بۇ بەتتىكى يازما : خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

tiyipjan
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

---  كىشىلىك ھاياتتا ياشاپ ھېچقانداق ئىز قالدۇرالمىغان ئادەم تىرىك تۇرۇپ  ئۆلگەنگە باراۋەر
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياخشى پەرزەنتى ، جۇڭگۇ كومپارتىيىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى ، جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك كۆرەش قەھرىمانى ــ يولداش ئىسمايىل مەمەت 1939 -  يىلى قەشقەر يېڭىسار ناھىيە ئوچار يېزا ئۆستەڭ بويى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1959 -  يىلى 1 -  ئايدا شەرەپ بىلەن جۇڭگۇ ئازاتلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ ، سابىق شىنجاڭ ھەربى رايونى چىگىرا مۇداپىئە مەلۇم قىسمىدا ھەربى خىزمەت ئۆتەپ ، جەڭچى ، بەنجاڭلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . 1962 -  يىلى 10 -  ئاينىڭ 27 -  كۈنى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداپ ، ھىندىستان تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بېرىش جېڭىدە ( ھازىرقى شىزاڭ ئالى رايونىنىڭ چاڭساكۇ دىگەن يېرىدە ) قەھرىمانلىق بىلەن مەرىتلەرچە قۇربان بولغان .
يولداش ئىسمايىل مەمەت پارتىيىنىڭ مۇنەۋۋەر جەڭچىسى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئېدى . ئەينى ۋاقىتتا ، ئۇ تۇرغان قىسىم پارتكومى ئۇنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ، خىزمەتتىكى جاپا -  مۇشەققەتكە چىداپ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشتەك روھىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن ئۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىپ ، جۇڭگۇ كومپارتىيىسىنىڭ رەسمى ئەزاسى دەپ ئېتىراپ قىلغان .
1963 -  يىلى 3 -  ئاينىڭ 9 -  كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىكى يولداش ئىسمايىل مەمەتكە « كۆرەش قەھرىمانى » دەپ نام بەرگەن .
1962 -  يىلى 10 -  ئاينىڭ 27 -  كۈنى جۇڭگۇ خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى مەلۇم قىسمىنىڭ ئېغىر پىلىمۇت لىيەنى 1 -  پەي 3 -  بەنىدىكى كوماندىر -  جەڭچىلەر مۇئاۋىن لىيەنجاڭ ئوبۇل مۇسانىڭ باشچىلىقىدا ئاپتۇمبىلغا چۈشۈپ ۋەتەن چىگىرا مۇداپئەسىدە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ ، ئۇلار ماشىنا بىلەن قاتمۇ -  قات تاغلار بىلەن ئورالغان تاغ باغرىغا كەلگەندە ، تاغ باغرىغا ئالدىن يوشۇرۇنغان دۈشمەنلەر يولداش ئىسمايىل مەمەت چۈشكەن ئاپتۇمبىلنى شىددەت بىلەن ئوققا تۇتىدۇ . ۋەتىنىمىزنىڭ زىمىنىگە ئۈسسۈپ كىرگەن بۇ بىر بۆلەك ھىندىستان تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى ئۆزى ئىگەللەپ تۇرغان ئىگىزلىكنىڭ ئەۋزەل يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ،  بارلىق ئوت كۈچىنى ئىشقا سېلىپ 3 -  بەندىكى جەڭچىلەرنى شىددەت بىلەن ئوققا تۇتىدۇ ، ئۇلار ئولتۇرغان ماشىنا كوزۇپىنىڭ شاللىرى ئوقنىڭ زەربىسىدىن ئۆتمۇ تۆشۈك بولۇپ كىتىدۇ ھەمدە ماشىنىنىڭ ئوڭ چاقىغا ئوق تېگىپ ماشىنا مېڭىشتىن توختايدۇ ، شۇپۇر ئېغىر يارلىنىدۇ ، جەڭچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى تاغ باغرىدىكى ئوچۇقچىلىقتا پۈتۈنلەي ئاشكارلىنىپ قېلىپ دۈشمەنلەرنىڭ قارغا ئېلىش نىشانغا ئايلىنىپ قالىدۇ . گەرچە ، جەڭچىلەر دەرھال ئاپتۇماتلىرى بىلەن دۈشمەنگە ئوق ئېتىپ قايتۇرما زەربە بەرگەن بولسىمۇ ، دۈشمەننىڭ غالجىرلاشقان ئېغىر پىلىمۇتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن  پىلىموت بولمىسا بولمايتى . ئېغىر پىلىموت كابىنكا ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغاچقا ، ئۇنى ئېلىپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئىنتايىن قىيىن ئېدى  . دۈشمەنلەرنىڭ شىددەت بىلەن ياغدۇرغان ئوقلىرى جەڭچىلەرنىڭ قۇلاقلىرى ئەتراپىدا ئۈچۈپ يۈرۈپ ، جەڭچىلەرنى باش كۆتۈرەلمىگىدەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئېدى . بۇ خىل پاسسىپ ئەھۋال ئاستىدا مۇئاۋىن بەنجاڭ ئېغىر پىلىموتنى ئىشقا سېلىشقا قۇماندانلىق قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، دۈشمەننىڭ شىددەت بىلەن ياغدۇرىۋاتقان ئوت كۈچى جەڭچىلىرىمىزنىڭ پىلىمۇتنى يۆتكىشىگە مۇمكىنچىلىك بەرمىگەچكە ، كۈچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز جايىدىلا يېتىۋېلىپ مۇداپئە كۆرۈشكە بۇيرۇق بەردى . جەڭچىلەرگە پايدىسىز بۇنداق جىددى پەيىتتە 3 -  بەننىڭ بەنجاڭى يولداش ئىسمايىل مەمەتنىڭ كاللىسىدا ئۆزىنى قۇربان قىلىپ ، ئۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش خىيالى پەيدا بولدى ۋە لىيەنجاڭغا :
ـــ  مەن دۈشمەنلەرنى ئۆزەم تەرەپكە قارىتىپ تۇراي ، سىلەر دەرھال ئېغىر پىلىموت جازىسىنى يۆتكەپ قۇرۇۋېلىڭلار ،  دىگىنىچە ئاپتۇماتنى كۆتەرگەن پېتى شىددەت بىلەن يېغىۋاتقان ئوققا قېرىنداش جەڭچىلەرنىڭ ھايات -  ماماتى ئۈچۈن ئۆز كۆكسىنى قالقان قىلىپ ئالغا قاراپ يۈگىرىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى غالجىرلاشقان دۈشمەنلەرنىڭ دىققىتىنى بۇرايدۇ ، ۋەھشىلەشكەن تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەر پۈتۈن كۈچىنى يولداش ئىسمايىل مەمەتكە قارىتىپ ئۇنى شىددەتلىك ئوققا تۇتىدۇ ، دەل شۇ پەيىتتە بىر تال ئوق ئۇنىڭ سول بېغىشىغا تېگىدۇ ، يەنە بىر تال ئوق سول بېغىشىنى تېشىپ ئۆتۈپ يۈرەككە تېگىدۇ – دە ، ئىسسىق قان ئېتىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ . يولداش ئىسمايىل مەمەت قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ ، قولىدىكى ئاپتۇمات بىلەن دۈشمەننى داۋاملىق ئوققا تۇتىدۇ ، ئۇنىڭغا ئوق تەككەنلىكىنى كۆرگەن سەبداشلىرى ئاستا - ئاستا ئۆمىلەپ ئۇنىڭىغا يېقىنلىشىدۇ ھەمدە يارىسىنى تاڭماقچى بولغاندا ، ئۇ ئۇلارنى ئىتتىرىۋىتىپ قەتئىيلىك بىلەن ۋارقىرايدۇ :
ـــ  مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن ! دۈشمەننى ئوققا تۇتۇڭلار !
ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ئىلھام ئالغان سەپداشلار باشقىدىن جانلىنىپ ياۋۇز دۈشمەننى ئوققا تۇتىدۇ . شۇ ئەسنادا ئىسمايىل مەمەتنىڭ بەدىنىگە كەينى كەينىدىن ئوق تېگىپ ھالسىرىغان ھالدا يەرگە يىقىلىدۇ .
يولداش ئىسمايىل مەمەت پارتىيىنىڭ ياخشى جەڭچىسى ئۇ قىسىمغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئەمگەكنى ، ئەمگەكچى خەلقنى قىزغىن سۆيەتتى . ۋەتەن ، خەلق ئۈچۈن ئىشلەشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى -  دەپ بىلەتتى .
ئۇ 1960 -  يىلى 2 -  ئايدا ئۆزى تۇرۇشلۇق قىسىم جەڭچىلىرى بىلەن قەشقەر ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى مۇچ ، كاندىر دىگەن جايلاردا تۆمۈر يول ياساش قۇرۇلىشىغا قاتنىشىپ پەي ۋە لىيەن تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ تەقدىرلەنگەن . 1961 -  يىلى 12 -  ئايدا شىزاڭ ئالى رايونىنىڭ « مازادارا » دىگەن يېرىدە چىگىرا مۇداپئە تاش يولى قۇرۇلىشىغا قاتنىشىۋاتقاندا قاتتىق شىۋىرىغان ۋە سوغۇققا قارىماي ياخشى ئىشلەپ بىرىنچى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسىتىپ ئارمىيە تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان .
1961 -  يىلى 12 -  ئاينىڭ ئاخىرىدىن 1962 -  يىلى 5 -  ئايغىچە ئۇ تۇرغان قىسىم مەكىت ناھىيىسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسىغا يۆتكىلىپ بوز يەر ئېچىشقا قاتنىشىدۇ . بۇ چاغدا يولداش ئىسمايىل مەمەت ئۆز بەنىدىكى جەڭچىلەرگە باشلامچى بولۇپ ئىشلىگەچكە بەن « ئىلغار بەن » بولۇپ باھالىنىدۇ .
ئىسمايىل مەمەت ھايات چاغلىرىدا جاپا -  مۇشەققەتنى سەپداشلىرى بىلەن تەڭ تارىتتى ، جاپا -  مۇشەققەتلىك جەڭ مەيدانلىرىدا جاننى ئالقانغا ئېلىپ ، ئىش -  ئەمگەك جەريانىدا ھېرىپ -  چارچاشتىن قىلچە قۇرقىماي ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارنى ۋەتەننىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بېغىشلاپ 1962 -  يىلى 10 -  ئايدا شەرەپ بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ . ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندە ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن ئېدى . ئۇنىڭ قىسقىغىنە ھاياتى ۋەتەن ، خەلق ئۈچۈن بېغىشلانغان قىممەتلىك ھايات بولۇپ ، ئۇنىڭ يۈكسەك ئوبرازى ھەر كۈنى سۇبىھىدىكى تاڭ نۇرىدا نۇرلىنىپ مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدۇ .
پارتىيە ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئىش -  ئىزلىرىنى خاتىرلەش ۋە خەلق قەلبىدىكى سېغىنىش ھىسياتىنى نەزەردە تۇتۇپ ، يېڭىسار ناھىيە ئوچار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ گۈللىكىگە يولداش ئىسمايىل مەمەتنىڭ ھەيكىلىنى تىكلىدى ، ھازىر ئۇنىڭ ھەيكىلى تۇغۇلغان ئانا يۇرتىدا ھېلىھەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا . 
bilqut
Posted: 2008-03-18 10:20 | [ئاپتور]
tiyipjan
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 3
شۆھرىتى: 4 نومۇر
پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، كۆرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەمەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
رەتلىگۈچى : تېيىپجان ناسىر
1som
Posted: 2008-03-19 10:35 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۇر شەخسلەر

Total 0.046239(s) query 4, Time now is:03-21 04:39, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation