"قىرغىز قاغانلىقى دەۋرىدىكى مەڭگۇ تاشلار:
1.سۇجى مەڭگۇ تىشى ــ ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار خاتىرلەنگەن. "
مۇنۇ مەڭگۇ تاشنىڭ مەزمۇنى بۇمۇنبەردە بارمىكىن ؟بولسا بولسا كۈرسەتمە بەرگەيسىلەر .كۆرۈپ باقساق بوپتىكەن .
يەنە بىر مەسىلە قەدىمقى قىرغىزلار ئۇيغۇر خانلىغى مۇنقەرز قىلغاندىن ئورخۇندا قاغانلىق قۇرغانمۇ ياكى يېنسەيدىكى خانلىغى مۇشۇ رايۇنلارنى كۆنترول قىلغانمۇ ؟
يەنە بىرى قىرغىزلارنىڭ خانى "قاغان" ئاتالغانلىغىغا ئائىت ئۇچۇر بولسا ئۇلىنىش قىلىپ قويساڭلار بوپتىكەن ؟
مىنىڭ نەزەرىمدە "قاغان" لىق پەقەت ئوغۇزخان ،ئەفراساياب ئەۋلاتلىرىغىلا تەئەللۇق .بۆكەقۇنمۇ بېشبالىقنى ئىشغال قىلىپ " ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى" قۇرغان ،ھەرگىزمۇ "ئۇيغۇر قاغانلىغى" قۇرمىغان .بۇ يەردە كۈچلۈك بىر سىياسى ئەن-ئەنە مەۋجۇت (كېيىنكى چىنگىزخانىڭ "قاغان'' ئاتىلىپ قېلىشى تولىمۇ ئالاھىدە ئەھۋال ،تەتقىق قىلىشقا مۇھتاج ھادىسە) .شۇڭا "قىرغىز قاغانلىغى" دىگەن ئىبارە دىققىتىمنى قوزغىدى .
يەنە بىرى ياڭ شېڭ مىنننىڭ<<قەدىمقى ئۇيغۇرلار>> ناملىق كىتاۋىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ،قۇملۇقنىڭ شىمالىدا كۆچەلمەي قالغان 7 قەبىلە ئۇيغۇرلار (ئادەم سانى قىتانلاردىن ئاز بولمىسا كېرەك)ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا قىتانلارنىڭ ئىتپاقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن .دىمەك قىرغىزلارنىڭ سىياسى ھاياتى بۇ رايۇندا تىزلا ئاخىرلاشقان بولىشى مۈمكىن .مەھمۇت كاشىغارىنىڭ قىتانلارنى تۈرك-تابغاچ(ماچىن) ئاتىشى ،قاراخانىلار ھۆكۈمدارلىرىنىڭ سەرگەردان قىتانلارغا ھايالشىماي(دەسلىۋىدە) زىمىن بىرىشى ،كېيىن ئۇلارغا مۇنقەرز بولۇپ (ئەملىيەتتە تېنچلىق بىلەن باش قاغانلىقنى گورخانغا تاپشۇرغانىكەن) قاغانلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى تاسادىپى ئەھۋال بولمىسا كېرەك .
[ بۇ يازما Qutghur تەرىپىدىن 2008-03-16 12:07 دە قاي ]