بىرىنچى باب
خۇدايىتائالانىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى
ياراتقانلىقىنىڭ زىكرى
خۇدايىتائالا ئۇنى ياراتماق بولۇپ، جەبرائىل ئەلەيھىسسالامنى يەر يۈزىگە بېرىپ، تۇپراق ئېلىپ كەل ، دەپ بۇيرۇدى. ئۇ يەر يۈزىگە كېلىپ تۇپراق ئالماق بولغاندا، يەر ئۇنىڭدىن كىم، نېمە قىلماقچىسەن، دەپ سورىدى. جەبرائىل ۋاقىئەنى بايان قىلدى. يەر تەڭرىتائالاغا ئانت بېرىپ: مەندىن تۇپراق ئالماغىل، تاڭلا ئادەم فەرزەنتلىرى كۆپەيگەندىن كېيىن ، بىرى ئاسىي، بىرى زالام، بىرى گۇناھكار بولىدۇ. ئۇلارنى خۇدايىتائالا ئازاب قىلىدۇ. مېنىڭ تەڭرىتائالانىڭ غەزەبىگە ۋە ئازابىغا تابىم يوقتۇر، دېدى. جەبرائىل تۇپراق ئالماي قايتىپ كېلىپ، خۇداغا يەرنىڭ ئەرزىنى يەتكۈزدى. ئاندىن كېيىن مېكائىل ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتتى، ئۇ ھەم قايتىپ كېلىپ شۇ سۆزىنى ئېيتتى. ئاندىن كېيىن ئىسرافىل ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتتى، ئۇ ھەم قايتىپ كېلىپ ئىشتكىنىنى ئەرز قىلدى. ئاندىن كېيىن ئەزرائىل ئەلەيھىسسالامنى بۇيرۇدى. تۇپراق ھەم ئۇنىڭغىمۇ ئانت بەردى. ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام ئېيتتى، تەڭرىنىڭ ھۆكۈمى سېنىڭ يالۋۇرۇپ ئانت بەرگىنىڭدىن ئارتۇقتۇر ، دەپ ۋە ھازىرقى كەبئە تۇرغان يەردىن تۇپراق ئالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئەرۋاھىنى ئالماقنى ئەزرائىلغا ھاۋالە قىلدى. ئاندىن كېيىن خۇدايىتائالا قۇدرەت قولى بىلەن ئۇ تۇپراقنى خېمىر قىلىپ، ئادەمنىڭ سۈرىتىنى ياساپ ، ئوتتۇز توققۇز كۈن مەككە بىلەن تايىفنىڭ ئارىسىغا قويدى. قىرىق كۈن بولغاندا، ئۇنىڭغا جان بەردى. ئىبلىسنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلمىغىنى ۋە ئادەمنىڭ بېھىشقا بېرىپ، يەنە قايتا بۇ دۇنياغا كەلگىنى ئاندىن روشەنراق ۋە ئافتاپتىن مەشھۇرراق تۇرۇر. ئۇنىڭ نېمىسىنى ئېيتاي، ئادەم مىڭ يىل بۇ دۇنيادا تۇرۇپ، ئۇ دۇنياغا كەتتى.
ئادەم دېگەن سۆز ئەرەبچە بولۇپ، يەرنىڭ يۈزىنى ئادەم دەيدۇ. ئەزرائىل تۇپراقنى يەرنىڭ ئىچىدىن ئالمىدى، بەلكى يەرنىڭ يۈزىدىن ئالغانىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم دېدىلەر، لەقىمى سەفيۇللاھتۇر. ئادەم ئۆز ئوغلانلىرىدىن قىرىق مىڭ كىشىنى كۆرۈپ ئۆلدى. ئۆلەر ۋاقتىدا شىش ئاتلىق ئوغلىنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا قويدى. ئاندىن ، كېيىن شىشنى خۇدايىتائالا پەيغەمبەر قىلدى. ئۇ توققۇز يۈز ئون ئىككى يىل ئۆمۈر كۆرۈپ جەننەت سارىيىغا كەتتى. شىشنىڭ مەنىسى ھەيبەتۇللاھتۇر. ئۇ ھەم ئۆلەر ۋاقتىدا ئوغلى ئانۇشنى ئورنىغا ئولتۇرغۇزدى. ئۇ ئۇلۇغ ئاتىسى ئادەمنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىپ، توققۇز يۈز ئون ئىككى يىل بۇ مەنزىلدە تۇرۇپ، ئۇ مەنزىلگە كەتتى. ئانۇشنىڭ مەنىسى سادىق دېمەك بولۇر. ئۇمۇ ئۆلەر ئالدىدا، ئوغلى قىيناننى ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، كۆپ نەسىھەت ۋە ۋەسىيەت قىلدى. قىينان سەككىز يۈز قىرىق يىل ئاتىسى يولىدا يۈرۈپ، ئوغلى مەھلايىلنى ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، تەڭرى قېشىغا باردى. مەھلايىل زامانىدا ئادەم فەرزەنتلىرى كۆپ بولدى؛ مەھلايىل بابىل ئىقلىمىدا بىر شەھەر سالدى، ئېتىنى سۇس قويدى. تام ۋە ئۆيلەر سالدۇردى، كەندلەر قىلدۇردى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى تام ۋە ئۆيلەر يوق ئىدى، تاغلارنىڭ غارلىرىدا ۋە جاڭگاللىقلاردا ئولتۇرار ئىدى. ( مەھلايىل) ئەلگە، يەر يۈزىگە يېيىلىڭلار، ھەر يەردە مۇناسىپ يەر تاپساڭلار ئېكىن ئېتىڭلار ۋە كەندلەر سېلىڭلار، دەپ ھۆكۈم قىلدى. خەلق شۇنداق قىلدى. مەھلايىل توققۇز يۈز يىگىرمە يىل بۇ دۇنيادا تۇرۇپ، ئۇ دۇنياغا كەتتى. ئۆلەر ئالدىدا، ئوغلى بەرەدنى ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغۇزدى. بەرەد تاكى توققۇز يۈز ئاتمىش يىل ياشاپ، ئوغلى ئەخنۇخنى ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ كەينىدىن كەتتى. ئەخنۇخ سۈرىيەنىي تىلى بىلەن ئاتالغان نام ئىدى. دىنىي ئىسلام، ھېكمەت ۋە تىبابەت ئىلمىدىن كۆپ دەرس ئۆتەر ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئەرەبلەر ئۇنى ئىدرىس دېدى. خۇدايىتائالا ئۇنى ئۆز زامانىدىكى خەلققە پەيغەمبەر قىلدى. سەكسەن ئىككى يىل پەيغەمبەرلىك قىلىپ، خەلقنى توغرا يولغا ئۈندىدى. ئاندىن كېيىن تەڭرىنىڭ ئەمرى بىلەن ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ، ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنى پەرىلەرنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، بىھىشكە ئېلىپ باردى. ئۇ كۈندىن تا بۇ ۋاقىتقىچە بىھىشتا تۇرىدۇ. ئىدرىس بىھىشقا بارغاندىن كېيىن، ئوغلى مەتۇشلاخ ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ، داد ۋە ئادالەتكە مەشغۇل بولدى. ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ بايانى مەلۇم ئەمەس، كۆپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلى لەمەكنى ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئاخىرەت سەپىرىگە كەتتى. لەمەكمۇ بۇ دۇنيادا كۆپ يىللار تۇردى. ئەمما ئۆمرىنىڭ سانى مەلۇم ئەمەس. ئۇ تاكى ئۆلەر چېغىدىلا ئوغلى نوھنى ئورنىدا ئولتۇرغۇزدى. نوھ ئىككى يۈز ئەللىك ياشقا يەتكەندە خۇدايىتائالا ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ، ئۆز زامانىدىكى خەلققە ئەۋەتتى. يەتتە يۈز يىل خەلقنى مۇسۇلمانلىققا تەرغىپ قىلدى. ئەرۇ-خوتۇن بولۇپ سەكسەن كىشى ئىمان كەلتۈردى، يەتتە يۈز يىل بۇرۇن دۇنيادىكى خەلقنىڭ تولىسىغا تەڭرىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار دېگەندە، سەكسەندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىمان كەلتۈرمىگىنىگە قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ، دۇئايى بەد قىلدى. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ:« خۇدايىتائالا سېنىڭ دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. پالان ۋاقتىدا بارچە يەر يۈزىدىكى خەلقنى سۇغا غەرق قىلماق بولدى. كېمە ياسىسۇن دەپ ئەمىر قىلدى» دېدى. ۋە كېمىنى قانداق ياساشنى ئۆگەتتى. نوھ پەيغەنبەر كېمىنى ئۆزىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەر بىلەن ياسىدى، ئاندىن كېيىن يەردىن سۇ چىقتى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدى. نوھ پەيغەنبەر ئۇچار قۇشلاردىن ۋە ئاياغلىرى بىلەن يۈرىدىغان جانۋارلاردىن ھەر خىلدىن بىر جۈپتىن ئالدى ۋە ئۆزىگە ئىمان كەلتۈرگەن كىشىلەر بىلەن كېمىگە چۈشتى. يەر يۈزىدىكى ئۆزگە جانلىق نەرسىلەرنىڭ بارچىسى سۇغا غەرق بولدى. ئاندىن كېيىن خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن يەر سۇنى ئۆزىگە تارتتى. شام يۇرتىدىكى مۇسىل شەھىرىنىڭ يېنىدىكى جۇدى تېغىدىن كېمىگە چىقتى. رەجەپ ئېيىنىڭ ئەۋۋەلى كۈنى كېمىگە چىقىپ، تا مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئونىغىچە ئالتە ئاي ئون كۈن بولغاندا، كېمىدىن چۈشۈپ، تاغنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. بارچىلىرى بىمار بولدى. نوھ پەيغەنبەرنىڭ كۇچلارى بىلەن ئۈچ ئوغلى ۋە ئۈچ كېلىنىلا ئامان قالدى. ئاندىن ئۆزگە كىشىلەرنىڭ بارچىلىرى ھەقتائاللانىڭ رەھمىتىگە كەتتى. ئاندىن كېيىن نوھ پەيغەمبەر ئۈچ ئوغلىنىڭ ھەرقايسىسىنى بىردىن يەرگە ئەۋەتتى.
ھام ئاتلىق ئوغلىنى ھىندىستان يۇرتىغا ئەۋەتتى. سام ئاتلىق ئوغلىنى ئىران زىمىنىغا ئەۋەتتى. يافەس ئاتلىق ئوغلىنى شىمالىي قۇتۇپ تەرەپكە ئەۋەتتى. ھەمدە ئۈچىگە : « ئادەم فەرزەنتلىرىدىن سىلەر ئۈچىڭلاردىن ئۆزگە كىشى قالمىدى، ئەمدى ئۈچىڭلار ئۈچ تەرەپتە تۇرۇڭلار، ئوغلان ۋە زاتىڭلار كۆپ بولسا، ئۇ يەرلەرنى يۇرت قىلىپ ئولتۇرۇڭلار! » دېدى. يافەسنى بەزىلەر پەيغەمبەر ئىدى دېسە، بەزىلەر پەيغەمبەر ئەمەس ئىدى دەيدۇ. يافەس ئاتىسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن جۇدى تېغىدىن كېتىپ، ئاتىل(ئېتىل) ۋە يايىق سۈيىنىڭ ياقىسىغا باردى. شۇ يەردە تاكى ئىككى يۈز ئەللىك يىل تۇرۇپ ۋاپات بولدى. سەككىز ئوغلى بار ئىدى، ئەۋلادى بىسيار كۆپ بولغانىدى. ئوغۇللارنىڭ ئاتلىرى مۇنداق ئىدى : تۈرك، فەزەر، ساقلاب، رۇس، مىڭ، چىن، كەمەرى، تارىخ. يافەس ئۆلەر ئالدىدا چوڭ ئوغلى تۈركنى ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزگە ئوغۇللىرىغا: « تۈركنى ئۆزۈڭلارغا پادىشاھ بىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن چىقماڭلار» دېدى.
تۈرككە يافەس ئوغلانى دەپ لەقەم قويدى. ئۇ بىسيار ئەدەپلىك ۋە ئاقىل كىشى ئىدى. ئاتىسىدىن كېيىن نۇرغۇن يەرلەرنى ئارىلاپ كۆردى. بىر يەرنى ياقتۇرۇپ ئاندا تۇرۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەرلەرنى ئىسسىقكۆل دەيدۇ. قىرغاقتىكى ئۆيلەرنى ئۇ ئۆزى سالدى. تۈركلەرنىڭ ئىچىدىكى بەزى رەسىم-قائىدىلەر ئۇنىڭدىن قالدى. تۈركنىڭ تۆرت ئوغلى بار ئىدى. چوڭى تۈتەك، ئىككىنچىسى چىگىل، ئۈچىنچىسى بەرسەچەر، تۆتىنچىسى ئىملاق. تۈرك ئۆلەر ئالدىدا تۈتەكنى ئۆز ئورنىدا پادىشاھ قىلىپ، قايتماس سەپەرگە كەتتى.
تۈتەك ئاقىل ۋە دۆلىتى ياخشى پادىشاھ ئىدى. تۈركلەرنىڭ ئىچىدىكى كۆپ رەسىم-قائىدىلەرنى ئۇ پەيدا قىلدى. ئەجەم پادىشاھلىقىنىڭ دەسلەپكى پادىشاھى كەيۇمەرس بىلەن زامانداش ئىدى. كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنى ئوۋغا چىقىپ كىيىك ئۆلتۈرۈپ كاۋاپ قىلىپ يەپ ئولتۇرغانىدى، قولىدىن بىر توغرام گۆش چۈشتى، ئاندىن ئېلىپ يېسە، ئاغزىغا بەكلا خۇشمەزە تېتىدى. چۈنكى ئۇ يەر تۇزلۇق ئىدى. ئاشقا تۇز سالماقنى ئۇ چىقاردى، بۇ قائىدە شۇنىڭدىن قالدى. تۈتەك ئىككى يۈز قىرىق يىل ئۆمۈر كۆرگەندىن كېيىن ئوغلى ئەبلەچەخاننى ئۆز ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، بارسا كەلمەس دېگەن شەھەرگە كەتتى. ئەبلەچەخان كۆپ يىللار پادىشاھلىق قىلىپ، يەيدىغىنىنى يەپ، ياشايدىغىنىنى ياشاپ، ئاتىسىنىڭ كەينىدىن كەتتى، ئۆلەر ۋاقتىدا ئوغلى دېبباقۇيخاننى ئورنىدا ئولتۇرغۇزدى. دېبنىڭ مەنىسى تەختنىڭ يېرى، باقۇينىڭ مەنىسى ئەل ئۇلۇغى دېمەك بولۇر، ئۇ تاكى كۆپ يىللار پادىشاھلىق قىلىپ، دوستلىرىنىڭ كۈلگىنىنى ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ ۋە سۆيۈنۈپ كۆپ يىللار پادىشاھلىق قىلىپ، ئوغلى كۆيۈكخاننى ئورنىدا ئولتۇرغۇزۇپ، بارسا كەلمەس دېگەن شەھەرگە كەتتى. كۆيۈكخان ئاتا تەختىدە ئولتۇرۇپ، بىرقانچە يىل ئادىل پادىشاھلىق قىلىپ، ئوغلى ئەلەنچەخاننى ئورنىدا ئولتۇرۇپ، خەلق بارىدىغان يەرگە باردى. ئەلەنچەخان كۆپ يىللار ئەلگە پادىشاھلىق قىلدى.
نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىن تا ئەلەنچەخاننىڭ زامانىسىغىچە ، بارچە يافەس ئەۋلادى مۇسۇلمان ئىدى، ئەلەنچەخان زامانىدا يۇرت ئاۋات ۋە دۆلەتلىك بولدى. ئۆزبېكنىڭ « ئىت سەمرىسە ئىگىسىگە قاۋار» دەيدىغان تەمسىلى بار. بۇ دېگەنلىكى ھەر كىشىنىڭ ئەڭ قىيماس بىرەر ئادىمى نە ئوغلى ، نە قىزى ، نە ئاكا-ئىنىسى ئۆلگەن بولسا، ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ ئۆيلىرىدە بىر قونچاقنى ياساپ قويدى. بۇ بىزنىڭ پالانىنىڭ سۈرىتى، دەپ ئۇنى سۆيدى، ئاشنىڭ ئالدىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. يۈزىنى ۋە كۆزىنى سۈرتۈپ باش ئۇردى. شۇنداق قىلا-قىلا بۇتپەرەسلىك ئاشكارا بولدى. ئەلەنچەخاننىڭ قوشكىزەك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. چوڭىنىڭ ئېتى تاتار، كىچىكىنىڭ ئېتى موغۇل ئىدى. ئەلەنچەخان قېرىغاندىن كېيىن ئەلنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئىككى ئوغلىغا بەردى. بۇ ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن يامانلىق قىلماي، ياخشىلىق بىلەن دۆلەت سۈرۈپ ئۆمۈر ئۆتكۈزدى. ئاۋۋال تاتار ھەققىدە سۆزلەيلى، تەڭرىم بۇيرىسا ئاندىن موغۇل ھەققىدە سۆز ئاچارمىز.
تاتارخان ئۆزىدىن باشقا يەتتە ئوغلىغىچە پادىشاھلىق قىلدى. تاتارخان كۆپ يىللار پادىشاھلىق قىلىپ ۋاپات بولدى، ئوغلى بۇقەخان ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ كۆپ يىللار پادىشاھلىق قىلىپ ئۆلدى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئەلەنچەخان ئاتا تەختىدە ئولتۇرۇپ، بىر نەچچە يىللار ئەلگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆلدى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاتلىخان پادىشاھ بولۇپ، بىرنەچچە يىللار قايغۇسىز ياشاپ، ئاتىسىنىڭ كەينىدىن كەتتى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئاتسىزخان ئاتىسىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ، بىرنەچچە يىللار ياۋنى ياۋلاپ ۋە ئوۋنى ئوۋلاپ، ئاتىسىنىڭ ئارقىسىدىن كەتتى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئوردۇخان بىرنەچچە يىللار ھاراق ۋە قىمىز ئىچىپ، خىتايى كىمخابلارنى پىچىپ ۋە تىرەن سۇلارنى كېچىپ، ئاتىسىنىڭ ئارقىسىدىن كەتتى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى بايدۇخان پادىشاھ بولدى. بىرنەچچە يىللار پادىشاھلىق قىلدى، موغۇل بىلەن تاتار پادىشاھ بولغاندىن كېيىن تا بايدۇخان زامانىغىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچبىر نىزا كۆرۈلمىدى. موغۇلخاننىڭ ئوغلانلىرى ئۆز ئېلىگە پادىشاھلىق قىلغانىدى. تاتارخاننىڭ ئوغلانلىرىمۇ ئۆز ئېلىگە پادىشاھلىق قىلدى. بايدۇ فىكىرسىز ، گۇمانخور يىگىت ئىدى. موغۇلخاننىڭ ئوغلانلىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ، ئۇلارنىڭ خەلقىنى قىرىشقا باشلىدى. شۇ ۋاقتىدا ئەجەل كېلىپ ياقىسىدىن تۇتۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەتتى. ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى سېۋىنچخان ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ئولتۇردى. سېۋىنچنىڭ زامانىدا موغۇل بىلەن تاتار ئېلىنىڭ ئارىسىدا دۈشمەنلىك ئوتى كۆپلەپ ياندى. بۇ ئوتنى ئامۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى سېپىپمۇ ئۆچۈرگىلى بولمايتتى. ھەمىشە موغۇللار غالىب كېلەر ئىدى.
تەڭرىم بۇيرۇسا سېۋىنچخاننىڭ ئىشلىرىنى موغۇل خانلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئېيتىپ ئۆتىمىز.
(داۋامى بار)