izqi818
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 5
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 ئەلىشىر نەۋائى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى

ئەلىشىر نەۋائىنىڭ تەرجمھالى

ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ،شائىر ،ئەدەبىياتشۇناس ،ئىجتىمائې پائالىيەتچى، ھەم پەن مەدەنىيەت جەڭچىسى ئەلىشىر نەۋائى1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۇنى (ھىجىرىيە 844-يىلى
رامىزاننىڭ 7-كۈنى )خۇراسان مەملىكىتىنىڭ مەركىزى ھىرات شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.
شائىرنىڭ قۇلقىغا تەكبىر ئىيتىپ قويغان ئىسمى نىزامىدىن ئاتىسىنڭ ئىسمى غىياسىدىن. تۇركې
ئىجادىيىتىدە قوللانغان تەخەللۇسى نەۋائى ،پارىس تىلى ئىجادىيىتىدە قوللانغان تەخەللۇسى فانى(يوقۇلۇش دىگەن مەنىدە)جەمىيەتتە ۋە مەكتەپتە قەللىنىپ كەلگەن ئىسمى ئەلىشىر، تولۇق ئىسمى نىزامىدىن
ئەلىشىر نەۋائى .
ئەلىشىر 12ياشقا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولغان ،ئەلىشىر 15يىشىدا ھۇسەييىن بايقارا بىلەن بىللە ئوبۇلقاسىم بابۇر ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان .
1469-يىلى مارتتا ئەلىشىرنىڭ دوستى ھۇسەييىن بايقارا ھىرات تەختىگە چىقىپ ھوكۇمدار بولغاندا ئەلىشىر ئوردىدا مۆھىردارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
1483-يىلى ئۆلمەس ئەسىرى (خەمسە)نى يىزىشقا كىرشىپ ، شۇ يىلى (ھەيراتۇلئەبرا)بىلەن (پەرھاد ۋە شىېرىن )داستانىنى يازدى .1484-يىلى (لەيلى ۋە مەجنۇن ) (سەبئىئې سەييارە )داستالىرىنى يىزىپ
پۇتتۇردى .
نەۋائىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى (مەھبۇبۇل قۇلۇپ ) بولۇپ ،ئۇ 1500-يىلى يىزىلغان ، ئۇلۇغ شائىر
ئەلىشىر نەۋائى 1501-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ھىرات شەھرىدە ئالەمدىن ئۆتتى

ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە

نەۋائى ئۆز ھاياتىدا ئاز بولمىغان بۈيۈك ئابىدىلەرنى بىزلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن ، چەت ئەلدە نەشىر قىلىنغان «مىزانۇلئەۋزان » نىڭ كىرىش سۆزىدە ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكىى مۇنداق كۆرسىتىلگەن :
1. دىۋانلار ----- { 1} « خەزائىنۇلمەئانى » ،بۇ ئەسەر تۆت دىۋاندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، خەلىق ئىچىدە «چاھار دىۋان » (تۆت دىۋان ) دەپ ئاتالغان .1- «غەرايىبۇسىىغەر » ( بالىلىق غارايىباتلىرى ).2- «نەۋادىرۇشىشەباب »{يىگىتلىك نادىرلىقلىرى } .3- بەدايىئۇلۋەسەت » {ئوتتۇراياشلىق گۈزەللىكلىرى} .4- «فەۋائىدۇلكىبىەر»{قېرىلىق پايدىلىرى }. بۇلاردىن باشقا يەنە «دىۋان فانى» {پارىسچە توپلام} مۇ بار .
2. «خەمسە» . ------- بۇ بولسا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركې تىللىق خەلىقلەر ئەدەبىيات تارىخىدا دەۋىر بۆلگۇچ پەيدا قىلغان شاھانە ئەسەر . «خەمسە» دىن ئىبارەت بۇ داستانلار توپلىمى 1483-1485-يىللىرى ھىراتتا ئۇيغۇر تىلى بىلەن يىزىلغان . «خەمسە» دىكى داستانلار 1- «ھەيرەتۇلئەبىرا » 63باب ، 3973بېيىت. بۇ مەزمۇن ئىتىۋارى بىلەن پەلسەپىۋى داستان تۇركىمىگە تەئەللۇق . 2-«پەرھاد ۋە شىرىن » ،بۇ نەۋائى ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ تەسىرلىك داستان بولۇپ 54باب ، 5453 بېيىتتىن تەركىپ تاپقان . 3- «لەيلى ۋە مەجنۇن » ، 38 باب ، 3614 بېيىت ، شائىر بۇ داستاننى «ماتەمنامە » دەپمۇ تەرىپلىگەن. 4- « سەبئىىئىې سەييارە » . 38باب ، 5009 بېيىت . شائىر بۇ داستاننى «قىزقارلىق ھېكايە » دەپمۇ ئاتىغان. 5- « سەددى ئىسكەندەر » بۇ 89 باب ، 7182بېيىتتىن تەركىپ تاپقان .
3. تەزكىرىلەر ------ 1- «مەجەلىسۇننەفائىس » . 2- « نەسائىمۇلمۇھەببەت» {مۇھەببەت خۇشپۇراقلىرى } .
4 . تىل ۋە ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر: ------- 1- «رىسالەئى مۇئەمما » 2- « »مىزانۇلئۋزان » 3- «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەيىن » .
5 . دىنې ، ئەخلاقى ، پەلسەپىۋى ئەسەرلەر :------ 1- «مۇناجات » 2- « چىھىل ھەدس » 3- « نەزمۇل جەۋاھىر » 4- « لىسىانۇتتەير » 5- « سىراجۇل مۇسلمىن » 6- «مەھبۇبۇلقۇلۇب»
6 . تارىخى ئەسەرلەر: -------- 1- «كۆرسىتىلگەن :
1. دىۋانلار ----- { 1} « خەزائىنۇلمەئانى » ،بۇ ئەسەر تۆت دىۋاندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، خەلىق ئىچىدە «چاھار دىۋان » (تۆت دىۋان ) دەپ ئاتالغان .1- «غەرايىبۇسىىغەر » ( بالىلىق غارايىباتلىرى ).2- «نەۋادىرۇشىشەباب »{يىگىتلىك نادىرلىقلىرى } .3- بەدايىئۇلۋەسەت » {ئوتتۇراياشلىق گۈزەللىكلىرى} .4- «فەۋائىدۇلكىبىەر»{قېرىلىق پايدىلىرى }. بۇلاردىن باشقا يەنە «دىۋان فانى» {پارىسچە توپلام} مۇ بار .
2. «خەمسە» . ------- بۇ بولسا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركې تىللىق خەلىقلەر ئەدەبىيات تارىخىدا دەۋىر بۆلگۇچ پەيدا قىلغان شاھانە ئەسەر . «خەمسە» دىن ئىبارەت بۇ داستانلار توپلىمى 1483-1485-يىللىرى ھىراتتا ئۇيغۇر تىلى بىلەن يىزىلغان . «خەمسە» دىكى داستانلار 1- «ھەيرەتۇلئەبىرا » 63باب ، 3973بېيىت. بۇ مەزمۇن ئىتىۋارى بىلەن پەلسەپىۋى داستان تۇركىمىگە تەئەللۇق . 2-«پەرھاد ۋە شىرىن » ،بۇ نەۋائى ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ تەسىرلىك داستان بولۇپ 54باب ، 5453 بېيىتتىن تەركىپ تاپقان . 3- «لەيلى ۋە مەجنۇن » ، 38 باب ، 3614 بېيىت ، شائىر بۇ داستاننى «ماتەمنامە » دەپمۇ تەرىپلىگەن. 4- « سەبئىىئىې سەييارە » . 38باب ، 5009 بېيىت . شائىر بۇ داستاننى «قىزقارلىق ھېكايە » دەپمۇ ئاتىغان. 5- « سەددى ئىسكەندەر » بۇ 89 باب ، 7182بېيىتتىن تەركىپ تاپقان .
3. تەزكىرىلەر ------ 1- «مەجەلىسۇننەفائىس » . 2- « نەسائىمۇلمۇھەببەت» {مۇھەببەت خۇشپۇراقلىرى } .
4 . تىل ۋە ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر: ------- 1- «رىسالەئى مۇئەمما » 2- « »مىزانۇلئۋزان » 3- «مۇھاكىمەتۇللۇغەتەيىن » .
5 . دىنې ، ئەخلاقى ، پەلسەپىۋى ئەسەرلەر:--------- 1- «مۇناجات » 2- « چىھىل ھەدس » 3- « نەزمۇل جەۋاھىر » 4- « لىسىانۇتتەير » 5- « سىراجۇل مۇسلمىن » 6- « مەھبۇبۇلقۇلۇب »
6. تارىخى ئەسەرلەر :-------- 1-« تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۆكەمە » 2- « تارىخى مۇلكى ئەجەم » 3- « زۇبدەتۇل تەۋارىخ » .
7. تەرجىمھال ئەسەرلەر :-------- 1- « ھالاتى سەئىد ھەسەن ئەردەشىر » 2- «خەمسەتۇلمۇتييىرن » 3- « ھالاتى پەلىۋان مۇھەممەد » .
8. ۋەسىقىلەر:---- 1- « ۋەقفنامە » 2- « مۇنشەئات » .
بۇلاردىن باشقا ، بەزى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە نەۋائى ئۆمىرنىڭ ئاخىردا يەنە ئۆز قەسىدىلىرىنى توپلىغان .

bilqut
Posted: 2008-03-17 19:46 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.046352(s) query 3, Time now is:03-21 08:58, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation