بۇ بەتتىكى يازما : قەدىمكى يىپەك يولىدىكى يېڭى رابات − خونجىراپ بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 قەدىمكى يىپەك يولىدىكى يېڭى رابات − خونجىراپ

قەدىمكى يىپەك يولىدىكى يېڭى رابات − خونجىراپ

قەيسەر دۆلەتبېك، زايىت داۋۇت


خونجىراپ دېگەن بۇ نام تاجىكچە سۆز بولۇپ، «خۇن» (ئۆي) بىلەن «ژىرەف» (جىرا، جىلغا) دېگەن ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپقان، تەلەپپۇز جەھەتتىن سەل ئۆزگىرىپ كەتكەن، بۇ نام ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشىدىن كەلگەن. ئىككى تاغ ئارىسىدىكى خونجىراپ جىلغىسى ئوت-چۆپلىرى مول، سۈيى ئەلۋەك، شامالدىن دالدا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، قەدىمدىن تارتىپ يىپەك يولىنىڭ مۇھىم بىر ئۆتىڭى بولۇپ كەلگەنىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 119-يىلى جاڭ چيەن غەربكە سەپەر قىلغاندا مۇشۇ جايدىن ئۆتكەنىكەن. تاڭ دەۋرىدىكى راھىب شۈەنزاڭ 649-يىلى غەربكە نوم ئالغىلى بېرىشتا مۇشۇ جايدىن ئۆتكەنىكەن. تارىختا بۇ جاي ئەزەلدىن جۇڭگو بىلەن غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ھەمدە ياۋروپا رايونلىرى بىلەن ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر ئۆتكەل بولۇپ كەلگەچكە، كارۋان يولىنىڭ مۇھىم بىر ئۆتۈشمىسى بولۇپ قالغان. خونجىراپ دەرياسى ۋە دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ئوتلاقلار قەدىمدىن بۇيان بۇ يەردە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماكانى بولۇپلا قالماي، يەنە كارۋانلارنىڭمۇ ياخشى پاناھگاھى بولغان. ئەلۋەتتە خونجىراپ داۋىنى قىش-ياز قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان، قاتتىق شىۋىرغان چىقىپ تۇرىدىغان ھەمدە ئۈچ قەۋەتلىك پەلەمپەيسىمان ئېگىزلەپ بارىدىغان يول بولغاچقا، قاتناشقا قىيىنچىلىق تۇغدۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى پاكىستان چېگرىسى تەرەپتىكى قىسمى تىك قىيالىق تاغلار بىلەن ئورالغان، ئاستىدا قىيان دەريا بولغاچقا، تاشيول ياسىلىشتىن بۇرۇن كارۋانلارغا بەلگىلىك خەتەرلەرنى پەيدا قىلغانىدى. جۇڭگو−پاكىستان تاشيولى ياسالغاندىن كېيىن بۇ يول ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى.
جۇڭگو-پاكىستان چېگرىسى جۇڭگو شىنجاڭ رايونى بىلەن پاكىستان ئەمەلىي كونتروللۇقىدىكى كەشمىر ئەنۋار رايونىنىڭ چېگرىسىدىن ئىبارەت. بۇ چېگرا غەربتە جۇڭگو، پاكىستان، ئافغانىستان ئەللىرى تۇتىشىدىغان 5587-ئېگىزلىككە، شەرقتە قاراقۇرۇم تاغ ئېغىزلىرىغىچە سوزۇلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 599 كىلومېتىر كېلىدۇ.
خونجىراپ − پاكىستان، ئافغانىستان، كەشمىر ئەنۋار رايونى قاتارلىق چەت ئەللەرگە تۇتىشىدىغان يىپەك يولى (ھازىرقى دەۋردە دوستلۇق يولى دەپ ئاتالماقتا) نىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو−پاكىستان ھۆكۈمەتلىرى 1963- يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋاقىتلىق چېگرا كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە چېگرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 20 ئورۇنغا بىرلىكتە چېگرا بەلگىسى ئورناتتى.
1968-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى پاكىستانغا ياردەم بېرىش يۈزىسىدىن 270 مىليون يۈەن خەلق پۇلى، 220 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئەمگەك كۈچى سەرپ قىلىپ، خونجىراپ ئېغىزىدىن پاكىستاننىڭ تاكتى دېگەن يېرىگىچە 600 كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭگو − پاكىستان دوستلۇق تاشيولىنى ياساپ چىقتى.
1978-يىلى 6-ئايدا قاراقۇرۇم تاشيولى پۈتۈپ ئاپتوموبىل قاتنىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يول جۇڭگو − پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم قۇرۇقلۇق يولى بولۇپ قالدى. خونجىراپ چېگرا سىزىقىنى ئېنىق بېكىتىش ئۈچۈن 1980-يىلى 8-ئايدا ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەكىللىرى خونجىراپتىكى جۇڭگو − پاكىستان چېگرا سىزىقىنىڭ تاشيول تۇتىشىدىغان قىسمىدا ئىككى چېگرا بەلگىسىنى بېكىتىپ نومۇر سالدى.
ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى تەدرىجىي راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كۈندىلىك چېگرا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، 1981-يىلى 9-ئايدا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى خونجىراپ پورتىنى ئېچىۋېتىش مەسىلىسىدە پرىنسىپال كېلىشىم ھاسىل قىلدى. 1982-يىلى 4- ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خونجىراپ پورتىنى باشقۇرۇش كومىتېتى» قۇرۇلدى. خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خونجىراپ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى، خونجىراپ تاموژنىسى، خونجىراپ كارانتىن پونكىتى، خونجىراپ چېگرىسىدىكى سۆھبەتلىشىش–ئۇچرىشىش پونكىتى، خونجىراپ خەلقئارا پوچتا ئالماشتۇرۇش پونكىتى، خونجىراپ پۇل تېگىشىش پونكىتى، خونجىراپ يولۇچىلار بېكىتى، خونجىراپ ئامانلىق ساقلاش ساقچىخانىسى قاتارلىقلار قۇرۇلدى.
1982-يىلى 7-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ئابدۇللا رېھىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستاننىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەخمەت باردى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۈرۈمچىدە خونجىراپ پورتىنى ئېچىشنىڭ كونكرېت مەسىلىلىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ خونجىراپ پورتىنى ئېچىۋېتىش ۋاقىتلىق كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى. 8-ئايدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەد باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى پاكىستاننى زىيارەت قىلدى ھەمدە پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىلى، كەشمىر ۋە شىمالىي رايون ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جامال دارخان بىلەن ئىسلامئابادتا خونجىراپ پورتىنى ئېچىۋېتىش كېلىشىمنامىسىنى رەسمىي ئىمزالىدى. 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىككى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكى خونجىراپتا مەرمەر تاشتىن خاتىرە ئورناتتى. تاشقورغان ۋە قەشقەر شەھىرىدە تەنتەنىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
خونجىراپ پورتى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئۆز ئالدىغا چېگرىدىن كىرىپ–چىقىشنى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش چېگرا چازىسى قۇردى. جۇڭگو تەرەپنىڭ چازىسى خونجىراپنىڭ پىلال يايلىقىدا بولۇپ، چېگرا سىزىقىغا 34 كىلومېتىر كېلەتتى.
پاكىستان تەرەپنىڭ چازىسى دىل دەرياسىدا بولۇپ، چېگرىدىن 52 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى. خونجىراپ رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى مۇرەككەپ، قارلىق تاغلار ئېگىز، ئوكسىگېن كەمچىل، ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ پورتنى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە يېرىم يىل ئېچىش، قالغان يېرىم يىلدا ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن باشقا ساياھەت ۋە تۇغقان يوقلاشقا ئاچماسلىق بەلگىلەندى. 1982-يىلى 10-ئايدا، 1983-يىلى 4- ئايدا، 1984-يىلى 4-ئايدا ئىككى دۆلەت يەرلىك ئەمەلدارلىرى نۆۋەت بىلەن گىلگىت ۋە قەشقەردە ئۈچ قېتىم مۇئاۋىن ۋالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئۇيۇشتۇرۇپ، بەزى كونكرېت مەسىلىلەر ئۈستىدە دوستانە كېڭەشتى. 1986-يىلى 5-ئاينىڭ 1- كۈنى خونجىراپ پورتى ئۈچىنچى ئەللەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. خونجىراپ ئېغىزىدىكى ھەرقايسى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ كەسپىي خىزمەت مىقدارى تېز كۆپەيدى، چېگرىدىن 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون ئاھالىسى كىرىپ-چىقىدىغان بولدى. كېلىپ–كېتىدىغان مېھمانلار ئاساسلىقى سەيلە-ساياھەتچىلەر، ھەج قىلغۇچىلار، ئېكسپېدىتسىيىچىلەر، تاغقا چىققۇچىلار، سودا-سېتىق قىلغۇچىلاردىن ئىبارەت بولدى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە شىزاڭنىڭ شىلىم پورتى ئارقىلىق كىرىپ لاسا، گېرمو، لەنجۇ، دۇنخۇاڭ، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەرنى ئايلىنىپ خونجىراپ پورتى ئارقىلىق چىقىپ كېتىدىغان «ئالتۇن ساياھەت لىنىيىسى» دەپ ئاتالغان ساياھەت لىنىيىسىمۇ بارلىققا كەلدى.
پورت تۇرۇشلۇق ئورۇن 1982-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە دېڭىز يۈزىدىن 4500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاشقورغان ناھىيە بازىرىغا 130 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرىگە 420 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى شەھىرىگە 1890 كىلومېتىر، پاكىستاننىڭ شىمالىي رايونىدىكى ئاساسلىق شەھەر گىلگىتكە 270 كىلومېتىر، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا 870 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى پىلال يايلىقىدا ئىدى. 1993-يىلى خونجىراپ پورتىدىكى باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ئورۇنلىرى پىلال يايلىقىدىن ناھىيە بازىرى ئىچىگە يۆتكەپ كېلىندى. يېڭى پورتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دۆلەت 20 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ 10 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كۆلەمدىكى يېڭى خىزمەت بىناسى، ياتاق، تاماقخانا، مېھمان كۈتۈش، بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى سالدى. بۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر تولۇق، كۆركەم بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بار.
خونجىراپ پورتىدا ئېغىز باشقۇرۇش كومىتېتى، تاموژنا، چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى، كارانتىن قىلىش، ئىش بېجىرىش ئورنى، چېگرا مۇداپىئە خىزمەت پونكىتى، پۇل ئالماشتۇرۇش ئورنى، قاتناش باشقۇرۇش پونكىتى، خەلقئارا پوچتا ئالماشتۇرۇش پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەسىس قىلىندى. خونجىراپ پورتى باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش چازىسىنى تاشقورغان ناھىيە بازىرىغا يۆتكەپ كېلىش ئىشىدا ناھىيە رەھبەرلىرى مەسلىھەتلىشىپ، ناھىيە بازىرىغا جەنۇبتىن كىرىش ئېغىزىدا پورت باشقۇرۇش چازىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئورۇن ئاجرىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن خونجىراپ پورت باشقۇرۇش كومىتېتى، خونجىراپ تاموژنىسى قاتارلىق 10 نەچچە ئورۇننىڭ خىزمەت، ياتاق، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلۇش رەسمىي پۈتۈپ پورت باشقۇرۇش چازىسى پىلال يايلىقىدىن ناھىيە بازىرىغا كۆچۈرۈپ كېلىندى. خونجىراپ پورتى ئارقىلىق سەيلە-ساياھەتتىن باشقا يەنە ئىمپورت-ئېكسپورت ئىشلىرىمۇ ئىشلىنىدۇ. بۇ پورتتا دۆلىتىمىز ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارلار ئاساسلىقى ئۇششاق يېزا ئىگىلىك سايمانلىرى، سۇ ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، تاۋار-دۇردۇن، توقۇلما ماللار، فارفۇر بۇيۇملار ۋە كۈندىلىك چەرچىن ماللاردىن ئىبارەت. ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلار ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلار، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار ۋە تېببىي دورا ماتېرىياللىرىدىن ئىبارەت.
خونجىراپ پورتىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ، جۈملىدىن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك، تاشقى ئىشلار ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پايدىلىق ئامىللار بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە تاشقى سودا، دوستانە بېرىش-كېلىش، دىپلوماتىيە ئىشلىرى شۇنداقلا ئىستراتېگىيە جەھەتتىمۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىي ئېگىزلىكىدىكى دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداش ئىشلىرىدىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە.


bilqut
Posted: 2008-03-18 13:51 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يەر ــ جاي ناملىرىمىز

Total 0.050806(s) query 3, Time now is:03-21 08:58, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation