3- دەرس سودا تېمىسى يوللاش
سىز بۇ ئارقىلىق مەسسۇلاتلىرىڭىزنى باشقا ئەزالارغا ساتالايسىز. Alipay ،Paypal ،99bill قاتارلىقلارنى قوللايدۇ.
يوللاش ئۇسۇلى سىز
گە مائۇسىنى ئاپارسىڭىز
سودا تېما نى كۆرەلەيسىز شۇنى بېسىڭ ۋە ساتقۇچى، تاۋار نامى، باھاسى، ئۈلگە ئادىرسى، ئالاقە ئۇسۇلى، سودا شەكلىنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ قالغان ئىقتىدارلىرى 1- دەرسلىك بىلەن ئوخشاش .
4- دەرس راي سىناش
راي سىناش يەنى بېلەت تاشلاش تېمىسىنى يوللاش بولۇپ ، سىز بۇ تېما ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق بولغان نىشانغا يېتەلەيسىز.
يوللاش ئۇسۇلى : سىز
گە مائۇسىنى ئاپارسىڭىز
راي سىناش نى كۆرەلەيسىز ، شۇنى بېسىڭ ، ئاندىن راي سىناش ۋاقتى ۋە بىلەت تاشلاش تۈرى قاتارلىقلارنى تولدۇرسىڭىزلا بولىدۇ. قالغان مەشغۇلات 1- دەرس بىلەن ئوخشاش.
راي سىناش ۋاقتى - ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈن سانىنى كۆرسىتىدۇ.
بىلەت تاشلاش تۈرى - ھەربىر قۇرغا بىر تاللاشنى يازىسىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 تۈرنى بېكىتەلەيسىز.
كۆپ تاللاش - بۇنى تاللىسىڭىز ئەزالار كۆپنى تاللاپ بېلەت تاشلايدۇ ، تاللىمىسىڭىز بىرنى تاللاپ بېلەت تاشلايدۇ.
قايتا ئۆزگەرتىشكە بولامدۇ - مەزمۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغان قىلىش
قاتناشسا نەتىجە كۆرەلەيدۇ - بېلەت تاشلىغاندىن كىيىن بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
5- دەرس نەقىل ئېلىپ ئىنكاس يوللاش
بىرەر ئەزانىڭ تېمىنى ياكى ئىنكاسىدىن نەقىل ئېلىپ جاۋاپ يازماقچى بولسىڭىز، شۇ يازمىنىڭ ئۈستىگە قارىسىڭىز
كۇنۇپكىسىنى كۆرۈسىز، مۇشۇنى باسسىڭىز ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى ۋە شۇ ئەزانىڭ يازمىسى تەڭ كۆرۈنىدۇ،
quete دىگەن خەتنىڭ ئاستىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئىنكاسىنى يازسىڭىز بولىدۇ، دىققەت ئىنكاس يېزىش جەريانىدا
quete دىگەن دىگەن خەت ۋە ئالدى كەينىدىكى ][ بەلگىلىرى ئۆچۈپ كەتمىسۇن، بولمىسە نەقىل نورمال كۆرۈنمەيدۇ.
تەۋسىيە: نەقىل ئېلىپ ئىنكاس يازغاندا نەقىلنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز مۇئەييەنلەشتۈرمەكچى ياكى رەددىيە بەرمەكچى بولغان مەزمۇننىلا ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى ئۆچۈرىۋېتىپ يېزىڭ، بۇنداق بولغاندا بىرسى قارشى تەرەپمۇ سىزنىڭ قايسى گېپىنى قوللىغانلىقىڭىزنى ياكى قايسى گېپىگە قارشى تۇرغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلەلەيدۇدە سىزگە جاۋاپ بېرىشىگە تېخىمۇ قولاي بولىدۇ ھەم مۇنبەرنىڭ بوشلۇقىنى تېجەپ بەرگەن بولىسىز.6- دەرس تەھرىرلەش
تور بېتىمىز ئىملا خاتالىقى ۋە كەسپىي خاتالىق كۆرۈلۈپ تورداشلار ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن، ئادەتتىكى ئەزالارغىمۇ تەھرىرلەش ھوقۇقىنى ئېچىۋەتكەن بولۇپ، ئەگەر يوللانمىڭىزدا ئىملا ياكى كەسپىي خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا يوللانمىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى
دىگەننى باسسىڭىز ئەسەر يوللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، شۇ يەردە ئىملا خاتالىقى ۋە كەسپىي خاتالىقلارنى ئوڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.
تەۋسىيە: ماقالا يوللىغاندا ئىملارىڭىزنى بىر تەكشۈرىۋېتىپ، دەيدىغان گەپ - سۆزىڭىزنى ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن يوللاڭ، بولۇپمۇ ئىنكاس يوللىغاندا ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرنى ئويلىغان ئاساستا يوللاپ، كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرىۋالىدىغان ۋە مۇنبەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ، تېما ۋە ئىنكاسنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ رەددىيىسىگە چىدىماي تېما ئىنكاسلىرىڭىزنى تەھرىرلەپ ئۆچۈرىۋېتىدىغان ئىشنى قىلماڭ. ئەگەر ئۆچۈرمىسەم بولمايدۇ دەپ قارىسىڭىز، باشقۇرغۇچىلارغا ئۇچۇر قىلىپ، شۇلارنىڭ ئۆچۈرىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىپ ۋە سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈڭئىملا تەكشۈرۈشتە مۈمكىن بولغىنى كەنجى كوررېكتورنىڭ ھەقلىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىڭ، ياكى ھەقسىز ئۇيغۇرئېدىت ۋە يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنى ئىشلىتىڭ، ئەگەر تورخانىدىن تورغا چىقسىڭىز، تور يۈزىدىكى ئىملا تەكشۈرگۈچ
http://www.yulghun.com/imla دىن ئوبدان پايدىلىنىڭ.
ئىملاغا ھۆرمەت قىلغىنىڭىز، ئانا تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلغىنىڭىز، ئانا تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلغىنىڭىز مىللىتىمىزگە ھۆرمەت قىلغىنىڭىز.
ئەسكەرتىش: مۇنبىرىمىز يېڭى مۇنبەر سېستىمىسىغا كۆچكەندە، كونا مۇنبەردىكى ئەزالارنى كۆچۈرۈپ چىقىش جەريانىدا سانداندا ئازراق خاتالىق كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، مەندىن باشلاپ بارلىق كونا ئەزالىرىمىزنى بەك ئۆز كۆرۈپ ئۇلارنىڭ يازغان يازمىسىغا ھىچقانداق مۇنبەر پۇلى ياكى شۆھرەت دىگەندەك نەرسىلەر قوشۇلمىغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئىقتىدارلىرىدىن پايدىلىنىش جەريانىدا ئانچە - مۇنچە قۇلايسىزلىقلار كەلتۈرۈشى مۈمكىن، بىز بۇنى ئوڭشىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، ئاللا خالىسا پات پۇرسەتتە ئوڭشاپ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نېسى قالغان مۇنبەر پۇللىرىنى تولۇقى بىلەن قايتۇرۇپ بېرىمىز. مۇنبەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا چۈشەنمىگەن ئېنىق بولمىغان نۇقتىلار بولسا مۇشۇ يەرگە يېزىپ قويسىڭىز، بار مەسلىھەت ھەل قىلىمىز.