بۇ بەتتىكى يازما : ئۇدۇن يىزىقىدىكى(تىلىدىكى) ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇندەرىجىسى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۇدۇن يىزىقىدىكى(تىلىدىكى) ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇندەرىجىسى

ئۇدۇن يىزىقىدىكى(تىلىدىكى) ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇندەرىجىسى
توپلاپ رەتلىگۇچى: كۇلبىلگە


  ئۇدۇن يىزىقى ئۇدۇن ساك يىزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يىزىق بۇددا دىنىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ قەدىمقى ھىندىستاندا پەيدا بولغان بىراخمى يىزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولوپ، ئاساسلىقى قەدىمقى ئۇدۇن رايونىدا مىلادى 2-ئەسىرلەردىن 10- ئەسىرلەرگىچە بولغان ئارلىقتا ئىشلىتىلگەن. ئۇدۇن تىلى ۋە يىزىقىدا يىزىلغان ۋەسىقىلەر ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ئىچىدە مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

1. ئۇدۇن ئىلىنىڭ قائىدىلىرى
2. ئۇدۇن ئىلىنىڭ ئېلان خاتىرلىرى (于阗国悬记)
3. كۇن نومى
4. پاراسەتلىك تولونا
5. زامباستا (شىئىرلار توپلىمى)
6. ئاسۇكاخاننىڭ تەمسىللىرى
7. سۇدىخانا ھەققىدە تەمسىللەر
8. ياخشىلىق شادلىق تەمسىللىرى
9. قىسمەت ۋە دانىشمەنلىك سۇترىسى
10. دەۋرلىك نوم
11.  بۇدساتۋانىڭ ئىستىقامەت ئارزۇسى
12. ۋىسالا كىرتى نىردىسا سۇترا
13. ۋويفا سوكخاۋاتى
14. سۇرانچاما ساماتھى سۇترا
15. ئاپارىمىتايور سۇترا
16. دىھارماكايا سۇترا
17. جاتاكا سۇترا
18. مانجۇسىرى سۇترا
19. سانگاتا سۇترا
20. ئامىتامھا سۇترا

يوقارقىلاردىن باشقا يەنە كۆپ مىقتاردا ئىجتىمائى-ئىقتىسادى ھۆججەتلەر، ئىبادەتخانا ھۆججەتلىرى ۋە تىببى ساھەگە ئائىت ۋەسىقىلەر تىپىلغان.


پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:
«ئۇيغۇر ئەدىبىيات تارىخى» ، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى تۇزۇپ نەشىر قىلغان، 1993-يىلى.
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتى غەزنىسى»، ئابدۇللا مەمەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىلى.
«سۇي تاڭ سولالىلىرى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى»، ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1993-يىلى.
«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىلى.
«بىزنىڭ تارىخى يىزىقلىرىمىز»، قۇربان ۋەلى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى.
«قەدىمقى ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ۋە يازما يادىكارلىقلىرىدىن قىسقىچە بايان» (维吾尔族古代文化和文献概论  ) ، گىن شىمىڭ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىلى.
«قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقلىرى ۋە يازما يادىكارلىقلىرى» (维吾尔古文字与古文献导论) ، نيۇ رۇجى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىلى.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئەسكەرتىش: مەزكۇر تىمىنى ئۇرخۇن تورىدىن باشقا بىكەتلەرگە روخسەتسىز كۇچۇرۇپ چاپلاش رەت قىلىنىدۇ.
چۇشۇپ قالغان مەزمۇنلار بولسا تورداشلارنىڭ بىرلىكتە تولۇقلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.

bilqut
Posted: 2008-03-16 15:01 | [ئاپتور]
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ ھازىر قايسى جايلاردا ساقلىنىۋاتقانلىقى، قەيەردىن تېپىلغانلىقى، كىم تاپقانلىقى، ۋاقتى .... دېگەندەك ئۇچۇرلارمۇ بىللە يوللانغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.
kulbilge ئەپەندىم، ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ۋاقىت چىقىرىپ، بۇ قىمممەتلىك مۇندەرىجىلەرنى مۇنبەرگە يوللاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ئەگەر مەن ئۇچرىتىپ قالسام قوشۇپ قويارمەن.
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-16 23:57 | 1 -قەۋەت
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

ئۇدۇن خانىم ئىيتقانلىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق. مەنمۇ دەسلەپ شۇنداق ئويلىغان ئىدىم، ئەمما بىر خىل ۋەسىقىنىڭ ھەرخىل نوسخىلىرىنىڭ(بەزىلىرىنىڭ 5-6 نوسخىىس بار) تىپىلغان ئورنى، ئۇلارنىڭ تاپقۇچىلىرى، تىپىلغان ۋاقتى، ھازىرقى ساقلىنىۋاتقان يىرى، ساقلىنىش نومۇرى دىگەندەك مەزمۇنلانى قۇشۇشقا توغرا كەلسە، ماتىرىيالنىڭ ھەجمى ئىنتايىن يوغىناپ كىتىدۇ(قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقى بىلەن چاغاتاي يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەر بىلەنلا يوغان كىتاپتىن بىرنى توشقۇزۇش مۇمكىن). يەنە بىر جەھەتتىن يازما يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، يۇقارقى مەزمۇنلارنى تىپىش ۋە رەتلەشكە كىتىدىغان ئەمگەكمۇ بەك كۆپ بولىدۇ. شۇنداقلا مۇندەرىجىنىڭ يىغىنچاق، ئىخچام بولۇش، تىز سۇرئەتتە ئىزدەشكە قولايلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى گەۋدىلەنمەي قالىدۇ. شۇڭا مەن ئەينى ۋاقىتتا يوقارقى مەزمۇنلارنىمۇ قوشۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىم.
ئەمدى ئۇرخۇن تورىدىكى سىزگە ئوخشاش ئوت يۇرەك قىرىنداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن يوقارقى مەسىلىلەرنىڭ ئىلىكترونلۇق نوسخىسىدا ھەل بولۇپ كىتىدىغىنىغا ئىشىنىمەن.
Posted: 2008-03-17 22:31 | 2 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق، مەن شەخسەن بۇلاردىن بىرەرنى تېپىپ ئوقۇماقچى بولسام، قانداق ئىزدەيمەن؟ بۇلار ئايرىم توپلاممۇ؟ .... ماڭا قولايلىق بىر ئۇسۇلنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز. كەچۈرۈڭ، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:
«ئۇيغۇر ئەدىبىيات تارىخى» ، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى تۇزۇپ نەشىر قىلغان، 1993-يىلى.
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتى غەزنىسى»، ئابدۇللا مەمەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىلى.
«سۇي تاڭ سولالىلىرى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى»، ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1993-يىلى.
«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىلى.
«بىزنىڭ تارىخى يىزىقلىرىمىز»، قۇربان ۋەلى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى.
«قەدىمقى ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ۋە يازما يادىكارلىقلىرىدىن قىسقىچە بايان» (维吾尔族古代文化和文献概论  ) ، گىن شىمىڭ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىلى.
«قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقلىرى ۋە يازما يادىكارلىقلىرى» (维吾尔古文字与古文献导论) ، نيۇ رۇجى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىلى.
......................................................................................................................
بۇ پايدىلانمىلاردا بەلكىم بۇ ۋەسىقىلەرنىڭ نامىلا ئاتالغاندۇ، ياكى تەپسىلى مەزمۇنىمۇ بارمۇ يە؟
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-03-20 00:59 دە قايتا ]
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-18 23:59 | 3 -قەۋەت
kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

شارائىت بولسا مۇشۇ ساھەگە ئائىت ئىلمى مەتبۇئاتلار  بولۇپمۇ ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان سانلىردىن ئىزدەپ باقسىڭىز ئۇچۇر چىقىپ قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى، بۇلاق دىگەندەك.  مۇندەرىجە تۇگىسە، مەنمۇ بىر باشتىن ئىزدەپ باقىمەن. ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى.
Posted: 2008-03-19 23:36 | 4 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ۋەسىقىلىرىمىز

Total 0.082053(s) query 4, Time now is:03-21 08:57, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation