بۇ بەتتىكى يازما : ئۇچتۇرپان دېگەن يەر نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغىرسىدا بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

Xojaniyaz
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۇچتۇرپان دېگەن يەر نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغىرسىدا

ئۇچتۇرپان دېگەن يەر نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغىرسىدا
خوجا نىياز

ئۇچتۇرپان قەدىمدە خەنچە ۋېنسۇ بەگلىكى(ئونسۇ) دەپ ئاتالغان○0. ئۇنىڭ زادى قاچان؟ بىنا قىلىنغانلىقى توغرىسدا ھازىرغىچە ئېنىق بىر تارىخىي كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا  قويالمايمىز.چۇنكى بۇ ھەقتە قولىمىزدا ئىشەنچىلىك بولغان تارىخىي ماتىرىيال تەزكىرلەرنىڭ كەمچىل بولغانلىقى ، قەدىمكى دەۋىردە ئىجتىمائىي ھاياتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ئاز ساقلىنىپ قېلىشى ،ئارخىلوگىيىلىك پاكىتلارنىڭ يېتەرسىزلىكى قاتارلىق سەۋەپلەر قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسمۇ ئىزلەنگەن،كۆرگەن ماتىرىيالار ئاساسىدا بۇ ھەقتە تۇختۇلۇش يۇرت تارىخىنى يۇرۇتۇشقا مۇھىم دەپ قارايمەن.
«تارىخي خاتىرلەر،ھۇنلار تەزكىرسى»دە ھون تەڭرىقۇتى باتۇر (مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 174-يىلغىچە ھونلار تەختىدە ئولتۇرغان )نىڭ مىلادىدىن بورۇنقى 176-يىلى خەن پادىشاھى خەنمىندىغا يازغان مەكتۇپى خاتىرلەنگەن . ئۇنىڭدا: «...تەڭرىنىڭ قوللىشى، سىپاھ بەگلەرنىڭ ئىستىبدتلىقى ۋە ئاتلارنىڭ قاۋۇللىقى بىلەن توخرىلار( ھازىرقى گەنسۇدا) تارمار قىلىندى. ئۇلار قىرىلىپ تەسلىم بولدى.لولەن(كىرورەن)،(ئۇسۇن)،ئۇغۇز (ئۇيغۇر)ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى 26-بەگلىكنىڭ ھەممىسى ھونلارغا تەۋە بولدى. ئوققا تۇتقان خەلىق بىر ئائىلە بۇلۇپ ئۇيۇشتى .شىمالدىكى يەرلەرمۇ تىنجىتىلدى»(24)دەپ كۆرسۈتۈلگەن . بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇيۇك ھون ئېمپۇراتۇرلىقىنىڭ تەركىۋىگە كىرگەن غەربىي يۇرتتىكى 26 بەگلىك(ئەمەلىيەتتە36بەگلىك) ئىچىدە قەدىمكى ۋېنسۇ بەگلىكىنىڭ بارلقىدا شەك يوق. بۇلمىسلا مىلادىدىن بۇرۇنقى 138-يىلى جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا كەلگەندە ۋېنسۇ («ئونسۇ بەگلىكى»)نى تىلغا ئالماس ئىدى.دېمەك، يۇقارقى پاكىتلاردىن قارىغاندا ئۇچتۇرپاننىڭ 2500-يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى قىياس قىلالايمىز.
      ئۇچتۇرپان  مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-4-ئەسىردە ۋېنسۇ (ئونسۇ )دەپ ئاتالغان .شۇنىڭدىىن باشلاپ كۆك تۈرك خانلىقى (مىلادى 552- 745-يىلغىچە)ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى(605-846- يىلغىچە) دە خەنچە ئونسۇ ئايمىقى (温肃州)،ئونسۇ ئايمىقى ئورۇن چوڭ تاشبالىق(大石城) ياكى ئۇچ(于祝)دەپمۇ ئاتالغان.بۇ يەر ئۇچ()ئىدى.يەنى مىلادە 648-يىلى تاڭ قۇشۇنلىرى تەرپىدىن غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ يۇلتۇز ۋادىسىدىكى باش كەنتى (ئوردۇسى) ئىشغال قىلىنغان كۇچا تاڭ قۇشۇنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن،ئارقىدىنلا ھازىرقى ئۇچتۇرپان تەۋەسىگە يېتىپ كېلىپ ئونسۇ ئايمىقىنى تەسسىس قىلغان.ئونسۇ ئايمىقى تۇرۇشلۇق ئورۇن چوڭ تاشبالىق (大石城)،ئۇچ(于祝)دەپمۇ ئاتالغان (25) .
دېمەك،كۆك تۈرك خانلىقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى(552-846) ئۇچتۇرپان «ئۇچ»دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.قاراخانىيلار دەۋرىدە (850-1212)مەشھۇر بىر شەھەرگە ئايلانغان.پەقەت جۇڭغار خانلىقىغا سىۋان ئاراپچان ھۆكۇمرانلىقى قىلۋاتقان مەزگىلدە (1698-1727-يىلغىچە) ئاندىن «ئۇچتۇرپان»دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.
لېكىن نۆۋىتتە يەنە بىر ھەۋەسكارلىرىمىز تارىخىي ماتىرىياللارنى توپلاپ، رەتلاپ ،ئەستايىدىلراق توپلاپ باقماي،ئىلگىركىلەر ۋە باشقىلار نېمە دەپ يازغان بولسا ئۆلۈك ھالدا ئۇنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشىنى شۇ پېتى ئوتتۇرغا قايتا كۆتۇرۇپ چىقتى .ئۇلار ئۇچتۇرپان دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مۇنداق ئىزاھلىدى:«1765-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچ خەلقى چىڭ خاندانلىقى ۋە يەرلىك فىئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەرلىك زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەردى.قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ ،چىڭ كۆكۈمىتى پەرمانى بويىچە،ئۇچ ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى ئىلىغا مەجبۇرى كۆچۈرۈلدى.ئورنىغا تۈرپاندىن بىر تۈركۈم ئاھالە كۆچۈرلۈپ كېلىندى.شۇنىڭ بىلەن بۇ جاينىڭ نامى «ئۇچ»قا تۇرپان سۆزى بىلەن بىرىكىپ ئۇچتۇرپان دەپ ئاتالدى  » دەپ يازدى (26) . يەنە بىر قىسىم كىشلەرنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاس قاراشلىرى خېلى نۇرغۇن گېزىت،ژورنال چوڭ كىتاپلارغىمۇ ھەتتا بەرى تارىخىي رومانلارغىمۇ شۇنداق پۈتۈلۈپ كەڭ ئاممىغا تۇنۇشتۇرۇلدى.
مەن بۇنداق تارىخي پاكىتلىرى كام،قىياسەن يېزىلغان،ۋاقىت دەۋرى تۇلۇق بولمىغان كۆز قاراشقا قارىتا«ئۇچتۇرپان »دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىتاتى)1997-يىللىق 3-سان53-بەتتە ۋە «شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى »  1998-يىللىق 2-سان 49-بەتتە)دېگەن ماقالەمدە پاكىت ئاساسلىرىنى كۆرسۈتۈپ رەت قىلغان بولساممۇ ،لېكىن بەزىلەر يەنە بۇ كونا قىياسى كۆز قاراشلارنى 2001-يىلدىن باشلاپ كۆتۈتۈپ چىقىشقا باشلىدى.يەنە دەيمەنكى بۇ خىل قاراشلار توغرا ئەمەس،تاىخىي پاكىت ئاساسلىرى كەمچىل . چۈنكى 1765-يىلدىن ئۇچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاشتىن ئىلگىرى ئۇچتا«ئۇچتۇرپان» دېگەن نام مەۋجۇت بولغان، تۇرپاندىكى بىر قىسىم يەر ناملىرىمۇ ئاللا قاچان ئۇچتا قوللۇنىلغان.
جۇڭغار خانلىقىغا سىۋان ئاراپتان ھۆكۈمرانلىقى قىلۋاتقان مەزگىلدە (1698-1727)چىڭ سۇلالىسى چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنلىرى تۇنجى قېتىم تۇرپانغا كىرىپ جۇڭغارلار بىلەن ئۇيغۇرلار رايۇنىنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلغان. بۇ چاغدا تۇرپاندىكى يەرلىكى ئاقسۆكەك بولغان ئېزىز خوجا جۇڭغارلار تەرەپكە ،ئىمىن خوجا ئىككى ئاكىسى بىلەن لۈكچىن شەھىرىدە چىڭ سۇلالىسى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن.سىۋان ئارپىدان تۇرپاننىڭ  لۈكچىن دېگەن يېرىدە تۇرۇشلۇق ئېزىز خوجا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەجبۇرىي قارا شەھەرگە كۆچۈرگەن. ئارقىدىنلا يەنە بىر قانچە مىڭ كىشىى باشلاپ غەرىپتىكى ئۇچقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇرلىغان (27) .
«بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى 1713-يىللىرى ئەتراپىدا سىۋان ئارپدان ئىلى تەۋەسىدە يەر تېرىش ئۈچۈن ئۇچ،قارا شەھەر،ئاقسۇ،يەركەن قاتارلىق يەرلەردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئېلىغا  كۆچۈرگەن، ئۇچلۇق ئۇيغۇرلارنى ئېلىغا كۆچۈرگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارلار تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنى ئۇچقا كۆچۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن كىشلەر ئۇچنى ئۇچتۇرپان دەپ ئاتىغان» (28).«ئۇلار تۇرپاندىكى يۇرت كەنىتلىرى بويىچە ئۇچنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ماكانلاشتۇرۇلغان. مەسلەن،قاراخۇجا،سىڭگىم،لۈكچۈن،يارباغ،لەمجىن،پىچان،يانقىر، ئويتۇر، تۇيۇق، بۇغان،توقسۇن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت».(29)
شۇنداق قىلىپ ،«ئېزىز خوجا ئۇچقا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، ئېزىز خوجا ئۇچنى «ئۇچتۇرپان »دەپ ئاتىغان.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇچتۇرپان دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان(30).
ئۇنداقتا بۇنداق ئاتىلىشنىڭ كونكىرىت يىل دەۋرى قاچان بولغان؟بۇ ھەقتە ياپۇنىيىلىك تارىخچى – سۇگۇجى تۇرۇ:«شىنجاڭنىڭ18-19 ئەسىردىكى جەمىيەت تەرەقىياتى توغرىسىدا تەتقىقات»دېگەن ئەسىرىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرە ئىنسانشۇناسلىق تارىخ مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە (13135MSNR)نۇمۇرلۇق بىر پارچە ھۆججەتنى پاكىت كەلتۇرۇدۇ،ئۇنىڭدا 1720-يىللردىكى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى خاتىرلەنگەن.
بۇ ھۆججەتنى تۈركىيىلىك ئالىم ئەھمەت تۆمۈر ئەپەندىنىڭ يېشىپ چۈشەندۈرىشىچە: «تۇرپاندا 10مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە بولغان .ئات يىلى يەنى (ھىجىرىيەنىڭ1135-يىلى مىلادى 1722-1723- يىللىرى )  تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار جۇڭغارلارنىڭ بېسىمى بىلەن غەربىي جەنۇپ تەرەپتىكى قارا شەھەرگە (ئېزىز خوجا باشچىلىقىدا )كۆچكەن»(31)، ئارقىدىنلا ئۇچقا كۆچۈپ بارغان. مانا بۇ ئۇيغۇرچە پاكىتقا ئاساسلانغاندا ،«ئۇچتۇرپان» دېگەن نام – ئاتاقنى نوقۇللا 1765-يىلىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن كېيىن تۇرپاندىن ئۇچقا ئاھالە كۆچۈرۈش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان دەپ قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە«ئۇچتۇرپان »دېگەن نام 1722-1723-يىللىرى ئارلىقتا كېلىپ چىققان.شۇڭا تارىخي ماتىرىياللارنى ۋاراقلاپ كۆرسەك ئەھۋال ئوچۇق بولاتتى.چۈنكى، تارىخ ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئاشكارىلىغۇچىدۇر.
«ئۇيغۇرلار رايۇنى ئومۇمىي تەزكىرسى»دە كۆرسۈتۈلىشىچە:«ئۇچتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى ئەڭ كۆپ ئىدى.1765-يىلى ئۇلار ئۇلار توپىلاڭ كۆتەرگەچكە قىرىپ تاشلاندى. چىيەنلۇڭنڭ31-32يىللىرى (مىلادى1766-1767-يىللىرى) ئاقسۇ، يەركەن،قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئۇچقا 708ئۆيلۇك ئۇيغۇرلار ئارقا- ئارقىدىن كۆچۈرلۈپ كېلىندى. چىيەنلۇڭنىڭ 41-يىلىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆي – ئوچاقلىق بولىشى بىلەن 110ئائىلە كۆپەيگەنلىكى ئېنىقلاندى (32) .
مانا بۇ پاكىتلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، 1765-يىلىدىكى ئۇچتۇرپان خەلىق قوزغىلىڭى چىڭ قۇشۇنلىرى تەرپىدىن باستۇرۇلغاندا ئاز ساندىكى ئاھالىسى باشقا جايغا كۆچۈپ كېتىپ، قىرغىنچىلىقتىن ئېشىپ قالغان بىر قىسىم ئاھالىسى (10مىڭدىن كۆپ ئادەم) ئىلى ۋادسىغا مەجبۇرى 2- قېتىم كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا كەلگەنلەر قانداقتۇر تۇرپانلىقلار بولماستىن بەلكى ئاقسۇ، يەركەن، قەشقەر،خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئاھالىلەر ئىدى.شۇڭلاشقا، ئۇچتۇرپان دېگەن ناممۇ چىڭ(مانجۇ) خانلىقى دەۋرىدە بارلىققا كەلمەستىن ،بەلكى جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدە سىۋان ئارپىدان ۋاقتىىدا 1722-يىللىرى بارلىققا كەلگەن.
        ئىزاھاتلار:
○0بۇ ھەققتە « تارىختىكى ۋېنسۇ(ئونسۇ) بەگلىگى ۋە ئونسۇ نامى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىغا قاراڭ.
(24) سىماچىيەن :«تارىخي خاتىرىلەر»110جىلد «ھونلار تەزكىرسى » 1989-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 407-بەتكە قاراڭ.
(25) «يېڭى تاڭنامە .جۇغراپىيە تەزكىرىسى »جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارسى نەشىرى خەنچە 2-كىتاپ. 1149-بەتكە قاراڭ. يەنە «جۇڭگو ئىسلام تارىخقا دائىر ساقلانغان ماتېرىياللار »نىڭشىيا خەلىق نەشىرىياتى (يىڭچۈەن)1982-يىلى خەنچە 4-بەتكە قاراڭ.
(26)«شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتى ئىلمي ژورنىلى»، 2001-يىللىق 1-سان 109-بەتكە قاراڭ. يەنە «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچىرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات »2- كىتاپ ئۇچ، ئۇچتۇرپان ئاتالغۇسىغا قاراڭ. (2002-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى )،يەنە نىياز كېرىمى،زىۋىدە ساتتار:«دىيارىمىزدىكى بىرقىسىم يەر ناملىرى توغرىسىدا» 2006-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى،«ئۇچتۇرپان»نامىغا قاراڭ.بۇلار كونا خاماننى يەنە سورۇشقا باشلىدى، يېڭى ئىلمىي تەتقىقات نەتىنجىسىنى كۆرمەمدىغاندۇ؟ ....
(27) سۇگۇجى تۇرۇ (ياپۇنىيەلىك تارىخچى):«شىنجاڭنىڭ 18-19-ئەسىردىكى جەمئىيەت تارىخي ئۇستىدە تەتقىقات» 1984-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى خەنچە، 20-21-23-بەتلەرگە قاراڭ.
(28)«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تاىخي »1-كىتاپ. 1984-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 374-بەتكە قاراڭ.
(29)«غەربىي يۇرت خەرىتلىك تەزكىرسى »48-توم، 5-بەت. سۇگۇجى تۇرۇ (ياپۇنىيەلىك تارىخچى):«شىنجاڭنىڭ 18-19-ئەسىردىكى جەمئىيەت تارىخي ئۇستىدە تەتقىقات» 21-بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىلگە قاراڭ.
(30)،(31) بۇ ھەقتە (27)-ئىزاھقا قاراڭ.
(32) خېنىڭ :«ئۇيغۇرلار رايۇنى ئومۇمىي تەزكىرسى»9-جىلىدكە قاراڭ.
ئاپتۇر:ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستوتى دوتسېنتى.


ئالاھىدە ئەسكەرتىش: خوجانىياز (Xojaniyaz) نامىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ توردىكى ھوقۇقى پەقەت ۋە پەقەت ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورىغىلا تەۋە، باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاش قارشى ئېلىنمايدۇ.
bilqut
Posted: 2008-03-18 16:59 | [ئاپتور]
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 308
شۆھرىتى: 311 نومۇر
پۇلى: 3100 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

./bbs/read.php?tid=373
........................................................................................................................................
قولىڭىزغا دەرت يەتمىسۇن، بۇ ئادرېستىكى يازمىدا بىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۇئال قويۇشقان ئىدۇق. شۇ سۇئاللار  تۈرتكىسى ۋە سىزنىڭ غەيرىتىڭىز بىلەن بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق. تورداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ ئوقۇشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۇ تېمىنىڭ ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم.
1som
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-03-19 01:03 | 1 -قەۋەت
palwan
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 65
شۆھرىتى: 66 نومۇر
پۇلى: 650 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 32(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

يولداش خوجىنىياز ئەپەندى، سىزنىڭ تارىخ سېپىدىكى قەلىمى ھارماس تۆھپىكارلىقىڭىز، يەر نام تەتقىقاتىتى ۋە مىللەتنىڭ ئۆزلۇكنى تۇنۇشى ئۇچۇن توختىماي ئىزدىنىش روھىڭىز ھەقىقەتەن كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ، قولىڭىزدىكى ساقلانغان ماتىرياللارنىڭ، خىلمۇ-خىل ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىنى پۇسۇپ ئۇتۇپ، ھازىرقىدەك پايدىنىش قىممىتى ، تارىخى پاكىت ئاساسلىرى تۇللۇق بولغان بىر تۇركۈم ماتىرياللارنى ئۇرخۇن ئۇيغۇر تارىخى تورىغا يوللىشىڭىز،بۇ تور بىكىتىنى قوللىغىنىڭىز ،شۇنداقلا مۇجۇمەل بولغان تارىخنى بىلمىگەنلەرگە بىلدىرىش ئىستىكىڭىزنىڭ تولىمۇ يۇقۇرلىقىدىن دەپ قارايمەن، ئۇرخۇن تور بىكىتى سىزگە ئوخشاش تارىخ سۇيەر، مىللەت سۇيەر ھارماس قەلەمكەشلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. دەيدىغىنىم ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ، سالمەتلىكىڭىزگە كۆڭۇل بۆلۇڭ، <<غەلبىنى پەقەت ھايات قالغانلارلا كۈرەلەيدۇ ھەم تەبرىكلەشكە مۇيەسسەر بولالايدۇ>> تارىخ ئۈچۇن سالغان بەيگە ئېتىڭىز مەڭگۇ ھارمىغاي.
Posted: 2008-03-19 13:16 | 2 -قەۋەت
kapqigay
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 2
شۆھرىتى: 3 نومۇر
پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-03-20

 

مەن سڭزنىنڭ بۇ ماقالىڭىزنى ۇقۇپ چىققان ئىدىم بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم ماقالە ھەقىيقەتەن ناھايىتى ياخشى يېزىلغان. تارىخي پاكىتلار ئەمىليەتكە ئويغۇن .سڭزبىلەن پاراڭلىشىشى ھەقىيقەتەن كۆڭۈللۈك.شۇڭا ئالدى بىلەن سالامەتلىكىڭىزنى ئوبدان ئاسراپ،ئەسەرلىرىڭىزنىڭ داۋامىنى چىكىرىڭ تاشلاپ كويۇشكا بولمايدۇ.سىزگە كوپتىن-كۆپ رەھمەت .
Posted: 2008-03-20 23:30 | 3 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » يەر ــ جاي ناملىرىمىز

Total 0.048332(s) query 4, Time now is:03-21 04:39, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation