلى مەسئۇد يالاۋاچ( مەسئۇد بەگ) 1238-يىلى يىللىرىدىن كېيىن بىنا قىلىغان بولۇپ ،ئۇ 1255-1289-يىلىغىچە بۇ مەدرىسلەرگە شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان.كاشىغەردىكى «مەدرىسەئى مەسئۇدىيە» 1388-يىلى تەپرىقچىلىق جەريانىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى ئۇزۇن ئەسىرلەرگىچە قويۇق ساقلانغان.
    تۆمۇرىيلەر پادىشاھلىق دەۋرى(1370-1507-يىللار)دا ئەلشىر نەۋائىينىڭ ھىراتتا «ئىخلاسىيە»،«شىفائىيە» مەدرىسلىرىنى ، «خەلاسىيە» خانىقاسىنى بىنا قىلدۇرغانلىقى  ئۆز دەۋرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا قوشۇلغان چوڭ ھەسسە بولۇپ، بۇنى تۆمۈرىيلەر دەۋرىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنى ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتى تولۇقلىما ماتىرىيال بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇ دەۋردە سەمەرقەنت ۋە ھىراتتا سەئىدىدىن كاشىغەرى(1377-1456-يىللار)، ئەبەيدۇللا لۇتقى(1366-1465-يىللار) قاتارلىق ئۇيغۇر مۇددەرىسلىرى(ئەبەيدۇللا لۇتقى ھەم شائىر ئىدى) مۆتىۋەر زاتلار ھېساپلانغان.
  يەكەن خانلىقى دەۋرى (1514-1680-يىللار) شىنجاڭ ئىسلام دىنى مائارىپى تەرەققىي  قىلغان دەۋرى بولدى. سەئىدخان ،ئابدۇرەشىتخانلار مائارىپ ئىشلىرىغان ئالاھىدە كۆڭۇل بولگەن.«تارىخىي ئابدۇرەشىتخان» ناملىق تەزكىرىدە بايان قىلىنىشىچە ، بۇ خانلىق تەۋەسىدە 1690 مەكتەپ بولغان. يەنە باشقا ماتىرىياللاردا ئېيتىلىشىچە ، ئەينى زاماندا يەكەن شەھىرىدىلا  ئالتۇن مەدرىس،مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر مەدرىسى ، رەشىدىيە مەدرىسى قاتارلىق داڭلىق مەدرىسلەر بولغان.كاشىغەر شەھەرلەردىمۇ خېلى كۆپ مەدرىسلەر بولغان.  يەكەندىكى مەدرىسلەرگە جاي-جايلاردىن كىشىلەر كېلىپ ئوقۇغان. خوتەنلىك مۇسىقا (مۇزىكا)تارىخى تەتقىقاتچىسى مۆجىزى (1820-يىلى تۇغۇلغان) نىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيون (1854-1855-يىللىرى يېزىلغان) نامىلىق كىتابىدىكى مۇقام ئۇستازى يۈسۈپ قېدىرخاننىڭ «ئىراقتىن، ئىراندىن ،تەبرىزدىن،خارەزىم ، سەمەرقەنت، ئەنجان،ئىستامبول،كەشمىر، بەلخ،شىراز قاتارلىق يىراق شەھەرلەردىن مۇسىقا ئۆگىنىشكە كەلگەن شاگىرتلىرى بار ئىدى» دىگەن بايانىدىن بۇ نۇقتا روشەن بولىدۇ.
    يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرىدا خوجا-ئىشانلارنىڭ تەپرىقچىلىق پائالىيەتلىرى باشلىنىپ، باشقا مەدەنىيەت، ئەدەبىيات ئىشلىرىغا ئوخشاش مائارىپ ئىشلىرىدىمۇ بەلگىلىك چېكىنىش ،بۇرۇقتۇرمىلىق كەيپىياتى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئومۇمىيۈزلۈك پالەچ ھالغا چۈشكەن ئەمەس.بۇنى ئۆز دەۋرىنىڭ تونۇلغان شائىرى مۇھەممەد سىدىق زەلىلىينىڭ 1718-يىلى يازغان «سەپەرنامە»ناملىق داستانىدا ئۆزىنىڭ 30 ياشقىچە يەكەندە تەربىيلەنگەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ،ئۆز زامانىسىدا يەكەندە شېئېرىيەت ۋە پەلسەپىدە ئەفلاتونغا دەرس بېرىدىغان مۇددرەرىسلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقىدىن بىلىۋالىمىز.
  80يىللىق خوجىلار ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىنىڭ بەزى چاغلىرىدا خەلقچىل ۋە مەرىپەتكە مايىل بەزى ھۆكۈمرانلارمۇ جاھان سورىغان. مەسىلەن، خوجا جاھان (1685-1756-يىللار) دىگەن كىشى يەكەندە بىر مەزگىل (1735-1756-يىللار)يەرلىك خان بولغان. كاشىغەرلىك ئالىم مۇھەممەد سادىق كاشىغەرى «تەزكىرەئى ئەزىزان»(1769-1770-يىللىرى يېزىلغان) دا خوجا جاھان زامانىسىنى ھۈسەيىن بايقارا دەۋرىگە ئوخشاتقان ۋە مۇنداق يازغان:
    خوجا جاھاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياركەنتتە «ئاق مەدرىسە» ناملىق بىر ئالىي ئوقۇتۇش يۇرتى بىنا قىلىندى، بۇ ئوقۇتۇش يۇرتى كېيىن «مەدرىسەئى خامۇش» دەپ ئاتالدى.
    خوجا جاھان  يەنە مائارىپنى  راۋاجلاندۇرۇش ئۇچۇن ھەر تەرەپلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.
    مەركىزى ھۆكۈمەت 1759-يىلى شىنجاڭدىكى ئېغىر تەپرىقچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن  ھەربى يۈرۈش قىلىپ، تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنوبى ۋە شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومومىي ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىسبەتەن ئۆزگىچە سىياسەت قوللىنىپ ، مىللەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ  دىنىي ئېتىقادى ، ئۆرپ -ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتىنى قوللىنىپ ،ئىسلام مائارىپىنى چەكلىمەستىن ،بەلكى جەنوبى شىنجاڭدا ئەزەلدىن يۈرگۈزۈلۋاتقان بەگلىك تۈزۈم يولغا قويولغان چاغدىكى تەلىم-تەربىيە  ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ساقلاپ قالدى. مەكتەپ -مەدرىسلەردە باشلانغۇچ ۋە ئالىي مائارىپ يولغا قويۇلدى.
    1756-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ، سىياسى ، ئىجتىمائىي جەھەتتە بىر قاتار داۋالغۇشلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئومومىي ۋەزىيەتتە بىرلىك  ۋە مۇقىملىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.
  بۇ يىللاردا كاشىغەر ،يەكەن قاتارلىق شەھەرلەردە ئەزەلدىن بار بولغان مەدرىسلەر نورمال ئوقۇتۇشنى يولغا قويغاندىن باشقا، يەنە بەزى مەدرىسلەر يېڭىدىن بىنا قىلىنغان خوتەن ،كۇچا، قومۇل، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ مەدرىسلەر تەسسىس قىلىنغان.
  ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردە قۇرۇلۇپ ، 1950-يىلغىچە يۈرۈشۈپ تۇرغان مەدرىسلەردىن ھېيىتكار جامائەسى ، مەدرىسى ئەلاخان تۆرەم مەدرىسى ، خانلىق مەدرىسى ، توقام مەدرىسى ، ساچىيە مەدرىسى، لايپەشتاق مەدرىسى، كەسكەن يار مەدرىسى، چاسا مەدرىسى، شاپولات بەگ مەدرىسى( بۇلار كاشىغەر شەھىرىدە).
    يەكەن شەھىرىدىكى خېلى كۆپ مەدرىسلەر 1950-يىللارغىچە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان.
كۇچادا كۇچا خانىقاسى، كۆك مەدرىس،ئاق مەدرىس، ساقساق مەدرىسى قاتارلىق مەدرىسلەر داڭلىق ھېساپلانغان.
  لۈكچۇندە «لۇكچۇن بەگلىك (ۋاڭلىق) مەدرىسى» تۇرپان ئويمانلىقىدا تەسىرى خېلى چوڭ بولغان. بۇنى ئىمىن خوجا 1762-يىلى لۇكچۇندە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغاندا بىنا قىلغان بولۇپ،كېيىن خانلىق مەدرىسى دەپ ئاتالغان ۋە 1950-يىلىغىچە مەۋجۇت بولغان.
  قومۇلدىكى داڭلىق مەدرىسلەر 1831-يىلى مۇھەممەد ۋاڭ تەسىس قىلغان قومۇل كونا مەدرىسى، شاھ مەخسۇت ۋاڭ 1905-يىلى بىنا قىلدۇرغان قومۇل يېڭى مەدرىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، قومۇلدىكى بەزى مەدرىسلەردە تاكى 1956-يىلىغىچە ئوقۇش داۋاملاشقان.
  ئىلى تەۋەسىدە 1750-يىللىرى  بىر تۈركۈم ھاللىق مەرىپەتپەرۋەر كىشلەر ئىئانە توپلاپ. ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن بەيتۇللا جامائەسىنىڭ شىمال تەرىپىگە ئوقۇتۇش ئورنى تەسىس قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، بەيتۇللا جامائەسى ھۇزۇرىدا تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى يولغا قويۇلغان. بەيتۇللا جامائەسى ئىچىدە تەسىس قىلغان «بەيتۇللا مەدرىسى » 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ، بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە تەسىرى چوڭ مەدرىسلەردىن بولۇپ شۆھرەت قازانغان.
  بۇ يىللاردا شىنجاڭنىڭ چوڭ شەھەرلىرىلا مەدرىسلەر بىنا قىلنىپلا قالماستىن ، بەلكى  ، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك ئورۇنلاردىمۇ مەدرىسلەر بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدە شىنجاڭكدا قانچىلىك مەدرىسە بارلىقى توغىرلىق ئېنىق سىتاتىستىكا يوق. ئەمما  ئەينى زاماندا كاشىغەر شەھىرىدە 17مەدرىسە، يەكەن شەھىرىدە 62 مەدرىسە بولغان. يەكەن شەھىرىدىكى 29 مەدرىسە مىنگونىڭ دەسلىپىگىچە مۇكەممەل ساقلانغان.
    جۇڭخۇا مىنگو(1912-1949-يىللار) دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ئىسلام دىنىي مائارىپى شىنجاڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئاساسىي مائارىپ يۆلىنىشى بولغان. مەسىلەن ، 1949-يىلى جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئالتە ناھىيىنىڭ دىنىي مەكتەپلىرىنىڭ سانى 347، ئوقۇغۇچى سانى 105مىڭ 900بولغان بولسا، ئاممىباب پەننىي مەكتەپلەر 282، ئوقۇغۇچى سانى 51مىڭ 446بولغان.
  مەدرىسلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئىسلام دىنيى مەزمۇنى ئىدى. يەنى قۇرئان ، ئىسلام پەلسەپەسى ،فىقھە، ئىسلام تارىخى، ھەدىس ۋە باشقىلار. يەنە ئەرەب، پارس تىللىرىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ، جۇملىدىن شېئىرى دىۋانلار ئوقۇتۇلغان، تىبابەتچىلىك ،ئىلمىي نۇجۇم، مەنتىق  قاتارلىق ئىلىملەرمۇ ئۆگىتىلگەن. بۇ جەھەتتە قاراخانىيلار خانلىقى زامانىسىدىكى مەدرىسلەردە يولغا قويۇلغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئاساسەن داۋاملاشتۇرۇلغان.  جۇملىدىن دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا ئىسلاھ قىلىنىپ تۇرۇلغان. ئىسلام  دىنىي مائارىپى دەۋرىدە ئىسلام دىنىي مائارىپى دەۋرىدە ئىسلام مەدرىسە مائارىپىلا بولغان ئەمەس. جەمىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگە تۇتىشىدىغان تەلىم-تەربىيە ئوقۇتۇشىمۇ ئايرىم ئىجتىمائىي پەنلەردە ئوقۇتۇلۇپ تۇرۇلغان. مەسىلەن ، يەكەن خانلىقى دەۋرىدىكى ئەھۋاللارنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەينى زاماندا يەكەن شەھىرىدە «سىپاھىيە»(ھەربى تەلىم-تەربىيە مەكتىپى) ، «شىپائەت»(تىببى مەكتەپ)، «ھۈدۈدىيە» (مۇداپىئە ئىشلىرى مەكتىپى)، «ئاينەئى سەپىرات»(ئەلچىلىك مەكتىپى)، مۇسىقا (مۇزىكا) مەكتەپلىرى بولغان.
  شىنجاڭنىڭ 1000يىللىق ئىسلام دىنىي مائارىپى تارىخىدا نۇرغۇنلىغان داڭلىق مەدرىسلەر ئۆتكەن،ئۇلارنىڭ داڭقى يىراقلارغا تارقالغان ، تەسىرى ئۇزۇن يىل ساقلانغان، بۇلاردىن ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكلىرى ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف كاشىغەرى (973-1093-يىللار)، مەھمۇد كاشىغەرى، جامال قارشى (1230-1315-يىللار)، سەئىدىدىن كاشىغەرى (1377-1456-يىللار)، موللا توختى كاشىغەرى (1800-1890-يىللار)، ھۆسەيىنخان تەجەللىي( 1856-1924-يىللار)، ئابدۇقادىر داموللام(1862-1924-يىللار) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
    ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا ، غەربى يۇرتنىڭ ئىسلام مائارىپى ، جۇملىدىن مەدرىسە مائارىپى  ئۆز زامانىسىدىكى شىنجاڭ جەمىيىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ماسلاشقان. نوقۇل دىنىي ئىدىيىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ، بەلكى ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ، ئەخلاقى،قانۇن، تەبىئى پەن ساھەلىرى، بولۇپمۇ تىبابەتچىلىك،ئاستىرونومىيە( ئىلمىي نۇجۇم) قاتارلىق ساھەلىرىدىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، جەمىيەتنىڭ يۇكسىلىشىگە بىر كىشلىك ھەسسە قوشقان. خۇراپىي، مۇتەئەسسىپ خاھىش بولسا ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنالمىغان.

  غەيرەتجان ئوسماننىڭ « قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى» دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
bilqut
Posted: 2008-03-15 14:44 | [ئاپتور]
ozbax
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 Re:ئۇيغۇرلاردا ئىسلام  مائارىپى

[quote]ئاپتور koxuk نىڭ 2008-03-15 14:44 دە يوللىغان يازمىسى  ئۇيغۇرلاردا ئىسلام  مائارىپى نەقىل ئېلىندى 
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام  مائارىپى

قاراخانىيلار خانلىقى زامانىسىدا ئاساس سېلىنغان شىنجاڭ ئىسلام دىنىي مائارىپى شىنجاڭنىڭ سىياسى ، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ،گاھى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، گاھى تۆۋەن مۇقامدا يۈرۈشۈپ تۇرغان. مەيلى قايسى سەۋىيىدە بولسۇن ، 1950-يىللىرىغىچە ئىسلام دىنىي مائارىپىنىڭ شىنجاڭ جەمىيىتىدە ئوينىغان رولى چوڭ بولغان.
  ----------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
1884-يىلدىن ئىلگىركى  دەۋرگە  دائىر مەزمونلار  ئاساسىي سالماقنى ئېگەللەيدىغان بۇ  1- ئابزاستىكى شىنجاڭ  دېگەن سۆز نىڭ ئورنىغا يەنىلا ئۇيغۇر  دەپ ئېلىنغان بولسا...
1som
Posted: 2008-03-16 00:22 | 1 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

بۇ كىتابنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە شىنجاڭ نامى شۇنداق ئەلۋەك، ئاپتورنىڭ نېمە ئويلىغىنىنى كىم بىلسۇن.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-19 01:06 | 2 -قەۋەت
palwan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 65
شۆھرىتى: 66 نومۇر
پۇلى: 650 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 Re:ئۇيغۇرلاردا ئىسلام  مائارىپى

Quote:
2 - قەۋەتتىكى udun 2008-03-19 01:06 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
بۇ كىتابنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە شىنجاڭ نامى شۇنداق ئەلۋەك، ئاپتورنىڭ نېمە ئويلىغىنىنى كىم بىلسۇن.

ئۇ كىشى تەتقىقاتچى بولغاندىكىن، ئويلىغىنى باردۇ. . سىز <<باشقۇرغۇچى>>كۆپرەك ئەپۇچان تەرەپ بولغايسىز، (ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم كەچۇرۇڭ)
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-03-19 23:41 دە قايتا ]
Posted: 2008-03-19 10:53 | 3 -قەۋەت
tarihniaslap
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-19
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-19

 

مەن غەيرەتجان ئوسمان ئاكامنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن. بۇ ئەسەردە قارىخانىيلەر دەۋرىدە ئىسلام دىننى تولىمۇ گۇللەنلىنىشكە يۇز تۇتقان دىيلىپتۇ ،كىيىن شۇ دەۋىردە قانچىلىك ئادەملەر قوبۇل قىلىنغان-قىلىنمغانلىقى  توغۇرىسىدا ئىنىق مەلۇمات بارمۇ-يوق؟بولسا بۇ توغۇرلۇق مەلۇماتلار ئىلان قىلىنسا دەپ ئويلايمەن .
Posted: 2008-03-19 12:51 | 4 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 Re:Re:ئۇيغۇرلاردا ئىسلام  مائارىپى

Quote:
3 - قەۋەتتىكى palwan 2008-03-19 10:53 دە يوللىغان Re:ئۇيغۇرلاردا ئىسلام  مائارىپى نى نەقىل كەلتۈرۈش :

ئۇ كىشى تەتقىقاتچى بولغاندىكىن، ئويلىغىنى باردۇ. . سىز <<باشقۇرغۇچى>>كۆپرەك ئەپۇچان تەرەپ بولغايسىز، (ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم كەچۇرۇڭ)



بۇ پىكرىڭىزنى قوبۇل قىلىمەن. ( ئىملايىڭىزنى ئازراق تۈزىتىپ قويدۇم. )
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-19 23:42 | 5 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

شۇ دەۋىردە قانچىلىك ئادەملەر قوبۇل قىلىنغان-قىلىنمغانلىقى  توغۇرىسىدا ئىنىق مەلۇمات
.................................................................................................................................................................................
<< شۇ چاغدا قانچىلىك ئادەم بۇ دىننى قوبۇل قىلغان >> دېمەكچىمۇ؟قاراخانىلارنىڭ تېرىتورىيىسىگە كىرگەنلىكى جايدىكى ئيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بۇ دىننى قوبۇل قىلغان. ئىدىقۇتلار قوبۇل قىلمىغان. خوتەنلىكلەر 40 يىل بەدەل تۆلەپ قوبۇل قىلىپتىكەن، ئەلۋەتتە قاراخانىيلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ بولغاندىن كېيىن. بۇ چاغدىكى بۇ زىمىندىكى نوپۇسنىڭ سانى قانچىلىك ؟ بۇ ھەقتە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇمات يوق. بەلكىم بۇندىن كېيىن چىقىپ قالار.
bilik munbiri
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-19 23:47 | 6 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا مائارىپ

Total 0.079538(s) query 4, Time now is:03-21 08:56, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation