niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 تۇرپاندىكى سەيدىخان خوجام مازىرى ھەققىدە

تۇرپاندىكى سەيدىخان خوجام مازىرى ھەققىدە

قاسىم خوجا

(شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن)

تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن5~6 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىي تەرىپىدە يەنى يار يېزىسىغا قاراشلىق سەيدىخان كەنتى تەۋەسىدە «سەيدىخان خوجام» دەپ ئاتالغان بىر قەدىمىي مازار بار. ئۇ شەھەر دەرىجىلىك مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى بۇ مازارنىڭ يېنىدىن ئاساسىي قاتناش يولى ئۆتىدىغان بولغاچقا، بۇ مازارغا تەرەپ-تەرەپتىن ھاجەتمەنلەر كېلىپ تاۋاپ-ئىبادەت قىلىشاتتى.
2005-يىلى 12-ئايدا مەن سەيدىخان خوجام مازىرىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ، بۇ مازار ھەققىدىكى چۈشەنچەمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. ئەسلىدىن سەيدىخان كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە سەيدىخان مازىرى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى خېلى كۆپ بولغان 75 ياشلىق ئىبراھىم ھاجى (ھازىر ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى خەلقئارا چوڭ بازار مەسچىتىنىڭ مەزىنى) نىڭ ماڭا تونۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ مازارنىڭ كۆپ ئەھۋالىنى بىلدىم.
ئىبراھىم ھاجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇرۇنقى چاغلاردا تاۋاپ-ئىبادەت، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن سەيدىخان خوجام مازىرىغا جاي-جايلاردىن كىشىلەر دائىم كېلىپ تۇرارئىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مازارغا ئاشلىق، گۆش-ياغ قاتارلىق ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى، بەزىلىرى ئوتۇن-كۆمۈر قاتارلىق يېقىلغۇلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئەرۋاھلارغا ئاتاپ داش قاينىتىپ، نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈپ تۇرارئىكەن. كېسىلىگە شىپالىق تىلەپ كەلگەن بەزى بىمارلار بۇ مازاردىكى بۇلاق سۈيى بىلەن داۋالىنىدىكەن. بەزى كىشىلەر بۇ مازاردا ھەپتىلەپ تۇرۇپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىكەن. بەزىدە موللا-ئۆلىمالار، سوپى-ئىشانلار كېلىپ، دىنىي تەلىمات ۋە دىنىي تەرغىبات پائالىيەتلىرىنى قىلار ئىكەن.
سەيدىخان خوجام مازىرىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇنداق: مازار قورۇسىنىڭ سىرتىدا ئوڭ تەرەپتە چوڭ بىر سۇپا ۋە سۇپىغا يانداش سېلىنغان شەيخنىڭ ئۆيى بار، سول تەرەپتىمۇ بىر ئېغىز ئۆي بار. ئىككى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تار يول بىلەن ئالتە-يەتتە مېتىر ئىچكىرىلەپ مېڭىپ، يەتتە-سەككىز باسقۇچلۇق بىر پەلەمپەيدىن چىقساق، ئون نەچچە كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كىچىك بىر دالانغا چىقىمىز. دالاننىڭ ئوڭ تەرىپىدە بىر ئېغىز ئىستىقامەت ئۆيى بولۇپ، ئۆي ئىچى پاكىز تازىلانغان، كىگىز-پالاس، گىلەم، كۆرپە قاتارلىق سېلىنچىلار سېلىنغان. بۇ ئۆيدە ناماز ئۆتەش، دۇئا-تەگبىر ئوقۇش قاتارلىق ئىستىقامەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. سول تەرەپتە ئاساسىي مازار ئۆيى بولۇپ، ئىشىكتىن كىرسەك، گىلەم-پالاز سېلىنغان بىر تار كارىدور بار، كارىدورنىڭ ئوڭ-سول تەرىپىدە بىر ئېغىزدىن سۇپىلىق ئۆي بار، ھەر بىر ئۆيدە بىردىن قەبرە تۇلۇقى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدۇ، قەبرىلەر قىزغۇچ يوپۇق بىلەن يېپىلغان، قەبرە سۇپىسىغىمۇ گىلەم-پالازلار سېلىنغان. ئىبراھىم ھاجىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوڭ تەرەپ ئۆيدىكىسى سەيدىخان خوجامنىڭ، سول تەرەپ ئۆيدىكىسى ئۇنىڭ ئىنىسى ياكى باشقا بىر زاتنىڭ قەبرىسى ئىكەن. بۇ ئىككى ئېغىز قەبرە ئۆيى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۈستى ئىنچىكە لىم-چەڭزىلەر بىلەن يېپىلغان، تورۇسى باش تاقاشقىدەكلا پەس. ئىبراھىم ھاجىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇرۇن سەيدىخان خوجام مازىرى خېلى كۆركەم قوش گۈمبەزلىك مەقبەرە ئىكەن، يىللار، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گۈمبەزلەر كونىراپ ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ. كېيىنچە جامائەتچىلىك ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش تارماقلىرى ۋاقتىنچە ئوڭشاپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرۈپتۇ.
سەيدىخان خوجام مازىرى جايلاشقان ئورۇننىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئاياغ تەرەپتىكى مەھەللىگە قارىغاندا سەل ئېگىز بولۇپ، مازار قورۇسىنىڭ تۆۋەنكى يېنىدا كىچىككىنە بىر بۇلاق بار، ھازىر ئۇنىڭ سۈيى ئاقمايدىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى تېرە كېسىلى، كۆز كېسىلىگە شىپا بولىدىكەن. مازارنىڭ تۆۋەن تەرىپى بۈك-باراقسان ئورمانلىق بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى ئويماندا بۇرۇن بىر چوڭ بۇلاق بولغانىكەن، بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى بۇلدۇقلاپ بىرنەچچە گەز ئېتىلىپ چىقىپ تۇرار ئىكەن، بىراق ھازىر بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى قۇرۇپ كېتىپتۇ.
ئىبراھىم ھاجىنىڭ ئېيتىشىچە، سەيدىخان مازىرىنىڭ ئەزەلدىن شەيخلىرى بولغانىكەن. كىشىلەرگە مەلۇم بولغان بىر نەچچە ئەۋلاد شەيخلىرىدىن نەمەت شەيخ، ئەخمەتلەر بار، ھازىرقى مۇھەممەت شەيخ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەن.
سەيدىخان خوجام مازىرىنىڭ تەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك قىزىق بىر ئىش شۇكى، يىللار ۋە ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سەيدىخان دېگەن بۇ نام مازارنىڭ نامى بولۇش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، يەنە تەدرىجىي بۇ تەۋەدىكى باشقا بىرمۇنچە جاينىڭ نامىغىمۇ كېڭەيگەن. مەسىلەن: مازار ئورۇنلاشقان مەھەللە «سەيدىخان كەنتى»، مازارنىڭ غەرب تەرىپىدىكى كىچىك داۋان «سەيدىخان داۋىنى»، بۇ كەنتنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كونا ئايرودروم «سەيدىخان ئايرودرومى»، شىمالىي تەرىپىدىكى بۇرۇنقى كارىز «سەيدىخان كارىزى» دەپ ئاتالغان. يېقىنقى ئون-يىگىرمە يىلدىن بۇيان بۇ كەنتنىڭ شىمالىدىكى تاغ باغرىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن چوڭ قەبرىستانلىقنىڭ نامىمۇ «سەيدىخان قەبرىستانلىقى» دەپ ئاتالماقتا.
سەيدىخان خوجام مازىرىنىڭ بەرپا بولۇش تارىخىغا كەلسەك، بۇ جەھەتتە مۇنداق ئىككى خىل رىۋايەتتىن خەۋەردارمىز.
بىرىنچى رىۋايەت: بۇرۇنقى زاماندا بۇ تەۋەدە سەيدىخان ئاتلىق ئەۋلىيا سۈپەت بىر بۈۋى ئايال ئۆتكەنىكەن. ئۇ دېمىدە قىلىش، يادا ئوقۇش ماھارىتى بىلەن تۈرلۈك-تۈمەن كېسەللەرنى ساقايتار ئىكەن، شۇڭا ئۇ بۇ يۇرتتا يۇقىرى ئابروي-ئىناۋەت قازىنىپتۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سەيدىخان بۈۋى قېرىپ قازا قىلىپتۇ. يۇرت ئەھلى ئۇنى قەدىرلەپ مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىپ ئۈستىگە ھەيۋەتلىك گۈمبەز تىكلەپ، ئۇنى سەيدىخان خوجام مازىرى دەپ ئاتىغانىكەن.
ئىككىنچى رىۋايەت: بۇرۇنقى زاماندا بۇ يەر ئوت-گىياھ ئۈنمەيدىغان، ئادەمزات ياشىمايدىغان قاقاس چۆللۈك ئىكەن. كېيىنچە سېيىت ئىسىملىك بىر دېھقان ھېسابسىز جاپا-مۇشەققەتلەرنى چېكىپ، بۇ يەردە كارىز-بۇلاق قېزىپ سۇ چىقىرىپ، بوز يەر ئېچىپ تۈرلۈك زىرائەتلەرنى تېرىپ مول ھوسۇل ئېلىپتۇ. دەل-دەرەخ ئۆستۈرۈپ، بۇ يەرنى گۈزەل باغۇبوستانلىققا ئايلاندۇرۇپتۇ، باشقا جايدىن كىشىلەرنى كۆچۈرۈپ كېلىپ بۇ يەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇپتۇ. سېيىت دېھقان ياراتقان مۇنداق زور مۆجىزىدىن تەسىرلەنگەن خەلق ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپتۇ ۋە قەدىرلەپتۇ. سېيىت دېھقان قېرىپ قازا قىلغاندا ئەل-جامائەت ئۇنىڭ جەسىتىنى مۇشۇ جايغا دەپنە قىلىپ، قەبرىسىگە گۈمبەز تىكلەپ، «سېيىت دېھقان خوجام مازىرى» دەپ ئاتاپتۇ. (دوكتۇر راھىلە داۋۇت: «ئۇيغۇر مازارلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىلى نەشرى).
ئىككىنچى رىۋايەتتە، قەبرىدىكى سەيدىخان ئاتلىق بۈۋى ئايالنىڭ جەسىتى بولماستىن سېيىت دېھقان ئاتلىق دېھقان ئەرنىڭ جەسىتى دەپ جەزملەشتۈرۈلگەن. ئىككىنچى رىۋايەتنىڭ يەكۈنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەزى ماتېرىياللاردا، جۈملىدىن «تۇرپان شەھىرىنىڭ يەر ناملىرى تەزكىرىسى»دە شۇ بويىچە ئېلىنىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، مازارنىڭ دەرۋازا چېكىسىگە «سېيىت دېھقان مازىرى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىپ قويۇلغان.
كۆپچىلىككە مەلۇم، تۇرپاندىكى مازارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دىنىي تۈسكە ئىگە، لېكىن سېيىت دېھقان دېگەن نام دىنىي تۈسكە ئىگە ئەمەس. شۇڭا سەيدىخان مازىرىنىڭ نامىنى سېيىت دېھقان مازىرى دەپ ئاتاش پاكىت ۋە مەنتىقە جەھەتتىن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. سەيدىخان خوجام مازىرى دىنىي خاراكتېرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى. لېكىن بۇ مازاردىكى جەسەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-شەرىپى، جىنسى، دىنىي سالاھىيىتى، دەپىنە قىلىنغان ۋاقتى قاتارلىقلار دېگەندەك ئېنىق ئەمەس. مازارنىڭ تەزكىرىسى بولمىغاچقا، ھەركىم ھەرخىل شەرھىيلىمەكتە، بۇ مۈجمەللىكلەرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، تۇرپاننىڭ سەيدىخان خوجام مازىرىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى بىلەن ئاز-تولا تونۇشۇپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
مېنىڭچە، سەيدىخان خوجام مازىرى سەئىدىيە خانلىقىدىن بۇيانقى تۇرپاننىڭ سىياسىي، دىنىي تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1514~1680-يىلىغىچە 166 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقى تۇرپان رايونىغا سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتىن كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن، تۇرپان رايونىنى باشتىن-ئاخىر سەئىدخاننىڭ ئۇرۇغ-جەمەتى ئىدارە قىلغان. تۇرپان ھۆكۈمدارلىرىدىن مەنسۇرخان، شاھسۇلتان، ئابدۇرېھىم سۇلتان، ئابدۇللاخان قاتارلىقلار سەئىدخاننىڭ قېرىنداش تۇغقانلىرىدۇر. سەئىدخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزغانلىقتىن، يۇقىرىسى ئەمەلدارلار ۋە ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى يېزا-شەھەرلەردىكى ئاددىي پۇقرالارغىچە ھەممە ئادەمنىڭ ئالقىش-ھېمايىسىگە ئېرىشكەن، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يۈكسەك نوپۇز ۋە شان-شەرەپ قازانغان. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تۇرپان رايونىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدىمۇ سەئىدخانغا ۋە سەئىدىيە خانلىقىغا ئومۇميۈزلۈك چوقۇنۇش كەيپىياتى ئەۋجىگە چىققان. شۇڭا مۇشۇنداق ئاممىۋى كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە سەئىدخاننىڭ شۆھرىتىنى ئۇلۇغلاش ۋە مۇقەددەسلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تۇرپاندىكى بۇ مازار «سەئىدخان خوجام» دەپ ئاتالغان، كېيىنچە بۇ نام جانلىق تىلدا ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ، «سەيدىخان خوجام» دەپ ئۆزلەشكەن بولۇشى مۇمكىن.
يەنە بىر خىل قاراش: سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق خوجىلار بۇرمىلانغان سوپىزم تەرىقىتىنى پۇقرالار ئارىسىغىلا تارقىتىپ قالماستىن يەنە خانلىقتىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلەرگە جۈملىدىن خان ۋە خان جەمەتىگىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى تىزگىنلىۋالغان. ئاپاق خوجا ئۆزىنى «سەييىد»، «خوجا» ناملىرى بىلەن ئاتاپ، «پەيغەمبەر ئەۋلادى» دەۋالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى ئادەتتە «سەييىد»، «خوجا» ناملىرى بىلەن ئاتىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى ئەۋلادلار ئاساسەن ئىماملار سىستېمىسى بىلەن سەيىدلەر سىستېمىسىدىن تەركىب تاپقان. «خوجا» دېگەن نام مەخسۇس ھەزرىتى ئەلى بىلەن پاتىمەنىڭ ئەۋلادى بولغان سەيىدلەردىن كۆپەيگەن نەۋرىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
مۇھەممەد سالىھ ھاجى داموللا مۇنداق يازغان: «مازار-خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ نوپۇزىنى تىكلەشتە، كىشىلەرنى خوجىلارغا بېقىندۇرۇشتا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ». (مۇھەممەد سالىھ: «ئاپاق خوجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1985-يىللىق 3-سان).
«جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىسلام تارىخى» (1-قىسىم، 3-بۆلۈم) دە: «سەيىد ئاپاق خوجا چوڭ ئوغلى خان خوجا بىلەن قۇمۇل، تۇرپانلارغا بېرىپ، خۇپىيە مەزھىپىنى تارقاتتى. ئاپاق خوجا تۇرپاندا بىر نەچچە يىل تۇرۇپ مازارغا تاۋاپ قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ تەرغىباتچىسى بولدى.» دەپ خاتىرىلەنگەن.
دوكتۇر راھىلە داۋۇتنىڭ «ئۇيغۇر مازارلىرى» دېگەن كىتابىدا «سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ھىدايىتۇللا (ئاپاق خوجا) ئىسمائىلخان قاتارلىقلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئورنىدىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولۇپ، تۇيۇقتىكى ئەسھابۇلكەھىبنى تاۋاپ قىلىش باھانىسى بىلەن تۇرپانغا كەلگەن. ئۇ ئۆزىگە مۇرد توپلاش ئۈچۈن، مازارلارغا بارغان ۋە يول ئۈستىدە ھازىرقى سەيدىخان خوجام مازىرىنىڭ ئورنىدا بىرنەچچە كۈن تۇرغان. كىشىلەر ھىدايىتۇللانى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر گۈمبەز ياساپ، گۈمبەز ئىچىگە قەبرىگە ئوخشىتىپ بىر تۇلۇق باغلىغان. گۈمبەزنىڭ ئىشىك بېشىغا ‹قەدەم جاي ھىديىتۇللا› (ھىدايىتۇللا قەدەم باسقان جاي) دەپ يېزىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، سەيدىخان خوجام مازىرى تېخىمۇ ئۇلۇغلىنىپ، كىشىلەر تاۋاپ قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.» دەپ يېزىلغان. شۇ كىتابتا يېزىلىشىچە، تۇيۇق خوجام تەۋەسىدە ئاپاق خوجا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان جايغا بىر گۈمبەز سېلىنغان، بۇ گۈمبەز غارنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى ئويمانلىقتا بولۇپ، ھازىرمۇ ساقلانماقتا ئىكەن.
ئاپاق خوجا 1670~1680-يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئايرىلىپ باشقا جايلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا تۇرپان رايونىغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ تارىخىي ئۇچۇرلارنىڭ چىنلىقى يەنىمۇ ئېنىقلانسا، ئۆزىنى «سەيىد»، «خوجا» دەپ ئاتىۋالغان ئاپاق خوجا بىلەن سەيدىخان خوجام مازىرىنىڭ دىنىي باغلىنىشى ئايدىڭلىشىدۇ. ئېھتىمال «سەيدىخان خوجام» دېگەن نام ئاپاق خوجا سالاھىيىتىنىڭ مۇجەسسىمى بولۇشى مۇمكىن. ئاپاق خوجىنىڭ «سەيىد»، «خوجا» دېگەن دىنىي سۈپەتلىرىدىن باشقا يەنە «ھەزرەت»، «پادىشاھ»، «خان» دېگەن مەنسەپ-مەرتىۋىلىرىمۇ بولغان. دېمەك بۇلارنى جەملىگەندە «سەيدىخان خوجام» دېگەن نام كېلىپ چىقىدۇ.
«سەييىد»، «سەئىد» دېگەن ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسىمۇ، مەنىسىمۇ بىر بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. «سەييىد» دېگەن سۆز مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، «سەئىد» دېگەن سۆز بەخت دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئادەم ئىسمى قىلىپ قوللىنىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا «سەييىد» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان يەر-جاي ناملىرى خېلى كۆپ. مەسىلەن: كونا شەھەر ناھىيىسىدە سەيىد مەھەللىسى دېگەن بىر جاي بار.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، سەيدىخان خوجام مازىرىنىڭ بەرپا بولغان ۋاقتى توغرىسىدىكى بىرىنچى پەرەز 1514~1680-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلى (جۈملىدىن ئاپاق خوجىنىڭ 1670~1680-يىلىغىچە خانلىقتىن قوغلىنىپ، باشقا جايلاردا سوپىزم ۋە مازارپەرەسلىكنى تەرغىب قىلغان مەزگىلى) گە توغرا كېلىشى مۇمكىن. ئىككىنچى پەرەز 1680~1755-يىلىغىچە ئاپاق خوجىنىڭ جۇڭغارلارغا تايىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا خان بولغان مەزگىلىگە توغرا كېلىشى مۇمكىن. سەيدىخان خوجام مازىرىنىڭ بەرپا بولغان كونكرېت ۋاقتى ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئەھۋاللار توغرىسىدا يەنىمۇ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
bilqut
Posted: 2008-03-16 23:00 | [ئاپتور]
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

تۇرپان رايونىنى سەئىدخاننىڭ ئۇرۇق-جەمەتى باشقۇرغان دېگەن بۇ گەپ بەك يۈزە ئېيتىلىپ قاپتۇ، لۈكچۈن خانى مەنسۇرخان بىلەن سەئىدخان گەرچە ئاكا-ئۇكا بولسىمۇ، بىراق ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا چەك-چېگرىنى قاتتىق ئايرىغان. سەئىدخاننىڭ تۇرپان رايونىغا تەسىر كۆرسەتكىدەك بولماي تۇرۇپلا ئۆلگەنلىكى ئېنىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەئىدخان ھاكىمىيەت تالىشىپ مەنسۇرخاننىڭ چىشىغا قاتتىق تەككەن بولغاچقا، ئۇنىڭ تەسىرى بولسىمۇ مەنسۇرخان پاك-پاكىز تازىلىۋېتىشى چوقۇم.
شۇڭا بۇ مازارنىڭ سەئىدخان بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. بۇ ماقالىدىمۇ ئاخىرىدا بۇ قىياسنى ئىنكار قىپتۇ.
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-17 00:29 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يادىكارلىقلىرىمىز

Total 0.095728(s) query 4, Time now is:03-21 08:57, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation