niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 مەن كۆرگەن غېنى باتۇر

مەن كۆرگەن غېنى باتۇر
1944- يىلى 11 –ئاينىڭ 4 – كۈنى ئەتىگەندە « تاڭ – تۇڭ » قىلغان ئوق ئاۋازى غۇلجا خەلقىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى . بۇ غېنى باتۇرنىڭ بىر نەچچە ئادىمى بىلەن توپىدەڭ تۈرمىسىدىكى پاتىخنىڭ خوتۇن بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا گومىنداڭچىلار بىلەن ئاشكارە توقۇنۇشقان كۈنى ئىدى .
ئەتىگەنلىك چېيىمنى ئىچىپلا توپىدەڭگە باردىم . بۇ مەھەللىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەر ئاز ئىدى . مەن بۇ يەردە ياتقان بىر قىرغىز ئايال بىلەن بىر ئاتنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپلا مەھەللىگە قېچىپ كىرىۋالدىم . ھەر ئىككىسى قورسىقى باداڭدەك كۆپكەن ھالەتتە ئۆلۈپ ياتاتتى .
مەھەللىمىزدە ئىمىنكام دەپ بىر كىشى بولىدىغان ، شۇ كىشى مېنى كۆرۈپ :
- مەيەرگە كېلىڭە ئاسىبپاي ، - دەپ چاقىردى .
- نەگە بېرىپ كەلدىڭىز ؟
- توپىدەڭگە .
- نىمىنى كۆردىڭىز ؟
بىر قىرغىز ئايال قورسىقى كۆپۈپ باداڭدەك بولۇپ يېتىپتۇ ، يەنە بىر ئات .....
كاچىتىمغا تەككەن بىر تەستەك بىلەن گېپىمنىمۇ يۇتېۋېتىپ مەڭدەپ قالدىم .
- ئۆلگىڭىز كەلدىمۇ ؟ مۇندىن كېيىن چوڭلاردىن بىسوراق ئۇياقلارغا بارغۇچى بولماڭ !
        +              +                        +         
شۇ يىللاردا ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى ( ھازىرقى ئىلى ئوبلاستلىق پوچتىخانىنىڭ ئۇدۇلىدا ) نىڭ ئىچىدە چوڭ بىر تۈرمە بار ئىدى . بىر كۈنى شۇ ياققا كېتىۋاتسام جالالىدىن يەھياروپ ئاكا ( 1944- يىلنىڭ بېشىدا تېرە ئىسكىلاتىدىن ئاجرىۋالدىم ، جالالىدىن ئاكىمۇ خىزمىتىدىن ئاجرىغان ئىدى ) ئۇچراپ قالدى . ئۇ :
- جۈرە ...... ئەمدى بىز بىلەن بەيتۇلمال ( ئىگىسىز مال – مۈلۈكلەرنى يىغېۋېلىش ئورنىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ) دا ئىشلەيسەن ، - دېگىنىچە مېنى ئەگەشتۈرۈپ ھېلىقى سودا ئىدارىسى ئىچىدىكى گومىنداڭچىلار چوڭ تۈرمەن قىلغان ھويلىغا باشلاپ كىردى . كېيىنچە راستىنلا بەيتۇلمالدا ئىشلەپ قالدىم . بەيتۇلمالغا كىرگەندە ئاۋال كۆزۈم ھويلىغا پەۋەس دۆۋىلىەۋەتكەن مالغا چۈشتى . بۇ قاچقان ، مۆككەن ، ئىگىسىز قالغان گومىنداڭچىلارنىڭ دەپنە – دۇنيالىرى ئىدى . باشقىلارنىڭ بۇلاپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن بەزى دۇكانلار پېچەتلەنگەن ئىدى . بولۇپمۇ شەرقىي شىمالدىن كەلگەن ئەجنەبىلەشكەن باي سودىگەرلەرنىڭ تاشلاپ قاچقان دۇكانلىرىدىكى كىيىملەرنى شۇ چاغدا ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئالاھىدە رەھبەرلىرىمۇ كىيەلمىەيتتى . مەن ئەنە شۇ يەردە ئىسكىلاتچىلىق قىلىپ كېچە – كۈندۈز ئىشلەيتتىم . مانا بۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى ئەمگەك مىۋىلىرىنى قولغان كەلتۈرىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى .
مەن مۇشۇ ئىسكىلاتتا غېنى باتۇرنى كۆردۈم . شۇ چاغدا بىز گومىنداڭ بىلەن چېتىشلىقى بار بىر يارىدارنى ئىسكىلاتقا يوشۇرۇپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن غېنى باتۇردىن ناھايىتى سەت ھاقارەت ئاڭلىدۇق . كېيىن بەيتۇلمال سودا ئىدارىسىنىڭ تارمىقىغا ئۆتكۈزىۋېلىندى . شۇندىن باشلاپ بىر مەزگىل تاشلەپكە بازىرىدىكى مۇسابايوۋلارنىڭ سودا ئىدارىسىدا كاسسىر بولدۇم . ئايدۇرۇمدىكى « ھەربىي مەتلۇبات » ( ھەربىي رايونلارنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات پونكىتى ) پۈتكۈل ھەربىي تەمىنات يەنى يېمەك – ئىچمەك ، كىيىم – كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەش ، باشقۇرۇشنى دائىرە قىلغان ئىسكىلاتچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى . مەزكۈر ھەربىي مەتلۇبات قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ چوڭ ئىسكىلاتتا خىزمەت قىلدىم . ئورنۇم ئارقا سەپتە بولغاچ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمتىنىڭ رەھبەرلىرىنى پات – پات كۆرۈش نېسىپ بولمىسىمۇ يەنىلا شۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ياشايتتىم . بولۇپمۇ غېنى باتۇر مەندە ئالاھىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ئىدى .
بۇ غېنى باتۇر خىزمەت كۆرسىتىپ ھەربىي سوتنىڭ باشلىقى بولغان چاغلار ئىدى . ئۇ چاغدا غېنى باتۇرنىڭ بىلىنوپ دېگەن بىر رۇس مۇئاۋىنى بار ئىدى . غېنى باتۇر رۇسلارنى « تۈگمەنچى » دەپ چاقىراتتى . بىر كۈنى غېنى ئىشخانىسىغا كىرىپ قارىسا تۆت تام قۇرۇق ، بىر ئۈستەل – ئورۇندۇق ۋە بىر چەينەك ھەم پىيالىلەردىن باشقا كۆزگە چېلىققۇدەك ھېچنىمە يوق تۇرغىدەك .
- ھەي ، تۈگمەنچى نىمە قىلىۋاتىسەن ؟
- نىمە بولدى .... ئولتۇردى ، - دەپتۇ بىلىنوپ
- ئىشخانىدا ئوغرى ئالغىدەك ھېچنىمە يوق تۇرسا تۆت تامنى بېقىپ ئولتۇرىۋېرەمسەن ؟ - دەپتۇ غېنى باتۇر تېخىمۇ كەيپى ئۇچۇپ .
بىرگە يوق ...... دەپتۇ بىلىنوپ ئۇيغۇرچىغا يامىداپ
غېنى باتۇر يوغان چاپىنىنى كىيگەچ كونا خۇيى بويىچە ئاغزىنى بۇزۇپ « ۋاي ، ******* ..... تۈگمەنچى ، نەرسە ئۆزى مېڭىپ كېلەتتىمۇ ؟ يوقنى بار قىلمامدۇق ...» دېگىنىچە بىر نەچچە چاپارمەننى ئەگەشتۈرۈپ ، سەرخىل ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ ھەر تەرەپكە يول ئاپتۇ دە ، قەدىمى يەتكەنلىكى كومىتېت – ئىدارىلەرنىڭ كۆزگە چىرايلىق تاشلىنىدىغان نەرسىلىرىنى سورىماي ئالىۋېرىپتۇ ...... ، ھايالسىز بىز ئۇنىڭ بىز تۇرۇۋاتقان « ھەربىي مەتلۇبات » قا قاراپ يول ئالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق .
« مەتلۇبات » ئىمىزنىڭ باشلىقى سابىق سوۋېت ئىتتىقاقىدا ئوقۇپ مالىيەنى ئوقۇپ كەلگەن ئەسھەدۇللا ئىسىملىك ئۆزبېك ئادەم ئىدى . غېنىلار ئىسكىلاتىمىزغا كەلگىچە ئەسھەدۇللا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ بولدى .
- ھەي ، ئەسھەدۇللا ..... پاھ ، سەن مۇشۇنداق كاتتا ئىشخانىلاردا ئولتۇرىدىكەنسەن – ھە ! بىز جەڭ قىلىپ ، قۇربان بېرىپ ھەجەپ سەن كۆرگەن راھەتنى كۆرمىدۇققۇ ؟ - دەپ ھەيۋە قىلىپ ئۇنى بېرىسەن ، بۇنى بېرىسەن  ، دەپ خالىغىنىنى سوراپ تۇرىۋالدى . ئەسھەدۇللا :
- باتۇرۇم مەن خوش بولاي ، قېنىڭىزنى قىزىتماڭ .... قېنىڭىزنى قىزىتماڭ ، - دەپ يالۋۇرغىلى تۇردى .
غېنى باتۇر يەنىلا گەپ يورغىلىتىپ :
- بىز دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ ، سەن خەققە مۇشۇ يەرلەرنى ئازاد قىلىپ بەردۇق . سەن خەق نىمە ئىش قىلىشتىڭ ؟ سەنلەر ھەممە نەرسىدىن خالىغانچە پايدىلىسەنۇ ، ئەجىبا بىز !...... دېگىنىچە ماڭە ھۆركىرىدى ، - ماڭە ، ئىسكىلاتىڭنى ئېچىپ دېگىنىمدىن ئېلىپ بەر !....
ئەمەلىليەتتىمۇ غېنى باتۇر ئۈچ ۋىلايەت ئىنىلابىينىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ئاجايىپ زور ئىدى . خەلق ئىچىدىمۇ « غېنى باتۇر ئۇرۇشقا كىرسە ئوق ئۆتمەيدىكەن ، كەچقۇرۇن چاپىنىنى سالسا ئوقلار توكۇرلاپ چۈشىدىكەن !» دېگەندەك ئەپسانىۋىي ھېكايىلەر كۆپ ئىدى . بىز شۇ قېتىمقى جىدەلدە غېىنى باتۇرغا نائىلاج قىسمەن مەنقۇلاتلاردىن بېرىپ قۇتۇلغان بولدۇق .
ئىلگىرى تېرە زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان چېغىمدا بىزنى تەشكىللىك ئېلىپ بارىدىغان گومىنداڭنىڭ يىغىنلىرىدا ۋىجىك ، ئورۇق كەلگەن ئابدۇكېرىم ئابباسوپنىڭ تەرجىمانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆرگەن بولسام ، مانا ئەمدى ئىسكىلاتچىلىقنىڭ راپاۋىتىدە ئۇنىڭ بىلەن قېرىنداش ئاكا – ئۇكىلاردەك يېقىن بولۇپ كەتتىم . ئۇ پوزۇر ياسىنىپ مەدەنىي يۈرۈشكە بۆلەكچە ئامراق بولغاچ ھەر قېتىم بىز تەرەپكە كەلسە ماڭا :
-ۋاي ، جېنىم ئۇكام ، سادىغاڭ كېتەي ئۇكام ..... دېگەندەك تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ئىسكىلاتتىكى سەرخىل خۇرۇم كىيىم – كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىپ كېتەتتى .


ئىنقىلاب رەھبىرى يىتىملارنىڭ غەمگۈزارى
                    - ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئۇچرىشىش


گومىنداڭغا قارشى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىلى دارىلتام ( يىتىم بالىلارنى بېقىش ، تەربىيەلەش ئورنى ) ۋە ئىلى دارىلئاجىزىن ( ياشانغانلارنى بېقىش ئورنى )  قۇرۇلدى . ( ئورنى ھازىرقى دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چوڭ قورۇ ئىچىدە ئىدى )
49 - ، 50 – يىللىرى مەن شۇ دارىلتامدا تەربىيىچى بولۇپ ئىشلىدىم . يېڭىلا قۇرۇلغان ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر بولسىمۇ ، دارىلتام قۇرۇلۇشىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلدى . ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ، جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم تەرەققىپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقى ھەم قوللاپ يار – يۆلەك بولۇشى بىلەن دارىلتامدىكى يېتىم – يېسىرلار جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم ئائىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ ياخشىراق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولدى .
دارىلتامدىكى بالىلار بەش ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان جەمىئىيەتتىكى يېتىم – يېسىرلار ۋ ھەربىيلەرنىڭ ئىنقىلابتا يېتىم قالغان پەرزەنتلىرى ئىدى . ئۇلار ناھىيە ، يېزا ۋە مەھەللىلەردىن ئاساسىي قاتلاملارنىڭ تونۇشتۇرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرى ئورگانلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، تەربىيلىنىپ ، يېشى توشقانلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىناتتى . دارىلتامنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يېرىم ھەربىيلەشكەن تۈزۈم بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمىناتى ، شارائىتىمۇ ھەربىيلەر ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئىمتىيازلارغا لايىقلاشقان ئىدى .
ھەر كۈنى ئەتتىگەن تاماقتىن كېيىن بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتكەنلىرى بىرخىل ، رەتلىك ، كىيىملىرى بىلەن سەپكە تىزىلىپ كوماندا بېرىلىش بىلەن تەڭ مەشىققە دەسسەپ ( مەكتىپى سىرتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ) دارىلتام دەرۋازىسىدىن چىقىپ ، كېيىن كوماندا بويىچە سىنىپلارغا بۆلۈنۈپ كېتەتتى . دەرستىن چۈشكەندىمۇ شۇ بويىچە ياتاقلىرىغا تارقىلاتتى ياكى مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە ماشىنىچىلىق ، ياغاچچىلىق ، سېستىرالىق ، تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ باراتتى . ئىختىيارى دەم ئېلىش پائالىيەتلىرىن ئېلىپ باراتتى . بەزىدە شۇ ئەتراپتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزەتتى . گەرچە بالىلارنىڭ تامىقى ، كىيىم – كېچىكى مۇنتىزىم ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭكىدەك يېتەرلىك بولسىمۇ يېتىم – يېسىرلار ئوقۇيدىغان سىنىپ ، پارتا مەسىلىلىرى دارىلتامنىڭ بىرلا ياتاق بىناسى بولغانلىقى ئۈچۈن تولۇق ھەل بولمىغان ئىدى . بۇ قىيىنچىلىقلار ئاخىرى يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى « مۇرات مەكتەپ » ( ھازىرقى 19- باشلانغۇچ مەكتەپ ) نىڭ مۇدىرى قۇربانجان نىزام ۋە مەكتەپتىكى بالىق ئوقۇتقۇچى يولداشلارنىڭ ، مەكتەپ ئاتىلار كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن ھەل قىلىندى . يەنە ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي قىسىمدىكى تۇرسۇن ۋاھىدى بىەن پىراپورچىك تۇرسۇن دەريا ئۆزلۈكىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كېلىپ بالىلارغا تەنتەربىيە مەشىقلىرىنى ئۈگىتەتتى .
پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئىبراھىم ئەپەندى ( ئىبراھىم ماشىنىچى ) بالىلارغا سەنئەت نومۇرلىرى ۋە بىر قىسىم سېرىك نومۇرلىرىنى ئۈگىتەتتى . ھېيت – بايرام ، خاتىرە كۈنلىرىدىكى كونسېرت كېچىلىكلىرىگە قاتناشتۇراتتى ، يېتەكچىلىك قىلاتتى . بۇندىن باشقا خەلق ئىچىدىكى تەرەققىپەرۋەر كىشىلەردىن ئۇلارغا خەير – ئېھسان ئورنىدا قوي ، كالا ، گۈرۈچ ، ماي ، نەق پۇل ، توپ – توپ رەخت ، كىيىم – كېچەكلەر كېلىپ تۇراتتى .
كېيىنكى يىللاردا ئوغۇللارغا سۈپىتى ياخشى ئاق رەخىتتىن بىر يۈرۈش قىلىپ ماتروسچە كىيىم ، بېشىغا زەر يىپ بىلەن خەت يېزىلغان ماتروس شەپكىسى ، قىزلارغا كوپتا – يوپكا ۋە ئوخشاش قىلىپ باش كىيىم تىكتۈرۈپ بېرىلدى . بالىلار بۇ كىيىملەرنى كېيىپ تىزىلىپ ماڭسا ھەممىنىڭ زوقىنى قوزغايتتى .
ھېيىت – بايرام كۈنلىرى دارىلتامدىكى بالىلار تېخىمۇ جانلىنىپ كېتەتتى . بەك ئەتىگەن تۇرۇپ تەق بولۇشاتتى . چۈنكى بۇ كۈنى شەپقەتچى ئاتىسى ئەخمەتجان قاسىمى كېلەتتى . ئۇ بالىلارنى ئەركىلىتىپ ئۇلار بىلەن قىزغىن مۇڭدىشىپ كېتەتتى ۋە ئۇلاردىن « بالام ، سەن چوڭ بولغاندا نىمە ئىش قىلىسەن ؟ دوختۇر بولامسەن ؟ ئېنژىنىر بولامسەن ؟ ياكى ليۇدچىك بولۇپ ئايرۇپىلان ھەيدەمسەن ؟ سەنچۇ ؟ تانكا ھەيدەمسەن ؟ ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇپ بالىلارنى ئوقۇتامسەن ؟ » دەپ سورايتتى . بالىلار بەس – بەستە چۇرقىرىشىپ جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن ، « ھوي – ھوي ، مانا – مانا بىزدىن تېخى ھەربىي ئالىملارمۇ ، مۇتەخەسىسلەرمۇ ، گېنېراللارمۇ چىقىدىكەن تېخى !.. » دەپ كىچىك بالىلاردەك خوش بولۇپ كېتەتتى . كەلگۈسىنىڭ ھەر بىر ئىستىقباللىق ئەزىمەتلىرىدىن ھېسابسىز ئۇمىتلەرنى كۈتەتتى .
1949 – يىلى ياز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كەچقۇرۇنلۇقى كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت بولۇپ ، قىزغۇچ شەپەق نۇرى ۋە ئوچۇق ھاۋا ، سالقىن شامال جانغا ھوزۇر بېغىشلايتتى . دارىلتامنىڭ دەرۋازىسىدىن بىلىم يۇرتىنىڭ ئارغىماق ئېتى قوشۇلغان تىراشبانكا ھارۋىسىدا چىراىىدىن خۇش تەبەسسۇم تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئۈچ كىشى كىرىپ كەلدى . ھارۋىكەش بېشىغا ئالما چېچىكى گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا كەيگەن كىشى ئىدى . مېھامانلار ھارۋىدىن چۈشۈپ ئاتنى باغلايدىغان چاغدا ھارۋىكەش بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ھارۋىغا قېتىلغان ئاتنى « مەن باغلاي » دېسە ، « مەن باغلاي » دەپ تالاش – تارتىش بولۇپ كەتتى .  گۈللۈك دۇخاۋا دوپپىلىق كىشى « ھارۋىكەش ئۆزى باغلايدۇ » دېسە ، مەن « ساھىپخان مېھماننىڭ ئېتىنى ئالىدۇ » دەپ تالىشاتتىم . توغرىسى ئاتنى ساھىپخانغا باغلىتىش ھېچقانچە ئوڭايسىزلانغىدەك ئىش بولمىسىمۇ يارىشىملىق گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا كىيگەن بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ چىرايىدىن ئېتىنى دارىلتامدىكى مېھنەتكەش تەربىيەچىلەرگە باغلىتىش سەل ئەدەپسىزلىكتەك بىلىنىۋاتقانلىقى سېزىلىپ تۇراتتى . ئۇنداقتا ساھىپخاننىمۇ تەڭقىسلىقتا قويۇپ قويىۋاتقان بۇ گۈللۈك دۇخاۋا دوپپىلىق ئادەم كىم ؟ ئۇ مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دېدارلىشىشقا تەقاززا بولىۋاتقان سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى ئىدى .
ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق مېھمانلار بالىلارنىڭ ياتاقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى . ئۇلار كىشىنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ ، ئامراقلىقىنى كەلتۈرگىدەك پاكىزە ، رەتلىك ياتاقلارنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ ، سۆيۈنۈپ كېتىشتى . بالىلار ھويلىدا تاماق يەۋاتقاندا ، ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار بىلەن خالىراق يەردە سۆھبەتتە بولدۇق .
ئەخمەتجان قاسىمى دارىلتامنىڭ باشلىقى قاسىم مۇسايوفتىن : بېشىدا چاقىسى بار بالىلارنىڭ يارىسىنى قانداق داۋالاۋاتىسىلەر ؟ - دەپ سورىدى .
- ئۆزىمىزنىڭ دوختۇرى بىر خىل يەرلىك دورىنى بالىلارنىڭ بېشىغا سۈركەپ داكا بىلەن ئوراپ تېڭىپ ، ھەپتە ئۆتكەندە ئالماشتۇرۇپ داۋالاۋاتىدۇ . ئۈنۇمى يامان ئەمەس ، - دەپ جاۋاپ بەردى قاسىم مۇسايوف .
- بايقاڭلار ، دورا بالىلارنىڭ « كۆز » ئىگە دەخلى قىلمىسۇن يەنە ! – دېدى ئابباسوف ، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى . ئابدۇكېرىم ئابباسوف گەپ ئارىلىقىدا سۆزنى ماھىرلىق بىلەن چاقچاققا بۇراپ ، ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ سەل – پەل قىيسىقراق بىر كۆزىنى چېقىۋالغان ئىدى .
- راست بايقاڭلار « كىچىك بالا » ئەمەسمۇ ، « قولى » بىلەن تاتىلىۋەتمىسۇن !... دېدى ھازىر جاۋاپلىق بىلەن ئەخمەتجان ئەپەندى . توغرىسى بۇ چاقچاقمۇ « بىر قاققا بىر قاق » دېگەندەك دەل جايىغا تەككەن ئىدى . ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق . ئەخمەت ئەپەندىم ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ياشتا كىچىكلىكىنى « كىچىك بالا » غا ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەيىبناق بارمىقىنى شۇ « كىچىك بالا » نىڭ جىم تۇرماس « قولى » غا ئوخشىتىپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش مەقسىدىگە يەتكەن ئىدى . بىردەم يېرىمدەم ئەنە شۇنداق ئىلمىي ئەمما قىزىق چاقچاقلار بولۇپ ئۆتتى . ئەخمەت ئەپەندىم قايتىدىغان چاغدا مېنىڭ قولۇمغا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ سوملۇق قەغەز پۇلىدىن يۈز پارچىنى ( پېچەتلەنگەن ) تۇتقۇزدى :
- ئەتە ھېيت ئىكەن . مېنىڭ مۇھىم ئىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارنى يوقلاپ كېلەلمەيدىغان ئوخشايمەن . بۇ مېنىڭ بالىلارغا ھېيتلىقىم بلسۇن تارقىتىپ بېرەرسىزلەر !.... دېدى .
بىز بىرقانچە بالىلار بىلەن ئەخمەت ئەپەندىملەرنى ئۇزۇتۇپ دەرۋازا تۈۋىگە چىقتۇق . بۇ كۈننىڭ قاندەك قىزارغان ھاياجانلىق پەيتى ئىدى . تىراشبانكا ھارۋا ئەخمەت ئەپەندىملەرنى ئېلىپ بىردەملىك قىزغىن سۆھبەتلەرنى مەڭگۈ ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھېكايىگە ئايلاندۇرپ ئۇزاپ كەتتى . بىز دەرۋازا ئالدىدا ئەخمەت ئەپەندىملەر يەنە قاچان كېلەر دېگەنلەرنى كۆڭلىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ ، خېلى ئۇزۇنلارغىچە ئۇلار ئۇزاپ كەتكەن يولغا ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ تۇردۇق .
  ئېھ ........ ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى .......!
سىزنىڭ شۇ قېتىمقى ئۆز بالىلىرىڭىزنى يوقلاپ كېلىشىڭىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ ئاداققى خوشلۇشۇش بولۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان ، شۇ سەبىيلەر ئۆزىنىڭ شەپقەتچىسى ، ئىنقىلابىي رەھبىرى بىلەن مەڭگۈگە خوشلاشقانلىقىنى قانداقمۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن !؟ ..........
« ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى » نىڭ  10 – ساندىكى « كىشىلىك ھايات كىتابقىلا ئوخشايدۇ » ناملىق ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى .
بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى : ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم ، ئەكبەر قادىر  .
سۆزلەپ بەرگۈچى ئاسىم مەسۇم ئىمىنوف .

Posted: 2007-11-19 23:05 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى

Total 0.080471(s) query 3, Time now is:12-04 13:47, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation