بۇ بەتتىكى يازما : مانى يىزىقىدىكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇندەرىجىسى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

kulbilge
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 مانى يىزىقىدىكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇندەرىجىسى

مانى يىزىقىدىكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇندەرىجىسى
توپلاپ رەتلىگۇچى: كۇلبىلگە


   مىلادى 3-ئەسىرلەردە غەربى ئاسىيادا پەيدا بولغان مانى دىنىنىڭ ئوتتورا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا تارقىلىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ مانى يىزىقىمۇ بىرگە تارقىلىپ كەلگەن.  مىلادى 763-يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قاغانى مويۇنچۇر قاغان مانى دىنىنى رەسمى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر دىننىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ كۇلەمدە تارقىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. مانى يىزىقىدىكى ئەسەرلەرمۇ كۆپلەپ بارلىققا كىلىشكە باشلىغان. مانى دىنىغا ئائىت ۋەسىقىلەر تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭ رايونىدىن زور مىقتاردا تىپىلغان بولۇپ، گىرمانىيىلىك لىكوك(Le Coq ) تۇرپان رايونىدىن يىغىپ ئىلىپ كەتكەن مانى ۋەسىقىلىرىلا مىڭدىن ئاشىدۇ. لىكوك ئەينى ۋاقىتتا يەر ئاستىدىن مانى دىنى ۋەسىقىلىرى ساقلانغان كىتاپخانىدىن بىرنى بايقىغان بولۇپ، ئەمما ۋەسىقىلەرنى سۇ بىسىپ كەتكەن بولغاچقا ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە ئامال بولمىغان.

1. خۇاستۋانىفت (مانى مۇخلىسلىرىنىڭ تۆۋىنامىسى) ــ مانى ۋەسىقىلىرى ئىچىدە بىر قەدەر تولۇق ۋە مۇھىم بولغان ئەسەر.

مانى دىنى ۋەسىقىلىرىنىڭ پارچىلىرى سان جەھەتتىن كۆپ بولسىمۇ، ئەمما تولۇق نوسخىلىرى ئاز بولغاچقا، تۆۋەندە مانى يىزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنىڭ پارچىلىرى سىستىمىلىق كۆرسىتىگەن نوپۇزلۇق كىتاپلار مۇندەرىجىسى بىرىلدى.

1. «تۇرپاندىن قىزىۋىلىنغا تۇركچە مانى دىنى ۋەسىقىلىرى» (高唱出土突厥语摩尼教文献)  ــ  ئالبىرت فون لىكوك، گىرمانىيە ، 1912-،1919-،1922-يىللىرى بىرلىندا نەشىر قىلىنغان ئۇچ توملۇق كىتاپ.
2. «تۇركچە تۇرپان تىكىستلىرى» (突厥语吐鲁番文献) ــ  فون گابائىن، گىرمانىيە، 1929-،1930-،1958-يىلى بىرلىندا نەشىر قىلىنغان 2،3،4-توملىرىدا بىرىلگەن مانى دىنى ۋەسىقىلىرى پارچىلىرى.


پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:
1. «غەربى يۇرت مەدىنىيەت تارىخى»، يۇيتىيەنخېڭ(ياپونىيە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1985-يىلى.
2. « سۈي ، تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخى شەخىسلەر » ، ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999 - يىلى.
3. «بىزنىڭ تارىخى يىزىقلىرىمىز»، قۇربان ۋەلى، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى، 1986-يىلى.
4. «قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقلىرى ۋە يازما يادىكارلىقلىرى» (维吾尔古文字与古文献导论) ، نيۇ رۇجى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىلى.

____________________________________________
تىخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى مۇندەرىجىسى: ./BBS/thread.php?fid=41
[ بۇ يازما kulbilge تەرىپىدىن 2008-03-17 22:53 دە قا ]
bilqut
Posted: 2008-03-17 20:03 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ۋەسىقىلىرىمىز

Total 0.048371(s) query 3, Time now is:03-21 08:58, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation