Quote:
2 - قەۋەتتىكى palwan 2008-03-19 12:57 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
يولداش ئۇدۇننىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كەچمىشلەردىن ئىسىمگە كىلىپ، 1953-يىلى پۇيى تەھرىرلەشكە قاتناشتۇرۇلغان <<بەش تىللىق لوغەت>>كە قارىسام كونا ئۇيغۇر يېزىقى ۋە مۇڭغۇل يېزىقى دەپ ئىشلىتىلىۋاتقان <<چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى>> تولىمۇ ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەن.(پەقەت يېزىلىشىنى نەزەرگە ئالدىم، مەن نە مۇڭغۇل يېزىقىنى، نە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلمىگەچكە باشقىچە تەسەۋۇر قىلىشىم ھەم پىكىر يۇرگۇزەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە)لېكىن مۇڭغۇللاردىكى بۇ يېزىقنىڭ مەنىسىدە ئۆزگۇرۇش بولمىغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران بولدۇم، يېڭى بىر ساۋات بەرگەنلىكىڭىزگە رەخمەت.
..................................................................................................................................................................................................................................................................................................................................
palwan ئۇكام، " شەكلىنى ساقلاپ قالغان " دېگۈچىلەر " ھەرپ شەكلى شۇ بولسىمۇ، بىلدۈرگەن تاۋۇشلىرى باشقا" دەپ قارىغان. بىراق، يۇقۇرىدا مەن تىلغا ئالغان مىسالدىن مەلۇم بولدىكى، تاۋۇشلاردىمۇ پەرق يوق ئىكەن، مۇئەللىم بىزگە ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، قەدىمكى ئۇيغۇرچە چىقتى، بىزگە ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بەردى.
( مەن يازمامدا موڭغۇلچىنى ئوقۇپ ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى دەپ يېزىپ قويۇپتىمەن. بۇ چۈشەنچە خاتا بوپ قاپتۇ، ئەمدى بايقىدىم.)
چاغاتاي يېزىقى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەرەبچىدىكى زىر-زەۋەر، دۇ-پەشلەر ئاددىلاشتۇرۇلغان. ۋە يەنە ئەرەبچىدە بولمىغان بەزى ھەرپلەر پارسچىدىن كىرگۈزۈلگەن، 32 ھەرپتىن تەشكىل تاپقان، چاغاتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردىكى ھۆكۈمەت تىلى بولغان چاغاتاي تۈركچىسىنى خاتىرىلەشكە ماسلاشتۇرۇلغان يېزىق.