UyghurQizi
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 موللا مۇسا سايرامى ۋە «تارىخىي ھەمىدى»

موللا مۇسا سايرامى ۋە «تارىخىي ھەمىدى»
ئەنۋەر بايتۇر
     موللا مۇسا سايرامى يەنى موللا مۇسا بىننى موللا ئەيسا خوجا سايرامى (1436-1517-يىلى) بولسا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخ ئالىمى ۋە شائىر. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بىر مۇنچە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان. تۆۋەندە ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي ئەمگىكى «تارىخىي ھەمىدى» ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز.
     19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، دىخانلار قوزغىلىڭىنىڭ كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇشى، يەرلىك فېئوداللارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يېغىسى ۋە بۇنىڭغا ئۇلىنىپ كەلگەن چەتئەل تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن، تەيانشاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەر مىللەت خەلقى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت زور ئىجتىمائىي داۋالغۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى.
     19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا يەتكەندە، بىرمۇنچە ئۇيغۇر ئالىملىرى بۇ زور ئىجتىمائىي داۋالغۇشلارنى ئەسلەپ نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە ئاشۇر ئاخۇن غېرىبى تەرىپىدىن يېزىلغان «ئەمىر ئالى»، مۇھەممەت سالىخ ياركەندى تەرىپىدىن يېزىلغان «غازات ئەل مۇسلىمىن»، ئۈمىدى تەرىپىدىن يېزىلغان «جەڭنامە»، «بەدەۋلەتنامە»، قاسىم بەك تەرىپىدىن يېزىلغان «غۇلجا ۋاقىئاتلىرى بايانى»، موللا بىلال بىننى موللا يۈسىف تەرىپىدىن يېزىلغان «غازات دەر مۈلكى چىن»، سېيىت مۇھەممەت تەرىپىدىن يېزىلغان «شەرھى شىكەستەنامە»، موللا شاكىر تەرىپىدىن يېزىلغان «زەفەرنامە»، مۇھەممەت ئەلەم تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخىي كاشىغەر»، ماخمۇت شېيىخ غېرىبى تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخنامە يەئىقۇپخان»، قۇربان سۇفى سەفەر باي تارىپىدىن يېزىلغان «تارىخىي بەدەۋلەت» («جامئوتتا ۋارىخ»)، بولۇپمۇ موللا مۇسا سيرامى تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخىي ئەمىنىيە» ۋە ئۇنىڭ تۈزىتىپ تولۇقلانغان نۇسخىسى «تارىخىي ھەمىدى» قاتارلىق ئەسەرلەر دەل ئەنە شۇ زور ئىجتىمائىي داۋالغۇش دەۋرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن مۇھىم مىراسلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    داۋامى بار.
   
  مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1984-يىللىق 3-سان.
bilqut
تۈنۈگۈن- تارىخ، ئەتە-كەلگۈسى، بۈگۈننى قەدىرلە.
Posted: 2008-03-16 22:46 | [ئاپتور]
UyghurQizi
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

      موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئۆز مەلۇماتلىرى ۋە بىزنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈشلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، موللد مۇسا سايرامى ھىجرى 1252-يىلى ماھى جەمادى ئەۋۋەلنىڭ 10-كۈنى (مىلادى 1836-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بىساي ناھىيىسىگە قاراشلىق سايرام رايونىنىڭ ئانا قىز يېزىسىدا (ھازىرقى باي ناھىيە توخسۇن گۇڭشې .اناقىز يېزىسىنىڭ توغايلا كەنتى)دا دۇنياغا كەلگەن. (ئېزىز داموللا: «نەسەبنامەئى موللا مۇسا»، قوليازما). موللا مۇسا سايرامىنىڭ دادىسى موللا ئەيسا خوجا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا بولسا ئەينى زاماندا باي ناھىيىسىگە تونۇلغان ئىلمىي ۋە دىنىي زات بولۇپ، گۆدەك موللىنىڭ ئىلىم ۋە دىنىي جەھەتتىكى تەربىيىسىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن ھەم ئۇنى يەتتە يېشىدىن باشلاپلا ئۆزى مۇدەررىسلىكىدىكى سايرام مەدرىسىدە ئوقۇتۇپ، باشلانغۇچ مەلۇماتقا ئىگە قىلغان ئىدى. ھىجرى 1263-يىلى ماھى شەۋۋالدا (مىلادى 1847-يىلى 9-ئايدا) موللا مۇسانى ئەينى زاماندا جەنۇبىي تىيانشان بويىچە داڭلىق بولغان كۇچاردىكى ساقساق مەدرىسىگە ئەۋەتكەن. بۇ شۇ زاماندىكى ئۇيغۇر ئالىمى موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت مۇدەررىسلىكىدىكى مۇھىم ئوقۇتۇش ئورنى ئىدى. موللا مۇسا بۇ مەدرىستە ئاساسەن قۇرئان، ھەدىس، تارىخ، ئەدەبىيات، سالنامە (تەقۋىم)، ئىلمىي نۇجۇم (ئاستىرنومىيە)، ناپاتات (ئاگروبىئولوگىيە)، جۇغراپىيە، ئەرەپ ۋە پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىپ، تېزلا پۈتۈن كۇچار رايونى بويىچە شۆھرەت قازانغان ئىدى. ھىجرى 1270-يىلى (مىلادى 1854-يىلى)، موللا مۇسا ساقساق مەدرىسىنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن تۈگىتىپ، ئۆز ئانا مىكتىۋى سايرام مەدرىسىگە كېلىپ مۇاەررىسلىك قىلغان ۋە ھەدىس، ئەدەبىيات قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن ئىدى.
      ھىجرى 1281-يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ 1-كۈنى (مىلادى 1864-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى) كۇچار رايونىدا ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇ دىخانلىرى بىلەن قول ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ ھىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك فېئوداللارنىڭ زۇلىمىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلاۋىي قوزغىلىڭى پارتلاپ، راشىدىن خوجىنى خان قىلىپ سايلايدۇ. موللا مۇسا سايرامنىڭ ئۇستازى موللا ئوسمان ئاخۇن خەلپەت كۇچار قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرىغا باش قازى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇنلار پۈتۈن كۇچار تەۋەسىنى ئىەىلەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا زور ھەيۋەت بىلەن ئاقسۇ ۋە قەشقەر رايونىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ يۇرتى سايرامغا يېقىن قىزىل دېەەن جايغا كەلگەندە، تېخى ئەمدىلا 28 ياشقا توشقان ياش مۇدەررىس موللا مۇسا سايرامى بۇ قوزغىلاڭنى ناھايىتى قىزغىن قوللاش بىلەن تەڭ، ئۆزىنىڭ بارلىق تالىپلىرىنى ۋە سايرامدىكى بىر قانچە يۈز ياش يىگىتنى باشلاپ قىزىلغا كېلىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇننى يەرلىك ئەمگەكچىلەر بىلەن بىللە قارشى ئالىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەركىۋىگە قوشۇلىدۇ ھەم قىزىل، سايرام، باي ۋە ياقېرىق قاتارلىق جايلاردىكى فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ھەم مانجۇ، خەنزۇ ئەمەلدارلىرىنى باستۇرۇش كۆرەشلىرىگە پائال قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ چاغدا بۇ جايلاردىن يەتتە مىڭدىن ئارتۇق دىخان ۋە قول ھۈنەرۋەن ئۆز ئىختىيارى بىلەن غەرپكە يۈرۈش قىلغان قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلغان ئىكەن (سايرامى «تارىخىي ھەمىدى»، ئاپتورنىڭ قوليازمىسى). غەرپە يۈرۈش قىلغان قوزغىلاڭچىلار بىر قېتىملىق ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ئاقىۋەت قارا يۇلغۇن، جام-ئاقسۇ ۋە ئۈچتۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا موللا مۇسا سايرامى غەرپكە يۈرۈش قىلغان قوشۇنلارنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى قوماندانلىرىدىن بىرى بولغان ماخمۇدىن خوجىنىڭ مۆھۈرچىسى ۋە ئومۇمىي ئىشلار باشلىغى (ئەمەلىيەتتە ئىشىك ئاغا)لىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. بۇ جەرياندا موللا مۇسا سايرامى ئۆزىگە بېرىلگەن بۇ ۋەزىپىنى ناھايىتى قىزغىنلىق ۋە مەسئۇلىيەتلىك بىلەن ئادا قىلىپلا قالماي، بەلكى تېز ئارىدا پۈتۈن ئۈچتۇرپان تەۋەسىدە شۆھرەت قازىنىدۇ. مىلادى 1865-يىلى مۇھەممەت ياقۇپ بەە (بەدەۋلەت) جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ھەدەپ كېڭەيتىۋاتقان بىر مەزگىلدە، سابىق ئۈچتۇرپان ھاكىم بېگى توختى بەگ قاتارلىقلار توپىلاڭ قوزغاپ، تىغ ئۇچىنى قوزغىلاڭچىلارغا قارىتىپ، ياقۇپ بەگ تاجاۋۇزىغا ماسلاشقاندا، موللا مۇسا سايرامى قوزغىلاڭچىلارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە توپىلاڭچىلارنىڭ ئۇگىسىغا كىرىپ، ئۆز ئابرويىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى پارچىلاپ، توپىلاڭنىڭ بېسىقتۇرۇلۇشى ئۈچۈن چوڭ ھەسسە قوشىدۇ ۋە ئۈچتۇرپاندىكى دىخانلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدۇ
.
1som
تۈنۈگۈن- تارىخ، ئەتە-كەلگۈسى، بۈگۈننى قەدىرلە.
Posted: 2008-03-17 21:53 | 1 -قەۋەت
UyghurQizi
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

     لېكىن ھىجرى 1284-يىلى ماھى مۇھەررەمدە (مىلادى 1867-يىلى 5-ئايدا) ياقۇپ بەگ تاجاۋۇزچىلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئاقسۇغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلايدۇ. بۇ چاغدا كۇچار قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى سەركەردىلىرى ياقۇپ بەگكە ئۇرۇشمايلا تەسلىم بولىدۇ. موللا مۇسا سايرامى ئەنە غۇلار بىلەن بىللە ئاقسۇغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ياقۇپ بەگ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق باش زاكاتچىسى مىرزا بابابەگ ھىسارى موللا مۇسا سايرامىنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس مىرزىسى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئۇ ئون يىلغىچە بۇ ۋەزىپىنى ئىشلەيدۇ. مىلادى 1877-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى ئاقسۇنى قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، موللا مۇسا سايرامى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلىپ، نۇرغۇن تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاپ، ئاخىرى يەنە ئاقسۇدا ئولتۇراقلىشىپ، يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇل. ھىجرى 1335-يىلى ماھى جەمادى ئەۋۋەلدە (مىلادى 1917-يىلى 3-ئايدا) موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدا قېرىلىقنىڭ ئۈستىگە ئېغىر كېسەلگە دۇچار بولۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازىدۇ. شۇڭلاشقا موللا مۇسا سايرامىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى ئىسلام ئاخۇننىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇن خەلپەت ئۇنى ئاقسۇدىن سايرام رايونىغا (ھازىرقى توقسۇن گۇڭشىسىغا) ئېلىپ قايتىدۇ. ھىجرى 1335-يىلى ماھى جەمادى ئاخىردا (مىلادى 1957-يىلى 4-ئايدا) موللا مۇسا سايرامى ئۆز يۇرتى ئاناقىز يېزىسىنىڭ توغايلا كەنتىدە ۋاپات بولىدۇ. شۇ يىلى ماھى شەۋۋالدا (مىلادى 6-ئايدا)، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئەينى زاماندىكى قەشقەرلىك مەشھۇر نەققاش ۋە تامچى يۈسۈپ ئۇستا دېگەن كىشىنى تەكلىپ قىلىپ، ھازىرقى ئاناقىز ئۆستىڭىنىڭ بويىدا موللا مۇسا سايرامىنىڭ گۈمبىزىنى ياسايدۇ ۋە يۈز كىشىلىك بىر مەسچىت بىنا پەيدا قىلىدۇ. بۇ گۈمبەز ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دەۋرىدە تامامەن بۇزۇلىدۇ. (ئەنۋەر بايتۇر قاتارلىقلارنىڭ «موللا مۇسا سايرامىنى تەكشۈرۈش دوكلادى»، 1983-يىلى).
      موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ ئاقسۇدا ئۆتكەن 40 يىللىق ئۆمرىدە، بىر مۇنچە تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ،ەشھۇر بولغان ئەسەرلەر «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا»، «(تەزكىرەتۇل ئەۋلىيافى مۇفتا ھۇل ئىمان» (ھىجرى 1302-يىلى يەنى مىلادى 1885-يىلى يېزىلغان)، «دەربۇيان ئەسھابۇل كەھەب» (ھىجرى 1316-يىلى يەنى مىلادى 1898-يىلى يېزىلغان)، «تارىخىي ئەمىنىيە» (ھىجرى 1321-يىلى ماھى رەجەپنىڭ 11-لۈنى يەنى مىلادى 1903-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى يېزىلغان)، «دىۋان مەسنەۋى»، «غەزەليار سايرامى» (ھىجرى 1325-يىلى يەنى مىلادى 1907-يىلى يېزىلغان)، «تارىخى ھەمىدى» (ھىجرى 1326-يىلى ماھى شەۋۋالنىڭ 26-كۈنى يەنى مەلادى 1908-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى يېزىلغان)، «سالامنامە» (ھىجرى 1334-يىلى ماھى زۇلقەئدە يەنى مىلادى 1916-يىلى 9-ئايدا يېزىلغان) قاتارلىق ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ يەنە پارس تىلىدا يازغان بىر مۇنچە شېئىرلىرى ساقلانماقتا. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇ يەنە «تەزكىرەئى خوجا ئافاق»، «فەرھاد ۋە شېرىن» ناملىق تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ يازغانلىقى مەلۇم (نىم شېھىت ئارمىيە: «موللا مۇسا سايرامى ھەققىدە»). ئەپسۇسكى ئۇنىڭ «تارىخىي ئەمىنىيە» ناملىق يىرىك تارىخىي ئەسىرى مىلادى 1904-يىلى روسىيىنىڭ قازان شەھرىدە نەشر قىلىنغاندىن باشقا، قالغان ئەسەرلىرى تا ھازىرغىچە ئاپتورنىڭ ئۆز قوليازمىسى ياكى باشقىلارنىڭ كۆچۈرمىسى ھالىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە. «تەزكىرەئى خوجا ئافاق» ۋە «فەرھاد ۋە شېرىن» ناملىق ئەسەرلىرى تېخىچە قولىمىزغا چۈشمىدى.
تۈنۈگۈن- تارىخ، ئەتە-كەلگۈسى، بۈگۈننى قەدىرلە.
Posted: 2008-03-18 21:50 | 2 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.048551(s) query 4, Time now is:03-21 04:39, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation