niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئەشۇ يىللاردا

ئەشۇ يىللاردا

( مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە كۆرگەن – بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمدىن ئەسلىمە )

ئەرشىدىن تاتلىق

ھەر بىر مىللەت ۋە ھەر بىر خەلقنىڭ مەڭگۈ ئەزىزلەپ ياخشى كۆرۈپ ئەسلەيدىغان ، قەدىرلەيدىغان سۆيۈملۈك كىشىلىرى بولىدۇ .

مانا شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى ، بىزنىڭ قەدىردان رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمىدۇر . ئۇنىڭ زىرەكلىكىنى ، بىلىم ۋە قابىلىيىتىنى ، ھەربىي ئىستىداتىنى ، ناتىقلىق ماھارىتىنى دوستلىرىلا ئەمەس ، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىمۇ ئېتىراپ قىلغان ئىدى .

1945-يىلنىڭ ئاخىرى ئايلىرى ئىدى . مەن غۇلجا شەھىرىدىكى جاللاپ ھاجىمنىڭ قورۇسىغا جايلاشقان ھەربىي دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقىشىم كېرەك ئىدى . شۇ كۈنلەردە غۇلجا شەھىرىدە بىرمۇ تونۇشۇم يوق ئىدى .

بۇ دوختۇرخانىدا كېزىك بىلەن ئاغرىپ كىرگەن ئىكەنمەن . لېكىن مېنى كىم جايلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتىم .

بىر كۇنى بۇ يەرگە مەرھۇم پودپولكوۋنىك قاسىمجان قەمبىرى كىرىپ كەلدى . ئۇ كىشى بىزنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن خادىك ھارۋا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن . مەرھۇم مەن بىلەن بىللە ئاقسۇدىن يەرلىك « پىدايى » قىسمىدا كوماندىر ئىزۋوت ياردەمچىسى بولۇپ چىققان روزى تۆمۈر دىگەن ئوقۇتقۇچىنى شىپاخانىدىن ئېلىپ چىقتى . بىزنى توغرا كۆۋرۈكتىكى مامۇت ھاجىمنىڭ نومۇرى ( مېھمانخانىسى ) غا ئېلىپ كېلىپ 2-قەۋەتتىكى دەرىزىسى ھويلىغا قارايدىغان بىر ھوجرىغا ئورۇنلاشتۇردى .

بۇ يەردە بىز بىلەن بىللە ئاقسۇ كونا شەھەر ۋە باي ناھىيەلىرىدىن 1945-يلى بىرىنجى ئۆكتەبىردە بۇيرۇق بويىچە غۇلجىغا چېكىنىپ چىققان بىر قىسىم كىشىلەر بار ئىكەن . ئۇلارنىڭ ئىچىدە پىشقەدەم شائىر ، مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ كونا جەڭچىسى ، تارىخچى ، جامائەت ئەربابى ، مىللىي ئارمىيە كاپىتانى نىم شەھىت ئەرمىيە ئېلى سايرامىمۇ بار ئىكەن . بۇ كىشىنىڭ ئاقسۇدىكى ۋاقتىدا دادام تاتلىق ئاخۇن ، تاغام مەمەتنۇر موللا مۇسا ئوغلى بىلەن باردى-كەلدىسى بار ئىدى . بىز كۆرۈشۈپ ئامانلاشتۇق . ئۇ كىشىمۇ بويتاق بولۇپ شۇ يەردە ئىكەن .

بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئۈچ ۋاقلىق تامىقىنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئاشخانىسىدىن مەخسۇس بىر ئاشپەز يەتكۈزۈپ تۇرىدىكەن .

بىز بۇ يەرگە كېلىپ 2-كۈنىدىن كېيىن كاپىتان شائىر ئەرمىيە ئېلى جىڭ ، شىخۇ ، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىكى كۈرەش قەھرىمانلىرىنى ، جەڭلەرنىڭ تارىخىي خاتىرىسىنى ، ئاممىنىڭ جەڭچىلەرگە ماسلىشىپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى يېزىش ئۈچۈن تەشكىل قىلىنغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى . شائىر ئەرمىيە ئېلىنى شۇ يەرىكىلەر ياخشى تىلەكلەر بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدۇق . ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى . بىر كۈنى ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىنلا قاسىمجان قەمبىرى يېتىپ كەلدى .

- قېنى ، تەييارلىنىپ مەن بىلەن بىللە مېڭىڭلار ! – دەپ ئىككىمىزنى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمەت بىناسىغا باشلاپ باردى . بۇ يەر بۇرۇن گومىنداڭ ئىلى ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانلىق شتابى ئىكەن . قاسىمجان قەمبىرى شۇ چاغدا ئىلى ئازاد رايون ۋاقىتلىق ھۆكۈتىنىڭ كادىرلار ئىشخانىسىغا مەسئۇل ئىكەن . بىزنى ئۇدۇللا ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىردى . بۇ يەردە يەرلىك ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىن ياشقىنا بىر يىگىت ، ئاقسۇ كونا شەھەرلىك ئابدۇۋاھىت روزى ( ئازادلىقتىن كېيىن « شىنجاڭ گېزىتى » دە مۇھەررىر ، كېيىن كۇچار نەسىللىك قوي فېرمىسىدا باشلىق بولۇپ ئىشلىگەن ، « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » دا ئۆلتۈرۈلگەن . يازغان ھىكايىلىرى بار ) دىگەن چارۋا تېخنىكىمۇ ئىشلەيدىكەن .

ئۇلار بىز بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن ، بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى . ئالدىمىزغا چاي قۇيدى . كېيىن ئىككىمىزگە كادىرلار ئانكىتى بەردى . روزى تۆمۈر ئىككىمىز قارىمۇ قارشى ئولتۇرۇپ ئانكىتنى تولدۇرۇپ بەردۇق .

قاسىمجان قەمبىرى ئانكىتنى قولىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى . ھايال قىلمايلا مەرھۇم ئابدۇكېرىم ئابباسوپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ خوشال كىرىپ كېلىشتى ۋە بىزگە قاراپ :

يۈرۈڭلار يىگىتلەر دەپ بىزنى ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى . بىز كادىرلار بۆلۈمىدىن چىقىپ ، خۇددى شۇ بىناغا ئوخشايدىغان ئايرىم بىر كورپۇس بىناغا كىردۇق . بۇ ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي ئىشلار بۆلۈمى ئىكەن .

پەلەمپەي بىلەن چىقىپ ، سىرتقى ئىشىكتىن كىرىش بىلەن كۆزىمىز سىرتقا قاراپ ئېچىقلىق تۇرغان يەنە بىر ئىشىككە چۈشتى . ئارىدا سولغا كەتكەن كىچىككىنە بىر كارىدور بار ئىكەن . ئىچكىرىدىكى ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى . تام مەشتىن چىققان ئوتنىڭ تەپتى كارىدورنىمۇ ، ئۆينىمۇ ئىسسىتىۋەتكەندى . ئىچكىرىدىكى ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر – بىرىگە يانداپ قويۇلغان ئىككى ئىش ئۈستىلى بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئىككى ھەربىي كىشى جىددىي ئىشلەۋاتاتتى . بۇلارنىڭ بىرى پودپولكوۋنىك ، يەنەن بىرسى كاپىتان ئىدى .

بىزنىڭ ئالدىمىزدا بۇ ئۆيگە كىرگەن ئابباسوپ بىلەن قاسىمجان قەمبىرى بۇ ئىككى ھەربىي كىشى بىلەن ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈشمىگەن كىشىلەردەك قول ئېلىشىپ سەمىمىي ، دوستانە ، خۇشخۇي چاقچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى .

كېيىن قاسىمجان قەمبىرى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوپ پودپولكوۋنىك كىشىگە بىزنى كۆرسىتىپ :

ئەپەندىم ، بۇ ئىككى كىشىنى سىزنىڭ قوبۇل قىلىپ ، خىزمەتكەن تەقسىم قىلىشىڭىزغا ئېلىپ كىردۇق ، دىيىشتى .

بىز ئىككىمىز ئىشىكتىن كىرىپلا ئۇلاردىن 3-4 قەدەم بېرى تۇرغاندۇق . ئەپەندىم بۇرۇلۇپ بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلدى . بىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ :

كېلىڭلار ، دەپ ئوۇندۇققا تەكلىپ قىلدى . بىز سەل تارتىنىپ ، ئەمما ھەربىي قائىدە بويىچە يېنىڭ ۋە پۇختا قەدەم بىلەن ئۈستەلنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرسەتكەن ئورۇندۇققا ئولتۇردۇق . ئەپەندىم ئىككىمىزگە ئۇستەلنى كۆرسىتىپ :

يېقىن كېلىپ ئولتۇرۇڭلار ! .... مانا بۇ قەغەزگە : « بىز ئاقسۇ پارتىزان قىسمىدىن » دەپ يېزىڭلار !.... دىدى .

دىمەك ، بۇ ئەپەندىم  بىزنىڭ نەدىن ۋە قانداقلارچە بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمىزنى بىلىدىكەن ، ئىككىمىزگە ئىككى پارچە ئاق ، سىزىقسىز قەغەز ، قېرىنداش ، قەلەم بەردى . بىز يازدۇق . خېتىمىزنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈپ :

خېتىڭلار ياخشى ئىكەن ، دەپ ماڭا بۇرۇلۇپ ، سىزنى شىخۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكەن مەسئۇل كاتىپ قىلىپ ئەۋەتسەك ، بارامسىز ؟!... دىدى . مەن سەل ئەيمىنىپ تۇرۇپ :

ياق ، ئەپەندىم !... مەسئۇل كاتىپلىقنى ئەپلەشتۈرەلمەيمەن . قولۇم قەلەمگە قارىغاندا مىلتىققا خېلى ئوبدانلا ئۆگىنىپ قاپتۇ !.... دەپ جاۋاپ بەردىم .

ئەپەندىم يېنىمدىكى روزى تۆمۈرگە قارىدى ۋە :

- سىزچۇ ؟! ..... سىزنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە كاتىپلىققا ئەۋەتسەك بارامسىز ؟!- دەپ سورىدى . روزى تۆمۈر مۇلايىملىق بىلەن :

- باراي ئەپەندىم !..... دەپ قىسقىلا جاۋاپ بەردى . ئەپەندىم ماڭا قاراپ :

ـ سىزنىڭ كىيىمىڭىزنى يەڭگۈشلەش كېرەك ئىكەن ، - دەپ ئۈستەلگە بېرىپ خەت يېزىشقا كىرىشتى . خەتنى تۈگىتىپ ئاخىرىغا ئىمزا قويدى .

- بۇ خەتنى ئېلىپ ساي بويىدىكى كونا سەرەڭگە زاۋۇتى ئورنىغا جايلاشقان ھەربىي تەمىناتقا بېرىڭ . مېنىڭ ھېسابىمغا ، سىزگە بىر كىشىلىك ئىچكى – سىرتقى كىيىم – كېچەك ، تەمىنات قەغىزى ( ئاتىستات ) بېرىدۇ . ئۇنى ئېلىپ ھازىر تۇرۇۋاتقان ئورنىڭىزدا بىر ھەپتە دەم ئېلىڭ ...! كېلەر ھەپتە خۇددى بۈگۈنكى كۈندە ، مۇشۇ سائەتتە كېلىپ ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش بۇيرۇقىنى ئېلىڭ !- دىدى .

ئابباسوپ بىلەن قاسىمجان قەمبىرى روزى تۆمۈرنى باشلاپ ، ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈەت ئومۇمىي ئىشلار بۆلۈمىگە خىزمەتكە يازدۇرۇپ بېرىشكە كېتىشتى .

ئەپەندىم سىرتقا چىقىشىمىزغا ئۈلگۈرۈپ يېتىپ كەلگەن خادىقكا قاراپ ماڭدى . شۇ چاغدا ھېلىقى كاپىتان بۆلۈمدىن چىقىپ :

ئەخمەت ئەپەندىم ، چۈشتىن بۇرۇن قايتىپ كېلەمسىز ؟ - دەپ سورىدى .

- ياق ، كاپىتان !- دىدى ، ئەپەندىم يېنىك تەلەپپۇزدا ، - مەن كېسەل يوقلىغىلى بارىمەن . چۈشتىن كېيىن كېلەي ......

كىشىلەر ئارىسىدا ئىسمى سەمىمىي ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ، قىسقا-قىسقا سۆھبەتلەردە بەكمۇ يېقىملىق تۇيغۇ بىلەن تەكرارلىنىدىغان ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ شۇ كىشى ئىكەنلىكىنى ئۇ چاغدا مەن نەدىن بىلەي !......

      +  +  + + + + +  ++ + + + + + +  + ++

شۇنداق قىلىپ ، غۇلجا شەھەرلىك گارنىزون كومىندانتىنىڭ كاتىپلىقىغا ئورۇنلاشتىم . ئۇ چاغدا بۇ ئورۇن غۇلجا شەھرىنىڭ بوينىكېسىك دىگەن يېرىگە چىقىدىغان كوچىدىكى مۇسابايوپلارنىڭ بانكا قىلغان كونا قوراسىدا ئىدى .

شۇ كۈنلەردە ئەخمەت ئەپەندىم بىر نەۋرە ئىنىسى سادىق بىلەن خانىمى ماھىنۇر خانىمنىڭ ئاكىسى رۇستەمنى تولۇق ھەربىي فورما بىلەن . غۇلجا شەھەرلىك كومىندانىتقا ئېلىپ كەلدى .

- يېقىندا گومىنداڭ ۋەكىلى بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان سۆھبەتكە ئۈرۈمچىگە بارىمەن ، سۆھبەت بىر تەرەپ بولغىچە بۇلار سىزلەرنىڭ قىسىمدا ھەربىي تەلىم –تەربىيە ئالسۇن . خىزمەت قىلسۇن ، پىشسۇن ، چېنىقسۇن ، تاۋلانسۇن ! – دەپ تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى .

ئۇلار شۇ كۈنىلا ئىزۋوتلارغا تەقسىم قىلىندى . كېيىن ئەخمەت ئەپەندىم بىزگە : « بۇلارغا باشقىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىڭلار ، ۋەزىپە تەقسىم قىلىشتا ، ھەربىي مەشىقلەردە ئۇلارنىڭ كۆزىگە ياكى مېنىڭ يۈزۈمگە قارىماي ، تەلەپجان ، ئىنتىزامچان قاتتىق قول بولۇڭلار ! ھەربىي ، سىياسىي ئۈگۈنۈشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇڭلار ! پولاتتەك ئىنتىزامدىن ئالتۇندەك نەتىجە غەلىبە بارلىققا كېلىدۇ !...... ئۇلار تېخى ياش ، ئۈگەنسۇن ، باشقىلار بىلەن تەڭ جاپا تارتىپ تەڭ دەم ئالسۇن . نۆۋەت كەلگەندە ئۆيگە چىقسۇن ، بولمىسا گازارمىدا كۆپچىلىككە ئوخشاش دەم ئالسۇن !» دەپ خەت يازغىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە .

ئۇلار بىتىم ئىمزالانغىچە كومىندانىتتا شۇ تەلەپ بويىچە ئىشلىدى ، ئۆگەندى . بىتىم ئىمزالانغاندىن كېيىن يەنە ئەخمەت ئەپەندىم ئۆزى كېلىپ ئېلىپ كەتتى .

                    +        +          +                +

1946-يلى ئىيۇن ئايلىرى ئىدى . ئاقسۇدىن چىققانلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن غۇلجىغا چىقىپ ھەربىي ، ساقچى ، مەمۇرىي خىزمەت ئۆتەۋاتقانلاررنى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قوروسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تېرەكلىككە يىغدى .

چۈشتىن كېيىنكى سائەت ئىككى مەزگىلى ئىدى .ھاۋا ئوچۇق . بىزگە قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا : « گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەكىلى بىلەن ئىلى تەرەپ خەلق ۋەكىللىرى تۈزگەن 11 ماددىلىق بىتىم توغرسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىلىدۇ ..... » دىيىلگەن ، ئەمما دوكلاتچىنىڭ ئىسمى ئېيتىلمىغاندى .

بۇ يەرگە يىغىلغانلار 70 تىن ئارتۇق كىشى ئىدۇق . دوكلاتچىنى كۈتۈپ تەقەززالىق بىلەن ئولتۇردۇق بىردىنلا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى . ئۆزى يالغۇز ئىدى . بېشىدا گۈللۈك ئالما ئۇرۇقى رەڭلىك مانچىستىر دۇخاۋا دوپپا ، ئۇچىسىدا شىم-كاستيوم ، رەڭلىك گالىستۇك تاقىغان ئايىغىدا يېنىك شىبلىت ، مەيدىسىدە شۇ چاغلاردا تارقىتىلغان « ئازادلىق » ئوردېنى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى .

مەن مۇشۇ ئوردېن توغرىسىدا بولغان مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغاندىم . شۇ سۆز بىردىنلا ئېسىمگە كېلىپ قالدى . كىمدۇر بىرى ( ھازىر ئېسىمدە يوق ) ئەخمەت ئەپەندىمدىن :

- ئەپەندىم ! سىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئوردېنلىرىڭىزمۇ بارغۇ ، نىمىشقا ئۇلارنى تاقىماي ، مۇشۇ ئوردېننىلا تاقايسىز ؟ - دەپ سورىغان ، ئەخمەت ئەپەندىم ئۇ كىشىگە :

- مېنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ ئازادلىقى كۇپايە ... بۇ ئوردېننى دەل شۇ سەۋەپتىن ئەتىۋارلاپ تاقايمەن !...... دەپ جاۋاپ بەرگەن .

ئەپەندىم ئالدىمىزغا كەلدى .... بىز گۈررىدە ئورنىمىزدىن قوزغالدۇق . ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، تۇغقانلار ، جەڭچىلەر ، كوماندىرلار ، ئەپەندىلەر ، خانىملار ، ئىشچى – خىزمەتچى دوستلار ! ،- دىدى ئەپەندىم .

- ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام ! – دەپ جاۋاپ بەردى بىزدىن بۇرۇن سېپىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئىككى مويسىپىت كىشى . بۇلارنڭ بىرسى ، بىز ئاقسۇ كونا شەھەرنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى قوشۇنلىرىدىن ئازاد قىلغاندا ، يەرلىك كىشىلەردىن سايلانغان 35 كۈنلۈك ھاكىم شايىپقارى ھاجى ( بىتىم بويىچە تەشكىل قىلىنغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاقسۇ ۋالىسى ئابلىز مەخسۇمنىڭ مۇئاۋىنى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ، ئازادلىقتىن بۇرۇن ۋاپات بولغان ) دىگەن خەلقچىل زات ئىدى . بىز ئۇ كىشىنى ھاكىم قىلىپ سايلىغاندا تۈرمىدىن چىققىنىغا بىرنەچچە كۈن بولغان ئىكەن . ئۇ كىشى بوز دۆڭدىن كېلىپ تۇز ئاۋاتتا ئابدۇكېرىم ئابباسوپ ، قاسىمجان قەمبىرى ، سوپى ئاخۇنلار باشلاپ چۈشكەن مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىغا قوشۇلغان . يەنە بىرى مۇئاۋىن ھاكىم ، ئاقسۇ كونا شەھەرلىك مۇھەمەتنىيازخان داموللا دىگەن مەرىپەتپەرۋەر ، ۋەتەنپەرۋەر شائىر ، ناتىق ، ئالىم كىشى ئىدى . بۇلارمۇ بىز بىلەن بىللە چىققان ۋە ئىلى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن كۈتۈلىۋاتقانلاردىن ئىدى . شۇ يەردىكى ھەربىلەرمۇ قائىدە بويىچە تىك تۇرۇپ ، كۆپچىلىككە قوشۇلۇپ سالامغا جاۋاپ بەردى .

- ئولتۇرۇڭلار ، ئولتۇرۇڭلار ! .... كەڭ كۇشادە سۆزلىشەيلى ! – دىدى ئەخمەت ئەپەندىم بىزگە .

بىز ئەگىمەچ ئۈچ بۇرجەك سەپ ھاسىل قىلىپ ئولتۇردۇق . ئەخمەت ئەپەندىم تەمكىنلىك بىلەن سۆزىنى باشلىدى .

بۇ يەردە پەقەت ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ قىلغان سۆزلىرىنىڭ يادىمدا قالغان مەزمۇنلىرىنىلا بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتىمەن . شۇنداق قىلىپ ، بىز خەلق ۋەكىللىرى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى جاڭ جىجوڭ ئەپەندى بىلەن 11 ئاي سۆھبەت قىلدۇق . بۇ جەرياندا ئۇلار بىزنى 120 سائەت سۆز بىلەن بومباردىمان قىلدىن . بىزمۇ ئۇلارنى 120 سائەت گەپ بىلەن بومباردىمان قىلدۇق . ئۇلار بىزنىڭ قويغان دەلىل – ئىسپات ، كۆرسەتكەن ھۆججەتلىرىمىزگە قايىل بولدى . شۇ چاغدا گومىنداڭ تەرەپ ۋەكىلى جاڭ جىجوڭ ئەپەندى مەندىن :

سىزلەر بۇ  ئۇستىلىقنى نەدىن ئۈگەندىڭلار !- دەپ سوراپ قالدى . مەن ئۇنىڭغا « تۇلكىنىڭ تەقسىماتى » دىگەن مەسەلنى ئېيتىپ بەردىم .

بىزنىڭ ئارىمىزدىن كۈلكە كۆتۈرۈلدى . كېيىن غۇلغۇلىغا ئايلىنىپ كەتتى . ئولتۇرغانلار سورۇننى قىزىتىۋەتتى . ھەممە كىشىنىڭ چىرايىنى تەنتەنە ۋە ھاياجان قاپلىغاندى . شۇ چاغدا ئەخمەت ئەپەندىم :

بىز يەنە ئۆز سۆھبىتىمىزگە قايتىپ كېلەيلى !...... شۇنداق قىلىپ 11 ماددىلىق بىتىم ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە قوشۇمچە ماددىلىرىمۇ تۈزۈلدى ، ئىمزا قويۇلدى ، تەستىقلەندى ۋە تەستىقنامىلىرىمۇ ئالماشتۇرۇلدى . پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ . گېزىت يۈزىدە كۆرىسىزلەر .

بۇ تۈزۈلگەن بىتىم بويىچە ، پۈتۈن ئۆلكە مىقياسىدا ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىپ ، تىنچلىق ئەسلىگە كېلىدۇ . خەلق ھەر جەھەتتىن ئەركىنلىك بىلەن تەمىن قىلىنىدۇ . مىللەتلەرنىڭ ئاز-كۆپلىكىدىن قەتئىنەزەر ، ئىش يۇزىدىكى ۋە سىياسىي ھاياتىدىكى ئورنى ھەم باراۋەرلىكى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ . ئانچە ئۇزۇنغا بارماي پۈتۈن ئۆلكە بويىچە دەسلەپتە بىر قېتىم ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئۆتكۈزىلىدۇ . خەلقچىل سىياسەتنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ھاكىيەت ئورۇنلىرىغا ، ئۆزلىرىگە ئۈزۈل كېسىل خىزمەت قىلىدىغان ، خەلقنى سۆيىدىغان خەلقنىڭ ھوقۇق ، مەنپەتلىرىنى جان تىكىپ ھىمايە قىلىدىغان ، خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى باش تارتماي كۆپلەپ ئىشلەيدىغان ، ۋىجدانلىق ، ئەخلاقلىق كىشىلەرنى سايلايدۇ .

بىتىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ھازىرقى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئۆزگەرتىلىپ ، قايتىدىن ئۆلكىلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنىدۇ .

ئەندى گەپ بىتىمنى قانداق تەلتۆكۈس ئىجرا قىلىشتا قالدى . ئۇلارنىڭ بىتىمنى ئىجرا قىلمىقى قىيىن . چۈنكى بىتىم ۋە ئۇنىڭدىكى گەپ – سۆزلەر ئۇلارغا ياقمايدۇ . بۇنى ئۇلارنىڭ تەبىئىتى ۋە ماھىيىتىدىن كۆرۈش كېرەك . بىز قەتئىي ۋە ئۈزۈل – كېسىل ئىجرا قىلىمىز . ئۇلار تەلتۆكۈس ئىجرا قىلمىسا ، بىز ھەيدەكچىلىك قىلىمىز ، توقۇنۇشقان ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى ھالەتتىكى چېگرا سىزىقى بىكار قىلىنىدۇ . بىز ئۇرۇشتا ئەسىر ئالغان كىشىلەرنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز . ئۇلارمۇ تۈرمىدىكى بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى شەرتسىز بوشىتىپ ئۆز جايلىرىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ . خەلقنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش ، كۆچۈش ، سايلامغا قاتنىشىش ، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ، پىكىر ، مەتبۇئات ، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى سىياسىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ . سىياسىي ساقچىلار تارقىتىلىدۇ . ھەرقانداق ئورۇننىڭ خەلقنى ئۆزى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشى ، قاتىللىق قوراللىرىنى ئىشقا سېلىشى ، جىسمانىي ئازاپ بىلەن قىيناشلىرى قاتتىق چەكلىنىدۇ ۋە مەنئىي قىلنىدۇ . بۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۋاتقان ھەرقايسىڭلارنى يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان ئۆلكىلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇپ ، خىزمەت بىلەن يۇرتۇڭلارغا قايتۇرىدۇ . ھازىر قىسىمدا ئىشلەۋاتقان ھەربىي يولداشلار ، كېيىن بىتىم بويىچە جەنۇبتا مىللىي قوشۇن تەشكىل قىلىنغان چاغدا يۆتكىلىدۇ . ئۆز جايلىرىڭلارغا بارغاندىن كېيىن بىتىمنىڭ ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلىرى ، ئىجراچىلىرى بولۇشۇڭلارنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن .

- پىكىر تەكلىپلىرىڭلار بولسا تارتىنماي ئوتتۇرىغا قويۇشۇڭلارنى سورايمەن ... – دىدى ئۇ ئاخىرىدا .

ھەممىمىز قاتتىق ھاياجان بىلەن چاۋاك چېلىپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق .

- ئولتۇرۇڭلار ! ئولتۇرۇڭلار ! يەنە بىر ئاز ۋاقىت بار ئىكەن ، پىكىر – تەلەپلىرىڭلار بولسا ئاڭلاي !- دىدى ئەخمەت ئەپەندىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ .

شۇ چاغدا سېپىمىزدىكىلەردىن تۇردى يۇنۇس دىگەن بىر يىگىت قوزغالدى .

- مېنىڭ پىكرىم بار ! – دىدى ئۇ .

- ھە .... ھە ، قېنى سۆزلەڭ ! دىدى ئەخمەت ئەپەندىم .

- بىز ئۆلكىلىك ۋاقىتلىق بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇش ۋە بەلگىلىمىسىگە بويسۇنۇپ ، ئۆز جايلىرىمىزغا خىزمەتكە بارساق ، ئۇلار كۆرۈنۈشتە ئۇقتۇرۇشقا ئەمەل قىلىپ ، بىزگە « ئوبدان كەپسىلەر - ! ...»دەپ بەزىبىر ئىشلارنى قىلىشقا يول قويىدۇ . ئەمىلىيەتتە بولسا « ھە ! قولغا چۈشتۈڭلارمۇ ، نوچىلار !... » دەپ ، بىزنىڭ ئىزىمىزغا چۈشۈپ ، ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ، ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قۇيۇپ ، ئورىمىزنى كولايدۇ . ئەپلەپ – سەپلەپ شەرتىمىزنى ھازىرلاپ ، تەۋقى لەنەتتىن بىرنى توقۇيدۇ . كەشىمىزنى ئاسانلا توغرىلايدۇ . بۇ چوقۇم ، ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئادەتلەنگەن . بىزگىمۇ شۇنداق قىلسا قانداق قىلىمىز ؟!- دەپ سورىدى .

- قورقۇۋاتامسىز ؟! – دەپ ئۇ كىشىگە قارىدى ئەخمەت ئەپەندىم . سوئال سورىغۇچى :

- ئۇلارنىڭ پىتنە – ئىغۋا توقۇپ چىقىرىدىغان كارخانىسى بار ، قورال – ياراققا ئىگە ئەسكەرلىرى بار ، ئۇ يەرگە بېرىپ ئىشلەيدىغان بىزنىڭ قولىمىزدا ئۇقتۇرۇشتىن باشقا نەرسە يوق ، قورقماي بولمايدۇ ، ئەپەندىم ، -دىدى . ئەخمەت ئەپەندىم :

- قورقماڭ ! قورقۇنچاقلار بىزگە دوست بولالمايدۇ . ئۇلارنىڭ قولىدا قوراللىق ئەسكىرى ، تۈرمسى ، ئاغزىدا پىتنىسى بولسا بىزنىڭ يۆلەنچۈكىمىز خەلق . بىز خەلق ئۈچۈن ئىشلىگۈچىلەرمىز يەنى خەلقنىڭ چاكىرى . شۇنداقلا ئىنقىلابچىلارمىز . ئىنقىلابچىلاردا ھەمىشە بىر ئىنقىلابچىغا خاس جەسۇرلۇق ، سەزگۈرلۈك بولۇشى كېرەك . بىز سەزگۈر مەسئۇلىيەتلىك بىلەن خەلق ئۈچۈن يۈرەكلىك ئىشلىسەك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەمتەر بولۇپ ، ئامما بىلەن بىرلەشسەك ، ئاممىدىن ئۈگەنسەك ، ئاممىغا يۆلەنسەك ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ كېتەلىسەك ھەر قانداق ئەكسىيەتچى بىزنى ھىچ نىمە قىلالمايدۇ . ئەكسىچە ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يىتىم قالىدۇ ، - دېدى .

سوئال سورىغۇچى رازىمەنلىك بىلدۈرۈپ :

- رەھمەت ، ئەپەندىم ، چۈشەندىم ، - دىدى .

شۇ چاغدا قاتارىمىزدىن يەنە بىر كىشى ئورنىدىن تۇردى .

- بۇ بىتىمگە يېزىلغان قارىسى سىيا ، ئېقى قەغەزدىنلا ئىبارەت ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى بولسا ئالدامچىلىقتا ئۇچىغا چىققان نېمىلەر . مۆرىتى كەلسە ، ئۆزىنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئاتا – ئانىسىنى ئالداپ ، ئېلىپ چىقىپ سېتىۋېتىدۇ ياكى ئورىغا ئىتتىرېۋېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى « ھارۋىدا يۈرۈپ توشقان تۇتىدۇ » دىيىشىدۇ . ئۇلار بىز قان تۆكۈپ ، قۇربان بېرىپ ، ئىنقىلاب قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئازغىنە ھوقۇقىمىزنى تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن ، قولىدىن كەلگەن بارلىق . ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ كۆردى . ئەپلەشمىگەندىن كېيىن ، كونا ھېلە – نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىپ ھارۋىدا توشقان ئوۋلىغىلى چىقتى . ئۇلار سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بىتىمگە قول قويغان بولسىمۇ ، ئەمىلەيەتتە ، ئۆزلىرى بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرسىدىمۇ تۇرمايدۇ . « مەن ئۆز ھاياتىمدىن كۆرە سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردىن كۆپرەك ئەنسىرەۋاتىمەن ، - دىدى .

- توغرا ، دىدى ، ئەىمەت ئەپەندىم سالماق ھالدا ، - ئۇلار سىز دىگەندەك ئالدامچىلىقتا داڭ چىقارغان . ئەمما بىزنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايدىغان ئانالىز پىچىقىمىز بار . بىز يىتىم ھەققىدىكى سۆھبەت باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ، ئۇلار كۆتىرىپ چىققان ساختا نۇقتىلارنىڭ ھەممىسىنى ئەشۇ ئانالىز پىچىقى بىلەن پارە – پارە قىلىپ ، ئۆز قولىغا تاشلاپ بېرىپ كەلدۇق . بىتىم ھەرگىزمۇ نۇختا ئەمەس . بەلكى ۋەزىيەتنىڭ تەقاززاسى ، قوراللىق كۈرەشتىن كېيىن ئېلىپ بارغان سىياسىي كۈرۈەشنىڭ يەكۈنى .

« ھارۋىدا توشقان تۇتۇش » مەسىلىسىگە كەلسەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئادەتلىنىپ كەتكەن كونا ئۇسۇلى . بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئۇسۇل كارغا كەلمەيدۇ . ئەگەر ئۇلار يەنە كونا مۇقامغا دەسسەش خام خىيالىدا بولىدىغان بولسا ، ئۇ چاغدا ئويغانغان خەلق ئاممىسىنىڭ غەزەپ – نەپرەت دېڭىزىدا چوقۇم غەرق بولىدۇ .

بىزنىڭ ھاياتىمىزدىن ئەنسىرىگىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت . مەن بېشىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ چىقىپ ئىنقىلابقا قاتناشقان . قورقۇنچاقلىق بىر ئىنقىلابچىغا خاس خىسلەت ئەمەس . خەلقىمىزدە : « باتۇر ئۆمرىدە بىرلا ئۆلىدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆلۈمى خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ . خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ ، قورقۇنچاق كۈندە مىڭ ئۆلۈپ ، مىڭ تىرىلىدۇ ، ئۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ .. » دىگەن تەمسىل بار . ئەگەر مېنىڭ ھاياتىمنىڭ بەدىلىگە ئازادلىق ، ئەركىنلىك كېلىدىغان بولسا ، بۇنداق ئۆلۈمگە ھېلىمۇ مەن خوشال – خورام ھالدا كۆكسۈمنى كېرىپ بارىمەن ! – دىدى .

شۇنىڭ بىلەن سوئال سورىغۇچىمۇ ، جاۋاپ بەرگۈچىمۇ جىم بولدى . سۆھبەت مەيدانىنى جىمجىتلىق قاپلىدى . باشقا سوئال سورىغۇچىمۇ چىقمىدى . يىغىننى ئاخىرلاشقان ھىسابلاپ ، ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇردۇق . ئەخمەت ئەپەندىمنى چۆرىدەپ تېرەكلىك باغدىن يېنىپ چىقتۇق .

1949-يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىنىڭ بشلىرى ئىدى . ئىلى ۋىلايەتلىك باج ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كاتىبات بۆلۈمىدە كۆچۈرگۈچى كاتىپ ئىدىم . بىر كۈنى « ئىتتىپاق » غۇلجا شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ھەسىنىم پالتابويوپ ، مەسئۇل كاتىبى خەلپەت سۈزۈك ھاجىيوپلار ئىمزا قويغان بىر ئۇقتۇرۇش كەلدى . ئۇنڭدا ، « 8-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىغا تۆت يىل توشقان خاتىرە كۈن . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بارلىق ‹ ئىتتىپاق › ئەزالىرى ۋە ئىشچى ، خىزمەتچى ، كادىرلارنى ۋە خەلق ئاممىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ ، ئىلى ئايدۇرىمىنىڭ يېنىدا كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچىمىز . سىزلەرنىڭ 9-يەرلىك تەشكىلاتىدىكى يولداشلار ‹ ئىتتىپاق › مەركىزىي كومىتېتىدىكى يولداشلار بىلەن بىر ئورۇندا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ .

8-ئاپرېل ئەتىگەن سائەت 8 دە ‹ ئىلى مۇتەخەسىسلەر يېتىشتۈرۈش بىلىم يۇرتى › بىناسى ( بۇ مەكتەپ كېيىن ‹ ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى › دەپ ئۆزگەرتىلگەن ) غا يېتىپ كېلىڭلار ، شۇ يەردىن بىرلىكتە ئىش مەيدانىغا بارىمىز !.... » دىيىلگەندى .

8-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەندە بىز كىشىلىرىمىزنى تولۇقلاپ سەپكە تىزىلدۇق . بىلىم يۇرتىنىڭ سايبويى تەرەپتىكى دەرۋازىسىدىن مەكتەپ ھويلىسىغا كىرگىنىمىزدە ، ئەخمەت ئەپەندىم ھويلىغا قويۇلغان ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قىزغىن سۆزلەۋاتقانكەن :

- بىز ئىنقىلاب ئوچىقى بولغان غۇلجا شەھىرىنى گۈزەل ، زامانىۋى تۈسكە ئىگە ، باغۇ بوستانلىق ، كۆركەم مەنزىرىلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز .....

.. قېنى يولداشلار ، خىزمەتداشلار ، دوستلار ! ئىش مەيدانىغا قاراپ قەدەم تاشلايلى ! ئىش ، ئەمگەك بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ .

كۆچەت تىكىش مەيدانىغا بېرىپلا ئىش باشقۇرۇش ئورنىغا ئۆزىمىزنى تىزىملاتتۇق . ئۇ يەردىن بىر كىشى بىزنى ‹ ئىتتىپاق › مەركىزىي كومىتېتى ئىشلەۋاتقان ئورۇنغا باشلاپ باردى .

ئۇ يەردە ئەخمەت ئەپەندىم باشلىق ‹ ئىتتىپاق › باش ئاپپاراتىنىڭ ھەممە كادىرلىرى ، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى جىددىي ئەمگەك تەييارلىق قىلىشىۋاتقانكەن .

بىزنى 2-3 تىن قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ گۇرۇپپىلىرىغا قوشۇۋەتتى . ئەخمەت ئەپەندىممۇ بىزنىڭ يېنىمىزدىكى بىر گۇرۇپپىدا ئاددى گۇرۇپپا ئەزاسى سۈپىتىدە ئەمگەككە قاتناشتى . ئىككى سائاتچە بىللە ئىشلىدۇق . بۇ ئىككى سائەت ئەمگەك تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى بىردىن سەۋەپچىسى ، ئەلبەتتە ئەخمەت ئەپەندىم ئىدى . مەرھۇمنىڭ جۈملىلىرى قىسقا ئەمما مەنىلىك ، ئىخچام ، يېنىك ، ئىستىھزالىق لەتىپە خاراكتىرلىق چاقچاقلىرى ، چىرايلىق ، جانلىق ئوخشىتىشلىرى ، بەزەن جاراڭلىق كۈلۈشلىرى ، شىددەت بىلەن چاپقان گۈرجەك ، جوتو ئاۋازلىرىغا قوشۇلۇپ ، ئارقا – ئارقىدىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بەزىدە بىزمۇ بۇ كۈلكە چاقچاقلارغا ئارىلىشىپ قالاتتۇق . مەرھۇم ئەخمەت ئەپەندىم مانا شۇنداق ئاددىي ، ساددە ، كەمتەر ، بىجاندىل خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىسىل پەزىلەتلىك ، ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر ، مىللەتپەرۋەر ۋە ئىنتېرناتسىئونالىزىمچى ئىدى .

ئەشۇ قاينام – تاشقىنلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر ئىش بولغان .

- مەن رىزۋانگۈل ھەققىدىكى « شەپقەت ھەمشىرىسى » دىگەن ئوچېرىكىمنى يېزىپ ئاخىرلاشتۇرغان ئىدىم . « شىددەتلىك جەڭلەردە ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل مانا شۇنداق مەرتلەرچە قۇربان بولدى !.... دىگەن سۆزنى يېڭىلا قەغەزگە كۆچۈرۈپ ئەسەرنى تاماملىدىم « دەپ ھېسابلىغاندىم – دەيدۇ پىشقەدەم يازغۇچى زۇنۇن قادىرى ، - بىر سى كېلىپ دولامنى يېنىكلا باستى . قارىسام ئەخمەت ئەپەندىم ئىكەن . ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ :

- ياخشى مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يېزىش كېرەك . سىز كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى . بۇ ئىنقىلابقا سىزمۇ قاتناشتىڭىز .... ئىنقىلابتا قۇربان بولغانلار يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ قىزلىرىمۇ ؟! .... باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىنمۇ قۇربان بولغانلار ئاز ئەمەس . بۇنىمۇ كۆرۈش كېررەك دىدى .

مەن ھۆپپىدە قىزاردىم ، خىجالەت بولدۇم ، دەرھاللا بايىقى جۈملىنىڭ ئاخىرىغا :« شۇ كۈنكى قانلىق جەڭلەردە تۇڭگان قىزى رازىيەمۇ شەرەپلىك ھالدا قۇربان بولدى » دىگەن قۇرنى قوشۇپ يېزىپ قويدۇم . ئەخمەت ئەپەندىم :

- مانا ئەمدى ياخشى بولدى ، تالانتلىق يازغۇچى ھەمىشە مەسىلىگە ئەتراپلىق قارايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك ، - دىدى . ئاندىن ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ،- ئەمدى بۇ ئەسەرنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلساق بولىدۇ ، - دەپ چىقىپ كەتتى ...

مەرھۇم ئەخمەت ئەپەندىم بىلنە بىللە بىز ئىككى سائەت ئەمگەك قىلىپ ، ئۆزىمىزگە تاپشۇرۇلغان كۆچەت تىكىش ، ئېرىق ئېلىش ۋەزىپىمىزنى تۈگەتتۇق . تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىشلىدۇق .

چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولدى ، ئەخمەت ئەپەندىم باشلىق ھەممىمىز دۈگىلەك چەمبەر شەكلىدە سەپ ھاسىل قىلىپ ئورۇن ئالدۇق . ئوتتۇرىغا داستىخان سېلىندى ، ھەركىم ئۆزى ئېلىپ چىققان ئاز-تولا يىمەكلىكلەرنى داستىخانغا قويدى . ئۇنىڭدىن – بۇنىڭدىن ئېغىز تېگىپ ئازراق ئارام ئالدۇق .ئاندىم ئەخمەت ئەپەندىم بىر قىسىم كىشىلەرنى شۇ مەيداندىكى چالا قالغان ئىشلارنى پۈتتۈرۈشكە ئاجراتتى . بىر بۆلۈم كىشىلەرنى باشلاپ ، تېخى ئىشىنى پۈتتۈرەلمەيۋاتقان ئورۇنلارغا ياردەم قىلىشقا باردى .

شۇ قېتىمقى ئەمگەكتىن كېيىن ، مەن ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ ئادەتتىكى ئىش كىيىملىرى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ، دۇكانلاردا ، ئاشلىق ، چارۋا مال بازارلىرىدا ، ئىدارە جەمئىيەتلەردە ئارىلاپ يۈرۈپ كىشلىەر بىلەن ئەھۋاللىشىۋاتقانلىقىنى ، پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ، بەزى ئىشلارنى شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ھەل قىلغانلىقىنى خېلى كۆپ ئۇچراتتىم . ئەممە شەخسەن ئۇچرىشىپ بىۋاستە سۆزلىشىش نېسىپ بولمىدى .

شۇ كۈندىكى ئۇچرىشىشنىڭ مەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مەن نەدىن بىلەي !

كونىلار :« ئونى كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار » دىيىشىدىغان . 1949-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئېينىڭ ئاخىرلىرى ئەينى شۇنداق بولدى . ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرى ئەخمەتجان قاسىمى ، گېنېرال لېيتېنات ئىسھاقبەك ، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ ، گېنېرال مايور دەلىلقان ، لوجى ، غەنى كېرىموپ ، ئابدۇرىشىت ئىمىنوپ ، ئوسمانجان ناسىرلار تەكلىپكە بىنائەن ، بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقتى . بۇ كىشىلەرنى تولىمۇ خوشال قىلىدىغان ئىش ئىدى . لېكىن بۇ خوشاللىق 27-ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن ئايرۇپىلان ھادىسىسى سەۋەبىدىن چوڭ قايغۇلۇق مۇسىبەتكە ئايلاندى بىر كۈنى ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ تاغىسى ناسىر ئاكا ياتىقىمغا كىرىپ كەلدى .
-ئۇكام ! سىز ھازىر ئىلىدا چىقىۋاتقان گېزىت ، ژورناللارغا ئانچە – مۇنچە ماقالە ، شېئىرلارنى يېزىپ يۈرىسىز . مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزى توغرىسىدا بەزىبىر مەلۇماتلارنى سۆزلەپ بەرگەندى . تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۇنى باشقا كىشىلەرگە دىمىگەن بولۇشى مۇمكىن . بۇ ئىشلارنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن چاغلاردا ، مەرھۇم بىزنىڭ ئۆيدە تۇراتتى . بۇ چاغ ئىلى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسى ئىدى . كېيىن ئىنقىلاب ئۇچقۇنلىرى كۆتىرىلدى . ئەپەندىمنىڭ ۋاقتى تازا ئالدىراش بولۇپ كەتتى . شۇ كۈنلەردە بىز ئەپەندىمنى ئۆيلەپ قويغان بولساقمۇ ، كۆپرەك ۋاقتى خىزمەت ، ئىنقىلاب ئىشلىرى بىلەن ئۆتەتتى . ئۆيدە ئانچە كۆپ تۇرمايىتتى . كېيىنچە تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى . بۈگۈن نىمىشقىدۇر ، مەرھۇم ئەخمەت ئەپەندى شۇ چاغلاردا ماڭا ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن ئىشلىرى ئېسىمغا كېلىپ ، ئۇيان-بۇيان ئويلاپ ، ئاخىرى سىزنىڭ قېشىڭىزغا كىردىم . سىزگە سۆزلەپ بېرەي ، يېزىپ قويۇڭ . سىز ياش ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە لازىم بولۇپ قالار ، - دېدى .
-خوپ !- دەپ تەييارلاندىم .
- يېزىڭ ئۇكام ! بىزنىڭ ئەخمەتجان مەخمۇت ئوغلى 1913-يىلى تۇغۇلغان . ئۇ كىچىك چېغىدىلا توغرا سۆزلۈك ، ھەرقانداق ئىشقا قىزىقىدىغان زېرەك بالا ئىدى . يەتتە يېشىدا ، يەنى 1920-يىلى دادىسىدىن يىتىم قالدى . شۇ يىلى بىر بۆلۈم كۆچمەن ئىشلەمچى ئۇيغۇرلار ۋە تۇغقانلارغا قوشۇلۇپ ، سۈيدۈڭدىن قورغاس ئارقىلىق ئالمۇتىغا چىقىپ كەتتى .
مەرھۇمنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ماڭا دەپ بېرىشىچە ، ئالمۇتىغا چىققاندىن كېيىن ، 1920-يىللىرى ئالمۇتىنىڭ تۇڭگان كوچىسىدا ئېچىلغان « ئىنتىرنات » ( دارىلتام ) مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ دۆلەت تەمىناتى بىلەن ئوقۇغان . باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى شۇ يەردە پۈتكۈزگەن . تاشكەنتتە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن . بۇ يەردە يەنە قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇتقۇچىلار يېتىشتۈرۈش كۇرسىدىمۇ ئوقۇپ ، مەكتەپ ۋە كۇرسلارنى ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگەتكەن . شۇ يىلى ئەينى چاغدىكى « تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرۇيىتى » نىڭ مەركىزى قازان شەھىرىدە ئېچىلغان « لېنىن » نامىدىكى « كوممۇنىستىك ئۇنىۋېرسىتېت » قا تاللىنىپ بېرىپ ئوقۇغان . بۇ مەكتەپنىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن تۈگىتىپ ، مەدەنىي – مائارىپ ، پارتىيە ، ھۆكۈمەت ، دىپلوماتىيە ، كەسپى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت ئىشلەپ كەلگەن .
1940-يىلنىڭ ھارپىسىدا ئۆزىنىڭ تەلىپى بىلەن نامانگەنگە بېرىپ ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇتقۇچى بولغان . شۇ مەزگىلدە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق قاسىماخۇن دىگەن ئۇيغۇرنىڭ لەيلىخان دېگەن قىزى بىلەن تونۇشۇپ ، شۇ ئائىلىگە « بالا » بولۇپ كىرىش شەرتى بىلەن ئۆيلەنگەن . دادىسى مەخمۇتنىڭ ئىسمى ئورنىغا قاسىم دىگەن ئىسىمنى قوللىنىشنى رەسمىيلەشتۈرگەن . بۇ ھەقتە ئۆز ۋاقتىدا بىزگە خەت يېزىپ ، بىزنىڭ رازىلىقىمىزنى ئالغان .
1940-يىلنىڭ باشلىرىدا بىزگە ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ، بالىلىق چاغلىرىنى ئۆتكۈزگەن يۇرتىنى ، ئۆزى بىلىدىغان ئۇرۇق – تۇغقانلارنى ۋە مېنى كۆرگۈسى كەلگەنلىكى ، مېنىڭ قېشىمغا قايتىپ كەلسە ، ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇش – بولماسلىقنى سوراپ خەت يازغاندى . مەن دەسلەپتە ئۇ خەتلەرگە ئوچۇق جاۋاپ بەرمىدىم . چۈنكى ، ئۇ چاغلاردا شىنجاڭنىڭ ، شۇ جۈملىدىن ئىلىنىڭ سىياسىي ھاۋاسى تولىمۇ يامان ، بەكمۇ ئەنسىز ئىدى . شېڭ شىسەينىڭ ئىلى تەۋەسىدىكى قول – چوماقلىرى كۈندە دېگۈدەك قاتىللىق ۋە ئاق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە تۈردە كەڭ يۈرگۈزىۋاتاتتى . ھەر كېچىسى ھەر مىللەت ھەر ساھە كىشىلىرىدىن ئونلاپ ، يۈزلەپ بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنۋاتاتتى . لېكىن مەرھۇم ئۆز يۇرتىنى سېغىنغانلىقى – ۋەتەنپەرۋەرلىكى ، بۇ يەردىكى ئۇرۇق – تۇغقان ، قېرىنداشلىرىنى كۆرگۈسى كەلگەنلىكى ، بىزنىڭمۇ ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولغان قېرىنداشلىق رىشتىمىز سەۋەدىن ، بىز تۇغقانلار ئۆز ئارا مەسلىھەھت قىلىپ : « ئىلىغا كەلسەڭ كەل ، بىزمۇ سېنى سېغىندۇق ، ھەممىمىزنىڭ كۆرگۈسى كەلدى . بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلارسەن ياكى ئۆزەڭ خالىغان بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلارسەن . بىزمۇ قاراپ تۇرماسمىز . سېنى بىرەر كەسىپنىڭ ئەھلى قىلىپ قويۇشقا قۇربىمىز يېتىدۇ ...... » دەپ جاۋاپ خەت يازدۇق .
ئىلىنىڭ سىياسىي ھاۋاسى توغرىلىق خەتكەن بىر نەرسە يېزىشتىن بەكمۇ ئېھتىيات قىلاتتۇق ، شۇڭا بۇ خەتكىمۇ بۇ ھەقتە بىرەر نەرسە يازمىدۇق . مۇبادا خەت تەكشۈرۈلۈپ قولغا چۈشۈپ قالساق ، بېشىمىزنىڭ كېتىشى تۇرغان گەپ ئىدى .
شۇ قېتىمقى خەت كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جاۋاپ كەلدى . ئۇ خەتتە ئۆزىنىڭ بۇ پىكىرگە قوشۇلغانلىقىنى ، لېكىن ئۇرۇق – تۇغقانلارنى ئاياپ ، ئىلى چېگرىسىدىن ئۆتمەيدىغانلىقىنى يازغان . قايسى چېگرىدىن ئۆتۈش مەسىلىسىنى پەقەت يوشۇرۇن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بىزگە خەۋەر قىلىپ خەت يازىدىغانلىقىنىلا ئىزھار قىلغان . شۇندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە پارچە خەت ۋە سۈرەتلەر كەلدى . لېكىن بۇ ھەقتە ھىچقانداق گەپ يوق ئىدى . بۇ ئىش گويا ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقاندەك ئىدى .
1942-يىلنىڭ ئاخىرلىرى بىر پارچە خېتى كەلدى ، خەتتە تىنچلىق ئامانلىق سورىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئامان – ئېسەنلىگىنى ئىزھار قىلغان . خېتىنىڭ ئاخىرىدا : « مەن تارباغاتاي تاغلىرىنى بويلاپ سەپەرگە چىقتىم . بۇندىن كېيىنكى ئادرىسىمنى شۇ يەردىن ئەۋەتىمەن ....... » دىگەن گەپ بار ئىدى .
تارباغاتاي بىر تاغنىڭ ئىسمى ، شۇنداقلا چۆچەك شەھىرىنىڭمۇ نامى ئىدى . بۇ يەر ئىلىغا قارىغاندا كىچىك بولسىمۇ ، شۇ چاغدا زىيالىيلار توپلانغان جاي ئىدى . بىز مەرھۇمنىڭ : « مەن سىزلەرنى ئاياپ ئىلى چېگرىسىدىن ئۆتمەيمەن دېگەن سۆزىنى ئەسلىدۇق . لېكىن ئۇنىڭ « يۇرتقا قاراپ دېمەي ، « تارباغاتاي تاغلىرىنى بويلاپ ....... » دىگەن سۆزى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى . ئۇ قەيەردىنلا ئۆتسە يوشۇرۇن ، غەيرى قانۇنىي رەۋىشتە ئۆتەتتى ، ئاشكارە ۋە قانۇنلۇق ئۆتەلمەيتتى . ئاخىرى بىز ئاشۇ تەرەپتىن بىرەر شەپە ياكى ئادىرىس يېزىلغان خەت كۈتۈش قارارىغا كەلدۇق .
ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىن بوشاپ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەنلەردىن بىر – ئىككى كىشى مەرھۇمنىڭ ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە گۇناھكارلار ئارىسىدا ئەمگەك قىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ۋە يازغان خېتىنى ئېلىپ كەلدى . ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتۇق . ئەخمەت ئەپەندىم چۆچەككە كېلىپ 3-كۈنى بىر ساتقۇننىڭ مەلۇماتى بويىچە « گۇمانلىق ئۇنسۇر » دەپ قولغا ئېلىنغان ۋ ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنكەن . ئېھتىيات يۈزىسىدىن ، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئوچۇق ئاشكارا خەت يازمىدۇق .
1944-يىلنىڭ باھار ئايلىرى ئىدى . غۇلجىدا ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىيلىشىپ كەتتى .
شۇ چاغدا داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن ، تەجرىبىلىك جاسۇس ، گومىنداڭ ئۆلكىلىك ساقچى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ بىندى گومىنداڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئۆلكىلىك پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلۇق ۋەكىلى نامى بىلەن ئەسلى يۇرتى غۇلجىغا كەلگەندى .
ئۇ غۇلجىغا كېلىپلا يۇرت كاتتىلىرى ۋە مۆتىبەرلەرنىڭ رايىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن ، چوڭ تەييارلىق بىلەن ئىككى نەۋرىسىنىڭ سۈننەت تويىنى ئۆتكۈزدى . ئۇ چاغدا بالىلارنى سۈننەت قىلىشتا ، غۇلجا شەھىرىدە مېنىڭ داڭقىم چىققاندى . ليۇ بىندى بۇ تويغا غۇلجا شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە مۆتىبەرلىرىنى چاقىردى . مەن ئۇنىڭ ئىككى نەۋرىسىنىڭ ئىشىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تۈگىتىپ سورۇنغا كىردىم . تاماقتىن كېيىن ليۇ بىندى سورۇندىكى جامائەت ۋە يۇرت كاتتىلىرى ئالدىدا سېخىلىقىنى كۆرسىتىپ ، ماڭا 30 سەر كۈمۈچ تەڭگە ، بىر تاختا قاراچاي ، بىر كىيىملىك موۋۇت قويدى . ئۇ چاغلاردا قاراچاي ، موۋۇت رەختلىرى غۇلجا بازىرىدا يوق ئىدى . دېمەك ، بۇ مەن ئۈچۈن يۇقۇرى مۇكاپات ئىدى . مەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، ليۇ بىندىنىڭ قولىغا مەھكەم يېپىشتىم .
- جانابلىرى ! مەن بۇ نەرسىلەرنى ئالمىسام ، مېنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ھاجىتىم بار ئىدى . بۇ ئىككى ئوغۇل ئورنىدىن تۇرغىچە مەن كۈندە كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرسام ،-دىدىم .
ليۇ بىندى يەرلىك خۇيزۇ بولغاچقا ئۇيغۇرچىنى سۇدەك بىلەتتى . ئىلى ئۇيغۇر تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتتى . ئۇ ماڭا لەپپىدە تىكىلىپ تۇرۇپ قاراپ :
- ناسىراخۇن ! بۇ نەرسىلەر ئاز بولۇپ قالمىغاندۇ ؟! – دەپ سورىدى .
- يوقسۇ ، جانابلىرى !... سىلىنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مۇكاپات ، بۇ ئىلتىپاتلىرىغا كۆپتىن – كۆپ رەھمەت . مېنىڭ سىلىگە چۈشكەن ھاجىتىمنىمۇ جانابلىرىدىن باشقا كىشى ھەل قىلالمايدۇ . شۇڭا ئۆزلىرىگە يېلىنىۋاتىمەن ، - دەپ ئېگىلدىم .
بۇ تازا ئوبدان پۇرسەت ئىدى . بۇ سورۇندا ليۇ بىندى ئۆزىگە جەلب قىلماقچى بولغان يۇرت كاتتىلىرىنىڭ بىر قىسمى بار ئىدى .
- نىمە ھاجىتىىڭىز بار ئىدى ؟ - دەپ ماڭا قارىدى . مەن قوينۇمدىن ئەخمەت ئەپەندىم تۇغۇلغان ئانا يۇرتىنى ، ئۇرۇق – تۇغقانلارنى سېغىنغان ۋە كۆرگۈسى كەلگەنلىكىنى ، يۇرتقا قايتىپ كېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىزھار قىلىپ يازغان دەسلەپكى ئاددىي بىر پارچە خېتىنى ئېلىپ ليۇ بىندىگە سۇنۇپ تۇرۇپ :
- مەن مۇشۇ خەتنى يازغان كىشىنىڭ ئاتىسى ئورنىدا قالغان كىچىك دادىسىمەن . ئۇ بىزدىن يەتتە يېشىدا ئايرىلغان . ھازىر چوڭ بولۇپ ، ئەس – ھۇشىنى تېپىپ ، بىزنى ئەسلەپ بۇ خەتنى يازغان . بىز تۇغقانلار مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭغا : « بىزمۇ سېنى سېغىندۇق كەلسەڭ – كەل » دەپ خەت يازغان ئىدۇق . بىزنىڭ خېتىمىزگە ئىشىنىپ چۆچەك چېگرىسىدىن بۇ تەرەپكە ئۆتكەنكەن . بىراق « سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن گۈمانلىق كىشى دەپ تۇتۇلۇپ ، ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە قامىلىپتۇ . ئۆزلىرى ئاتىدارچىلىق قىلىپ ، شۇ تۇغقىنىمىزنى ئازاد قىلىۋەتسىلىكەن ! ئۇرۇق – تۇغقانلار دىدارلىشىپ ئالساق ، سىلىنىڭ ھەقلىرىگە دۇئا قىلساق ، - دېدىم .
ليۇ بىندى خەتنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈپ چىقىپ ماڭا قايتۇرۇپ بەردى . شۇ يەردە ئولتۇرغانلارغا بىر قۇر نەزەر سېلىپ چىققاندىن كېيىن ماڭا بۇرۇلۇپ :
- تۇغقىنىڭنىڭ ئىسمى نېمە - ؟ دپ مەندىن سورىدى .
مەن دەرھاللا :
- ئىسمى ئەخمەت ، دادىسىنىڭ ئىسمى قاسىمى ، - دەپ جاۋاپ بەردىم . چۈنكى خەتتە شۇنداق يېزىلغاندى . ليۇ بىندى قويۇن دەپتىرىنى چىقىرىپ مەن ئېيتىپ بەرگەن ئىسىملارنى يېزىۋالدى . كېيىن ئۇ مەغرۇر قىياپەتتە كۆپچىلىككە يەنە بىر قاراپ چىقىپ ، ئاخىرىدا :
-بوپتۇ ، بالىلارغا ياخشى قارا ! 10-15 كۈن كۈت . كەلمىسە مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ بېشىمنى ئاغرىتما !- دېدى .
بىز ساناپ يۈرۈپ ئون كۈننى ئاران توشقۇزدۇق . يۈرىكىمىز تاقىلداپ تەقاززا بولۇپ تۇراتتۇق . 11- ياكى 12- كۈنلىرى بولسا كېرەك . ئېھتىمالىم ، كەچقۇرۇن ناماز ئەسىرى مەزگىلىدە ، ئۇچىسىغا كونىراپ ئۆڭۈپ كەتكەن ئەمما پاكىزە كاستيوم – شىم ، بېشىغا كونىراق گۈللۈك مانچىستىر ئىلى دوپپىسى ، ئايىغىغا مايلانغان شىبلىت كىيگەن ، گالىستۇك تاقىغان ھالدا ئەخمەتجان قاسىمى كۈلۈمسىرەپ ھويلىمىزغا كىرىپ كەلدى . كېيىنكى يىللاردا بىز بىرقانچە قېتىم سۈرەت ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ تۇرغاچقا ، كىرىشى بىلەنلا بىر – بىرىمىزنى تونۇپ ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتۇق . كېيىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى ئەسلەپ كۆز يېشى قىلىشتۇق .. ، يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقانلار بىلەن ئۆزىمىزنى بەزلەشتۇق .....
بىز ئۇزاققىچە ئەھۋاللاشتۇق . خوشاللىقتىن بولسا كېرەك ، شۇ كۈنى گېلىمىزدىن تۈزۈك غىزا ئۆتمىدى . ئۇزاق پاراڭلىشىپ ، قاچانلاردىكى يېتىپ ئۇخلاپ قاپتۇق
. ئەخمەتجان مەرھۇم ئۆيدە بىر ھەپتىچە دەم ئېلىپ ، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئوي كوچا ، دۆڭ كوچا ، چوڭ بازار كالتە بازارلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ كۆردى .
شۇ مەزگىللەردە غۇلجا بازارلىرىدا زاۋۇت رەختى يوق ئىدى . ئۇ مۇزارت داۋان ئارقىلىق ئالتە شەھەردىن ماتا ، چەكمەن ئېلىپ چىققان سودىگەرلەر بىلەن كېلىشىپ ،  ماتا ، چەكمەن ئېلىپ ساتتى . لېكىن بۇ سودىدا ئۇ زىيان تارتتى . مەرھۇم ئاخىرى ئەينەكچىلىك قىلماقچى بولدى . بۇ كەسىپنىڭ بازىرى ، ماتىرىيالى ۋە خېرىدارى بار ئىدى . كامسيۇن ( ۋاكالىتەن سېتىش دۇكىنى ) دىن ئالماس ، ئەينەك ۋە جازا ئالدۇق . جازىغا ئەينەكنى قاچىلاپ مۈرىسىگە ئارتىپ كوچا ئارىلاپ ماڭىدىغان بولدى . ھەر كۈنى ئەتىگەندە ھەرقايسىمىز ھەر تەرەپكە چىقىپ كېتەتتۇق . ئاخشىمى بىراقلا كۆرۈشەتتۇق . ئىنقىلابقىچە شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللاندى ، باشقىلارنىڭ كېيىن دەپ بېرىشىچە ، مەرھۇم ئەينەكچىلىككە كىرىشكەن كۈنىدىن باشلاپ ، ئىنقىلابنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش يولىدا ھەركەت ئېلىپ بارغانكەن .
1944-يلى 12-نويابىر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن ، شۇ ئىنقىلابتا ئاتىقى چىققان بىر ئەربابنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېىرىشىچە ، بىر ئاغىنىسىنىڭ سۈننەت تويىدىكى ئولتۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ، مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوپلار شۇ ئەربابنى بىر خاس ئۆيدە يوشۇرۇن ئىنقىلابى ھەركەت ئېلىپ بېرىشقا تارتقانكەن .
شۇ تەشۋىشلىك كۈنلەردە ، ئۇرۇق – تۇغقانلار جەم بولۇپ ، مەسلىھەتلىشىپ ، ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ماھىنۇر ئىككىسىنى چېتىپ قويدۇق .
ئىنقىلاب بولدى . ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلدى . غۇلجا شەھىرىدىكى بىر قانچە مۇھىم ئورۇنغا جايلىشىۋالغان گومىنداڭ قىسىملىرىغا قارشى جىددىي ئۇرۇش بولۇۋاتاتتى . ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ قورۇسىدا چوڭ ئاممىۋاى ئاشخانا تەشكىل قىلىنىپ ، جەڭگە قاتنىشىۋاتقان ئەسكەرلەرنى تاماق بىلەن تەمىن قىلاتتى .
ئەخمەتجان قاسىمى « جەڭچىلەرنى ۋاقتىدا ، ئىسسىق تاماق بىلەن غىزالاندۇرۇش – بۇمۇ بىر ئىنقىلاب ، ئىنقىلابى ئىشنىڭ چوڭ – كىچىكى يوق » دپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئاممىۋى ئاشخانىغا كېلىپ سۇ توشۇپ ، ئاشخانا ئىشىغا قاراشتى .
شۇ كۈنلەردە ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەزاسى ، ئۆزبېك ۋەكىلى . تاشكەنتلىك ئۆزبېك يازغۇچىسى ، شائىر خەمىت سەئىدى ( ئۆزبېكلەر بۇ كىشىنى خەمىت داموللام دەپمۇ ئاتايدۇ ، ئازادلىقتىن كېيىن شىنجاڭ شۆيۈەندە ئەدەبىيات نەزىرىيەسى دەرىسىنى بەرگەن ، كېيىن خىزمەتتىن چېكىنگەن ، ئەسەرلىرى بار ) بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا قازان بېشىدا ئەخمەت ئەپەندىم بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ . خەمىت سەئىدى خېلى بۇرۇنلا ئائىلىسى بىلەن غۇلجىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان كىشى . ئەخمەت ئەپەندىم بىلەن تاشكەنتتە تۇرغان چېغىدا تونۇشاتتىكەن . بۇ كىشى . بۇ كىشى ئەخمەت ئەپەندىم بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن :
- ئەپەندىم بۇ ئىشىڭىز بولماپتۇ . تالانتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ قابىلىيىتىڭىزنى جارى قىلدۇرىدىغان يەر بۇ ئەمەس . مەن بىلەن بىللە يۈرۈڭ !- دەپ خادىك ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ، يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت گېزىتخانىسىغا ئېلىپ كەپتۇ .
شۇ كۈنلەردە ، بۇ گېزىتخانىغا باشلىق بولۇپ تۇرغان كىشى ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ھۆكۈمەت ھىسابىدا شىنجاڭدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغان چىقىپ ئوقۇپ كەلگەن يەرلىك زىيالىي تۇرسۇن ئىسرائىل ئىكەن ، شۇنداق قىلىپ ئەخمەت ئەپەندىم گېزىتخانىدا ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ .
بۇ كۈنلەردە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت يېڭىدىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ خاراكتىرى ، تەشكىلىي ئىسخېمىسى ، خىزمەت پىروگىراممىسى ، ھۆكۈمەت نامىدىن خەلققە ۋە باشقىلارغا چىقىرىلىدىغان خىتابنامە ، چاقىرىق ، بايانات ۋە مۇراجىئەت لايىھەلىرى ۋە ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا ھۆكۈمەت ئەزالىرى مەجلىسىدە جىددىي تالاش – تارتىش ۋە مۇزاكىرىلەر بولۇۋاتقان ، ئەممە بۇ ھەقتە ھىچكىممۇ بىرەر ئىجابىي تەكلىپ ، لايىھە ياكى تولۇقراق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويالماي تۇرغان مەزگىللەر ئىكەن . مەجلىسكە قاتناشقان ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئاخىرى مەسلىھەتلىشىپ ، بۇ ئىشنى ھۆكۈمەت ئەزاسى خەمىت سەئىدىگە تاپشۇرۇپتۇ . خەمىت سەئىدى شۇ يەردىلا :
- مېنىڭ بۇنداق ئىشلاردىن خەۋىرىم يوق . قولۇمدىن كەلمەيدۇ . بۇنداق ئىشلاردىن تولۇق خەۋىرى بار ۋە قابىلىيەتلىك بىر كىشى بار ، ئۆزى ئۇيغۇر ، بىراق ھۆكۈمەت ئەزاسى ئەمەس . ھازىر گېزىتخانىدا ئىشلەيدۇ . بۇ ئىشقا شۇ كىشىنى تەكلىپ قىلىپ تاپشۇرايلى . ئۇ كىشى بۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چوقۇم ، شەكسىز چىقىدۇ ! – دەپ تونۇشتۇرىدۇ .
- كىم ئۇ ؟ - دىيىشىدۇ ھۆكۈمەت ئەزالىرى
- ئەخمەتجان ئەپەندىم ، مېنىڭ ۋە بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ بىلىمى ، قابىلىيىتى ، تەجرىبىسى ئۇ كىشىنىڭكىدەك مول ۋە ئەتراپلىق ئەمەس ،- دەپ تونۇشتۇرىدۇ .
- قايسى ئەخمەت ئەپەندىم ؟
- ھە ! ھېلىقى ھۆكۈمەت ئاشخانىسىدا سۇ توشۇپ يۈرگەن بولمىسۇن يەنە .
- نەق ئۆزى شۇ !
- ۋاي ، ئۇ كىشىنىڭ قولىدىن شۇنچە چوڭ ئىشلار كېلەمدىكىنا ؟
- ئۇ كىشى خېلى بۇرۇنلا مېنى يوشۇرۇن كۈرەشكە تارتقانلارنىڭ بىرسى .
- ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار دەڭلا .
- ئەمىسە ، نىمە ئۈچۈن ئۇ كىشى ........
مانا مۇشۇنداق ئۇزاق تالاش – تارتىشلاردىن كېيىن شۇ يەردە ئولتۇرغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىدىن بىرسى سۆزگە ئارىلىشىپ :
خەمىت سەئىدى توغرا ئېيتىدۇ . دەرۋەقە ئۇ كىشىنىڭ قولىدىن خېلى چوڭ ئىشلار كېلىدۇ . قابىلىليەتلىك ، چوڭقۇر پىكىرلىك ناتىق ئادەم ، مېنىمۇ بۇ كۈرەشكە جەلپ قىلغان ئادەمنىڭ بىرسى شۇ كىشى ئىدى ، - دېدى .
- ھە ، شۇنداقمىدى ؟! ئەمىسە بىز ئۇ كىشىنىڭ بۇنداق ئىش – پائالىيەتلىرىنى نىمىشقا بىلمەيمىز ؟
- توغرا ، ھەر ئىشنىڭ ئۆز دائىرىسى بار ، مۇشۇ ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزنى تەجرىبىلىك ، قابىلىيەتلىك ، يوشۇرۇن پائالىيەتلەرگە قاتناشقان دەپ ھىسابلايمىز ، ھەقىقەتەن جاپالىق كۈنلەردە مۈشكۈل ئىنقىلابىي ئىشلارنى قىلدۇق ، لېكىن كىمنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى تولۇق بىلمەيمىز . بۇنى ئۆز ۋاقتىدىكى ۋەزىيەت بەلگىلىگەن . بۇرۇن بىلمىگەن بولساق ، ئەمدى بىلىمىز . مەنمۇ خەمىت سەئىدىنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن . ئەخمەت ئەپەندىمنى مەجلىزىمىزگە تەكلىپ قىلايلى . دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۇ كىشىگە ئوچۇق ئېيتايلى . ئۇ كىشىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ كۆرەيلى ،- دېدى .
ئاخىرى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى شۇ پىكىرگە قوشۇلۇپ قارار قوبۇل قىلىشقان . مەجلىسنى باشقۇرىۋاتقان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى خەمىت سەئىدىنى ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ گېزىتخانىغا بېرىپ ، ئەخمەت ئەپەندىمنى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن . ئەخمەت ئەپەندىم خەمىت سەئىدى بىلەن كېلىپ ھۆكۈمەت ئەزالىرى مەجلىسىدە ئەھۋال بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ، بۇ ئىشنى ئۈستىگە ئېلىشقا ماقۇل بولۇپ مۆھلەت سورىغان .
مەجلىس رەئىسى :
- 15 كۈن يېتەرمۇ ؟!.... دەپ سورىغاندا ، ئەخمەت ئەپەندىم تەمكىنلىك بىلەن :
- بىر ھەپتە يېتەرلىك ،- دەپ جاۋاپ بەرگەن .
بىر ھەپتىدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس يىغىنىدا ئەخمەت ئەپەندىم خىتابنامە ، پىروگىراماما ، مۇراجىئەتنامە ، بايانات ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋىردىكى خاراكتىرى ، تەشكىلىي ئىسخىمىسى قاتارلىقلار ھەققىدە يېزىپ كەلگەن پۈتۈن يۈرۈشلۈك دوكلاتىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئىزاھلاپ ، شەرھىلەپ ئىككى سائەتتەك سۆزلىگەن . مەجلىس ئەھلى بۇ دوكلات چۈشەندۈرۇشلەرگە قوشۇمچە قىلغۇدەك ياكى تۈزەتكىدەك ، تولۇقلۇغىدەك باشقا پىكىر بەرمىگەن . قارشى پىكىرمۇ بولمىغان . نەتىجىدە ، شۇ مەجلىسنىڭ ئۆزىدىلا بۇ لايىھەلەر ھەققىدە قارار ماقۇللانغان . ئەخمەت ئەپەندىمگە پوكپولكوۋنىكلىق ئۇنۋان بېرىپ ، ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلەش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلغان . مەرھۇم ئەخمەت ئەپەندىم ئۆزى ھەققىدە ماڭا ئېيتىپ بەرگەنلىرى ۋە مېنىڭ ئېىسمدە قالغانلىرى مۇشۇلار .
ئەخمەتجان ئەپەندىم بېيجىڭغا مېڭىشتىن سەل ئىلگىرى بىر كۈنى مېنىڭ قېشىمغا كەلدى .
- تاغا ! بالىڭىز ئوسمانجان ئېغىر – بېسىق ، زېرەك ، ئوبدان بالا بوپتۇ . قالغان بىلىمنى ئۇنىڭغا مەن بېرەي . مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ ئوقۇسۇن ، ئۆگەنسۇن . يېزىۋاتقان نەرسىلىرىم بار ئىدى يېتىشەلمەي قالدىم . ياردەملىشىپ يېزىپ بەرسۇن ،- دېدى . ئۇ چاغدا بالام ئوسمانجان « ئىلى مۇتەخەسىسلەر يېتىشتۈرۈش بىلىم يۇرتى » دا ئاخىرقى يىللىق ئوقۇشنى ئوقۇۋاتاتتى .
- مېنىڭ بالام – سىزنىڭ بالىڭىز ، خىزمىتىڭىزگە يارىسا مەيلى دېدىم .
ئۇ بىردەم ئولتۇرۇپ ئەھۋاللىشىپ قايتىپ كەتتى .
مەرھۇم ئەخمەتجان ئەپەندىمنىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرى سەبداشلىرى ، خىزمەتداشلىرى ۋە دوست – يولداشلىرى بىلەن بىللە ئۆتكەن ، ئۇلار ۋە خەلق ئاممىسى مەرھۇمنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىنى ياخشى بىلىدۇ . مەرھۇمنىڭ نۇرغۇن ئىش – پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان . خەلق بۇ ئىشلارنى ئاسان ئۇنتۇپ قالمايدۇ . قەدىرلەپ ئەسلەيدۇ ....... ، - دەپ كۆزىگە ياش ئېلىپ سۆزىنى تۈگەتتى .
++++            ++                                +++
مەن ناسىر ئاكىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئۆز ئەينى بويىچە قەغەز بېتىگە قوندۇردۇم ، ئاققا كۆچۈرگەندىن كېيىن ئۆزىگە قايتا ئوقۇپ بەردىم . ناسىر ئاكا يېڭىدىن ئېسىگە كەلگەن ئەسلىمىسى بىلەن بەزەن يەرلىرىنى تولۇقلۇدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ نۇسخا كۆچۈرۈپ ، بىر نۇسخىنى « ئىتتىپاق » مەركىزىي كومىتېتىغا ئەۋەتتىم . نىر نۇسخىنى ناسىر ئاكا ئالدى . ئۇچىنچى نۇسخىسى كوپىيسى بىلەن قوشۇپ ئۆزەم ئېلىپ قالدىم . بۇ كوپىيە بىلەن كۆچۈرۈلگەن نۇسخىنى ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى بىر سۈرىتى بىلەن قوشۇپ ، ئەخمەت ئەپەندىمنى كۆرگەن كۆزدە كۆرۈپ ساقلاپ كەلگەندىم . ئاتالمىش « مەدەنىيەت ئىنقىلابى » دىگەن زوراۋانلىق ھەرىكەت يۇقۇرى پەللىگە كۆتىرىلگەندە « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ » نىڭ شىنجاڭدىكى ئاتارمەن – چاپارمەن ، قول چوماقلىرى جاي – جايلاردا بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلدى . بۇ ئىش 1968-يىلى 27-ماي كەچ سائەت ئوندا مېنىڭ بېشىمغىمۇ كەلدى . سۇرەت ، قوليازمىلىرىم ھەممىسىنى ئۆيۈمدىن بۇلاب ئېلىپ كەتتى . بۇ ئەسلىمە شۇ قول يازمىنى يېزىش جەريانىدا خاتىرەمدە قالغان ۋە مەزكۇر قول يازمىنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇش نەتىجىسىدە ئۆزلىشىپ يادىمدا قالغانلىرىغا ئاساسەن يېزىلدى .
1984-يل 20- ئاپرېل .  ئۈرۈمچى
مەنبە : ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى  ( 4- سان  ، 1990 – يىلىى ئۆكتەبىر )


Posted: 2007-11-19 23:01 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

Total 0.061520(s) query 3, Time now is:01-11 01:54, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation