باتۇر سەركەردە - بۇسات تېكىن
بۇسات تېكىن ( 蕃萨特建 ) ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار ئۇرۇقىدىن ① بولۇپ ، ئۇ ئۇيغۇرلارنى تۇنجى قېتىم بىر ئاقساقالنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا ئۇيۇشتۇرغان داڭلىق سەركەردە سۈكۈت ئېركىننىڭ ئوغلى . « يېڭى تاڭنامە » دە : « ئۇ جاسارەتلىك ، باتۇر ، تەدبىرلىك ، ئۇستا مەرگەن ئىدى ، جەڭگە باشلامچىلىق بىلەن كىرەتتى ، ھۇجۇم قىلغاندا رەقىبلىرىنى يەڭمەي قويمايتتى ، يىڭىلگەنلىرىنى بويسۇندۇرماي قالمايتتى » دەپ تەرىپلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئانىسى ئۇرقۇن خاتۇن ناھايتى كەسكىن ، تەدبىرلىك بىر ئايال بولۇپ ، « قۇۋملار ئىچىدە يۈز بەرگەن دەۋا - دەستۇرلار » نى قەتئىلىك بىلەن تىنجىتاتتى . شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئىچىدىن مۇشۇنداق ئىككى كاتتا ئەربابنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايتى تىزلىكتە قۇدىرەت تاپقان .
تارىخى خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، 7 - ئەسىر ئۇيغۇرلار فىئوداللىق جەمىئەت باسقۇچىغا قاراپ شىددەت بىلەن ئىلگىرلىگەن دەۋىر بولۇپ ، بۇ دەۋىردە ، جەمىئەت ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققى قىلىپ ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى دەۋىر بۆلگۈچ باسقۇچقا كىرگەن . بۇسات تېكىن رەھبەرلىگىدىكى ئۇيغۇرلار ئورقۇن ۋادىسى بىلەن تۇغلار ( تۇرا ) ۋادىسىنىڭ دېھقانچىلىقىغا باب كىلىدىغان ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ئېرىق - ئۆستەڭ قازغان ۋە باشقا سۇ ئىنشائات قۇرلۇشلىرى بىلەنمۇ كەڭ شوغۇللانغان . ئارپا ، بۇغداي قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىغان ، بېلىقچىلىقنىمۇ قۇشۇمچە ئېلىپ بارغان . چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ ئات ، كالا ، قوي ، تۆگە قاتارلىق مال - چارۋىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن . يەنە ئورمانزارلىقتىكى مول ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، گۆش ، سۈت ، تېرە ، مۈڭگۈز ، سۆڭەك قاتارلىقلارغا ئېرىشىپ تۇرغان . بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغدا تۈمۈر قوراللارنى ئىشلىتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربى كۈچىنىڭ ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئالاھىدە تۈرۈتكە بولغان .
يۇقىرقىدەك بىر قاتار تەرەققىياتلار ئۇيغۇلارنى تىزلىكتە قۇدىرەت تاپقۇزۇپ ، نەچچە تۈمەن ئاتلىق ئەسكەرلەرگە ۋە خېلى زور دەرىجىدە تەرەققى تاپقان ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئىگە قىلىپلا قالماي ، بەلكى ھەر تەرەپلىمە سودا ئالماشتۇرۇش كۈچىگىمۇ ئىگە قىلغانىدى .
( مىلادى 630 - يىلى ) بۇسات تېكىن سىر تاردۇشلار بىلەن بىرلىشىپ ، تۈرۈكلەرنىڭ شىمالى قىسمىغا ھۇجۇم، قىلدى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرىنى ئەسىر ئېلىپ ، قىسمەن چارۋىچىلىق رايۇنلىرىنى ئىگىلىۋالدى . بۇسات تېكىننىڭ بۇ مۇۋاپىقىيەتلىرى تۈرۈكلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى . شۇنىڭدىن كىيىن تۈرۈكلەرنىڭ ئېلىك خاقانى ئۆزىنىڭ ئوغلى يۇقۇق شادنىڭ قۇماندانلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇن ئەۋەتىپ ، ئۇيغۇرلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى . لېكىن بۇسات تېكىن 5000 ئاتلىق چەۋەندازلىرىغا ئۆزى قۇماندانلىق قىلىپ ، ئاز كۈچ بىلەن زور باتۇرلۇقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق تۈرۈكلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلىدۇ . مازۇڭشەن ( مارا ) تېغىدا تۈرۈك ئەسكەرلىرىنى تىرە - پىرەن قىلىپ ، شەرقى تۈرۈكلەرنى مۇنقەرىز قىلىدۇ . بۇ قېتىمقى غەلبە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيۋىسى شىمالنى زىل - زىلگە كەلتۈرۈپ ، شىمالدىكى غايەت زور كۈچكە ئايلىنىدۇ . نەتىجىدە بوسات تېكىن ئۆزىنى « ئالىپ ئىلتەبىر » دەپ جاكارلاپ ، تۇغلار ( تۇرا ) دەرياسى بۇيىدا ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنى قۇرىدۇ . بۇسات تېكىن قۇرغان بۇ ھاكىمىيەت شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ فىئوداللىق دۆلىتىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ ، كىيىنكى ۋاقىتتا دۇنياغا كىلىش ئالدىدا تۇرغان ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا سىياسى ، ئىقتىسادى ۋە ھەربى جەھەتتىن مۇستەھكەم ئۇل سالىدۇ .
بۇسات تېكىن ئۆز دەۋرىنىڭ كاتتا ھەربى ئالىمى ۋە ئىستىراتىگىيىچىسى بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە كەم تېپىلىدىغان مەشھۇر دىپلۇمات ئىدى . ئۇ مىلادى 629 - يىلى تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىقتىساد ، سودا مۇناسىۋىتىنىمۇ كۈچەيتكەن . ئۇنىڭدىن سىرت بوسات تېكىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى بولغان شەرقى تۈرۈكلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن غەربى يۇرتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈچۈن قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى . ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئىزاھات : ① ئەينى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئۇرۇقى ھۈكۈمران تەبىقە بولۇپ ، قەبىلە باشلىقى ۋە خاقانلار مۇشۇ ئۇرۇقتىن سايلىناتتى .
ئۇيغۇر مانى دىنى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى - مويۇنچۇر بۆكۈخاقان
مويۇنچۇر بۆكۈخاقان ( تەخمىنەن 8 - ئەسىرلەردە ئۆتكەن ) ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر خاقانى ، ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ئەربابى ، مانىزىم ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى ، داڭلىق سانغۇن .
مويۇنچۇر بۆكۈخاقان ( بەزى تارىخى مەنبەلەردە ئىلخان دەپمۇ ئېلىنغان ) ئورقۇن دەريا ۋادىسىدا ياشىغان شەرقى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ ، مىلادىنىڭ 744 - يىلى كۆك تۈرۈك خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ، تۇنجى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان كۆل بىلگە خاقان ( كىيىنچە ئۆزىنى قۇتلۇق بىلگە كۆل خاقان دەپ ئاتىغان ) نىڭ ئوغلى . 747 - يىلى خاقان بولغان . مويۇنچۇر بۆكۈخاقان نەسەب جەھەتتىن « توققۇز ئۇيغۇر » لارنىڭ « ئىچكى توققۇز ئۇيغۇرلار » غا تەئەللۇق بولغان ياغلاقار قەبىلىسىدن كىلىپ چىققان .
ئورقۇن - ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئورقۇن ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار يەنىلا تۈركى خەلقلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىتىقاد قىلىدىغان شامان دىنىغا ئىتىقاد قىلاتتى . شامان دىنى : تەڭرى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى ، ئاسمان ، يەر ۋە پۈتۈن مەۋقۇداتنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان بىردىن - بىر ئىلاھ ، دەيدىغان كۆز قاراشنى تەشەببۇس قىلاتتى . شامان دىنى باخشىلىرى ( ئۇستازلىرى ) نىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەتخانىدا ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلىش ، خەلقلەرگە شامان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرىنى سىڭدۈرۈش ۋە دىنى ھۆكۈملەرنى ئىجىرا قىلىش ئىدى .
مويۇنچۇر بۆكۈخاقان تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ تەكلىپى بىلەن 757 - يىلى ۆتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىپ ، تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۈز بەرگەن ئۆڭلۈك - سۇيگۈن ئېسيانىنى تىنجىتىشقا ياردەملىشىپ ، تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ چاڭئەن ، لوياڭلارنى قايتۇرىۋېلىشىدا زور خىزمەت كۆرسەتكەن . تاڭ پادىشاھى بۇ ئىشتىن خوشاللىنىپ ئۆزىنىڭ كىچىك قىزى مەلىكە نىڭگۇنى بۆكۈخاقانغا خۇتۇنلۇققا بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا « باتۇر ، ھەيۋەتلىك قۇتلۇق بىلگە » دىگەن نامنى ئىنئام قىلغان .
مويۇنچۇر بۆكۈخاقان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تۇرغان چاغلىرىدا مانى دىنىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغان . ھەممىمىزگە مەلۇم مانى دىنى زەردەش ، خىرىستىئان ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ۋە شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن دىن بۇلۇپ ، يۇقۇرقى دىنلاردىن كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىدى . بۇ دىننىڭ يادىروسى : « پۈتۈن ھاياتلىق كۆرىشى يۇرۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق ، ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشتۇر . نەپسىنى تىزگىنلىيەلىگەن ئادەم يامانلىقتىن ساقىت بولالايدۇ ، بولمىسا ئۆزىمۇ ، ماددى دۇنيامۇ ھالاك بولىدۇ » دىگەن ئىدىيىنى يىتەكچى قىلغان يېرىم دىنى ، يېرىم پەلسەپىۋى مەزمۇندىن ئىبارەت بىر دىن ئىدى . ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئىلغار قاراشقا ئىگە بولغان مويۇنچۇر بۆكۈخاقان شامان دىنى بىلەن مانى دىنىنىڭ پەرىقلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن قايتاشىدا لوياڭ شەھىرىدىن تۆت نەپەر ئىرانلىق مانى راھىبلىرىنى ئېلىپ ، ئورقۇن دەريا ۋادىسىغا كەلگەن . بۇ راھىبلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىم ئىقتىدارى ، تىبابەتچىلىك ساھەسىدىكى تەجىربىلىرى بىلەن ئورقۇن دەريا ۋادىسىدىكى شامان دىنى باخشىلىرى ( ئۇستاز ، ئۇقۇتقۇچىلار ) نى مۇنازىرىدە يېڭىۋالغان . بۇنىڭ بىلەن مانى دىنىنىڭ شەرقى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئابرويى بىردىنلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ( مىلادىنىڭ 763 - يىلىدىن باشلاپ شەرقى ئۇيغۇرلار مانى دىنىنى ئومۇمىيۈزلۈك قۇبۇل قىلغان ) . شۇنىڭ بىلەن مويۇنچۇر بۆكۈخاقان بۇ راھىبلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا دەۋەت قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنى تەشكىللەپ ، ھەر ئون ئۆيلۈككە بىردىن راھىب بىكىتىپ ئۇلارنى ئوقۇتقان . ئۇقۇش مەزمۇنى مانى تەلىماتى بويىچە يېرىم دىنىي ، يېرىم پەلسەپىۋى ئاساستا بولغان . مويۇنچۇر بۆكۈخاقاننىڭ ئاساس سېلىشى بىلەن كىيىنچە شەرقى ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇنلىغان مانى دىنى ئۇقۇتقۇچىلىرى يىتىشىپ چىقىپ ، ھەتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىچە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋە مانى دىنىنى تەرغىپ قىلغان . داڭلىق ئەدىب ، خەتتات - يوللۇغ تېكىن
كۆك تۈرۇك خانلىقىنىڭ خاقانى بىلىگە ( ۋاپاتى 734 - يىل ) خاتىرىسىگە 735 - يىلى ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشنىڭ غەرىبى - جەنۇبى يۈزىگە ئويۇلغان : « بىلگە خاقان بىتىگىن يوللۇغ تېكىن بىتىدىم . بۇنچا باقىغ بەدىزىگ ... خاقان ئاتىسى يوللۇغ تېكىن مەن ئاي ئارتۇقى تۆت كۈن ئولتۇرۇپ بىتىم ، بەدىزتىم ... » ( مەنىسى : « بىلگە خاقان ( مەڭگۈ تاش ) ( ؟) ... بىلگە خاقاننىڭ جىيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېكىن بىر ئاي ، تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم ، زىننەتلىدىم ...» ) دىگەن سۆزلەرنى ۋە بىلگە خاقاننىڭ خاقانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش ۋە مۇستەھكەملەش يۇلىدا زور خىزمەت كۆرسەتكەن ئىنىسى كۆل تېكىننىڭ تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ۋاپاتىدىن ( مىلادىنىڭ 731 - يىلى 47 يېشىدا ۋاپات بولغان ) بىر يىل كىيىن ئورنىتىلغان « كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى » نىڭ جەنۇپ تەرىپى 13 - قۇردىكى : « بىتىدىم ئانى كۆرۈپ ئانچە بىلىك ئول تاش ... دىم . بۇ بىتگ بىتىگمە ئاتىسى يوللۇغ تېكىن » ( مەنىسى : « يازدۇردۇم ، ئۇنى كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار ، ئۇ تاش ... مەن ... دىم . بۇ مەڭگۈتاشقا خەت يازغۇچى جىيەن ئوغلى يوللۇغ تېكىن » ) دىگەن سۆزلەرنى ھەمدە كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىدىكى يۇقىرقىغا ئوخشاش بايانلارنى ئۇقىغىنىمىزدا بۇ ئىككى مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ بىلگە خاقاننىڭ ئېيتىپ بىرىشى بىلەن ، ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن يېزىپ چىقىرىلغانلىقى ، شۇنداقلا ، يەنە يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن مەڭگۈتاشلارغا ھۆسىن خەت قىلىنىپ نەقىشلىنىپ يېزىپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلىمىز .
بىلگە خاقان ، كۆل تېكىن مەڭگۈ تاشلىرى خۇددى تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىغا ئوخشاشلا شۇ دەۋىر رېئاللىقىدىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى مۇھىم تارىخى ھۆججەت بولۇپلا قالماي ، شۇ دەۋىر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ زور قىممەتكە ئىگە . ئۇ بىزگە قەدىمكى تۇركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىدا مەۋجۇت بولغان شەكىللەرنى ، ئوبرازلىق تەپەككۈر ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئېلىمىنتلىرىنى ئايرىپ چىقىپ ، بىزنىڭ ئەنە شۇ مەزگىلدىكى يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە رۇشەن چۈشەنچىگە ئىگە بولىسشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ .
مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى شۇ دەۋىردىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەدەبىيات ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىدە تولۇق ئەكىس ئەتتۈرگەن ، ھەم قەھرىمانلىق داستانلىرى ، ئەدەبىي تەزكىرە ھەم نەسىر ، ھەم شېئىر خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان بىر خىل ئالاھىدە بەدىئىي شەكىلدۇر . كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشىدىن ئېلىنىپ ، شېئىرى تۈسكە كىرگۈزۈلگەن تۆۋەندىكى قۇرلار بۇ پىكىرنىڭ مەلۇم ئىسپاتى بولالايدۇ . « ئۆتۈكەن يىر ئولۇرۇپ ،
ئارقۇ ، تىركىش ئوسەر .
نەڭ بوڭۇغ يوق ،
ئۆتۈكەن يىش ئولۇرسەن » . مەنىسى : ئۆتۈكەن يىرىڭ بولسا ،
پەقەت كارۋان جۈنەتسەڭ .
قايغۇ - غېمىڭ بولماس ،
ئۆتۈكەن تېغىدا تۇرساڭ . يوللۇغ تېكىننىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . لېكىن ئۇ يازغان ئىككى مەڭگۈ تاش تېكىستىدىن بىز ئۇنىڭ 8 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز . ئۇلۇغ تىلشۇناس ، ئالىم - پىرخۇيلان
پىرخۇيلان ( 726 - 820 - يىللىرى ) تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر بۇددا دىنى مۇتەپپەككۇرى ، ئاتاقلىق مائارىپچى ، تىلشۇناس ، يازغۇچى بولۇپ ، ئۇ ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە مەشھۇر تارىخى شەخىسلەر قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ .
پىرخۇيلان ( 裴 悲 ) مىلادى 736 - يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇ قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر ( خەنزۇچە خاتىرىلەرگە 裴 دەپ پۈتۈلگەن ) فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى . ئۇ ياشىغان دەۋىرلەردە قەشقەر شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ، ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ ، ھەيۋەتلىك بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىدى . بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بۇددا دىنىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى قەشقەرنى ھەرقايسى ئەللەردىكى بۇددا مۇخلىسلىرىنىڭ مۇقەددەس زىيارەتگاھىغا ئايلاندۇرغان ئىدى . ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرىق ئەللىرىدىن كېلىدىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپپەككۇرلىرى ۋە ئالىملىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنەتتى . بۇ دەۋىردە يەنە سانسىزلىغان مۇتەپپەككۇرلار ، ئالىملار ، تەرجىمەشۇناسلار يېتىشىپ چىقىپ ، قەشقەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى .
ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەن پىرخۇيلان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالى ئىبادەتخانىلاردا زور ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان . بۇددا دىنىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق ئۆگۈنىش ئۈچۈن تىل - يېزىق ئۆگۈنىشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىپ ، ئۆز ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان . نەتىجىدە ئۇ كىيىنكى مەزگىللەردە بۇددا كىتابلىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھىلىگۈچىسى ، بۇ جەھەتتە ئەتىراپلىق بىلىمگە ئىگە مەشھۇر تىلشۇناس ، ئالىم سۈپىتىدە زور شۆھرەت قازانغان .
پىرخۇيلان ئۆمۈرىنىڭ كىيىنكى چاغلىرىدا قەشقەردە تارقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ چاڭئەنگە بېرىۋالغان . ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە « پىشىۋا ئالىم » دىگەن شانۇ - شەۋكەتلىك نامغا ۋە كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان . ئۇ چاڭئەندە 20 يىل قان - تەر ئاققۇزۇپ ، « بارلىق نوم سۆزلىكلەرنىڭ شەرھىسى » ( 一切经音义 ) ناملىق يۈز تومدىن ئاشىدىغان زور ھەجىملىك ئەسىرىنى يېزىپ تاماملىغان . ئۇ چاڭەندىكى شىمىڭ ئىبادەتخانىسى ( 西明寺 ) دا 52 يېشىدا ( مىلادى 788 - يىلى ) بۇ بۈيۈك بۇددا قامۇسىنى يېزىشقا باشلاپ ، 74 يېشىدا ( مىلادى 801 - يىلى ) تاماملىغان . ئالىم بۇ قامۇسنىڭ مەزمۇنىنى بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ كاتتا نومى - چوڭ يوللۇقلار ماھايانا ( Mahayana ) مەزھىپىنىڭ ئەڭ تۈپ نەزىرىيىۋى ئاساسى بولغان ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق راھەت - پاراغەت دۇنياسىغا يىتىپ بېرىش ھەققىدىكى « ماھابخاراژنا پارامىتا سۇترا » ( Mshaprajna paramita Sutra ) دىن باشلاپ ، بۇددىزىمنىڭ پاك ئەخلاقى پەزىلىتىنى تەقدىم قىلىدىغان ۋە بۇددانى جان تىكىپ قوغدۇغىچى « 护命法 » سوتراسىدا ئاخىرلاشتۇرغان .
ئالىمنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئىزاھلىغان ۋە شەرھىلىگەن نوملار جەمى 5480 جىلىد ئىدى . بۇ قامۇس خارەكتىردىكى يىرىك ئەسەرنى بۇددا ئالىملىرى ، مۇتەپپەككۇرلىرى ۋە تەرجىمەشۇناسلىرى قولدىن - قولغا ئېلىپ دەرىسلىك ، لىكسىيە قىلىپ تاكى چىڭ سۇلالىسى ( 1644 - 1911 - يىللىرى ) نىڭ ئاخىرغىچە سانسىزلىغان كىشىلەر ئۇنى ئەتىۋالاپ قوللانما سۈپىتىدە ئۇقۇپ كەلگەن .
« بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى » بۇددا نوملىرىنى ئۇقۇش قائىدىلىرىنى تىلشۇناسلىق نوقتىنەزىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان ۋە بۇددا ئەقىدىلىرىنى شەرھىلەيدىغان دىنى دەستۇر بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، ئىنتونوگىرافىيىسىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بىرىلگەن ؛ ئۇ تىل - ئەدەبىيات ، پەلسەپە ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، ئەدەبىيات - سەنئەت قاتارلىقلارغا ئائىت مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تەربىيىۋى قىممەتكە ئىگە دەرىسلىك كىتاپ . بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلار بىرىلگەن .
ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ، تەرجىمە پىشىۋاسى ، مەشھۇر پەيلاسوپ كومىراجىۋا ( 344 - 413 - يىللار ) ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن غوڭقا ، جاللا ، بەرباپ قاتارلىقلار ھەققىدە ؛ ئۇلۇغ تىلشۇناس ، ئالىم ، جۇراپىيۇن ، ئىنتونوگىراف مەھمۇد قەشقىرى ( تەخمىنەن 1008 - 1105 - يىللار ) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىل تارىخى ساھەلىرىدە مۇھىم مەلۇماتلار قالدۇرۇلۇپ ، بىزنى بۇ ساھەلەرنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگىنىدەك ، پىرخۇيلانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ، تۇرمۇش ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ، پولو ، شورپىلىرىغا ئوخشاش تائاملىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ . مەسىلەن : ئۇ « بارلىق نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھىسى » دىگەن ئەسىرىدە ۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغدىكى دىرامما خارەكتىردىكى ئويۇنى - سۇ - مۇز ئويۇنى توغرىسىدا توختىلىپ : « سۇ - مۇز غەربى يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىزىقچىلىق تۈسىنى ئالغان ئويۇنى بولۇپ ، سامۇز دەپ ئاتىلاتتى . بۇ ئويۇن كۈسەن ئېلىدىن تارقالغان . ئۇنىڭ ئۆز نەغمىسى ھېلىمۇ بار . بۇ قومتۇز ، داميەن ( چۈمپەر ) ، باتۇر ئويۇنلىرىدىەك يىرتقۇچ سۈرەتلىك يە بولمىسا جىن - ئەرۋاھلار سۈپىتىدە نىقاپ تاقاپ ئوينىلىدۇ ۋە ياكى ئۆتكەن كىشىگە لاي ، سۇ چېچىپ ياكى قۇلىغا سالما ، ئىلمەك تۇتۇپ ئۆتكەن كىشىنى تۇتۇپ ، قىزىقچىلىق قىلىدۇ . ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىپ يەتتە كۈن داۋام قىلىدۇ . ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتتە بۇخىل ئويۇن خەلققە ئاپەت سالىدىغان جىن - شاياتۇنلارنى قوغلاش ئويۇنى دەپ قارىلىدۇ ... » دەپ يازغان .
ئالىمنىڭ « بارلىق نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھىسى » نىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كورىيەلىكلەر مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىپ مەزكۇر ئەسەرنى كۆچۈرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، تاڭ سۇلالىسى تەرپىدىن ئۇلارنىڭ تەكلىۋى رەت قىلىنغان . كىيىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كورىيەلىكلەر يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرىۋالغاندا ، سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كۆچۈرىۋېلىشقا قوشۇلغان . مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياپۇنلۇقلار كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن . ئەسەرنىڭ پەيدىن - پەي شەرىق ئەللىرىگە كۆچۈرۈلمە نۇسخسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، پىرخۇيلاننىڭ بۈيۈك نامى ئەنە شۇ ئەللەرگە تارقالغان .
مىلادى 1737 - يىلى ( چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ ئىككىنچى يىلى ) پىرخۇيلاننىڭ ھەممە ئەسەرلىرى تولۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىنغان . 1880 - يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخسىسنى ياپۇنىيىدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ ، كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان .
ئالىم پىرخۇيلان ئۆز دەۋرىدە مۇدىغا ئايلانغان ئەنەتكەك ( سان - سىكىرت تىلى ) تىلىنى ، جۇڭگۇ ( خەنزۇلار ) نىڭ ئەدەبى تىلىنى ۋە باشقا تىللارنى پىششىق ئىگەللىگەن . ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى بارلىق خاتىرلىرىنى ناھايتى پىششىق ئۈگۈنىپ چىققان . نۇرغۇنلىغان ئالىملارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن . مەنبە : شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999 - يىلى نەشىر قىلغان « سۈي ، تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخىسلەر » دىگەن كىتاب .داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە دەۋاملىق يوللاي .