بۇ بەتتىكى يازما : ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيىتى نىمىشقا شۇ يەردە شەكىللەنگەن؟ بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

koxuk
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 6
شۆھرىتى: 7 نومۇر
پۇلى: 60 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-14
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيىتى نىمىشقا شۇ يەردە شەكىللەنگەن؟

  ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى مەدەنىيىتى ئىككى دەريا ۋادىسى، نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى ۋە ھىندى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا بارلىققا كەلگەن. جۇغراپىيەلىك چۇشەنچىلەردىن بىز شۇنداق بىر خۇلاسىنى يەكۇنلىيەلەيمىز. ئەڭ قەدىمقى مەدىنيەت چوڭ دەريا ۋادىلىرىدا بارلىققا كەلگەن. راستلا شۇنداقمىدۇ؟ بۇنى ئانچە توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. سەۋەبى، نىمىشقا دۇنيادىكى باشقا چوڭ دەريا ۋادىلىرىدا مەدەنىيەت بەرپا بولمايدۇ؟ مەسىلەن، چاڭجىياڭ، ئامازون، كونگو ، مىسسسىپى قاتارلىق چوڭ دەريا ۋادىلىرىدا. بەزىلەر بۇ شۇنداق بىر توغرا كېلىپ قېلىش دىيىشىدۇ. بۇنداق دىيىشنىڭ ئاساسى ، ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئافرىقىدىن چىقىپ ئالدى بىلەن نىل دەرياسى ۋادىسى، ئىككى دەريا ۋادىلىرى، ھىندى دەريا ۋادىسىغا ۋە باشقا دەريا ۋادىلىرىغا كەلگەن. باشقا دەريا ۋادىلىرىغا كەلگەن ۋاقتى بىر قەدەر كېيىن بولغاچقا ئەلۋەتتە مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىمۇ بىر قەدەر كېيىنرەك بولىدۇ  دىيىشىدۇ. بۇنىڭ  ئاڭلىماققا خېلى ئاساسى باردەك قىلىدۇ. ئەمىليەتتە راستلا شۇنداقمىدۇ؟  ياق ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن ، ئامازون دەريا ۋادىسى پۇتۇنلەي بىكىك ھالەتتە، سىرتتىن ھېچقانداق ئۇچۇر كىرمىگەن ھالدا، يالغۇز يەرلىك خەلقلەرگىلا تايانسا، يەنە ئون مىڭ يىلدىمۇ راۋاجلىنىپ يۇقىرى مەدەنىيەت بەرپا قىلالمايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ يەرلىك خەلقىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولغان ئەمەس بەلكى تەبىئى شارائىت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يەنە چاڭجىياڭ دەرياسىنى مىسالغا ئالساق، ئەگەر چاڭجىياڭ دەرياسى ۋادىسى پۇتۇنلەي بىكىك ھالەتتە ھېچقانداق ئۇچۇر كىرگۇزمىگەن ھالەتتە يەنى قەدىمقى خۇاڭخى ۋادىسىدىن ئۇچۇر كىرگۇزمىگەن ھالەتتە يالغۇز يەرلىك خەلىقلەرگە تايانسا ، ئۇلارمۇ ئون مىڭ يىلدىمۇ راۋاجلىنىپ بىرەر يوقىرى مەدىنيەت يارىتالىشى ناتايىن.
    ئەمىليەتتە ئىقلىمى نەم بولغان دەريا ۋادىلىرى ئەڭ قەدىمقى مەدىنيەتنى بەرپا قىلالمايدۇ.ئەلۋەتتە بۇ نەم ،ئىللىق دەريا ۋادىلىرىدا قەدىمقى ئىنسانلار بولغان ھەمدە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. مەدىنيەت بولسىمۇ يوقىرى دەرىجىدە تەرققىي قىلغان مەدىنيەت دىگىلى بولمايدۇ. نىل دەرياسى مەدەنىيىتى بەرپا بولۇشتىن ئىلگىرى ، نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان، باشقا چوڭ دەريا ۋادىلىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان. كەڭ مەنىدىن ئېيتىقاندا ئىنسانلار مەدەنىيىتى بەرپا بولۇشتىن ئىلگىرى قەدىمقى ئىنسانلار ئاساسەن قۇرۇقلۇقنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە تارقىلىپ بولغان. بىراق ئىنسانلار مەدىنىيتى ھەرگىزمۇ خالىغان ئورۇندا پەيدا بولمىغان. قەدىمقى مەدىنيەت بەرپا بولغان جايلار ھەرگىز تاساددىپى ئەمەس بەلكى مۇقەررەر شۇ جايدا پەيدا بولغان. بۇ تەبىئى شارائىت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم ئىنسان ئىرقى تەرىپىدىن ئەمەس.
    يوقىرى مەدەنىيەت شەكىللىنىشىنى بەلگىلەيدىغان تەبىئى شارئىت بولسا ، قۇرغاق ، لېكىن سۇ بولىشى شەرت. ئەلۋەتتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 3 مەدەنىيەت مەركىزىمۇ بۇ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. قەدىمىقى 3 مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ شەكىللنىشىغا قارىغاندا ، بۇلارنىڭ تېرىم مەدىنيىتى بولىشى مۇقەررەر. چارۋىچىلىق ياكى ئوۋچىلىق ھەرگىزمۇ يوقىرى مەدىنىيەت بەرپا قىلالمايدۇ.
    نىمىشقا ئاشۇ نەم دەريا ۋادىلىرىدا ئەڭ بۇرۇنقى تېرىم مەدىنىيىتىنى شەكىللەندۇرىدىغان ئامىل يوق؟ سەۋەبى شۇكى نەم بولغان دەريا ۋادىلىرىنىڭڭ مۇھىتى بىر قەدەر مۇرەككەپ.بۇنداق مۇرەككەپ مۇھىتنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپىمۇ يوقىرى بولىدۇ. بىراق ئىككى دەريا، نىل، ھىندى دەريا ۋادىلىرىنىڭ ئورنى قۇرغاق بەلباغدا، شۇنداقلا ئىسسىق بەلباغ، مۇھىت ۋە كېلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى ئاددى، ئىنسانلارنىڭ ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپى تۆۋەنرەك، ئىنسانلار ناھايىتى ئاسان  بۇنداق ئورۇندا تۇرمۇش كەچۇرەلەيدۇ ھەم ئىشلەپچىقىرىشى ئېلىپ بارالايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش دىگەندە ئاساسلىق دىھقانچىلىقنى كۆرسىتىدۇ. خۇلاسلىغاندا ،نەم رايونلاردا ھايات كەچۇرۇش بىر قەدەر تەس ۋە مۇرەككەپ.
      ئىككى دەريا ،نىل، ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئىنسانلار دېھقانچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولسىلا ، بۇ بېلىق سۇغا ئۇلاشقاندەكلا ئىش بولىدۇ. ئەگەر نەم رايونلاردىكى ئىپتىدائىي ئىنسانلار بۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە بولسىمۇ ، ھايات كەچۇرۇش بەلكىم بىر قەدەر ئاسان بولىشى مۇمكىن ھەم ئاز تولا راۋاجلىنىشىمۇ مۇمكىن بىراق كۆپ راۋاج تاپالمايدۇ. بۇ نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا زىرائەت تېرىغانغا قارىغانداقىيىنلىق دەرىجىسىمۇ ھەم ئالىدىغان مەھسۇلاتىمۇ ئوخشىمايدۇ. نىل دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىدىكى دېھقانچىلىق ناھايىتى تىز ھالدا يوقىرى بولغان ئەمگەك كۇچى سېلىنمىسى، يوقىرى مەھسۇلات قىممىتىگە ئىگە تەرەققىي قىلغان دېھقانچىلىق جەمىيىتىگە ئايلىنىدۇ. بىراق نەم رايونلار ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە بولسىمۇ ، تەبىئى شارائىت تۇپەيلى ئىلگىرىلىشى ناھايىتى ئاستا، مەھسۇلاتى تۆۋەن بولىدۇ. خۇلاسلىغاندا ئەڭ بۇرۇنقى مەدىنيەتنىڭ بەرپا بولغان ئورنى دېھقانچىلىققا نىسبەتەن چەكلىمىلىكى بىر قەدەر ئاز بولغان رايونلار ياكى دېھقانچىلىق تەرەققىياتى ئاددى بولغان بولغان ئورۇنلار. يەنە بىر شەرت، ئىنسانلار سۇدىن ئاسانراق پايدىلىنالايدىغان ئورۇنلار. بەلكىم بۇ شارائىتمۇ ناھايىتى مۇھىم بولىشى مۇمكىن ، ئىسسق بەلباغ رايونلىرىدا.
      يېزا ئىگىلىكى بولغان جەمىيەت ئاندىن تەرەققىي قىلىپ ئەڭ بۇرۇنقى مەدىنيەتنى بەرپا قىلالايدۇ. يوقىرى دەرىجىدە تەرققىي قىلغان يېزا ئىگىلىكى ئاندىن  يوقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتنى يارىتالايدۇ. نېگىزىدىن قىلىپ ئېيتقاندا تېرىقچىلىق قىلغان رايونلار بىر قەدەر كۆپ ئادەمنى باقالايدۇ. كۆپلىگەن ئىنسانلار دائىم بىللە ئولتۇراقلاشقان بولسا ، مانا بۇ ئىنسانلار مەدىنيىتىنىڭ بۇلىقى ھېساپلىنىدۇ.
      نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى، ھىندى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى ۋە ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تەبىئى شارائىتنىڭ ئاددى بولۇش سەۋەبىدىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولغان، مو بېشىدىن ئېلىندىغان مەھسۇلات مىقدارىمۇ كۆپ بولغان. باشقىچە ئېيتقاندا بۇ ئۇچ رايوننىڭ تەبىئى شارائىتى ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى نوپوس زىچلىقىنىڭ ئېشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن كىشلەرنىڭ ئۇچۇرىشىشى كۆپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى كۆپ بولىدۇ، كەشپىياتلارمۇ كۆپ بولىدۇ.تەبىئى شارائىتنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن ھەرقايسى رايوندىكى قەدىمقى ئىنسانلار بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ھەرقايسى رايونلار  مۇستەقىل ئۆزئالدىغا  تەرەققىي قىلىدۇ. ئادەتتە ، بىرپارچە ئايرىم رايوننىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ياكى  پەن -تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى شۇ رايوندىكى نوپۇس سانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ كېلىدۇ. نوپوس بەلگىلىك شارائىتتا ، نوپوس زىچلىقى قانچە يوقىرى بولسا جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى شۇنچە تېز بولىدۇ. چۇنكى نوپوس بەلگىلىك شارائىتتا نوپۇس زىچلىقى قانچە يوقىرى بولسا ، كىشلەرنىڭ ياشاش دائىرىسى كىچىكلەيدۇ،ھەم كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۆپىيىدۇ، ئالاقىلىشىش ئوبىكتىمۇ كۆپىيىدۇ. ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشىمۇ تېزلەيدۇ. تېخنىكىنىڭ ئوموملىشىشى ۋە ئىلگىرىلىشى شۇنچە تېز بولىدۇ.
    يەنە بىر نۇقىتا ئادەتتە ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئەمىليەتتە، مەلۇم رايوننىڭ تەرەققىياتى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىككى نۇقتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن سىرت يەنە كىشلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بىكار ۋاقتى بىلەنمۇ ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. بۇ ئاڭلىماققا ماركىسنىڭ ئەمگەك دۇنيانى ياراتتى دىگىنىگە سەل مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بۇنداق دىگەنلىك بوش ۋاقىت مەدىنيەت ياراتتى دىگەنلىك بولىدۇ. بىراق بۇ بوش ۋاقىت  يىيىش ئۇچۇن چوققۇم قىلىشقا تىگىشلىك ئەمگەكتىن باشقا ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەمگەك چوققۇم يېزا ئىگىلىك ئۇچۇن قىلىنغان ئەمگەڭ بولىشى كېرەك. بىراق كىشلەرنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ چېكى بولمايدۇ.قورساق تويغاندىن كېيىن باشقا نەرسىنى ئويلايدىغان گەپ، بىكار بولالمايدۇ. بۇ پاسسىپ ياكى ئاكتىپ ھالدا بولىدۇ.  بۇنداق بولغاندا دىھقانچىلىق ئىشلىرىدىن باشقا پائالىيەتلەرنىڭ كۆپ بولىشى ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى تېز بولىدۇ.
    باشقا سەۋەبلەر مەسىلەن: ئەقىل ئىقتىدارى، كىشىلەر توپىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەقلى ئىقتىدارى قانچە يوقىرى بولسا ، تەرەققىيات بەلكىم تېزرەك بولىشى مۇمكىن.
    يوقىرىقى خۇلاسىدىن ، نۇقتىلىق قىلىپ بىر قانچە مۇھىم ، كونكىرىت بولغان تەبىئى شارائىت پەرقى شەكىللەندۇرگەن بەزى پەرقلەرنى ئېيتىپ ئۆتىمەن.
    بىرىنچى، دەرەخ.  نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى، ھىندى دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىمى، ئىككى دەريا ۋادىسى بۇ رايونلار ھەممىسى قۇرغاق رايونلاردۇر. بۇ دەريالارنىڭ ئىككى قىرغىقىدا دەرەخ يوق. بۇ ئۇچ رايوندىكى دېھقانچىلىق ئاساسەن سۇغۇرۇشقا تايىنىدۇ. بەزىلەر  شىنجاڭدىكى قۇملۇق ئەتراپىدىكى دەريا بويلىرىنى مىسالغا ئالىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ يەردە دەرەخ يوق، سۇغۇرۇشقا تايىنىپ دېھقانچىلىق قىلىدۇ.  بىراق بۇ رايوندا ئىككى يېتەرسىزلىك بار. بىرى، پايدىلىندىغان بىكار ۋاقىت ئاز. بۇ يەردە قىش ئۇزۇن بولسىمۇ ھەمدە يېتەرلىك بىكار ۋاقىت بولسىمۇ، بىراق قىش پەسلى بەك سوغاق بولغاچقا، كىشلەرنىڭ قىلالايدىغان ئىشى ناھايىتى ئاز. ئىككىنچىدىن بۇ يەرنىڭ دەريالىرى بىر قەدەر كىچىك،  كۆپ بولسىمۇ لېكىن تارقاق. پەقەتلا پارچە -پارچە بوستانلىقلارنى شەكىللەندۇرەلەيدۇ.ھەرقايسى بوستانلىقلاردىكى ئادەم سانى بەك ئاز. بۇنداق بولغانىكەن تەرەققىيات سۈرئىتىمۇ ئاستا بولىدۇ . شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمى مەدىنيىتىمۇ بۇ يەردە شەكىللەنمىگەن.  چاڭجىياڭ دەرياسى ۋادىسىدا ناھايىتى بۇرۇنلا دېھقانچىلىق پەيدا بولغان ، لېكىن تەرەققىياتى ناھايىتى ئاستا بولغان. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى بۇ رايون نەم رايون بولۇپ، قېلىن ئورمانلىقلار بار، زىرائەتلەر قۇياش نۇرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالمايدۇ.بۇنداق بولغانىكەن، يوقىرى مەھسۇلاتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەستە. يوقىرى مەھسۇلات بولمىغانىكەن ئادەممۇ ناھايىتى شالاڭ بولىدۇ. تەرەققىياتمۇ ئاستا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە داۋاملىق كەلكۈن ئاپىتى يۇز بېرىپ تۇرغاچقا ئىنسانلار تۇرغىدەك جايلار ئاز. بۇ ئامازون دەرياسىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ نوپوس زىچلىقى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇنداق نوپۇس زىچلىقى بار جايدا تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.
    ئىككىنچى، مېتال. نىل دەرياسى، ھىندى دەرياسى، ئىككى دەريا ۋادىلىرى قۇرغاق رايونلاردۇر. مېتال ئاسان داتلىشىدۇ. داتلىشىش سۈرئىتى تېمپىراتورا ۋە نەملىككە مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئۇچ جايدا تېمپىراتورا يوقىرى بولغان بىلەن ناھايىتى قۇرغاق. قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا مېتالنىڭ داتلىشىشى ئاستا. بۇ چاڭجىياڭ، ئامازون ۋادىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمان -زىمىن پەرقلىنىدۇ. ئوخشاش بىر پارچە مېتالنى  بۇ ئۇچ ئورۇندا ناھايىتى ئۇزاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بىراق چاڭجىياڭ،ئامازون ۋادىلىرىدا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.ئوخشاش مېتالغا ئېرىشىش ئۇچۇن چاڭجىياڭ،ئامازون ۋادىسىدىكى خەلقلەرنىڭ قۇربان بېرىشى  بۇ ئۇچ رايونغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ.
  ئۇچىنچى ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتورا. 
بۇ تەرەپ گەرچە تروپىك بەلباغدىكى دەريا ۋادىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئانچە ئۇستۇنلۇك ئىگەللىمىگەن بىلەن ئىللىق بەلباغلاردىكى دەريا ۋادىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئۇستۇنلۇككە ئىگە . خۇاڭخى ۋادىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقايلى!  كىيىم كىيىشنى مىسالغا ئالساق،قايسىنىڭ ئۇستۇنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.قەدىمقى خۇاڭخې ۋادىسىدىكى قەدىمقى ئىنسانلار ئۇچىسىغا كىيىم كىيىش ئۇچۇنمۇ ئەمگەك قىلاتتى ۋە تىرىشاتتى. بۇنىڭ ئۇچۇن ئىگىلىگەن ۋاقىتمۇ ئاز ئەمەس. بىراق يوقىرىقى ئۇچ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ بۇنىڭ ئۇچۇن چىقارغان ۋاقتى ، ئەمگىكى ئاز. بۇ زورلاپ قستۇرۇلغان بولسىمۇ بىرگە ھېساپ دەپ تۇرايلى.
    يەنە باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەر مەسىلەن،  خۇاڭخې ۋادىسىدىكىلەر ئۆي سالغاندا يامغۇرنى، سوغۇقنى ئېتىبارغا ئېلىشى كېرەك.  يوقىرىقى ئۇچ رايوندىكىلەر بولسا بۇلارنى ئويلىمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ رايونلاردا يامغۇر ئاز بولغاچقا ، سېلىنغان ئۆيلەر ئۇزاققىچە چىدايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئەمگىكى ۋاقتى تېجىلىپ قالىدۇ.
  خۇلاسلىغاندا، يۇقىرقىدەك ئارتۇقچىلىقلار، نىل دەرياسنىڭ تۆۋەن ئېقىمى، ھىندى دەرياسى ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىمى، ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۇرىشى ئۇچۇن زۆرۇر.  قىلىدىغان ئەمگىكى ئاز بولسا ، كىشىلەرنىڭ چىقىرىدىغان بوش ۋاقتى كۆپرەك بولىدۇ. ئەمىليەتتە، كىشىلەر بىكار بولۇپ بولالمايدۇ، چوققۇم ئۆزى خالىغان ياكى مەجبورلانغان ئاساستا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. بىر جەمىيەتنىڭ زۆرورىيتى بولمىغان ئەمگىكى قانچە كۆپ بولسا ، بۇ جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ. نىل دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىمدىكىلەر بىر يىلدىكى بوش ۋاقتىلىرىدىن ئۈنۇملىك پايدىلاندى، بەزىدە بۇ ھۆكۇمرانلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدى مەسىلەن: ئەلئېھرام قۇرۇلىشى دىگەندەك.

تەرجىمە قىلغۇچى: قوشۇق
(توربەتلىرىنى ئارىلاۋېتىپ ئۇچراپ قالدى. تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. )
كېلىش مەنبەسى:
http://bbs.bokee.com/ThreadTree.next.171.129828.html

]
bilqut
Posted: 2008-03-17 11:13 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.065880(s) query 3, Time now is:03-21 08:57, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation