قاراشەھەر بىلەن ئاقسۇغىچە بولغان ئارىلىق قولدىن كەتكەندىن كېيىن، يول بويىدىكى سىم تاناپ تارتىلغان ئستۇلبىلارنىڭ ھەممىسى كېسىپ تاشلاندى. قەشقەردە ئەسلىدە سىمسىز تېلېگراپ ئىستانىسى بولسىمۇ، ماشىنا زاپچاسىلىرىدا كاشلا چىققانلىقتىن كارغا كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا تېلفۇن-تېلېگراپ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. جىن شۇجژ ئۆلگەندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ دوتىيى ماشياۋۇ⑯ نىڭ ئۈرۈمچىدىكى جىن شورېنغا يوللايدىغان تېلېگرامما دوكلادى سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى ئارقىلىق يوللۇنۇپ تۇردى. جىن شورېننىڭ جاۋاپ تېلېگراممىسىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق كەلدى. جىن شۇرېن ماشياۋۋۇنى چېگرا مۇداپىئە سىلىڭى قىلىپ تەيىنلىدى. 1924-يىلى ماشياۋ ۋۇ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىگە ئامبال بولۇپ تۇرغان چاغلاردا ياڭ زېڭشىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە قەشقەرغە ئەسكەر بولۇپ بېرىپ ماتىتەي (تىدۇ، مافۇسىڭ) نى يوقۇتۇپ نۇرغۇن مىقدارىدىكى قۇرال-ياراققا ئىگە بولغان ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمنى ئىشلەتمىگەن ئىدى. شۇڭا ماشياۋ ۋۇ ھەم پەيزىۋاتقا تەۋە سوغۇن چازا خادىمى چىڭ دېشىڭ قىرغىز چارۋىچىلىرىدىن تەخمىنەن مىڭغا يېقىن ئەسكەر ئېلىپ قوراللاندۇرۇپ چىڭ دېشىڭ نىڭ باشىچىلىغىدا قەشقەردىن ئۇچتۇرپان، ئاقسۇغا باردىغان كىچىك يوللارنى ساقلاشقا باشلايدۇ. ئاقسۇ قولدىن كەتكەندىن كېيىن چىن دېشىڭنىڭ قول ئاستىدىكى تەرجىمان ئوسمان (قىرغىز)نىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئەسكەرگە ئېلىنغان قىرغىزلار توپلاڭ كۆتۈرىدۇ. چىن دېشىڭنى خەنجەر بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى ئاممىنى باشلاپ، ماشياۋ ۋۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماي، قەشقەر كوناشەھەرگە كىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يەركەندە تۇرۇشلۇق سۇڭ ×× تۈەنجاڭمۇ ماشياۋ ۋۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماي تۇرۋالىدۇ. مۇشۇ مەزگىلىدە، ماشمىڭ، ماجەنساڭنى قوماندان قىلىپ ئاقسۇدىن تۆمۈر ئېلى، مارۇڭ قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ تۇمشۇققا ئېۋەتىدۇ. لى دېڭرۇڭ دۈشمەننى سەل چاغلاپ، بۇ ئالۋاستىلار بىر ھۇجۇمغا چىدىيالمايدۇ، دەپ ھىچقانداق تەييارلىق كۆرمەستىنلا تەۋەككۈل قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ماجەنساڭ قارشى تەرەپنىڭ جەڭ ساداسىنى ئاڭلغاندىن كېيىن، لەشكەرلىرىگە تارقىلىپ يۇشۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ، لى دېڭرۇڭنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى راسا يېقىنلىشىپ كەلگەندە يۇشۇرنۇپ ياتقان ئەسكەرلەر 3 تەرەپتىن تەڭلا ئېتىلىپ چىقىپ قاتتىق ھۇجۇم قىلىدۇ. ئاتلىق ئەسكەرلەر بەرداشلىق بېرەلمەي قاچىدۇ. لى دېڭرۇڭ تاپانچىسى بىلەن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۋالىدۇ. قالدۇق ئەسكەرلەر قېچىپ مارالۋېشىغا كېلىۋالىدۇ. سەنمۇ شى چۇخەن ياڭ چىڭمىڭغا قالدۇق ئەسكەرلىرىگە باشلامچلىق قىلىپ، مارالۋېشىدىن چوڭ يول بىلەن قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيسىگە بېرىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ؛ ئۆزى توپچى قىسىملارنى باشلاپ غەربى جەنۇپقا قاراپ مېڭىپ يەركەنگە بېرىپ، يەركەندە تۇرۇشلۇق سۇڭ تۈەنجاڭ بىلەن بىرلىكتە قەشقەرغە كېلىپ، قەشقەرنى مۇداپىئە قىلىشقا ھەمكارلاشماقچى بولىدۇ. ياڭ چىڭمىننىڭ ئەسكەرلىرى پەيزىۋاتقا 100 يول كېلىدىغان يېڭى ئاۋات دىگەن جايغا كەلگەندە، بۇ يەردە يۇشۇرنۇپ ياتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا دۈچ كېلىپ، ياڭ چىڭمىن ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. ماجەنساڭ ئورۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈشكە يول قويىمغانلىغى ئۈچۈن ئۇنىڭ جېنى ساقلىنىپ قالدى. بىزنىڭ توپچى قىسىملىرىمىز شى چۇخەن بىلەن بىرلىكتە مارالۋېشنىڭ غەربى جەنۇبىغا قاراپ يول ئالدى. ۋۇتەي ئەتراپى قۇمۇشلۇق، پاتقاق، سازلىق ئىكەن، يول باشلىغۇچى شۇ يەر بىلەن مېڭىپ ھارۋىلىرىمىز پېتىپ ئادەملىرىمىز ماڭالماي قالدى مۇشۇنداق پەيتتە ماجەنساڭنىڭ ئەسكەرلىرى يىتىشىپ كېلىپ قوراللىرىمىزنى تامامەن ئېلىۋالدى. بىزنى قايتىدىن مارالۋېشىغا ياندۇرۇپ كېلىپ باشقا ئەترەتلەرگە تەخسىم قىلىپ قوشۇۋەتتى.
بۇ چاغدا ماشىياۋ ۋۇ بىلەن ماجەنساڭلار بىرلىشىۋالدى. ئۇنىڭ شەرتلىرى: ①ماشىياۋۇنىڭ چېگرا مۇداپىئە سىلىڭى ۋە دوتەينىڭ نامىنى ساقلاپ قېلىش؛② يەركەندىكى سۇڭ تۈەنجاڭنىڭ پولكى ۋە چىن، لى فامىلىك يىڭجاڭلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي قۇرالسىزلاندۇرۇش؛ ③ خەنزۇ ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇيغۇرچە كىيىم كېيىشتىن ئىبارەت بولدى. يۇقۇرقى شەرتلەرگە ئاساسەن، سۇڭ تۈەنجاڭ بىلەن چىن، لى ئىككى يىڭجاڭ ئۆزىگە تەۋە ھەممە ئەسكەرلەرىنى ھەم ھەر قايسى جايلاردىن يەركەنگە قېچىپ بېرىۋالغان خەنزۇ ئەمەلدارلار بىلەن خەنزۇ سودىگەرلەر ۋە ئائىلە تەۋەلىرى بولۇپ جەمئى مىڭدىن ئارتۇق (بىر رىۋايەتتە 10 مىڭ) ئادەملەرنى باشلاپ 1933-يىلى ئەتىيازدا، يەركەندىن قەشقەرگە قاراپ يولغان چىقتى، ئۇلار يەركەنگە 200 يول كېلىدىغان ھىمىتنىڭ سېيىغا كەلگەندە، شۇ جايدىكى ئامما تەرەپتىن ھەممىسى چوماقتا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۇۋېتىلدى.
ماجەنساڭ ئۆزىنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرىنى ۋە بىزدىكى قېپقالغان قالدۇق ئەسكەلەرنى ھەمدە يېڭشەرگە يېتىپ كىردى. تۆمۈر ئېلى باشچىلىغىدىكى ئۇيغۇرلار قوشۇنى قەشقەر كونا شەرگە كىردى. ئوسمان باشچىلىغىدىكى قىرغىزلار قوشۇنىمۇ قەشقەر كونا شەھەرگە كىردى. شۇ يىلى يازدا قىرغىز ئەسكەرلىرى شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھەمدە بۇلاڭچىلىق باشلىدى. ماشىياۋ ۋۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرى، خەنزۇ ئەمەلدارلار، خەنزۇ سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى يېڭشەرگە قېچىپ بېرىۋالدى، قاچماي كونا شەھەردە قالغان خەنزۇلاردىن كۇچارنىڭ سابىق ئامبىلى يۇيلىياڭ، ئامباللىغىنى تاشلاپ چىققان يۇەن شۇتۇڭ ۋە ئۇلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەم شەھەر ئاھالىسى قىرىپ تاشلاندى. ماجەنساڭ شى يىڭجاڭ بىلەن مېنى شەھەرگە كىرىپ تەرتىپ ساقلاشقا ئىۋەتتى. بىز ئوسماننىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلدۇق. مىنىڭ ئوڭ پۇتۇمغا ئوق تەگدى، شىيىڭجاڭنىڭمۇ پۇتىغا ئوق تەگدى. بىز چېكىنىپ يېڭشەرگە بېرىۋالدۇق. شىيىڭجاڭنىڭ جاراھتى ساقايماي ئاخىرى ئۆلدى. مەن خېلى ئۇزۇن يېتىپ نۇرغۇن داۋالاش ئارقىلىق ئاخىرى ماڭالايدىغان بولدۇم. ئۇ چاغدا يۇي ۋىنبىڭ (يۈنۈس بەگ) كونا شەھەردە دوتەي بولدى. خۇيزۇلاردىن سۇجىنشۇ مۇئاۋىن دوتەي بولدى. (يۈنۈس بەگ بىلەن سۇجىنشۇنى تۆمۈر ئېلى تەيىنلىگەن بولۇپ «غەربى رايونلارنى باشقۇرۇش تارىخى)دا بۇلارنىڭ سۈرىتى بار) مۇئاۋىن دوتەي سۇجىنشۇ دايىم يېڭشەرگە كېلىپ دوكلات بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىپ تۇراتتى.
شۇ يىلى كۈز پەسلىدە، تۆمۈر ئېلى بىلەن ئوسمان قىرغىز ھوقۇق تالىشىپ، بىر-بىرىگە يول قويۇشمىدى. ئاخىرى بىر-بىرىگە قوراللىق ئوت ئېچىشتى. ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن تۆمۈر ئېلى ئۆزىنىڭ ۋەكىلىنى يېڭشەرنىڭ شىمالى دەرۋازىسىدىن مەخپى كىرگۈزۈپ، ماشىياۋ ۋۇ بىلەن ماجەنساڭنىڭ ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلدى؛ ئوسمانمۇ ئۆز ۋەكىلىنى خۇپىيانە شەرقى دەرۋازىدىن كىرگۈزۈپ ياردەم تەلەپ قىلدى. بىز ھەممىسىگە ماقۇل بولدۇق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۆمۈر ئېلى بىلەن ئوسمان شەھەر سىرتىدا بىر-بىرىگە ئوق چىقىرىشقا باشلىدى.ماجەنساڭ ئەسكەر تارتىپ شەھەر سىرتىغا چىقىپ ناھايىتى ئاستا ماڭدى، غەرىزى: كىمنىڭ غەلبە قىلىدىغان، كىمنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى كۈتۈپ تۇرۇش، ھەم ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ ھالىسزلانغاندىن كېيىن ئۈستۇنلىككە ئېرىشكەنلەرگە ھۇجۇم قىلشقا ھازىر تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇنداق بولغاندىلا ئاجىزلار مەغلۇپ بولىدۇ،غالىپلارمۇ مەغلۇپ بولىدۇ. شۇڭا بىز ئازىراق يول مېڭىپ بىر مەھەل دەم ئالاتتۇق،ئىلگىرلەشكە ئالدىرىمىدۇق. ئاخىرى ئوسمان بەرداشلىق بېرەلمەي ، بارا-بارا چېكىنىپ كونشەھەرنىڭ لەڭگەر ئەتراپىغا كەتتى. تۆمۈر ئېلى ماشنىغا ئولتۈرۈپ قوغلاپ كېلىپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى، بىز دەل شۇ چاغدا يېتىپ باردۇق. ئۇ، ماشىنىدىن چۈشۈپ بىزنىڭ كېچىكىپ كەلگەنلىكىمىزنى ئېيىپلاشقا باشلىۋىدى، بىز تەرەپ بىر پاي ئوق بىلەنلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويدۇق. ئوسمان قىرغىز دەرھال بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ مەغلۇبىيەتتىن غالىپلىققا ئۆتتى. خۇجانىياز ھاجى بىلەن مەخمۇت مۇھتىلەر ماجۇڭيىڭ بىلەن چىقىشالماي، ماجۇڭيىڭدىن ئايرىلىپ، تۇرپاندىن ئۆز ئەسكەرلىرىنى باشلاپ غەربكە قاراپ ماڭدى. تۆمۈر ئېلى ئۆلگەندىن كېيىن مەخمۇت مۇھىتى قەشقەر كونا شەھەرگە يېتىپ كېلىپ، ئوسمان بىلەن بىرلىشىپ يېڭشەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. ماجەنساڭ خۇيزۇ، خەنزۇ ئەسكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ، شەھەر سىرتىغا خەندەك كولاپ مۇداپىئەدە تۇردى.