Ghunche
دەرىجىسى : شەرەپلىك ئەزا


نادىر يازمىلار : 3
يوللىغان تېما : 323
شۆھرىتى: 330 نومۇر
پۇلى: 3290 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 248(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 تۇرپان قوزغىلىڭىنى بېسىقتۇرۇشنىڭ ئۆتمۇشى

تۇرپان قوزغىلىڭىنى بېسىقتۇرۇشنىڭ ئۆتمۇشى

 
(سۇڭ شىلىيەن)


      ھەر قانداق بىر ئىش ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولمايدۇ، قاچانلا بولمىسۇن ئۇنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئىچكى مۇناسىۋىتى بولىدۇ.تۇرپان ۋەقەسىمۇ دەل شۇنداق. مەن «1947-يىلى ئۈرۈمچىدىكى « 25-فېۋرال» ۋەقەسىنڭ ھەقىقىي ئەھۋالى» دىگەن ماقالىدە، ئەخمەتچان باشچىلىغىدىكى ئىلى ئىنقلاپچىلىرى بىلەن جاڭ جژجۇڭ باشچىلىغىدىكى گومىنداڭچىلارنىڭ شىنجاڭدىكى كەسكىن كۈرەش ئەھۋالى توغۇرلۇق تەپسىلى توختالدىم.يېڭى ئۆلكۈلۈك ھۆكۈمەت ئەمدىلا قۇرۇلغان مەزگىلدە ئەخمەتچان جاڭ جژجۇڭنىڭ ئىلاج قىلىپ تىچلىقنى ئارزۇ قىلىش كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، ھەدىگەندىلا ئىلى تەرەپتىن ئابدۇراخمان مۇھىتىنى تۇرپاننىڭ ھاكىملىقىغا كۆرسەتتى. ئۇ چاغدا مەن بۇ قارارغا رازىلىق بىلدۇرمىدىم، ليۇمىڭچۇنغا (غەربى-شىمال مەمورى مەھكىمە باش كاتىۋى ۋە قوشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باش كاتىۋى): «تۇرپان بولسا قۇمۇل ھەم ئىچكىرىگە قاتنايدىغان يولنىڭ ئاغزى، شۇنىڭدەك دۆلەت ئارمىيسىنى تەمىنلەيدىغان بازار، نىمىشقا بۇنداق مۇھىم ناھىيىگە ئىلى تەرەپنىڭ ئادىمىنى ھاكىم قىلىپ قويىمىز؟» دىدىم. لىيۇمىڭچۇن: «مىنىڭچىمۇ مۇۋاپىق بولمىدى. بىراق جۇرىن(جاڭ جىژجۇڭنى دىمەكچى) ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەمدىلا قۇرقۇلدى، فۇجۇشىنىڭ بىرىنچى نۆۋەت ھاكىم كۆرسۈتىشى بولغاشقا، رەت قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قاراپ، تەسدقلەندى» دىدى. «بۇنداق بولغاندا ھازىرىدىن ئېتىۋارەن تۇرپاندا ۋەقە تولابولىدۇ-دە»دىدىم مەن.
      ئابدۇراخمان مۇھىتى تۇرپانغا ھاكىم بولغاندىن كېيىن، ئاستاننى مەركەز قىلغان ھالدا، ناھايىتى ئاكتىپ ھالدا تەشكىلى ھەركەت ئېلىپ بېرىپ، قوراللىق قوزغىلاڭنى پىلانلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇرپان ئۇيغۇر خەلقى جىقراق جۇغلاشقان جاي بولغاچقا، ئىلى تەرەپ ئۇلارنى قوزغۇلۇپ گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشقا تەشۋىق قىلدى ھەم قۇتىراتتى.
      مانا بۇ-تۇرپاندا قۇراللىق قوزغىلاڭ پەيدا بۇلۇشتىكى سەۋەب.لېكىن بۇ قېتىمقى ۋەقە 1947-يىلى 7-ئايلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ، ئىلى تەرەپنىڭ ئالدىن پىلانلىشىى بىلەن بولغان ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ توپلانغان كۈچى يىتشىزلىك قىلاتتى، تەييارلىغىمۇ تولۇق ئەمەس، ئاممىنى ھەركەتلەندۇرشىمۇ دىگەندەك جايىدا ئەمەش ئىدى. نەتىجىدە بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
       ئەمدى مەن ئالدى بىلەن ئىلى تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى بالدۇر قوزغاپ قويۇشىدىكى قىسقىچە سەۋەپلىرىگە ئازىراق توختۇلۇپ ئۆتەي.
      1947-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى جاڭ جژجۇڭ ئەخمەتجان فۇجۇشى، ۋاڭ زېڭشەن، نازىر (ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ)، مۇئاۋىن نازىر رەخىمجان، ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەيسا، چۇيۋۇ ۋە تەپتىش مەسئۇت، تاشقى ئىشلار ۋەكىلى ليۇزەيرۇڭلارنى باشلاپ ئۈرۈمچىدىن ئايرۇپىلان بىلەن ئاقسۇغا باردى. كېيىن قەشقەر، يەركەن، ھوتەن قاتارلىق جايلارنى كۆزدىن كۇچۇردى، قايتىشىدا كۇچار، قارا شەھەر قاتارلىق جايلاردىن ھال سورىدى، يەنى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايىتىنى 23 كۈندە ئايلىنىپ چىقتى. 5 ۋىلايەتنىڭ ئىچىدە قارا شەھەر ۋىلايىتىدە خۇيزۇ، مۇڭغۇل مىللىتى جىقراق بولغاندىن تاشقىرى، قالغان ۋىلايەتتىكى ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپچۇلۇكى ئۇيغۇرلار ئىدى. بولۇپمۇ قەشقەر ۋىلايىتىدە ھەممىدىن جىقراق ئۇمۇمەن سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى ھىساپلىناتتى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى سېيىت ئەخمەت، يەرلىك چوڭ ئاخۇن ھەم چوڭ پومشىچىك ئىدى؛ خوتەن ۋالىيسى خۇدىڭباڭ (نۇر بەگ) پومشىچك،خەنزۇ تىلىغا ماھىر، خەنزۇلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئىدى؛ يەركەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى جۇفاڭگاڭ، خەنزۇ، قارا شەھەر ۋىلايىتنىڭ ۋالىسى زۇشۇبىڭ ھەن خەنزۇ ئىدى. مەزكەر 4 ۋىلايەتنىڭ مەمۇرىي مەسئۇللىرى جايلاردا تۇرۇشلۇق قىسملار بىلەن زىچ بىرىلىشىۋالغان بولۇپ، ئىلى تەرەپتىن ھەركەتلىشىكە ئىۋەتكەن ئادەملەر ئىش ئېلىپ بېرىشتا بەك قىينىلاتتى. شۇڭا جاڭ جژجۇڭ قاتارلىقلار 4 ۋىلايەتنى كۆزدىن كۈچۈرگەن چاغدا، ھەممە ئىشلار تىپ-تىچلىق ئىدى. ئۇلار تەكىلىپ قىلىپ سۆھبەتلەشكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى، جاڭ جۇشىنى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسى پىروگىراممىسىنى ھىمايە قىلىدىغانلىغىنى بىلدۇرۇشتى. شىكايەتمۇ قىلشمىدى، نامايىش ھەم ئۆتكۈزمىدى. جاڭ جژجۇڭ ناھايىتى رازى بولغان ئىدى. بىراق ئەخمەتجان نارازى بولدى. چۈنكى بۇ جايلاردا ئىلغار كۈچلەر تېخى شەكىللەنمىگەن، بىر قەدەر ئىلغار ئادەملەر ئۇلارغا يېقىن كەلمەيتتى. لېكىن قەشقەرنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىققتى. 1946-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەستىن، جاڭ جژجۇڭ ئەخمەتچان ھەم بۇرھاننىڭ پىكرىگە قوشۇلغان ھالدا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يىغىنىدا ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىلىغىغا بەلىگىلەشنى ماقۇللىدى، بۇ ئادەم شۇ جايدىن چىققان مەشھۇر سوۋېت پەرەس ئادەم بولۇپ، ئىلى ئىنقلاپچىلىرىغا ھىسداشلىق قىلغۇچىلاردىن ئىدى. ئىلى تەرەپتىن ئىۋەتىلگەن نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنىڭ ھىمايىسى ئارقىسىدا ناھايىتى چاپسانلىق بىلەن راۋاج تېپىپ «شەرقى تۈركىستان ياشلار ئىتتىپاقى» نى تەشكىل قىلۋالدى ۋە باشقا پائالىيەتلەنى ئېلىپ باردى. جاڭ جژجۇڭ تېخى قەشقەرگە يېتىپ بېرىشتىن ئاۋال، بىز قەشقەردە تۇرۇشلۇق 42-كورپۇسنىڭ قوماندانى جاۋشىگۋاڭنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى دايىم تەشكىللىك نامايىشىلار ئۆتكۈزۈپ، تۇرۇشلۇق قىسىملارغا دۈشمەنلىك پوزېتسىيە قوللانماقتا، ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددى، دىگەن بىر قانچە تېلىگىراممىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى. جاڭ جژجۇڭ قاتارلىقلار قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن كونا شەھەردىكى ۋالى مەھكىمىسىگە چۈشىدۇ (قەشقەردە كونا شەھەر، يېڭى شەھەر دەپ ئاتىلىپ، ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىغى 9 كىلومېتىر كېلىدۇ. كونا شەھەر چوڭراق بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ تولىسى ئۇيغۇرلار، سودا-سېتىق مەركىزى ھېسابلىنىدۇ، مەمۇرى ئورگانلارنىڭ تولسىمۇ شۇ جايدا. يېڭى شەھەردە ئاساسەن ھەربى قىسىملار ۋە قىسىمەن خەنزۇلار جايلاشقان) ، 2-كۈنى ئېچىلغان ئاممىۋى قارشى ئېلىش يىغىنىدا، جاڭ جژجۇڭ بىلەن ئەخمەتچان، مەسئوتلار سۆزلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر باشلىقلىردىن بىر نەچچىسى سۆزگە چىقىپ، خەنزۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئۆتمۈشتە شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن دەھشەتلىك ھۆكۈمىرانلىغىنى ئەيىپلىدى، دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىشىنى، يەرلىك مىللى قىسىمنىڭ قۇرۇلۇشنى، ئۇلارنىڭ قارشىچە ئەكسىيەتچى ھىساپلانغان يەرلىك رەھبىرى زاتلارنىڭ جازالىنىشىنى ۋە باشقىلارنى تەلەپ قىلدى. ئامما بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قىزغىن چاۋاك چالدى ھەم قوللىدى. جاڭ جژجۇڭ جاۋاپ بەرسۇن! دەپ تەلەپ قويدى.جاڭ جژجۇڭ ئۇلارنى گەپكە كۆندۈرشكە تىرىشىپ باقتى، لېكىن تىلى قۇرۇپ كالپۇكلىرى تالغىچە سۆزلىسىمۇ، بىكار ئاۋارەچىلىق بولدى. ئاممىنىڭ كەيىپياتى بارغانسىرى ئۆرلەپ، جاڭ جژجۇڭنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى ۋە ئۈنلۈك ۋارقىراشتى. بۇ ئىش 4-5 سائەت داۋام قىلدى، ھەل قىلىشنىڭ ئىلاجى بولمىغاچ، جاڭ جژجۇڭ مۇنبەرنى تاشلاپ كېتىپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى. 5-ئايىنىڭ باشلىرىدا جاڭ جژجۇڭ قاتارلىقلار، خوتەندىن قەشقەرگە قايتىپ، يەنە ۋالى مەھكىمىسىگە چۈشكەن ئىدى، شۇ كۈنى كەچ سائەت 7دىن باشلاپلا 6.5مىڭدەك ئاممىنىڭ مۇھاسىرىدە قالدى، ئۇلار جاڭ جژجۇڭنىڭ ئۆتكەن نۆۋەت ئوتتۇرىغا قويغان بىر نەچچە مادىغا جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، يەنە بىر قانچە يېڭى ماددىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
bilqut
Posted: 2008-03-17 23:15 | [ئاپتور]
Erktekin
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-10-05
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

داۋامىغا تەشنامىز ................
1som
Posted: 2008-03-18 19:20 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي

Total 0.047276(s) query 4, Time now is:03-21 04:39, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation