نۆۋەتتىكى تېما : قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار مۇندەرىجىسى تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
سىز بۇ تېمىنىڭ 1005ـ كۆرۈرمىنى
Kulbilge

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2099
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 139
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە139دانە
شۆھرىتى: 176 نومۇر
پۇلى: 2250 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :28(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-30
ئاخىرقى : 2008-12-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار مۇندەرىجىسى

قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار مۇندەرىجىسى

توپلاپ رەتلىگۇچى: كۇلبىلگە


     قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقى ئۇيغۇرلار قانقىل قاغانلىقىنى قۇرغان دەۋىرلەردىن باشلاپلا(مىلادى481-546-يىللىرى)قوللىنىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە(850-يىللاردىن كىيىن)   كەڭ كۇلەمدە ئىشلىتىلگەن. مەزكۇر يىزىق ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىلىپ كىرىشى سەۋەبىدىن  11-ئەسىرلەردىن باشلاپ تەدرىجى  ئىستىمالدىن قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما تۇرپان، قۇمۇل ۋە كەڭسۇ رايونلىرىدا تاكى 16-17-ئەسىرلەرگىچە ئىشلىتىلگەن. 1204-يىلى مۇڭغۇللار قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقى ئاساسىدا ئۆز يىزىقىنى تۇزگەن،1632-يىلى نۇرغاچ مۇڭغۇل يىزىقى ئاساسىدا مانجۇ يىزىقىنى تۇزدۇرگەن. بۇ يىزىق مۇڭغۇل ۋە مانجۇ مىللەتلىرى ئارىسىدا تا ھازىرغا قەدەر قوللۇنۇپ كىلىنمەكتە.

       ئەدىبى، پەندى-نەسىھەت ۋە پالچىلىققا ئائىت ۋەسىقىلەر:

1. ئۇغۇزنامە (13-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تۇرپاندا كۇچۇرۇلگەن نوسخىسى بولۇپ، ھازىرغىچە تىپىلغان ئەڭ قەدىمقى ۋە ئەڭ قىممەتلىك نوسخىسى ھىساپلىنىدۇ)
2. ئىرق بىتىك (پالچىلىققا ئائىت كىتاپ)
3. ئىككى تىكىننىڭ ھىكايىسى
4. چاشتانى ئىلىك بەگ
5. مايتىرى سىمىت (دىراما ئەسەر)
6. قۇتاتقۇ بىلىك (قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى نوسخىسى)
7. ئەتەبەتۇل ھەقايىق
8. تەزكىرەئى ئەۋلىيا
9. مىراجنامە
10. دىۋان لۇتفى(لۇتفىنىڭ شىئىرلار توپلىمى)
11. مۇھەببەتنامە(خارەزمىنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى)
12. 心之烛
13. 帖木尔世系
14. ئىزوپ مەسەللىرى(ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)
15. شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى (سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ، تۇرپان، خەنزوچىدىن تەرجىمە قىلغان)
16. يوقۇرقىلاردىن باشقا تۇرپان رايونىدىن يەنە زور مىقتاردا شىئىر-قوشاق ۋە ماقال تەمسىللەر پۇتۇلگەن يازما يادىكارلىقلار تىپىلغان. 

              بۇددا دىنىغا ئائىت ۋەسىقىلەر :

1. ئالتۇن يارۇق(سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، تۇرپان)
2. ئاگاما
3. ماھۇپايا ئاتلىغ يانتۇرمىش سۇترا
4. جاتاكا، ئاۋادانا ھەققىدە ھىكايە
5. ئامىتايوس سۇترا
6. ئامىتابا سۇترا
7. لىنخۇا ئاتلىغ سۇدۇر نوم بىتىك
8. لالىتارىستارا سۇترا
9. ئارياراجاۋاۋاداكا سۇترا
10. كۇن سىم پۇسار
11. پاراجنائاپارامىتا
12. ئالقۇ ئايىغ ياۋىز يوللارىغ ئارتۇقراق ئۇز ئارىتداچى ئۇسنىسا ۋىچاي ئاتلىغ دارنى سۇترا
13. يىتىكەن سۇترا
14. ماخامىھا سۇترا
15. يۇغاراريابغۇمىساسترا
16. ئابخىدخارما كوسابخاسياتىكا تاتۋارتىخا
17. تەڭرىلى يېرلى سەككىز يۇكمەك بوغۇلۇغ ئارۋىس نوم بىتىك
18.  تىساستىۋۇستىك
19.  داساكراما پاتخائاۋاتانامال نوم بىتىك
20. كسانتى قىلغۇلۇغ نوم
21.  كىمقوقى ۋاجىراچەتىكا سۇترا
22.  ناگارجۇنا ئىلگىگ ئوتلاغما تاقسۇت
23. سرى چاكراسامۋارا
24. ئابخىدخارما كوسا ساسترا
25. ئاۋالوكىتېسۋارا سۇترا
26. سىن كۆڭۇل توزىن ئوقىتتاچى نوم بىتىك
27. نيايانوسارا ساسترا
28. ئۇلۇغ بولۇڭ يىڭاق ئالقۇغ تولۇ تويماق ئاتلىغ سۇدۇر
29. 楞严经
30. 救度佛母21种礼赞经
31. 如来心经
32. 慧远经

          مانى دىنىغا ئائىت ۋەسىقىلەر

1. مانى مۇخلىسلىرىنىڭ تۆۋىنامىسى (خۇاستۋانىفىت )
2. ئىككى يىلتىز نوم
3. ئەدگۇ تاتىغلىغ نوم
4. مانىغا مەدھىيە
5. مانى دىنى ئىبادەتخانىسى ھۆججەتلىرى
6. مانى مۇخلىسلىرىنىڭ خەت ئالاقىلىرى
7. مويۇنچۇر قاغاننىڭ مانى دىنىغا كىرىشى (牟羽可汗入教
记)


     نيۇرۇجى:«قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى بەش پارچە مانى دىنى ۋەسىقىسى ھەققىدە»(شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى گىزىتى،1993،4-سان) دە ئىلان قىلغان ۋەسىقىلەر:

1. Pelliot Ouigour 13
2. Pelliot Chinois 3049
3. Pelliot Chinois 3407
4. Pelliot Chinois 3071
5. Or.8212 (124)
(Peter Zieme:《Manichaisch-Turkische texte》,Berlin,1975 ) دا ئىلان قىلىنغان ۋەسىقىلەر:
1. T I D3(M III Nr.29)
2. T II 1398 (Ch/U 6618)
3. T I a×20(U220a)
4. T II Y54(Mainz 373)
5. T I D615(U5464)
6. T II D16(U121)
7. T II D66 (U131)
8. T I D20 (U262)
9. Ch/U6818v
10. T II T509 (Ch/U6814)
12. T I H I ×1(U198)
13. U196
14. U197
15. TM161(U297)
16. T I ax 32 (U266 a,b)
17. T I Dx17 (U219 a,b)
18. T III MQ62 (U 5088)
19. T II K + T I a(U257)
20. TM107(U5281)
21. T II 897(U5503)
22. T II 122(Ch/U6854)
23. T IV x 505(U5928)
(A.Von Le Coq:《Turkische Manichaika aus Chotscho,I ) دە ئىلان قىلىنغان ۋەسىقىلەر:
1. T II D173 a,b,d
2. TM282
3. T I a
4. T II K2a
5. T II D171
6. TM159
7. T II D177
8. T II D173e
رەھمەت ئارات ۋە گابائىنلار ئىلان قىلغان ئىككى پارچە ۋەسىقە:
1. Uighur No.7 (Istambul University)——R.Rahmet Arat:《Among the Uyghur Dokuments.II》,Ural-Altaische Jahrbucher,1965,P263-272.
2. T III D260 —— W.Bang.A.V.Gabain:《Turkische Turfan Texte Ⅲ》,p183-198.

     خىرىستىيان دىنى (نىستورىيان مەزھىپى) گە ئائىت ۋەسىقىلەر:

1. سانت جورجىنىڭ قەستكە ئۇچرىشى
2.  Evagelium,T II B29  
3. T II B 1 —— (A.von Le Coq, “Ein Christliches und ein manichaisches Manuskriptfragment in turkischer Sprache aus Turfan (Chinesisch-Turkistan), SPAW,1909,PP.1202-1218.)
4. T III B 99 c (U321) —— (Peter Zieme: Zu den nestorianisch-Turkischen Turfantext, SPRACHE, GESCHICHTE UND KULTUR DER ALTAISCHEN VOLKER, ed. G. Hazai und P. Zieme, Berlin,1974.)
5. T II B 28 (U4910)
6. U323
7. T II B 65 (U322)

     مەڭگۈتاش تۇرىدىكى يازما يادىكارلىقلار:

1. قۇچۇ ئىدىقۇتلىقى تۆھپە مەڭگۇ تىشى
2. تۇرپاندىكى قەدىمقى ئىبادەتخانا تۆۋرۇكىگە ئۇيۇلغان تىكىستلەر
3. دۇنخۇاڭدىن تىپىلغان تاش ئابىدە
4. ئۇلانغۇل مەڭگۇ تىشى
5. تۇدۇمۇسارى ئىبادەتخانا مەڭگۇ تىشى
6. سۇجۇ يولى دارۇغاچ نەسەبى مەڭگۇ تىشى
7. ۋىنجۇ ئىبادەتخانىسى مەڭگۇ تىشى
8. دۇلۇغۇت مەڭگۇ تىشى
9. چۇەنجۇدىن تىپىلغان نىستورىيان قەبرە تىشى
10.  قىزىل چوققا قەبرە خىشلىرىغا ئۇيۇلغان تىكىستلەر 

    ئىلمى مۇنەججىملىككە ئائىت ۋەسىقىلەر:

1. )T II Y36 —— (W.Bang und A.von Gabain,Turkische Turfan-Texte I, SPAW 1929,PP 241-268)
(G.R.Rachmati, Turkische Turfan-Texte VII, APAW 1936, Nr.12, PP 1-124 ) دە ئىلان قىلىنغان ئەسەرلەر:
2) T II D522
3) T II S131
4) T II Y29
5) T I 600
6) T III M138
7) T II D89
8) T I 601
9) TM299
10) T II Y29
11) T II S528
12) T III M190
13) T I D595
14) T III M200
15) T III M228
16) T I a 560
17) T I a 561
18) T I 602
19) T II Y49
20) T III M66
21) T III M295
22) T III 62
23) T I 603
24) T II D 213
25) T II Y61
26) T III M234
27) T I 604
28) T I a 562
29) T III T295
30) T III M210
31) T III M66
32) T II Y49
33) T III M131
34) T III M238
35) T III M115
36) T III M123
37) T III M243
38) T III M190
39) T II Y43
40) T II Y19

         تىل-يىزىققا ئائىت يازما يادىكارلىق:

قۇچۇ مەھكىمىسى سۆزلۇكلىرى"高昌馆杂字" ــ (مىڭ سولالىسى دەۋرىدە قۇمۇل،تۇرپان رايونىدىن ئەۋەتىلگەن خەت ئالاقىلەرگە ئاساسەن تۇزۇپ چىقىلغان ئۇيغۇرچە-خەنزوچە سۆزلۇكلەر ، 1403-1424-يىللىرى تۇزۇلگەن)

       ئىجتىمائى-ئىقتىسادى ھۆججەتلەر: 

    ئىجتىمائى ئىقتىسادى ھۆججەتلەر  ئوردا پەرمانى،مەمۇرى-ھەربى بۇيرۇقلار، ھۆكۇمەت خەت ئالاقىلىرى، تەستىق،ئىسپات، باج ھۆججىتى، دەۋا،ئىلتىماس، دوكلات،تىزىملىك، نوپۇس، ھىسابات دەپتىرى، كىلىشىم-توختاملار، شەخسى خەت ئالاقىلار، تاپشۇرۋىلىش ھۆججىتى قاتارلىق تۇرلۇك مەزمۇندىكى ۋەسىقىلەر بولۇپ، ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى ئىچىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ،ئۇلار قەدىمقى ئۇيغۇر ۋە تۇركى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائى ئىقتىسادى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا بىرىنچى قول ماتىرىيال ھىساپلىنىدۇ. مەزكۇر ۋەسىقىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە مۇشۇ مەزمۇندىكى ۋەسىقىلەر تونۇشتۇرۇلغان بىر قىسىم نوپۇزلۇق كىتاپلار مۇندەرىجىسى بىرىلدى.
1. "قۇچۇ مەھكىمىسى ھۆججەتلىرى"(高昌馆课)ــ (مىڭ سولالىسى دەۋرىدە قۇچۇ مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەتلەنگەن تۇرپان،قۇمۇل رايونىدىن كەلگەن ھۆججەتلەر، جەمى 89 پارچە ھۆججەت)
2. "قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى توختامنامىلەر توپلىمى"(回鹘文契约文书集成) ــ ياپۇنىيىلىك 山田信夫 تۇزگەن، 大阪  ئۇنۋىرسىتىتى نەشىر قىلغان، 1993-يىلى. پۇقرالارغا ئائىت ئىقتىسادى ھۆججەتلەردىن 121پارچە ھۆججەت تونۇشتۇرۇلغان.
3. "قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلار"(回鹘语文献)  ــ (W.W.Radloff, Uighurische  Sprachedenkmaler, Leningrad, 1928 ) دا جەمى 101 پارچە ھۆججەت تونۇشتۇرۇلغان.
4. "دۇنخۇاڭدىن تىپىلغان 9-10-ئەسىرلەرگە ئائىت قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى يازما يادىكارلىقلار"(9-10世纪敦煌回鹘文文献)  ــ  (James Hamilton, Manuscrits Ouigours du IX-X  Siecle de Touen-  houang. I,II tomes, Paris, 1986 )  دا جەمى 23 پارچە ھۆججەت تونۇشتۇرۇلغان.
5. "قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى 13-14-ئەسىرلەرگە ئائىت ئىجتىمائى ئىقتىسادى ھۆججەتلەر"(13-14世纪西域回鹘文世俗文书导论) ــ  (Larry Vernon Clark,Introduction to the Uyghur Civil Documents of  East Turkistan 13th-14th cc, 1975, Ann Arbor, Michigan,London )   دە جەمى141پارچە ھۆججەت تونۇشتۇرۇلغان.
6. "قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى تۇرپان ئىجتىمائى-ئىقتىسادى ھۆججەتلىرى تەتقىقاتى"(吐鲁番回鹘文社会经济文书研究)  ــ (لى جىڭۋېي، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1996-يىلى) دا جەمى107پارچە ھۆججەت تونۇشتۇرۇلغان.
7. "قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدىكى ئىجتىمائى-ئىقتىسادى ھۆججەتلەر تەتقىقاتى"(回鹘文社会经济文书研究)  ــ (لىجىڭۋىي، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى،1996-يىلى) دا جەمى 80 پارچە ھۆججەت تونۇشتۇرۇلغان.



ئاساسلىق پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:
«ئۇيغۇر ئەدىبىيات تارىخى»، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى تۇزۇپ نەشىر قىلغان، 1993-يىلى.
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتى غەزنىسى»،ئابدۇللا مەمەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2001-يىلى.
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىيات تارىخىدىن تىزىس»،غەيرەت ئوسمان، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى، 1987-يىلى.
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىيات تارىخىدىن ئوچىرىكلار»،شىرىپىدىن ئۆمەر،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1981-يىلى.
«قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما»، ئابدۇقەييۇم خوجا،تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۇسۇپ ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1983-يىلى.
«بىزنىڭ تارىخى يىزىقلىرىمىز»،قۇربان ۋەلى،شىنجاڭ ياش-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى،1986-يىلى.
«ئۇيغۇرلار ۋەغەربى يۇرتتىكى باشقا تۇركى خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى»،قازاقىستان ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇر تەتقىقات ئورنى تۇزگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2000-يىلى.
«غەربى يۇرت مەدىنىيەت تارىخى»، خانىدا تورو(ياپونىيە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1985-يىلى.
"回鹘文文献语言简志" ، لى زىڭشياڭ، مەمەترىھىم قاتارلىقلار، شنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى،1999-يىلى.
"维吾尔族古代文化和文献概论" ، گىنشىمىڭ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983-يىلى.
"维吾尔古文字与古文献导论" ، نيۇرۇجى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1997-يىلى.

________________________________________________________
مەزكۇر تىمىنى روخسەتسىز ئۇرخۇن تورىدىن باشقا تورلارغا كۇچۇرۇپ چاپلاش قەتئى رەت قىلىنىدۇ.
تىخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى:
  [url]./bbs/thread.php?fid=41[/url]
[ بۇ يازما udun تەرىپىدىن 2008-12-11 20:00 دە قايتا ]
| ۋاقتى : 2008-03-29 19:08 [باش يازما]
سىز بۇ تېمىنىڭ 1005ـ كۆرۈرمىنى
Kulbilge

دەرىجىسى :شەرەپلىك ئەزا


UID نۇمۇرى : 2099
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 139
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە139دانە
شۆھرىتى: 176 نومۇر
پۇلى: 2250 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :28(سائەت)
تىزىملاتقان : 2007-06-30
ئاخىرقى : 2008-12-19

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

"心之烛 "، "帖木尔世系 " لارنى ئۇيغۇرچە ماتىرىياللاردىن سىلىشتۇرۇپ تاپالمىدىم، بىلىدىغان تورداشلار بولسا تەرجىمە قىلىپ قويغان بولساڭلار.
| ۋاقتى : 2008-03-29 19:41 1 -قەۋەت
سىز بۇ تېمىنىڭ 1005ـ كۆرۈرمىنى
TuranTekin
ئۆزىنى بىلمەسلىك - ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر!

دەرىجىسى :ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1797
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 321
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە321دانە
شۆھرىتى: 333 نومۇر
پۇلى: 3340 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :467(سائەت)
تىزىملاتقان : 2008-04-14
ئاخىرقى : 2009-01-10

چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش يازما تەھرىرلەش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش

 

Quote:
1 - قەۋەتتىكى Kulbilge 2008-03-29 19:41 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
"心之烛 "، "帖木尔世系 " لارنى ئۇيغۇرچە ماتىرىياللاردىن سىلىشتۇرۇپ تاپالمىدىم، بىلىدىغان تورداشلار بولسا تەرجىمە قىلىپ قويغان بولساڭلار.


ماتىرىيال ئىزدەۋېتىپ، سىز دىگەن يۇقىردىكى سۆزدىن "心之烛" نىڭ  " سىراجۇل قۇلۇپ" دەپ تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. سېلىشتۇرۇپ كۈرەرسىز.
نادانلىق - زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى !!!
| ۋاقتى : 2008-11-26 09:18 2 -قەۋەت

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !


Total 0.110597(s) query 4, Time now is:01-11 02:46, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation


Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 bilqut.com Corporation