يۇقۇرىدا ئۇدۇن ئىسىملىك توردىشىمىز بۇ سوئالنى سوراپتۇ. تام روبىنسۇن ئەپەندى ھايات، گېنىنى تەكشۈرۈش قولايلىق. چىڭگىزخاننىڭ گېنىنى نېمىگە قاراپ بېكىتىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە ئېنىق گەپ بارمىكەن؟مۇشۇنداق تېمىدىكى يازمىلاردا ساپلا مۇشۇ نۇقتا چالا قالىدۇ. مەخسۇس چىڭگىزخاننىڭ گېنىنى تەكشۈرۈپ بېرىدىغان بۇ مەركەز بۇنى كىمدىن ئالغانلىقىنى بەلكىم ئاشكارىلاشنى خالىمىسا كېرەك.
بۇ سوئالغامەن چۇشەندۇرۇش بىرىپ ئۆتەي.بۇنىڭ ئۇچۇن ئوبرازلىق بىر مىسال ئالسام يىقىنغىچە بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز تەبىئى خىمىرتۇرۇچ ئىشلىتىپ خىمىر بولدۇرۇپ كەلگەن كىچىك ۋاقتىمدا خوشنىلارنىڭ ئۆز ئاراخىمىرتۇرۇچ سورىشىپ بولدۇرۇۋالغاندىن كىيىن ئازراق زۇۋۇلا ئۇزۇپ دەررۇ قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىغى ئىسىمدە،خىمىرنى بولدۇرۇپ خىمىرتۇرۇچ ئىلىپ كىيىنچە يەنە خىمىر بولدۇرۇشتىن ئىلىپ ئىيتساق قولىمىزدىكى خىمىرتۇرۇچنىڭ كىلىش مەننەسى ياكى بىۋاستە ئەجدادى بىزنىڭ تارىخمىزدىنمۇ ئۇزۇن. خىمىرنى بولدۇرۇدىغىنى خىمىرتۇرۇچ تەركىۋىدىكى ئىچىتقۇ زەمبۇرۇغى بولۇپ يۇقۇرى دەرىجىلىك جانلىقلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى كۆپۇيۇش جەريانى جىنىس بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ ياكى بىرى مۇستەقىل ئىككىگە ئىككىسى تۆتكە بۇلۇلۇپ كۇپۇيۇۋىرىدۇ ، مورفولوگىيەلىك تۇزۇلۇش شەكلى ،ئىرسى گېن گۇرۇپىسى دىگەنلەردە ئەۋلاتتىن ئەۋلات ئۆزگۇرۇش بولمايدۇ ، يەنى قولىمىزدىكى زەمبۇرۇغ دەل بىر مىليارت يىلنىڭ ئالدىدىكى زەمبۇرۇۇغنىڭ ئۇزى.
يۇقۇرى دەرىجىلىك جانلىق تۇرۇنىڭ بىرى بولغان بىزئىنسالار ئوخشاشمايمىز ئەلۋەتتە ، ئادەمنىڭ كۇيۇيىشى جىنىسلىق كۆپۇيۇش بولىدۇ. بۇنىڭدا سىرتقى مورفولوگىيەلىك تۇزۇلۇشنى ياكى قىياپەتنى بەلگىلەيدىغان گېن گۇرۇپپىسىنىڭ 50% ئاتا تەرەپتىن 50% ئانا تەرەپتىن كەلگەن بولىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئوخشاش ئەجداتتىن بولغان ئوخشاش نەسەبتىكىلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن بارا بارا پەرقلىنىپ كىتىدۇ ،مەسىلەن چىڭگىزغان بىلەن ئامرىكىلىق نەۋرىسىدەك . لىكىن ئىنسانلارنىڭ ئزلىرىنىڭ ئىپتىدايى ئەجدادى بولغان بايىقى زەبمبۇرۇغ قاتارلىقلاردىن قىپ قالغان ئۇدۇملىرى بار ،مەسىلەن بەزەن ھاياتلىق ماددىلىرى ياكى ئىرسى بەلگىلەرنى ھىچقانداق ئۆزگەرمەي نۇسخىلاپلا كىيىنكى ئەۋلاتقا ئۆتكۇزۇپ بىرىش ، كىيىنكىسى يەنە كىيىنكىسىگە ئۆتكۇزۇپ بىرىش،،،، خۇددى زەمبۇرۇغ ھازىرغىچە بىزگە ئۆز پىتى يىتىپ كەلگەندەك.
ئىنسانلاردا بۇنى ئىرسى بەلگە دەپ ئاتايمىز. ئەرلەردىكىسى بۇ ماقالىدا دىيىلگەن ي خىروموسوم ،ئاياللاردىكى مىتا خوندروسوم قاتارلىقلار . بۇنى بىر يوللىۋىتەي ھە بەك تەستە يازدىم ئۆچۇپ كەتمىسۇن
[ بۇ يازما Nawayi تەرىپىدىن 2008-03-19 21:12 دە قايت ]