pidakar194
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 9
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 ئالىملىرىمىزغا تىل تەكۈزمەيلى!

80-90-يىللاردا چىققىدىغان گېزىت-جۇرناللاردا كۆزىگە سىغمايدىغان ياكى يۇقىرى تۆۋەنلىك تالىشىش يۈزىسىدىن ئۆزئارا ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرۇپ،ئاتالمىش <<ئۇبزۇرچى ماقالە>>نامىدا مەلۇم بىر يازغۇچى-شائىر ،تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگگىكىنى بىر تىپىك بىلەن ئىنكار قىلىپ ،ئىلھام-مەدەتنىڭ ئۇرنىغا ئاساسسىز تىل-ھاقارەت قىلىدىغان ۋە شۇ سەۋەپلىك ئۇزۇندىن-ئۇزۇن مۇشۇ بىر تېما ئاستىدا ئاق تاغلىق كۆك تاغلىق ئىككى گۇرۇھ بۇلۇپ،ئايىغى چىقماس ئۇرۇنسىز دەتالاشلارنى تۇلا ئۇچراتقىلى بۇلاتتى.
ھالا بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ بۇخىل ناچار ئىللەتلەرنىڭ ئىزنالىرى،ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش سەھنىسى بۇلمىش مۇنبەرلىرىمىزدىمۇ ئاندا -ساندا ئۇچراپ تۇرماقتا.ئاۋام ئارىسىدىغۇ مەلۇم بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرۇمىز نىڭ ياخشى تەرىپىدىن بۇرۇن ئۇنىڭ شەخسىي ئىشى سانالمىش ئائىلە ئىشلىرى شاڭخۇ قىلىنىپ،خەلقى ئالەمگە پۇر كېتىدۇ.ئاۋامنىغۇ ساپاسى تۆۋەن دەپ ئۇلارنىڭ ئۇرۇنسىز بىلجىرلاشلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتسەك،مىللىتىمىزنىڭ سەردارلىرى سانالمىش زىيالىيلىرىمىزنىڭمۇ ئۇت ئۈستىگە سۇ سېپىدىغان، كىچىك ئىشنى ياراتمايدىغان،چۇڭىنى قىللالمايدىغان،ئۆزى قىللالماي،خەق قىلغاننى ياراتمايدىغان قىلمىشلىرى كىشىنى تۇلۇمۇ ئەپسۇسلاندۇرۇدۇ.
بۇ تېمىنى يېزىشقا تۆۋەندىكى يازما سەۋەپچى بۇلدى.مەن تۇردىكى ماتىرياللاردىن تەرجىمە قىلىپ،قۇراشتۇرۇپ،<<يۇرتۇمىزنىڭ  پەخىرلىك ئالىمى -لىتىپ توختى>> ناملىق يازمامنى ئەۋال تۇقسۇن مائارىپ مۇنبىرى،شەبنەم مۇنبىرى،ئاندىن ئۇرخۇن تارىخ مۇنبىرىگە يۇللىغان ئىدىم.ئالدىنىقى ئىككى مۇنبەردىن خېلى ياخشى ئىنكاس-باھالارنى ئاڭلىغان ئىدىم. بېراق ئاخشام ئۇرخۇن تارىخ مۇنبىرىدىكى بىر مۇنبەرداشنىڭ تۆۋەندىكى يازمىسى مېنى بەك ئەپسۇسلاندۇردى.ئەمدى ئۇنىڭ يازمىسىغا قاراپ باقايلى:
Quote:
1 - قەۋەتتىكى asma 2008-03-03 12:16 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
مەن پەقەتلا پەخىرلەنمىدىم ، بىز ئۇنىڭ جىيجىڭدىكى خىزمىتىدىن ، ئىشلىرىدىنلا پەخىرلىنەمدۇق
بىز گە قىسقىسى يۇرتىمىزغا قانداق پايدىسى يەتتى ؟  
  مەن ئويلايمەن ھەرقانچە بىلىملىك بولسۇن يۇرتىغا ، مىللىتىگە پايدىسى يەتمىسە نىمە پايدىسى
بىز ئۇنۇڭدىن پەخىرلەنگە بىلەن ئۇ باشقىلار ئۇچۇن ئىشلپتۇ باشقىلارغا پايدىسى يىتىپتۇ ، ئەمدى بىزگە پايدىسىيىتەر دىگەندە يېشى 70 تىن ئېشىپ كۇسا ساقاللىرىغا تۇكۇرۇپ ئولۇمنى كۇتۇپ ياتىدۇ ھەقىچان ،
بىز زادى كىمدىن پەخىرلىنىمىز ؟ ئۇ باشقىلارغا مەنپەت بىرۋاتسا بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىغىدىنلا پەخىرلىنەمدۇق ؟
.......


بۇ يازمىنى يازغۇچىنىڭ قانداق ئىدىيە ،قانچىلىك سەۋىيەدىكى كىشى ئىكەنلىكى يازمىسىدىنلا مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرۇدۇ.مەزكۇر يازمىدا <<بېيجىڭدىكى>> دىگەن سۆز <<جىيجىڭدىكى>>دەپ خاتا يېزىلغان.مۇشۇ كىچىككىنە يازمىدىلا ئىملا خاتالىقى،تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا قۇيماسلىق قاتارلىق 10خىل خاتالىق سادىر قىلىنغان.
مۇشۇلاردىن بۇ يازمىنى يازغۇچىنىڭ ھېچكىمنى مەنسىتمەيدىغان،مەنمەنچى،پۇتىنىڭ ئۇچىدىكىلا مەنپەئەتنى كۆزلەيدىغان،قۇلىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلىدىغان،مەسىللەرنى يۈزەكى كۈزۈتۈپ،ئالدىراپ خۇلاسە چىقىرىدىغان،
مەسىللەرنى سۇغۇققانلىق بىلەن كۈزۈتۈش،ئەقلى خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارى كەم كىشى دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن.
سىز ئالىمنىڭ بىرەر پارچە ئەسىرىنى ئۇقۇپ باقتىڭىزمۇ؟مۇشۇ ئاددى يازمىڭىزنى كۇمپىيۇتىرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدا ئۇرۇۋاتقان ېغىڭىزدا ئالىمنىڭ خەنزۇچە جۇرنالنىڭ تەھرىر ھەيئىتى،ئۇيغۇرچە <<تىل ۋە تەرجىمە>>جۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى،ئامېرىكىدىكى نۇپۇزلۇق تىل تەتقىقات نەشىر ئەپكارلىرىدا ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان دىگەن  ئۇچۇرلار كالىڭىزغا كەلمىدىمۇ؟ قۇللىرىڭىز ئازراق بۇلسىمۇ تىترىمىدىمۇ؟
ئىلمىي ئەمگەك قىلىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بۇلۇپمۇ ئىجتىمائى پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ مىللىتى ئۈچۈن قانچىلىك ئىش قىلىپ بەرگەنلىكى تەبئى پەن تەتقىقاتچىلىرى ۋە كارخانىچىلارنىكىدەك گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەيدۇ.تەبئى پەن تەتقىقاتچىلىرى ۋە كارخانىچىلار ئۆز كەشپىياتلىرى ۋەمەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىپ،بەلگىلىك ئىقسادىي ئۈنۈم يارىتىپ،ئازتۇلا خەيرى-ساخاۋەت قىلىپ ،قۇيسىلا مىللىتى ئۈچۈن چۇڭ ئىش قىلىپ ،بەرگەن ئاخباراتلىق شەخىسكە ئايلىنىپ،ئاۋام تەرىپىدىن تەرىپلىنىدۇ.بېراق ئىجتىمائى پەن تەتقىقاتچىلىرى كېچىنى تاڭغا ئۇلاپ يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى،نەشىر قىلىنغان كىتاپلىرىدىن ئاز ساندىكى ئۇقۇشۇملۇق كىشىلەرلا خەۋەردار.
مەھمۇد قەشقىرىمۇ تىلشۇناس،ئۇنىڭ<< تۈركىي تىللار دىۋانى>>ناملىق ئەسىرىنى ھازىرغىچە تىلغا ئېلىپ،پەخىرلىنىپ،يۈرۈۋاتىمىزغۇ؟دىيارىمىزنى ئەڭ دەسلەپ ،پەرەڭلەر مەھمۇد قەشقىرى ئارقىلىق تۇنۇغان ئەمەسمىدى؟
ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى قانداقمۇ پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېساپلىغىلى بۇلسۇن؟
لىتىپ تۇختىنىڭ خەلقىمىزگە قىلىپ بەرگەن ئىشى دىيىشكە تۇغرا كەلسە ئۇ تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن:
1.ئۇ ئالدى بىلەن مائارىپچى،ئالىي مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دەرس مۇنبىرىدە ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ،تۇلۇق كۇرس،ماگىستىر ئاسپىرانت،دۇكتۇر ئاسپىرانتلىغىدا ئۇقۇۋاتقان ئۇيغۇر ،قازاق،قىرغىز ،شىبە قاتارلىق مىللەتلەردىن بۇلغان ئۇقۇغۇچىلارغا ئېنگىلىس تىلى،تىلشۇناسلىق،تەرجىمە نەزەرىيىسى بۇيىچە دەرس بېرىپ،يۇقىرى ساپالىق تىلشۇناس،تەرجىمان،تەھرىر،مۇخبىر ،دىكتۇرلارنى يېتىشتۈرۈشتە بەلگىلىك تۆھپىسى بار.
2.غەرىپ ئالىملىرى ۋە خەنزۇ ئالىملىرىنىڭ تۇرپاندىكى كارىز شەكلىنىڭ پارىسلارنىكىگە ئۇخشاش ئىكەنلىكىنى،
تۇرپان ئۇيمانلىقى قەدىمىقى ئىران مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر دائىرسىدىكى جاي ئىكەنلىكىنى،كارىز مەدەنىيىتىنىڭ پارىسلاردىن تارقىلىپ كەلگەن دىگەن كۆزقارشتىكى ماقالىرىگە كۈچلۈك ئىلمىي پاكاتلار ئارقىلىق كارىزنىڭ ئەزەلدىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىختىراسى ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلاپ چىققان.<<شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي جۇرنىلى>>  1996.3سان<<كارىز>>سۆزى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كارىزچىلىق مەدەنىيىتى ھەققىدە>> گە قاراڭ!
3.ھەر قېتىملىق <<تۈركۇلۇگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>>نىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى ۋەخەنزۇتىلى،چەتئەل تىلى تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۇڭۇشلۇق ئېلىپ ،بېرىلىشىدا كۋۋرۈكلۈك رول ئۇينىغان.قالغان ئىش-پائالىيەتلىرى يۇقارقى تېمىدا ئۇتتۇرغا قۇيۇلغان.بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ،ئۇلتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يۇق.
خۇلاسە كالام،مېنىڭچە،بىر كىشىنىڭ مىللىىتىگە قانچىلىك ئىش قىلىپ،بەرگەنلىكى ،قانچىلىك پايدا يەتكۈزگەنلىكى مەسلىسىگە قارىتا سۇغۇققانلىق بىلەن تارازىغا سېلىشقا تۇغرا كېلىدۇ.يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئالدىراپ،بىر ئادەمگە باھا بېرىشككە قەتئى بۇلمايدۇ.بىز تارىخنى نىمە ئۈچۈن ئۆگۈنىمىز؟بىز تارىخنى تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،تارىخىي تىرادىگىيەلەرنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ،ئەتىكى تارىخنى ئۇزىمىز يارىتىشىمىز ئۈچۈن ئۆگۈنىمىز.
مەشھۇر كىشىلەرنى نىمە ئۈچۈن تۇنۇشتۇرىمىز؟بىلىملىك زاتلارنىڭ ئىجتىھاد بىلەن .ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان، باتۇر-قەغرىمانلارنىڭ رۇھىدىن ئۇزۇق ئېلىپ،تېخىمۇ كۆپ ئالىم،باتۇرلىرىمىزنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىپ، تۇنۇشتۇرىمىز.ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇنداق دىگەن:<<بىزنىڭ كىرىزىسىمىز باشقىلارنىڭ كىرىزىسىگە ئۇخشىمايدۇ.بىزنىڭ كىرىزىسىمىز دەل كىرىزىسنىڭ كىرىزىس پېتى قېلىۋېرىشىدە>>دىمەك،بىز تاشقى كىرىزىسنى قۇيۇپ تۇرۇپ،مىللىتىمىزنىڭ ئۇممىي ئەزالىرى ئىچىدىكى يۇقارقىدەك پىسخىك نۇقسانلار كىرىزىسى تا زامانىمىزغا قەدەر كىرىزىس پېتى قېلىۋېرىپ، تېخىمۇ يېڭى كىرىزىسلارنىڭ پەيدا بۇلۇشىغا سەۋەپكار بۇلماقتا.تارىخىمىزدىكى پاجىئەلەر تاشقىي كىرىزىستىن ئەمەس ،دەل رۇھىيىتىمىزدىكى پىسخىك تۇقسانلار كىرىزىسىدىن كەلگەن.بىز قاچان رۇھىيىتىمىزدىكى پىسخىك تۇقسانلارنى داۋالاپ ،پاك-پاكىز ساقايتقان ،ئۆز-ئۆزىمىز ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن كۈنى مىللىتىمىز چۇقۇم تارىخ سەھنىسىدە باشقا غالىپ مىللەتلەر قاتارىدا قايتىدىن ئۇرنىدىن دەس تۇرغۇسى!
يازمىنىڭ ئاخىرىنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بۇنىڭدىن 70-80يىل مۇققەدەم ئىلگىرى يازغان <<باردۇر>>ناملىق شېئىرى ئارقىلىق تۈگەللىمەكچىمەن:
بىرى بىر ياخشىلىق قىلسا،ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يۇق،                         
ئېپى كەةلسةە بېرىپ ئەةۋرەةتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.                           
قىزىل كۆزلۈك،كۆرةلمەةسلىك ۋةە يا ئۆزى قىلالماسلىق،                           
    قىلاي دەةپ بەةل باغلىغانلارغا تۈرلۈك تۈمەةن بۆھتانىمىز باردۇر. 



bilqut
Posted: 2008-03-16 23:17 | [ئاپتور]
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

ئۆكەندە بۇ مۇنبەردە بىرى << ئۇيغۇر ئالىمى جىيەن بوزەن>> ھەققىدىكى بىر يازمىغىمۇ نەق ھازىرقىدەك باھادىن بىرنى يېزىپ، بىرنەچچىمىز خاپا بولغان ئىدۇق. مۇنبەردە ھەر خىل ئادەملەر بار، ھەرنېمىنى يازغۇسى كېلىدۇ. بىز بۇنداق ئىنكاسلارنى ئۆچۈرمەيمىز، سەۋەبى بۇنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن.
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-16 23:32 | 1 -قەۋەت
Ertoghrul
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-15
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

بۇنىڭغا ھەيران قالماڭ بۇرادەر، مۇشۇ ئىنكاسنى يازغان كىشى تىلشۇناس، دوكتور لىتىپ توختىنىڭ كىملىكىنى ئۇنىڭ نىمىش قىلغانلىقىنى ھەتتا ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ئالتايشۇناسلىق تەتقىقات يىغىنلىرىدا شەرەپ قۇچۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شەرەپ قۇچقانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇڭا مۇشۇنداق تاققا- تۇققا سۆزلەيدۇ. بۇنى بىلسىمۇ، نىمىشقا ئۆيۈمگە كېلىپ ئېشىمنى يىگۈزۈپ قويمايدۇ دەپ يەنىلا قاخشايدۇ ئامال يوق بۇ ئىشلارغا. لېكىن شۇنداقتىمۇ ھەممىمىز تىلشۇناس دوكتور لىتىپ توختىنىڭ ئۆز تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يالغۇز خەنزۇ ۋە چەتئەل تىللىرىدىلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ئېلان قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
يۇقۇرىدا باشقۇرغۇچى ئۇدۇن خانىم ئېيتقاندەك باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنداق مەزمۇننى ئۆچۈرىۋەتمەسلىكىمۇ، مىللىتىمىز ئارىسىدا خىلمۇ - خىل كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈپ قويۇش
Posted: 2008-03-17 00:03 | 2 -قەۋەت
palwan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 65
شۆھرىتى: 66 نومۇر
پۇلى: 650 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

يولداش پىداكار 194يوللانمىڭىزدىن يولداش ئاسمانغا بولغان ئاچچىقىڭىز مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرۇپتۇ، سىز ئالدى بىلەن يولداش ئۇدۇننىڭ تەكلىپىگە، يولداش ئېرتوغرۇلنىڭ تەسەللىسىگە قۇلاق سېلىڭ، باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى يوللانمىڭىزنىڭ يىغمىسىنى ئوت يۇرەك شائىر ئابدىخالىق ئۇيغۇرنىڭ بىر كۇبلىت شېرى بىلەن يىغىنچاقلاپسىزغۇ. مانا بۇ كۈپايە بۇ بىر كۇبلىت، بىر قازان ئاشقا تېتىغان تۇزدەكلا بوپتۇ. سىزنىڭ مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۆزىڭىزنى ئاۋۇندىرالىشىڭىزنىڭ ئۆزى يولداش ئاسماندىن پەرىقلىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلدىرىدۇ .
  يولداشلار يوللانمىغا ئىنكاس يېزىش ياخشى ئىش لېكىن يازغاندا ئۆزىڭىز شۇ يوللانمىنىڭ تېگىگە يېتەلىسىڭىز يېزىڭ بولمىسا ئوقۇپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇر، بىلىم، تەربىيە ئېلىڭ كەسە كەلمەس ئىنكاس يېزىپ ئەمدىلا ئەتىراپىغا قىزغىن ئىشتىراكچىلارنى يىغىۋاتقان ئۇرخۇن ئۇيغۇر تورىنىڭ ئۇلىنى كولىغۇچى گوركارغا ئايلانماڭ.
ئاسمان ئەپەندىنىڭ لىتىپ توختى مۇئەللىمنى ئېتىراپ قىلماسلىقى پەقەت ئۇ ئۆز يۇرتىدا بولمىغانلىقى ئۈچۇن بولسا خاتالىشىپسىز، مەن شەخسى نامىم بىلەن شۇنداق دەيمەن، ئەگەر لىتىپ مۇئەللىم بېيجىندە بولمىغان بولسا ھېلىغۇ خەلىقارا ئالتايشۇناسلىق يىغىنلىرىكەن ، ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى يىغىنغا بېرىشىمۇ بىر گەپ بولاتتى، ئەگەر ئەركىن سىدىق ئاممېركىدا بولمىغان بولسا مارىس تەتقىقات ئورنى ئەمەس ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ خادىمى بولىشىمۇ بىر گەپتى.
  ئاسمان ئەپەندىگە تەكلىپ: سىز دەرھال شەخسى نامىڭىزدىن پىداكار 194دىن ئەپۇ سوراڭ، لىتىپ توختى مۇئەللىمنىڭ ۋە شۇ قاتارلىق ئالىم ئۇستازلارنىڭ ماتىرياللىرىنى كۆپرەك كۆرۇڭ.
  ئۇنۇتماڭ  بۇ دۇنيادا پايدا ، زىيان ئۇقىمىدىن باشقا <<ئىنسانىيەت ئۇچۇن تۆھپە قوشقان>> دىگەن ئۇقۇممۇ بار ، نوبىل مۇكاپاتى دەل پۇتكۇل ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوسقانلارغا مەنسۇپ، ئۇ ئۇيغۇرغا، يەھۇدىغا، ئېنگىلىسلارغا دەپ ئايرىمايدۇ.
ئاسمان ئەپەندىنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن ئابدىخالىق ئۇيغۇرنىڭ <<باردۇر>> دىگەن شېئىرنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن.
پىداكار194 سىزنىڭ مۇشۇ بىر يوللانما بىلەن ئۇرخۇندىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، داۋاملىق ھەمسۆھبەت بولىشىمىزغا تېلەكداشمەن.
Posted: 2008-03-17 11:14 | 3 -قەۋەت
qimran
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 1
شۆھرىتى: 2 نومۇر
پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-17

 

تور دىگەن مەۋھۇم دۇنيا. قارىشى تەرەپنىڭ قانداقلىغىنى بىلگىلى بولمىغاندىكىن مۇشۇنداق قىتىغىرلىق قىلىپ بىر نىمىلەرنى يېزىپ چىقىپ كىتىدىغانلار كۆپ. بەزىلىرى قايتا كىرىپمۇ قويمايدۇ.  مۇشۇنڭدىن ساپانىڭ قانداقلىغى چىقىپ تۇردۇ.
Posted: 2008-03-17 21:19 | 4 -قەۋەت
alkuli
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 11
شۆھرىتى: 12 نومۇر
پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-18

 

بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ئاغرىنىش ئەرزىمەس ئىش. خەلقىمىز ئارىسىدا ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر يەنىلا كۆپ. يازمىدىن بەھرى ئالغانلار كۆپ. قانداق قىلىمىز؟ خەلقىمىز ئارىسىدا نادانلار ئاز ئەمەس، ئەمما بىز مىللىتىمىزنى شۇ نوخسانلار بىلەن قوشۇپ سۆيىمىز. ئۇنداق-بۇنداق نوخسانلارنى تۈگىتىشكە تىرىشىمىز ئەلبەتتە. بىراق شۇنچە ئۇزاق يىللاردىن شەكىللەنەەن نوخسانلارنى بىر مەھەللىك تىرىشچانلىق بىلەن تۈگىتىش ئەسلا مۆمكىن ئەمەس، ۋاھالەنكى بۇنداق نوخسانلارنى دەپلا مىللىتىمىزدىن ۋاز كەچسەك، نىزامبىللا ئاقىللىق بولمايدۇ. خەيىر، ئەيىپ-نوخسانلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئازايتىش، بولسا تەلتۈكۈس تۈگىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى! ئاللا بىزگە ھەر ۋاقىت يار.
intil kompiyuter bilimliri dunyasi
Posted: 2008-03-18 04:20 | 5 -قەۋەت
barhan
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-02-26
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-18

 

ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم... پىداكار قېرىندىشىم: 
  سىزنىڭ سەمىمىيەت يۈزسىدىن، نادانلىق تىڭىرقاشلىرىدىكى يەڭگىلتەك تورداشلارنىڭ ئاڭسىزلارچە ئىنكاسىغا، «قوپال» ئاگاھلىق سىگنالى چالغىنىڭىزغا تەشەككۇر . بۇ سىگنالىڭىزنى«قوپال»دىيىشىم: بايانىڭىزنىڭ ئىلمى تەسىر كۈچىدىن ئەتراپىڭىزدىكى قۇلاق سالغۇچىلار:«ئەلھەكمىلۇللا»- باش لىڭشىتىش مايىللىقىدا بولىشى كېرەك. ئىھتىمال، جاھىللارنى قاتىللارغا ئەمەس بەلكى ماھىللارغا ھەتتا ئاقىللارغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلايدىغانسىز...!  يول شۇكى، ئوقۇرمەنلىرىڭىز، سىزدىن بولىشىغا شاپىلاق يەپ ھايال ئۆتمەي باغرىڭىزغا ئۆزىنى ئېتىشقا تەشنا پەرزەنتىڭىز مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولىشى كېرەك. 
  «قوپال»نىڭ يەنە بىر سەۋەبى: مەزكۇر سەرلەۋھەسىڭىزدە، ھاقارەت ئىستىمال ئىشتىراكچىللىرى- ئوبزورچىلار بىلەن قىزققان ئىنكاسچىلارنىڭ پەرىق ئايرىمىسى كۆرۇلمىگەندەك قىلىدۇ...
    «قۇپال»نىڭ ئۈچىنچى بىر سەۋەبى: قەلىمىمىز تۇتالمىغان چىقىرىندى رەڭنى-«ئاجايىپ ئىختىدار»دەپ چۈشىنىۋالمايلى...
    ئاخرقى تەۋسىيە:  «مەرگەز پەرۋانىللىرى»نىڭ ئالەمچە نەتىجىللىرىمۇ، ھاكىمىيەت رەنجىشلىرىدىكى مەسخىرلىك كۈلكىدىن يانداپ ئۆتىشى كېرەك. سەبىر قىلىڭ...سەبىرقىلىڭ...سەبىر - «راخمان»دۇر.
  سىزگە زىيادە ئەقىل تىلەش دۇئاسىغا قول كۆتۈرگۈچى -
                                            بارخان
bilik munbiri
Posted: 2008-03-18 12:40 | 6 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » تەكلىپ - پىكىر

Total 0.069704(s) query 4, Time now is:03-21 08:57, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation