ئورخۇننى قوللامسىز؟ مۇنبەر خېتىنى نورمال كۆرەلمىگەنلەر مۇنبەرنى ئىشلىتىش قوللانمىسى Munber hetni Nurmal Korelmigenler
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
قورال ئىشىلتىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈش | ساقلىۋېلىش | پىرىنتىرلاش
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
باش يازما  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-19 23:21

 1931 – 1934 – يىللىرى شىنجاڭدا بولغان خەلق    قوزغىلاڭلىرىدىن قىسقىچە ئەسلىمە

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: بۇ يازمىغا iltebir تەرىپىدىن نادىرلاندى (2007-11-21)
1931 – 1934 – يىللىرى شىنجاڭدا بولغان خەلق    قوزغىلاڭلىرىدىن قىسقىچە ئەسلىمە

                                    ئابلىمىت مەخسۇتۇپ
Ⅰ باب 1932 – يىلىنىڭ ئاخىرى تۇرپاندا بولغان قوزغىلاڭ
1 . قوزغىلاڭ ھارپىسىدىكى ۋەزىيەت
      1932 – يىلى يازنىڭ ئاخىرى ، شىنجاڭنىڭ شۇ چاغدىكى ھۆكۈمرانى جىن شۇرېننىڭ ئەسكەرلىرى ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىن تۇرپان ئارقىلىق قۇمۇلغا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى . كۈز ئايلىرى كېلىشى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ بۇنداق ئۆتۈشۈشى تېخىمۇ كۆپەيدى . ئۇلار يېزا  ( ئاستانە كۆزدە تۇتۇلىدۇ ) بازىرىغا قاراپ ھارۋىلىق ، ئېشەكلىك ۋە پىيادە يۈرۈشەتتى . خۇددى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قاچقان ئەسكەرلەردەك چۇقان – سۈرەن سېلىشىپ ، پاراكەندە ۋە چېچىلاڭغۇ ھالدا توپا توزۇتۇپ كېلىشەتتى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتنىڭ قانچىلىك يۈك ئارتالىشى بىلەن ھېسابلاشماي ، بىر – بىرىنى دەسسەپ ھارۋىلارغا ئۆزىنى ئاتاتتى . ئاتلار ئۇلارنى تارتالمىسا ، « ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى » دېگەندەك ، ھارۋىنىڭ يېنىدا پىيادە كېتىۋاتقان ھارۋىكەشنى تىللايتتى ۋە ئۇراتتى . يەنە بەزىلىرى بىر ئىشەككە ئىككى – ئۈچتىن بولۇپ مىنىۋالاتتى . يېزىنىڭ تار كوچىلىرىدا ئۆزلىرىگە ئۇدۇل كەلگەن دېھقانلارنىڭ ھارۋىلىرىغا خالىغانچە چىقىۋېلىش ، ئېشەكلىرىگە زورلۇق بىلەن مىنىۋېلىش بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان بولۇپ ، دېھقانلار ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ھەرگىز قارشى چىقالمايتتى . شۇڭا بىچارە دېھقانلار « يېزا بازىرىغا بارغاندا ھارۋا – ئېشەكلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بېرەر » دېگەن ئۈمىد بىلەن ئەسكەرلەرگە ئەگىشىپ ماڭاتتى .
ئەسكەرلەر يېزا بازىرىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان سارايلارغا كىرىپ ھارۋا – ئىشەكلەردىن چۈشىشەتتى - دە ، پەيجاڭلار ئۆز ئەسكەرلىرىنى يوقلىما قىلىپ ليەنجاڭلارغا ، ليەنجاڭلار قول ئاستىدىكىلىرىنى يوقلىما قىلىپ يىڭجاڭلىرىغا دوكلات قىلاتتى ، ئاندىن ئەسكەرلەرنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرەتتى . ئەسكەرلەر قوللىرىدىكى بەش ئاتار ، توققۇز ئاتار ، بىر ئاتار مىلتىقلىرىنى بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈپ ، ساراينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇشاتتى . بۇ قوراللارنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان نۆۋەتچىلەر بېكىتىلگەندىن كېيىن ، ئەسكەرلەر ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زوڭ ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشەتتى . بۇلارنىڭ تولىسى يۈز – قوللىرىنى يۇيۇشقا ، ھەتتا ئۈستىبېشىدىكى توپىلارنى قېقىشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىشىپ ، گۆردىن چىققان ئەرۋاھلاردەك ئولتۇرىشاتتى . ئۇلار تاماقلىرىنى ئالمان – تالمان يېيىشىپ بولغاندىن كېيىن ھويلىنىڭ ھەريەر – ھەريەرلىرىگە تاۋكا قۇرۇشۇپ قىمار ئوينىشاتتى . بەزى ئەسكەر باشلىقلىرى كۆزلىرىنى ئېچىشقىمۇ مادارى يەتمەي ، ئالدىراپ – تېنەپ بۇلۇڭ – پۇشقاقلاردا يانپاشلىنىپ يېتىپ ئەپيۈن چېكەتتى . قىمار ئويناشقا پۇلى يوقلىرى تام تۈۋىدە ئولتۇرۇپ پىت باقاتتى .
يېزىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن كېلىپ ئەسكەرلەرنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن دېھقانلار ئۇلارنى زاڭلىق قىلىشىپ : « مۇشۇ جىڭگوكچى ئەپيۈنكەش چېرىكلەر تاغلىق باتۇرلارغا تەڭ كېلەلەرمۇ ؟ » دېيىشەتتى ؛ بەزىلىرى : « بۇلار قۇمۇلغا بېرىپلا ھارام گۆش بولىدۇ » دەپ ، قۇمۇلدىكى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن خەلققە خەيرخاھلىق قىلاتتى . يەنە بەزىلەر : « بۇ ئۆلەرمەن ئەبگاھلارنى مۇشۇ يەردىلا جايلىۋەتمەيمىزمۇ ؟ » دېسە ؛ بەزىلەر : « جىم تۇرۇڭلار ، ئاڭلاپ قالمىسۇن . بۇ چېرىكلەر ئىچىدە سېپى ئۆزىدىن بولغانلىرى باردەك تۇرىدۇ ، بېشىمىزغا بالا تېپىۋالمايلى . قۇمۇلدىن نېمە گەپ كېلىدۇ ، شۇنىڭغا قاراپ بىر ئىش قىلمايمىزمۇ » دېيىشەتتى .
جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىنىڭ پات – پات قۇمۇل تەرەپكە ئۆتۈپ تۇرۇشى بىلەن ، خەلق ئارىسىدىمۇ تۈرلۈك يېڭى خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى : « قۇمۇلغا بارغان چېرىكلەرنى خوجىنىيازھاجىنىڭ ئادەملىرى بىرنىمۇ قويماي قىرىپ تاشلاپتۇ ، تاغلىق باتۇرلارنىڭ ئوقى تۈگىمەيدىكەن ، ئۇلار قارىغاي ياغىچىدىن ئوق ياسايدىكەن ، خوجىنىياز ھاجى ئۆزىمۇ مەرگەن ئىكەن ، ئاتقان ئوقى بىكار كەتمەيدىكەن » .
خەلق ئارىسىدا ، ئىلگىرىدىن ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان :
« ئاھ ئۇرارمەن ، ئاھ ئۇرارمەن ، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى ،
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى . »
دېگەن ناخشىنىڭ ئورنىغا مەزمۇنى يېڭى تۈس ئالغان :
« تاغلىق دېگەن بىر باتۇر ، تاغنىڭ كامىرىدا ياتۇر
دۈشمەنلەرنى كۆرگەندە ، ئوننى قاتلاپ بىر ئاتۇر . »
دېگەن ناخشا ئېيتىلىشقا باشلىدى . شۇنىڭدەك ھەممە يەردە يەنە :
ئاچىل – ئاچىل ، گۈل ئاچىل – ئاچىل ،
ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا – ئاچىل .
ئاچىلاغاندا بىر گەپ بار – ئاچىل ،
ئاچىلىپ سەن ھەريانغا - ساچىل .
دېگەن ناخشىلار ياڭراشقا باشلىدى .
دېمەك ، قۇمۇلدىكى خەلق قوزغىلىڭىنىڭ ئىلھامى بىلەن تۇرپان دېھقانلىرى جۈملىدىن ئاستانە دېھقانلىرى ئارىسىدىمۇ قوزغىلىش كەيپىياتى كۆتۈرۈلدى . بىزمۇ شۇ قاتاردا جىددىي تەييارلىنىپ تۇردۇق .
جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى شەرقىي شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ كەيپىياتىنى بىلگەندىن كېيىن پات – پات كوچىلارغا ئېلان چىقىرىدىغان بولۇپ قالدى . ئېلاننىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى :
« پۇقرالارغا مەلۇم بولغايكى ، يېقىندىن بۇيان قۇمۇلدا بەزىلەر تاغقا چىقىۋېلىپ ، ئەل – يۇرتنى قالايمىقان قىلىپ ، پۇقرالارنىڭ مال – مۈلكىنى بۇلاپ – تالىماقتا . بۇ نادانلار گۇناھىغا توۋا قىلىپ ، ھۆكۈمەتكە ئەل بولسىلا ، ئۆتكەن ئىشلار سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ . پۇقرالار ھەر تۈرلۈك ياۋا گەپلەرگە قۇلاق سالماي ، خاتىرجەم بولۇپ ، پۇقرادارچىلىقىڭلارنى قىلىڭلار ، ئەگەر كىمكى قۇمۇل ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىپ پۇقرالار ئارىسىدا ئىغۋا تارقاتسا ، ئاچىل دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ پۇقرالارنى يامان يولغا باشلىسا ، قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ . ۋاقىپ بولغايسىزلەر دەپ ، مۇشۇ يارلىق چىقىرىلدى . »
ھۆكۈمەت ئادەملىرى مۇشۇنداق ئېلانلارنى چاپلاپ كېتىشىگە ، بىزمۇ دەرھال بۇ ئېلانلارنى سويۇپ تاشلاپ ، ھۆكۈمەتنى تىللايتتۇق . ئۇ چاغلاردا يېزىلاردا ساقچى ئىدارىسىنىڭ شۆبىلىرى يوق ئىدى . بىر يۇرتنى بىر دورغا ( بەگ ) باشقۇراتتى . بىراق ، دورغىغا ئاڭلاتماي ، ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرخىل سۆزلەرنى قىلىشاتتۇق . قۇمۇلدا خەلق قوزغىلىڭى باشلانغاندىن كېيىن ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئۈستىدىكى ئالۋاڭ – ياساقلىرى يېڭىدىن كۆپەيگىلى تۇردى . قۇمۇلدىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە تەمىنات توشۇش سېلىقى خەلق ئۈستىگە چۈشتى . كىمىكى قىيىنچىلىقنى ئېيتسا ، ئۇنى « بۇيرۇقتىن باش تارتتىڭ » دەپ قامچا ئاستىغا ئالاتتى ۋە قامايتتى . لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى خەلقنى قورقىتالمىدى ، بەلكى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى . كېچە قانچە قاراڭغۇ بولسا ، يۇلتۇز شۇنچە يورۇق كۆرۈنگەندەك ، مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ زۇلىمى ئاشقانسېرى ، خەلقنىڭ سىياسىي زۇلۇم ، ئىقتىسادىي ئېزىلىش ۋە مىللىي خورلۇقتىن قۇتۇلۇش تەلىپى ئۆسۈپ باردى . ئۇلارنىڭ سەۋرى قاچىسى تولۇپ ، بەزىلىرى غەزەپ بىلەن : « بىز چەنتۇلار قاچانغىچە بوزەك بولىۋېرىمىز » دەپ ۋاقىراشسا ، بەزىلىرى « بىز چەنتۇ ئەمەس ! ئۇيغۇر ، ئۇيۇشساق بوزەك بولمايمىز » دەپ ۋاقىرىشاتتى .
2 . قوزغىلاڭ تەييارلىقى ۋە قوزغىلاڭ
قۇمۇل خەلقىنىڭ قوزغىلاڭ قىلىشىدىن ئىلھاملانغان تۇرپان خەلقى : قۇمۇللۇقلار كەلگىچە جىم يېتىۋېرىمىزمۇ ؟ ئۇلار يېقىن ئارىدا تۇرپانغا چىقىپ قالسا ، ئۇلارغا قانداق يۈز كېلەلەيمىز ، « يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال » دېگەن گەپ بار ، بىز ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ ، ئۇلار باشلىغان ئىشقا مۆرە قويايلى ، دېيىشىپ قوزغىلاڭ قىلىشقا تەييارلىق كۆردۇق . ئاستانە يېزىسىدا نەمتۇل مىلتىقچى ( مىلتىق ياسايدىغان ئۇستا ) ، ئەمەت تۆمۈرچى ، مۇيىن ئۇستا ، ئابدۇكېرىم ئۇستا ئىسىملىك قورال – سايمان ياساش ئۇستىلىرى بار ئدى . بەزى دېھقانلار ئۇلارغا مىلتىق بۇيرۇتتى . قولىمىز قىسقىلار ئورغاقلارنى تۈزلەپ قىلىچ قىلىپ ياسىۋالدۇق . بۇ ئۇستىلارنىڭ دۇكانلىرى ئاددى بولسىمۇ ، ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلىرى بولغاچقا ، ئۇلار قارا مىلتىق ياساشتىن بىر ئاتار ، بەش ئاتار مىلتىقلىرىنى ياساشقا تەرەققىي قىلغان . بولۇپمۇ ئەمەت تۆمۈرچىنىڭ قىرغۇچ ئىستانوكى بولۇپ ، 1946 – يىلى ئۇنىڭ بالىلىرى ئاپتومات ياساش دەرىجىسىگە يەتكەن . ئاستانە خەلقىنىڭ مۇستەبىت جىنشۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش تەلىپى تېز ۋاقىت ئىچىدىلا يۇقۇرى پەللىگە چىقتى . شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلققە ئوخشاش ، تۇرپان خەلقىمۇ ئۆتمۈشتىن تارتىپ ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتكە قارشى توختىماي قوزغىلاڭ قىلىپ تۇرغاندى .
1932 – يىلى 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ، بىردىنلا « قۇمۇلدىن خوجانىياز ھاجى پىچانغا چىقىپتۇ ، پىچاننى ئېلىپ بوپتۇ . ئەمدى تۇرپانغا كېلىدىكەن » دېگەن خەۋەر تارقىلىپ كەتتى . ئاستانىدا بىز توپ – توپ بولۇشۇپ غۇلغۇلىغا چۈشتۈق ؛ ھېچنېمىدىن تەپتارتمايلا ، ئاشكارا ھالدا جىن شۇرېن ھۆكۈتىگە قارشى گەپلەرنى قىلىپ ، يەڭلىرىمىزنى شىمايلاپ ، قولىمىزغا ئورغاق – كالتەكلەرنى ئېلىپ ، ئۆز كۈچىمىزنى نامايەن قىلىشقا باشلىدۇق . ۋەزىيەت بارغانسېرى جىددىلەشتى . ھەرقايسى مەھەللىلەردە توپلانغان كىشىلەردىن بىرقانچىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ، مەيدىسىگە ئۇرۇپ ، قورقماسلىق ، باتۇر بولۇش ، ئۆلسە شېھىت ، قالسا غازى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاممىغا چۈشەنچە بېرىپ ، پىدائىي بولۇشنى تەشۋىق قىلدى . ھەممەيلەن خوجانىياز ھاجىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتۈپ ، پىچان تەرەپكەن قاراپ تۇردۇق .
دەل شۇ چاغدا ، ئاستانە ۋە قاراغوجا خەلقىنىڭ ھەرىكىتىدىن خەۋەر تاپقان تۇرپان بازىرىدىكى مافۇمىڭ لۇيجاڭ ۋە شىن فامىلىلىك يىڭجاڭ تۇرپان ناھىيىسىدىن ھەمدۇللا ئەلەمنى ئاستانە خەلقىغە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش ، « قۇمۇللۇق ئوغرىلار » نىڭ گېپىگە قۇلاق سالماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشقا ئەۋەتتى . لۈيجاڭ مافۇمىڭ تۇنگان بولۇپ ، ئەسلىدە چۆچەكتە تۇراتتى . شەرقىي شىنجاڭ ۋەزىيىتىدە تەۋرىنىش بولۇپ قالغاچقا ، جىن شۇرېن ئۇنى تۇرپانغا يۆتكەپ كەلگەن . ھەمدۇللا ئەلەم ئاستانىغا كېلىپ ، توختى ھاجىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى ۋە مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇلارغا : « سىلەر قوزغىلىدىغان بولساڭلار ، بىز تەييار » دەپ مەدەت بېرىپ قويۇپ كەتتى . مەھمۇت مۇھىتى خوجانىياز ھاجىنىڭ قۇمۇلدىن پىچانغا كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى ۋە پىچاندا نىمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمىن باي ( ئىمىن كالا ) ، نىياز شەرىپى ، ھەمدۇللا ۋاجىدىلار بىلەن بىللە پىچانغا يۈرۇۈپ كەتتى . ھەمدۇللا ئەلەم ناھىيىگە قايتىپ كەتكەن كۈنى ھېچقانداق خەۋەر تارقالمايلا كۈن كەچ بولدى . ئەتىسى ( جۈمە كۈنى ) ئورنىمىزدىن تۇرساق ، ئاستانە يېزىسىدىكى ئۈچ ئائىلىلىك خەنزۇ ئىشىك – دېرىزىلىرىنى تاقاپ ، يېرىم كېچىدە ناھىيىگە قېچىپ كېتىپتۇ ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدۇق ( ئۇلار سېرىق ئىشتان ، قارا پۇزۇل جاڭ – جاڭ دەپ ئاتالغان گۆرۈكەشلەر ئىدى ) . ئۇلار ئۇيغۇرچە تىلنى ئوبدان بىلگەچكە ، خەلقنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ دەرھال ناھىيىگە قېچىپ كەتكەن ۋە ناھىيىگە بېرىپلا « ئاستانە خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈردى » دەپ مەلۇم قىلغان . شۇنىڭدىن كېيىنلا مافۇمىڭ ( « ما داگازا » دەپ ئاتىلاتتى ) ئاستانە خەلقىنى باستۇرۇشقا ئاتلىق بىر ليەن ئەسكەر ئەۋەتتى . بىز ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپلا ، قولىمىزغا تاياق – توقماق ۋە ئورغاقلارنى ، شۇنىڭدەك ساناقلىقلا بىرقانچە تال مىلتىقنى ئېلىپ ، ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ تۇردۇق .
مافۇمىڭنىڭ ئەسكەرلىرى ئاستانىغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ، تۇرپان ناھىيىلىك ھۆكۈمەت پىچان ناھىيىسىدىكى خەلقنىڭ جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ئاستانە ، قاراغوجا ، سىڭگىم ، مۇرتۇق ، ياڭخې ( ياڭخې ئۇ چاغدا تۇرپان ناھىيىسىگە قارايتتى ) دېھقانلىرىغا مىڭ دادەن قوناق ئالۋىڭى سېلىنغانلىقى ، ئەگەر كىمىكى پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ ، بۇ ئالۋاڭنى تۆلىمىسە قامىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەندى . بۇ بۇيرۇق شۇ پەيتتە ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىش رولىنى ئوينىغان . بىز بىرنەچچە يۈز ئادەم قارا پۇزۇل گۆرۈكەشلەرنىڭ ئادەمسىز قۇرۇق ھويلىسىغا بېسىپ كىرىپ ، ئۇلارنىڭ داڭزىلىرى ( ھېساب دەپتەرلىرى ) نى كۆيدۈرۈپ ، باشقا نەرسىلەرنى خالىغانچە بۇلاپ كەتكەندۇق . شۇ يەردىن بۇلاپ كەتكەن ئاتلارنى ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ ، ئۇرۇشقا تەييارلاندى .
بىز جۈمە نامىزىدىن چىقىپ ، تۇرپان بازىرى تەرەپتىن توپا – چاڭ توزۇتۇپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلەرنى كۆردۇق . شۇئان توپ ئىچىدىن چۇقان كۆتۈرۈلدى : « يا ئۆلۈم – يا كۆرۈم ، تەييار بولۇڭلار . ئاۋۋال ئۇلار ئوق چىقارسۇن ، مەھەللە ئىچىگە كىرسۇن . بىز ئاندىن ئۇلارنى جايلايمىز » . بىز ئۆزئارا خەۋەر قىلىشىپ ، يىراق – يېقىندىكىلەرنىڭ ھەمىسى يېزا بازىرىغا توپلاندۇق . مىلتىقى بار ھېۋىۋۇل ، ئابدۇكېرىم ، نىيازقارى ئۈچ مەرگەن ئەششا ( ئەششا – قەدىمقى قوچۇ شەھىرىنىڭ قالدۇقى بولۇپ ، ئاستانە ۋە قاراغوجىنىڭ مەھەللىۋى تىلدا ئاتىلىشى . بەزى يازما يادىكارلىقلاردا بۇ يەر « ئىدىقۇت شەھىرى » ياكى « دەقيانۇس شەھىرى » دەپ ئاتىلىدۇ ) سېپىلىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى ؛ قالغانلىرىمىز تاياق – توقماقلىرىمىزنى ئېلىپ  كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىك ئارقىسىغا مۆكۈنۈپ تۇردۇق . ئەسكەرلەر ئاستانە بىلەن قاراغوجا ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ يول بىلەن ئاستانىگە شىمال تەرەپتىن مېڭىپ ئەششاغا كەلگەندە ، سېپىل ئۈستىدىكى مەرگەنلىرىمىز ئوق چىقىرىشقا باشلىدى . ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئاستانە خەلقى تەرەپ – تەرەپتىن چۇقان كۆتۈرۈپ ، تاياق – توقماقلىرىمىز بىلەن ئەسكەرلەرگە ھۇجۇم قىلدۇق . سېپىل ئۈستىدىكى ئۈچ مەرگەن ئەسكەرلەردىن يەتتىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندە ، ئەسكەرلەر ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى . گاڭگىراپ قالغان ئەسكەرلەر ئاتنىڭ ئۈستىدە يېتىۋېلىپ ، ئارقىسىغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ، ئاسمانغا ئوق ئېتىپ شەرق تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى . بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قاراغوجا خەلقى چىقىپ توستى . ئىككى يېزا خەلقىنىڭ قورشاۋىدا قالغان ئەسكەرلەر قاراغوجا يېزىسىنىڭ قەشقەرلىكلەر مەھەللىسىدىكى ئېتىزلىقنىڭ قىرىدا مۇداپىئەلىنىشكە باشلىدى . نەتىجىدە ، ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى شۇ يەردە جېنىدىن ئايرىلدى ، سايغا قوغلاپ چىقىرىلغان ئاز قىسمى ناھىيىگە قېچىپ كەتتى ، ئاستانە يېزىسىنىڭ بورىچىلار مەھەللىسىدىكى سايدا يوقاتتۇق . ئۇلارنىڭ مىلتىقلىرى ، ئۈچ ھارۋىدىكى ئوق – دورىلىرى ۋە خەلقنى جازالاش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن جادۇ كويزىلىرى خەلقنىڭ قولىغا چۈشتى . مەنمۇ شۇ كۈندىن باشلاپ بىر ئات ۋە بەش ئاتار مىلتىققا ئىگە بولدۇم .

3 . ماشىمىننىڭ سىلىڭ بولۇۋېلىشى
شۇ كۈنى كۈن ئولتۇراي دېگەندە ، ھەممىمىز سايدا دۈشمەنلەرنى تازىلاپ بولۇپ تۇرساق ، خەلق ئارىسىدا : قۇمۇلدىن خوجىنىياز ھاجى چىقماپتۇ ، ئۇنىڭ ئادەملىرى چىقىپتۇ ، دېگەن سۆز تارقالدى . ھەممەيلەن بىر - بىرىمىزگە قارىشىپ ھەيران بولدۇق . كېيىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئەھۋال مۇنداق ئىكەن : 1931 - يىلى قۇمۇل خەلقى خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدا جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن ، گەنسۇدىكى ما جوڭيىڭ قۇمۇلغا كېلىپ ، خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىرلىشىپ ، جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇشقان . ئەمما ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ، گەنسۇغا قايتىپ كەتكەن . خوجىنىياز ھاجى تۈزلەڭلىكتىن چېكىنىپ ، قۇمۇل تاغلىرىغا چىقىپ ، موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت خەلقىدىن ياردەم ئېلىپ ، جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشقان . ئارىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندە ، ما جوڭيىڭنىڭ فۇگىنى ما شىمىن خوجىنىياز ھاجىنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇرغان . مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ، تۇرسۇن ، تۆمۈر قاتارلىق 30 غا يېقىن ئادەم بىلەن بىللە ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمايلا ، ئارقا يول بىلەن پىچانغا كېلىپ « خوجىنىياز ھاجىنىڭ خېتى » دېگەن بىر پارچە يالغان خەتنى كۆتۈرۈۋېلىپ ، خەلقنى قوزغاپ ، 1932 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى پىچان ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان . جىن شۇرېن پىچاننىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، شۈن فايۈ دېگەن لۈيجاڭغا : قاتتىق تازىلا ! - دەپ بۇيرۇق بەرگەن . ئادەم ئۆلتۈرۈشتە جاللاتلىق بىلەن نام ئالغان شۈن فايۈ بۇيرۇقنى تاپشۇرىۋېلىش بىلەنلا ، چىگىچىڭزىدىن ئاق ئورۇسلار باشلىقى جاللات باپىنگوتنى ئېلىپ پىچانغا بېرىپ ، خەلقنى ئوققا تۇتقان ؛ مىڭلىغان ئادەمنى قىرىپ ، پىچاننى قانغا بويىغان . ماشىمىن ئۆزىنىڭ بىرقانچە ئادەم بىلەن پىچاندىن قېچىپ لۈكچۈنگە كەلگەنلىكىنى چاندۇرماي ، جىن شۇرېننىڭ لۈكچۈندە تۇرۇۋاتقان ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىقى خۇ يىڭجاڭنى قورال تاپشۇرۇشقا دەۋەت قىلغان . خۇ يىڭجاڭ قورال تاپشۇرۇشقا ئۇنىماي ، سېپىل ئىچىگە سولىنىۋالغاندىن كېيىن ، ماشىمىن گەنسۇغا كەتمەكچى بولۇپ ، لۈكچۈننىڭ جەنۇبىدىكى دىغا دېگەن يەرگە كەتكەن .
مەھمۇت مۇھىتى باشلىق تۆت - بەش كىشى لۈكچۈن ئەتراپىغا بېرىپ ، قۇمۇلدىن چىققان ماشىمىننىڭ يەنە گەنسۇغا كېتىش ئۈچۈن دىغاغا كەتكەنلىكىنى بىلىپ ، ئارقىغا قايتىپ ئاستانىغا كېىتىۋاتقاندا ، يول ئۈستىدە ئاستانىلىق سەيدۇل لوزۇڭ ، پەيزۇل جىسا دېگەن كىشىلەرگە ئۇچراشقان ، ئۇلاردىن : ئاستانە خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ بولدى ، خەلق ما لۇيجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشىۋاتىدۇ ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ، دەرھال شۇلار بىلەن دىغاغا بېرىپ ماشىمىنغا : خەلق قوزغىلىپ بوپتۇ سىز گەنسۇغا كەتمەڭ ، دېگەن . ماشىمىن پىچاندىكى قىرغىنچىلىقنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك ، ئۇ ، « كەتمىسەم بولمايدۇ » دەپ تۇرۇۋالغان . مەھمۇت مۇھىتى ئۇنىڭغا : سىز ھە دەپ تۇرۇپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ ، ئىشنى بىز قىلىمىز ، - دەپ يالۋۇرغاندىن كېيىن ، ماشىمىن ئەھۋالنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئاستانىغا ئادەم ئەۋەتكەن . ئۇ ئەدەم ئەھۋالنى بىلىپ كېلىپ ماشىمىنغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ، ماشىمىن ئاستانىغا بېرىپ ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن . شۇنىڭ بىلەن ، ماشىمىن رەسمى قوزغالغان خەلق ، يۈزلىگەن مىلتىق ، بىرقانچە ھارۋا ئوققا ئىگە بولغان . ئۇ يەنە ، تاياق - توقماق تۇتقان مىڭلىغان پىدائىيلارنىڭ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن كەتمەي تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، خەلقنىڭ كەيپىياتىنى چۈشىنىپ ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئالغان . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئۆزىنى « سىلىڭ » دەپ ئېلان قىلىپ ، مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئاستانىلىق نىياز شەرىپى ، سەمەت ھاجى ، قاراغوجىلىق ئىمىن باي ( ئىمىن كالا ) ، پولات ، مۇخپۇل خەلىپە ، ئوخۇن مۆمىن ، ياڭخېلىق ئىبراھىم دورغا ، مۇرتۇقلۇق ئىسكەندەر قاتارلىق كىشىلەرگە تۈەنجاڭ ، يىڭجاڭ ، ليەنجاڭلىق مەنسەپلىرىنى بەرگەن . ئۇلارنىڭ باشچىلىقىدا ئوتتەك يېنىپ تۇرغان مىڭلىغان قوزغىلاڭچىلار ئىككى كۈن ئىچىدە ، تۇرپان شەھىرىنىڭ سېپىلىغا چىقىدىغان ئۇزۇن شوتىلارنى ياساپ ، ئاتلىق ، ھارۋا ۋە ئىشەكلىرىنى تەييارلاپ (كۆپىنچىىسى پىيادە ) تاياق - توقماقلارنى ئېلىپ ، تۇرپان شەھەر ئىچىگە ھۇجۇم قىلىشقا ماڭدۇق . بېسىپ ئۆتكەن يېزىلاردىن بىزگە پىدائىيلار قوشۇلۇپ تۇرغاچقا ، سېپىمىز ئۇلغىيىپ باردى .
4 . قوزغالغان خەلقنىڭ تۇرپان يېڭىشەھەرنى ئىشغال قىلىۋېلىشى
تۇرپاندا بۇرۇندىن بىر يىڭ ئەسكەر تۇراتتى . كېيىنكى ۋاقىتتا جىن شۇرېن چۆچەكتىن ما فۇمىڭنى يۆتكەپ ئەكىلىپ ، بىر لۈي ئەسكەر تۇرغۇزىدىغان بولدى . بىز تۇرپان يېزىلىرىدىن ناھىيىگە ھۇجۇمغا ماڭغاندا ، ما فۇمىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بىر لىيەنى توقسۇندا ، قالغانلىرى ئاساسەن تۇرپان كونىشەھەردە تۇرىدىكەن ، ئۇنىڭ بىر ليەن ئەسكىرى ئاستانىغا ئەۋەتىلىپ تارمار بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئاستانىغا قايتا ئەسكەر ئەۋەتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، ئەسكەرلىرى بىلەن كونىشەھەردە قامىلىپ ياتقانكەن . ئۇ ۋاقىتلاردا تۇرپان كونىشەھەر ، يېڭىشەھەر دەپ ئىككىگە ئايرىلغان بولۇپ ، كونىشەھەر سېپىلىنىڭ ئىچىدە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ، ئىدارىلەر ، ھەربىيلەر ۋە خەنزۇ پۇقرالار يېڭىشەھەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ، كونىشەھەر سېپىلىنىڭ تېشىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلار ، ئاز ساندا خۇيزۇ پۇقرالار بار ئىدى . بىز ئاستانىدىن كەچقۇرۇن يولغا چىقىپ ، خەۋەرلەشكۈچىلەرنى ئالدىن ئەۋەتىپ ، ئاندىن تۈن قاراڭغۇسىدا يېڭىشەھەرنىڭ سېپىلى ئىچىگە جىمجىت كىرىۋالدۇق . بىز شەھەرگە كىرىشتىن ئىلگىرى ، يېڭىشەھەرنىڭ غەربىي ۋە شەرقىي دەرۋازىلىرىنى باقىدىغان ما فۇمىڭنىڭ بىر دۈي ئەسكىرى ئاللىقاچان كونىشەھەرگە قېچىپ كەتكەندى . شەھەر خەلقى بىرنى چەكسىز خوشاللىق بىلەن قارشى ئالدى . يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن ھەمدۇللا ئەلەم ، ھېسامىدىن زىپەر ، ئابدۇللا داموللا نەئىمى ، تۆمۈر جىسا ، سەيپۇل يىڭجاڭ ، ئابدۇمىنى ھاجى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، ئابدۇسەمى زىخۇي ، سايىم ئاخۇن ، يۈسۈپ رەئىس ، شېرىپ ھاجى قاتارلىق كىشىلەر قوزغىلاڭچىلارنى بىر ئېغىزدىن قوللىدى ۋە قوزغىلاڭغا ئۆزلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئاتلاندى ، شۇنداقلا شەھەر خەلقىنى قوزغىلاڭغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى . شۇنىڭ بىلەن شەھەر ۋە يېزىلاردىن كىشىلەر كېلىپ پىدائىيلىققا يېزىلغىلى تۇردى . ماشىمىننىڭ تەيىنلىنىشى بىلەن يېڭىدىن تۈەنجاڭ ، يىڭجاڭ ، لىيەنجاڭلىق مەنسەپ ئالغانلار ئۆز يېزىسىدىن پىدائىي بولغانلارغا باشلىق بولدى . بەزى پىدائىيلار مەن ++++  نىڭ قول ئاستىدا بولىمەن دەپ ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ قول ئاستىدا پىدائىي ئەسكەر بولدى .
كونىشەھەردىكى جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى بىزنىڭ يېڭىشەھەرنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن ، كونىشەھەر دەرۋازىسىدىن چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، بەلكى شەھەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دەرۋازىلىرىنى ئىچىدىن خش بىلەن قىرلاپ ئېتىۋەتتى . ئۇلارنىڭ دەرۋازا تېشىغا چىقماي يېتىۋېلىشى ئۈرۈمچىدىن ياردەم كېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ يېتىشى ئىدى . ئۇلارنىڭ سېپىل ئىچىدىن چىقماي يېتىۋېلىشى بىزنىڭ كۈچ توپلاپ بىزنىڭ كۈچ توپلاپ كونىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى پۇختىلىشىمىزغا ياخشى پۇرسەت بولدى . يېزىلاردىكى خەلقلەر يېڭىشەھەرگە توسالغۇسىز كىرىپ - چىقىپ ، ئىختىيارى پىدائىي بولدى ۋە شەھەرنى ئوزۇق - تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ تۇردى . بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش تەييەرلىقىمىزنى كۈچەيتىۋالدۇق . دەل شۇ ۋاقىتتا ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ چوڭ ئاكىسى مۇسۇلباي مۇھىتى ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا چۈشۈپ مۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى : « بىر ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى جىن شۇرېننىڭ 800 ئەسكىرى تۇرپان قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن يولغا چىقىپ كەتكەن . بىز ئادەتتە ئادەم ماڭالمايدىغان ئۆگسەندىكى ئوغرى يول ( چىغىر يول ) بىلەن كەلدۇق . جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى ئەتە كىدىككە يېتىپ كېلىشى مۇمكىن » . بۇ خەۋەر بىلەن تەڭ يەنە « گۇچۇڭدىن نۇرغۇن ئەسكەر تۇرپانغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ ، ھازىر ئۇلار يوغانتېرەك دېگەن يەردىن ئۆتتى » دېگەن خەۋەرمۇ يېتىپ كەلدى .
جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى ئۈرۈمچى ۋە گۈچۈڭ تەرەپلەردىن تۇرپان قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ دېگەن شۇم خەۋەر تۇرپان ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى . خەلق بىر تەرەپتىن قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىنىڭ دۇشمەنگە قارشى تۇرۇشتا قانداق چارە - تەدبىرلەرنى بەلگىلەپ چىققانلىقىنى ئاڭلاشقا تەشنا بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆيلىرى شەھەر ئىچىدىن سېپىل تېشىغا كۆچۈرۈش تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى . ماشىمىن ، مەھمۇت مۇھىتى ، مەخسۇت مۇھىتى ، مۇسۇل مۇھىتى ، ھەمدۇل ئەلەم باشلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى تۇرپانغا يېقىن كېلىپ قالغان دۈشمەنگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ، دۈشمەننى قانداق تارمار قىلىش ھەققىدە ھەمدۇللا ئەلەمنىڭ ھويلىسىدا بىر كېچە مۇزاكىرە قىلىشتى . چۈنكى ، بۇ ھويلىنى ماشىمىن سىلىڭبۇ شىتابى قىلىۋالغاندى . مەن مۇزاكىرە بولۇۋاتقان ئۆيدە كىرىپ چىقىپ تۇرغان مۇزاكىرە قاتناشچىلىرىدىن نىمە گەپ - سۆز بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتاتتىم .
ماشىمىن مۇزاكىرىدە دەسلەپ ئوچۇق پىكىر بايان قىلماي ، باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان . مەھمۇت مۇھىتى قىسقىغىنە قىلىپ : « ھازىر بىزنىڭ بىر سائەت ۋاقتىمىز بىر جىڭ ئالتۇندىنمۇ قىممەت . دۈشمەنگە قارشى تۇرىمىزمۇ - تۇرمايمىزمۇ دېگەن مەسىلە مەۋجۈت ئەمەس . دۈشمەنگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز . بۇ جەھەتتە ھەممەيلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىمىز كېرەك . ھازىر كېچە كۈندۇز دېمەي ، شەھەر ئىچى ۋە شەھەر تېشىدىكى ئاھالىگە ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ ، خەلقنى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرۇشىمىز كېرەك » دېگەن . ھەمدۇللا ئەلەم ۋە باشقىلار مەھمۇت مۇھىتىنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ ، ئۇنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلىگەن . ئاندىن ماشىمىن پىكىر بايان قىلىپ : خەلقنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرمەي بولمايدۇ . بۇ - ياخشى پىكىر . لېكىن ، ھازىر دۈشمەن شەھەرگە يېقىنلىشىپ قالغان ۋەزىيەتتە ، بىز شەھەرگە سولۇنۇپ تۇرۇپ دۈشمەنگە قارشى تۇرىمىز دېگەندىن كۆرە ، شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ ، دۈشمەن شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ پارتىزان ئۇرۇشى قىلساق ئۇتۇقلۇق بولىدۇ ، دېگەن . ئاخۇن تۈەنجاڭ ئىسىملىك خۇيزۇ ماشىمىننىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلىگەن . بەزىلەر ئارىسالدا بولۇپ ، « ماشىمىننىڭ پىكرىنى ئويلاپ باقايلى » دېيىشكەن . مەھمۇت مۇھىتى يەنە دەرھال سۆز قىلىپ : كېلىۋاتقان دۈشمەننىڭ ئالدىنى توسماي ، شەھەرنى ئۇلارغا تاشلاپ بېرىش خەلقنىڭ ئىنقىلابىي ئوتىغا سۇ سەپكەنلىك بولىدۇ ، شۇنداقلا دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇرغانلىق بولىدۇ » دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرغان . كۆپچىلىك مەھمۇت مۇھىتىنىڭ پىكرىگە قوشۇلغانلىقتىن ، ماشىمىنمۇ ئاخىرى مۇشۇ پىكىرگە قوشۇلغان .
مۇزاكىرە نەتىجىسى مۇنداق بولغان . ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇرپان يېڭىشەھەرنى ساقلاشقا قالدۇرۇپ ، كۈچىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى گۈچۈڭدىن كېلىۋاتقان جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلىشقا قارىتىش . شۇنداق قىلىپ ، تۇرپان كونىشەھەردىكى جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى گۈچۈڭ ۋە ئۈرۈمچىدىن ياردەمگە ئەسكەر كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولغىچە ، ئۇلارنى ئالدىن تارمار قىلىش ئۇرۇشىغا ئاتلاندۇق .

5 . گۇچۇڭدىن كەلگەن دۈشمەنلەرنى چېكىندۈرۈپ ، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن دۈشمەنلەرنى تارمار قىلىش
ئەتىسى ئۈرۈمچى بىلەن كونىشەھەرگە كۈزەتچى قويۇپ گۈچۈڭدىن كېلىۋاتقان 700 دۈشمەننى توسۇشقا ئاتلاندۇق . ئۇلار پىيادە ئەسكەرلەر ئىكەن . بىز ئۇلار بىلەن شاپتۇللۇقتا ئۇچراشتۇق ، جەڭ باشلاندى . بىر كۈن ئۇرۇشقان بولساقمۇ ئۇ 700 ئەسكەرنىڭ قوراللىرى خىل بولغاچقا ، بىزگە توختىماي ئېتىلىۋاتقان پىلىموت ئوقلىرى بىزنىڭ ئالغا بېسىشىمىزغىلا ئەمەس ، ھەتتا باش چىقىرىشىمىزغىمۇ ئىمكانىيەت بەرمىدى . ئۇلارنى تۈپتۈز سايدا توسۇۋېلىش ئىمكانىيىتىمىز تېخىمۇ يوق ئىدى . ئاخىرى ئۆلگەنلىرىمىز ئۆلۈپ ، قالغانلىرىمىز ، ئۇدۇل تۇرپان يېڭىشەھەرگە كېلىپ سولاندۇق .
ماشىمىن بۇ مەغلۇبىيەتنى ئاڭلاپلا گەنسۇغا قېچىشقا تەييارلىنىپتۇ . بۇ خەۋەر بىردەمدىلا قۇلاقتىن – قۇلاققا ئاڭلىنىپ ، ھەممىزنى قوقۇنچ باستى . باشلىقلار باشقا يەرگە قاچا ، بىز نەگە بارىمىز دەپ ئەندىشىگە چۈشتۇق . كۈن ېېرىمى بولدى . ھەممىمىز سېپىل ئۈستىدە دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇق . دەل شۇ چاغدا ئۈرۈمچى يولىدىن ئىككى ئادەم كېلىپ بىزگە : بىز شاپتۇللۇقتىكى ئۇرۇشتىن قايتىپ كەچ قېلىپ ، ھېرىپ كەتكەچكە ، ئۈرۈمچى يولى ئۈستىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدە ياتقانتۇق . بىردەمدىلا ئەتراپىمىزنى چېرىكلەر قاپلاپ كەتتى . ئاتلىرىمىزنىمۇ ئالماي ، تاملاردىن ئارتىلىپ قېچپ ، ئۇدۇل بۇ يەرگە كېلىۋالدۇق . ئۇ چېرىكلەر شەھەرگە يېقىن كېلىپ قالدى ، دېدى . دېمەك ، گۇچۇڭدىن 700 ئەسكەر كەلگەن ، ئۈرۈمچىدىن 800 ئەسكەر كېلىۋېتىپتۇ ، ئۇلار بىر ئازدىن كېيىن يېڭىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ . يەنە مىڭلىغان ئەسكەرلەر كونىشەھەر ئىچىدىن چىقىپ ھۇجۇم قىلسا ، بۇ قارا كۈچلەرنىڭ بىز تۇرپان خەلقىنى قىرىپ تاشلىشى كۆز بىلەن قاشنىڭ ئارىلىقىدىكى ئىش بولۇپ قالغاندى . بۇ كۈن 1933 – يىلى 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئىدى . ماشىمىن ئۆزى سىلىڭبۇ قىلىۋاتقان ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ : مەن قەتئىي گەنسۇغا كېتىمەن ! دېدى – دە ، شەھەرنى تاشلاپ قېچىش ئۈچۈن ئېتىنى توقۇپ تەييارلاندى . مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ھەمدۇللا ئەلەم ئاخۇنۇم ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نارازى بولۇپ ، ئۇنى بۇ يولدىن توستى ۋە ئۇنىڭغا يالۋۇردى : « ئەگەر ئامما ئىچىگە ‹ باشلىقلار قېچىپتۇ ، دېگەن خەۋەر تارقالسا ، ئامما ئىچىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىدۇ ، غەيرەت بوشايدۇ . سىزغۇ گەنسۇغا كېتەرسىز ، بىز تۇرپان خەلقى نەگە بارىمىز ؟ بىز بۇ ئۇرۇشتا ئۆلۈپ تۈگىسەك تۈگەيمىزكى ھەرگىزمۇ قاچمايمىز . سىز بىر ئادەم ، نەگە كېتىمەن دېسىڭىز كېتەلەيسىز . بىزدە ‹ سەۋەپ قىلساڭ زاۋال يوق ، قىلالمىساڭ ئامال يوق › دەيدىغان ماقال بار . سەۋەب قىلىپ باقايلى ، ئالدىراپ كەتمەيلى . ھازىر شەھەرنى تاشلاپ قېچىشقا تېخى بالدۇر . بىز ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ باقايلى . » مۇشۇ گەپلەر بىلەن تاڭمۇ ئاتتى . مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ھەمدۇللا ئەلەم يەنە بىر تەرەپتىن ماشىمىنغا ئانچە ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ « ئىشنى ئۆزىمىز باشلىدۇق ، ئەمدى ئۆزىمىز باشقا ئېلىپ چىقماي بولمىدى » دېيىشىپ ، ھەر ئىككەيلەن بېلىگە ئاق باغلاپ سېپىل ئۈستىگە چىقىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ، ئامىغا مەدەت بەردى . بەلنى مەھكەم باغلاڭلار ، ئۇرۇشتا ئۆلسەك – شېھىت ، قالساق – غازى . بىز ئۈچۈن ھەر يەردە خۇدا ھازىر ۋە نازىر ، خۇدا بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغاي ، قورقماڭلار . قورققاننى ئەجەل قوغلايدۇ . ئامىن ! – دەپ دۇئا قىلدى . ئەگەر دۈشمەننى يېڭەلمىسەك قىرىلىپ تۈگەيدىغانلىقىمىزنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە بىزگە دۇنيا قاراڭغۇلاشقاندەك تۇيۇلاتتى . شۇڭا ، بىز پىدائىيلارمۇ ئۇيان ئويلىنىپ ، بۇيان ئويلىنىپ ، ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم ، قېرىغىمۇ بىر ئۆلۈم . ياشاش ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورققان بىلەن بولمايدۇ – دېيىشىپ غەيرەتكە كەلدۇق . مىلتىقلىرىمىزنى سۈرتۈپ ، ئۇرۇشقا تەييارلاندۇق .دۈشمەن ئوقىنىڭ ئارقىمىزدىن تەگمەي ، ئالدىمىزدىن تېگىشىنى خۇدادىن تىلىدۇق .
تاڭ يورۇ – يورۇمايلا ، ئۈرۈمچى تەرەپتىن كەلگەن بىر ئاپتوموبىل يېڭىشەھەرنىڭ تېخى ئېچىلمىغان غەربىي دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختىدى . بىز ئۇنىڭ خاتا كېلىپ قالغانلىقىنى پەملەپ ، دەرھال دەرۋازىنى ئېچىپ بەردۇق . ئاپتوموبىل شەھەرگە كىرىشى بىلەنلا ، دەرۋازىنى ئېتىۋېلىپ ، ئاپتوموبىلنى ئوتتۇرىغا ئالدۇق . ئاپتوموبىلدىكى بەش – ئالتە جىن شۇرېن ئوفىتسېرى ھاڭ – تاڭ بولۇشۇپ ، ئاپتوموبىلدىن چۈشتى . بىز دەرھال ئۇلارنىڭ يان قوراللىرىنى ئېلىۋېلىپ ، ئۇلارنى ماشىمىن بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ تاپشۇرۇپ بەردۇق . بىر ئازدىن كېيىن بىز سېپىل ئۈستىدە تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدىن كېلىۋاتقان جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىكەنلىكىنى ، ئۇلار ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرپان يېڭىشەھەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ئۇقماي شەھەر ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق . ئۇلارنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى ئاقتۇرسا ، ئۇنىڭ ئىچىدىن جىن شۇرېننىڭ تۇرپاندىكى ھەربىيلەرگە ئەۋەتكەن بۇيرۇقى چىقىپتۇ . بۇيرۇقتا : تۇرپاندىكى قوزغىلاڭ قىلغانلارنىڭ يەتتە يېشىدىن 70 يېشىغىچە ھەممىسىنىڭ جادۇدا توغراڭلار ، دەپ جادۇ چۈشەردىم دېيىلگەن . ماشىمىن باشقىلارغا ئوقۇپ بەرگەن بۇ بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ، قاتتىق چۆچۈدۇق . شۇنىڭ بىلەن ، دۈشمەنگە بولغان غەزەپ – نەپرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى . ئەمدى بىز دۈشمەننى تۈگەتمىسەك ، دۈشمەن بىزنى تۈگىتىدىكەن . بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى يوق ئوخشايدۇ ، دېگەن يەرگە كەلدۇق . ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان ئەسكەرلەرمۇ ھېلىقى باشلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىن يېڭىشەھەرنىڭ غەربىي دەرۋازىسىغا يېتىپ كەلدى . ئۇرۇش باشلاندى . ماشىمىن سىلىڭبۇ ھويلىسىدا خەۋەر كۈتۈپ تۇراتتى . مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ھەمدۇللا ئەلەم يەر شارائىتىنى بىلىدىغان مەرگەنلەرنى تاللاپ ، ئۇلارغا دۇئا قىلىپ ، ئۇلارنى دەرۋازىنىڭ سىرتىدا ئۇرۇش قىلىشقا چىقاردى . شۇنىڭ بىلەن بىللە مەھەللە مەسچىتلىرىگە ۋە يېزىلارغا ئۇرۇشقا ئاتلىنىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلدى . پۈتۈن شەھەر ۋە يېزا خەلقى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلدى . ئىككى تەرەپتىن ھە دەپ ئوق ئېتىلماقتا . سېپىل ئۈستىدىكى ۋە پەستىكىلەرنىڭ ھەممىسى مەرگەنلەرنىڭ ئوق چىقىرىشىغا ماسلىشىپ چوقان كۆتۇردى . نۆۋەت بىلەن سېپىلنىڭ تېشىغا چىقىش كۆپەيدى . بىر نەچچە سائەتكە قالماي جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى چېكىنىشكە باشلىدى . ئۇلار چېكىنگەن ھامان . شەھەر ئىچىدىكى خەلق شەھەر دەرۋازىزىسىدىن بوراندەك ئېتىلىپ چىقتى . شەھەر تېشىدىكى خەلقمۇ بىزگە ماسلىشىپ جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىنى خۇددى چاشقاننى قوغلىغاندەكلا ئېتىزمۇ – ئېتىز سۈرۈپ قوغلاپ ماڭدى . دۈشمەنلەر قاچقاندا مىلتىقلىرى ئېغىر كەلدى بولغاي ، مىلتىقلىرىنى تاشلاپ سالتاڭ قېچىشقا باشلىدى . نۇرغۇنلىغان ئامما ھېچنىمىگە قارىماي ، جېنىنىڭ بارىچە دۈشمەننى قوغلاپ كېتىۋاتسا ، بەزىلەر ئالدىرىماي مېڭىپ ، يەردە ياتقان مىلتىقلارنى تېرىش بىلەن ئاۋارە ئىدى . بۇنى كۆرگەن باتۇرلارنىڭ بىرسى : ئاغىنىلەر ، يەردىكى مىلتىقلارنى قويۇپ تۇرۇڭلار ، ئۇ ھېچيەرگە كەتمەيدۇ . ئاۋۋال دۈشمەننى قوغلاپ ماڭايلى ، - دەپ توۋلىدى . شۇ چاغدا بر دېھقاننىڭ ئېشىكىنىڭ ئالدىغا ئولجا ئالغان بەش ئاتار مىلتىقتىن ئۈچنى ئارتىۋالغانلىقى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ . شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا چۈشكەن جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى چاقماق تېزلىكىدە تارمار بولدى . كېيىن ئاڭلىشىمىزچە ، بۇ 800 ئەسكەرنىڭ 20 نەچچىسى ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرىنى چىقىرىپ مىنگەن پېتى ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېتىپتۇ ، قالغانلىرى ئۇرۇشتا ئۆلۈپتۇ ياكى ھەر تەرەپكە پىتىراپ تۈگەپتۇ . شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قوراللاردىن باشقا ، 40 ھارۋىغا يېقىن ئوق ۋە باشقا سايمانلار ئولجا ئېلىندى . دېمەك ، بىر تەرەپتىن كەلگەن ئاپەت تۈگىتىلدى .لېكىن گۈچۈڭ تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئاپەتتىن تېخى خەۋەر يوق ئىدى . شۇنداق بولسىمۇ ، بۇ قېتىمقى غەلىبىدىن كېيىن روھىمىز كۆتۈرۈلۈپ پەلەككە يەتتى ، نۇرغۇن قورال ۋە ئوق دورىغا ئىگە بولدۇق . بۇ خوشاللىق ئىچىدە گۇچۇڭدىن دۈشمەن كېلىۋاتقانلىقىنى مەنسىتمىگەن كەيپىياتتا ئۇنتۇلۇپ قالغاندۇق . ئەتىسى گۇچۇڭ يولىدىن خەۋەر ئالساق ، گۇچۇڭدىن تۇرپانغا كېلىۋاتقان 700 دەك ئەسكەر « تۇرپان قولدىن كېتىپتۇ » دېگەننى ئاڭلاپ ، يوغانتېرەك ئارقىلىق گۈچۈڭغا قايتىپ كېتىپتۇ .
« پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا ، ئۇرۇشتىن كېيىن باتۇر تولا » دېگەندەك ، ماشىمىن بۇ غەلىبىنى كۆرۈپ ، ئېتىنىڭ ئىگىرىنى يەرگە ئالدۇرۇپ ، قايتىدىن سىلىڭلىق قىلىشقا باشلىدى . ئۇ : ئۇرۇشتا ئولجا ئالغان قوراللارنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىپتۇ ، ئۇلار مىلتىق – ئوقلارنى سىلىڭبۇغا ئەكىلىپ تىزىملاتسۇن ، تىزىملىغاندىن كېيىن يەنە ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىمىز – دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى . مەھمۇت مۇھىتى باشلىق يۇرت كاتتىلىرى ماشىمىننىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ، ئولجا ئالغان قوراللارنى سىلىڭبۇغا ئەكىلىپ تىزىملىتىشنى تەشۋىق قىلدى ۋە پىدائىيلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى . ئەمما پىدائىيلار ئولجا ئالغان قورال – ياراقلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئەكەلگەندە ، ماشىمىن ئۇلارنى يىغېۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىدى ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئۆزى يېڭىشەھەردىن چىقماي تۇرۇپ مەھمۇت مۇھىتى باشلىق يۇرت كاتتىلىرىغا كونىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى .
6 . تۇرپان كونىشەھەرنىڭ تەسلىم بولۇشى
مەھمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدا كونىشەھەرنى قورشىۋېلىپ ئۇرۇش قىلدۇق . بۇ ئۇرۇش كونىشەھەرنىڭ غەربىي دەرۋازىسى يېنىدا ( ھازىرقى تەمىنات – سودا مەركىزى سېلىنغان يەردە ) تازا قاتتىق بولدى . پىدائىيلار سېپىلغا شوتا قويۇپ ، سېپىل ئۈستىگە چىقىشقا ھەرىكەتلەنگەن بولساقمۇ ، سېپىل ئۈستىدىن يامغۇردەك تۆكۈلىۋاتقان ئوق سېپىل ئۈستىگە چىقىشىمىزغا يول بەرمەيتتى . ئۇنىڭدىن كېيىنكى چارە دەرۋازىغا ئوت قويۇش ئىدى . لېكىن بۇ ئىشمۇ ئاسانغا چۇشمەيتتى . چۈنكى ، بىرىنچىدىن ، خەندەكنىڭ تېشىدىن دەرۋازا تۈۋىگىچە بولغان ئارىلىق 150 مېتىردىن ئارتۇقراق ئوچۇقچىلىق بولۇپ ، سېپىل ئۈستىدىن ئېتىلىۋاتقان يامغۇردەك ئوقلار ئارىسىدىن ئۆتۈپ دەرۋازىغا يېقىنلىشىش ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرنىڭ غەربىي دەرۋازىسىدىن يېڭىشەھەردىن كېلىدىغان يولغا ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل بولمىغاچقا ، خەندەكتىن ئۆتۈپ يەنە بىر ئاز يۈگۈرۈپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى ؛ غەربىي دەرۋازا دەپ ئاتالغان بۇ خەندەك دەرۋازىسى شەھەرنىڭ غەربىدە بولغان بىلەن ، شەھەرنىڭ رەسمىي چوڭ دەرۋازىسى غەربىي جەنۇبتا ئىدى . ئەگەر بۇ دەرۋازىنىڭ يېنىغا بارالىسىلا دالدا بولغۇدەك يېرى بار ئېدى – دە تەمتىرىمەي خالىغانچە ئوت قويۇشقا بولاتتى . ئىككىنچىدىن ، شەھەر دەرۋازىسى يالاڭ قەۋەت دەرۋاز ئەمەس ، قوش قەۋەت دەرۋازا بولۇپ ، تاشقى دەرۋازىنىڭ كۆيدۈرۈلىشى كۇپايە قىلمايتتى ، مۇشۇنداق بىر قاتار قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ ، دەرۋازىغا ئوت قويۇشقا بارىدىغان پىدائىيلار مەيدانغا سەكرەپ چۈشتى . بۇ پىدائىيلار كىرسىن تۇڭلىرىنى كۆتۈرۈپ دەرۋازىغا قاراپ يۈگۈرگەندە ، قالغانلىرىمىز دەرۋازىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كونا ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدىن ۋە قالقان تۆشۈكلىرىدىن سېپىل ئۈستىگە قارىتىپ ئوق ئېتىپ تۇردۇق .
بىرنەچچە قېتىم تەكرار ھۇجۇم قىلىشلاردىن كېيىن ، بىر نەچچە كىشىمىز چىقىم بولغان بولسىمۇ ، ئاخىرى پىدائىيلاردىن تېتىرلىق مەڭلىك باقىنىڭ ئوغلى ئابدۇللا دەرۋازىغا يېقىن بېرىپ ، كىرسىننى دەرۋازىغا چېچىپ ئوت قويدى . بىراق ئوت ئازىراق كۆيگەندىن كېيىن ، سېپىل ئۈستىدىكى دۈشمەنلەر ئوتنى سۇ چېچىپ ئۆچۈرىۋالدى . شۇنداقتىمۇ ئۇلار سۈر باسقان كۆڭلىنى تىنجىتالماي ، تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ، سېپىل ئۈستىدىن ئاق بايراق چىقاردى . شۇنىڭ بىلەن ئوق ئېتىش توختىدى . ئاخۇن تۈەنجاڭ دېگەن خۇيزۇ سېپىل ئۈستىدىكى دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىپ ، شوتا بىلەن سېپىل ئۈستىگە سۆھبەتلىشىشكە چىقىپ كەتتى . بۇ كونىشەھەرگە ھۇجۇم قىلغاننىڭ ئىككىنچى كۈنى يەنى 1933 – يىلى 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئىدى . ئەتىسى ئەتىگەندە ، ئوق چىقارماي يېڭىشەھەرگە چىقىپ كېتىشىمىزگە بۇيرۇق بېرىلدى . دېمەك ، دۈشمەنلەر تەسلىم بوپتۇ ، قوراللىرىنى تاپشۇرىدىكەن ، بىز كونىشەھەر ئىچىگە كىرمەيدىغان بوپتىمىز . تەسلىم بولغۇچىلار شەھەر ئىچىدىن چىقماي ياتىدىغان بوپتۇ .
تەسلىم بولغانلارنىڭ قورال – ياراقلىرى ماشىمىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن يېڭىشەھەرگە يۆتكەپ ئېلىندى . بۇ چاغدا كىشىلەر ئارىسىدا : بۇ – ماشىمىننىڭ نېمەن قىلغىنى ، ئۆدەكنىڭ گۆشىنى يەپ غازنىڭ پېيىدا بولغاندەك ، ئۆتكەندىمۇ دۈشمەندىن غەنىمەت ئالغان قوراللارنى تىزىمغا ئېلىش باھانىسى بىلەن تېزدىن يىغىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمەي ، يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغانلارغا تارقىتىپ بەردى ، ئەمدى يەنە بىزگە قورال يېتىشمەيۋاتسا ، كونىشەھەردە تەسلىم بولغانلارنىڭ قورالىنى يېڭىشەھەرگە توشۇتۇپ بېسىۋالدى . ئەگەر قورال كېرەك بولسا دۈشمەن بىلەن ئۆزلىرى ئۇرۇشۇپ ئالسۇن ،دېگەندەك غۇلغۇلا پەيدا بولدى . بۇنى ئاڭلىغان مەھمۇت مۇھىتى ئاممىغا : ئىش ئۆملۈكتە ، كۈچ بىرلىكتە . بۇنداق گەپلەرنى قىلمىغان ياخشى . دۈشمەن تېخى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ . بىز بىر – بىرىمىزدىن مىلتىق تالىشىپ ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرساق ، دۈشمەن پايدىلىنىپ كېتىدۇ ، - دەپ تەسەللىي بەردى . بىرمۇنچە كىشىلەر بۇنى ئاڭلاپ : مەھمۇت مۇھىتى راست ئېيتىدۇ . ماشىمىنمۇ مۇسۇلمانغۇ . دۈشمەن تۈگىگەندە بىر گەپ بولار ، ھازىرچە گەپ قىلماي تۇرايلى دېيىشتى . يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۈستىمىزگە دۇشمەننىڭ بېسىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۆزئارا جىدەللىشىشكە ئىمكانىيەت بەرمىدى . ماشىمىن كونىشەھەردىكى قوراللارنى يېڭىشەھەرگە توشۇۋاتقاندا ، ئاستانىدىن ( ناھىيىنىڭ 30 كىلومېتىر شەرقىدە ) : ئورۇس ئەسكەرلىرى يۇرتىمىزنى بېسىپ كەتتى ، تېزدىن ياردەم كەلسۇن ، - دېگەن خەۋەر كەلدى .
  7 . ئاق ئورۇسلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى
ئاستانىنى ئورۇس ئەسكەرلىرى بېسىپ كەتتى دېگەن خەۋەر كېلىشى بىلەنلا ، مەھمۇت مۇھىتى تۇرپان بازىرىدا ئۇرۇش قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىنى چاقىرتىۋېلىپ ، ئاستانىغا يولغا سالدى . ئاستانە ، قاراغوجا ، ياڭخې ، سىڭگىم ۋە مۇرتۇقلاردىن مىڭلىغان ئادەم يېرىم – ياتا قوراللانغان بولسىمۇ ، ھەممىسى تۇرپان بازىرىغا توپلانغاندى . ئۇ چاغدا ھەممەيلەننىڭ دىققىتى ئۈرۈمچى ۋە گۈچۈڭ تەرەپلەردىن كېلىدىغان دۈشمەنلەرگە ، شۇنىڭدەك تۇرپان كونىشەھەر ئىچىدىكى دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە مەركەزلىشىپ ، پىچان تەرەپتىن كېلىدىغان دۈشمەن ئەسكەرلىرىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈنمىگەندى . بۇ خەۋەر ئاممىغا چوڭ خوشاللىقتىن كېيىن يەنە بىر بالايى – ئاپەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلدۇردى . چۈنكى ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئاتا – ئانا ۋە بالا – چاقىلىرى ئاستانىدا قالغاندى . پىچاندا بولغان قىرغىنچىلىق كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلەنگەچكە ، ھەممەيلەن دېگۈدەك ئاستانىغا بېرىشنى بەس – بەس بىلەن تالاشتى . 50 كە يېقىن كىشى تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ ، بىرىنچى تۈركۈم بولۇپ ئاتلىق يولغا چىقتۇق . بىز جىن شۇرېننىڭ ئۈرۈمچىدىن چۈشكەن 800 ئەسكىرىنى تارمار قىلىپ نۇرغۇن قورال – ياراققا ئىگە بولغان ۋە تۇرپان كونىشەھەردىكى ئەسكەرلەرنى تەسلىم قىلىپ 1500 تال مىلتىق ، 300 ئات ، چوڭ – كىچىك ئىككى ئاپتوموبىل ۋە باشقا قوراللارنى ئولجا ئالغان بولساقمۇ ، ئۇرۇشقا رەسمى قاتناشقان يەنە خېلى جىق كىشىلىرىمىزنىڭ ئات ياكى مىلتىقى يوق ئىدى . مىلتىقى بارلارنىڭ ئوقى يوق بولۇپ ، بەزىدە بىر مىلتىقنىڭ تۈۋىگە بىرقانچە ئادەم توپلىشىپ قالاتتۇق . بىز ئاستانىغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا ، ماشىمىن بەردى دەپ ، 24 مىلتىقنى ئارىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرگە تارقىتىپ بەردى . كېيىن ئۇقساق ، مەھمۇت مۇھىتى ئۇنىڭغا : « بىز دۈشمەننىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول بارىمىزمۇ ؟ » دېگەندىن كېيىن ، ماشىمىن ئاران تەسلىكتە بىر ئاز ئوق بىلەن ئاشۇ مىلتىقلارنى بېرىپتۇ .
بىز بۇ بۇيرۇقنى ئالغاندىن كېيىنلا ، بىر – بىرىمىزگە قارىماي ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ئاستانىغا قاراپ ماڭدۇق . ئاستانىغا بارغاندىن كېيىن ، ئىشنىڭ تېگىنى بىلدۇق : ئەسلىدە قۇمۇلغا قاراپ كېتىۋېتىپ ، ئارقىغا قايتىپ پىچان خەلقىنى قىرغان جاللات لۈيجاڭ سۇن فايۇ بىلەن ئاق ئورۇس بابىنگوتنىڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان خەلقىنى قىرىشقا كەلگەن بولۇپ ، يولدا ئۇچرىغان كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن . ئۇلار ئاستانە يېزىسىنىڭ شەرق تەرىپىدىن يىڭتۇر مەھەللىسىگە يېقىنلاشقاندا ، خەلقلەر تاياق توقماق بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان ، مېچۇل ، ئابدۇكېرىم ، ئۆلىمەت مەزىننىڭ ئوغلى نىياز قارى دېگەن مەرگەنلەر تۇرپان بازىرىغا بارماي ، ئۈچ تال مىلتىق بىلەن ئاستاندا قېپقالغاندى . ئۇلار مىلتىقلىرى بىلەن ئاممىنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ، دۈشمەنلەرنى توسقان ،لېكىن ، دۈشمەنلەرنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا ( تەخمىنەن بىر تۈەن ) ، يېىڭتۇر يىڭتۇر مەھەللىسىگە كىرىپ سېپىل ئۈستىن ئىگەللىۋاپتۇ ( بۇ سېپىل « ئىدىقۇت » دەۋرىدىكى ئۇيغۇر خانلىرى ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئاستانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان ، كېيىن « تەيزاڭ » دەپ ئاتالغان ئىبادەتخانىغا بارىدىغان يول ئىدى ) . ئۈچ مەرگەن يېزىنىڭ شارائىتىنى ياخشى بىلگەنلىكتىن ، دۈشمەننىڭ ھېلى ئوڭ تەرىپىدىن چىقسا ، ھېلى سول تەرىپىدىن چىقىپ ، ھېلى ئالدىغا ئۆتۈۋالسا ، ھېلى كەينىدە قېلىپ ، ئۆزلىرىنى دۈشمەنگە كۆپ ئادەم قىلىپ كۆرسىتىپ ، دۈشمەننى بىر سوتكا توسۇپ تۇرۇپتۇ . قورالسىز خەلقنىڭ بىر قىسمى يېڭتۇر مەھەللىسىنىڭ ئاغزىدىكى مەدرىسە ئالدىغا توپلىنىپ ، چوقان – سۈرەن كۆتۈرۈپ ، قۇرۇق قول ھەيۋە قىپتۇ ؛ يەنە بىر قىسمى تېمى ئىگىز ھويلىلارغا توپلىنىپ ، دۈشمەن كەلگەندە ئۆگزىگە چىقىپ تاش بىلەن بولسىمۇ ئۇرۇشقا تەييارلىنىپتۇ ؛ يەنە بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەر ئەلفەتتاخان غوجام مازىرىغا كىرىپ ، قوزغىلاڭنىڭ غەلىبە قىلىشىنى خۇدادىن تىلەپ قۇرئان ئوقۇپ ، دۇئا قىلىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ . پەرسا قىزى ئوغلى ئىبراھىم قاتارلىق بەزى تەجرىبىسى بار كىشىلەر ئاق ئورۇسلارنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان ھارۋىلاردا ئوق بارلىقىنى بىلىپ ئۇلارنىڭ يولىغا ئۆستەڭ سۈيىنى قويۇۋېتىپتۇ . گەرچە قىش پەسلى بولسىمۇ ، سۇ دەرھال مۇز تۇتۇپ كەتمەي ، يولغا ئېقىپ چىقىپ ، پاتقاق پەيدا قىلىپتۇ . ھارۋىلار پاتقاققا پېتىپ قېلىپ ، زادىلا ماڭالماپتۇ . بىز ئاستانىغا يېتىپ بېرىپلا ئۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتۇق ، بىزگە ھەر تەرەپتىن ئارقىمۇ – ئارقا ياردەم كېلىشكە باشلىدى ، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن كوچىلارغا چىقىشقا باشلىدى . بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن مەھمۇت مۇھىتى يېتىپ كەلدى ، دۈشمەنلەر بىزنىڭ تۇرپان بازىرىدىن كېلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ تۇراتتى . بىر كۈن قاتتىق ئۇرۇش بولغاندىن كېيىن ، ئورۇسلار يېرىم كېچىدە جىم – جىملا يوقاپ كەتتى . ئەتىسى مەلۇم بولۇشىچە ، ئۇلار ئاستانىدىن قارا غوجىنىڭ يالقۇنتاغقا يېقىن باداملىق دېگەن يېرىگە چېكىنىپ ئورۇنلىشىۋاپتۇ . بىزمۇ دەرھال ئاستانە ۋە قاراغوجا ئاممىسى بىلەن بىللە ئاتلىنىپ ، ئورۇسلارنى تۆت تەرەپتىن قورشىۋالدۇق . بۇ 1933 – يىلى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئىدى . لېكىن ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەپلىك بىرلا جەنۇپ تەرەپنى ھېساپقا ئالمىغاندا ، قالغان ئۈچ تەرەپ تۈپتۈز ساي بولۇپ ، ئۇلارغا يېقىن بارغىلى بولمايتتى . بىز ئورۇسلار بىلەن ئۇرۇشىۋېتىپ ، مەخسۇت مۇھىتىنىڭ پىكرى بويىچە ، ئۇلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ ، ئۇلارنى قورال تاپشۇرۇشقا دەۋەت قىلدۇق . شۇ چاغلاردا سىڭگىم يېزىسىدا پاختا تېرىشنى تەجرىبە قىلىۋاتقان پالتاۋسكى ئىسىملىك بىر ئورۇس بار ئىدى . ئۇ ، خەلق قوزغىلىڭى مەزگىلىدە خەلق بىلەن بىللە يۈرۈپ قوزغىلاڭغا ھېسداشلىق قىلغاچقا ، ئۇنىڭغىمۇ بىر تال قىسقا مىلتىق بېرىلگەن . مەخسۇت مۇھىتى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى شۇ ئورۇسنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى .
كېيىن مەلۇم بولۇشىچە ، مەھمۇت مۇھىتى ئۇنىڭغا : « سىز بېرىپ ئورۇس ئەسكەرلەرگە دەڭ ، ئۇلار دەرھال قورال تاپشۇرسۇن ، بىز ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە تەگمەيمىز ، ھاياتىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىمىز ، قەيەردە تۇرۇشنى خالىسا ، شۇ يەردە تۇرسا بولىدۇ . بىز ئۇلارنى تۇرمۇشقا لازىملىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەيمىز . بىز جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ ، ئۈرۈمچىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ، ئۇلارنى چۆچەك ، غۇلجىلاردىكى ئائىلىرىگە ياخشىلاپ يولغا سېلىپ قويىمىز » دەپ تاپىلىغانكەن . پالتاۋسكى بېرىپ ئورۇس ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن ، ئۇلار بىزگە ئۈچ ئادىمىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى . ئۇلار كېلىپ مەخسۇت مۇھىتى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قارىغوجىدىن ئاستانىغا ئېلىپ كەلدۇق . بۇ كۆرۈشۈشتە مەھمۇت مۇھىتىمۇ بىللە بولدى . مەخسۇت مۇھىتىنىڭ نامى ئورۇسلارغا بەك تونۇش ئىدى . چۈنكى ، مەخسۇت مۇھىتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان بولۇپ ، چۆچەكتە ئۇنىڭ ئۆي جايلىرى بار ئىدى . ئۇ ، موسكىۋاغا بارسا چۆچەك ئارقىلىق باراتتى . چۆچەكتە تۇرغان ئورۇسلار بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغاچقا ، ئۇلار مەخسۇت مۇھىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلغان . ئۇلار مەخسۇت مۇھىتىغا مۇنداق دېگەن : « سىلەر بىزنى قورال تاپشۇرۇڭلار دەپسىلەر ، بىز روسىيىدىن كېلىپ ، جوڭگو پۇقراسى بولۇپ ، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە بويسۇنىۋاتىمىز . يۇرت كىمنىڭ بولسا ، بىز شۇنىڭ پۇقراسى ، سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ئاخىرنەگە بېرىپ توختايدۇ ، بۇنى كىم بىلىدۇ ؟ ئۆزىمىزگە كەلسەك بىز سىلەرگە ئوق ئاتماي ، چەتتە قاراپ تۇرساق ، قانداق دەيسىلەر ؟ ئەگەر ئۇنداق قىلماي قوراللارنى سىلەرگە تاپشۇرىۋەتسەك ، سىلەرنىڭ ئىشىڭلار بىر باشقا چىقماي قالسا ، جىن شۇرېن بىزنىڭ كاللىمىزنى ئالىدۇ . » ئۇلار شۇنداق دىسىمۇ ، لېكىن بىر قىسىم قوراللارنى تاپشۇرۇپ ، قالغىنىنى ئويلاپ كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، قايتىپ كېتىپتۇ . يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ئورۇسلارنىڭ ئەلچىلىرى مەخسۇت مۇھىتىدىن : « تۇڭگانلارنىڭ بىزگە دەخلى – تەرۈز قىلمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالامسىلەر ؟ » دەپ سورىغانكەن ، مەخسۇت مۇھىتى بۇنىڭغا ئېنىق بىرنەرسە دېيەلمەپتۇ . ئۇلار قايتىپ كېتىپ ئەتىسى ئورۇس ئەسكەرلىرى ئارىسىدىكى ئورۇس مىللىتىدىن بولمىغان 38 ئەسكەرنى قاراغوجىدىكى يۇقۇرقى باداملىق مەسچىتى ئالدىدا قورال ۋە ئاتلىرى بىلەن بىز تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەردى . ماشىمىن بولسا ، تۇرپان بازىرىدا تۇرۇپ : 38 ئادەم قوراللىرى بىلەن سىلىڭبۇغا تاپشۇرۇلسۇن ، - دەپ بۇيرۇق بېرىپ ئۇلارنى تۇرپان بازىرىغا ئېلىپ كەتتى .
ئورۇسلار بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا ئىككى كۈن ئوق ئېتىلماي ، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندى . بىز « ئورۇسلار ئەمدى بىز بىلەن ئۇرۇش قىلماي ، قورالنى تاپشۇرۇپ بېرەر » دەپ خام خىيال قىلىپ ، بىپەرۋالىق بىلەن خاتىرجەم ئۇخلىغان ئىكەنمىز . ئەمما ئۈچىنچى كۈنى ئۇلارنىڭ تامامەن پىچانغا چېكىنىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى . پىچاندىن قوزغىلاڭچى خەلقنى باستۇرۇشقا كەلگەن بۇ ئورۇس ئەسكەرلىرى ئاستانىدا بىر نەچچە كۈن توسۇلۇپ يېتىپلا ، يەنە نىمىشكە توساتتىن پىچانغا چېكىنىدۇ ؟ كېيىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئەھۋال مۇنداق ئىكەن :
ئۈرۇمچىدىن جىن شۇرېن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن تۇرپان خەلقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ، ئۈرۈمچىدىن 800 ئەسكەرنى تۇرپانغا يولغا سېلىش بىلەن تەڭ ، گۇچۇڭ ۋە پىچاندىكى قوشۇنلىرىغا تۇرپان خەلقىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بەرگەن ، بۇ قوشۇنلار تۇرپانغا ئەسلىدە تەرەپ – تەرەپتىن بىرلا ۋاقىتتا يېتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما بىز قوزغىلاڭچىلار گۇچۇڭدىن ئەسكەر قېلىۋاتقانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ ، ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇيمىز دەپ توسۇپ بولالماي ، تۇرپان شەھىرىگە قايتساق ، ئۇلار « تۇرپان قولدىن كېتىپتۇ » دەپ چۈشىنىپ ، گۇچۇڭغا قايتىپ كەتكەن . دەل شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئەسكەرلەر ئۇدۇل تۇرپان يېڭىشەھەرگە كىرىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ ، بىر كۈن ئۇرۇشۇپلا تارمار بولغىچە بولغان ئارىلىقتا ، تۇرپان كونىشەھەردىكى مافۇمىن لۈيجاڭ ھېچنەرسىدىن خەۋەرسىز ئادەمدەك سېپىل ئىچىگە سولۇنۇپ ياتقان . بىز كونىشەھەرگە ھۇجۇم قىلغان ئىككى كۈن ئىىچىدە يەنى مافۇمىن قوراللىرىنى تاپشۇرىۋاتقان چاغدا ، شۈن فايۇ لۈيجاڭ پىچاندىن ئەسكەرلىرىنى باشلاپ تۇرپانغا كېلىۋېتىپ ، تۇرپان بازىرىغا 30 كېلومېتىر كېلىدىغان ئاستانىغا كەلگەندە ، ئەسكەرلىرىگە : « سىلەر يۇرت ئىچىدىكى ھارۋا يولى بىلەن مېڭىڭلار دەپ » بۇيرۇق بېرىپ ، ئۆزى بىر نەچچە ئەسكەر باشلىقلىرى بىلەن كىچىك ئاپتوموبىلدا سايدىكى تۈزلەڭ ئارقىلىق تۇرپان بازىرىغا ماڭغان . ئو ، ئوننەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ سەيلەنگەر دېگەن يەرگە بارغاندا . ئوۋ ئوۋلاپ يۈرگەن ئىككى ئۇيغۇر مەرگەننىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالغان . مەرگەنلەر دەرھال ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ ، ئاپتوموبىل يېقىن كەلگەندە ، ئاپتوموبىلنىڭ چاقىنى قارىغا ئېلىپ ئېتىپ ، چاقنىڭ كامىرىنى تېشىۋەتكەن . ئاپتوموبىل ماڭالماي توختاپ قالغاندىن كېيىن ، ئاپتوموبىل ئىچىدىن شۈن فايۈ باشلىق ئالتە كىشى قولىنى كۆتۈرۈپ چۈشكەن . مەرگەنلەر ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ ئاپتوموبىلغا ئوت قويۇۋېتىپ ، ئۇلارنى تۇرپان بازىرىغا پىيادە ھەيدەپ بارغان . خەلق ئاممسىى ئۇلارنىڭ پىچان خەلقىنى قىرغان جاللات شۈن فايۈ ۋە ئۇنىڭ يالاقچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، ئۇلارنى كوچا ئايلاندۇرۇپ ، ئاندىن مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن . شۈن فايۈنىڭ ئەسكەرلىرى بولسا ، تۇرپان بازىرىغا كەتكەن باشلىقلىرىدىن خەۋەر ئالالماي ، بىز بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋاقتىنى قەستەن ئۇزارتىپ ، تىڭ تىڭلاپ باققان . شۇنىڭدىمۇ ھېچبىر خەۋەر ئالامىغاندىن كېيىن « تۇرپان قولدىن كېتىپتۇ » دېگەن پەرەز بىلەن ئارقىسىغا قايتىپ كەتكەنكەن .
يىغىپ ئېيتقاندا ، جىن شۇرېننىڭ تۇرپانغا ئۈچ تەرەپتىن كېلىدىغان ھەربىي قوشۇنى بىرلا ۋاقىتتا كېلىپ بىرلىشەلمىدى . چۈنكى ، ئۇ چاغلاردا قاتناش شارائىتى ناچار ، خەۋەرلىشىش سايمانلىرى يوق ئىدى . ئەگەر بەختىمىزگە قارشى ، 4000 ئەسكەر تۇرپانغا بىرلا ۋاقىتتا كەلگەن بولسا ، تۇرپان ئوت دېڭىزىغا ئايلانغان بولاتتى . خەلق پىدائىيلىرى ئۆلۈمدىن قورقمىغانلىقتىن ، بىز ئاخىرى غەلىبىگە ئېرىشتۇق .

ئەركەم تورى
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
1-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-19 23:22
8 . پىچانغا ھۇجۇم
1933 – يىلى 1 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىدى . ئاق ئورۇسلار قاراغوجا يېزىسىدىن پىچانغا چېكىنگەندىن كېيىن  بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن پىچانغا قاراپ ماڭدۇق . خەلق ئاممىسى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ « پىيادە كىشىلەر قېپقالسۇن » دېگىنىگە ئۇنىماي ، ئاتلىق ۋە ئىشەكلىك كىشىلەردىن باشقا ، يۇرت – يۇرتتىن كەلگەن پىيادە كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى . بىز ئاۋۋال لۈكچۈنگە باردۇق . لۈكچۈن سېپىلى بار شەھەر بولۇپ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاڭ ئوردىسى بار ئىدى . ئوردىنىڭ ئەتراپىغا ۋاڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئائىلىلىرى جايلاشقان . بىز لۈكچۈنگە بارساق ، ئاق ئورۇسلار لۈكچۈندە تۇرۇشلۇق خۇيىڭجاڭنى ئەسكەرلىرى بىلەن پىچانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ ( لۈكچۈن پىچان ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر رايون بولسىمۇ ، ئۇ يەردە بىر ئەسكەر تۇراتتى ، پىچاننىڭ ناھىيە بازىرىدا شۈن تۈەنجاڭنىڭ بىر تۈەن ئەسكىرى تۇراتتى ) .
مەھمۇت مۇھىتى لۈكچۈنگە يېتىپ بېرىش بىلەنلا ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن نىياز پەرسا ھاجى ( سەنخۇچىڭ نىياز دەپمۇ ئاتىلاتتى ) ، ئەخمەت نىياز ھاجى ، شېرىپ بەگ ، ئولىتىپ خان ، ئىمىن ئاخۇن ، باتۇر ئاكا ، قاسىم دورغا ( لەمجىنلىك ) ، قاسىم ھاجى ( سۇبېشىلىق ) ، سۇلايمان ئاخۇن قاتارلىق كىشىلەر بىزنى قارشى ئېلىپ ، ئۇرۇشقا ئاتلاندى ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ، بىز بىلەن بىللە پىچانغا قاراپ ماڭدى . ئىنقىلاب ئوتى ئۇلغىيىش بىلەن ، ۋاڭ ئەۋلادلىرىدىن مەمەت سىيتۋاڭ ، ئىسكەندەر ۋاڭلارمۇ قوزغىلاڭغا قاتناشتى . بەشى ۋاڭ ئەۋلادلىرى خەلقنىڭ قوزغىلاڭ قىلغانلىقىنى ياقتۇرمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئاممىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتىگە ئاشكارا قارشى چىقالمىدى ؛ كۆرۈنۈشتە قارشى ئالغاندەك قىلسىمۇ ، كۆڭلىدە قىزغىنلىق يوق ئىدى .
قوزغىلاڭ باشلانغاندىن تارتىپ ، قوزغىلاڭچىلار تەمىناتىنىڭ مۇقىم مەنبەسى بولمىغاچقا ، ھەركىم ئۆزىنىڭ يەيدىغىنى ۋە ئات – بوغۇزىنى ئۆزى تەييارلەپ ئېلىۋالاتتى ياكى بىرەر يۇرتقا بارساق ھۆكۈمەت ساڭلىرىدىكى ئاشلىقلارنى يېمەكلىك ۋە مال بوغۇزى قىلاتتۇق . شۇنداق بولسىمۇ ، قول – ئىلكىدە بار ھاللىق كىشىلەر قاراپ تۇرماي ، قوزغىلاڭچىلارنى بەشتىن – ئوندىن بۆلىۋېلىپ ، بىر نەچچە كۈن باقاتتى ۋە ئات ئېشەكلىرىگىمىزگە يەم – بوغۇز بېرەتتى . لۈكچۈندىمۇ شۇنداق بولدى . لېكىن ، بەزى ۋاڭ ئەۋلادلىرى جىم يېتىۋالدى . بىر كۈنى مەھمۇت مۇھىتى ماڭا : سىلەر ئون كىشى گۇڭ غوجا ( بەھرەم گۇڭ ) نىڭ ھويلىسىغا كىرىپ يېتىڭلار ، سىلەرنى شۇ باقسۇن ! گەپ قىلمىساق ، بۇ مۇتىھەملەر ساڭغا ئاشلىقنى بېسىۋېلىپ ئۈن چىقارماي يۈرىۋاتىدۇ ، - دېدى . بىز ئون كىشى مەھمۇت مۇھىتىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر بەن بولۇپ ، مەن بەنجاڭ ئىدىم . بىز بىر بەن ئادەم ئاتلىرىمىزنى يېتىلەپ بەھرەم گۇڭنىڭ ھويلىسىغا كىرسەك ، بەھرەم گۇڭ ھويلىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يالاڭباش ، زوڭزىيىپ ئولتۇرغانكەن . ئۇ ، بىزگە قاراپمۇ قويماي ، غۇدۇڭشىغان پېتى : بۇ خەقلەر قوزغىلاڭ قىلدۇق دەپ مىلتىق ئېتىپ ، بىزنىڭ تايغان يوقىلىپ كېتىپتۇ . ئەمدى شىكارغا چىقساق قانداق قىلىغۇلۇق ، - دېدى . ئۇ ، ئۇرۇشتا قىرىلىپ كېتىۋاتقان كىشىلەرگە ئېچىنماي ، بەلكى تايغىنىنىڭ يوقىلىپ كەتكىنىگە ئېچىنىپ ، بېشىغا تاغ ئۆرۈلگەندەك ئولتۇراتتى .
بىز بىرنەچچە كۈندىن كېيىن لۈكچۈندىن پىچانغا باردۇق . ئاق ئورۇسلار بىلەن شۈن فايۈنىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرىدىن مىڭغا يېقىن ئەسكەر سېپىل ئىىچىگە سولىنىپ يېتىپتۇ . بىز سېپىلنى قورشاپ ھۇجۇم قىلدۇق . جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى ھېلى سېپىل سىرتىغا چىقىپ ، ھېلى سېپىل ئىچىگە كىرىۋېلىپ ، بىز بىلەن ھەرە تاتىشقاندەك ئون نەچچە كۈن ئۇرۇشتى . بۇ ئۇرۇشتا دۈشمەن تەرەپكە قارىغاندا بىزدىن چىقىم كۆپ بولدى . چۈنكى ، بىزدە مىلتىق يېتەرلىك ئەمەس ئىدى ؛ بار مىلتىقلارمۇ بىر ئاتار ، توققۇز ئاتار قاتارلىق قارا مىلتىقلار ئىدى . مىلتىقى يوق نۇرغۇن كىشىلەر قىلىچ ئورغاق تاياق – توقماقلار بىلەن قوراللانغاندى ، تۇرپاندىكى ئۇرۇشتا دۈشمەندىن غەنىمەت ئېلىنغان بەش ئاتار مىلتىقلار ماشىمىننىڭ ئىسكىلاتىدا بېسىلىپ ياتاتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، بىزدىكى قوراللار دۈشمەننىڭ سېپىل ئىچىدىن قىلغان ھۇجۇمىنى توسۇشقا دېگەندەك ئەسقاتمىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئون نەچچە كۈن ئۇرۇش قىلىپمۇ سېپىل ئىىچىگە بۆسۈپ كىرەلمىدۇق . ئەكسىنچە ، دۈشمەن پىلىموتىدا نۇرغۇن كىشىلىرىمىز قىرىلىپ كەتتى . يەنە بىر ئېچىنارلىق ئىش شۇ ئىدىكى ، قوزغىلاڭ باشلانغاندىن تارتىپ ، ئۇرۇشتا يارىدار بولغانلارنىڭ يارىسىنى داۋالاپ ساقايتىدىغان دوختۇرلىرىمىز يوق ئىدى . ئەگەر يېنىكرەك يارىلانساق ، يارىلىرىمىزنى ئۆزىمىز قول ياغلىقلىرىمىز ياكى لاتىلار بىلەن تېڭىپ قوياتتۇق ؛ ئەگەر ئېغىر يارىلىنىپ ، قان كۆپرەك ئېقىپ كىتىدىغان بولسا ، ئۇلاقلىرىمىزنىڭ توقۇمىنى كېسىپ ، ئۇنىڭ كىگىزىنى كۆيدۈرۈپ قاننى توختىتاتتۇق . ئۇ چاغلاردا دېزىنفىكسىيە قىلىدىغان ، مىكروپ تازىلايدىغان ئىش نەدە بولسۇن . تەلىيىمىز كېلىپ ، يەيدىغان رىسقىمىز تۇگىمىگەن بولسا ، ساقىياتتۇق ؛ بولمىسا ئۆلۈپ كېتەتتۇق . ئۆزى ئامال قىلالمىغۇدەك ئېغىر يارىدار بولغانلارنى يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ بېرەتتۇق . دېھقانلار بۇ يارىدارلارنى يوشۇرۇپ قويۇپ خەۋەر ئالاتتى . ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى « يۇيۇپ تاراشنىڭ ھاجىتى يوق ، شېھىت بولدى ، پاكىز » دەپ ، دەپنە قىلىۋېرەتتۇق . قولىمىزغا ئالالمىغان جەسەتلەر دۈشمەننىڭ قولىدا قالاتتى – دە ، دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ، يۇرتلار ئارا سازايى قىلىپ ، ئاندىن كوچىغا ئېسىپ قوياتتى . مەھمۇت مۇھىتى ماشىمىنغا ئۇرۇشتا مىلتىق يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ، ئوقلار تۈگەپ كېتىۋاتقانلىقىنى قايتا – قايتا مەلۈم قىلغاندىن كېيىنلا ، ماشىمىن تۇرپان بازىرىدىن ئوتتۇرا ياشلىق بىر خۇيزۇ ئوفىتسېرنى 50 كې يېقىن ئەسكەر بىلەن ياردەمگە ئەۋەتتى . ماشىمىن ئۆزى تۇرپاندا ئەسكەر ئېلىش ، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ( تىزىمغا ئېلىپ بولۇپ قايتۇرىمىز ) دەپ يىغېۋالغان قوراللار ۋە كونىشەھەردىكى جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى تەسلىم بولغاندا تاپشۇرغان قوراللارنى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بېرىش ، ئۇلارنى ھەربىي مەشق قىلدۇرۇپ ، ئۆز كۈچىنى ئۇلغايتىش ۋە مۇستەھكەملەش بىلەن مەشغۇل ئىدى .
تۇرپان خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن جىن شۇرېن قۇمۇل تاغلىرىدا خوجا نىياز ھاجى قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان شېڭ شىسەيگە قۇمۇلنى تاشلاپ قويۇپ ، تۇرپانغا كېلىپ تۇرپان خەلقىنى باستۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق بەرگەن . 4000 ئەسكىرى بىلەن قۇمۇلنىڭ تاراتى ئېغىزىدىن بارىكۆل ئارقىلىق پىچانغا كەلدى . ئۇلارنىڭ قورال – ياراقلىرى تولۇق ۋە كۆپ خىل بولۇپ ، زەمبىرەكلىرى ، ھەتتا بىرونىۋىك ماشىنىلىرىمۇ بار ئىدى . ئەمما ئۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش قوراللىرى مۇكەممەل بولمىغاچقا ، ئۇلار پىچانغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى پىچاندىكى جىن شۇرېن قوشۇنى بىلەن ئالاقىلىشەلمىگەنلىكتىن « پىچاندا ھېچ ئىش يوق » دەپ پەرەز قىلىپ  ، ئوق دورىلىرىنى بىرمۇنچە تۆگىگە ئارتىپ ئالدىدا ماڭدۇرۇپ  پىچانغا تەرەپ – تەرەپتىن باستۇرۇپ كەپتۇ ، ئۇلار پىچان ناھىيە بازىرىغا كەلگەندە بىزگە ئۇچرىشىپ قالدى . بىز ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا بۇ ئوق دورىلارنى قولغا چۈشىرىۋالدۇق . بىراق بۇ ئوق دورىلارنى قانداق قىلىش توغرىسىدا مەھمۇت مۇھىتى بىلەن مالۈيجاڭ ئوتتۇرىسىدا خېلى تالاش – تارتىش بولدى . مەھمۇت مۇھىتى : بۇ ئوق دورىلارنى دەرھال ئارقا سېپىمىزگە ماڭغۇزىۋېتەيلى ، دېسە ؛ مالۈيجاڭ : ئۇلارنى تۆگىدىن چۈشۈرۈپ ، ئۆزىڭىز تۇرۋاتقان ھويلىنىڭ ئۆگزىسىگە بېسىپ قويايلى ، دەپ تۇرۇۋالدى . مەھمۇت مۇھىتى « بۇ ، دۈشمەننىڭ ئالدى كۆرۈنىشى ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كۆپ ئەسكەرلەر بېسىپ كېلىشى مۇمكىن . ئەگەر بىز بەرداشلىق بېرەلمەي قالساق ، ئوق دورىلار قايتىدىن دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كېتىپ قالىدۇ » ، دەپ پەرەز قىلىپ ، ئوق دورىلارنى ئارقا سەپكە ماڭغۇزىۋېتىشتە چىڭ تۇردى . دېمىسىمۇ ، بېسىپ كېلىۋاتقان دۈشمەننىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ۋە نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايتتى . مالۈيجاڭ بولسا : دۈشمەن قانچە كۆپ بولسىمۇ بىز ئۆگزىلەردە تۇرۇپ ئۇلارنى يېقىن كەلتۈرمەيمىز ، ئۇلارنىڭ بېسىپ كېلىپ بىزدىن بۇ ئوق دورىلارنى تارتىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس دەيتتى . مەھمۇت مۇھىتى ئاخىرى بۇ ئوق دورىلارنى پىدائىيلارغا تارقىتىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلدى . لېكىن ، مالۈيجاڭ : ئوق دورىلارنى قالايمىقان تارقىتىۋېتىشكە بولمايدۇ ، - دپ تۇرۇۋالدى . ئاخىرى يەنىلا مالۈيجاڭنىڭ پىكرى بويىچە ئوق دورىلار ھويلىنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈرۈلدى . پىدائىيلار ئاڭلاپ ھەيران بولدى . ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتمەيلا ، چۈمۈلىدەك يامراپ كەلگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئەتراپنى قاپلاپ كەتتى . بىز ئۇلارنى زادى توساپ بولالمىدۇق . ئوق دورىلار شۇ پېتى ئۆگزىدە قېپقالدى ، بىز ساندۇق ئوقنىمۇ ئالماي ، ھەممىنى تاشلاپ چېكىندۇق .

9 . پىچاندىن تۇرپانغا چېكىنىش
شېڭشىسەي 4000 ئەسكىرى بىلەن قۇمۇلدىن چىقىپ پىچانغا كەلگىچە ۋە پىچانغا كەلگەندىن كېيىن ، بىرونىۋىك ماشىنىلىرى ۋە زەمبىرەك ، پىلىموتلىرىنى ئىشقا سېلىپ قوزغىلاڭچى خەلقنى قان دەرياسىغا پاتۇردى .
لېكىن ، ئۇنىڭدىن قورقۇپ قالمىدۇق . پىچاندا يېڭىلگەن بولساقمۇ  ، تۇرپانغا قايتىپ بارغىچە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوماندانلىقىدا بىرقانچە يەردە دۈشمەننى توساپ ئۇرۇشتۇق . ھەر قېتىمقى ئۇرۇشتا يېڭىلگەن بولساقمۇ « يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ » دېگەندەك ، بەك يىراققا چېكىنىپ كەتمەي ، ئۇرۇشۇپلا تۇردۇق . مەسىلەن ، شېڭ شىسەي پىچاندا تۆت – بەش كۈن دەم ئېلىپ ، ئەسكەرلىرىنى رەتكە سالغاندىن كېيىن ئىلگىرىدىن پىچاندا تۇرۇۋاتقان شۈن فايۈ ئەسكەرلىرىنى يەنە پىچاندا قالدۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ 4000 ئەسكىرىگە ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىدىن 500 نى قوشۇپ ، 4500 ئەسكەر ۋە زامانىۋى قوراللار بىلەن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇشقا يولغا چىققاندى . بىزمۇ شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرى يېتىپ كەلگىچە ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە لەمجىندە دۈشمەنگە قارشى بەزى تەييارلىقلارنى قىلىپ تۇردۇق ؛ دۈشمەننىڭ بىرونىۋىك ماشىنىسى ماڭىدىغان يولغا بىرقانچە ئورا كولاپ ، ئۈستىنى يېپىپ قويدۇق ، ئۆزىمىزگە مۇداپىئەلىنىدىغان ئورۇنلارنى تەييارلىدۇق . شېڭ شىسەي پىچانغا كەلگەننىڭ 6 – كۈنى توپ زەمبىرەكلەرنى ئېتىپ ، لەمجىنگە يېتىپ كەلدى . شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرى چوڭ يول بىلەن شەرق تەرەپتىن غەربكە كېلىۋاتاتتى ؛ ئورۇس ئەسكەرلەر خاندۇ تەرەپتىن يەنى شىمال تەرەپتىن ئايلىنىپ چۈشتى . بىزنىڭ بىر قىسمىمىز چوڭ يولنىڭ جەنۇب تەرىپىدە يەنى يالقۇنتاغ باغرىدا مۇداپىئە كۆرسە يەنە بىر قىسمىمىز پاختا زاۋۇتىنى بازا قىلىپ ئورۇن تۇتتۇق . شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننى توسۇپ ئۇرۇشتۇق .
توقۇنۇش باشلىنىپ بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن  ئۈرۈمچىدىن قوش قاناتلىق بىر ئايروپىلان كېلىپ ، ئۇرۇش مەيدانى ئۈستىدە ئايلاندى . ھەممەيلەن توپلىشىپ تۇرغان يەردىن تارقىلىپ ، ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالدۇق . لېكىن بەزىلەر قورقماڭلار بومبا تاشلايدىغان بولسا تاشلاپ باقسۇن ، ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قاغىنىڭ پوقى كىمنىڭ بېشىغا چۈشۈپتۇ ، دېيىشىپ نادانلىق بىلەن ئاسمانغا قاراپ تۇرۇشتى . يەنە بەزىلەر ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرىمىز دەپ ، ئۇنى قارىغا ئېلىپ ئوق چىقاردى . چۈنكى ، مۇتلەق كۆپچىلىكىمىزنىڭ ئايروپىلاننى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشىمىز ئىدى . ئايروپىلان ئۇرۇش مەيدانىنى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ ، ئىككى يەرگە بومبا تاشلاپ ، ئۈرۈمچى تەرەپكە قايتىپ كەتتى . ئۇلار تاشلىغان بومبىدا ھېچقانداق چىقىم بولمىدى . كېيىن مەلۇم بولىشىچە ، 1933 – يىلى 6 –ئايدا ، خوجا نىياز ھاجى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار شېڭ شىسەينىڭ ۋەكىللىرى بىلەن فۇكاڭ ناھىيىسىنىڭ تاغ ئېتىكىدىكى قىزىل خۇرجا دېگەن يېرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ، بىر خەنزۇ كىشى : بىز لەمجىنگە ئايروپىلان ئەۋەتكەندە بومبىنى مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا تاشلىماي ، بىكار يەرلەرگە تاشلاپ قايتىپ كەلگەن . ئەگەر خەلقنىڭ بېشىغا تاشلايدىغان بولسا ، نۇرغۇن ئادەم قىرىلىپ كەتكەن بولاتتى ، - دەپ سۆز قىستۇرغاندى . بۇ كىشى شۇ ئايروپىلان دۈيىنىڭ دۈيجاڭى لى شۆتيەن ئىكەن . بىز لەمجىندە دۈشمەن بىلەن بىر كېچە – كۈندۈز ئۇرۇش قىلدۇق . چۈشتىن كېيىن دۈشمەننىڭ بىرونىۋىك ماشىنىلىرى بىز كولىغان ئورەكلەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتتى . دۈشمەننىڭ زەمبىرەكلىرى بىزنىڭ تۈزلەڭدە تۇرۇۋېرىشىمىزگە ئىمكانىيەت بەرمىدى . بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز يالقۇنتاغنىڭ شىمالىنى بويلاپ غەرپكە چېكىندى ؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەر پاختا زاۋۇتىغا كىرىۋېلىپ شۇ يەردە مۇداپىئەلەندۇق . شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئاق ئورۇسلار بىزنى قورشىۋالدى . كۈندۈزدىكى ئېلىشىشتا بىزنىڭ بىرمۇنچە ئادەملىرىمىز قۇربان بولدى ، قالغانلىرىمىز كېچىسى قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ ، لەمجىندىن چېكىنىپ ، سىڭگىم ئېغىزىغا كېلىپ ، مۇداپىئە تەييارلىقىنى كۆردۇق . ئەتىسى دۈشمەن چوڭ يول بىلەن بىز تەرەپكە كەلدى . ئۇلارنىڭ بىر قىسمى سىڭگىمنىڭ ساققا تەرىپىگە بۆلۈنۈپ ، يەنە بىر قىسمى مۇرتۇقنىڭ بېزەكلىك تەرىپىگە بۆلۈنۈپ ، ئوتتۇرىدىكى ئات باغلاش ئورنى – غوجام دېگەن تۆپىلىككە زەمبىرەكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، زەمبىرەكلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن يالقۇنتاغنىڭ شىمال تەرىپى بىلەن تاغقا ئۆمىلەپ چىقىشقا باشلىدى . بىز بۇ ئىگىز تاغنىڭ ئۈستىگە ئاللىقاچان چىقىپ جايلىشىۋالغان بولغاچقا ، دۈشمەننى ئالغا باستۇرماي ، توسۇپ تۇردۇق . دەل شۇ پەيتتە ئاق ئورۇس ئەسكەرلەر سېڭگىم يېزىسىنىڭ ساققا مەھەللىسىدىن ئارقىغا قايتىپ ، سۇ بېشى دېگەن يەرگە بېرىپ ، ئاندىن يالقۇنتاغنىڭ شىمالىدىن جەنۇب تەرەپتىكى تويۇق يېزىسىغا چۈشۈپ ، بىزنىڭ ئارقا تەرىپىمىزدىن ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى . بىز ئامالسىزلىقتىن يالقۇنتاغدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدۇق . ئاخىر ، تۇرپاننىڭ ناھىيە بازىرىغا قايتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش قارارىغا كەلدۇق .

10 . تۇرپاننى تاشلاپ چىقىش
يالقۇنتاغدىن چېكىنگەندىن كېيىن ، ئەتىسى يالقۇنتاغنى كېسىپ ئۆتۈپ  سىڭگىم ئېغىزى ئارقىلىق ناھىيە بازىرىغا قاراپ يولغا چىقتۇق ( سىڭگىم ئېغىزى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى 30 كىلومېتىر كېلەتتى ) . شېڭ شىسەي قوشۇنى بۇ ئارىلىقتا ئۇچرىغانلا ئادەمنى ياش – قېرى ، ئەر – ئايال دېمەي ئېتىپ – چېپىپ ماڭغان . مەھمۇت مۇھىتى ۋە ھەمدۇللا ئەلەم باشچىلىقىدىكى خەلق پىدائىيلىرى قانچىلىك كۈچى بارلىقىدىن قەتئىينەزەر ، قىلچە ئىككىلەنمەي ، دۈشمەننى تۇرپان بازىرىغا ھەرگىز كىرگۈزمەيمىز دېگەن ئىرادە بىلەن ، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي مۇنار ئەتراپىدىكى قاڭقا مەھەللىسىدىن تارتىپ باغرى ۋە بۇيلۇققا قەدەر سەپ تۈزۈپ تۇردۇق . دۈشمەنلەر كەلدى ئۇرۇش باشلاندى . لېكىن ، رەسمىي تەشكىللەنمىگەن ۋە ھەربىي تەلىم – تەربىيە كۆرمىگەن پىدائىيلار شۇنچە ناچار قوراللار بىلەن دۈشمەننى توسۇش يولىدا جان بېرىۋاتسا ، ماشىمىننىڭ خېلى ھەربىي تەلىم – تەربىيە كۆرگەن ئەسكەرلىرى بىرەر سائەت ئۇرۇش قىلا – قىلمايلا ، سەپنى قويۇپ بېرىپ ، ياخشى ئات ، ياخشى مىلتىق ۋە يېتەرلىك ئوقلار بىلەن تۇرپان بازىرىغا كىرمەي ، ئۇدۇل توقسۇنغا قاراپ قېچىشتى . بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پىدائىيلاردىمۇ تەۋرىنىش بولدى . نەتىجىدە ، تۇرپان بازىرىدىكى خەلق پىدائىيلىرىنىڭ ئۈلگۈرەلىگەنلىرى تاغ – چۆللەرگە قاراپ قاچتى . ئۈلگۈرەلمىگەنلىرى شېڭ شىسەينىڭ زەمبىرەك ئوقلىرى ئاستىدا قالدى .
شۇنىڭدىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار بىلەن ماشىمىن قوشۇنى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىققا دەز كەتتى . قوزغىلاڭ باشلانغاندىن تارتىپ بىر نەچچە ئايغىچە بولغان جەرياندا ، پىدائيلار ماشىمىننىڭ ئادالەتسىزلىك قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا غۇلغۇلا قىلىشىپ كەلگەندۇق . مەھمۇت مۇھىتى بولسا ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ، نارازى بولغۇچىلارغا « چوڭ دۈشمەن ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ ، بىز يەنىلا ئىتتىپاق بولايلى » دپ نەسىھەت قىلىپ كەلگەندى . ماشىمىننىڭ بۇ قېتىم تۇرپان بوسۇغۇسىغا كەلگەن دۈشمەنلەرگە ياخشى قورال – ياراقلىرى ۋە تەربىيە كۆرگەن ئەسكەرلىرى بىلەن قارشى تۇرماي ، توقسۇنغا قېچىپ كېتىشى بىزنىڭ نارزىلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . مەھمۇت مۇھىتى دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ، تۇرپاندىن نەمەت خەلپەت ، ئابدۇللا داموللا نەئىمى ، ئابدۇمىنى ھاجى ، نىياز شەرىپى ، سەمەت ھاجى ، غوپۇر ئارىز ھاجى ، ئەمەت مەقسۇم ، مۇتىئىللا ئاخۇن ، ھەمدۇل ئاخۇن ، ئابدۇسەمى زىخۇي قاتارلىق بىر قىسىم پىدائىيلارنى ئېلىپ ، قاراشەھەرگە كەتتى . ئۇرۇش تۈپەيلىدىن چېچىلىپ كەتكەن پىدائىيلار مەھمۇت مۇھىتى بىلەن تېپىشالماي قېپقالغاندىن كېيىن ، « ماشىمىندىن بىزگە زادى ياخشىلىق كەلمەيدىكەن ، ماشىمىن بىزگە ياردەم قىلغىلى كەلمەپتۇ ، بېشىمىزغا مىنىپ بىزنى بوزەك ئەتكىلى كەپتۇ . بىز ئەمدى قۇمۇلغا كىرىپ ، خوجا نىياز ھاجىنى ئېلىپ چىقساق بولمامدۇ » دېيشىپ ھەمدۇللا ئەلەم ئاخۇن ، قۇربان سەئىدى  ئىبراھىم دورغا ، پولات تۈەنجاڭ ، ئولىتىپ بەگ ، مۇھەممەت سىيىت ۋاڭ ، ئىسكەندەر ۋاڭ قاتارلىق 200 چە ئادەم مەخسۇت مۇھىتى باشچىلىقىدا ، لۈكچۈننىڭ جەنۇبىدىكى دېغا دېگەن يەردىن قارىسىغا ئۇدۇللاپ مېڭىپ ، چۆل – باياۋانلارنى كېزىپ قۇمۇلغا كىرىپ كەتتۇق .
شېڭ شىسەي تۇرپان بازىرىدا بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرغان . بۇ جەرياندا  تۇرپان ، توقسۇن ، پىچانلاردا گۇمانلانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ ، خۇماردىن چىققۇچە ئۆلتۈرگەن . بەزى ئادەملەرنى ئالداپ « ھۆكۈمەت سىلەرگە ئىشىنىدۇ . خىزمەت كۆرسەتسەڭلار ، ئورنۇڭلارنى ئۆستۈرىمەن . كىمدە قورال بار مەلۇم قىلىڭلار» دەپ ئىشقا سالغان . ئىشقا سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈرۈپ ئاندىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەن .
11 . خوجا نىياز ھاجىنىڭ قۇمۇلدىن تۇرپانغا چىقىشى
1933 – يىلى 2 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، مەخسۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى 200 چە ئادەم قۇملۇق چۆللەرنى كېزىپ ، قۇمۇلنىڭ سۇمقاغا يېزىسىغا يېتىپ بارساق ، شېڭ شىسەي قۇمۇل تېغىدىن پىچانغا كەتكەندىن كېيىن خوجا نىياز ھاجى تاغدىن تۈزلەڭگە چۈشۈپ ، قوشتىكەن كارىزىنى ماكان تۇتۇپ ، سۇمقاغىدىكى جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانكەن . تۇرپان ، پىچان ، توقسۇندىن بارغان پىدائيلار خوجا نىياز ھاجىنى تاۋاپ قىلىپ ، بىر كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن قۇمۇللۇق پىدائىيلار بىلەن بىللە سۇمقاغا سېپىلىگە ھۇجۇمغا ماڭدۇق . مەخسۇت مۇھىتى باشلىق مۆتىۋەرلەر ئۆزلىرىنىڭ قۇمۇلغا كېلىشتىكى مۇددىئا تەلەپلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن قوشتىكەن كارىزىدا قېپقالدى .
مېنىڭ قۇمۇلغا بېرىشتىن ئىلگىرىكى قۇمۇل پىدائيلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم ئەمەلىيەتتىكىگە ئوخشىماي قالدى . مەندە ئىلگىرى : قۇمۇل پىدائىيلىرى بىر نەچچە ئون مىڭ ئادەم بولسا كېرەك ، دەيدىغان تەسىرات بار ئىدى . ئەمما قوشتىكەنگە بېرىپ قارىسام ، ئۇلار 300 دىن ئاشمايدىكەن . ( ئەلۋەتتە قوشتىكەندىن باشقا جايلاردىمۇ بولۇشى مۇمكىن ) . بىز تۇرپان ، پىچان ، توقۇسۇنلاردا قوزغىلاڭ قىلغاندا ، قورالى بار ياكى يوقلار بولسۇن ، ئاتلىق ياكى پىيادىلەر بولسۇن ، ھەممىمىز چوقان – سۈرەن سېلىپ ھۇجۇمغا ئۆتەتتۇق . لېكىن قۇمۇلدا سۇمقاغىغا ھۇجۇم قىلىشتا پىيادىلەر يوق ، قورالسىزلارمۇ يوق ، چوقان – سۈرەنمۇ يوق تارقىلىپ ماڭدۇق . دۇشمەنلەرل سېپىلدىن چىقىپ بىزنى توستى . ئىككى سائەتچە ئۇرۇشقاندىن كېيىن ، دۈشمەنلەر سېپىل ئىچىگە كىرىپ سولاندى . بىز سېپىلنى قورشاپ ، سېپىلگە يېقىن ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدىن ئورۇن ئېلىپ ئۇلار بىلەن ئېلىشتۇق . بىر كۈنلۈك ئۇرۇشتىلا مېنىڭ قۇمۇل پىدائىيلىرى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمدا يەنە ئۆزگىرىش بولدى ؛ قۇمۇل پىدائيلىرىنىڭ سانى كۆپ بولمىغان بىلەن سۈپىتى ياخشى ئىكەن ، ئوقنى ئىلاج بار زايا قىلمايدىكەن . ئۇلار بىرقانچە يىللىق ئۇرۇشتا مەرگەن بولۇپ كېتىپتۇ . ئۇرۇشتا ئۇلارغا كونكىرىت تاپشۇرۇق بېرىلمىسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىدىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۇرۇشتا ، چوڭ – كىچىك ئادەملەرنى ئەگەشتۈرىۋېلىپ قۇرۇق داۋراڭ سالماي ، بىر ئوقتا بىر دۈشمەننى يوقىتىشقا تىرىشىدىكەن .
بىز ئۈچ كۈن ئۇرۇش قىلغاندىن كېيىن ، خوجا نىياز ھاجىدىن ئۇرۇشنى توختىتىپ كېچىلەپ قوشتىكەن كارىزىغا قايتىپ كېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق كەلدى . بىر ھويلىنىڭ ئۆگزىسىدىكى بەش كىشى پەسكە چۈشۈپ قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتساق ، ئارىمىزدىن بىرسى ( ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ ) مىلتىقىنى لاتىلارغا ئوراپ كاڭنىڭ تۆشۈكىگە تىقتى . بۇ كىشى مۇشۇ ئۆينىڭ ئىگىسى بولۇپ ، ئەگەر پىدائىيلار كېلىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلسا ، دەرھال مىلتىقىنى ئېلىپ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىدىكەن ؛ ئەگەر پىدائىيلار چېكىنسە ، مىلتىقىنى يوشۇرۇپ قويۇپ ھېچنەرسە كۆرمىگەن ، بىلمىگەن بولىۋالىدىكەن . مۇنداق ئادەم سۇمقاغىدىلا بولماي ، بەلكى قۇمۇلنىڭ ھەممىلا يېرىدە بولسا كېرەك . مۇشۇنىڭدەك پىدائىيلارنىڭ سانىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم .
بىز بۇيرۇق بويىچە ، سۇمقاغىدىن قوشتىكەنگە قايتىپ كەلدۇق . قۇربان سەئىدى مەخسۇت مۇھىتىدىن : « ھاجىم بىلەن سۆزلىشىپ قانداق قارارغا كېلىشتىڭلار ، » دەپ سورىغاندى ، مەخسۇت مۇھىتى مۇنداق دېدى : « مەن تۇرپان ، پىچان ، توقسۇنلۇقلارغا ۋاكالىتەن خوجا نىياز ھاجىمنى تۇرپان ، پىچان ، توقسۇنغا تەكلىپ قىلىپ كەلدىم . خوجا نىياز ھاجىم باشلىق قۇمۇل خەلقىنىڭ جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلىمىغا قارشى قوزغىلاڭ قىلىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىغا ئىككى يىل بولۇپ قالدى . قۇمۇل خەلقىنىڭ كۈرىشىدىن ئىلھاملىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ بىز ئۈچ ناھىيە خەلقىمۇ قوزغالدۇق . ئەمدى قوزغىلاڭ بىر ۋىلەيەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۆتۈرۈلىشى كېرەك . شۇنداق قىلغاندىلا ، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرىۋەتكىلى بولىدۇ . خوجا نىياز ھاجىمنىڭ نامى پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇر . تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن خەلقى خوجا نىياز ھاجىمنىڭ يۇرتىغا بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ . ھاجىم يۇرتىمىزغا چىقىپ مەلۇم بىر يەردە باش بولۇپ تۇرۇپ بەرسە ، ئىشنى بىز قىلىمىز . ھاجىمنىڭ تۇرپانغا بارغىنىنى جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقى ئاڭلىسا ، ئۇلارمۇ پۈتۈنلەي قوزغىلىپ كېتىدۇ » دېدىم . خوجا نىياز ھاجىم بۇ تەلىپىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن : بىز ئىلگىرى تۇرپانغا چىقىپ كەتسەك ، قۇمۇلدا يەنە جىن شۇرېننىڭ بىر قانچە مىڭ ئەسكىرى تۇرسا ، ئۇلار يۇرتنى ئاياغ – ئاستى قىلىپ ، خەلق ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىدۇ ، دەپ ئەندىشە قىلغاندۇق . ئۈچ كۈندىن بۇيان ، بەش شەھەر ، 12 تاغ باشلىقلىرى ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ئاخىرى بىر قىسىم كۈچنى تۇرپانغا چىقىرىش قارارىغا كەلدۇق » ، دېدى .
ئەينى ۋاقىتتىكى بەش شا ( شەھەر ) ، 12 تاغ ۋە ئۇنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىكى مۇنداق ئىدى :
بەش شا :
1 . ئاستانە – نورۇل قورمال
2 . سۇمقاغا – خوجىنىياز قېزى
3 . قارىدۆۋە – توختى قورمال
4 . توغچى – نىياز قېزى
5 . لاپچۇق - ......
12 تاغ :
1 . ئاراتۈرك – ئابدۇنىياز مىراپ
2 . نوم سالىھ دورغا
3 . ئاداق – ئابدۇراخمان دورغا
4 . باي – ئېدىل مىراپ
5 . تۇز كۆل – باقىنىياز دورغا
6 . نېرىنكىر – خۇديار دورغا
7 . شوپۇل – سالىھ دورغا
8 . خوتۇنتام – سۇرۇر دورغا
9 . باغداش – رېھىم دورغا
10 . تۆمۈرتى – تاھىر دورغا
11 . قوراي – ئاۋۇت دورغا
12 . تاراتۇ – قۇربان دورغا
يۇقۇرىدىكى سۆزلەرنى مەخسۇت مۇھىتى قوشتىكەن كارىزى يېنىدىكى بىر قۇملۇقنىڭ ئۈستىدە يانپاشلاپ يېتىپ قۇربان سەئىدىگە سۆزلەپ بەرگەندە ، مەنمۇ شۇ يەردە ئىدىم . مەخسۇت مۇھىتى يەنە مۇنداق دېدى : خوجىنىياز ھاجىنى تۇرپانغا ئېلىپ چىقىپ ، شەھەرگە كىرمەي ، چالقان تېغىدا ( پىچاندا ) تۇرغۇزۇپ ، سىلىڭبۇنى شۇ يەردە قۇرىمىز . ئۆزىمىز بۆلۈنۈپ پارتىزان ئۇرۇشى قىلىپ ، ئۇرۇشنى جەنۇبىي شىنجاڭغىچە كېڭەيتىپ ، جەنۇبنى چوقۇم قوزغىتىشىمىز كېرەك . ئاندىن مەن ئۈچتۇرپان چېگرىىسىغا بېرىپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم سورايمەن . ئۇلار بىزگە چوقۇم ياردەم بېرىدۇ » . خوجىنىياز ھاجى بىر ھەپتىدىن كېيىن بىر قىسىم ئادىمىنى قۇمۇلدا قالدۇرۇپ ، يەنە بىر قىسىم ئادىمى بىلەن تۇرپانغا بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ . تۇرپانغا خوجىنىياز ھاجىنىڭ يېقىنلىرىدىن قۇربان دورغا ، نىياز دورغا ، پازىل دورغا ، سالىھ دورغا ، سۇپى ئاخۇن ۋە باشقىلار بولۇپ جەمى 100 نەچچە ئادەم بارماقچى بولغاندى . ئەمەلىيەتتە 85 ئادەم ، ئۈچ ناھىيىدىن بارغان 200 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي 300 گە يېقىن ئادەم تۇرپانغا قاراپ يولغا چىقتۇق . بۇ ، 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ باشلىرى ئىدى .
شېڭ شىسەي تۇرپاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن ، بىر تەرەپتىن خەلقنى ئالداپ ، يەنە بىر تەرەپتىن زورلۇق – زومبۇلۇق قىلىپ خەلقنىڭ قولىدىكى قورالىنى يىغىۋالغان ( ئۇنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتىشىچە ، 1000 تال مىلتىق يىغىۋالغان ) . ئۇ يەنە تۇرپان بازىرىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن ، قولىدىن ئىش كېلىدىغان كىشىلەرنى ئىزدەپ تۇتۇپ كاللىسىنى ئالغان ، مەسىلەن ، تۆمۈر جىسا ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، نەمتۇل ھاجى ، ئىبراھىم لەيلۇڭ ، ئابدۇراخمان قارى ، پولات قارى ، نىياز چوقۇر ، سۇڭ شۇ ( خۇيزۇ ) لارنى تۇتۇپ ، تۇرپان شەھىرى ئىچىدە كوچا ئايلاندۇرۇپ ، ھەممىسىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ قىلىچ بىلەن ئەزالىرىنى كېسىپ ئۆلتۈرگەن . دەل شۇ چاغدا مەخسۇت مۇھىتى خوجىنىياز ھاجىنى باشلاپ ، قوشتىكەندىن چوڭ يولنىڭ جەنۇبىدىكى سەنجاپپار دېگەن چىغىر يول بىلەن پىچانغا يېتىپ كەلدۇق .
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
2-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-19 23:25
12 . شېڭ شىسەينىڭ لۈكچۈندىكى قىرغىنچىلىقى
مەخسۇت مۇھىتىنىڭ پىكرى ، خوجىنىياز ھاجىنى پىچانغا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن ، شەھەرگە باشلاپ كىرمەي ، چالقان تېغىغا ئېپچىقىش ئىدى . لېكىن لۈكچۈن ۋاڭى مەھەممەت سىيىت . ئىنىسى ئىسكەندەر ۋاڭلار خوجىنىياز ھاجىنى لۈكچۈندىكى ئوردىسىغا تەكلىپ قىلدى . خوجىنىياز ھاجى ئۇلارنىڭ گېپىنى يىرالماي ، لۈكچۈنگە ھەممەيلەننى باشلاپ باردى . لۈكچۈن شۇ چاغدا سېپىلى بار شەھەر بولۇپ ، شەرقىي دەرۋازىسى – يېڭىشەھەر قوۋۇقى ، غەربىي دەرۋازىسى – يۇقۇرىقى قوۋۇق ، شىمالىي دەرۋازىسى – تۆۋەنكى قوۋۇق ، جەنۇبىي دەرۋاسى ئۆلەڭ قوۋۇقى دەپ ئاتىلاتتى . جىن شۇرىننىڭ لۈكچۈندىكى ئەسكەرلىرى پىچانغا يۆتكىلىپ كەتكەچكە ، لۈكچۈندە ئەسكەر قالمىغاندى . شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدە ۋاڭ ئوردىسى بولۇپ ، خوجىنىياز ھاجى شۇ ئوردىغا چۈشتى . خوجىنىياز ھاجىنىڭ لۈكچۈنگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن خەلقلىرى لۈكچۈنگە ۋەكىل ئەۋەتىپ ، خوجىياز ھاجىنىڭ قوزغىلىڭىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ؛ خوجىنىياز ھاجىنى تاۋاپ قىلىپ ، پىدائىي بولىدىغانلار ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇردى .
شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنىڭ لۈكچۈنگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ، ئاق ئورۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇنى بىلەن تۇرپان بازىرىدىن لۈكچۈنگە كېلىپ ( ئارىلىقى 60 كىلومېتىر ) بىزنى قورشىۋالدى . بىز شەھەر ئىچىگە سولىنىپ تۇرۇپ ، شەھەر تېشىغا پىيادە چىقىپ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشتۇق . ئۇرۇشنىڭ ئىككىنچى كۈنى خوجىنىياز ھاجى ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئۈستىدە ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى كۈزىتىپ تۇرغاندا ، دۈشمەن تەرەپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئوردا ئۈستىدە بارلىقىنى بىلگەندەكلا ئوردىنى زەمبىرەك بىلەن ئوققا تۇتتى . شۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن يانمۇ يان تۇرغان ئولىتىپ بەگكە ئوق تېگىپ قۇربان بولدى . شۇنىڭدىن كېيىن ، مەخسۇت مۇھىتى « ھاجى ئاكام ئوردىدا تۇرمىسا » دەپ ئىلتىماس قىلىپ ، خوجىنىياز ھاجىنى باشقا يەرگە كۆچۈردى . بىز ئۈچ كۈن جەڭ قىلغاندىن كېيىن ، ئوقلىرىمىز تۈگەي دەپ قالغاندى . خوجىنىياز ھاجى شەھەرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلدى . شەھەردىن چېكىنىپ چىقىشقا پەقەت جەنۇب تەرەپتىكى ئۆلەڭ قوۋۇقىلا ئىمكانىيەت بېرەتتى . شىمال ، شەرق ، غەرب تەرەپلەردىكى باشقا قوۋۇقلار كېسەك بىلەن ئېتىۋېتىلگەن بولۇپ ، دۈشمەنلەر بۇ قوۋۇقلارغا يېقىن كېلىپ قالغاندى . شۇڭا ، ئاتلىق ۋە پىيادىلەر بولۇپ ھەممىمىز ئۆلەڭ قوۋۇقى ئىچىگە توپلاندۇق . تەييارلىقىمىز تېز بولمىدى . بىز سېپىلدىن چۈشۈپ ، ئاتلىنىپ قوۋۇققا يېتىپ كەلگىچە ئىككى سائەت ئۆتۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، شەھەر ئىچىدىكى ئاتلارنىڭ تۇيىقىدىن چىققان توپا چاڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ، شەھەر ئىچىدىن قېچىپ چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىمىز دۈشمەنگە بىلىنىپ قالدى . يەنە كېلىپ ، سېپىل ئۈستىدە تۇرۇپ دۈشمەننى ئوققا تۇتىدىغان ئادەم قالمىغانلىقتىن ، دۈشمەنلەر تېزدىن سېپىلگە يېقىنلىشىپ كېلىپ قالدى . بىز دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن سېپىلدىن ئارغامچا بىلەن سېرىلىپ چۈشكەندىن كېيىن ، چېكىنىدىغان چاغدا ئارغامچىنى تارتىۋالماي شۇ پېتى قويۇپ مېڭىپتىمىز . دۈشمەنلەر سېپىل تۈۋىگە كېلىپلا شۇ ئارغامچىغا ئېسىلىپ سېپىلغا چىقىپ ، شەھەر ئىچىگە ئوق ئېتىشقا باشلىدى .
شەھەر ئىچىدىكىلەر جىددىيلىشىپ ، ئۆلەڭ قوۋۇقىنى ئېچىپ قېچىپ چىقىشقا باشلىدۇق . دەسلەپ خوجىنىياز ھاجى بىر توپ كىشىلەر بىلەن ئات سېلىپ چىقىپ كەتتى . لېكىن ، ئاق ئورۇسلار شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە ئۈلگۈرۈپ كېلىپ ، شەھەر ئىچىدىن قېچىپ چىقىۋاتقان كىشلىرىمىزنى ئوققا تۇتۇشقا باشلىدى . شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپى تېرىلغۇ ئېتىزى بولغاچقا ، شەھەردىن چىققان كىشى قارىغا ئېلىنىپلا تۇراتتى . ئاتلىق كىشى ئۆزىنى دالدىغا ئالغىدەك ئورۇن يوق ئىدى . ئورۇس ئەسكەرلەر ئەگەر ئېتىپ ئۈلگۈرىدىغانلا بولسا ، قوۋۇقتىن چىققان بىرمۇ ئادەم ياكى ئات ساق ھەرگىز ساق قالمايتتى . بىرىنچى تۈركۈمدىكىلەر قېچىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ئاتلىرى چېپىپ ئۆتكەن يەردىكى توپىلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ ، چاڭ توپا ئىچىدە ھېچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى . شۇ چاغدا دەرۋازىنى يەنە ئېچىپ ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكىلەر تاشقىرىغا قاراپ ئات سالدۇق ، مەن دەرۋازىدىن چىقىشىمغىلا ئېتىمغا ئوق تېگىپ دەرھال يىقىلدى . شۇنىڭ بىلەن تەڭ ، بېلىگە ئاق چەگكەن ھەمدۇللا ئەلەم « ئاللا دېگىنىچە ئېتى بىلەن بىللە يىقىلدى . ئۇنىڭ ئېتىغا ئوق تەگكىنى ئېنىق ، ئەمما ئۆزىگە ئوق تەگكەن – تەگمىگەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى . ئاتلار كەينى كەينىدىن چېپىپ چىقماقتا ، توپا – تۇمان جاھاننى قاپلىماقتا ئىدى . ئورۇسلار دەرۋازىنى توختىماي توپقا تۇتىۋاتاتتى . شۇڭا ، دەرۋازىدىن ئون ئادەم چىقىۋاتقان بولسا ، ئۇنىڭ ئۈچىگە ئوق تەگمەي قالمايتتى . ئىككىنچى تۈركۈمدىكىلەر قېچىپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن ، دەرۋازىنى خەلق ئۆزى ئېتىۋالدى . مەن پىيادە قېچىپ كېتىۋاتاتتىم ، توپا – چاڭ ئىچىدە مەندىن باشقا پىيادە قېچىپ كېتىۋاتقانلارمۇ كۆپ ئىدى . مەن بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ، مەخسۇت مۇھىىتىغا ئۇچرىدىم . ئۇمۇ ئېتىدىن ئايرىلىپ پىيادە قاپتۇ . ئۇ مېنى كۆرۈپ : « سەن ماڭا قارىماي ماڭ » دېدى . مەن بەك ھېرىپ كەتكەندىن ئېتىز قىرىدا ئولتۇرۇپ دەم ئالدىم . ئاندىن ناتونۇش بىر نەچچە كىشى بىلەن توپا تۇمان ئىچىدە ئېتىز قىرلىرىنىڭ ئىچى بىلەن ئۆمىلەپ ، ئاق ئورۇسلارنىڭ كۆزىدىن يىراقلىشىپ ، ئاخىر لۈكچۈننىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە چىقىۋالدۇق . ئۇ يەرگە بارساق ، خوجىنىياز ھاجى بىر توپ كىشىلەردىن : « نىياز دېھقان قېنى ؟ قانداق بولدى ؟ شەھەردىن ھەممىسى قېچىپ چىقتىمۇ ياكى قامىلىپ قالدىمۇ ؟ » دەپ سۈرۈشتە قىلىۋېتىپتۇ . شەھەرنىڭ نىمە بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى . شەھەردىن قېچىپ چىققانلار بىر يەرگە توپلىشىپ تۇردۇق . قاراڭغۇ چۈشتى ، شەھەردىن ئانچە – مۇنچە مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . تاڭ ئاتارغا يېقىن خوجىنىياز ھاجىنىڭ يېقىن كىشىسى نىياز دېھقان يەتتە – سەككىز ئادىمى بىلەن پىيادە قېچىپ كەلدى .
كېيىنكى ئەھۋال مۇنداق بوپتۇ : شەھەردىن ئىككىنچى تۈركۈمدىكىلەر قېچىپ چىققاندىن كېيىن ، ئورۇس ئەسكەرلەر شەھەر دەرۋازىسىغا يېقىن كېلىپ ئوق ئېتىشقا باشلاپتۇ . شەھەردە قالغانلار ئەگەر يەنە مۇشۇ يول بىلەن قېچىپ چىقسا ئامان قالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ، دەرۋازىنى چىڭ ئېتىۋېلىپ ئاتلىرىنى تاشلاپ ئۆزلىرى دەرۋازا ئۈستىگە چىقىپ ئوق ئېتىپ ، ئورۇسلارنىڭ ئىلگىرلىشىنى توساپ تۇرۇپ تۈن يېرىمى بولغاندا سېپىلدىن ئارغامچا بىلەن سېرىلىپ قېچىپتۇ ، ئەتسى شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرى لۈكچۈنگە كىرىپ شەھەرگە ئوت قويۇپتۇ ۋە ۋاڭ ئوردىسىنى تامامەن كۆيدۈرىۋېتىپتۇ . خەلقنى يۇنۇس دورغىنىڭ ھويلىسىغا يىغىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنكەن ، بىر قىسىم كىشىلەر مەجبۈرى ھەيدەپ كېلىنىپتۇ ، ئەمما كۆپچىلىك كىشىلەر بۇيرۇققا قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەپتۇ . ئەسكەر باشلىقلىرى ئەسكەرلىرىنى ئۈچ كۈنگىچە كوچىدا ئۇچرىغانلا ئادەمنى چاپ – چاپ قىلىشقا ، خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشقا قويۇپ بېرىپتۇ . بۇ جاللاتلار شۇ قېتىم ئەر – ئايال ، ياش – قېرى ، كىچىك بالا بولۇپ تەخمىنەن 1500 جاننى چېپىپ ئۆلتۈرۈپتۇ . شۇ ۋاقىتتا ئەخمەت نىياز ئسىملىك 10 ياشلىق بىر بالا كوچىغا چىققانكەن ، ئورۇس ئەسكەرلەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ « ئۆلدى » دەپ تاشلاپ كېتىپتۇ . بۇنى كۆرگەن بىر موماي بالىنى ئۆيگە ئەكىرىپ ، كىگىز يۇڭىنى كۆيدۈرۈپ ، قىلىچ كەسكەن بوينىغا بېسىپ قاننى توختىتىپ بالىنى تىرىلدۈرىۋاپتۇ . بۇ بالا ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىدىن دەم ئېلىشقا چىققان ئەخمەتنىياز داۋۇت . ئۇنىڭ بوينىدىكى قىلىچ ئىزى ئەنە شۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھى .
بىز 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە لۈكچۈندىن چىقىپ ، تۇيۇقتىكى ئەسھابۇلكەئىب ۋە سىڭگىم ئارقىلىق چىچاندىكى چالقانتاغقا بېرىپ توپلاشتۇق . شېڭ شىسەي لۈكچۈندە مەخسۇت مۇھىتىنى تۇتىۋېلىپ كاللىسىنى ئاپتۇ . ئۇنىڭ كاللىسىنى ھەريەر – ھەريەردە سازايى قىلىپ ، ئاخىرى تۇرپان بازىرىغا ئەپكېلىپ ئېسىپ قويۇپتۇ .
13 . مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ماشىمىن قاراشەھەردە
مەھمۇت مۇھىتى بىلەن ماشىمىن قاراشەھەرگە يېتىپ بارغاندا ، قاراشەھەر بىلەن كورلا ئاللىقاچان خەلقنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغانكەن . 1932 – يىلى 12 – ئايدا تۇرپان خەلقى قوزغالغاندا ، توقسۇنلۇق توختى ئېلى دېگەن كىشى توقسۇندىن ئون نەچچە كىشى بىلەن تۇرپانغا كېلىپ قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ، يەنە توقسۇنغا قايتىپ بېرىپ توقسۇن خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان . ئۇ ، ئەڭ ئاۋۋال مۇفۇمىن باشچىلىقىدىكى بىر ليەن ئەسكەرنى تار – مار قىلىپ توقسۇننى قولغا ئالغان . ئاندىن يەنە خەلقنى تەشكىللەپ 300 چە ئادەمنى باشلاپ ، قاراشەھەرگە قاراپ ماڭغان . كۆمۈش ۋە باشقا ئۆرتەڭلەردە بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇلارغا پىدائىي بولۇپ قوشۇلۇپ ، توختى ئېلىنىڭ كۈچى ئۇلغىيىپ بارغان . توختى ئېلى قاراشەھەرگە يېقىن بارغاندا ، قاراشەھەردىكى ھاپىز زوڭجاڭ بىلەن مەخپىي ئالاقە باغلىغان . ھاپىز زوڭجاڭ قوزغىلاڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . شەھەرنىڭ ئىچى تېشىدىكىلەر بىرلەشكەچكە ، قاراشەھەرنى توختى ئېلى ئاسانلا ئىشغال قىلغان ( ھاپىز ئەسلى لۈكچۈنلىك بولۇپ ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا تۆمۈر ئېلىنىڭ لۈيجاڭلىرىدىن بىرى بولغان ) . ئۇلارنىڭ قاراشەھەردىكى غەلىبىسىنى تۇرپاندىكى باشلىقلار ئاڭلاپ ، توختى ئېلىنى لۈيجاڭ ، ھاپىزنى يىڭجاڭ قىلىپ تەيىنلىگەن . شۇنداق قىلىپ ، توختى ئېلى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىقىنى نامايەن قىلغاچقا ، ئۇنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرويى تېزلا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ، خەلق ئاممسى ئۇنى قىزغىن ھىمايە قىلغان ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، ماشىمىن توختى ئېلىنىڭ ئادەم ۋە قوراللىرى كۆپىيىىپ چوڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ كېتىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا توختى ئېلىنىڭ تۇرپانغا قايتىپ كېلىشى توغرىىسىدا بۇيرۇق بېرىپ ، ئۇنى تۇرپانغا قايتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئاخىرىدا شېڭ شىسەينىڭ قولىغا چۈشۈپ ناھەق ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان . ئاندىن توختى ئېلىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ قوراللىرىنى « تىزىمغا ئالىمىز » دېگەن باھانە بىلەن يىغىۋالغان .
ماشىمىن قاراشەھەرگە بارغاندىن كېيىن ، دەرھال سىلىڭبۇ قۇرۇپ ، ئۇنى « 36 – دىۋىزىيە ( ماجوڭيىڭ قۇرغان 36 – دىۋىزىيەنى كۆرسىتىدۇ ) نىڭ باندىتلارنى تازىلاش سىلىڭبۇسى » دەپ جاكارلىغان ؛ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ خەلق ئاممسى بىلەن ئالاقە قىلىشىنى چەكلەپ ، ئۇنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن قاراشەھەردە تۇرغۇزماي ، خوتۇنسۇمبۇلدا تۇرغۇزغان . ماشىمىن تۆمۈر ئېلىنىمۇ كونتىرول قىلىشنى ئويلاپ ، گامازىنى كۈچاغا ، ماجەنساڭنى « تۆمۈر ئېلىگە ياردەملىشىدۇ » دەپ ئاقسۇغا ئەۋەتكەن . تۆمۈر ئېلى كۇچانى 1933 – يىلى باشقا ناھىيىلەر بىلەن قوشۇپ ئېلىپ بولغاندى ، ئۇنڭدىن ئىلگىرى كۇچادا جەن شىكۈي ( 1931 – يىلى 9 – ئايدا جاڭ پېييۈەن باش قوماندان ، شېڭ شىسەي سەنمۇجاڭ بولۇپ تۇرغاندا ، ماجوڭيىڭنى قۇمۇلدىن گەنسۇغا قوغلاشتا ئىككىنچى يول قوماندانى بولغان ، كېيىن كۇچاغا يۆتكەلگەن ) 200 ئەسكەر بىلەن ساقلاپ تۇراتتى . تۆمۈر ئېلى كۇچاغا ھۇجۇم قىلغاندا ، جەن شىكۇي تەسلىم بولغىلى ئۇنىماي قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكتىن ، خەلق ئاممسى ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ؛شىيەنجاڭ باشلىق بىرمۇنچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى پارتىلىتىپ ئۆلۈۋالغان . نەتىجىدە ، تۆمۈر ئېلى كۇچادا كۆپلىگەن قورالغا ئىگە بولغان . ئۇنىڭ شۇنداق كۆپ قورالغا ئىگە بولغىنىغا گامازىنىڭ كۆزى قىزىرىپ « بۇ قوراللارنى قاراشەھەردىكى سىلىڭبۇغا ئەۋەتىپ بېرىمىز دەپ تۇرۇۋالغان ، تۆمۈر ئېلى بۇنىڭغا قوشۇلمىغان . لېكىن ، كۇچانىڭ ۋاڭى مەھپۇزمۇ تۆمۈر ئېلىنىڭ كۈچى ئۇلغىيىپ ، ئابرويىنىڭ ئۆسۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمەي « تۆمۈر ئېلىدەك بىر ھارۋىكەش شۇنچە كاتتا بولۇپ كېتەمدۇ » دەپ ھەسەتخورلۇق قىلىپ ، گامازىنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ تۇرۇۋالغانلىقتىن ، تۆمۈر ئېلى قوراللارنى قاراشەھەردىكى ماشىمىنغا نائىلاج ئەۋەتىپ بەرگەن . دېمەك ، تېخى تۈنۈگۈنلا گەنسۇغا قېچىشقا تەييارلانغان ماشىمىن « ھايان ماڭا بولسۇن ، زىيان ساڭا بولسۇن » دېگەندەك ، ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قۇيۇپ ، قاراشەھەرگە كەلگەندىن كيىنمۇ ، ئۇرۇشتا ئولجا ئېلىنغان قوراللارنى « سىلىڭبۇ تىزىمغا ئالىدۇ » دېگەن باھانە بىلەن داۋاملىق يىغىۋېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ساپلا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى قوراللاندۇرۇپ ، قوشۇنىنىڭ سانىنى 2000 غا يەتكۈزدى .
مەھمۇت مۇھىتى بولسا ماشىمىننىڭ ھەر جەھەتتىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى لۈيجاڭلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . ماشىمىن مەھمۇت مۇھىتىنى خوتۇنسۇمبۇلدەك چەت يەردە تۇرغۇزۇپ قويۇپ ، ئۇنىڭغا ئادەتتىكىچە بۇيرۇق چۈشۈرۈش بىلەن مۇئامىلە قىلدى ؛ كۆپ ئىشلاردا ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك مەسلىھەتلەشمەي ، ئۆزى خالىغانچە ئىش ئېلىپ بېرىۋەردى . شۇنىڭ بىلەن مەھمۇت مۇھىتى كۆپ ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالدى . مەسىلەن ، گەنسۇدا تۇرۇۋاتقان ماجوڭيىڭنى شىنجاڭ خەلقى ( ئاساسەن ئۇيغۇرلار ) نامىدىن شىنجاڭغا چىقىپ ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆمەك تەشكىل قىلغان . ئۇ ، بۇ ئۆمەكنىڭ باشلىقلىقىغا موسۇل ھاجى مۇھىتىنى ئەزالىقىغا ۋاڭ نىياز ، ئابدۇمىنى ھاجى ، نەسرىدىن ھاجى قاتارلىقلارنى تەيىنلەپ ، بۇنى مەھمۇت مۇھىتىغا ئۇقتۇرماي ، ئۇلارنى قاراشەھەردىن تەكلىماكان ئارقىلىق گەنسۇغا يولغا سالغان . چۈنكى ، تۇرپان خەلقى قوزغىلىپ شېڭ شىسەي قوشۇنى قۇمۇلدىن تۇرپانغا چىققاندىن كېيىن ، قۇمۇلدىكى جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى ئازىيىپ قالغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ تۇرپانغا چىقىشى بىلەن قوزغىلاڭ ئوتى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭلارغا يېيىلدى . خوجىنىياز ھاجىنىڭ تەسىرى كېڭىيىپ ئىناۋىتى ئېشىپ ، كۈچىنىڭ ئۇلغىيىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى . ماشىمىن دەل مۇشۇ ۋاقىتنى ماجوڭيىڭنىڭ « شىنجاڭغا چىقىپ خوجىنىيازنى چەكلەپ ، شىنجاڭنى قولغا كىرگۈزۈش پۇرسىتى » دەپ بىلگەن ( ماجوڭيىڭ 1931 – يىلى قۇمۇلغا دەسلەپ چىققاندا ، خوجىنىياز ھاجىنى « يىڭجاڭ قىلدىم » دېگەندى . ماشىمىن خوجىنىياز ھاجىنى « ماجوڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكى بىر يىڭجاڭ ھېسابلىغان ) . خوجىنىياز ھاجىنىڭ تۇرپانغا چىققانلىقىنى ئاڭلىغان ماشىمىن قاراشەھەردىن ما فامىلىلىك بىر لۈيجاڭ بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنى تۇرپانغا يولغا سالدى . خوجىنىياز ھاجى لۈكچۈندىكى قىرغىنچىلىقتىن كېيىن چىچانغا چىققاندا ، مەھمۇت مۇھىتىمۇ پىدائىيلىرىنى باشلاپ توقسۇنغا يېتىپ كەلگەندى . بۇ ، 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى بولۇپ ، شېڭ شىسەي شۇ كۈنلەردە توقسۇندىكى پۇقرالاردىن تەخمىنەن 1100 ئادەمنى ئېتىپ ۋە چېپىپ ، 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتكەن . مەھمۇت مۇھىتى ئۇنى داۋانچىڭنىڭ بايانغۇ دېگەن يېرىگىچە قوغلاپ بېرىپ ، ئاخىرى تۇرپانغا قايتىپ كەتتى ۋە خوجىنىياز ھاجى بىلەن تۇرپاندا ئۇچراشتى .

14 . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ مورىغا بېرىشى
مەھمۇت مۇھىتى باشلىق يۇرت مۆتىۋەرلىرى خوجىنىياز ھاجىغا تۇرپاندا قوزغىلاڭ باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان بارلىق ئەھۋاللارنى ، بولۇپمۇ تۇرپاندىكى بىرقانچە قېتىملىق قوزغىلاڭلار ۋە توقسۇن ، قاراشەھەر ، بۈگۈر ، كۇچادىكى قوزغىلاڭلاردا ئۇيغۇر پىدائىيلىرى قۇربان بېرىپ دۈشمەندىن تارتىۋالغان قوراللارنى ماشىمىننىڭ « تىزىمغا ئالىمىز » دېگەن باھانە بىلەن يىغىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇپ ، مۇنتىزىم قوشۇن قۇرۇۋالغانلىقىنى ؛ ئۇيغۇر پىدائىيلار بىلەن خۇيزۇ پىدائىيلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلماي ، ئوتتۇرىدا مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى . خوجىنىياز ھاجى بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ : مەن بۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەيدىغان مىجەزىنى بۇرۇنلا بىلگەن . مەيلى ماشىمىن بولسۇن ياكى باشقىسى بولسۇن ، ھەممىسى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى . ئىنقىلابنى بىز قىلساق ، قۇرباننى بىز بەرسەك ، قورالنى دۈشمەن قولىدىن بىز ئۇرۇشۇپ تارتىۋالساق ، ئىنقىلاب مىۋىسىنىڭ ھەممىسىگە ماشىمىن ئىگە بولۇۋالامدىكەن ؟ ! بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ . ئۇنىڭغا قورال كېرەك بولسا ، جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىدىن ئۆزى تارتىۋالسۇن ، سىلەر تۇرپانلىقلار ئەگەر مېنىڭ گېپىمگە قوشۇلساڭلار ، جىن شۇرېن بىلەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىمەن . ئەگەر قوشۇلمىساڭلار ، قۇمۇلغا كېتىمەن . ئۇ چاغدا سىلەر ماشىمىن بىلەن بىرلىشىپ ئىش كۆرۈڭلار ، - دېدى . ئاخىر ھەممە بىردەك : ھاجىم قايسى تەرەپتە تۇرسا ، بىز شۇ تەرەپتە تۇرىمىز ، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەندىن كېيىن ، جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىگە قەيەردىن ھۇجۇم باشلاش ھەققىدە مۇزاكىرە بولدى . جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى تۇرپاندا قالمىغان بىلەن پىچان ، قۇمۇل ، مورى ، جىمىسار ۋە گۇچۇڭلاردا بار ئىدى . لېكىن ، قۇمۇل ۋە پىچانلاردىكى جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى ئۇ يەرلەرنى تاشلاپ ئۈرۈمچىنى قوغداشقا كېتىۋاتقانكەن . جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى ئۈرۈمچىگە توپلىشىپ بولغىچە بىز ئۇلارنىڭ يولىنى كېسىپ تاشلاپ ۋە ئۇلارنى پارچىلاپ ، قورال – ياراقلىرىنى غەنىمەت ئېلىش ئۈچۈن ، ئاۋۋال مورىغا بارىدىغان بولدۇق . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى بىرلەشكەندىن كېيىن ، قول ئاستىدىكى پىدائىيلارغا : تىرىك قولغا چۈشكەن دۈشمەننى ئۆلتۈرمەي ، تىرىك پېتى ئېلىپ كېلىسىلەر . مەيلى قايسى تائىپىدىن ( مىللەتتىن ) بولسۇن ، پۇقرالارنىڭ مال – مۈلكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىشقا ، خوتۇن – قىزلىرىنى ئاياغ – ئاستى قىلىشقا رۇخسەت يوق ، دېگەننى قايتا – قايتا جاكارلىدى .
دەل شۇ چاغدا خەلق ئاممىسىدىن مەھمۇت مۇھىتىغا بىر ئەرز چۈشتى . ئۇنىڭدا : شېڭ شىسەي تۇرپاندا قىرغىنچىلىق قىلغاندا بىز ئۆي – ماكانلىرىمىزنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەندۇق . جاڭگالدا قېچىپ يۈرسەك سىزنىڭ ئادەملىرىڭىزدىن زەيدىن نىياز ، كامىل باشلىق بىرقانچىسى بېشىمىزغا مىلتىق تەڭلەپ ، ئالتۇن – كۈمۈشلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار دەپ بىزنى قورقۇتۇپ ، خوتۇن – قىزلىرىمىزنىڭ ئالتۇن ھالقا ، ئۈزۈكلىرىنى تارتىۋالدى ، دېيىلگەن . بۇ ئەرزنى كۆرگەن مەھمۇت مۇھىتى دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنى ئىزدەپ تاپتۇرۇپ ، ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ سەككىز ئادەمنى قولغا ئېلىپ ، تۇرپان يېڭىشەھەر ۋە كونىشەھەردە سازايى قىلدۇردى ؛ ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرى ( مەھمۇت مۇھىتى ئىلگىرى يېقىن كۆرۈپ كەلگەن ، ئۇرۇشلاردا خېلى كۆرۈنەرلىك كۈچ چىقارغان ) زەيدىن نىياز ، كامىل دېگەنلەرگە تۇرپان يېڭىشەھەرنىڭ دەرۋازىسى تېشىدا مىڭلىغان پۇقرانىڭ ئالدىدا ئۆلۈم جازاسى بەردى . شۇنىڭدىن كېيىن ، مەھمۇت مۇھىتى پىدائىيلىرىنى باشلاپ خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە پىچاننىڭ كۆكيار دېگەن يېرى ئارقىلىق مورىغا يۈرۈپ كەتتى .
1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى مورىغا كېتىۋېتىپ پىچاننىڭ خاندۇ دېگەن يېرىگە بارغاندا ، تۇرپاندا قالغان خۇيزۇ مالۈيجاڭدىن مەھمۇت مۇھىتىغا خەت كەلدى . خەتتە : ساڭا لۈيجاڭلىقنى بىز بەرسەك ، ئەمدى نىمىشقا خوجىنىياز بىلەن بىرلىشىپ ئۆزۈڭ خالىغان تەرەپكەن كېتىسەن ، خەپ توختاپ تۇر ! دېيىلگەن . مەھمۇت مۇھىتى خەتنى تەرجىمانغا ئوقۇتۇپ بولۇپ : ھې ! سەن تاز دېگۇچە مەن تاز دەۋالاي دەپتۇ- دە ، ماڭا مىلتىقنى ماشىمىن بېرىپتىمىش ! بۇ مىلتىقلارنى ماشىمىن نەدىن ئالغىنىنى دېمەپتىغۇ ؟! قولىدىن كەلگىنىنى قىلىسۇن ! – دېگىنىچە ، خەتنى چۆرۈۋېتىپ ، خەتكە جاۋاپمۇ يازماي ، مورىغا كېتىۋەردى . مەھمۇت مۇھىتى ماشىمىن بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەندىن كېيىن ، ماشىمىن قىسمىغا كىرگەن ئۇيغۇرلار مەھمۇت مۇھىتى تەرەپكە قېچىپ كەلدى .
بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجىنىڭ قۇمۇلدىن چىققان پىدائىيلىرى ۋە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ تۇرپاندىن كەلگەن پىدائىيلىرى بولۇپ ھەممىسى مىڭغا يەتمەيتتى . ئەمما ، ھەممىسى ئاتلىق ئىدى . مورىغا پىدائىي بولۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغۇچىلار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ، لېكىن بىرىنچىدىن ، مىلتىق يېتىشمەيتتى ، ئىككىنچىدىن ، ئات يېتىشمەيتتى ، ئۈچىنچىدىن ، ئادەم ۋە ئاتلارنىڭ ئوزۇق – تۈلۈك تەمىناتى چوڭ مەسىلە ئىدى . بەزى پىدائىيلارنىڭ ئېتى بولغان بىلەن مىلتىقى بولۇشى ناتايىن ئىدى . ھەممە پىدائىيلاردىكى مىلتىقلارنىڭ سانى ئاران 500 نەچچە ئىدى . مىلتىقنىڭ ئوقى ھەققىدە سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بىز سارىغاي داۋىنىدىن ئېشىپ مورىغا بارساق ، مورىنى جىن شۇرېننىڭ بىر لىيەن ئەسكىرى بېسىپ ياتقانكەن . بىز ئۇلارنى قورشىۋالغاندىن كېيىن ، مەھمۇت مۇھىتى ئۇلارغا : تىنچلىق بىلەن قورال تاپشۇرساڭلار ھاياتىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمىز ، شەخسىي مال – مۈلكۈڭلارغا تەگمەيمىز ، ھەتتا سىلەرنى خورلىمايمىز ، - دەپ ۋەكىل كىرگۈزگەندى . ئۇلار بىز بىلەن ئېلىشقان بىلەنمۇ كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا كېرەك ، تەسلىم بولۇپ قورال تاپشۇردى . مەھمۇت مۇھىتى ئۇلارى بىر يەرگە يىغىپ : بىز سىلەردىن مىلتىق ۋە ئاتلارنى تارپشۇرىۋالدۇق ، شەخسىي نەرسەڭلەرگە تەگمىدۇق ، بىز گېپىمىزدە تۇرىمىز . بىزنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش خۇمارىمىز يوق . سىلەر گۈچۈڭغا بېرىپ باشلىقىڭلارغا ۋە چېرىكلىرىڭلارغا ئېيتىڭلار : ئۇلار قورال تاپشۇرسىلا بالا – چاقا ، ئاتا – ئانىلىرى بىلەن خاتىرجەم كۈن كۆرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز . ئۇلار دېھقانچىلىق قىلامدۇ ، ئىختىيار ئۆزىدە ، - دپ ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىپ ، ئۇلارنى ئوبدان كۈتۈپ ، ھەممىسىنى ھارۋا بىلەن گۈچۈڭغا يولغا سېلىپ قويدى . بىز شۇ كۈنى مورىدا قوندۇق .
ئەتىسى سەھەردە « قۇمۇل تەرەپتىن قۇمدەك ئەسكەر باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ » دېگەن خەۋەر كەلدى . بۇنى ئاڭلاپ دەرھال قۇمۇل تەرەپكە ئاتلاندۇق . بىز سارىغاينىڭ ئۇدۇلىغا يېتىپ بارساق ، بىر پەي ئەسكەر يۈزلىگەن خوتۇن – بالىلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئەكېلىۋېتىپتۇ . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاتلىق ، بەزىلىرى تۆگىلىك ، بەزىلىرى ھارۋىلىق ئىكەن . بىز ئالدىغا ئات سېلىۋىدۇق ، بىر پەي ئەسكەر قېچىپ كەتتى ، قالغانلىرىنى توسۇۋالدۇق . ئۇلار قىيا – چىيا قىلىشتى . بىز ئۇلارنى تىنچلاندۇرۇپ خەنزۇچە سۆز بىلىدىغانلار ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسەك ، ئۇلار قۇمۇل ۋە پىچانلاردىكى جىن شۇرېن ھەربىي ۋە مۈلكى ئەمەلدارلىرىنىڭ بالا – چاقىلىرى بولۇپ ، چوڭ – كىچىك جەمئىي 104 جان ئىكەن ، جىن شۇرېننىڭ قۇمۇل ۋە پىچاندىكى ھەربىي ۋە مۈلكى ئەمەلدارلىرى ئۇ يەرلەرنى پۈتۈنلەي تاشلاپ ، « ئالدىمىزدا خەتەر يوق » دەپ بالا – چاقىلىرىنى بۇ تەرەپكە ئالدىن ماڭغۇزغانكەن . بىز ئۇلارنى تىنىچلاندۇرۇپ تۇرۇشىمىزغا ، مەھمۇت مۇھىتى بىلەن خوجىنىياز ھاجى يېتىپ كەلدى . مەھمۇت مۇھىتى بۇلارغىمۇ مورىدا تەسلىم بولغان ئەسكەرلەرگە ئيېتقان سۆزلەرنى ئېيتىپ ، ئاخىرىدا : سىلەر تۆگىگە ئارتقان ، ھارۋىلارغا باسقان نەرسىلەرنىڭ قايسىلىرى ھۆكۈمەتكە تەئەللۇق قايسىلىرى ئۆزۈڭلەرگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى راستلىق بىلەن ئايرىپ چىقىڭلار ، - دېدى . ھەركىم ئۆزىنىڭ كېيىم – كېچەك ۋە ئۆز سەرەمجانلىرىنى ئايرىپ ئالغاندىن كېيىن ، بىرنەچچە تۆگىگە ئارتىلغان گەزلىمىلەر ( تاۋار – دۇردۇنلار ) ھۆكۈمەتكە تەئەللۇق بولۇپ چىقتى . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى مەسلىھەتلىشىپ ، ھۆكۈمەتكە تەئەللۇق بۇ گەزلىمىلەرنى « پىدائىيلارنىڭ خىراجىتىگە لازىم » دەپ ئېپقالدى . ئاندىن مەھمۇت مۇھىتى خوتۇن بالىلارغا : بىز سىلەرنى ھېچنەرسە قىلمايمىز ، قورقماڭلار ، سىلەر قايتىپ بېرىپ ئەرلىرىڭلارگە ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلارغا ۋە چېرىكلەرگە ئېيتىڭلار ، قولىدىكى قورالنى تاپشۇرسىلا بولدى ، - دېدى . ئۇلار ئارىلىقى يېقىن يولدىن ئۆز ئارمىيىسى تەرەپكە قايتۇرىلىدىغان بولدى . بۇنى كۆرۈپ ئارىمىزدىكى بەزىلەر : ئۇلارنىڭ خوتۇن – بالىلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، قورال تاپشۇرامدۇ يوق ، سۆزلىشىپ بېقىش لازىم ئىدى ، - دېدى . مەھمۇت مۇھىتى : ياق ئۇلارنى قايتۇرايلى ، دۈشمەنلەر بىزنىڭ مەقسىدىمىزنى چۈشەنسۇن . بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەسىر قوزغىماي قالمايدۇ ، - دېدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇلدى .
yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
3-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 20:23
15 . بوستاندىكى ئۇرۇش

جىن شۇرېننىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بالا – چاقىلىرى يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن ، بىزمۇ شەپە چىقارماي شەرققە قاراپ يۈرۈش قىلدۇق . لېكىن ، ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرى يەنىلا ئالغا ئىلگىرلەۋېتىپتۇ . بىز بوستان دېگەن تاغ ئاغزىنىڭ پەس تەرىپىدىكى ساي ئېقىنىغا بارغاندا ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق . دۈشمەن قوشۇنى توختىماي ئوق ياغدۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى . بىزمۇ تاغ ئېتىكىدىن شىمالىي جوڭغار تۈزلەڭلىكىگە قاراپ سەپ تارتىپ ، قۇمۇلدىن كېلىدىغان يولنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ ئۇلارنى توستۇق ، ھەر ئىككى تەرەپ بىر تەرەپتىن ئېتىشسا يەنە بىر تەرەپتىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئورۇن تەييارلاشقا ئالدىرىدى . خوجىنىياز ھاجى تاغ باغرىدىن ئورۇن ئالدى . مەھمۇت مۇھىتى تۈزلەڭدىن يەنى يول ئۈستىدىن ئورۇن ئېلىپ ، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى . بىزنىڭ ھەممە ئادىمىمىز مىڭغا يەتمەيتتى ، دۈشمەن ئارمىيىسى بولسا ئىككى مىڭدىن ئاشاتتى . چۈنكى ، ئۇلار جىن شۇرېننىڭ قۇمۇل ۋىلايىتى ۋە پىچان ناھىيىسىدىكى ھەمممە قالدۇق قوشۇنى بولۇپ ، ئۇلارنى لى خەيرۈي سىلىڭ باشلاپ كېلىۋاتقانكەن . ئارىمىزدىن بەزىلەر : بىزنىڭ ئادىمىمىز ئاز ، تۈزلەڭ يەردە دۈشمەنلەر بىزنىڭ سانىمىزنى ئوڭايلا بىلىۋالايدۇ ، « جەڭنىڭ بىرى جەڭ ، توققۇزى رەڭ » دېگەن گەپ بار ، بىز نۇرغۇن ئەلەم ( بايراق ) تەييارلىۋالساق ، دۈشمەنلەر بىزنىڭ ئەلەملىرىمىزنى كۆرۈپ ، بىزنىمۇ ئاز ئەمەسكەن دەپ قالىدۇ ، دېدى . بىز بۇ چارىنى ماقۇل كۆرۈپ ، ھېلىقى ئائىلە تەۋەلىرىدىن ئېلىۋالغان ھەرخىل تاۋار دۇردۇنلاردىن بىرمۇنچە ئەلەم ياسىدۇق . بەزى ئون نەچچە ئادەم بىر ئەلەمنىڭ كەينىدىن ماڭسا ، بەزى 20 ، 30 ھەتتا 40 ئادەم بىر ئەلەمنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ، ساي ئېقىنىنىڭ شەرق تەرىپىدە بىر قانچە كىلومېتىر يەرگىچە بىر قانچە ئون ھەرخىل ئەلەملەرنى قادىۋەتتۇق . ھەتتا ، بەزى ئادەم يوق يەرلەرگىمۇ قاداپ قويدۇق بىز ئىلگىرىدىن ئەلەم كۆتۈرۈپ باقمىغان . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى بىرلەشكەندىن كېيىنمۇ بىرەر پارتىيە ياكى تەشكىلات قۇرۇپ قانداق رەڭدە بايراق كۆتۈرۈش توغرىسىدا گەپ – سۆز بولۇنمىغان . مەھمۇت مۇھىتى ھەرقانداق سورۇندا سۆز قىلسا ، « بىز ئۆتمۈشتە قاتتىق ئېزىلگەن ، بىزگە ئەركىنلىك كېرەك ، بىزمۇ ئادەمغۇ ، ئاخىر بىز سۇڭۋېن ( سۇن جوڭشەن ) نىڭ يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك » دەيتتى . ئەمما ، بىز پىدائىيلار ئاممىسى سۇڭ ۋېننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق . يەنە بىر تەرەپتىن ، بىز ئاز دۈشمەنگە يولۇقساق ئۇلارنى قوغلاپ ، كۆپ دۈشمەنگە يولۇقساق ئۇلاردىن قېچىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلغىنىمىز ئۈچۈن بايراق كۆتۈرۈپ سەپ تارتىپ يۈرۈشنىڭمۇ ئىمكانىيىتى يوق ئىدى .

بىز ئەنە شۇ بوستان دېگەن يەرنىڭ غولىدا بەش كېچە – كۈندۈز ئۇرۇشتۇق .دۈشمەننىڭ سانى كۆپ ، قورالى خىل بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار ئاكوپتىن چىقىپ ئىلگىرىيەلمىدى . بىزمۇ ئالغا باسالماي ، بىر ئىزدا تۇرۇپلا قالدۇق . چۈنكى ، بىزنىڭ تۇرغان يېرىمىز تۈپتۈز سايلىق بولۇپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا كەتسەك ، پانا بولغۇدەك يەر يوق ئىدى . خوجىنىياز ھاجى كۈندۈزى بىز بىلەن بىللە بولۇپ ، دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىشقا قاتناشسىمۇ كېچىسى ئۇرۇش سېپىنى مەھمۇت مۇھىتىغا قالدۇرۇپ ، 30 غا يېقىن ئادىمى بىلەن تاغقا چىقىپ كېتەتتى . بۇ ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ تەلىپى بىلەن بولغان . چۈنكى ، خوجىنىياز ھاجى جەڭ مەيدانىدا پىدائىيلارغا بۇيرۇق بېرىپ قويۇپ ، ئۆزى ھەرگىز جىم تۇرالمايتتى ( قولىغا مىلتىق ئېلىپ جەڭگە تەڭ قاتنىشاتتى ) . مەسىلەن ، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى كۈنى لى خەيرۇينىڭ ئەسكەرلىرى بىزنى كۆرۈپ ، ئىككى ئوتتۇرىدىكى ئېقىننى ئىگىلەشكە ئالدىراپ ماڭغاندى . خوجىنىياز ھاجى دۇربۇن بىلەن كۆرۈپ : دۈشمەن ئېقىننى ئىگىلەشكە ئالدىرىدى ، پاپسان بولۇڭلار دېگىنىچە ئۆزى باش بولۇپ ئات سالدى . بىزمۇ ئۇنىڭ ئارقىدىن ئات سېلىپ ، ئېقىننى ئىگىلەپ ، دۈشمەننى ئارقىغا چېكىندۈردۇق . شۇ جەرياندا ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ قىسقا جۇۋىسىنىڭ پېشىدىن بىرقانچە يەرنى دۈشمەن ئوقى تېشىۋەتتى . شۇنىڭدىن كېيىن ، مەھمۇت مۇھىتى « خوجىنياز ھاجىكام ئورۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ ئوق ئاتمسىا » دەپ ئىلتىماس قىلدى ۋە ئۇ كىشىنى ئۇرۇشنىڭ ئارقا سېپىدە تۇرغۇزۇپ ، كېچىسى تاغقا چىقىرىۋېتىدىغان بولدى . بوستاندىكى بىز تۇرغان يەرنىڭ سۈيى بولغان بىلەن تاماق ئېتىپ يىگۈدەك شارائىتى يوق ئىدى . بىز بەش كېچە – كۈندۈزلۈك ئۇرۇش جەريانىدا قۇرۇق ناننى غاجىلاپ ، سوغۇق سۇنى ئىچىۋەردۇق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، كېچە ياكى كۈندۈز خاتىرجەم ئۇخلىيالماي ، تولىمۇ ھاردۇق يەتتى . دۈشمەن بىلەن ئۇيان – بۇيان بولماي ، سايدا يېتىۋېرىش بەزى كىشىلىرىمىزنى زېرىكتۈرۈپ قويدى . بىزدە بىر قىسمىمىز ئۇرۇشقا قاتناشساق ، يەنە بىر قىسمىمىز دەم ئالىدىغان ئىمكانىيەت بولمىغاچقا ، ئۇرۇشقا ھەممىمىز تەڭلا قاتنىشاتتۇق . دۈشمەنلەر گۇچۈڭغا ئۆتۈپ كېتىشكە كۆزى يەتمەي ، تەمىناتتىن قىسىلىپ قالدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيى بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق ئىدى . دەل شۇ پەيتتە ، مەھمۇت مۇھىتى ئارىمىزدىكى خەنزۇچە سۆز بىلىدىغان كونا گۇچۇڭلۇق ياش ئۇيغۇرنى لى خەيرۈيگە ئەلچى قىلىپ كىرگۈزدى . مەھمۇت مۇھىتى ئۇنىڭغا : سەن بېرىپ ئەسكەر باشلىقلىرىغا ئېيتقىن ، ئۇلار قورال تاپشۇرسىلا ئۇلارنى ھېچنەرسە قىلمايمىز . خالىسا گۈچۈڭغا كېتىۋەرسۇن . بۇ ھەقتە ئەگەر ئۇلار ئەلچى ئەۋەتسە ، سۆزلەشسەك بولىدۇ ، دەپ تاپىلىدى . بىزنىڭ ئەلچىمىز ئاتقا مىنگىنىچە قولىغا ياغلىقىنى ئېلىپ پۇلاڭلىتىپ دۈشمەن سېپى تەرەپكە كەتتى . بىز تەرەپتىن ئوق ئېتىش توختىتىلدى . لېكىن ، دۈشمەن تەرەپتىن ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بىزنىڭ ئەلچىمىز دۈشمەن سېپىگە سالامەت كىرىپ كەتتى . ئەلچى ئۇلارغا يېقىن بارغاندا ، ئۇلار ئۇنىڭ كۆزىنى تېڭىپ ، يانلىرىنى تەكشۈرۈپ ، ئاندىن باشلىقلىرىنىڭ يېنىغا ئەكىرىپتۇ . ھەر ئىككى تەرەپتىن ئوق ئېتىش توختاپ ، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى . شۇ كۈنى كەچقۇرۇن دۈشمەن تەرەپ ، ئىلگىرى پىچان ناھىيىسىدە ئازراق ئىشلىگەن ، ئازغىنا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان بىز خەنزۇنى بىزگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى . ئەمما بىز ئۇنىڭ كۆزىنى تاڭمىدۇق ، يېنىنىمۇ ئاختۇرمىدۇق . مەھمۇت مۇھىتى ئۇنىڭ بىلەن سايدىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدىلا سۆزلەشتى . نەتىجىدە جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى بىزگە 400 تال مىلتىق بېرىدىغان بولدى . بىز ئۇلارنىڭ يولىنى توسمايدىغان بولدۇق ( ئۇلار توپتوغرا گۇچۇڭغا كېتىدىغان بولدى ) . شۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ، ئەتىسى قوراللارنى تاپشۇرماق بولۇپ ئەلچى ئۆز ئارمىيىسى تەرەپكە قايتىپ كەتتى .

شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپتە ئوق ئېتىش پۈتۈنلەي توختىتىلدى . بىراق ، ئىش مۇشۇ يەرگە يەتكەندە ، بىزنىڭ ئارىمىزدا باشباشتاقلىق بىلەن قاراملىق قىلىش يۈز بەردى ؛ « ئەتە ئۇلار بىزگە ياخشى مىلتىقلارنى بېرەتتىمۇ ؟ ئۇلار مىلتىق ئەكىلىپ بەرگىچە بىز بۇ يەردە ساقلاپ ياتىمىزمۇ ؟ بۈگۈن كېچىدىلا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنىڭ ھەممە مىلتىقلىرىنى تارتىۋېلىش كېرەك » دەپ غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن ، ھەربىي بىلىمدىن ساۋاتى يوق كالتە پەم ئادەملەرنىڭ غۇلغۇلىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كېتىپ ، شۈ كۈنى كېچىدىلا « قايسى قىسىمنىڭ پىدائىيلىرى ئاۋۋال يېتىپ بارسا ، قورالنى شۇلار كۆپ ئالىدۇ » دېگەن كۆزقاراش بويىچە مەھمۇت مۇھىتىدىن بۇيرۇقسىزلا دۈشمەن ئاكوپىغا بەس – بەس بىلەن ئات سالدۇق . مەھمۇت مۇھىتى بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز بولغاچقا ، تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلگەن چۇقان بىلەن باشلانغان ھۇجۇمنى توختىتىشقا ئۇ كىشىمۇ ئامالسىز قالدى ؛ « ھاي – ھاي » دېگىنىچە ئۆزىگە يېقىن يەردىكى پىدائىيلارنى توسۇۋالغان بولسىمۇ ، ئۇرۇش مەيدانى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن ، يىراق يەرلەردىكى پىدائىيلار ئاللىقاچان ئۇزاپ كەتكەندى . دۈشمەن تەرەپ كېلىشىم بويىچە ئوق ئاتماي تۇرۇۋاتسا ، بىزنىڭ پىدائىيلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئاكوپلىرىغا يېقىنلىشىپ قالدى . بۇنى كۆرگە دۈشمەنلەر توساتتىن شىددەتلىك ئوق ياغدۇردى . شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن فرونت بويىچە ئوت ئېچىلىپ كەتتى . بىزدىن ئۆلگەنلەر ئۆلۈپ ، قالغانلىرىمىز ئەسلىدىكى ئورنىمىزغا ئاران قېچىپ كېلىۋالدۇق . بۇ ئىشقا مەھمۇت مۇھىتى قاتتىق خاپا بولدى . لېكىن ، بۇ ئىشنىڭ مەسئۇلىيتىنى قانچە سۈرۈشتۈرۈپمۇ تاپالمىدى . كىمدىنلا سورىسا « نىمە بولغىنىنى بىلەلمەيلا قالدۇق . ھەممەيلەن تەڭلا ھۇجۇمغا ئۆتتى ، ‹ ھاي – ھاي › دېسەك ئۇنىمىدى » دەپ تۇرۇۋالدى ؛ تۈەنجاڭ ، ليەنجاڭ بولغانلار تىلىنى بىر قىلىپ بىر – بىرىنى پاش قىلمىدى . مەھمۇت مۇھىتى : ئەستاغپۇرۇللا ، ئەمدى ئىش بۇزۇلدى . ئەتە ئۇلار بىزگە 400 تال مىلتىق ئەمەس ، تۆت تال مىلتىقمۇ بەرمەيدىغان بولدى ، دېدى – دە ، پىدائىيلارنىڭ باشلىقلىرىغا قاتتىق خاپا بولۇپ ، غولنىڭ بېشىدىكى خوجىنىياز ھاجى تۇرۇۋاتقان بوستانغا چىقىپ كەتتى . ھەرقايسى پىدائىيلارنىڭ باشلىقلىرىمۇ ئۆز ئورۇنلىرىنى تاشلاپ تاغ تەرەپكە سۈرۈلدى . تۈن بويى ئوق ئېتىپ چىققان جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى تاڭ سەھەردە بىز تەرەپتە ئەلەملەردىن باشقا ھېچكىم يوقلۇقىنى كۆرۈپ ، بىر بېسىپ – ئىككى بېسىپ كېلىپ ، قاداپ قويۇلغان ئەلەملىرىمىزنى ئولجا ئالدى . كېيىن ئاڭلىساق ئۇلار ئەلەملەرنى بىرىنچى بولۇپ ئالغان ئەسكەرلەرگە پۇل مۇكاپات بېرىپتىمىش . بىز ئەتىگەندە دۇربۇن بىلەن قاراپ ، جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىنىڭ بىز ئىگىلىگەن غولدىن ئۆتۈپ گۈچۈڭ تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق . بىز دۈشمەنلەرگە يەنە ئات سالغاندۇق ، دۇشمەنلەر بىزنى كۆرۈپ چوڭ يولدىن چىقىپ ، مورىغا كىرمەي ، جوڭغار تۈزلەڭلىكى بىلەن ئۇدۇل گۈچۈڭنى كۆزلەپ ماڭدى . بىز ئاتلىق ئىدۇق ئۇلار پىيادە ئىدى . يەر شارائىتى تۈپتۈز بولغاچقا ، ئۇلارنى قانچە توسىغان بولساقمۇ ، توسۇپ بولالمىدۇق . بىزدىن بەزى چىقىملار بولدى ، لېكىن دۈشمەنلەر يەنىلا گۇچۇڭغا كىرىپ كەتتى .

بىز سارىغايغا بېرىپ توپلاشتۇق . خوجىنىياز ھاجى كۆپچىلىككە : سىلەر گەپ ئاڭلىماي ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ، قوراللىق دۈشمەننى گۈچۈڭغا ئۆتكۈزىۋەتتىڭلار . ئەمدى دۈشمەنلەر بىلەن ئۆزۈڭلار ئۇرۇشىۋېلىڭلار ، مەن كەتتىم ، - دېگىنىچە ، سارىغايدىن بوستانغا كەتتى . ئۇنىڭ ئارقىدىن مەھمۇت مۇھىتىمۇ قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە قوزغىلاڭ قىلدۇق ، مېنى باشلىق قىلدىڭلار ، نىمىشقا گەپكە كىرمەيسىلەر ؟ ئىش ھەل قىلغۇچ يەرگە كەلگەندە ، مېنىڭ بۇيرۇقۇمسىز قاراملىق بىلەن باشباشتاقلىق قىلىپ ، دۈشمەنگە ئورۇنسىز ھۇجۇم قىلدىڭلار . نەتىجىدە ، مەغلۇپ بولغانغا تەڭ بولدى . بىر تالمۇ مىلتىق ئالالماي ، دۈشمەننى گۈچۈڭغا ئۆتكۈزىۋەتتۇق . سىلەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىغاندىن كېيىن ، مەنمۇ خوجىنىياز ھاجى بىەلن بىللە قۇمۇلغا كەتتىم ، سىلەر باشقا باشلىق سايلاپ ، جىن شۇرېن بىلەن ئۆزۈڭلار ئۇرۇشىۋېلىڭلار ، - دېدى – دە ، مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ كەينىدىن بوستانغا ماڭدى . مەھمۇت مۇھىتىنىڭ « قوزغىلاڭ قىلدۇق ، مېنى باشلىق قىلدىڭلار » دېيىشىنىڭ سەۋەبى : تۇرپان ئاستانىدا خەلق قوزغىلاڭ قىلماقچى بولۇپ چايقىلىپ تۇرغاندا ، ئارىدىن بىر كىشى : قوزغىلاڭ قىلساق بىزگە كىم باشلىق بولىدۇ ؟ - دېگەندى . زىيىت دېگەن كىشى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۆزىگىلا : كىم باشلىق بولاتتى ، مەھمۇت باي باشلىق بولىدۇ . بايلار مېلىنى چىقارسۇن ، بىز كەمبەغەللەر جېنىمىزنى چىقىرىمىز . دېدى . بۇنىڭغا مەھمۇت مۇھىتى بىرنەرسە دېمىگەن . شۇنڭدىن تارتىپ ، بىزنىڭ باشلىقىمىز مەھمۇت باي دەپ كەلگەن ئىدۇق . 1932 – يىلىدىكى تۇرپان قوزغىلىڭى خەلقنىڭ ستىخىيىلىك ھالدىكى قوزغىلىڭى ئىدى . بۇ قوزغىلاڭغا 60 نەچچە يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە ، بەزىلەر « بۇ قوزغىلاڭغا مەلۇم بىر تەشكىلات رەھبەرلىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن » دېيىشمەكتە . مەن قوزغىلاڭ باشلانغان كۈندىن تارتىپ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي ، ھەممە ئۇرۇشلاردا بىللە بولۇپ كەلگەن . لېكىن بىرەر تەشكىلاتنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيمەن ، ئاڭلاپمۇ باقمىغان . دېمەك ، ئۇ چاغدا قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىدىغان بىرەر تەشكىلات بولغان ئەمەس .

مەھمۇت مۇھىتى بوستانغا بارغاندا ، خوجىنىياز ھاجى ئاچچىقىدىن يېنىپ خېلى ئوڭلىنىپ قاپتۇ . ئېھتىمال ، ئۇ كىشىنىڭ يېنىدىكى ئاقساقاللار مەسلىھەت بەرگەن بولسا كېرەك . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى ئۇ يەردە باشقلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ئاۋۋال تۇرپانغا چۈشۈپ بىر ئاز دەم ئېلىپ ۋە تەييارلىق قىلىپ ، ئاندىن گۈچۈڭ تەرەپكە بېرىپ پارتىزانلىق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى . سارىغايدا قالغان پىدائىيلار ئاستا – ئاستا بىر – بىرىنىڭ كەينىدىن بوستانغا يېتىپ كېلىشتى . ئاندىن ھەممىمىز تۇرپانغا چۈشۈپ كەتتۇق . بىز جىن شۇرېن ئەسكەرلىرى بىلەن بوستاندا ئۇرۇش قىلغاندا ، تۇرپاننىڭ قارىغوجا يېزىسىدىكى گاسپنڭ ئوغلى ئابدۇللا دۈشمەن تەرەپتە ئەسكەر ئىدى . گۈچۈڭنى ماجوڭيىڭ ئەسكەرلىرى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، گۈچۈڭدىن قايتىپ كېلىپ ، بىزگە پىدائىي بولدى ۋە مۇنداق بىر ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى : سىلەر جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىنى بوستاندا توسۇۋالغاندا ، بىزنى ئىنتايىن قورقۇنچ بېسىپ كەتتى . بىز تۇرغان يەردە سۇ يوق ، ئوزۇق – تۈلۈك قىس ، روھىمىز بەك تۆۋەن ئىدى . سىلەر تەرەپتىن ئەلچى كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولساقمۇ ، نېمەن دېيىشكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق . شۇ كېچىسى سىلەر ئومۇمۇيۈزلۈك تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا ، باشلىقىمىز بىزگە « ھېچكىم ئوق چىقارمىسۇن ! » دەپ بۇيرۇق قىلغاندى ، بىز ئاكوپلاردا بىخارامان ياتقاندۇق . كېچىسى سىلەر تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدىڭلار ، بىز ناھايىتى ھودۇقۇپ كەتتۇق . سىلەر بىزگە يېقىنلاپ كەلگەندە ، بىز بېشىمىزنى ئاكوپتىن چىقارماي ، مىلتىقنى ئاسمانغا قارىتىپ ئېتىۋەردۇق . شۇڭا ، سىلەر كۆپ چىقىم تارتمىدىڭلار . بىراق ، كېيىن يامغۇردەك ئوقلار ئىچىدە ئارقىڭلارغا قېچىشقا مەجبۇر بولدۇڭلار . تاڭ ئاتقاندا قارىساق ، خېلى يېقىن يەرلەردە بىر قانچە ئادەمنىڭ جەسىتى يېتىپتۇ . بىر ئادەم يارىدار تۇرۇقلۇق ، يېتىپ تۇرۇپ بىزگە ئوق ئېتىۋاتقانكەن . باشلىقلىرىمىز بۇ ئادەمنى تىرىك تۇتۇشقا بۇيرۇق بەردى . ئەسكەرلەر ئۇنىڭ تەرەپ – تەرەپتىن قورشاپ تىرىك تۇتىۋالدى . لېكىن ، ئۇ قولغا چۈشۈپ بولغىچە ئەسكەرلەردىن 17 نى ئېتىۋەتتى . بۇ ئادەمنى باشلىقلار يارىدار پېتى ئېلىپ كەتكەن . ئۇلار بۇ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى قورۇپ يەيدىكەن دەپ ئاڭلىۋىدىم ، ئاخىرى نېمە بولغىنىنى بىلمىدۇق . ئەتراپىمىزدىكى بىر قانچە ئون يەردە ئەلەم قاداقلىق تۇرۇپتۇ ، لېكىن بىرمۇ ئادەم يوق . بىز ئىلگىرىلەپ بېرىپ ئەلەملەرنى ئېلىۋالدۇق . ئەلەم ئالغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىلدى . ئابدۇللا سۆزلەپ بەرگەن ، يارىدارلىنىپ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغان ھېلىقى كىشى بوستانلىق ھامۇت پالىۋان ئىدى . ئۇ مەھمۇت مۇھىتى مورىغا بارغاندا پىدائىي بولۇپ قوشۇلغان .

16 . شېڭ شىسەينىڭ تەختكە چىقىشى

1933 – يىلنىڭ باشلىرىدا خوجىنىياز ھاجى مورىدىن تۇرپانغا چۈشكەندىن كېيىن ، جىن شۇرېننىڭ قۇمۇلدىكى 4000 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى « قۇمۇلنىڭ 12 تېغىدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قازاندۇق » دەپ داۋراڭ سالغان بولسىمۇ ، لېكىن قوزغىلاڭ ئوتىنى پەسەيتەلمەي ، ئەكسىچە تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى ؛ قوزغىلاڭ ئوتى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى .

1932 – يىلنىڭ ئاخىرى قۇمۇل تاغلىرىدا جىن شۇرېننىڭ « ئوغرىلارنى تازىلاش » باش قوماندانى قانخور شېڭ شىسەي « ئوغرىلار تۈگىدى » دەپ دەۋراڭ سالغاندا ، تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن خەلقلىرى قۇمۇل خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشۇپ ، بىردەك قوزغىلىپ كەتتى . دېمەك جىن شۇرېن ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئارمىيىلىرىنى قۇمۇل تاغلىرىدا ۋە قۇمۇل شەھىرىدە تۇرغۇزۇشنىڭ ھاجىتى قالمىغاندى ؛ ئۈرۈمچىنى ساقلاپ قېلىش تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن جىن شۇرېن شېڭ شىسەيگە قۇمۇلنى تاشلاپ قويۇپ ، تۇرپانغا كېلىپ تۇرپاندىكى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى . شېڭ شىسەي 4000 مىڭ ئەسكىرى بىلەن پىچان ، تۇرپان ، توقسۇن ناھىيىلىرىدە 3000 دىن ئارتۇق خەلقنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن ، 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى . ئۇنىڭدىن كېيىن جىن شۇرېننىڭ قۇمۇلدىكى سىلىڭى لى خەيرۈيمۇ قۇمۇلنى تاشلاپ قويۇپ ، قۇمۇل ۋە پىچاندىكى بارلىق ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى باشلاپ گۈچۈڭغا قايتىپ كەلدى . دېمەك ، قۇمۇل ۋىلايىتى جىن شۇرېن ئارمىيىسىدىن پۈتۈنلەي خالى بولۇپ قالدى . جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن يەرلىك خەلقنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولدى . ئۈرۈمچىنىڭ نەنسەن ئەتراپىدىكى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئۇيغۇر ، خۇيزۇ خەلقلىرى ئۈرۈمچىگە توختىماي ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى . سەندۇبا ، قۇتۇبى ناھىيىلىرىدىكى خەلقلەرمۇ قوزغىلىپ ، ئۈرۈمچىنىڭ شەرق تەرىپى بىلەن شەھەرگە تەھدىت سېلىپ تۇراتتى . ئالتاي ، تارباغاتايلاردا قوزغىلاڭ بارغانچە ئەۋج ئالدى . قاراشەھەردە تۇرۇۋاتقان ماشىمىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، دەرھال بىر ئۆمەك تەشكىل قىلىپ ، ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ماجوڭيىڭنى شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن گەنسۇغا ئەۋەتكەندى . ماجوڭيىڭ تەكلىپنى ماقۇل كۆرۈپ شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى .

ئىنقىلاب ئوتى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلاپ ، جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇلىنى تەۋرىتىپ قويدى ، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشى مۇقىملىىشىپ قالدى . كېيىن مەلۇم بولۇشىچە ، ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى « ھازىردىن باشلاپ ھەركەتلەنمىسەك ، كېيىن ئۆزىمىزنى قوغدايدىغان يەر تاپالماي قالىمىز » دەپ ئويلاپ مەخپى ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغان . ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىنىڭ خەلقنى قىرغان گۇناھى ئۆزىگە ئايان بولغاچقا ، ئۇلارمۇ 1933 – يىلى 4 – ئاينىڭ باشلىرىدا جەنۇبىي شىنجاڭغا قېچىشقا تەييارلانغان . لېكىن ، كېيىن ۋەزىيەتكە بېقىپ ، « مىلتىقنىڭ ئۇچىنى تەختتىن چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىگە قاراتساق ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىغا ئېرىشىپ قالارمىز دەپ ئويلىغان . ۋەزىيەتكە قاراپ ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغان بۇ ئىككى خىل كۈچنىڭ خىيالى بىر يەردىن چىقىپ قالغانلىقتىن ، دۈبەن مەھكىمىسى سەنموچۇسى ( مەسلىھەتچىلەر باشقارمسى ) نىڭ باشلىقى چېن جوڭ ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باش كاتىپى تاۋ مىڭيۆ ، ئايرۇپىلان ئەترىتى باشلىقى لى شياۋتيەنلەر ئاق ئورۇسلارنىڭ باشلىقى گىرومكىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، 1933 – يىلى 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە چېن جوڭ سەنموچۇ نامىدىن « ئورۇس ئەسكەرلەر مەشق قىلغىلى بارىدۇ » دەپ ، ئۇلارنىڭ نەنلياڭدىن شەھەر ئىىچىگە كىرىشىگە بۇيرۇق بەرگەن . ئورۇس ئەسكەرلەرنىڭ 200 چىسى ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىگە كىرىپ دۈبەن مەھكىمىسىگە ئوت ئاچقان ؛ قالغانلىرى تۆت ئەتراپقا بۆلۈنۈپ ، شەھەرنىڭ تۆت دەرۋازىسىنى قامال قىلغان . جىن شۇرېن دۈبەن مەھكىمىسىنىڭ ئارقا تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ قېچىپ كەتكەن . ئورۇس ئەسكەرلەر دۈبەن مەھكىمىسىدىكى ئوق – دورا ۋە خەت چەكلەرنىڭ ھەممىسىنى تاشقىرىغا توشۇپ كەتكەن . شۇ كۈنى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇ ۋېنلوڭ ھەر ساھەدىكى ئابرويلۇق كىشىلەرنى چاقىرىپ ، ئورۇس ئەسكەرلەرنىڭ قوماندانلىق شتابىدا مەجلىس ئېچىپ ، 22 كىشىلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەيئىتىنى سايلاپ چىققان ؛ ليۇ ۋېنلوڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان .

بۇ چاغدا شېڭ شىسەي جىن شۇرېننىڭ بۇيرۇقى بويىچە نەنسەندىكى « باندىتلارنى تازىلاش » قا چىقىپ كەتكەن بولغاچقا ، ئۇنى سەپەر ئۈستىدىن چاقىرتىپ كېلىپ ، 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ 2 – قېتىملىق مەجلىىسدە دۇبەنلىككە سايلىغان . شېڭ شىسەي مەجلىس ئورنىغا كىرگەندە ، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى مەجلىس ئورنىنىڭ ئەتراپىنى ئورىۋالغان . ھۆكۈمەت تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى شېڭ شىسەي ئالدىن بىلمىسىمۇ ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچنى تەسىرى بىلەن دۇبەنلىككە سايلانغان بولغاچقا ، ھەممە كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ كېتىشى ناتايىن ئىدى . شۇڭا ئۇ ، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپلا « ھەر مىللەت سىياسىي ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ، دىنىي ئېتىقاد جەھەتلەردە باراۋەر ۋە ئەركىن » دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۆتمۈشتىكى مىللىي ئېزىلىش ، ئىقتىسادىي ئېكسپىلاتاتسىيە ، سىياسىي تەڭسىزلىك ، ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى غەپلەتتە قالدۇرۇشلار بىكار قىلىنىدۇ » دەپ كەڭ تەشۋىق قىلدى . ئۇ ، مۇشۇ نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ ، جايلارغا ئادەم ئەۋەتىپ تىنچلىق ئورنىتىش ئۈستىدە ئالاقىلىشىۋالغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن پارچىلاشقا كىرىشتى . مەسىلەن ، ئۈرۈمچى نەنسەندىكى ئەسكەر باشلىق ما چۈەنلۈيگە ئالتە ئادەم ئەۋەتىپ ، ئۆزىنىڭ تىنىچلىق ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ۋەكىل ئەۋەتىشنى تەۋسىيە قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ما چۈەنلۈينىڭ قول ئاستىدىكى ئوفتسېر ما دېشاڭغىمۇ تېزدىن مەخپى ئادەم ئەۋەتىپ ، ئۇنىڭ بىلەن تىل بىرىكتۈردى ۋ ئۇنىڭ قولى بىلەن ما چۈەنلۈينى ھەم ئۇنىڭ ئىككى لۈيجاڭىنى ئۆلتۈرگۈزدى ؛ ئارقىدىنلا مادېشاڭنى ۋاقىتلىق رەتكە سېلىنغان 1 – شىسىنىڭ شىجاڭلىقىغا تەيىنلىدى . مادېشاڭ 1933 – يىلى 1 – ماي كۈنى ئىككى نەپەر تۈەنجاڭى بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى . شۇنىڭ بىلەن شېڭ شىسەيگە نەنسەندىن كېلىدىغان خەۋپ ۋاقتىنچە توختىدى . مادېشاڭ شېڭ شىسەيگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ، قول ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇردى . شېڭ شىسەي ئاندىن قاراشەھەردىكى ماشىمىنغا تىنىچلىققا ئاۋاز قوشۇش ، ئۆلكە بىلەن بىرلىشىش توغرىسىدا ۋەكىل ئەۋەتتى . ئەمما ، ماشىمىن ماجوڭيىڭ بىلەن سۆزلىشىپ كۆرۈشنى بانا قىلىپ ئېنىق جاۋاپ بەرمىدى . ۋەكىللەر نەتىجىسىز قايتىپ كەلدى .

خوجىنىياز ھاجى مورىدىن تۇرپانغا قايتىپ چۈشۈشىگە ، شېڭ شىسەي ئۇنىڭغىمۇ نەمەت باي باشلىق بىر نەچچە كىشىنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتكەندى . ئەمما ، خوجىنىياز ھاجى شېڭ شىسەينىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى .

ئىلىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قوماندانى جاڭ پېييۈەنمۇ شېڭ شىسەينڭ دۇبەن بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي ئۇنىڭ بىلەن تىركىشىش ھالىتىدە تۇردى .

17 . خوجىنىياز ھاجىنىڭ تۇرپاندىن گۈچۈڭغا ئاتلىنىشى

خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى بوستاندىكى ئۇرۇشتىن كېيىن ، قوزغىلاڭغا قاتناشقانلارنىڭ بىرقانچە ئايدىن بۇيان توختىماي ئۇرۇش قىلىپ قاتتىق ھارغانلىقىنى ، شۇنىڭدەك ، يىمەك – ئىچمەك ۋە مال بوغۇزىغا ئىشەنچلىك كاپالەت يوقلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، تۇرپانغا چۈشۈپ ئۆزلىرىنى ئانچە – مۇنچە ئوڭشىۋېلىشنى ئويلىدى . بۇ ، 1933 – يىلى 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئىدى . بىز تۇرپانغا چۈشۈشىمىز بىلەنلا ، نەمەت باي باشچىلىقىدىكى تۆت – بەش ئەلچى شېڭ شىسەينىڭ خېتىنى ئېلىپ تۇرپانغا چۈشتى . شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىغا ئەۋەتكەن خېتىدە : « سىلەرنىڭ جىن شۇرېنغا قارشى قىلغان قوزغىلىڭىڭلار توغرا ئىدى . مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن ئۇرۇشۇش نىيىتىم يوق ئىدى . لېكىن ، مەن بىر ھەربىي بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماي ئامالىم بولمىغاچقا ، سىلەر بىلەن نائىلاج ئۇرۇش قىلدىم . شۇڭا ، مەن سىز خوجىنىيازنى قۇمۇلدا قويۇۋەتكەندىم . جىن شۇرېننىڭ ئىشلىرى توغرا بولمىغانلىقتىن ، بىز ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقىپ ، بىز ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقىپ ئۇنى يوقاتتۇق . ئەمدى سىز ئۇرۇمچىگە چىقسىڭىز ، بىز شىنجاڭنى بىرلىكتە باشقۇرساق » دېگەن ئىكەن . خوجىنىياز ھاجى بۇ خەتنى ئوقۇپ ، ئىنتايىن خاپا بولۇپ : ۋۇ ، ئىننىڭنى ! لومودى . مەن ساڭا ئالدانغىلى تۆمۈر خەلىپە ئەمەس . بۇ لومودى تېخى مېنى قويۇۋەتتىم دەپتۇ . نەدە يۈرۈپ مەن ئۇنىڭغا ئەسىر چۈشۈپتىمەن ! » دېگىنىچە ھويلىغا چىقتى . ئۇ ئاچچىقىدا سۆزلەپ ، خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئەتراپتىكى ھەممە كىشىگە بىلدۈرۈپ بولدى . شېڭ شىسەينىڭ « مەن سىزنى قويۇۋەتتىم » دېگىنىنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى : 1932 – يىلى 12 – ئايدا شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجى قوزغىلاڭچىلىرىنى قۇمۇل تېغىنىڭ پۈتۈن غولىدا 400 ئەسكەر بىلەن قورشىۋالىدۇ . خوجىنىياز ھاجى بۇ قورشاۋدىن دەرھال قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلالماي ، خەتەرلىك ئەھۋالدا قالىدۇ – دە ، « قورال تاپشۇرايلى » دەپ 50 تال مىلتىقنى تاپشۇرىدۇ . « قالغانلىرىنى ئەتە تاپشۇرىمىز دەپ قويۇپ ، يېرىم كېچىدە مۇزلۇق – قارلىق تاغقا كىگىزلەرنى يېپىپ ، شۇنىڭ ئۈستىدە ئۆمىلەپ يۈرۈپ يول ئېچىپ قورشاۋدىن قېچىپ چىقىدۇ . شېڭ شىسەي « خوجىنىياز ھاجىنى قويۇۋەتتىم دېيىشتە شۇ ۋەقەنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ مورىدىن تۇرپانغا چۈشكەن ۋاقتى دەل شېڭ شىسەي ماشىمىن قوشۇنى ئىچىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ ، ئۇنىڭ مادېشاڭ ئىسىملىك ئوفتسېرىنى تەسلىم قىلغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى نەنسەندىكى ماچۈەنلۇي ئىسىملىك ئوفتسېرىنى ئۆلتۈرگۈزۈپ ، ماشىمىن قوشۇنى ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان ۋاقىت ئىدى . ماشىمىننىڭ ما فامىلىلىك يەنە بىر لۈيجاڭى 300 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن نەنسەنگىمۇ بارالماي ، قاراشەھەرگىمۇ قايتالماي ، گاڭگىراپ تۇرپاندا تۇرۇپ قالغانكەن . ئۇلارنىڭ قايسى تەرەپكە ( ماچۈەنلۇي ياكى مادېشاڭ تەرەپكە ) تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى . خوجىنىياز ھاجى ئۇلارنىڭ ھېچبىر تەرەپكە بارالمايۋاتقانلىقىنى بىلىپ ، ئۇلارغا : « سىلەر بىز بىلەن بىرلىشىپ گۈچۈڭغا ھۇجۇم قىلساڭلار قانداق ؟ » دەپ تەكلىپ بەردى . ئۇلار مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن ماقۇل بولدى . لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى خوجىنىياز ھاجىغا : : ھازىرچە خوجىنىياز ھاجىغا قوشۇلغان بولايلى ، تاغدىن ئېشىپ شىمالغا ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنىنى قىلىمىز » دەپ مەسلىھەتلەشتى ، دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى مەسلىھەتلىشىپ ، ئۇلارنىڭ قورالىنى يىغىۋېلىش قارارىغا كەلدى . ئاۋۋال سەمەت ھاجى تۈەنجاڭ ، پولات تۈەنجاڭلارنى ماڭغۇزۇپ ، ئاندىن باشقا تۈەنلەرنى باشلاپ مېڭىپ ، يوغانتېرەكتىكى تاغ ئارىسىغا بارغاندا ، ئۇلارنى ئارىغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئات ۋە قوراللىرىنى يىغىۋالدى ئۇلارمۇ ھېچقانداق جىدەل – غەۋغا قىلماي ، قوراللىرىنى يۇۋاشلىق بىلەن تاپشۇرۇپ بەردى . ئاندىن مەھمۇت مۇھىتى ئۇلارغا « بىز ئۇيغۇرلار تۇرپاندا قوزغىلاڭ قىلىپ دۈشمەندىن مىلتىقلارنى تارتىۋالغاندا ، سىلەر ئۆيۈڭلاردىن چىقماي ئولتۇرىۋالغان . دۈشمەن بىلەن بىز ئۇرۇشۇپ ، ھەممە قۇربانلارنى بىز بېرىپ ، ئۇنىڭ بەدىلىگە كەلگەن مىلتىقلار ماشىمىننىڭ ئادالەتسىزلىكى ۋە ئارىمىزغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى بىلەن سىلەرنىڭ مۈرەڭلەرگە چىقىپ قالدى ، لېكىن سىلەر بىزدىن ئالغان مىلتىقلار بىلەن دۈشمەننى ئاتماي ، دۈشمەنگە تەسلىم بولدۇڭلار ، ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قىلىپ دۈشمەنگە ياردەم بەردىڭلار . ئەمدى بىز سىلەرگە « بىرلىشىپ دۈشمەنگە قارشى تۇرايلى » دېسەك ، سىلەر نىيىتىڭلارنى بۇزۇپ ، بىزدىن ئايرىلىپ باشقا ياققا قاچماقچى بولۇپسىلەر . بىز دۈشمەنگە قارشى تۇرىمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىلەردىن مىلتىقلارنى قايتۇرىۋالدۇق . سىلەرگە مىلتىق كېرەك بولسا ، ئۆزۈڭلار دۈشمەندىن تارتىۋېلىڭلار . ئاتلارنى ئېلىۋالدى دەپ قالماڭلار ، قوزغىلاڭدىن ئىلگىرى قايسىڭلارنىڭ ئېتى بار ئىدى . سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار تۇرپانلىق ، مەنمۇ تۇرپانلىق ، ئىلگىرى ھەرقايسىڭلارنىڭ نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقىڭلارنى مەن ئوبدان بىلىمەن . ئاتلار ئومۇمغا تەئەللۇق . ئاتلار دۈشمەندىن قولغا چۈشۈرۈلگەن . بىز ئاتلارنى ئۇرۇشقا ئىشلىتىمىز » - دېدى ۋە ئۇلارنى ھارۋىلار بىلەن تۇرپانغا قايتۇردى . ئوفتسېرلارنىڭ ئات ۋە يان قوراللىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىپ ، « قاراشەھەرگە بارامسىلەر ياكى باشقا ياققا بارامسىلەر ، ئىختىيارىڭلار » دەپ تۇرپانغا يولغا سالدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرپاندىكى قوزغىلاڭنىڭ دەسلىپىدە تۇرپان كونىشەھەردە تەسلىم بولغان لۈيجاڭ مافۇمىنمۇ بار ئىدى ، ئۇمۇ تۇرپانغا ئاتلىق كەتتى .

خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى ئادەملىرىنى باشلاپ يوغانتېرەكتىن يولغا چىقىپ ، پەنۋۇفۇ داۋىنى ئارقىلىق تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى چەنزىگەيگە يېتىپ باردى . ئاندىن جىمىسارغا ھۇجۇم قىلدۇق . بۇنىڭدىن گۈچۈڭدىكى لى خەيرۈي سىلىڭ خەۋەر تېپىپ ، جىمىسارغا ياردەمگە ئەسكەر ئەۋەتتى . گۈچۈڭ ۋە جىمىساردىن بولۇپ 1500 ئاتلىق ئەسكەر بىزگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى . بىز ھەممە يەردە پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ يۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۆلۈنۈپ – تارقىلىپ يۈرۈپ ، دۈشمەننى چۆگىلىتىپ ئۇرۇش قىلدۇق . لېكىن دۈشمەننى توسۇپ بولالماي ، تاغقا قاراپ چېكىندۇق . بىز چېكىنىپ كېتىۋاتقاندا ، پىدائىيلىرىمىزدىن بەزىلىرى خوجىنىياز ھاجى ياكى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ، باشباشتاقلىق قىلىپ ، جىمىسارنىڭ جەنۇبىي دۆڭلىكىدىكى چۈەنپۇدۇڭ دېگەن چوڭ بۇتخانىغا ئوت قويۇۋېتىپتۇ . بۇ بۇتخانىنىڭ بىر قىسمى كۆيۈپ كەتكەنىكەن . جىمىسار ۋە گۈچۈڭدىن كەلگەن لى خەيرۈي ئەسكەرلىرى بىزنى چېكىندۈرۈپ چەنزىگەيگە كەلگەندە ، مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭ مەسچىتىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىپتۇ . دۈشمەن ئارقىمىزدىن قوغلاپ كەلمەكتە ئىدى . بىزمۇ ئاتلىق بولغاچقا ، بىردەم قېچىپ ، بىردەم ھۇجۇم قىلىپ ، دۈشمەننى تازا ھاردۇرغاندىن كېيىن ، ئاخىر تاغقا بۆلۈنۈپ مېڭىپ ، ھەرقايسى يەرلەردە دۈشمەننى توستۇق . دۈشمەن داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە كۆزى يەتمەي ئارقىغا قايتتى . بىزنىڭ تۇرپاندىن چىققىنىمىزغا ئۈچ كۈن بولغاندى . بىز ئۇ يەردىن تەڭرىتاغنى بويلاپ شەرققە مېڭىپ ، تەنپامۇڭ دېگەن يەرگە يېتىپ بارساق ، گۈچۈڭدىن بىر تۈەن ئاتلىق ئەسكەر كېلىپ ، بىزنى توسۇپ ھۇجۇم قىلدى . ئۇ يەردە خېلىلا قاتتىق ئېلىشتۇق ، ھاتتا بەزىدە گىرەلىشىپمۇ كەتتۇق . ئاخىر بىز غەلىبە قىلدۇق . دۈشمەننىڭ بىز قىسمى يوقىتىلغاندىن كېيىن ، قالغان قىسمى گۈچۈڭغا قايتتى . ئاز بولسىمۇ بىر قىسىم مىلتىقلارنى ئولجا ئالدۇق . شۇ كۈنى كەچ ئۇزۇن قىر دېگەن تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قوندۇق .
18 . خوجىنىياز ھاجىنىڭ ما جوڭيىڭ بىلەن ئۇچرىشىشى

شېڭ شىسەي 1933 – يىلى 4 – ئايدا ئۈرۈمچىدە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا ، جىن شۇرېن سىبىرىيە ئارقىلىق ئىچكى جوڭگوغا قاچقان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ قېپقالغان بەزى قىسىملىرى شېڭ شىسەيگە ئىتائەت قىلماي قارشىلىشىپ يۈردى . مەسىلەن ، ئىلىدىكى جاڭ پېييۈەن جىن شۇرېننىڭ بىر قىسىم قالدۇق ئەسكەرلىرىنى توپلاپ شېڭ شىسەيگە ئاشكارا قارشى چىقتى . 1933 – يىلى ماي ئايلىرىدا گۈچۈڭدىكى لى خەيرۈيمۇ شېڭ شىسەيگە ئىتائەت قىلماي ، خوجىنىياز ھاجىغىمۇ قورال تاپشۇرماي ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قىلىپ يۈردى . خوجىنىياز ھاجى گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ تەنپامۇڭ دېگەن يېرىدىكى ئۇزۇن قىر تاغ ئۈستىگە كەلگەندە ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئالدىغا شېڭ شىسەيدىن يەنە تۇرسۇن بابا باشلىق بىر نەچچە ئادەم ۋەكىل بولۇپ كەلدى ، ئۇلار يەنە شۇ كونا گەپلەرنى تەكرارلىغان بولسىمۇ ، خوجىنىياز ھاجى « ياق » ياكى « ھە » دەپ جاۋاپ بەرمەي ، « ئويلىشىپ باقايلى » دەپ ۋەكىللەرنى قايتۇردى . بۇ چاغدا ما جوڭيىڭ گەنسۇدىن شىنجاڭغا كىرگەن ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئالدى مورى ناھىيسىگە يېقىنلىشىپ قالغاندى . خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئالدىدا ئەمدى كىم بىلەن بىرلىشىپ ، كىمگە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى يەنى ئىلگىرىكىدەك ما جوڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرۇش كېرەكمۇ ؟ ياكى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ ما جوڭيىڭغا قارشى تۇرۇش كېرەكمۇ ؟ دېگەن مەسىلە تۇراتتى . شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشەي دېسە ، شېڭ شىسەي قۇمۇل ، پىچان ، تۇرپان ، توقسۇن قاتارلىق جايلاردا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغان جاللات . خوجىنىياز ھاجى قۇمۇل پىچانلاردا ئۇنىڭ بىلەن ئۇدا ئىككى يىل ئۇرۇش قىلدى . ئۇنىڭ ئەمدىكى ياغلىما سۆزلىرىگە ئىشەنگىلى بولمايتتى . خوجىنىياز ھاجى « ئۆتمۈشتە تۆمۈر خەلىپە ئېزىلىشكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە ، مۇستەبىت ياڭ زىڭشىن ھۆكۈمىتى ‹ ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات › ، تۆمۈر خەلىپىنى ئۈرۈمچىگە ئالداپ ئاپىرىپ يوشۇرۇن قەتلى قىلغان ، شېڭ شىسەي ‹ جىن شۇرېننىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدىم دەپ ، ھازىرقى قوزغىلاڭچىلارغا كۈچى يەتمەي ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق بىگۇناھ پۇقرالارنى قىرغىن قىلدى . ئەمدى ئۇ ، دىلىدىكى زەھەرنى يوشۇرۇپ ‹ شېكەر سۆزلىرى › ئوتتۇرىغا چىقارغىلى تۇردى . ئۇنىڭ جىن شۇرېندىن نىمە پەرقى بار بەرىبىر قارا ئىتمۇ ئىت ، ئاق ئىتمۇ ئىت . ئۇ ، مېنىمۇ سىلاپ – سىپاپ توزاققا چۈشۈرۈپ ، تۆمۈر خەلىپىنىڭ كاللىسىنى ئالغاندەك كاللامنى ئالماي قالمايدۇ . ئۇنىڭ ھېلىدىن ھالۋا ياساپ قىلغان چىرايلىق سۆزلىرىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ ، دەپ ئويلىدى . شۇڭا ، شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىش خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىدى . قۇمۇل خەلقىنىڭ مەقسىتى جىن شۇرېننىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، ئۆلكىدە خەلقچىل ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىدى . قۇمۇل خەلقىنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىقمۇ چىدىغۇسىز دەرىجىگە يېتىپ ، خەلقنىڭ سەبرى قاچىسى تولغان ، پىچاق سۆڭەككە يەتكەندى . مەسىلەن ، 1930 – يىلى 4 – ئايدا قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت ئۆلگەندىن كېيىن ، جىن شۇرېن ۋاڭنىڭ يەرلىرىنى تەرتىپكە سېلىش باھانىسى بىلەن ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىلگىرىدىن ئىجارىگە ئېلىپ تېرىپ كېلىۋاتقان ۋاڭنىڭ يەرلىرىنى ئۇلاردىن تارتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ يۇرتىدىن كۆچۈپ چىققان خەنزۇلارغا بۆلۈپ بەردى ۋە ئۇلاردىن ئۈچ يىلغىچە دېھقانچىلىق بېجى ئالماسلىقنى بەلگىلىدى . پىششىق يەرلىرى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بولسا « بوز يەر ئېچىڭلار ، دېھقانچىلىق بېجىنى بوز يەر ئاچقان يىلدىن باشلاپ تۆلەيسىلەر » دەپ بۇيرۇق قىلدى . مۇنداق تەڭسىزلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغاندى . ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئۈستىدىكى تۈرلۈك سېلىقلىرى بارغاسېرى ئېغىرلىشىپ بارغاننىڭ ئۈستىگە ، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ ئىنتىزام ئەخلاقى ئىنتايىن ناچار بولۇپ ، ئۇلار خەلقنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى خالىغانچە ھەقسىز ئېلىۋالالايتتى ، ئاياللارغا ھاقارەت قىلاتتى . ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تارتىپ ناھىيە ھەتتا يېزا دەرىجىلىككىچە بولغان ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى باجنى تۈرىنى خالىغانچە كۆپەيتىپ ، مىقدارىنىمۇ خالىغانچە ئۆستۈرىۋېرەتتى . ئەگەر كىمىكى بۇ بۇيرۇق ، زورلۇق ۋە سېلىقلارغا بويسۇنمىسا ، ئۆلگۈچە تاياق يەپ ، يەنە جەرىمانە تۆلەيتتى .

جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىنىڭ زۇل ھەددىدىن ئېشىپ خەلق پارتلاش ئالدىدا تۇرغاندا ، چازىدىكى جاڭ دۈيجاڭ دېگەن ئەمەلدارنىڭ شوپۇلدىكى تورشا ئابدۇلنىڭ گۈلخان ئىسىملىك 13 ياشلىق قىزىنى زورلۇق بىلەن خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغانلىقى شۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا پىلىك بولۇپ بەردى – دە ، 12 تاغدىكى خەلقنىڭ ھەممىسى قوزغىلىپ كەتتى . 1931 – يىلى قوزغالغان قۇمۇل خەلقى جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى بىلەن ئېلىشىشنى 1933 – يىلىغىچە توختىماي داۋاملاشتۇردى . جىن شۇرېن قېچىپ كېتىپ ، شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بەزى يېڭى سىياسەتلەر بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ، خوجىنىياز ھاجى شېڭ شىسەيگە ئىشەنچ قىلالمايتتى . ئۇ ، خەلقنىڭ ئازادلىق يولىدىكى ئىنقىلاب ئۇچقۇنى ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان يالقۇنغا ئايلانغان چاغدا ، بۇ ئامەتنى بالايى – ئاپەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنىڭ يولىنى تېپىشقا باش قاتۇراتتى . ئۇ ، ماجوڭيىڭ بىلەن يەنە بىرلىشەي دېسە ، ئۇنىڭغىمۇ تازا كۆڭۈل توختىتالمىدى . چۈنكى ، 1931 – يىلى قوزغىلاڭ باشلانغاندا جىن شۇرېننىڭ ئۆلكە بويىچە 64 مىڭ ئەسكىرى بار ئىدى . خوجىنىياز ھاجى شۇنىڭغا قارىماي ، جىن شۇرېنغا قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان ۋە يولۋاس ئىسمايىل قاتارلىق كىشىلەرنى گەنسۇدىكى ما جوڭيىڭنى تەكلىپ قىلىشقا ئەۋەتكەندى . 1931 – يىلى 5 – ئايدا ما جوڭيىڭ بىرىنچى قېتىم 500 ئەسكىرى كۈچ ، 90 نەچچە تال مىلتىق بىلەن ئەنشىدىن قۇمۇلغا چىقىپ ، شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى . ئۇ يەنە ، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدىن 500 كىشىنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىپ ، ئۇلارغا قىلىچ ۋە نەيزە تۇتقۇزۇپ ، ئۇلارنى قوشۇننىڭ ئالدىغا سېلىپ ، سېپىلغا چىقىشقا مەجبۇرلىدى . نەتىجىدە ، يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى قىرىلىپ كەتتى . ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى خوجىنىياز ھاجىغا ئەھۋال ئېيتىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندە ، خوجىنىياز ھاجى ما جوڭيىڭغا خەلقنىڭ تەلىپىنى يەتكۈزۈپ : « مىلتىقى يوق ئەسكەرلەرنى سېپىلغا چىقىشقا زورلىمىساڭلار » دېسە ، ما جوڭيىڭ خوجىنىياز ھاجىنىڭ سۆزىنى ئىلكمۇ ئالمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۆلۈپ تۈگىدى . يەنە بىر قىسمى ما جوڭيىڭ بىلەن تاغدىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ يېنىغا ماڭغاندى . تاغدا جۇدۇن بولۇپ كېتىپ يېلىڭ كىيىم ، يالىڭاياغ ئەسكەرلەر يولدا ئىنتايىن قىينالغاچقا ، خوجىنىياز ھاجى باشلىق تاغ خەلقى ئۇلارنى چېدىر تىكىپ ، قويلارنى سويۇپ ، يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەكلەر بىلەن ئوبدان كۈتۈۋالدى . ما جوڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى تاغدا ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن ، جىن شۇرېننىڭ بارىكۆلدىن قۇمۇلغا كېلىۋاتقان ئىككى تۈەن ئەسكىرىگە تاغ خەلقىنىڭ ياردىمى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارنى ئەسىرگە ئالدى ؛ يەنە ئۇيغۇر ، قازاق خەلقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بارىكۆلنى ئىشغال قىلدى . ما جوڭيىڭ ئولجا ئالغان مىلتىقلار بىلەن ئۆز ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇپ ، ئادەم سانىنى مىڭغا يەتكۈزۈپ ، ئۆز قوشۇنىنى كۈچەيتتىكى ، خوجىنىياز ھاجى قوشۇنىغا بىر تال مىلتىق بەرمىدى . ئۇ تېخى خوجىنىياز ھاجى باشلىق بىرقانچە كىشىنى « يىڭجاڭ ، ليەنجاڭ » قىلدىم دەپ ، قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب قىلماقچى بولدى . ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇپ ئېشىپ قالغان قوراللارنى تۆگىگە ئارتىپ ، « ئۈرۈمچىدىن كېلىۋاتقان دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىنى توسۇيمەن » لودۇڭغا ماڭدى . ئەمما ، لودۇڭدىكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ، گەنسۇغا قېچىپ كەتتى . ما جوڭيىڭ مېڭىش ئالدىدا ، خوجىنىياز ھاجى ئۇنىڭغا : « بىزنىڭ قوراللىرىمىزنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى بىلىسىز . ئۇرۇشنى بىللە قىلدۇق ، ئولجا ئالغان قوراللار ئۆزىڭىزدىن ئېشىپ تۇرسا ، ئۇلارنى بىزگە قالدۇرماي كېتەمسىز ؟ » دېسە ، ما جوڭيىڭ : مەن ئىچكىرىگە بېرىپ ئەسكەر ئېلىپ يەنە كېلىمەن ، دەپ جاۋاپ بەردى . خوجىنىياز ھاجى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن ، ئۇ : ماقۇل ، ئەتە كېلىڭلار ، دەپ قويۇپ ، يېرىم كېچىدە قېچىپ كەتتى . دېمەك ، ما جوڭيىڭ ئاشنى يەپ بولۇپ قازاننى چاقتى . سەن ئۆل ، مەن تىرىلەي دېگەندەك ئىش قىلدى .

ما جوڭيىڭ يەنە ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ، خەلققە ئېغىرچىلىق سالىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلدى . مەسىلەن ، ئەنشىدىن قۇمۇلغا كېلىپلا ئۆز ئالدىغا قەغەز پۇل بېسىپ تارقاتماقچى بولدى . خوجىنىياز ھاجى « ئەگەر مۇنداق قىلساق ، خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىق ئېشىپ كېتىدۇ » دەپ توسىسا ، ما جوڭيىڭ خوجىنىياز ھاجىنىڭ گېپىنى بىر تىيىنغا ئالماي ، قەغەز پۇلنى باستۇرۇپ تارقىتىۋەردى . نەتىجىدە ، مال باھاسى ئېشىپ كېتىپ ، ئۇنىڭ قەغەز پۇلى خەلقنىڭ قولىدا قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالدى . 1931 – يىلى 8 – ئايدا ما جوڭيىڭنىڭ ئاخۇن تۈەنجاڭ دېگەن بىر ئوفتسېرى « ئاغرىپ قالدىم » دەپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ يۇرتى تاراتىغا بېرىپ تۇرىدۇ . خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئىنىسى يار قارى ئۆزىنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنى ئۇلارغا بوشىتىپ بېرىپ ، ئۇلارنى ياخشى كۈتىدۇ . ئاخۇن تۈەنجاڭ بىر ئاي تۇرغاندىن كېيىن ، بىر خەنزۇنىڭ قىزىنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا تېگىشكە مەجبۇرلايدۇ . قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى تاراتىنىڭ دورغىسى ( بېگى ) قۇربانغا ئەرز قىلىدۇ . قۇربان دورغا بۇ ئەھۋالنى خوجىنىياز ھاجىغا مەلۇم قىلىدۇ . شۇ ئارىدا ھېلىقى خەنزۇنىڭ قىزى ئاخۇن تۈەنجاڭنىڭ مەجبۇرلىشىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ . بۇنى ئاڭلىغان خوجىنىياز ھاجى ئاخۇن تۈەنجاڭنى « نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە كەت » دەپ ھەيدىۋېتىدۇ . ما جوڭيىڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ، خوجىنىياز ھاجىغا كەينىدىن : « ئاخۇن تۈەنجاڭ خوتۇن ئالسا كاپىرنىڭ قىزىنى ئالماقچى بوپتۇ . خوجىنىياز خەلقى – ئالەم ئالدىدا نېمە دەپ مېنىڭ ئوفتسېرىمنى رەسۋا قىلىدىكەن دەپ خاپا بولىدۇ .

خوجىنىياز ھاجى ما جوڭيىڭنىڭ مۇشۇ ئىشلىرىغا قاراپ ، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ چوڭ دۈشمەنگە چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ ما جوڭيىڭ بىلەن قارشى تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى . شۇڭا ، ماشىمىن قاراشەھەردىن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسۇل مۇھىتى قاتارلىق بىر قانچە كىشىنى گەنسۇغا ئەۋەتىپ ، ما جوڭيىڭنى شىنجاڭغا ئىككىنچى قېتىم تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ چىقتى . ما جوڭيىڭ قۇمۇلدىن ئۆتۈپ چىگىچىڭزىغا كەلگەندە ، مۇسۇل مۇھىتىنى تۇرپانغا چىڭ فاڭ سىلىڭ ( شەھەر مۇداپىئە قوماندانى ) قىلىپ ئەۋەتىپ ، ئۆزى قوشۇنلىرىنى باشلاپ مورىغا ئاتلاندى .

ما جوڭيىڭ مورىغا يېقىنلىشىپ قالغاندا ، خوجىنىياز ھاجى « ئەگەر مەن ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات دەپ ، ما جوڭيىڭ بىلەن بىرلەشسەم ، ئۇ ماڭا قانداق قارايدۇ . ئۇ ، ھازىرچە گەپ قىلماي ، يەنىلا بىز ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ ، قۇرباننى بىزگە بەرگۈزۈپ ، قورالغا ئىگە بولىۋالىدىغان كونا يولدا ماڭارمۇ ؟ ياكى شىنجاڭدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ‹ تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ ، دېگەندەك ئىش قىلارمۇ ؟ » دەپ ئويلاپ ، مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئەتراپتىكى بىرقانچە كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، ما جوڭيىڭنىڭ ئۆزىگە قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولدى . شۇنىڭ بىلەن ، مۇسۇل مۇھىتى بىلە كۆرۈشمەك بولۇپ ، ئۇزۇن قىردىن تۇرپانغا ئادەم ئەۋەتىپ ، مۇسۇل مۇھىتىنى مورىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى . ئاندىن ئۆزىنىڭ ۋە مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مورىنىڭ جەنۇبىي تېغىدا قالدۇرۇپ ، مەھمۇت مۇھىتى ۋە يېنىدىكى مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن بىللە ، مورىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى دالىڭكۇ تاغ ئېغىزىدىن كىرىپ ، چاغانبۈت دېگەن يەر ئارقىلىق ئادەم ئىزى باسمىغان يەرلەردىن ئۆتۈپ ، پىچان كۆكياردىن ئۇدۇل مورىغا بارىدىغان يولغا چۈشۈپ ، مۇسۇل مۇھىتى بىلەن ئۇچراشتى . ئۇلار ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن مورىغا بېرىپ ما جوڭيىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى . ئەتىسى مورىغا باردۇق . بىز مورىغا يېتىپ بارغىچە ، ما جوڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى مورىنى ئىشغال قىلىپ بولغانكەن . مۇسۇل مۇھىتى ، خوجىنىياز ھاجى ، مەھمۇت مۇھىتىدىن باشقا يەنە ئەيسا نىياز ، مەن ۋە تۇرپانلىق تەرجىمان پەيتۇل بولۇپ جەمئىي ئون نەچچە كىشى ما جوڭيىڭ چۈشكەن ھويلىغا باردۇق . ئۇلار بىزنى بىر ئۆيگە تەكلىپ قىلدى . ئۆيگە كىرىپ بىر ئاز ساقلاپ تۇرساق ، ما جوڭيىڭ ئۈچ كىشى بىلەن بىللە كىرىپ كەلدى . ئۇ ، ئىشىكتىن كىرىپلا مۇسۇل مۇھىتى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ، ئاندىن مۇسۇل مۇھىتىنىڭ يېنىدا تۇرغان خوجىنىياز ھاجى بىلەن كۆرۈشمەي ، مەھمۇت مۇھىتى بىلەن كۆرۈشتى ، ئاخىرىدا خوجىنىياز ھاجىغا قولىنى سۇندى . مەن ئۇنىڭ خوجىنىياز ھاجىغا قىلغان بۇ مۇئامىلىسىگە قاراپ ھەيران قالدىم . بەلكىم ئۇ ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۆتكەندە 300 خۇيزۇدىن قورال تارتىۋالغانلىقىغا ئاچچىقى كېلىپ شۇنداق قىلىۋاتقان بولسا كېرەك ، دەپ ئويلىدىم . بۇ نۆۋەت ما جوڭيىڭ چىگىچىڭزىغا كېلە – كەلمەيلا ، تۇرپاندىن بەش – ئالتە خۇيزۇ كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، « خوجىنىياز ھاجى خۇيزۇلارنىڭ قورالىنى تارتىۋالدى » دەپ ئەرز قىپتۇ .

بۇلار كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش باشلاندى . مۇسۇل مۇھىتى مەھمۇت مۇھىتىنى ما جوڭيىڭغا : بۇ – مېنىڭ ئىنىم مەھمۇت مۇھىتى بولىدۇ ، دەپ تونۇشتۇردى . ما جوڭيىڭ يېنىدىكى بىرسىنى بىزگە : بۇ – مېنىڭ ئىنىم ماجوڭجى بولىدۇ ، دەپ تونۇشتۇردى . ئاندىن يەنە بىر نەچچىسىنى تونۇشتۇردى ( ئۇلارنىڭ ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ ) . خوجىنىياز ھاجىنى ھەممە كىشى تونۇغاچقىمىكىن ھېچكىم تونۇشتۇرمىدى . شۇنىڭدىن ، ئۇلار كاڭدا ئولتۇرۇپ ، پاراڭلىشىشقا باشلىدى . ما جوڭيىڭ ئاۋۋال سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى : ئالدىنقى كۈنى ئەسكەرلىرىمىز مورىغا كېلىپ ، ئاكوپتا ياتقان جىن شۇرېننىڭ ئەسكەرلىرىنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ياتقان ئاكوپقا كۆمۈپ قويۇپتۇ ، ھازىر ئەسكەرلىرىمىز گۈچۈڭغا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ . بۇ يىل مەن 29 ياش ، ئىنىم ئەرسىلىڭ ما جوڭجى 27 ياشقا كىردى . بىز – ئازچىلىق ، شۇنداق بولسىمۇ ، بىز – نەيزىنىڭ ئۇچى ، سىلەر – ئۇيغۇرلار نەيزىنىڭ سېپى . نەيزىنىڭ سېپى تەۋرەنمەي تۇرۇپ بەرسە ، نەيزىنىڭ ئۇچى دۈشمەننى قىرىۋېتىدۇ . مەن گۇچۇڭنى تۆت سائەتتە ئۈرۈمچىنى ئالتە سائەتتە ئېلىپ بولىمەن . ئاندىن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى دۈشمەنلەر قارشىلىق بىلدۈرمەيلا تەسلىم بولىدۇ . ئۇ چاغدا سىلەر (خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىغا قاراپ ) ئۈرۈمچىدە بولىسىلەر . مەن جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ 50 تۈمەن ئەسكەر ئېلىپ ، ئىككى يىلدا پۈتۈن جوڭگونى ئۆزۈمگە قارىتىپ بولىمەن . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ يىلدا سوۋېتنىمۇ ئۆزۈمگە قارىتىپ ، چېگرىنى تۈركىيىگە ئۇلاپ ، چوڭ ئىسلام دۆلىتى قۇرىمەن ... بىز ئەتە گۈچۈڭغا ھۇجۇم قىلىمىز ، سىلەر (خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىغا قاراپ ) بىر تەرەپتىن جىمىسارغا ھۇجۇم قىلىپ ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن دۈشمەنلەرنى گۈچۈڭ تەرەپكە ئۆتكۈزمەي يولنى توسۇپ تۇرۇڭلار .

ئۇ بىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ، ئۇنىڭ گۇچۇڭغا مېڭىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئەسكەر باشلىقىلىرى ئارقا – ئارقىدىن كىرىپ ئۇنىڭدىن يوليورۇق سوراپ تۇردى . ما جوڭيىڭ سۆز ئارىسىدا مۇسۇل مۇھىتى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىغا قاراپ – قاراپ قويدى ، ئەمما خوجىنىياز ھاجىدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ سورىمىدى . خوجىنىياز ھاجىمۇ ئۈنچىقارماي جىم ئولتۇردى .

بىز ما جوڭيىڭ بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن ، مورىدا قوندۇق ؛ ئەتسى ناشتا قىلىپ بولۇپ ، سېپىل دەرۋازىسى ئۈستىگە چىقىپ ما جوڭيىڭنىڭ گۈچۈڭغا قاراپ كېتىۋاتقان ئەسكەرلىرىنى تاماشا قىلدۇق . ئەڭ ئالدىدا ئاتلىق ئەسكەرلىرى ، ئارقىدىن پىيادە ئەسكەرلىرى مېڭىپتۇ . يارىدار ئەسكەرلىرى باش – كۆزلىرى ياكى پۇت – قوللىرى تېڭىقلىق ھالدا يېنىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ قولتۇقلىشى بىلەن كېتىۋېتىپتۇ . ئاتلىقلار ئارىسىدىكى يارىدارلارمۇ ئات ئۈستىدە كېتىۋېتىپتۇ . پىيادە يارىدارلار ئۈچۈن ئايرىم ھارۋا ئورۇنلاشتۇرماپتۇ . ئاتلىق ئەسكەرلەر قارا ئاتلىقلار ، ئاق ئاتلىقلار ، تورۇق ئاتلىقلار بويىچە بۆلۈنگەن بولۇپ ، ھەممە ئاتلىرىنىڭ قۇيرۇقى كېسىلگەن . ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بەنجاڭدىن يۇقۇرى ئوفتسېرلىرىنىڭ ھەممىسى خۇيزۇلاردىن ، ئادەتتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇلاردىن ئىدى . چۈنكى ئۇلار دۈشمەن تەرەپتىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ ياشقا چوڭلىرى بىلەن ئەپيۈنكەشلىرىنى شاللاپ چىقىرىۋېتىپ ، قالغانلىرىنى ئۆز سېپىگە قوشۇۋالىدىكەن . ئۇنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى 2000 چە ، پىيادە ئەسكەرلىرى 3000 چە بار ئىدى . ئۇلار سېپىل ئىچىدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن بىز پەسكە چۈشتۇق .

مۇسۇل مۇھىتى مورىدىن تۇرپانغا چۈشۈپ كەتتى . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى بىز بىلەن بىللە گۈچۈڭغا يول ئالدى . كونا چىتەيگە بارغاندا ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ پىدائىيلىرى تاغ تەرەپتىن يېتىپ كەلدى . بىز كونا چىتەيدە دەم ئېلىپ ئولتۇرساق ، يولۋاس بىرقانچە كىشى بىلەن كېلىپ خوجىنىياز ھاجى بىلەن كۆرۈشۈپ مېڭىپ كەتتى . مەھمۇت مۇھىتى خوجىنىياز ھاجىغا : ھاجى ئاكا ، بۇ تۇڭگاننىڭ گېپى بەك چوڭغۇ ، ئۇ ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەنمۇ ، سوۋېت بىلەنمۇ ئۇرۇشىدىغاننىڭ گېپىنى قىلىۋاتىدۇ . بىز ئىچكىرى ئۆلكىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشمايمىز ، سوۋېت بىلەنمۇ ئۇرۇشمايمىز . بىز ئۈچۈن پەقەت شىنجاڭدا ئادىل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ ، خەلقىمىز زۇلۇمدىن قۇتۇلسىلا بولدى . سۇڭۋېن ( سۇن جوڭشەن ) نىڭ تۇتقان يولى ياخشىدەكمىش ، ئۇنى پۇقراپەرۋەر دېيىشىدۇ ، لېكىن شىنجاڭدا ھېچكىم ئۇنىڭ يولىدا ماڭمايۋاتىدۇ . ئەگەر بىرەرسى ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان بولسا ، ئەل ئامان ، يۇرت ئامان بولغان بولاتتى . ئەگەر بىز ما جوڭيىڭ بىلەن بىرلەشسەك ، ئۇ شىنجاڭ خەلقىنى زورلاپ ئۇرۇشقا سېلىپ ، بىزنى خانىۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ . بىز ئۇچۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈشنى ئويلايلى ، بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئوبدان ئويلىمىساق بولمىغۇدەك ، - دېدى . خوجىنىياز ھاجى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن ، يېنىدىكى نىياز دېھقانغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى - دە ، باشقا ھېچنەرسە دېمىدى ( نىياز دېھقان خوجىنياز ھاجىنىڭ تايانچ ئادىمى ئىدى ) . ئۇنىڭ ئۈن چىقارماي نىياز دېھقانغا قاراپ قويۇشى شۇ كۈنلەردە نىياز دېھقاننىڭ « ئەگەر خوجىنىياز شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشسە ، مەن قۇمۇلغا كېتىمەن » دەپ يۈرگەنلىكىدىن ئىدى . چۈنكى ، ئۇ : شېڭ شىسەي بىزنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ما جوڭيىڭنى يېڭىپ ، ياڭ زىڭشىن تۆمۈر خەلىپىنىڭ بېشىنى ئالغاندەك ، ئۇمۇ بىزنىڭ بېشىمىزنى ئالىدۇ ، دەپ قارايتتى . دېگەندەك ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ، نىياز دېھقان بىر قانچە ئادىمى بىلەن قۇمۇلغا كىرىپ كەتتى . خوجىنىياز ھاجى ما جوڭيىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن كۆڭلى بىر ئاز تىنغان بولسىمۇ ، لېكىن زادى قانداق قىلىش توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەلمىدى . مەھمۇت مۇھىتىمۇ تۇرپاندا قوزغىلاڭ قىلغاندىن تارتىپ ، ماشىمىننىڭ خاپىچىلىقىنى كۆپ تارتقانلىقى ، ئۇلار ئۇرۇشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇقلۇق يەنە ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ما جوڭيىڭنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنى قولغا كىرگىزگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىن 500 مىڭ ئەسكەر ئېلىپ ، ئۇلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ چەت ئەللەرنىڭ زەمبىرەكلىرىگە يەم قىلىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ؛ شېڭ شىسيەي بولسا ، پىچان ، تۇرپان ، توقسۇن ناھىيىلىرىدىلا بىر نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى قىرغانلىقى ؛ جۈملىدىن ئۆزىنىڭ قان قېرىنداش ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ بېشىنى كېسىپ تۇرپان بويىچە سازايى قىلىپ ئېسىپ قويغانلىقىنى ؛ ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىرلەشسە ، ئۆزىنىڭمۇ ئاكىسىغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قېلىشى يىراق گەپ ئەمەسلىكىنى ئويلاپ ، دەرھال بىر قارارغا كېلەلمەي قاتتىق باش قاتۇردى .

بىز كونا چىتەيدە بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن ، گۈچۈڭغا قاراپ ماڭدۇق . ماجوڭيىڭ ئەسكەرلىرى سەپ – سەپ بولۇپ كەينىمىزدىن كېلىۋاتاتتى . بىز گۈچۈڭنىڭ سېپىلى كۆرۈنگىدەك يەرگە يېتىپ بارغاندا ، ما جوڭيىڭ ئونلىغان ئەسكەر باشلىقلىرى بىلەن ئارقىمىزدىن يېتىشىپ كەلدى . ئۇ گۈچۈڭ تەرەپنى دۇربۇن بىلەن كۈزەتكەندىن كېيىن ، قىسىملىرىنى ھەر تەرەپكە تەقسىم قىلىپ ، ئەسكەر باشلىقلىرىغا ۋەزىپە تاپشۇرۇشقا باشلىدى . شۇ ئەسنادا ئۇنڭ ئارقىدىن كېلىۋاتقان قىسىملىرىمۇ يېتىپ كەلدى . ئەسكەر باشلىقلىرى ئۆز قىسىملىرىنى ھەر تەرەپكە ئېلىپ مېڭىپ ، گۈچۈڭنى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا باشلىدى . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى ما جوڭيىڭ بىلەن خوشلىشىپ بىزنى باشلاپ گۈچۈڭنىڭ جەنۈبىي تاغ تەرىپى بىلەن جىمىسارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى . دېمەك ، بۇ ئىككىيلەننىڭ كىم بىلەن بىرلىشىشى تېخى ھەل بولمىغاندى .
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 20:40
Ⅱ باب خوجىنىياز ھاجىنىڭ ما جوڭيىڭدىن ئايرىلىپ ، شېڭشىسەي بىلەن بىرلىشىشى


1 . جىمىسارنىڭ تەسلىم بولۇشى

خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى ما جوڭيىڭ بىلەن مورىدا خوشلاشقاندىن كېيىن ، جىمىسارغا كېلىپ جىن شۇرېننىڭ قالدۇق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى . جىمىساردا لى شۇفۇ ، گاۋ شىجىلارنىڭ باتالىئونلىرى بولۇپ جەمئىي مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئىدى . بىز جىمىسار شەھىرىگە يېقىن بارغاندا ، دۈشمەن سېپىل ئىچىدىن چىقىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى . بۇ ھۇجۇممۇ بىز تۇرپاندىن يېڭى چىققاندا دۇچكەلگەن ھۇجۇمغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولدى . بىراق ، بۇ قېتىم ۋەزىيەت باشقىچە ئىدى . يەنى گۈچۈڭنى ما جوڭيىڭ قورشىۋالغاچقا ، ئۇلارغا گۈچۈڭدىن ياردەم كېلەلمەيتتى . ئۈرۈمچىدىن ياردەم كېلىشى تېخىمۇ ناتايىن ئىدى . بىز قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەنلەرنى سېپىل ئىچىگە كىرگۈزىۋەتتۇق ۋە سېپىلنى ئورۇۋېلىپ ئۇرۇش قىلدۇق . شۇ كۈنلەردە شايالىق ھاجى ئەلەم ئاخۇن ( مەھەممەتنىياز ئەلەم ) ، كۇچادىن مەھپىز ۋاڭلار يېرىم – يارتا قوراللانغان يۈزلىگەن پىدائىيلار بىلەن ناغرا – سۇنايلارنى ياڭرىتىپ ، خوجىنىياز ھاجىغا ياردەمگە كەلدى . ئۇلارنىڭ مۇنداق ھەيۋەتلىك كېلىشى دۈشمەنلەرنى چۆچۇتىۋەتتى بولغاي ، دۈشمەنلەر سېپىل دەرۋازىسىنى چىڭ ئېتىۋالدى . ھۇجۇم تازا قىزىۋاتقاندا ، دۈشمەنلەر تەسلىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سېپىل ئۈستىدىن ئاق بايراق تاشلىدى . بىزمۇ ئوق ئېتىشنى توختاتتۇق . شەھەر ئىچىدىن بىر ئادەم چىقىپ بىزگە : « سىلەر شەھەرگە بېسىپ كىرمەي ، بىر ئىككى – كۈن تەخىر قىلىپ تۇرساڭلار ، بىز ئەسكەرلەرنىڭ قولىدىن قوراللارنى يىغىۋېلىپ سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز . سىلەر شەھەرگە كىرسەڭلەر ئىككى تەرەپتىن قان تۆكۈلۈش بولمسۇن » دېدى . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى بۇنىڭغا ماقۇل بولدى . بۇ بىز جىمىسارغا كېلىپ ھۇجۇم قىلغاننىڭ 3 – كۈنى ئىدى .

بىز ناھىيە بازىرىنىڭ غەرب تەرىپىگە چېكىنىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇق . بىزنىڭ ۋەزىپىمىز جىمىساردىكى دۈشمەنلەرنى ئۈرۈمچىگە قاچۇرىۋەتمەي ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىش ، ئۈرۈمچىدىن جىمىسارغا كېلىدىغان ۋە گۈچۈڭغا بارىدىغان ياردەملەرنى توسۇش ئىدى . جىمىسار سېپىلىنىڭ شەرقى يەنى گۈچۈڭ تەرىپى بوش ئىدى . لېكىن ، دۈشمەنلەر ئۇ تەرەپتىن قېچىپ چىققان تەقدىردىمۇ ، گۈچۈڭغا يېتىپ بارالمايتتى . شۇ كۈنى بىرقانچىمىز سېپىل ئەتراپىنى بويلاپ ، بىر بېسىپ – ئىككى بېسىپ سېپىل دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتىمىز . يېقىن بېرىپ قارىساق دەرۋازا ئوچۇق تۇرىدۇ . دەرۋازا ئالدىدا ما جوڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرىدىن تۆتى قوراللىق پوستتا تۇرۇپتۇ . بۇ ئەھۋالنى بىز دەرھال خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىغا مەلۇم قىلدۇق . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى شۇ ئان بىزنى باشلاپ دەرۋاز ئالدىغا ئاتلىق يېتىپ باردى . دەرۋازا ئالدىدىكى پوستتىن بىرى بىزگە ھەربىيچە سالام بېرىپ : سىلەر كىم ؟ نەگە بارىسىلەر ؟ - دەپ سورىدى . خوجىنىياز ھاجى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ : سىلەرنىڭ باشلىقىڭلار بىلەن كۆرۈشمەكچىمىز ، - دېدى . ھېلىقى پوست : سىلەر بىر ئاز تۇرۇپ تۇرۇڭلار ، - دېگىنىچە شەھەر ئىچىگە كىرىپ كەتتى ۋە بىر ھازادىن كېيىن چىقىپ « كىرسۇن دەيدۇ » دەپ بىزنى باشلاپ ماڭدى . بىز چوڭ ھويلىنىڭ ئىچىگە كىردۇق . ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا 2000 يېقىن مىلتىق ۋە باشقا قورال – ياراقلار دۆۋىلەكلىك تۇرۇپتۇ . بىز ئاتتىن چۈشۈشىمىزگە ، ئۆي ئىچىدىن بىرسى چىقىپ ھەربىيچە سالام بېرىپ ، بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە ئۆي ئىچىگە تەكلىپ قىلدى . بىز ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ كىشى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ : « مەن - ماخۇسەن تۈەنجاڭ ، بىز گۈچۈڭنى ئېلىپ بولدۇق . ئۇرۇشتا ئەرسىلىڭ ( ما جوڭيىڭنىڭ ئىنىسى ما جوڭجى . ئۇ 1933 – يىلى 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئۆلگەن ) قۇربان بولدى . بۇ ، ھەممىمىز ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولدى » دېدى ؛ ئاندىن ئۇ : « سىلىڭ تۈنۈگۈن جىمىسارنىڭ تەسلىم بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ : خوجىنىياز ھاجى سېپىل ئىچىگە كىرسە ، ئوتتۇرىدا تىل ئۇقۇشالماي ، ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بېرىپ ، دۈشمەن قولىدىكى مىلتىقلارنى تاپشۇرىۋېلىشىشمىزغا كاشىلا بولۇپ قالمىسۇن ، سىلەر قوراللارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ خوجىنىياز ھاجىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار ، دەپ مېنى ئەۋەتكەندى . مەن قوراللارنى توپلاۋاتىمەن » دەپ ھويلىدىكى قوراللارنى قول ئىشارىتى بىلەن كۆرسەتتى ۋە « بۈگۈن توپلاپ بولىمەن . سىلەر ئەتە كېلىپ ئېلىپ كېتىڭلار » دېدى . خوجىنىياز ھاجى ما خۇسەننىڭ سۆزىدىن مەمنۇن بولدى . ئاندىن ما جوڭجىنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ ، ما جوڭيڭغا بۇ تەزىيىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئۆتۈندى . ئارقىدىن « ئۇنداق بولسا قوراللارنى ئەتە كېلىپ ئېلىپ كېتەيلى » دەپ ماخۇسەن بىلەن خوشلاشتى . بىز ئۆيدىن چىقىپ ئاتقا مىنىشقا تەمشەلگىنىمىزدە ، ماخۇسەن « مىلتىق لازىم بولسا ماۋۇ مىلتىقلاردىن ئېلىۋېلىڭلار » ، - دېدى . ئۇنىڭ سۆزى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ فۇگۈەنلىرى ھويلىدىكى بەش ئاتار مىلتىقلارنى بىزگە سۇنۇشقا باشلىدى . بىرقانچىمىز مۈرىمىزدىكى مىلتىقنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر تالدىن مىلتىق ئارتىۋالدۇق . بەزىلەر : « ئەتە كېلىپ ھەممە مىلتىقنى ئالىدىغان تۇرساق ، ھازىر ئېغىر – ئارتۇق ئېلىۋېلىپ نېمە قىلىمىز » دەپ ئالمىدى . ئەيسا نىيازمۇ ئالماقچى ئەمەس ئىدى . مەن ئۇنىڭغا « ھازىر ئېلىپ ، سېپىلدىن چىققاندا ماڭا بەرگىن » دەپ بىر تال مىلتىقنى ئالغۇزدۇم ۋە سېپىلدىن چىققاندىن كېيىن ئۇ مىلتىقنى ئېلىۋالدىم . چۈنكى ، مەن ئۇ چاغدا مەھمۇت مۇھىتىنى قوغداش بەنىنىڭ بەنجاڭى ئىدىم . ئەيسا نىياز مەھمۇت مۇھىتىنىڭ فۇگۈەنى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مىلتىقى بار ئىدى . ئۇرۇشلاردا ئولجا ئالغان ياكى تېپىۋالغان مىلتىقلارنى ئۆز بەنىمدىكى پىدائىيلارغا تارقىتىپ بەرگەن بولساممۇ ، يەنىلا يېتىشمەيتتى . « ئەتە بىزگە 2000 تال مىلتىق تاپشۇرغان تەقدىردىمۇ ، بىزنىڭ بەنگە كۆپ تەگمەسلىكى مۇمكىن . مۇشۇ ئىككى تال مىلتىق غەنىمەت » دەپ ئويلىغاندىم .

بىز جىمىسار شەھەر ئىچىدىن چىقىپ ، پىدائىيلارغا ئەتە مىلتىقلارنى ئېلىپ چىقىدىغانلىقىمىزنى ئېيتساق ئۇلار بەكمۇ خوشال بولۇشتى . ئەتىسى ناشتىدىن كېيىن خوجىنىىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى 20 نەچچىمىزنى باشلاپ شەھەر ئىچىگە ماڭدى . دەرۋازىدىكى پوستلار بىزنى توسمايلا كىرگۈزىۋەتتى . ئەمما ، تۈنۈگۈنكى مىلتىق دۆۋىلەنگەن ھويلىغا بارساق ، مىلتىقلاردىن قىلچە ئەسەر يوق ، ھەتتا خوجىنىياز ھاجىنى قارشى ئالىدىغان ئادەمنىڭمۇ تايىنى يوق ، ئاتلاردىن چۈشۈپ ھويلىدا بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن ، ماخۇسەن چىقىپ ، سوغۇققىنە « ھە ، كەلدىڭلارمۇ ؟ » دېدى . خوجىنىياز ھاجىنىڭ « قوراللارنى يىغىپ بولدۇڭلارمۇ دېگەن سوئالىغا ئۇ : « مەن سىلىڭدىن رۇخسەتسىز بىر تالمۇ مىلتىق بېرەلمەيمەن ، مىلتىق لازىم بولسا سىلىڭدىن خەت ئەكىلىڭلار » دەپ جاۋاپ بەردى . ماخۇسەن بىزگە تەتۈر قاراپ ، پۇتىنى ئالماپ ئولتۇراتتى . « بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان » دېگەندەك ماخۇسەننىڭ تۈنۈگۈنكى ھىجىيىشىنىڭ مىلتىقلارنى ئۆزىگە يىغىۋېلىش ئۈچۈن قىلغان تۈلكىلىكى ئىكەنلىكىنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمىز . خوجىنىياز ھاجى سۇنىڭ بېشىدىن لاي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ ، ئېتىنى دىۋىتكەن پېتى شەھەر ئىچىدىن چىقىپ كەتتى ، بىزنى ئۇزىتىپ قويىدىغان ئادەممۇ چىقمىدى . كېيىن بىلىشىمىزچە ، جىمىساردىكى جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىقلىرىدىن لى شۇفۇ ( ئۆز ۋاقتىدا تۆمۈر خەلىپىگە « سەن قورال تاپشۇرساڭ ، ئەگەر ھۆكۈمەت ساڭا زىيان يەتكۈزسە ، مېنى خۇدا ئۇرسۇن » دەپ قۇرئان تۇتۇپ ، تۆمۈر خەلىپىنى ئۈرۈمچىگە ئالداپ ئەچىقىپ ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولغان ئادەم . ) خوجىنىياز ھاجىغا « سىلەرگە قورال تاپشۇرىمىز » دەپ قويۇپ ، گۈچۈڭدىكى ما جوڭيىڭغا مەخپىي ھالدا « قورالنى خوجىنىياز ھاجىغا تاپشۇرىمىزمۇ ، سىزگىمۇ ؟ » دەپ ئادەم ئەۋەتكەن ماجوڭيىڭ ماخۇسەننى بىر تۈەن ئەسكەر بىلەن كېچىلەپ جىمىسارغا ماڭغۇزغان . ماخۇسەن شۇ كېچىسى شەھەر دەرۋازىسىدا پوستتا تۇرغانلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، چاندۇرماي شەھەر ئىچىگە كىرىۋالغان . دېمەك ، ماخۇسەننىڭ تۈنۈگۈن خوجىنىياز ھاجىغا قىلغان سۆزلىرى قوراللارنى يىغىۋېلىپ گۇچۈڭغا ماڭدۇرۇش ئارىلىقىدىكى ئالدامچىلىقى ئىكەن . خوجىنىياز ھاجى جىمىسار شەھەر ئىچىدىن چىقىپ : « ما جوڭيىڭ دېگەن بۇ لومۇدىنىڭ تېگىدىن نىيىتى يامان ، مەن ئاخىر ئۇنىڭ بىلەن بىرلەشمەيمەن ، شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشكىنىم بىرلەشكەن » دېگىنىچە ، ئۈرۈمچى تەرەپكە قاراپ ماڭدى ، مىڭلىغان پىدائىيلار كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدۇق .

خوجىنىياز ھاجى مورىدىن جىمىسارغا يولغا چىققاندا ، ما جوڭيىڭ ما فامىلىلىك بىر ئادىمىنى مەسلىھەتچى قىلىپ قوشۇپ قويغاندى . بۇ ئادەم خوجىنىياز ھاجىغا « ئاچچىقىڭىزدىن يېنىڭ » دەپ جىق گەپ قىلسىمۇ ، خوجىنىياز ھاجى قەتئىي ئۇنىمىدى . كېيىن ئاڭلىسام ، بۇ مەسلىھەتچى خوجىنىياز ھاجىنىڭ يېنىدىن قايتىپ ، ما جوڭيىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ : « خوجىنىياز ھاجى ما جوڭيىڭ بىلەن بىرلەشمەيمەن دەپ ئۈرۈمچى تەرەپكە كەتتى » دېگەنكەن ، ما جوڭيىڭ « نەگە بارغۇسى كەلسە شۇ يەرگە بارسۇن ، مەن ئۈرۈمچىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ جاجىسىنى بېرىمەن » دېگەنمىش . شۇنىڭدىن باشلاپ تۈنۈگۈنكى دوستلار بۈگۈنكى رەقپلەرگە ئايلاندى .

ما جوڭيىڭ گۇچۈڭدىكى غەلىبىسى بىلەن مەست بولۇپ كېتىپ خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت خەلقىگە تايىنىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالماقچى بولغىنىنى ئۇنتۇپ قالدى بولغاي ، خوجىنىياز ھاجى ۋەكىللىك قىلغان پىدائىيلارنى چەتكە قايرىپ قويۇپ ، گۈچۈڭ ۋە جىمىسارلاردىن 4000 دىن ئارتۇق مىلتىق ۋە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئولجا ئېلىپ ، ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى 7000 مىڭغا يەتكۈزدى . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى « ماڭا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدۇ ، ئاكاڭ قارىغاي بىرىنچى » دەپ ھېسابلىدى . ئەمما ، « مەغرۇر قوشۇن مەغلۇپ بولىدۇ » دېگەندەك ، ما جوڭيىڭنىڭ مۇنداق مەغرۇرلىنىشى ئۇنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ باشلىنىشى بولدى .

خوجىنىياز ھاجى بىلەن ما جوڭيىڭنىڭ ئارىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا مەھمۇت مۇھىتى باشقىچە پىكىردە بولمىدى . چۈنكى ئەسلىمىزنىڭ 1 – بابىنىڭ ئاخىرىدا ئېيتىلغاندەك ، مەھمۇت مۇھىتىمۇ ما جوڭيىڭنىڭ قىلمىشلىرىدىن نارازى ئىدى . جىمىسار تەسلىم بولغاندىن كېيىن بىز ئېلىشقا تېگىشلىك مىلتىق ، باشقا قورال – ياراقلار ۋە ئات – ئۇلاقلارنى ما جوڭيىڭنىڭ زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشى بىزنىڭ پىدائىيلىرىمىزنىڭمۇ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى . شايادىكى ھاجى ئەلەم ئاخۇن ، كۇچادىكى مەھپىز ۋاڭمۇ خوجىنىياز ھاجىنىڭ شېڭ شىسەي بىلە بىرلىشىشىگە قوشۇلدى . شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى شېڭ شىسەيگە كىشى ئەۋەتىپ ، جىمىسار بىلەن فۇكاڭ ئارىلىقىدا شېڭ شىسەينىڭ ئادەملىرى بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۇچراشتى . كېيىن يەنە ، ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ ، فۈكاڭ ناھىيىسىنىڭ سەنتەي تاغ ئېتىكى ( قىزىل خورجا ) دېگەن يەردە شېڭ شىسەي ئەۋەتكەن ۋەكىللەر بىلەن ئۇچراشتى . ۋەكىللەر شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىيتىنى بايان قىلىپ : « يېڭى ھۆكۈمىتىمىز كونا ھۆكۈمەتكە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ ، شىنجاڭدا ھەر مىللەت ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنىلىكى سىياسىيىتى يۈرگۈزىلىدۇ . شەخسلەرنىڭ مال – مۈلكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىنمايدۇ . شۇرالار ( سوۋېت ) ھۆكۈمىتى بىلەن ياخشى قوشنىدارچىلىق ئورنىتىلىدۇ » دېدى . ئاندىن خوجىنىياز ھاجىنىڭ شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىەلن بىرلىشىشى ئۈچۈن قويۇلىدىغان تەلەپلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : « سىز خوجىنىياز ھاجى پۈتۈن شىنجاڭغا ما جوڭيىڭدىن قولۇمنى ئۈزۈپ ، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشتىم دەپ ئېلان قىلىڭ . سىزنى ما جوڭيىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ بەر دېمەيمىز . ما جوڭيىڭنى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە قويۇپ بېرىڭ . سىز ماقۇل دېسىڭىز ، ھۆكۈمەت سىزنى جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھاپىزەت قىلىش باش قوماندانى ، مەھمۇت مۇھىتىنى شىنجاڭ ئاتلىق 6 – دىۋىزىيىسىنىڭ قوماندانى قىلىپ تەيىنلەپ مەركىزىي ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىدۇ . سىلەر جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ ئۇ يەرنىڭ ئامانلىقىنى ساقلايسىلەر . ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىدىن ئولجا ئالغان قوراللارنىڭ يېرىمىنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىدۇ . سىلەرنىڭ ئەسكەرلىرىڭلارنىڭ بارلىق تەمىناتى ۋە لازىملىق قوراللىرىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ » . خوجىنىياز ھاجى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى شېڭ شىسەي قوشۇنلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىللىي قوشۇنلارغا تاجاۋۇز قىلماسلىق ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بارلىق ھەربىي ، مەمۇرىي ھوقۇققا خوجىنياز ھاجى مەسئۇل بولۇش ، شۇنداق بولغاندىلا يۇقۇرىدىكى شەرتلەرگە ماقۇل بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . شېڭ شىسەي ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قوشۇلدى . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۆز قوشۇنلىرىغا ، تۇرسۇن بابا ، خۇسەيىن بار ۋە باشقا ، خەنزۇ ئورۇس ۋەكىللەر شېڭ شىسەيگە ۋەكىل بولۇپ 1933 – يىلى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشتى .

بىر ھەپتىگە قالماي ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقى ( تا . س . س ) « شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجى شېڭ شىسەي تەرەپكە يۈزلەندى . ئۇلار جاڭ پېييۈەن ، ما جوڭيىڭلارنىڭ ئىسيانچى ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدى » دەپ خەۋەر قىلدى . دېمەك ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بۇ كېلىشىمنى ئاشكارا قوللىدى . ئەمىلىيەتتىمۇ خوجىنىياز ھاجىنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىشى ئۈچۈن سوۋېت كىشىلىرى كۆپ خىزمەت ئىشلىگەن . شېڭ شىسەينىڭ ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ ھەل قىلالمىغان ئىشى بۇ قېتىم ئوڭايلا ھەل بولدى . خوجىنىياز ھاجى بىلەن ما جوڭيىڭنىڭ بۆلۈنىشى ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتتى . ما جوڭيىڭنىڭ يەرلىك مىللەتلەر بىەلن بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلىش جەھەتتىكى كۈچى پارچىلىنىپ كەتتى . شېڭ شىسەي ما جوڭيىڭنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسىنى سېلىۋالدى . شۇنىڭدىن كېيىن ، شېڭ شسەي ما جوڭيىڭغا ، ما جوڭيىڭ شېڭ شىسەيگە ئادەم ئەۋەتىپ سۆھبەتلىشىش باشلاندى .

2 . زىنچۈەنزە ئۇرۇشى

ما جوڭيىڭنىڭ بەش مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بىلەن گۈچۈڭغا ھۇجۇم قىلغاندا ، گۈچۈڭدا جىن شۇرېننىڭ 2000 دىن ئارتۇق قالدۇق ئەسكىرى بار ئىدى . گۈچۈڭنىڭ شەھەر مۇداپىئە سىلىڭى جاڭ زۇەن شەھەر ئىچىنى ساقلاشقا قېلىپ ، لى خەيرۈي ئەسكەرلىرىنى باشلاپ شەھەر سىرتىغا چىقىپ ما جوڭيىڭ بىلەن ئۇرۇشتى . ئەسكىرى كۈچى ئاجىز بولغاچقا كوپ چىقىم تارتقان كۆپ چىقىم تارتقان لى خەيرۈي ئاخىرى تاسلىم بولدى . ما جوڭيىڭ جىمىساردا ئالغان ئولجىنى قوشقاندا بۇ قېتىم 4000 تالغا يېقىن مىلتىققا ئىگە بولدى . ما جوڭيىڭ شىنجاڭغا كېلىپلا بىردىنلا كۈچەيدى . ئۇ شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولۇمغا كىرگۈزدۈم ، دەپ ھېسابلاپ ، قۇمۇلدىن باشلانغان خوجىنىياز ھاجى باشلامچىلىق قىلغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنقىلابى كۈچىنى قىلچە كۆزگە ئىلمىدى . ئۇ گۈچۈڭدا ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئورنىنى تەسلىم بولغان ئەسكەرلەر بىلەن تولدۇرۇپ ، ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى ۋە ئەسكەرلىرىنى ئاستا – ئاستا ئۈرۈمچى تەرەپكە سىلجىتتى . شېڭ شىسەي دوڭبېي پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ باشلىقى چىڭ شىچىڭنى ئۈرۈمچىنى ساقلاشقا قالدۇرۇپ ، ئۆزى 5000 ئەسكەر بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلاندى . يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ، خۈسەيىن باي ، مەنسۇر ، توڭباۋ قاتارلىق ئالتە كىشىنى « شىنجاڭ مەسىلىسىىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلساق » دەپ گۈچۈڭغا يەنى ما جوڭيىڭنىڭ قېشىغا ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتتى . ئۇلار 1933 – يىلى 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنى گۈچۈڭغا بېرىپ ما جوڭيىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى . ما جوڭيىڭ ياڭ فۇچىڭ دېگەن ۋەكىلىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى . ئۇ ، 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ ، 8 – كۈنى شېڭ شىسەي بىلەن كۆرۈشتى . شېڭ شىسەي شۇ كۈنى كەچتە روزى ھاجىنىڭ ئۈرۈمچى شىخابادىكى بېغىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ، ياڭ فۈچىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى . شېڭ شىسەي ما جوڭيىڭنى جەنۇبىي شىنجاڭنى تىنچلاندۇرۇش سىلىڭى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى . ما جوڭيىڭنىڭ ۋەكىلى : شېڭ شىسەي جۇشى بولسا ، ما جوڭيىڭ دۇبەن بولۇپ قوراللىق كۈچنى باشقۇرسا ، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇلارنىڭ پىكرى بىر يەردىن چىقمىغاچقا ، ياڭ فۇچىڭ گۈچۈڭغا قايتماچقى بولدى . ئەمما 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى توساتتىن گومىنداڭ مەركىزىي سەنموبۇسىنىڭ سىجاڭى خۇاڭ مۇسۇڭ شىنجاڭغا ھال سوراش ۋە ئىشلارنى رەتكە سېلىش ئۈچۈن كېلىپ قالدى . ياڭ فۇچىڭ گۈچۈڭغا قايتىش ۋاقتىنى ئۆزگەرتتى . بۇ چاغدا ما جوڭيىڭنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرى سەنتەيگە كېلىپ قالغاندى . ئۈرۈمچىدىن گۈچۈڭغا بارغان ۋەكىللەر 6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى فۈكاڭغا قايتىپ كەلدى .

خۇاڭ مۇسۇڭ شېڭ شىسەينىڭ ما جوڭيىڭغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى توختىتىشنى جېكىلەپ ، شېڭ شىسەينى دۈبەنلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ ، ئۆلكىلىىك ھەربىي ھەيئەتنىڭ ئەزالىقىغا يۆتكىمەكچى بولۇۋىدى ، شېڭ شىسەي « ما جوڭيىڭ قۇمۇلغا چېكىنسە ، ئاندىن مەن ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىمەن » دېدى . ئاخىرى شېڭ شىسەي 5000 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئالتە توپقا بۆلۈپ ، يەنە 300 چە توپچى ئەسكەر ، 400 چە پىدائىي قوشۇن ، 250 چە پىلىموتچىك ۋە بىرونىۋىك ماشىنىلار بولۇپ جەمئىي 7000 گە يېقىن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىدىن فۇكاڭغا يېتىپ باردى . ما جوڭيىڭ 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى زىنچۈنزە مۇداپىئەسىگە جايلىشىپ بولغان ، يەنى ئۇمۇ 7000 دەك ئەسكىرى كۈچ بىلەن يوشۇرۇنۇپ تۇرغاندى . ئاخىرى 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇرۇش باشلاندى . ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 400 گە يەتكەندە ، ئۇنىڭ سېپى تەۋرىنىپ قالدى . ئۇرۇش بولۇۋاتقاندا ، قاتتىق يامغۇر يېغىپ جۇدۇن بولغان ئىدى . ناچار ھاۋادا ماجوڭيىڭ ئەسكەرلىرىدىن يەنە 200 دەكى چىقىم بولدى . ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچى يىڭىنىڭ 500 ئادىمى تۈن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچى تەرەپكە تەسلىم بولۇپ قېچىپ ئۆتتى ( ئۇلار ئەسلىدە گۈچۈڭدا ما جوڭيىڭغا تەسلىم بولغان لى خەيرۈينىڭ ئەسكەرلىرى ئىدى ) . دەل شۇ چاغدا شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشىگە كاناي چېلىندى . ما جوڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى قېچىشقا باشلىدى . ما جوڭيىڭنىڭ 6000 دەك ئەسكىرىنىڭ تولىسىنى شېڭ شىسەينىڭ شەرقىي شىمالدىن كەلگەن پىدائىيلار قوشۇنى ئېتىپ ئۆلتۈردى . بۇ قوشۇن شەرقىي شىمالدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرقانچە يىللىق ئۇرۇشتا مەرگەن بولۇپ يېتىشكەندى . شېڭ شىسەي قوشۇنىدىن 200 ئەسكەر ئۆلۈپ ، 100 چە ئەسكەر ئىزسىز يوقىلىپ كەتتى . بۇ ئۇرۇشتا شېڭ شىسەي 1000 تال مىلتىق ، 30 مىڭ دانە ئوق ئولجا ئالدى . ما جوڭيىڭنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا ھاۋا كېلىماتىدىكى ئۆزگىرىش سەۋەب بولدى . چۈنكى ، ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى گۇچۇڭدىن يولغا چىققاندا كىيىملىرى يېلىڭ ئىدى . ئۇرۇش باشلىنىش بىلەن تەڭ قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ ، تاغ ئېتەكلىرىدە يامغۇر قارغا ئايلاندى . شۇنىڭ بىلەن سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلگەن ئەسكەرلەرمۇ ئاز بولمىدى .

ما جوڭيىڭ بىلەن شېڭ شىسەي ئۇرۇشىۋاتقاندا ، تاغ ئۈستىدە كۈزىتىپ تۇرغان خوجىنىياز ھاجى ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بولۇپ گۈچۈڭغا چېكىنىشى بىلەن تەڭ كېلىشىمگە ئاساسەن ، تېزدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلدى . ما جوڭيىڭنىڭ چېچىلىپ كەتكەن ئەسكەرلىرىدىن بىر قىسمى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئالدىغا بېرىپ نان ، كىيىم كېچەك تەلەپ قىلدى . ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سوغۇقتا قېلىپ ئەرەج تارتىشى مۇشۇنىڭ بىلەن 2 – قېتىم ئىدى . 1 – قېتىم 1931 – يىلى يازدا ، ئۇلار قۇمۇلغا كېلىپ شەھەرنى ئالالماي ، قۇمۇلنىڭ تاراتى دېگەن يېرىگە چىقىپ مۇزلاپ ئۆلەي دېگەندە ، ئۇيغۇرلار ئۇلارغا ئۆيلىرىنى بوشۇتۇپ بېرىپ ، ئوزۇقلىنىشىغا يەردەم قىلىپ ، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىۋالغاندى . لېكىن ، ما جوڭيىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىپلا كۆۋرۈكنى بۇزىۋەتكەن ، يەنى ئېشىنى يەپ قازىنىنى چېقىۋېتىپ ، گەنسۇغا كەتكەندى . شۇڭا بۇ قېتىم جۇدۇنغا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا ھېچكىم ياردەم قىلمىدى .

خوجىنىياز ھاجى فۇكاڭدىن ئارقىغا قايتىپ ، تاغنى ياقىلاپ جىمىسارنىڭ جەنۇبىدىكى پەنۇپو داۋىنى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۆتۈش ئۈچۈن چەنزىگەيگە يېقىنلاشقاندا ، شىنجاڭ دۇبەن مەھكىمىسى تەشۋىقات دۈينىڭ مۇئاۋىن مۇئاۋىن دۈيجاڭى ئەكبەر جەلىلوۋ بىر نەچچە ئادەم بىلەن كېلىپ ، خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىغا : « ھۆكۈمەت ما جوڭيىڭدىن قورال ئولجا ئالساق ، يېرىمىنى خوجىنىياز ھاجىغا بېرىمىز دېگەندى . ھازىر ئەسكەرلەر ما جوڭيىڭنى قوغلاپ كېتىپ بارىدۇ . قولغا چۈشكەن قوراللار تولۇق بولمىسىمۇ ھازىرچە 90 تال مىلتىق ئالغاچ كەلدۇق » دەپ مىلتىقلارنى ئوقلىرى بىلەن تاپشۇرۇپ بەردى . مىلتىقلارنىڭ ئارىسىدا بەش ئاتار ، توققۇز ئاتار ۋە ئارىلاش كونا مىلتىقلارمۇ بار ئىدى . خوجىنىياز ھاجى بۇ مىلتىقلارنى ئېلىپ توقسۇنغا يۈرۈپ كەتتى . ما جوڭيىڭ گۈچۈڭغا بېرىپ ، لى خەيرۈينىڭ قالدۇق قوشۇنىدىن 1000 كىشىنى ، ئۇيغۇرلاردىن بىر نەچچە يۈز كىشىنى مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇپ ، تۆگىدىن 2000 نى تەييارلاپ ، تۇرپانغا چۈشۈپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۆتۈدىغان يولىنى توسماقچى بولدى ( ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇشتا ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلگىنى ، تەسلىم بولغىنى ، چېچىلىپ كەتكىنى بولۇپ تەخمىنەن يېرىمى تۈگەپ كەتكەندى ) .

شېڭ شىسەي ما جوڭيىڭنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، بىرقانچە ھەربىي باشلىقلار ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلار نامىدىن جياڭ جيېشى ھۆكۈمىتىگە تېلېگرامما ئەۋەتتى . تېلېگراممىدا مۇنداق دېيىلگەن : « ما جوڭيىڭ مەغلۇپ بولدى ، شىنجاڭ تىنچلاندى . ئۇيغۇر ، خەنزۇ قوراللىق كۈچلەرنىڭ باشلىقلىرى شېڭ شىسەينى ھىمايە قىلىدۇ . شىنجاڭدا بارلىق ئىشلارنى شېڭ شىسەي باشقۇرسا ؛ مەدەنىيەت ، مائارىپ ، قاتناش ، سودا – سانائەت ئىشلىرىنى يەرلىك باشقۇرسا ، تېلېگرامما بەرگۈچىلەر : شىنجاڭ گومىن گېمىنجۈننىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق زوڭسىلىڭى بېشىر ، تۇرپان – گۇچۇڭ ئالدىنقى سەپ سىلىڭى خوجىنىياز ھاجى ، ئۈرۈمچى جىجسوزىدا تۇرۇشلۇق ئاتلىق 1 – شىنىڭ سىجاڭى تې جەنكۈي ، پىچاندا تۇرۇشلۇق 2 – شىنىڭ سىجاڭى ئىسكەندەر ، قاراشەھەردە تۇرۇشلۇق ئاتلىق 3 – شىنىڭ سىجاڭى مەھبۇز ، قەشقەردە تۇرۇشلۇق 4 – شىنىڭ سىجاڭى تۆمۈر ، قەشقەرنىڭ ۋاقىتلىق ۋالىيسى يۇنۇسبەگ ، ئاقسۇنىڭ ۋالىيسى شۈى يىسەيلەر . 1933 – يىل 6 – ئاينىڭ 21 – كۈنى . » شېڭ شىسەينىڭ ئەسلىدىكى پىلانى ئاۋۋال زىنچۈەنزىدە ما جوڭيىڭنى يېڭىپ ، ئاندىن ئۈرۈمچىگە كېلىپلا چېن جوڭ ، تاۋ مىڭيۆ ، لى شياۋيەنلەرنى كۆزدىن يوقىتىش ئىدى . شۇڭا ئۇ ، ئاۋۋال ما جوڭيىڭغا قارشى ئوت ئاچتى . ئاندىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن ، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ سەنموچۇ باشلىقى چېن جوڭ ، باش كاتىپى تاۋ مىڭيۆ ، تۇدۇڭخابادا تۇرۇشلۇق ئايرۇپىلان ئەترىتى باشلىقى لى شياۋتيەنلەرنى « مەجلىس بار » دەپ دۇبەن مەھكىمىسىگە چاقىرتىپ ، « يېڭى ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭ قىلماقچى بولغان » دېگەن تۆھمەت بىلەن ئېتىۋېتىدۇ ( بۇ چاغدا شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ ، جىن شۇرېن قېچىپ كېتىپ بولغاندى ) . شۇنىڭدىن كېيىنلا خۇاڭ مۇسۇڭ مەمەۇرىي پالاتا باشلىقى ۋاڭ جىڭۋېينىڭ بۇيرۇقى بىلەن نەنجىڭگە قايتىپ كەتتى . شېڭ شىسەي گۇچۇڭغا يېتىپ بارغىچە گۈچۈڭنىڭ سىلىڭى لى خەيرۈي ما جوڭيىڭ بىلەن ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەندى . شېڭ شىسەي گۈچۈڭغا بارغاندىن كېيىن ، گۇچۇڭدا قېپقالغان لۈيجاڭ جاڭ زۇەننى « ما جوڭيىڭغا تەسلىم بولدۇڭ دەپ ئېتىۋېتىدۇ .

1933 – يىلى 8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى توساتتىن ليۇ ۋېنلوڭنى شىنجاڭغا جۇشى ، شېڭ شىسەينى دۇبەن ، جاڭ پېييۈننى ئىلى بوز يەر ئېچىش قىسىملىرىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە 8 – شىسىنىڭ سىجاڭى قىلىپ تەيىنلەيدۇ . شېڭ شىسەي ما جوڭيىڭنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئۈچ ئادەمنى ۋەكىل قىلىپ ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ سەنمۇجاڭى ليۇ بىننى قوشۇپ تۇرپانغا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ . ئۇلارغا ئۆزىنىڭ دۇبەن نامى بىلەن ما جوڭيىڭنى شەرقىي شىنجاڭنىڭ گارنىزون سىلىڭى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىنى قۇمۇلغا چېكىندۈرۈشنى ، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ بىۋاستە دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ قوماندانلىقىغا قارىشى لازىملىقىنى شەرت قىلىپ قويىدۇ . ئەمما ، ما جوڭيىڭ بۇ شەرتلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ . ليۇ بىن ما جوڭيىڭنىڭ پىكرىنى شېڭ شىسەيگە يەتكۈزىدۇ . شېڭ شىسەي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ما جوڭيىڭنىڭ جاڭياجۇ ۋە باش كاتىپى ياۋ جىفىنلارنى ئۈرۈمچىگە سۆھبەتكە چاقىرىدۇ . ئۇلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ شېڭ شىسەي بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ، جەنۇبىي شىنجاڭنى ما جوڭيىڭغا بېرىشنى ، ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . ئەمما ، ھەر ئىككى تەرەپ يەنىلا كېلىشەلمەيدۇ .

1933 – يىلى 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنى گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قوشۇمچە ئەدلىيە مىنىستىرى لو ۋېنگەن يەتتە – سەككىز كىشى بىلەن نەنجىڭدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، ليۇ ۋېنلوڭنىڭ جۇشىلىققا ، شېڭ شىسەينىڭ دۇبەنلىككە تەينلىنىش قەسەمياد يىغىنىغا نازارەت قىلىش ئۈچۈن گومىنداڭ مەمۇرىي پالاتاسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ . ئىلىدىكى جاڭ پېييۈەن ھۆكۈمەت ئەزاسى بولىدۇ . 9 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ھەر مىللەت خەلقى ليۇ ۋېنلوڭ بىلەن شېڭ شىسەينىڭ جۇشى ۋە دۇبەنلىككە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلەپ چوڭ يىغىن ئاچىدۇ . ئۇنىڭ ئەتىسى ( 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ) لو ۋېنگەن تۇرپانغا بارىدۇ . ئۇنى ما جوڭيىڭ ئۆزى قارشى ئالىدۇ . لو ۋېنگەن ئاتقا مىنىپ ما جوڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ . ما جوڭيىڭ 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى قەسەمياد يىغىنى ئاچىدۇ . لو ۋېنگەن ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ماشىنا بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ . ما جوڭيىڭنىڭ مەسلىھەتچىسى جاڭ ياجۇ ، فۇگەنجاڭى بەي زىشىن ، باش كاتىپى ياۋ جىفىنلار شېڭ شىسەي بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ . سەنمۇجاڭ ليۇ بىنمۇ تۇرپانغا بارغان ئۈرۈمچى ۋالىسى لى يوڭ ( 1937 – شىنجاڭغا جۇشى بولغان ) شېڭ شىسەينىڭ ئىنىسى شېڭ شىچىلار بىلەن تۇرپاندىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ .

شېڭ شىسەي 9 – ئاينىڭ 15 – مەجلىس ئېچىپ ، ما جوڭيىڭنى ھەربىي كۈچ بىلەن جازالىماچقى بولىدۇ ۋە ما جوڭيىڭنىڭ ئۈچ ۋەكىلى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى خۇيزۇ ياشلارنىڭ ۋەكىلى ما خوڭشاڭنى قاماققا ئالىدۇ . شېڭ شىسەي 17 – كۈنى لو ۋېنگەننىڭ يېنىغا كىرىپ : ما جوڭيىڭنىڭ ئۈچ ۋەكىلى ما خوڭشاڭ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، ھەربىيلەرنى قوزغىلاڭ قىلدۇرماقچى بولدى ، ئەمدى ما جوڭيىڭغا قورال ئىشلەتمەي بولمىدى ، - دەيدۇ . لو ۋېنگەن ئىككى ئوتتۇرىدا مۇرەسسە قىلىپ بولالماي مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ ، چۆچەك ، شەمەي ، ئالمۇتىلارنى چۆگىلەپ ، 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى قورغاسقا قايتىپ كېلىدۇ . جاڭ پېييۈەن ئۇنى قورغاستا قارشى ئالىدۇ . 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئىلىدا جاڭ پېييۈەننىڭ خىزمەتكە تەيىنلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ، لو ۋېنگەن ۋىلادۋوستوك ئارقىلىق 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى نەنجىڭگە قايتىپ بارىدۇ .
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 20:55
3 . ما جوڭيىڭنىڭ قايتا ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشى

ما جوڭيىڭ 1933 – يىلى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى زىنچۈەنزىدە مەغلۇپ بولۇپ 6 – ئاينىڭ ئاخىرلىرى تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندە ، ئۇنىڭ ئاران 3000 – 4000 چە ئەسكىرى قالغاندى . ئۇنىڭ پىچان ۋە تۇرپانلاردا يەنە ئاتلىق ۋە پىيادە ئىككى لۈي ئەسكىرى بولۇپ ، پىيادە لۈيى پىچاندا ، ئاتلىق لۈيى تۇرپاندا تۇراتتى . ما جوڭيىڭ پىچاندىن پوچتا بىلەن يالقۇنتاغقا كېلىپ ، ئەمەت جىسانىڭ ھويلىسىغا چۈشتى . يولۋاس پەيزۇل جىسانىڭ ھويلىىسىغا چۈشتى . ما جوڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكى تۆمۈر تۈەنجاڭ خۇدىيار ھاجىنىڭ ھويلىسىغا چۈشتى . ما جوڭيىڭنىڭ مىلتىق ، ئوق – دورا ۋە باشقا نەرسە – كېرەكلەرنى ئارتقان تۆگىلىرى ئالتە – يەتتە كىلومېتىر يەرگىچە سوزۇلۇپ كېلىپ ، ئاستانىدىكى سايغا يۈكلىرىنى چۈشۈردى . ما جوڭيىڭ ئاستانغا كېلىپ كىشىلەرگە : خوجىنىياز مېنىڭ دادام ، مەھمۇت مېنىڭ ئاكام ، بىز چوقۇم كېلىشىپ قالىمىز ، دەپ يۈردى ۋە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن تۇرپان بازىرىغا بېرىپ ، ئابلىمىت قازى ۋە بىر قانچە خۇيزۇ ئاخۇنلارنى خوجىنىياز ھاجى بىلەن ياراشتۇرۇپ قويۇشقا توقسۇنغا ئەۋەتتى . ئۇلار توقسۇنغا كېلىپ ، خوجىنىياز ھاجىغا : سىلىڭ بىزنى سىلىنىڭ يانلىرىغا ئەۋەتتى .سىلىڭ « خوجىياز ھاجىغا قانچە قورال لازىم بولسا مەن بېرەي ، ئۇ شېڭ شىسەيدىن ئايرىلىپ مەن بىلەن بىرلەشسىكەن » دەيدۇ ، دېدى . خوجىنىياز ھاجى بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپ مۇنداق دېدى : « ھە ، ما جوڭيىڭغا بىز لازىم بولۇپ قالغان ئوخشايمىز . ما جوڭيىڭنىڭ ئىلتىپاتىغا رەھمەت . بىز ئىشنىڭ بېشىدا ، ما جوڭيىڭ خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىغا تىلەكداشلىق قىلارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولغاندۇق . ئەمدى بۇ ئۈمىدىمىزنىڭ خام – خىيال ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتۇق . ما جوڭيىڭ گەنسۇدىن شىنجاڭغا ھەر ئىككى قېتىم كەلگەندە بىز ئۇنىڭغا ياردەم بەردۇق ئۇ كۈچلەندى . مۇشۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇ « ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت دېگەندەك ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى . ئەمما ئۇ ، ئۇنداق قىلمىدى . ئۇرۇشتا قۇرباننى بىز بەردۇق ، ئولجىنى ئۇ ئالدى . بىر ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ « شىنجاڭنى قولغا ئېلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن 500 مىڭ ئەسكەر ئېلىپ ئىچكىرى جوڭگوغا ۋە سوۋېتكە ھۇجۇم قىلىمەن » دېگىنىدىن ئۇنىڭ خەلقىمىزنى تېخىمۇ زور بالايى – ئاپەتكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتۇق . بىز ئۇنىڭ يولىغا ھەرگىز ماڭمايمىز . تېخى يېقىندىلا بىز جىمىساردىكى دۈشمەننى يېڭىپ ، ئۇلاردىن نۇرغۇن مىلتىق ئولجا ئېلىش ئالدىدا تۇرساق ،ما جوڭيىڭ ھىلە ئىشلىتىپ ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى بىز سىلەرگە ئېلىپ بېرىمىز دەپ ، بىزنى ئالداپ قويۇپ ، قوراللارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ قاچتىغۇ ! ؟ بىزنىڭ سەبرى قاچىمىز تولدى . بىزگە نۇختا سېلىپ ، بوينىمىزغا مىنىمىز دېمىسۇن . بىز – ھايۋان ئەمەس ، بىزنىڭ كىم بىلەن بىرلىشىش ، كىم بىلەن بىرلەشمەسلىك ئىختىيارىمىز ئۆزىمىزدە . مەن شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىشىپ بولدۇم . مېنىڭ ئەزەلدىن سۆزۈم بىر ، ئاتقان ئوق يانمايدۇ . ئۇن ، بىزنىڭ ئەركىن – باراۋەر بولۇشىمىزغا ياردەم بەرمەيدۇ ، بەلكى ئەكسىچە ، بىزنى ئالداپ ئوق – زەمبىرەكلەرگە يەم قىلىپ بېررىدۇ . بىزگە بېرىدىغان قورالللىرىنى ئانىسىغا ئاپىرىپ بەرسۇن . سىلەر قايتىپ بېرىپ ، مېنىڭ سۆزۈمنى ئۇ لومۇدىغا ئەينەن يەتكۈزۈڭلار .» خوجىنىياز ھاجى ما جوڭيىڭنىڭ ئادەملىرىنى مۇشۇ گەپ بىلەن قايتۇردى . شۇنىڭدىن كېيىن ما جوڭيىڭ ئۆزىنىڭ پەدىسىنى ئۆزگەرتىپ ، خەلقلەرگە : خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت كاپىرلار بىلەن بىرلىشىپ ، ئىسلام ھاكىمىيىتى قۇرۇشىمىزغا قارشى چىقتى ، سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەڭلار ، ئۇلارغا ئەگەشمەڭلار . مەن تۇرپاندا تۇرۇپ ، ئۈرۈمچىنى ئېلىپ ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرىمەن . ئاندىن خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇتنىڭ جاجىسىنى بېرىمەن – دەپ ، كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ ، ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى كۆردى : 1) ئاۋۋال مەجبۇرى ئەسكەر ئېلىشقا كىرىشتى . خەلق بالىلىرىنى ئەسكەرلىككە بېرىشكە ئۇنىماي ھەريەرلەرگە قاچۇرىۋەتسە ، شاڭيۇ ، دوغىغا ئوخشاش بۆكىنى ئەكەل دېسە بېشىنى ئەكىلىدىغان ئاز سانلىق كىشىلەر پالتىغا ساپ بولۇپ بېرىپ ، بالىسى بار كىشىلەرنى ئۇرۇپ ۋە ھەيدەپ يۈرۈپ بالىسىنى تاپقۇزۇپ ، ئەسكەرلىككە تۇتۇپ بەردى . تۇتۇپ ئەكەلگەن بالىلارنى ما جوڭيىڭ تۇرپان ناھىيىسىنىڭ ساراي ۋە دەڭلىرىگە قاماپ ، قاتتىق ھەربىي مەشق قىلدۇردى . ما جوڭيىڭنىڭ قولچوماقلىرىدىن باشقا ، قول ئاستىدىكى ئەسكەرلىرىمۇ خەلقنىڭ ئۆيلىرىگە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرىپ ، ياشلارنى تۇتۇپ كەتتى . بەزى ئۆيلەردىن ياشلارنى تاپالمىسا ، « زىرائەت ئىچىگە مۆكۈنىۋاپتۇ » دەپ ئېتىزلىققا چىقىپ ، قوناقلىق ۋە كېۋەزلىكلەرگە كىرىپ ، قارىسىغا مىلتىق ياكى پىلىموت ئېتىپ ، زىرائەتلەرنى نابۇت قىلدى . 2 ) « كونا ۋە يېڭى ئەسكەرلەرنى تەمىنلەشتە ھۆكۈمەتتىن بېرىلگەن تەمىنات يېتىشمىدى » دېگەننى باھانە قىلىپ ، خەلق ئۈستىدىكى ئالۋاڭ – سېلىقنى كۆپەيتتى . بولۇپمۇ 1932 – يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جىن شۇرېننىڭ قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن كەمبەغەللىشىپ دەرمانىدىن كېتەي دەپ قالغان تۇرپان خەلقىگە ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى يەنە بىر ئاپەت بولدى . ئۇلار خەلقنى « نان ئىئانە قىلىش » قا مەجبۇرلاپ ، ئۆيمۇ – ئۆي يۈرۈپ خەلقنىڭ بىر نېنىنىڭ يېرىمىنى تارىۋالدى ، ھەتتا خەلقنىڭ تونۇرغا يېقىپ قويغان نانلىرىنى بۇلاپ ئېلىپ كەتتى . يەنە « ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىمىز ، ئەسكەرلەرگە كىيىم – كېچەك ياردەم قىلىڭلار » دەپ توۋلاپ ، ئۆيمۇ – ئۆي جار سېلىپ ، خەلقنىڭ ئۇچىسىدىكى چاپانلىرىنىمۇ سالدۇرىۋالدى . ھەتتا كوچىلاردا كېتىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ ئۆتۈكلىرىنى سالدۇرىۋېلىشتىنمۇ تەپ تارتمىدى . 3) خەلقتە تارتىۋالغۇدەك ھېچنەرسە قالمىغاندا ، سامان قەغەزگە پۇل بېسىپ تارقاتتى . بۇنداق قەغەزنى كىشىلەر « خوتەن قەغىزى » دەپمۇ ئاتايتتى . ما جوڭيىڭ بېسىپ تارقاتقان پۇل 5 سەرلىك ، 10 سەرلىك بولۇپ رەڭگى سۇس يېشىل ئىدى . بۇ پۇلنى كىشىلەر « سىلىڭ پۇلى » دەپ ئاتاشتى . تۇرپاندا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى « دۇبەن پۇلى » دەيدىغان 50 سەرلىك پۇل ، جىن شۇرېننىڭ بىر سەرلىك پۇلى بار ئدى . بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىلا بازاردا بىردەك ئېقىۋەردى . چۈنكى ، ھەربىيلەرنىڭ قولىدىكى « سىلىڭ پۇلى » نى مال ساتقۇچىلارنىڭ ئالماي ھەددى ئەمەس ئىدى . خەلق ئارىسىدىكى ئېلىم – سېتىمدا ، مال ساتقۇچى خېرىدارلاردىن : دۇبەن پۇلىدىن قانچىلىك بېرىسەن ؟ سىلىڭ پۇلىدىن قانچىلىك بېرىسەن ؟ دەپ سورايتتى . ئەگەر دۇبەن پۇلىدىن بەرسە مېلىنى تېزلا سېتىپ بېرەتتى ؛ ئەگەر سىلىڭ پۇلىدىن قانچە كۆپ بەرسىمۇ ، ئىلاجى بار ساتماسلىققا تىرىشاتتى . ما جوڭيىڭنىڭ تۇرپاندا بېسىپ تارقاتقان پۇلىنىڭ سانى ، بەزى مەلۇماتلاردا بىر مىليون 200 مىڭ سەر دېيىلگەن بولسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭدىن كۆپ ئىدى . چۈنكى ، ئۇنىڭ سامان قەغەزگە بېسىلغان پۇلىنى ئەگەر قازاننىڭ ھورىدا ھورداپ ، يەنە سامان قەغەزگە چاپلىسا ئۇنىڭ ئىزى چىقىپ ، بىر سەر پۇل ئىككى سەر بولاتتى . ساختىپەزلەر مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن پۇلنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتەتتى .  4) ئۆزلىرى بېسىپ تارقاتقان پۇل بىلەن سودىگەر ۋە خەلق قولىدىكى ماتا – چەكمەنلەرنى سېتىۋېلىپ ۋە پۈتۈن ناھىيىدىكى ماشىنىچى ( سەيپۇڭ ) لارنى يىغىۋېلىپ ، ئۇلارنى ھەقسىز كىيىم تىكىشكە مەجبۇرلىدى . « سلىڭ پۇلى » نىڭ ئۆمرى ئالتە ئايغا بارمايلا ما جوڭيىڭ قېچىپ كەتتى ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ پۇل خەلقنىڭ قولىدا قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالدى . 5) خەلقتىن ئالغۇدەك ھېچنەرسە قالمىغاندىن كېيىن ، ئائىلەرگە ئاشلىق بېرىپ ، ئەسكەرلەرگە ھەقسىز نان يېقىپ بېرىش سېلىقى سالدى . بۇ نانلارنى داۋانچىڭغا ئاپىرىپ توشۇشقا تۇرپان ، پىچان توقسۇنلاردا مەيلى ھاڭگا ، مەيلى مادا ھېچقانداق ئىېشەك قالمىدى ( ئەسلىدە مادا ئىېشەكتە مال – يۈك توشۇمايتتى ) . بۇ نانلارنى ئاساسەن قېرىلار توشۇدى . چۈنكى ، ياشلارنى كۆرۈپلا قالسا ئەسكەرلىككە تۇتىۋالاتتى . بۇنداق ئەھۋال يۇقۇرىدىكى ئۈچ ناھىيىنىڭ ھەممىسىدە بار ئىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ، ما جوڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى ئاتلىرىنى دېھقانلارنىڭ زىرائەتلىرىگە خالىنىغىنىچە قويۇۋېتىپ ، زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىۋەتتى . ئەسكەرلەرنىڭ يولدا ئوتۇن – سامان ئېلىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئوتۇن سامانلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالدى . قىسقىسى ، بىچارە خەلق « ئاشلىق كېتىپ ساڭ قالدى ، ماغدۇر كېتىپ جان قالدى » دەپ زارلىنىدىغان بولۇپ قالدى .

ما جوڭيىڭ بىر تەرەپتىن شېڭ شىسەي بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييارلىق قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن قاراشەھەرگە بېرىپ مافۇيۈەننىڭ ئەسكەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ، ئۆز تەسىر دائىرىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا كېڭەيتىشكە بۇيرۇق بەردى . ئۇ ، ئۈچ كۈندىن كېيىن تۇرپانغا قايتىپ كېلىپ ، ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن كىشىلىرىنىڭ قامالغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلەندى ۋە شېڭ شىسەينى يوقىتىشقا ئۆزىنىڭ ئەسكەر باشلىقلىرى بىلەن بىللە قەسەمياد قىلدى . لېكىن يەنە ، بۇ مەقسەتكە يېتىشكە كۆزى يەتمەي ، ئۆز ئادەملىرىنى ئىلىغا جاڭ پېييۈەن بىلەن ئالاقە باغلاشقا ئەۋەتتى . ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىلىغا بېرىپ ، جاڭ پېييۈەن بىلەن ئۈرۈمچىنى قانداق قىلىپ قولغا ئېلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى . ئۇلار ئۈرۈمچىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن  جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى ئايرىپ ئىدارە قىلىش ، شىمالىي شىنجاڭ جاڭ پېييۈەن تەۋەسىگە جەنۇبىي شىنجاڭ ما جوڭيىڭ تەۋەسىگە قاراش قارارىغا كەلدى . شۇنىڭ بىلەن ما جوڭيىڭ ما خېييىڭغا چۆچەكنى ئىشغال قىلىش توغرىسىدا ، ماشىمىنغا ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى . شۇ ۋاقىتتىكى ھەربىي ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ما جوڭيىڭنىڭ بارىكۆل ، قۇمۇل ۋە تۇرپاندىن تارتىپ قاراشەھەرگىچە مەھسۇلاتى مول بولىدىغان رايونلارنى ئىشغال قىلغان بولۇپ ، ھەتتا قەشقەردىمۇ ئۇنىڭ بىر قىسىم تەسىر كۈچى بار ئىدى . بارىكۆلنىڭ شىمالىي ، موڭغۇلىيە چېگىرىسىدىن ئالتاينىڭ جەنۇبىي قىسمىغىچە بولغان قىسمەن رايونلار ماخېيىڭنىڭ تەسىر دائىرىسىدە ئىدى . ماشىمىننىڭ تەسىر دائىرىسى ئۈرۈمچىگە 50 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان داۋانچىڭ ھەتتا سەيۋۇپۇغىچە بولغان جايلار ئىدى . دېمەك ، ئۈرۈمچى قورشاۋ ھالىتىدە تۇراتتى . ما جوڭيىڭ ئىگىلەپ تۇرغان رايونلاردا قەھەتىچىلىك بولمايتتى . شېڭ شىسەي ئىگىلەپ تۇرغان رايونلاردا ئاران بىر – ئىككى ئاي يەتكۈدەكلا ئاشلىق بار ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ، شېڭ شىسەي ما جوڭيىڭلار بىلەن تېز ئۇرۇشۇپ تېز ھەل قىلىش لازىملىقىنى ھېس قىلدى . ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ما جوڭيىڭنىڭ ئەسكىرىي كۈچى بىلەن جاڭ پېيۈەننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى قوشسا ئاندىن شېڭ شىسەينىڭ ھەربىي كۈچىگە تەڭ كېلەلەيتتى .

4 . شېڭ شىسەينىڭ ئۇرۇشقا قايتا تەييارلىق كۆرۈشى

ما خېييىڭ 1933 – يىلى 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۆچەككە ھۇجۇم قىلدى . شېڭ شىسەي چۆچەكنى قورشاۋدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ، ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىنى چۆچەككە ئەۋەتتى ؛ ئۆزى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ما جوڭيىڭغا قارشى جازا ئۇرۇشى قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن داۋانچىڭغا قاراپ يول ئالدى ۋە بىر بۆلۈك قوشۇننى پىچانغا ھۇجۇم قىلدۇرۇپ ، ما جوڭيىڭنىڭ ئارقا تەرەپ يولىنى كەسمەكچى بولدى . ئۇ ، 17 – كۈنى داۋانچىڭغا بېرىپ ما جوڭيىڭ قىسىملىرى بىلەن ئۇچراشتى . بىراق ،ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشتا تېرە – پېرەڭ بولۇپ ، ئامالسىز ئۈرۈمچىگە قايتى كەلدى ۋە 2 – قېتىم قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا جىددىي تەييارلىق كۆردى . دەل شۇ چاغدا ما جوڭيىڭ شېڭ شىسەي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئادەم ئەۋەتتى . شېڭ شىسەي يەنىلا ما جوڭيىڭنىڭ ئاۋۋال قۇمۇلغا چېكىنىشىنى شەرت قىلىپ قويدى ۋە « ئەگەر چېكىنىشنى يەنە كېچىكتۈرىدىغان بولسا ، تۇرپان بىلەن پىچاننى قورال كۈچى بىلەن قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى » ئېيتتى . ئۇنىڭغا يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ما جوڭيىڭغا قارشى ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ قاراشەھەرگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ گارنىزون سىلىڭى خوجىنىياز ھاجىغا بۇيرۇق قىلسا دەرھال تۇرپانغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى .

شېڭ شىسەي 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى بارلىق ئەسكىرىي كۈچىنى قايتىدىن توپلاپ ، ماجوڭيىڭ بىلەن ئۇرۇشۇشقا ئاتلاندى . يولغا چىقىش ئالدىدا نەنلياڭدا « ئوغرى ما جوڭيىڭنى يوقاتماي تۇرۇپ تىرىك قايتمايمىز » دەپ قەسەم قىلىشتى . ما جوڭيىڭ بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قۇمۇلغا چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ دەرھال ئۇچراشمىدى . شېڭ شىسەي 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تۇيۇقسىز ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى . چۈنكى ، ئۆلكە رەئىسى ليۇ ۋېنلوڭ ئۇنىڭغا « غەربىي يول تىنچ ئەمەس ، ئارقا سەپ قالايمىقان » بىر كۈندە تۆت قېتىم تېلېگرامما بەرگەن . شۇ چاغدا ما خېييىڭ بىلەن لى فۇشىڭ ماناسقا ھۇجۇم قىلغان . جاڭ پېييۈەن ئىلىدىن ئەۋەتكەن ياڭ جىڭجوڭ ( جىن شۇرېننىڭ تۈەنجاڭى ئىدى . جىن شۇرېن قېچىپ چۆچەككە بارغاندا ، ياڭ جىڭجوڭ ئىلىغا بېرىپ جاڭ پېييۈەننىڭ قارمىقىغا ئۆتكەن . ) قوشۇنلىرى شەرققە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندى . شېڭ شىسەي چۆچەكتە تۇرىۋاتقان سەنمۇجاڭى ليۇ بىنگە دەرھال قوشۇننى باشلاپ چۆچەكتىن شەرققە قاراپ يولغا چىقىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ . ليۇ بىن ماناس ئەتراپىدا لى فۇشىڭنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ . ئۇ ، لى فۇشىڭنى تېزدىن قورشاپ تىرىك تۇتىۋېلىپ ، شۇئان كاللىسىنى ئالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ماجوڭيىڭ ئەسكەرلىرى چېكىنىدۇ . ليۇ بىن لى فۇشىڭنىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرىنى تازىلاۋاتقاندا ، يەنە بىر قىسىم ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى جىمىسارغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇ يەردىكى تۈەنجاڭ ۋە شىيەنجاڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ . ئارقىدىن شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى بۇ يەرگە يېتىپ كېلىپ ئۇلارنى قورشاۋدىن قۇتقۇزىدۇ . غەربىي يولدىكى ما خېييىڭ ماناسقا ھۇجۇم قىلىپ ، شېڭ شىسەينىڭ داۋانچىڭغا ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي كۈچىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ . شېڭ شىسەي ئۆلكە ئەسكەرلىرىنىڭ كۈچلۈك قىسىملىرىنى شىخۇغا ئەۋەتىپ ، جاڭ پېييۈەن قىسىملىرىغا زەربە بېرىۋاتقاندا ، ما جوڭيىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈرۈمچىنى قورشىۋالىدۇ .
5 . ما جوڭيىڭنىڭ خوجىنىياز ھاجى بىلەن دەسلەپكى توقۇنۇشى

خوجىنىياز ھاجى فۇكاڭدا شېڭ شىسەي بىلەن ئەھدىنامە تۈزۈشكەندىن كېيىن ، 1933 – يىلى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن كېيىن ، مەھمۇت مۇھىتى بىلەن چەنزىگەي ، پەنۋوپۇ ، يوغانتېرەكلەر ئارقىلىق تەڭرېتېغىنى ئاتلاپ جەنۇبىي شىنجاڭغا تېز بېرىش ئۈچۈن ، توقسۇنغا كېلىپ ئىلانلىقتىكى ئىسماڭ دارېن دېگەن ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە چۈشتى . ما جوڭيىڭ گۇچۇڭدىن قايتىپ ، مورى ۋە سارىغاي داۋىنىدىن ئېشىپ ، كۆكيار ئارقىلىق پىچان ، تۇرپانغا كېلىپ خوجىنىياز ھاجى يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن توقسۇنغا كىشى ئەۋەتتى . خوجىنىياز ھاجى ما جوڭيىڭنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ ئەۋەتكەن كىشىلىرىنى قايتۇرىۋەتتى . بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ، ما جوڭيىڭنىڭ ئاتلىق ئەسكەلىرى توقسۇنغا كەلدى . خوجىنىياز ھاجى ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشنى خالىماي ، ئۇلارنىڭ قارىسىنى كۆرۈش بىلەنلا توقسۇندىن قاراشەھەرگە كەتتى . ئايغىربۇلاققا بارغاندا ، مەمتىمىن دېگەن كىشىنى ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ توقسۇندىن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىدىغان – قىلمايدىغانلىقىنى كۈزىتىپ تۇرۇشقا 60 پىدائىي ئەسكەر بىلەن قالدۇرۇپ قويدى . بىز خوجىنىياز ھاجى بىلەن ئۇششاقتالغا بارغاندىن كېيىن ،قاراشەھەرگە كېلىپ تۇرغان ما جوڭيىڭ قوشۇنىغا « بىز قاراشەھەردە تۇرماي ئۆتۈپ كېتىمىز ، قاراشەھەردىن ئۆتكىچە بىزگە چېقىلماڭلار » دەپ خەت كىرگۈزسەك ، ماشىمىننىڭ قول ئاستىدىكى بىر لۈيجاڭ ( ماشىمىن ئۈرۈمچى نەنسەندە ئىدى ) بىزنىڭ خېتىمىزگە « ھەي خوجىنىياز ، سەن جەنۇبقا ھېلىغۇ يەر بىلەن بارىدىكەنسەن ، ئاسماندىن ئۇچۇپ ئۆتىمەن دېسەڭمۇ ئۆتەلمەيسەن » دەپ جاۋاپ چىقىرىپتۇ . خوجىنىياز ھاجى ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماي ئۆتۈپ كېتىشكە كۆزى يەتمەي ، مەھمۇت سىجاڭ ۋە باشقا لۈيجاڭ ، تۈەنجاڭلار ۋە باشقا يېنىدىكى يېقىن كشىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشتى . ئۇلار قاراشەھەرگە كىرمەي ، باغراش كۆلىنى بويلاپ كورلىغا ئۆتۈپ كېتىشنى قانچە ئويلاپ باقسىمۇ ، بىرەر ئىشەنچلىك يول تاپالمىدى . ئاندىن ئۇلار بىر ئېغىزدىن ئەگەر ما جوڭيىڭ قوشۇنى ئاۋۋال ئوق چىقارسا ، بىزمۇ ئەلۋەتتە قاراپ تۇرمايمىز دەپ ئىپادە بىلدۈردى . لېكىن ئاددىي پىدائيلار : خۇيزۇلارمۇ مۇسۇلمان ، بىزمۇ مۇسۇلمان . مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلمان ئۇرۇشۇپ ئۆلسەك ، قايسى ئۆلۈمگە مەنسۇپ بولىمىز . كىم دوزاققا كىرىپ ، كىم جەننەتكە كىرىدۇ ، دېگەن غۇلغۇلا پەيدا بولدى . ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە ، مەھمۇت سىجاڭنىڭ يېقىن ئادىمى ( مەسلىھەتچىسى ) ئابدۇللا داموللا نەئىمى ( 1937 – يىلى مەھمۇت سىجاڭ بىلەن قەشقەردىن ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن ) بىر پەتىۋا ئويلاپ چىقىپ « ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان ، تۇڭگانلارمۇ مۇسۇلمان . لېكىن ، بىز ئۇلار بىلەن ئۇرۇشىمىز دېمىدۇق . جەنۇبقا ئۆتۈپ كېتىمىز يولىمىزنى توسماڭلار دېسەك ،  ئۇلار ئۇنىماي ، يولىمىزنى توسماقچى بولدى . ئەگەر ئۇلار ئاۋۋال ئوق چىقارسا ، ئۇلار كاپىر بولىدۇ ، ئاندىن بىز ئاتىمىز ئۇلار ئۆلسە دوزاققا چۈشىدۇ ، بىز ئۆلسەك شىھىت بولىمىز ۋە جەننەتكە كىرىمىز » دېگەننى ھەممە پىدائىيلارغا تەشۋىق قىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن پىدائىيلارنىڭ ئەندىشىمىز يوقىلىپ ، كۆڭلىمىز توختىدى . بىز ئۇششاقتالدىن چىقىپ چوقىغا يېقىنلاشقاندا ، ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى چوقىغا كېلىپ بىزنى توستى ، بىز بۇيرۇق بويىچە ئاتلاردىن چۈشۈپ ، مىلتىق ئاتماي  تارقىلىپ ماڭدۇق . لېكىن ، ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىزگە ئوق چىقىرىشقا باشلىدى . ئاندىن بۇيرۇققا بىنائەن بىزمۇ ئېتىشقا باشلىدۇق . ئۇرۇش باشلاندى . ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىدىن 500 نەچچىسى چوڭ يولنىڭ ياقىسىدىكى ئۆيلەرگە جايلىشىپ بىزگە ئوت ئاچتى . يەنە 500 نەچچىسى چوڭ يولنىڭ شىمالىدىكى تاغقا قاراپ ئات سالدى . ئۇلار تاغقا يۆلىنىپ ، بىزنىڭ يان تەرىپىمىزدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ بىزنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ يوقىتىشنى ئويلىغاندى . خوجىنىياز ھاجى بۇنى پەملەپ ، چوڭ يولنى مەھمۇت سىجاڭغا تاپشۇرۇپ ئۆزى بىرنەچچە يۈز ئادەمنى باشلاپ تاغقا قاراپ ئات سالدى . نەتىجىدە خوجىنىياز ھاجى تاغقا ئاۋۋال چىقىپ دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى . ئاندىن بىز چوڭ يولدىكى پىدائىيلارنىڭ يېنىغا بېرىۋىدۇق ، ما جوڭيىڭنىڭ بىرقانچە يۈز ئاتلىق ئەسكىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدۇق . بىز پۈتۈن سەپ بويىچە تۈپتۈز سايدا چېكىنىشكە باشلىدۇق . ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى ئات ئۈستىدە « سا ! سا ! » دېگىنىچە بىزگە ئوق چىقىرىپ يېقىنلىشىپ كەلدى . مۇشۇنداق چىددىي پەيتتە ،مەھمۇت سىجاڭ ماۋزور تاپانچىسىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ، بىزگە « ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئېتىڭلار ! » دەپ خىتاب قىلدى . بىز دەرھال ئارقىمىزغا بۇرۇلۇپ دۈشمەننى ئوققا تۇتتۇق . بىزنى قوغلاپ كېلىۋاتقان دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئاتلىرىدىن دومىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاراشەھەر تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن بېشىمىزغا كەلگەن ئاپەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا ئامەتكە ئايلاندى . بىز ئاتلىرىمىزغا مىنىپ ، دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى چوقىدىن قاراشەھەرنىڭ يېنىدىكى ليۇشىنخۇ دېگەن يەرگىچە قوغلاپ باردۇق . ئۇلارنىڭ بىر قىسمى يولنىڭ قاسنىقىدىكى ئورمانلىقنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ ، قاراشەھەرگە بارغىچە يول ئۈستىدە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ،چوڭ – كىچىك ، ئەر – ئايال دېمەي ئېتىپ – چېپىپ ماڭغان . ئاڭلىشىمىزچە ، ئۇلارنىڭ تاغقا ئات سالغان ھېلىقى قىسمى ، بىز چوقىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن كېيىن ، توقسۇنغا قېچىپ كېتىۋېتىپ ، ئايغىربۇلاققا بارغاندا ، توقسۇننى كۈزىتىۋاتقان مەمتىمىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى 60 نەپەر پىدائىينىڭ ئارقا تەرىپىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىغان . بۇ 60 نەپەر پىدائىيدا بەش ئاتارلىق مىلتىقتىن ئاران بەش – ئالتىسىلا بولۇپ ، ئوقى يوق دېيەرلىك ئىدى . قالغىنىغا كالتە – كۆسەي بىر ئاتار مىلتىق ۋە قارا مىلتىقلاردىن سانىۋالغىدەك بىر نەچچىسى ، ئانچە – مۇنچە قىلىچ – نەيزىلەرلا بار ئىدى .

بىز خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭغا ئەگىشىپ ليۇ شىنخۇغا يېتىپ بارغىنىمىزدا ، قاراشەھەردىن خۇيزۇ ، ئۇيغۇرلاردىن بەش – ئالتە كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزنى توسۇپ ، ئاتالمىش « لۈيجاڭنىڭ ئىلتىماسى » خوجىنىياز ھاجىغا سۇندى . ئۇنىڭدا « خوجىنىياز ھاجىم بۈگۈن شەھەرگە كىرمىسە ئىكەن . بالا – چاقىلىرىمىز ۋە خۇيزۇلار بەك قورقۇپ كېتىۋاتىدۇ ، بىز بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى توختىتىپ ، قوراللارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ، ئەتە سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرسەك » دېيىلگەن . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ، « ماقۇل ، قورالنى توپلاپ قويسۇن ، بىز ئەتە سەھەردە شەھەرگە كىرىمىز » دەپ جاۋاپ بەردى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر كەتتى ، بىز ليۇشىنخۇدا قوندۇق . ئەتىسى سەھەردە شەھەرگە كىرىپ ئۇقساق ، ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى باغراش كۆلىنى ياقىلاپ مېڭىپ ، تۇرپانغا قېچىپ كېتىپتۇ . بىز جىمىساردىكى ئالدىنىشتىن كېيىن ، يەنە بىر قېتىم ئالداندۇق . « ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن ، ئەخمەق بولىسەن ساقىلىڭ بىلەن » دېگەندەك ئىش بولدى .
yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 21:00
6 . خوجىنىياز ھاجى قاراشەھەردە

خوجىنىياز ھاجى قاراشەھەرگە كىرىشتىن ئىلگىرى ، ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى قاراشەھەرنى تاشلاپ ، كېچىلەپ باغراش كۆلىنى ياقىلاپ تۇرپانغا قاچقان بولسىمۇ ، ليۇشىنخۇدىن قاراشەھەرگىچە بولغان ئارىلىقتا خەلق ئاممىسى چاجاڭ تىكىپ ، بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى . قارشى ئالغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ، موڭغۇل ، خۇيزۇلارنىڭ مۆتىۋەرلىرىمۇ بار ئىدى . بىز قاراشەھەرگە كىرگەندە ، ما جوڭيىڭغا ئەسكەر بولۇپ تۇرپانغا قېچىپ كەتكەن خۇيزۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى « خوجىنىياز ھاجى بىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان بولدى » دەپ ئەندىشە قىلىپ ، ئۆيلىرىنى تاشلاپ ،ئۇيغۇر قوشنىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىۋالغانكەن . خۇيزۇ پۇقرالارمۇ بىر خىل قورقۇنچ ئىچىدە قاپتۇ . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ، قول ئاستىدىكى ھەربىي باشلىقلارغا ، پۇقرالارنىڭ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇلارنى بوزەك قىلماسلىق ، بولۇپمۇ خۇيزۇلارغا يامان كۆز بىلەن قارىماسلىق ، پۇقرالارنىڭ نەرسىلىرىگە قو تەگكۈزمەسلىك توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى ۋە كوچىلاردا ئېلان چاپلىدى . شۇنداق بولسىمۇ ، بەزى پىدائىيلار ئىگىسى تاشلاپ قاچقان ھويلىلارغا كىرىپ ، كىيىم – كېچەك ، ئۆي – سەرەمجانلىرىنى ئېلىۋالغان . يەنە بەزىلىرى ھويلىدا باغلاقلىق تۇرغان قۇيرۇقى كېسىك ئاتلارنى « ما جوڭيىڭ ئەسكەلىرىنىڭ ئېتى » دەپ ئېلىۋالغان . بۇ ئاتلار ئەسلىدە ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئېتى بولسىمۇ ، لېكىن ما جوڭيىڭنىڭ ئەسكەر باشلىقلىرى ئۇرۇشقا يارىمايدىغان قېرى ۋە ماڭقا ئاتلارنى پۇقرالارغا سېتىۋەتكەنكەن . بۇنداق ئىشلار تەكشۈرۈلۈپ ، ھەممەنەرسە ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلدى . مۇنداق ئىشلارنىڭ يەنە ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەھمۇت سىجاڭ ئۆزى مەسئۇل بولۇپ دەرھال ئادەم ئاجرىتىپ ، ئۆيمۇ – ئۆي يۈرۈپ پۇقرالارنىڭ نەرسە – كېرەكلىرىنى ئېلىۋالغانلارنى ئېنىقلاپ چىقتى . مەسىلەن ، سېتىمەت قاتارلىق سەككىز نەپەر پىدائىينى تېپىپ چىقىپ ، ئۇلارنى شەھەرنىڭ چوڭ كوچىلىرىدىكى تۈۋرۈكلەرگە يالىڭاچلاپ باغلاپ ، قامچا بىلەن ئۇرۇپ ، ئاندىن « خەلقنىڭ نەرسىلىرىنى ئالغاننىڭ سازايى » دېگۈزۈپ ، قاراشەھەر كوچىلىرىنى ئىككى كۈن ئايلاندۇردى ۋە كوچىلارغا ئېلان چاپلىدى . شۇنىڭ بىلەن بەزى پىدائىيلارنىڭ باشباشتاقلىقى يوقىلىپ ، پۇقرالارنىڭ بولۇپمۇ خۇيزۇ پۇقرالارنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى ، ھەر ساھەدىكىلەر ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى . ئەينى ۋاقىتتىكى قاراشەھەرنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ئىزىغا چۈشتى .

دەل شۇ چاغدا ، ما جوڭيىڭ تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن ئۈچ ناھىيىنى ئىگىلەپ ، كۆپلەپ ئەسكەر قوبۇل قىلىپ ، ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈپتۇ . شېڭ شىسەي بولسا ، ما جوڭيىڭنى گۇچۈڭدىن تۇرپانغا قوغلىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ، بىر تەرەپتىن ما جوڭيىڭنى تىنچلىققا چاقىرىش توغرىسىدا ۋەكىل ئەۋەتسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى يوقىتىشقا تەييارلىق كۆرىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ، مەھمۇت خوجا ، جامال سەيپۇڭ ،قۇربان نىياز دېگەن كىشىلەرنى ئۈرۈمچىدىن ئۇلانباي ئارقىلىق تىيانشاننى كېسىپ ئۆتكۈزۈپ ، قاراشەھەردىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى . شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنى جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپتىن تۇرپاندىكى ما جوڭيىڭغا قوراللىق ھۇجۇم قىلدۇرماقچى بولىدۇ . خوجىنىياز ھاجى شېڭ شىسەينىڭ مەھمۇت خوجا قاتارلىق ئۈچ كىشىدىن ئەۋەتكەن بىر نەچچە ساندۇق مىلتىق ئوقى ۋە پىدائىيلار ئۈچۈن ئەۋەتكەن خىراجەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ ، ما جوڭيىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن توقسۇنغا بېرىشقا تەيارلىق كۆرىدۇ .

7 . توقسۇن ئىلانلىقتىكى ئۇرۇش

1933 – يىلى 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ، تەييارلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوجىنىياز ھاجى قاراشەھەردە قالدى ، مەھمۇت مۇھىتى بىر قىسىم پىدائىيلارنى باشلاپ توقسۇنغا ماڭدى . بىز بىلەن قاراشەھەرگە بىللە بارغان شايارلىق ھاجى ئەلەم ئاخۇن ، كۇچالىق مەھپۇز ۋاڭلارنىڭ ئادەم سانى چەكلىك بولۇش بىلەن ، مىلتىق ۋە ئوق – دورىلىرىنىڭمۇ تايىنى يوق ئىدى . بىزنىڭ پىلانىمىز بويىچە ، سەمەت ھاجى تۈەنجاڭ بىلەن پولات تۈەنجاڭ ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ ، ئۇششاقتالنىڭ تاغ ئارىسىدىن ئۆتۈپ توقسۇنغا يېتىپ بارماقچى ، باشقا قىسىملارنى مەھمۇت سىجاڭ چوڭ يول بىلەن توقسۇنغا باشلاپ بارماقچى ، ھەر ئىككى قوشۇن توقسۇنغا بىرلا ۋاقىتتا توپلانماقچى بولغان ، لېكىن ئەمىلىيەتتە ئۇنداق بولماي قالدى . چۈنكى ، « ئۆيدىكى مەسلىھەت بازارغا توغرا كەلمەپتۇ » دېگەندەك ، تاغ ئىچىدە بولىدىغان بوران – چاپقۇن ۋە ھۆل – يېغىنلار ھېسابقا ئېلىنمىغاچقا ، تاغ يولىغا ماڭغان ئىككى تۈەن قىسىم ۋاقتىدا يېتىپ كېلەلمىدى . مەھمۇت سىجاڭ باشلاپ ماڭغان قىسىم توقسۇننىڭ ئىلانلىق يېزىسىغا بېرىپ ، ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىمىزدا ، سەمەت ھاجى تۈەنجاڭ بىلەن پولات تۈەنجاڭلاردىن ھېچ دېرەك يوق ئىدى . نەتىجىدە ، بىز مەغلۇپ بولۇپ قاراشەھەرگە چېكىندۇق . چېكىنىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ، ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى ئۆيى بار ، سۇلۇق ، دەرەخلىق يەرلەرنى ئىستىھكام قىلىۋالغان بولۇپ ، بىز تۈپتۈز سايدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدۇق ، ئۆزىمىزنى دالدىغا ئالغۇدەك جاي يوق ئىدى . بىز ئاران بىرقانچە سائەتلا چىداشلىق بېرەلىدۇق . بىزنى ھەممىدىن بەك قىينىغان نەرسە ئۇسسۇزلۇق بولدى . ھەممىمىز توقسۇننىڭ سۇ بېشىدا سۇ ئىچىۋالغانچە ئىدۇق . ھېچقايسىمىزدا بىرەر سۇ قاچىسى يوق ئىدى . يازنىڭ 7 - ، 8 – ئاي تومۇز كۈنلىرىدە ، تۈپتۈز سايدا بىر يۇتۇممۇ سۇ تاپالماي ، ئىلاجسىز سۇ بېشىغا چېكىندۇق . ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئارقىمىزدىن قوغلىسا ، يەنە بىر قىسمى غەرب تەرەپتىن ئايلىنىپ كېلىپ ، ئايغىربۇلاققا ئۆتىدىغان يولىمىزنى توسۇۋالدى . پىدائىيلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ھەر بىر تاغ ئىدىرلىرىغا كىرگەندە چېچىلىپ ، بەزى تۇيۇق يوللاردا توسۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ، ئاساسىي قىسمىمىز مەھمۇت سىجاڭنىڭ قوماندانلىقىدا ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئېلىشىپ ، قاراشەھەر تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتۇق . دۈشمەن ئەسكەرلىرى بىزنى ئايغىربۇلاققىچە قوغلاپ كەلدى . بىز سۇ بار يەرگە كەلگەندىن كېيىن ، مەھمۇت سىجاڭ كۆپ قىسىم پىدائىيلارنى قاراشەھەرگە يولغا سېلىۋېتىپ ، 50 تەك ئادەم بىلەن ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىنى توستى ، بىز ئۇلارنى زادى ئۆتكۈزمىدۇق . ئۇلار ئاخىر توقسۇنغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى . بىز شۇ كېچىسى ئايغىربۇلاقنى تاشلاپ ، قاراشەھەرگە كەتتۇق . سەمەت ھاجى تۈەنجاڭ بىلەن پولات تۈەنجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى ئالغۇي ئارقىلىق ئىلانلىققا كەلگەندە ، ما جوڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ . ئۇلار خېلى قاتتىق ئېلىشقان بولسىم ، كۈچى ئاز بولغانلىقتىن ، تەڭ كېلەلمەي ، بىز قاراشەھەرگە يېتىپ بارغاننىڭ ئۈچىنچى كۈنى قاراشەھەرگە يېتىپ كەپتۇ . بىز قاراشەھەرگە كېلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ، ما جوڭيىڭنىڭ ئىككى تۈەن ئاتلىق ئەسكىرىمۇ توقسۇندىن قاراشەھەرگە كەلدى . بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى كورلىدا ئىدى . بىز دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشماي ، قاراشەھەرنى ئۇلارغا تاشلاپ بېرىپ ، كورلا باشئەگىمگە بېرىپ ئورۇنلاشتۇق . چۈنكى ، قاراشەھەردە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتىمىز يوق ئىدى . بىزگە توقسۇندىن چېكىنىپ قاراشەھەرگە كەلگىچە دەم ئېلىش پۇرسىتى بولمىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، توقسۇننىڭ سۇ بېشىدا چېچىلىپ كەتكەن پىدائىيلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى تېخى يېتىپ كېلەلمىگەندى .

8 . كورلا باشئەگىمدىكى ئۇرۇش

ما جوڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى قاراشەھەرگە كەلگەندىن كېيىن ، ما جوڭيىڭمۇ تۇرپاندىن قاراشەھەرگە كېلىپ ئۈچ كۈن تۇردى . ئۇ ، ما فۇيۈەنگە ئۆز تەسىر دائىرىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭغىچە كېڭەيتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، تۇرپانغا قايتىپ كەتتى . ئاندىن ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ ،باشئەگىمگە ھۇجۇم قىلدى . باشئەگىمدە بىر كۈن قاتتىق ئۇرۇش بولدى . بۇ ئۇرۇشتا مەھمۇت سىجاڭغا ئوق تەگكەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ يارىلانمىدى . چۈنكى ، ھېرىپ قالغان ئوق مەھمۇت سىجاڭنىڭ چاپىنىنى تېشىپ ئۆتۈپ قورسىقىنىڭ ئۈستىگە چاپلىشىپ قالغان . بىز بۇ ئۇرۇشتىن چېكىنىپ ، كورلىنىڭ چەرچى دېگەن يېرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتۇق . ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتمەي ، ما جوڭيىڭ ئەسكەلىرى كەينىمىزدىن قوغلاپ كەلدى . ئۇلار بىلەن بىرقانچە سائەت ئۇرۇشقاندىن كېيىن ، يەنە چېكىنىپ بۈگۈرنىڭ يېڭىسار دېگەن يېرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتۇق . ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى چەرچى دېگەن يەردە ئون نەچچە كۈن تەييارلىق قىلىپ تۇرۇپ قالدى .

خوجىنىياز ھاجى بۇ چاغدا كۇچادا ئىدى . ئۇ كىشى مەھمۇت سىجاڭغا « كۇچاغا كېلىڭ ، بۇ يەردە ما جوڭيىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى قايتا مەسلىھەتلىشەيلى » دەپ بۇيرۇق ئەۋەتتى . مەھمۇت سىجاڭ كۇچاغا بېرىپ ، ياققا دېگەن يەرگە ئورۇنلاشتى . خوجىنىياز ھاجىمۇ ياققىغا كەلدى . بىراق ، ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىمۇ ئارقىمىزدىن قوغلىشىپ كەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ، بىر ياققىدا بىر كۈن ئۇرۇش بولدى . مەھمۇت سىجاڭ ئۇ يەردىنمۇ چېكىنىپ ، ئاقسۇنىڭ جام دېگەن يېرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتى . خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇنىڭ ئۆزىدە قېلىپ ، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال – ياراق ئېلىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولدى . مەھمۇت سىجاڭ جامغا كېلىپ 20 كۈندىن كېيىن « ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرى كۇچادىن قاراشەھەرگە قايتتى » دېگەن خەۋەر كەلدى . چۈنكى ، ئۇ چاغدا ما جوڭيىڭنىڭ ئۈرۈمچىنى قورشاشقا ئەسكىرىي كۈچى يېتىشمەي تۇراتتى . بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا ،بىز مەھمۇت سىجاڭ باشچىلىقىدا ئۇدۇل كورلىغا بېرىپ ، دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ  باشئەگىمنى ئىشغال قىلدۇق . ما جوڭيىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندىن مافۇيۈەن باشچىلىقىدىكى ئىككى تۈەن ئاتلىق ئەسكىرىنى قاراشەھەرگە ياردەمگە ئەۋەتىپتۇ . بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىنى قورشايدىغان ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى تەبىئىي ئىدى . ما جوڭيىڭنىڭ بۇ ئىككى تۈەن ئەسكىرىي كۈچى قاراشەھەردە ھەپتە ئون كۈن تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن ، دەريادىن ئۆتۈپ باشئەگىمگە ھۇجۇم قىلدى . خوجىنىياز ھاجى بۇ چاغدىمۇ يۈزلىگەن مەرگىنى بىلەن كۇچادا ئىدى .

باشئەگىمدىكى 2 – قېتىملىق ئۇرۇشتا ، كورلىدىن ئېلى ھاجى ، مۆيدۈن تەنفۇ ، تۇردى يىڭجاڭلار ؛ شاياردىن ھاجى ئەلەم ئاخۇن ، ھەسەن ھاجى ، كۇچادىن مەھپۇز ۋاڭلار بىر نەچچە يۈز پىدائىينى باشلاپ ياردەمگە كەلدى . بىراق ئۇلارنىڭ مىلتىق ۋە قوراللىرىنىڭ تايىنى يوق ، پەقەت توقماق ، كالتەك ، ناغرا – سۇنايلار بىلەنلا داۋرىڭى بار ئىدى . ئۇلارنىڭ تولاراقى ئاتلىق ، ئېشەكلىك ياكى ھارۋىلىق بولۇپ ، ئاز قىسمى پىيادە ئىدى . بىز كورلا باشئەگىمدە ئاساسەن ئۆز ئەسكىرىي كۈچىمىزگە تايىنىپ بىر كۈن قاتتىق ئۇرۇش قىلدۇق . ئەمما كەچتە مەغلۇپ بولدۇق. چۈنكى مىلتىقلىرىمىز يېتىشمىگەننىڭ ئۈستىگە ئوقىمىز تولىمۇ ئاز ئىدى ۋە ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىمۇ يوق ئىدى . ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ، دۈشمەنلەرنىڭ قاراشەھەردىن چقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال تاغ ئۈستىدىن ۋە تۈزلەڭلىكتىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغاندۇق . شۇ چاغدا مېنىڭ يېقىن ئاغىنەم ئىسكەندەر ئابىدى قېشىمغا كېلىپ : دۈشمەننى توسۇش ئۈچۈن بىزنى بۇ تاغقا چىقاردى . مانا قارا ، يېنىمدا بار – يوقى مۇشۇ ئۈچ تال ئوق . بۇنىڭ بىرسىنى دۈشمەن يېقىن كەلگەندە ئاتارمەن ، ئىككىنچىسىنىمۇ ئاتارمەن ، ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىمەن ؟ قولۇمنى كۆتۈرۈپ دۈشمەنگە تەسلىم بولىمەنمۇ ياكى مىلتىقىمنى چېقىۋېتىپ ئۆزۈمنى تاغدىن تاشلايمەنمۇ ؟ ، - دېدى . دەرۋەقە ، كۆپلىگەن پىدائىيلارنىڭ يېنىدا ئاران ئۈچ – تۆت تالدىنلا ئوق بار ئىدى . مۇنداق ئەھۋالدا ، ئوقنى دۈشمەنگە تەككۈزۈش ئىشەنچىمىز بولغاندىلا ئاتىمىز ، بولمىسا قاچىمىز ؛ قاچقاندىمۇ يېنىمىزدا بىرنەچچە تال ئوق ساقلاپ قالماي بولمايتتى . مەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغىنىم ئۈچۈن مەندە ئوق جىقراق بولاتتى . يېنىمدىكى 20 تال ئوقنىڭ بەش تېلىنى ئۇنىڭغا بەردىم . دېمەك ، بىز مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ دۈشمەن بىلەن بىر كۈن ئېلىشتۇق . كۈن ئولتۇرغان چاغدا ، ئامالسىز باشئەگىمدىن چېكىنىپ ، كورلىنى تاشلاپ ، مەھمۇت سىجاڭ باشچىلىقىدا ئۇدۇل باي ناھىيىسىگە قاراپ يول ئالدۇق .
yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 21:11
9 . باي ۋە قارا يۇلغۇندىكى ئۇرۇش

بىز باي ناھىيىسىگە يېتىپ بارغاندا ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن خوجىنىياز ھاجىغا بەرگەن قوراللار ئارقا – ئارقىدىن يېتىپ كەلگىلى تۇردى . بۇنىڭ ئىچىدە 1000 تال مىلتىق ، 10 تال دىكتار پىلىموت ( ئوقلىرى بىلەن ) ، بىر قانچە ساندۇق قول بومبىسى بار ئىكەن . لېكىن ، پىلىموتلارنى ئېتىشنى بىلىدىغان ئادەم بولمىغانلىقتىن ، ۋاقتىنچە چېگرىدا قويۇپ قويۇلدى . بۇ قوراللارنى تەقسىم قىلىشتا ، مەھمۇت سىجاڭنىڭ « مېنىڭ قول ئاستىمدىكى پىدائىيلارنىڭ قورالى كونا بولسىمۇ ، باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا يامان ئەمەس . شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن قوراللارنى ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەن ، قۇمۇل پىدائىيلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرەيلى مۇشۇنداق قىلساق ، ئىتتىپاقلىققا پايدىلىق بولىدۇ » دېگەن پىكرىگە ئاساسەن ، بۇ قوراللار ئاقسۇ خەلقى ئىئانە قىلغان 80 مىڭ تۇياق قوينىڭ بەدىلىگە كەلدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاقسۇدىكى باي سىجاڭ ( ئىسمائىل باي ) بۇ قوراللارنى ئېلىپ كېلىشتە كۆپ كۈچ چىقاردى دەپ قارىلىپ ،باي سىجاڭنىڭ پىدائىيلىرىغا 460 تال مىلتىق تەقسىم قىلىندى ، قەشقەردىن كەلگەن ھامۇتخان لۈيجاڭ پىدائىيلىرىغا 150 تال مىلتىق ، خوتەندىن كەلگەن پىدائىيلارغا 100 تال مىلتىق تەقسىم قىلىندى ؛ قالغان مىلتىقلارنىڭ بىر قسىمى قۇمۇلدىن كەلگەنلەرگە ( خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىگە ) ۋە باشقىلارغا تەقسىم قىلىندى .

بۇ قورال – ياراقلار قولىمىزغا تېگە – تەگمەيلا ، ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى بايغا يېتىپ كېلەي دەپ قالدى . بىز مەھمۇت سىجاڭنىڭ باشچىلىقىدا باينىڭ شەرقى تەرىپىدىن ئون نەچچە كىلومېتىر ئارىلىقتىكى جايغا چىقىپ ، ئۇلارنى توستۇق . ما جۇڭيىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا ماكسىم پىلىموت ئورنىتىلغان بىرونىۋىك ماشىنا بولۇپ ، ئۇلار مۇشۇ ماشىنىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆتكەن بىر كۈنلۈك ئۇرۇشتا ئۈستۈنلۈكنى ئېلىۋالغاندى . بىز بۇ قېتىممۇ ئامالسىز قېلىپ ، قارايۇلغۇنغا چېكىنىپ ئورۇنلاشتۇق . قارا يۇلغۇندا باي سىجاڭنىڭ پىدائىيلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئادەم سانىمىز 2000 غا يەتتى . ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى كېلىشى بىلەنلا ئۇرۇش باشلاندى . خوجىنىياز ھاجىمۇ ئاقسۇدىن يېتىپ كېلىپ ، مەھمۇت سىجاڭ بىلەن ئۇرۇش ئۈستىدە بىللە بولدى . ئۇرۇش جىددىي داۋاملىشىۋاتقاندا ، باي سىجاڭغا دۈشمەن ئوقى تىېگىپ قازا تاپتى . ئۇنىڭ بىر قىسىم پىدائىيلىرى ئارقا سەپكە ئېلىپ كېتىۋاتقان با سىجاڭنىڭ جەسىتىنى كۆرۈپ ، ئۈمىدسىزلىنىپ ئارقىغا چېكىندى . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ قوشۇنلىرى ئاقسۇنى تاشلاپ ئۈچتۇرپانغا چېكىندۇق . باي سىجاڭنىڭ پىدائىيلىرىنىڭ بىر قىسمى خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوشۇنىغا ئەگەشتى ، يەنە بىر قسمى چېچىلىپ تارقىلىپ كەتتى . بۇ چېچىلىپ كەتكەن پىدائىيلارنىڭ قولىدىكى 100 تالچە يېڭى مىلتىق ما جۇڭيىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى . خوتەندىن كەلگەن پىدائىيلار ئاۋات ناھىيىسىنىڭ غوروچۆل يېزىسى ئارقىلىق تەكلىماكاننى كېسىپ خوتەنگە كەتتى .

10 . خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاقسۇدىن قەشقەرگە مېڭىشى

خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوشۇنى قارايۇلغاندا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، قەشقەرگە كېتىش ياكى ئاقسۇدا بىر ئاز ۋاقىت تۇرۇپ ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋېلىش مەسىلىسىنى ئويلاشتۇق . مەھمۇت سىجاڭ : ئەڭ ياخشىسى ، ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى رۇخسەت قىلسا ، ئۈچتۇرپاندىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئازراق ئىچكىرىلەپ كىرىپ ، ئۈچ ئاي پاناھلىنىپ تەييارلىق قىلىۋېلىپ چىقساق ياخشى بولاتتى ، دېدى . بۇ ھەقتە ئېنىق بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن بولساقمۇ ، ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بېسىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، دەرھال ئۇچتۇرپانغا چېكىندۇق . دۈشمەن ئەسكەرلىرىمۇ بىزگە سۇڭدىشىپلا ئۈچتۇرپانغا كېلىۋاتاتتى . ھەممىسى مەھمۇت سىجاڭنىڭ پىكرىنى ماقۇل كۆرگەن تەقدىردىمۇ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭغا ماقۇل بۇلۇشى ناتايىن ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى .شۇڭا ، ئالدىراش – تېنەش ، قاقشال يولى بىلەن قەشقەر تەرەپكە يۈرۈپ كەتتۇق . بىز ئاقچىغا يېقىنلاشقانغاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئەۋەتىلگەن قورال – ياراقلارنىڭ ئاخىرىقى قىسمى يانداش تاغ تەرەپتە كېلىۋاتاتتى . ئارقىمىزدىن دۈشمەننىڭ قوغلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساقمۇ ، ئۇ قوراللارنى پىدائىي ئەسكەرلەرگە تارقىتىۋەتمەي ، قورال ئارتىلغان تۆگىلەرنى ھەيدەپ كېلىۋاتقانلارغا « تېز ھەيدەڭلار » دەپ قويۇپ ، بىخەستەلىك بىلەن كېتىۋېرىپتىمىز. بىر ئازدىن كېيىن ئارقا تەرەپتىن ئوق چىقىشقا باشلىدى ۋە ئوق ئاۋازى بارغانسېرى يېقىنلاشتى . مەھمۇت سىجاڭ دەرھال بىر قىسىم ئادەملەرنى ئاجرىتىپ : ما جۇڭيىڭ ئەسكەلىرى تۆگىلەردىكى قوراللارغا ھۇجۇم قىلدى . قوراللارنى قۇتقۇزۇڭلار دەپ ! – دەپ بۇيرۇق بەردى . بىز شۇئان ئوق چىققان تەرەپكە قاراپ ئات سالدۇق .دەريادىكى سۇ ۋە مۇزلاردىن ئۆتۈش تولىمۇ تەس كەلدى . مىڭ بىر جاپادا ئوق چىققان تەرەپكە يېقىنلاشتۇق ۋە قاراڭغۇدا قارىسىغىلا ئوق ئاتتۇق . نىمىلا بولسا قارشى تەرەپنىڭ ئوق ئاۋازى يىراقلاشتى . بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۇق .يېقىن بېرىپ قارىساق ، ئۇلار ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى ئەمەسكەن . قۇلىبەك دېگەن قىرغىزنىڭ كىشىلىرى بولۇپ ، تۆگىلەردىكى قورالنى مۇھاپىزەت قىلىپ كېتىۋاتقان ئون نەچچە ئادىمىمىزگە قاراڭغۇدا ئۇچتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ ، قوراللىرىمىزنى تارتىۋالغىلى تۇرغانكەن . ھېلىمۇ ياخشى ئادەم چىقىم بولماپتۇ . ئۇلار بىزنىڭ بىزنىڭ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى تۇيۇپ قېلىپ ، تۆگىنىڭ ئۈستىدىن چۈشىرىۋالغان ئوق ساندۇقلىرىدىكى ئوقلارنى ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي ،ساندۇق بىلەنلا ئازگالغا يوشۇرغانكەن . بۇ قوراللار جەمئىي ئون نەچچە تۆگىگە ئارتىلغان 20 ساندۇق مىلتىق ( بىر ساندۇققا ئالتە تالدىن جەمئىي 120 تال ) ، 30 ساندۇققا يېقىن ئوق ئىدى . بىز ساندۇقلارنى ئازگاللاردىن تېپىپ كېلىپ ،تۆگىلەرگە قايتىدىن ئارتىپ ، ئاتۇشقا قاراپ يول ئالدۇق .

خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى پىدائىيلار قوشۇنى ئالدىدا ماڭدى . بىز مەھمۇت مۇھىتى پىدائىيلىرى بىرنەچچە كىلومېتىر ئارقىدا كېتىۋاتاتتۇق .كاتتايلاقتا كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە ، بىزگە بىر كىشى ئۇچراپ : مەھمۇت شەۋكەت ئەپەندى قەيەردە ؟ دەپ سورىدى . مەھمۇت مۇھىتى ماڭا : سوراپ باق ، نېمە ئادەمكەن ، - دېدى . مەن ئۇنىڭدىن : سىز كىم بولىسىز ؟ سىزگە كىم كېرەك ؟ - دېدىم . ئۇ : ماڭا مەھمۇت شەۋكەت ئەپەندى كېرەك ، - دېدى . ئاڭغىچە ، مەھمۇت مۇھىتى بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ خوجىنىياز ھاجىدىن رەنجىگەنلىكىنى ئېيتتى . ئۇ مۇنداق ئىش ئىكەن : ئۇ ، ئەھمەت نەدىم دېگەن تۈرك بولۇپ ، « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » بۇ كىشىنى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەنمىش . بۇ كىشى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئالدىغا كېتىۋېتىپ بىر قانچە پىدائىيغا : سەنلەر ھاجىمنى ئارقاڭغا تاشلاپ ، بەش ئاتار مىلتىقنى ئېسىپ نەگە بېرىشىسە ؟ دەپتۇ . نەتىجىدە ، بۇ پىدائىيلار بىلەن گەپ تالىشىپ قېلىپ ، بىر پىدائىينىڭ مىلتىقىنى تارتىۋاپتۇ . مىلتىقنى تارتتۇرۇپ قويغان پىدائىي ئارقىغا قايتىپ بېرىپ ، خوجىنىياز ھاجىغا : ھاجى دادا ، بىر تۈرك ئالدىمىزنى توسۇپ « مەن شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەلدىم » دەپ ، مېنىڭ مىلتىقىمنى تارتىۋالدى – دەپتۇ . شۇ ئارىدا ھېلىقى تۈركمۇ يېتىپ كەپتۇ . پىدائىي ئۇنى كۆرسىتىپ : مانا مۇشۇ تۈرك ، دېىىشىگە ، خوجىنىياز ھاجى يېنىدىكى ئادەملىرىگە بۇيرۇق بېرىپ ، بۇ تۈركنى ئاتتىن سۆرەپ چۈشۈرۈپ : سىلەرگە كىم « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى قۇر دېدى ، تېخى مېنىڭ ئادەملىرىمنىڭ قورالىنى تارتىۋالغىنىنى كۆرمەمدىغان ، - دەپ ، ئۇنى ئۇرۇپ ياتقۇزىۋېتىپ ، ئۆز يولىغا كېتىپتۇ . بۇ تۈرك تاياقنى بولدى دېگۈچە يەپ ، كېتىۋاتقان پىدائىيلاردىن مەھمۇت مۇھىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئولتۇرغانكەن . ئۇ يەنە ، مەھمۇت مۇھىتىغا : مەن خوجىنىياز ھاجىنى ھۆرمەتلەپ ، بۇيرۇق بويىچە كەلگەندىم . بۇنىڭدىن باشقا مەقسىتىم يوق ، - دېدى . مەھمۇت مۇھىتى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولۇپ : « ئۇقۇشماسلىق بولغان بولسا كېرەك ، ئېنىقلاپ باقايلى ، - دېدى – دە ، يولغا كېتىۋەردى . بىز كاتتايلاقتا تۇرغان ۋاقىتلىرىمىزدا ، بۇ تۈركنى ئىككىنچى ئۇچراتمىدۇق .

11 . ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن خوجىنىياز ھاجى پىدائىيلىرىنىڭ پەرقى

خوجىنىياز ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭنىڭ بىرلىكى بۇزۇلغاندىن كېيىنكى قوراللىق توقۇنۇشتا ،خوجىنياز ھاجى كۆپ ھاللاردا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى . بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل ۋە مۇرەككەپ . بۇ ھەقتە مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم تۆۋەندىكىچە :

(1) ھەربىي تەلىم – تەربىيە ۋە ھەربىي ئىنتىزام جەھەتتە :

ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى رەسمىي ھەربىي تەلىم ئالغان ، گومىنداڭنىڭ 36 – شىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان مۇنتىزىم قوشۇن . ئۇلاردا مۇكەممەل ھەربىي تۈزۈم بولۇپ ، يۇقۇرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان قىسىم قۇرۇلمىسى ئېنىق ئايرىلغان . بىر تۇتاش قوماندانلىق بولغان . خوجىنياز ھاجى پىدائىيلىرى بولسا ، گەرچە ئۆز ئىختىيارى بىلەن قوشۇنغا قاتناشقان بولسىمۇ ،لېكىن ھەربىي تەلىم – تەربىيدىن خەۋىرى يوق ،ھەربىي ئىنتىزامغا ئېتىبار قىلىنمايتتى . قىسىم ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن قوماندانلىققا سەل قارالغاندى . ھەرقايسى ليەن ، پەي ، بەنلەردىكى ئادەم سانى ئىگىز پەس بولغاچقا ئۇرۇش ۋاقتىدا قىسىملارنى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالغاندى .

(2) قورال – ياراق جەھەتتە : ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىرى خىل بولۇپ ، ئېغىر – يېنىڭ تىپتىكى قوراللارنىڭ ھەممىسى تەل ، تۇرپان ، مورى ، جىمىسار ، گۇچۇڭ ۋە ئۈرۈمچىدىن قولغا چۈشۈرگەن ئوق – دورىلىرىنىڭ سانى ھەددى – ھېسابسىز ئىدى .

خوجىنىياز ھاجى پىدائىيلىرىنىڭ بولسا قوراللىرى ئاددىي ، ئوق – دورىلىرى ناھايىتى كەمچىل ، ھەتتا كېلىش مەنبەسى يوق دېيەرلىك . گەرچە پىدائىيلاردا يۈكسەك ئىرادە بولسىمۇ ، لېكىن ،كالتەك ، توقماق ،ناغرا – كانايلار بىلەن دۈشمەن تەرەپنىڭ پىلىموتلىرىغا تەڭ كېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى .

(3) زاپاس ئەسكىرىي كۈچ جەھەتتە :

ما جۇڭيىڭ ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسىلا ، تۇرپان ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن زاپاس قوشۇن ئەۋەتەلەيتتى . بىراق خوجىنىياز ھاجى پىدائيلىرىغا كېلىدىغان ھەربىي كۈچ يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر بىلەن خوتەندىكى پىدائىيلار ئۆزئارا پۇت تېپىشىپ ، ئۆز كۈچىنىمۇ خورىتاتتى .

ھەرقايسى جايلاردىكى پىدائىيلار ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ ، پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەي نەتىجىدە دۈشمەننى كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئوينىدى . (4) ئەسكەرلەرنىڭ جىسمانىي كۈچ سۈپىتى جەھەتتە :

ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تولىسى ياشلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ئاساسىي جەھەتتىن 16 ياشتىن 40 ياشقىچە ئىدى . خوجىنياز ھاجى پىدائىيلىرىنىڭ ئىچىدە بولسا ياشلار ئاز بولۇپ ، ئوتتۇز ياش ۋە ياشانغانلار كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى .

(5) ئۇرۇش تاكتىكىسى جەھەتتە :

ما جۇڭيىڭنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن مۈلكى مەسلىھەتچىلىرى ، سىياسەتچىلىرى ھەم پىلانچىلىرى بار بولۇپ ، ئۇلار قارشى تەرەپكە رازۋېتكىچىلارنى ئەۋەتىپ پىدائىيلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇراتتى ، ھەم ئەتراپلىق ، مۇكەممەل تەدبىر تۈزەتتى . خوجىنىياز ھاجى ئەتراپىدا بولسا ھەربىي مۈلۈكنى بىلىدىغان ، يىراقنى كۆرەلەيدىغان مەسلىھەتچىلىرى يوق دېيەرلىك بولۇپ ، پەقەت چۈشكە تەبىر بېرىدىغان پەتىۋاچىلارلا بار ئىدى . دۈشمەن ئەھۋالى رازۋېتكا قىلىنمىغاچقا ئۇلار ئەتراپلىق ئۇرۇش تاكتىكىسى تۈزەلمەي دۈشمەن كۆپ يەرگە ئاز ئادەم ئەۋەتىش  ئۇرۇش ئۈستىدە ئادەملەرنى مۇۋاپىق تەڭشىيەلمەسلىك ، پاتپاراق بولۇپ يېڭىشقا ئوخشاش ئەھۋاللار كېلىپ چىقاتتى .

(7) تۇرمۇش تەمىناتى جەھەتتە :

ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرمۇش تەمىناتى ناھايىتى ياخشى ئىدى . بۇنىڭدىكى سەۋەب : ئۇلار گومىنداڭنىڭ 36 – شىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان بولغاچقا ، ھۆكۈمەتتىن ھەربىي كىيىم – كېچەك ۋە ئاشلىق قاتارلىق لاۋازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ تۇراتتى . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار پۇرسەت تاپسىلا خەلقنى قاقتى – سوقتى قىلىپ ، نەرسە – كېرەكلىرىنى تارتىۋالاتتى . ما جۇڭيىڭ ئۆز ئالدىغا پۇل بېسىپ ئەسكەرلىرىگە كىيىم – كېچەك تىكتۈرۈپ ، ئاز – تولا خىراجەت قىلىپ بېرەتتى . قالغان قەغەز پۇللىرىغا ئالتۇن ئېلىپ ئۆز خۇرجىنىغا سېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان .

خوجىنىياز ھاجى پىدائىيلىرىنىڭ ئەھۋالى تامامەن باشقىچە ئىدى . گەرچە شېڭ شىسەي خوجىياز ھاجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھاپىزەت قىلىش سىلىڭى ، مەھمۇت مۇھىتىنى شىنجاڭ ئاتلىق 6 – شىسىنىڭ سىجاڭى دەپ بېكىتكەن بىلەن ئۇلارغا ( بىر قېتىم قاراشەھەرگە ئەۋەتكەن ئون نەچچە ساندۇق ئوق بىلەن ئازغىنە قەغەز پۇلدىن باشقا ) ھېچقانداق ماددىي ياردەم قىلمىدى . پىدائىيلار 1932 – يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن كۈندىن باشلاپ ئۆيىمىزدىن كىيىپ چىققان كىيىملەر بىلەن 1933 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يېتىپ كەلدۇق .

خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى قول ئاستىدىكى پىدئىيلارغا پۇقرالارنىڭ بىر تال قىلىغىمۇ قول تەگكۈزمەسلىك ھەققىدە تەشۋىق ئېلىپ باراتتى . خىلاپلىق قىلغانلار كۆرۈلگەن ھامان دەرھال چارە كۆرەتتى . مەسىلەن : تۇرپاندا زەيدىن نىياز ، كامال قاتارلىقلار بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغىنى ئۈچۈن ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن .گۇچۇڭ تەپامۇڭدا رەجەپ دېگەن بىرسى قېچىپ كەتكەن خەنزۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بىر مېتىر كونا شەلپەرنى ئالغىنى ئۈچۈن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرۇپ ياتقۇزىۋەتكەن . پىچان خاندۇدا كامال رەۋەيدۇل ، ئىنايتۇللا دېگەنلەر بىر پۇقرانىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئاياللارغا چاقچاق قىلغىنى ئۈچۈن ئۇلارنى پىدائىيلار سېپىدىن قوغلاندى قىلغان . قاراشەھەردە سېتىمەت قاتارلىقلار خۇيزۇلارنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ نەرسە –كېرەكلىرىنى ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇلارنى تۈۋرۈكلەرگە ئېسىپ ،قاراشەھەر كوچىسىدا ئىككى كۈن سازايى قىلغان . كۇچادا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئىنايتۇللا دېگەن پىدائىي ئۆزىنىڭ ھېرىپ قالغان ئېتىنى دېھقاننىڭ بىلەن تېگىشىۋالغىنى ئۈچۈن « گەپ ئاڭلىمىغان قۇلاق شۇمۇ » دەپ ئىنايتۇللانىڭ بىر قۇلىقىنى تۈۋىدىن كەستۈرىۋېتىپ ،ئاتنى ئىگىسىگە ئەۋەتىپ بەردى . ۋە ۋەھاكازالار . پىدائىيلارغا ھېچقانداق ھېچقانداق خىراجەت بېرىلمەيتتى . قىيىنچىلىق بىرقانچە يىللار داۋاملىشىۋەرگەندىن كېيىن بۇ پىدائىيلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا تاقالماي قالمىدى . لېكىن شۇنداق بولسىمۇ خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ پۇقرالارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن پىدائىيلار مەمنۇن بولدى . ئۇرۇشلاردا شۇنچە قۇربان بېرىشلەر بولسىمۇ ، تۇرمۇش ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ ، پىدائىيلار سەپتىن چۈشۈپ قېچىپ كەتمىدى . ما جۇڭيىڭ ھەربىي كۈچ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خوجىنياز ھاجىدىن بىر قانچە ھەسسە كۈچلۈك بولسىمۇ ئۇنىڭ خەلققە سالغان زۇلىمى ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھۇلىنى تەۋرەتتى .
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 21:46
Ⅲ باب ئەينى ۋاقىتتىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەزىيىتى


1 . خوجىنىياز ھاجى قەشقەرگە بېرىش ئالدىدىكى ۋەزىيەت

خوجىنياز ھاجى باشچىلىق قىلغان قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ ئۇچقۇنلىرى 1932 – يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە جۈملىدىن تۇرپان ، قاراشەھەر ، ئاقسۇ ، قەشقەر ۋە خوتەنلەرگىچە تۇتۇشۇپ ، ئۇ يەردىكى خەلقلەر ئۆزلىكىدىن قوزغىلىپ كەتتى . بۇ ئىنقىلاب ئوتىدىن قورققان جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ۋە مۈلكى ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپچىلىكى خەلققە تەسلىم بولۇپ ئامان قالغان بولسىمۇ ، بەزىلىرى قورقۇپ كېتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى . بەزىلىرى خەلق قوزغىلىڭىغا قارشى تۇرۇپ ئۆلۈپ تۈگەشتى . مەسىلەن ، جىن شۇرېننىڭ قەشقەردە سىجاڭ بولۇپ تۇرغان ئىنىسى جىن شۇجىژ خەلق قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى تۆمۈر سىجاڭنىڭ كۈچا ۋە ئاقسۇلارنى ئېلىپ بولۇپ قەشقەرگە قاراپ ماڭغانلىقىنى ئاڭلاپ ، قورققىنىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان . جىن شۇرېن بۇنى ئاڭلاپ قەشقەرنىڭ دوتىيى ما شياۋۋۇنى قوشۇمچە سىجاڭ قىلىپ تەيىنلىگەن . ما شىياۋۋۇ تۆمۈر سىجاڭنى توسۇش ئۈچۈن ياڭ چىمىن ( ياڭ دارېن ) دېگەن خۇيزۇنى تۈەنجاڭ قىلىپ 1000 ئەسكەر بىلەن مارالبېشىغا ؛ چىن تۇڭلۇڭ دېگەن كىشىنى يىڭجاڭ  ئوسمان قىرغىزنى ليەنجاڭ قىلىپ 400 ئەسكەر بىلەن ئاتۇش تەرەپكە ئەۋەتكەن . ياڭ چىمىڭ مارالبېشىنىڭ تۇمشۇق دېگەن يېرىدە مۇداپىئەدە تۇرۇپ ، تۆمۈر ، ما جەنساڭلار بىلەن بىر نەچچە كۈن تىركىشىپ جەڭ قىلغان بولسىمۇ ، مەغلۇپ بولۇپ تار – مار بولغان . ئوسمان قىرغىز سوغۇن دېگەن يەرگە كەلگەندە ئىسيان كۆتۈرۈپ باشلىقىنى ئېتىپ تاشلاپ تۆمۈر سىجاڭ تەرەپكە ئۆتكەن .

1933 – يىلى 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تۆمۈر سىجاڭ پەيزىۋاتقا كەلگەندە ئوسمان قىرغىز ئاتۇشتىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن . ئوسمان قايتىش ئالدىدا تۆمۈر سىجاڭ ئۇنىڭغا : « سىلەر قەشقەرگە ھۇجۇم قىلماي تۇرۇڭلار ، بىز مادوتەي بىلەن سۆزلىىشىۋاتىمىز » دەپ جېكىلىگەن بولسىمۇ ، ئوسمان ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي ، « قەشقەردىكى دۈشمەنلەرنىڭ قولىدىكى قورال – ياراق ما جەنساڭنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتمىسۇن » ، دەپ ئويلىدىمۇ ، 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى قەشقەر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى . بۇ چاغدا ما شياۋۋۇنىڭ قەشقەر يۇمىلاق شەھەردە 1000 ئەسكىرى ،قەشقەر يېڭىشەھەردە 1000 ئەسكىرى ، دوتەي يامۇلىدا 200 ئەسكىرى ، يەنە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئەمەتخاننىڭ 200 ئۇيغۇر ئەسكىرى بولۇپ ، جەمئىي 2400 ئەسكىرى بار ئىدى . ماشياۋۋۇ 200 ئەسكىرى بىلەن دوتەي يامۇلىدا تۇراتتى .

تۆمۈر سىجاڭ 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بىلەن قەشقەرگە يېتىپ كەلگىچە ، ئوسمان قىرغىز كىچىك ئاخۇن ۋە سېتىۋالدىجانلار بىلەن بىرلىشىپ يۇمىلاق شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇ يەرنى ئېلىپ بولىدۇ . كىچىك ئاخۇن ، سېتىۋالدىجانمۇ 200 تالدىن مىلتىققا ئىگە بولۇپ ، ئوسماننىڭ ليەنجاڭلىرى بولۇپ قالدۇ .

ما جەنساڭ شۇ يىلى 5 – ئاينىڭ 6 – كۈنى 300 ئادىمى بىلەن قەشقەرگە كېلىپ ، توپتوغرا دوتەي يامۇلىغا چۈشۈپ ، ما دوتەي بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ . بۇ ئىككىسى 500 ئەسكەر بىلەن دوتەي يامۇلىدا تۇرىدۇ . ئوسمان بۇنىڭغا نارازى بوبولۇپ ، قول ئاستىدىكلەرگە « تۆمۈر سىجاڭ ما جەنساڭ بىلەن يېقىن بولۇپ ، بىزگە يامان كۆز بىلەن قاراۋاتىدۇ » دەيدۇ – دە ، 5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى دوتەي يامۇلىغا ھۇجۇم قىلىدۇ . تۆمۈر سىجاڭ ئارىغا چۈشۈپ ، ما جانساڭ بىلەن ما دوتەينىڭ ئەسكەرلىرىنى قەشقەر يېڭىشەھەرگە ئەچىقىپ قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش توختايدۇ . ما جەنساڭ قەشقەر يېڭىشەھەرگە چىقىپلا ، ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى 1500 گە يەتكۈزىدۇ ۋە ئەسكەرلىرىنى ھەربىي مەشىق بىلەن تەربىيىلەپ كۈچ توپلاشقا كىرىشىدۇ . تۆمۈر سىجاڭنىڭ قولىدا 1200 ئەسكەر بار ئىدى . ئوساماننىڭ 1100 ئەسكىرىنى ئەگەر تۆمۈر سىجاڭنىڭ قول ئاستىدا دەپ ھېسابلىساق ، تۆمۈر سىجاڭنىڭ قارىمىقىدا 2300 ئەسكەر بولغان بولاتتى . لېكىن ئوسمان تۆمۈر سىجاڭغا تامامەن ئىتائەت قىلىپ كەتمەي ، بويۇن تولغاپ تۇراتتى .

تۆمۈر سىجاڭ قەشقەرگە كىرگەندىن كېيىن ، ھاپىز لۈيجاڭنى يەكەنگە ، ئەخمەت تۈەنجاڭنى يېڭىسارغا ئەۋەتتى ؛ ھامۇتخان لۈيجاڭ ، ھەمدەمبەك ھاجى لۈيجاڭ ، سېتىۋالدىجان ۋە كىچىك ئاخۇنلارنى ئۆز يېنىدا قالدۇردى ؛ كورلىلىق ئېلى ھاجى تۈەنجاڭ دېگەن كىشىنى 100 ئەسكەر بىلەن قاراشەھەردە ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان خوجىنىياز ھاجىغا ياردەمگە ئەۋەتتى . ئۆزى بولسا ما جەنساڭ بىلەن يېقىن ئۆتتى . ئۇنىڭ ياردەمگە ئەۋەتكەن 100 ئادىمى قىزىل رەختتىن كىيىم كىيىپ ، ئات ئۈستىدە ناغرا – سۇناي چېلىپ ناھاىيىتى دەبدەبە بىلەن باشئەگىمگە يېتىپ كەلدى . ئەمما ، ئۇلارنىڭ قولىدا تامامەن ئوقى يوق كالتە – كۆسەي قوراللار بار ئىدى . تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە ناغرا – سۇناي چالدۇرۈپ باغلاردا مېھماندارچىلىقتا بولۇپ بىخارامان يۈرىۋەردى . ئۇنىڭ ئەتىراپىنى بايلار بىلەن ئاخۇنلار ئورىۋالدى . ئۇ ئابدۇرېھىم بايۋەتچى ، ئابدۇللا بايۋەتچى ، ئىبراھىم لوزۇڭ قاتارلىق باي سودىگەرلەرگە تۈەنجاڭلىق مەنسەپلىرىنى بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەسكەر ئېلىشغا رۇخسەت قىلدى . لېكىن ، تۆمۈر سىجاڭ بىلەن ئوسمان ئوتتۇرىسىدا پىكىر بىرلىكى بولماي ، زىددىيەت ۋەسۈركىلىشلەر كۈچىيىپ باردى . ئوسمان تۆمۈر سىجاڭنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغانلىقتىن ، تۆمۈر سىجاڭ ئورازباي ، ئابلا ، توختى ۋە ئابدۇقادىر دېگەن تۈەنجاڭلىرى بىلەن بىرلىشىپ ، ئۇنى چەتكە قېقىشقا باشلىدى . ئەمەلىيەتتە ما جەنساڭ تۆمۈر بىلەن ئوسماننى يوقىتىپ ، قەشقەرنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت تۇغدۇرماقتا ئىدى .

خوتەن تەرەپتىكى ئەھۋالغا كەلسەك ، خوتەن قوزغىلىڭى 1933 – يىلى 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى قارىقاش ناھىيىسىدىن باشلىنىپ ، 6 – ئاينىڭ باشلىرىغىچە پۈتۈن خوتەن تەۋەسىگە كېڭىيىپ ، خوتەن ۋىلايىتى پۈتۈنلەي خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى . بۇ چاغدا جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى تۇرپان قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ ئۈرۈمچىىنى خەۋپتىن ساقلاش توغرىسىدا باش قاتۇرىۋاتقاچقا ، ئۇنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشقا ھەربىي ياردەم ئەۋەتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . بۇ ھال خەلق قوزغىلىڭىنىڭ تېز راۋاجلىنىپ ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشىغا ئوبدان پۇرسەت بولدى . تۇرپاندىكى خەلق قوزغىلىڭىدىن كېيىن ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەنلەردىمۇ خەلق قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرۈلۈپ دەسلەپكى غەلىبىگە ئېرىشكەن شارائىتتا ، بۇ قوزغىلاڭچىلار بىرلىشىپ ئەسكەر چىقىرىپ خوجىنىياز ھاجى قوشۇنىغا ياردەم ئەۋەتىشى كېرەك ئىدى ، لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى . بۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقلىرى ئاغزىدا « رەھبىرىمىز خوجىنىياز ھاجى » دېسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە بىر – بىرىدىن ھوقۇق تالىشىپ ، بىر قوماندانلىق ئاستىغا كېلەلمىدى ، ئايرىم قوزغىلاڭ باشلىقلىرى قوزغىلاڭنىڭ تىزگىنىنى قولىغا كىرگۈزىۋېلىپ ، خەلقنى ئالداشقا ئۇرۇندى . مەسىلەن ، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ، 1933 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى مۇھەممەت نىياز ئەلەم ۋە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرالار چەت ئەلدىن يېڭى كەلگەن ساۋۇت داموللا بىلەن بىرلىشىپ ، خوتەندە « ھۆكۈمەت ئىسلامىيە خوتەن » ناملىق ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى ؛ ئاندىن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئابدۇللانى مىڭلىغان ئادەم بىلەن يەكەنگە ئەۋەتتى . ئابدۇللا يەكەنگە كېلىپ شەھەرنى ئىشغال قىلىپ ئۆزىنى شاھمەنسۇر دەپ ئاتىدى .

لېكىن ، بۇ چاغدا ما دوتەينىڭ يەكەن يېڭىشەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قالغان 300 ئەسكىرى تېخى تەسلىم بولمىغاندى . ئۇلارنىڭ قوراللىرىغا ما جەنساڭ ۋە شاھ مەنسۇرنىڭ كۆزى چۈشۈپ تۇراتتى . تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردىن 300 ئەسكەر بىلەن ئەۋەتكەن ھاپىز لۈيجاڭ يەكەنگە بارغاندا ، شاھ مەنسۇر دەسلەپ ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق كۆرۈشكەن بولسىمۇ ، كېيىن پىكىرلىرى بىر يەردىن چىقماي ، ئۆزئارا خاپا بولۇشۇپ قالدى . يەكەن يېڭىشەھەردىكى ما دوتەي ئەسكەرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ، شاھ مەنسۇر : يېڭىشەھەرگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك ، دېسە ؛ ھاپىز لۈيجاڭ : ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا تۆمۈر سىجاڭدىن بۇيرۇق يوق دېگەن . شاھ مەنسۇر : تۆمۈر سىجاڭ بىزنىڭ باشلىقىمىز ئەمەس ، دېگەن . شۇنداق قىلىپ ئىككى تەرەپ مەرتىۋە تالىشىپ بىرلىككە كېلەلمەي تۇرغاندا ، ما جەنساڭ قەشقەردىن يەكەنگە 200 ئەسكەر ئەۋەتكەن . ئۇلار يەكەنگە بېرىپ بىر ئاز ۋاقىت يەكەن كونىشەھەردە تۇرغاندىن كېيىن ، بىر كۈنى سەھەردە باشقىلارغا تۇيدۇرماي يېڭىشەھەرگە چىقىپ ، ما دوتەينىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىشىۋالغان .

دەل شۇ ۋاقىتتا ، خوتەندىن ساۋۇت داموللا يەكەنگە كېلىپ ، شاھا مەنسۇرنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىگەن . ئۇلار ئوتتۇرىسىدا تالاش – تارتىش بولۇپ تۇرغاندا ، ما جەنساڭ تۆمۈر سىجاڭغا يەكەن شەھىرىدىكى ما دوتەينىڭ ئەسكەرلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ قەشقەرگە ئەكىلىشكە تۆمۈر سىجاڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ بەرسە ، ئۇلار قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى تۆمۈر سىجاڭ تاپشۇرۇپ ئالسا ، دېگەن مەزمۇندا خەت يازىدۇ . تۆمۈر سىجاڭ ما جەنساڭنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ ( ئۇنىڭ مەسلىھىتىگە ماقۇل بولۇپ ) ھاپىز لۈيجاڭ بىلەن شاھ مەنسۇرغا « ما دوتەينىڭ ئەسكەرلىرىگە تەگمەي ئۇلارنى قەشقەرگە يولغا سېلىپ قويۇڭلار » دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ . ئۇلار بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ ، ما دوتەي ئەسكەرلىرىنى يولغا سېلىپ قويىدۇ . لېكىن شاھ مەنسۇر ئىنىسى نۇر مۇھەممەتنى ( ئۇنىڭغا ئىمىر ساھىب دەپ نام بېرىلگەن ) ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ما دوتەينىڭ ئەسكەرلىرى ھىمىتنىڭ سېيىغا بارغاندا ، ئارقا تەرىپىدىن ئىمىر ساھىبنىڭ ئادەملىرى ئوق چىقىرىدۇ . ما دوتەينىڭ ئەسكەرلىرى بۇنىڭدىن قورقۇپ ئالدىغا قاچسا ، بىرمۇنچە ئەسكەرلەرنىڭ قارىسى كۆرۈنىدۇ . ئۇلار « ئەمدى بىزنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ يوقىتىدىغان بولدى دەپ تېرە – پېرەن بولۇپ جېنىنىڭ بېرىچە قەشقەر تەرەپكە قاچىدۇ . يولدا ئۆلگىنى ئۆلۈپ ، قالغىنى قەشقەر يېڭىشەھەرگە كىرىپ ما جەنساڭغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ .

بۇ ۋەقە بولۇپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي 1933 – يىلى 7 – ئاينىڭ باشلىرىدا ساۋۇت داموللا بىلەن شاھ مەنسۇر 1000 پىدائىي بىلەن يەكەندىن قەشقەرگە يۈرۈش قىلىدۇ . ئۇلار يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ، ئۆزلىرىنىڭ قەشقەردىكى شېرىكلىرى بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ ، « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرماقچى بولغانكەن . ئۇلار يېڭىسارغا كەلگەندە ، تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردىن يېڭىسارغا بېرىپ ، ئۇلارنىڭ قەشقەرگە كېلىشتىكى مۇددىئاسىنى سورىغان . ساۋۇت داموللا بىلەن شاھ مەنسۇر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ، ما جەنساڭنى قورالسىزلاندۇرۇش كېرەك ، - دەيدۇ . تۆمۈر سىجاڭ بۇ پىكىرگە قوشۇلماي ، خوجىنىياز ھاجىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پىدائىيلارنى ئەۋەتەيلى ، - دەيدۇ . ساۋۇت داموللا بىلەن شاھ مەنسۇر ما جەنساڭنى قورالسىزلاندۇرماي تۇرۇپ ، خوجىنىياز ھاجىغا پىدائىي ئەۋەتمەيمىز ، دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى . تۆمۈر سىجاڭ : ھازىر ماجەنساڭنىڭ 2000 ئەسكىرى بار ، ئۇنىڭغا چېقىلغىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، قەشقەرگە مۇنچە كۆپ ئەسكەر بىلەن بېرىشسىلا ، تەمىنات جەھەتتە قىيىنچىلىق بولىدۇ . ئەگەر قەشقەرنى كۆرۈپ باقىدىغان ئىش بولسا ئازراق ئادەم بىلەن بېرىشسىلا بولىدۇ ، - دەيدۇ . لېكىن ئۇلار تۆمۈر سىجاڭنىڭ سۆزىنى نەزەرگە ئالماي ، 1000 ئادىمى بىلەن 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنى قەشقەرگە بارىدۇ . ساۋۇت داموللىنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئوسمان ۋە باشقىلار قەشقەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ .

تۆمۈر سىجاڭ ساۋۇت داموللىنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلاپ تۇرغاندا ، ما جەنساڭ تۆمۈر سىجاڭغا « ساۋۇت داموللا ساڭا قەست قىلىدۇ ، ئاگاھ بول » دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر سىجاڭ 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ساۋۇت داموللا بىلەن شاھ مەنسۇرنى قورالسىزلاندۇرۇپ ۋە نەزەربەنت قىلىپ ، خوتەن پىدائىيلىرىنى تارقىتىۋېتىدۇ .

تۆمۈر سىجاڭ يەنە ئوسماندىنمۇ گۇمانلىنىپ ، بىر تۈەن ئەسكىرىنى پەيزاۋاتقا بېرىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ . ئوسمان بولسا قول ئاستىدىكى سېتىۋالدىجان ۋە يۈسۈپجانلاردىن گۇمانلىنىپ ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ۋە قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ . تۆمۈر سىجاڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ  سېتىۋالدىجاننى ئۆزىگە بىۋاستە قارايدىغان تۈەنجاڭ ، يۈسۈپجاننى مۇئاۋىن تۈەنجاڭ قىلىپ تەينلەيدۇ . ما جەنساڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئوسمانغا « تۆمۈر سىجاڭ سېنى يوقاتماقچى جېنىڭنى ياقىغا ئال » دەپ ئادەم ئەۋەتىدۇ . ئوسمان 1933 – يىلى 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئادەملىرىنى ئارقىسىغا سېلىپ ، ئۆز يۇرتى قىزىلسۇغا كېتىدۇ . تۆمۈر سىجاڭ ساۋۇت داموللا بىلەن شاھ مەنسۇرنى قورالسىزلاندۇرغان كۈننىڭ ئەتىسى يېڭىشەھەردىكى ئەخمەتجان تۈەنجاڭ بىلەن يەكەندىكى ھاپىز لۈيجاڭغا : ئىككىڭلار ھەمكارلىشىپ ، يەكەندىكى ئىمىر ساھىبنى قورالسىزلاندۇرۇپ ، ئاندىن خوتەننى ئىگىلەڭلار ، دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ ؛ ئارقىدىن سېتىۋالدىجان بىلەن كىچىك ئاخۇننى ئىككى ليەن ئەسكەر بىلەن ھاپىز لۈيجاڭغا ياردەمگە ئەۋەتىدۇ . ھاپىز لۈيجاڭ يەكەندىكى ئىشنى تۈگىتىپ ، قاغىلىققا بېرىپ ، خوتەنلىك پىدائىيلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇلارنى يېڭىپ ، زاۋىغا بارغاندا ، سېتىۋالدىجان بىلەن كىچىك ئاخۇن ئۇلارنىڭ كەينىدىن بارىدۇ - دە ، جەمئىي 800 ئادەم بولىدۇ . ئۇلار خوتەنگە يېقىنلاشقاندا ، مەمتىمىن ھەزرەت خوتەندىن لەشكەر تارتىپ چىقىپ ، ھاپىز لۈيجاڭنى توسۇپ ئىككى كۈن قاتتىق سوقۇشۇپ ، ھاپىز لۈيجاڭنى چېكىنىدۈرىدۇ . ھاپىز لۈيجاڭ گۇمىغا كەلگەندە ، ئوسماندىن « تۆمۈر سىجاڭنى ما جەنساڭ ئۆلتۈرىۋەتتى ، تېزدىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىڭ » دەپ خەۋەر كېلىدۇ .

تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى مۇنداق بولغان : ئوسمان 1933 – يىلى 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى قىزىلسۇغا قېچىپ كېتىۋېتىپ ما دوتەينىڭ لەنگەردىكى ئۆيىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىپ مىڭيول تەرەپكە قاچىدۇ . تۆمۈر سىجاڭ دەرھال ھامۇتخان لۈيجاڭنى 600 ئادەم بىلەن قوغلاشقا ھامۇتخان لۈيجاڭنى ئەۋەتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ما جەنساڭدىن بىر تۈەن ئەسكەر ياردەم بېرىشنى سورايدۇ . ما جەنساڭ « ماقۇل » دەپ گامازا باشچىلىقىدا بىر تۈەن ئەسكەرنى ئەۋەتىدۇ . ئۇلار توغراقمازار دېگەن يەرگە يېتىپ بارغاندا ، لەنگەر تەرەپتىن ماشىنا بىلەن كېلىۋاتقان تۆمۈر سىجاڭ ئۇچرايدۇ . گاماز ھۆرمەت بىلدۈرگەن بولۇپ ، ھەممە ئەسكىرىنى ئاتتىن چۈشۈرىدۇ . تۆمۈر سىجاڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ گاماز بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا ، گامازىنىڭ يېنىدىكى ئەسكەر تۆمۈر سىجاڭنى مىلتىق بىلەن ئاتىدۇ . تۆمۈر سىجاڭ شۇ ھامان جان بېرىدۇ . گامازا تۆمۈرنىڭ بېشىنى كېسىپ ئېلىپ بېرىپ ، قەشقەردە سازايى قىلىدۇ . شەھەرنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغان يۈسۈپ تۈەنجاڭ ، توختى ليەنجاڭ ، ئىدرىس ليەنجاڭلار 400 ئادىمىنى باشلاپ ، شەھەر ئىچىدىكى ما جەنساڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ ، ئۇرۇش قاتتىق داۋاملىشىۋاتقاندا ، ما جەنساڭ ئوسمانغا : « تۆمۈر سىجاڭنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ ئىنتىقامىڭنى ئېلىپ بەردىم . ئەمدى قەشقەرگە كېلىپ تۆمۈرنىڭ ئورنىدا سىجاڭ بول » دەپ خەت يازىدۇ .

خوجىنىياز ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغىنىغا ئىككى ئاي بولغان ، ما جۇڭيىڭمۇ بۇ ۋەقەنى ئۆز ۋاقتىدا ما جەنساڭغا ئۇقتۇرۇپ بولغان ، شۇنىڭدەك خوجىنىياز ھاجى 6 – ئايدىلا توقسۇن ئىلانلىقتىن شېرىپ ئاخۇن دېگەن ئادەم ئارقىلىق تۆمۈر سىجاڭغا « ما جۇڭيىڭ بىلەن ئارىمىز بۇزۇلۇپ ، شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشتۇق . سىز ما جەنساڭدىن ئاگاھ بولۇڭ ۋە ئۇنى قورالسىزلاندۇرۇڭ » دەپ خەت يازغاندى . لېكىن ، تۆمۈر سىجاڭ ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ خېتىدىكىدەك ئىش قىلماي ، ئەكسىچە خوجىنياز ھاجىنىڭ سۆزىنى رەت قىلدى . ئۇ ، « خوجىنياز ھاجى نىمىشقا مۇسۇلمان بىلەن بىرلەشمەي ، كاپىر بىلەن بىرلىشىدۇ . مېنىڭ ئىنىم توختى ئېلىنى شېڭ شىسەي ئۆلتۈرگەن ، مەن شېڭ شىسەيدىن قىساس ئالماي قويمايمەن » دەپ قارايدۇ ۋە ھەرقانداق ئادەم ما جەنساڭنى قورالسىزلاندۇرۇش ھەققىدە گەپ قلىسا تىڭشىمايدۇ . ۋاھالەنكى ، تۆمۈر سىجاڭ ما جەنساڭغا ئىشەنگەن بىلەن ما جەنساڭ تۆمۈر سىجاڭغا ئىشەنمىدى . ما جەنساڭ تۆمۈرگە بىر تەرەپتىن ما جۇڭيىڭنىڭ سىلىڭلىق مەنسىپىنى ئېلىپ بېرىمەن دەپ ، ئۇنى ئۆزىگە ئىشەندۈرمەكچى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، « سېنىڭ كاللاڭنى ئالىدىغان ئادەم بار ، ئاگاھ بول » دېگەن . ھېلى ساۋۇت داموللا بىلەن شاھ مەنسۇرنى ئوسمانغا يامانلىىسا ، ھېلى ئوسمان ۋە باشقىلارغا « ئاگاھا بولۇڭلار ، تۆمۈر سىلەرنىڭ كاللاڭلارنى ئالىدۇ » دەپ كاللا سوقۇشتۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللانغان . « ئىككى قوشقار سوقۇشقاندا بۆرىنىڭ قورسىقى ئېچىتۇ » دېگەندەك ، ما جەنساڭ شاھ مەنسۇر بىلەن تۆمۈر سىجاڭنى ، تۆمۈر سىجاڭ بىلەن ئوسماننى سوقۇشتۇرۇپ ، ئۆزى بىر چەتتە ئىشتىھا ساقلاپ ، ئاخىرى تۆمۈر سىجاڭنى يەپ كەتتى . تۆمۈر سىجاڭ تەجرىبىسىز بولغانلىقتىن ، بىپەرۋالىق قىلىپ ، ما جەنساڭنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ھالاك بولدى . نەتىجىدە « ئانىسى غورا يىسە ، بالىلىرىنىڭ چىشى قاماپتۇ » دېگەندەك ، تۆمۈر سىجاڭنىڭ يىگەن غورىسى كېيىنكىلەرنىڭ چىشىنى قاماتتى .

ئوسمان ما جەنساڭنىڭ « سىجاڭ بول » دېگەن خېتىنى تاپشۇرىۋېلىپ قەشقەرگە كېلىدۇ ۋە يۇمىلاق شەھەرگە ئورۇنلىشىدۇ . ما جەنساڭ ئوسمانغا 100 ئەسكەر بىلەن سىجاڭلىق تامغىسىنى چىقىرىپ بەرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئوسمان ما جەنساڭدىن كونىشەھەردىكى ئەسكەرلىرىنى دەرھال يېڭىشەھەرگە ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ما جەنساڭ « ماقۇل » دەپ قويۇپ ، بۇ ئىشنى ئارقىغا تارتىدۇ . ئوسمان ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ ما جەنساڭغا قارشى ئۇرۇش ئېچىپ ، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنى كونىشەھەردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ . ئاندىن ئوسمان تۆمۈر سىجاڭنىڭ قول ئاستىدىكى ھاپىز لۈيجاڭ ۋە باشقىلارغا خەت يېزىپ « ماجەنساڭنى بۇرۇنلا قورالسىزلاندۇرۇش كېرەك ئىدى . تۆمۈر ئۇنىماي بىخودلۇق قىلىپ ،ئاخىرى ئۆز بېشىدىن ئايرىلدى . بۇ خاتالىق تۆمۈرنىڭ ئۆزىدە . ئەمدى ھەممىمىز بىرلىشىپ ، تۆمۈرنىڭ ئىنتىقامىنى ئالايلى » دەيدۇ – دە ، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ ، جەمئىي 1400 ئەسكەر بىلەن يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ . كېيىن ئەھمەتجاننىڭ 200 ئەسكىرىمۇ يېڭىساردىن كېلىپ قاتنىشىدۇ . بۇ چاغدا يېڭىشەھەردىكى ما جەنساڭنىڭ 1700 ئەسكىرى بار ئىدى . شۇ پەيتتە ، ھاپىز لۈيجاڭ تەرىپىدىن يەكەندە قورالسىزلاندۇرۇلۇپ نەزەربەند قىلىنغان ئىمىر ساھىپ بوشاپ چىقىپ ، 500 پىدائىينى يىغىپ قايتىدىن قوراللىنىدۇ ؛ تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە نەزەربەند قىلغان شاھ مەنسۇر بىلەن ساۋۇت داموللىمۇ نەزەربەندلىكتىن بوشىتىلىدۇ . شاھ مەنسۇر قېپقالغان 400 – 500 پىدائىيلىرىنى يىغىپ يەكەنگە كېتىدۇ ، ساۋۇت داموللا ئاتۇشقا كېتىدۇ ، ئوسمان سىجاڭ بولغاندىن كېيىن ، ساۋۇت داموللا يەنە قەشقەرگە كېلىپ ئوسماننىڭ ماقۇل بولۇشى بىلەن ، « ئۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى بارشقۇرۇش ئىدارىسى » قۇرىدۇ . بۇ ئىدارىنىڭ ۋەزىپىسى خوتەندىن ياردەمگە كەلگەن نەرسىلەرنى ھەممە قىسىملارغا ئوخشاش تەقسىم قىلىپ بېرىش بولۇپ ، 1933 – يىلى 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ساۋۇت داموللا ئىدارە باشلىقى ، زېرىپ قارى ھاجى مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ . كېيىن خوتەندىن كەلگەن ماللار ئوسماننىڭ سەمىگە سېلىنمايلا ، قىسىملارغا بىۋاستە تەقسىم قىلىنغاچقا ، بۇنىڭغا ئوسماننىڭ قورسىقى كۆپىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ، ئوسماننىڭ مىجەزى چۇس بولغاچقا ، قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ . ساۋۇت داموللا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، نۇرغۇن تەييارلىقلارنى قىلغاندىن كېيىن 1933 – يىلى 9 – ئاينىڭ 10 - كۈنى « ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئىدارىسى » نى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ . 1933 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » ئېلان قىلىنىدۇ . « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇدىكى چاغدا قۇرۇلغان . بۇنىڭغا ساۋۇت داموللا باش ۋەكىل ( زوڭلى ) ، يۇنۇسبەگ داخىلى ( ئىچكى ) ئىشلار نازىرى ، قاسىمجان ھاجى خارجى ( تاشقى ) ئىشلار نازىرى ، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم مائارىپ نازىرى ، ئورازبېك مۇداپىئە نازىرى ، ئەلى ھاجى قۇربانى مالىيە نازىرى ، ھاجى ئەلەم ئاخۇن دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ، زېرىپ قارى ھاجى ئەدلىيە نازىرى ، ئوبۇلھەسەنھاجى دېھقانچىلىق – سودا نازىرى ، شەمشىدىن دىنىي ئىشلار نازىرى ، ئابلا ھاجى سەھىيە نازىرى بولغان ؛ رەئىسلىكنى خوجىنىياز ھاجىغا ئېلىپ قويغان . بۇ چاغدا ئوراز لۈيجاڭ ، ئابدۇللا لۈيجاڭ ، قۇشمەت تۈەنجاڭلار 600 ئادىمى بىلەن ئوسماندىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ساۋۇت داموللىنى قوللايدۇ . ئوسمان 300 ئادىمى بىلەن چەتتە قالىدۇ .ھاپىز لۈيجاڭ ، كىچىك ئاخۇن تۈەنجاڭلار بولسا ھېچقايسى تەرەپكە قوشۇلمايدۇ . بۇنىڭ بىلەن يېڭشەھەرنى مۇھاسىرە قىلىش ۋە يېڭى قۇرۇلغان جەمئىيەتنى قوغداش پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ . چۈنكى ئۇلار : ساۋۇت داموللا ھامان بىزنى چەتكە قاقىدۇ ، دەپ گۇمان قىلىشاتتى . دېگەندەك ، ئۇلار چەتكە قېقىلغانلىقتىن ، ھاپىز لۈيجاڭ بىر نەچچە ئادىمى بىلەن بۈگۈر ناھىيىسنىڭ چېدىر يېزىسىغا يېتىپ كەلدى ( مەھمۇت سىجاڭ شۇ يېزىدا ئىدى ) ؛ ھەمدەمبەك ھاجى لۈيجاڭ بىر نەچچە ئادىمى بىلەن كورلىغا ، ھامۇتخان لۈيجاڭ بىر ئاز ئادىمى بايغا كەتتى .

ئوسمانمۇ چەتكە قېقىلغاندىن كېيىن 1933 – يىلى 10 – ئاينىڭ باشلىرىدا 300 ئادىمى بىلەن تاغقا چىقىپ كەتكەن . ئەمما ساۋۇت داموللا كېيىن ئۇنى ئادەملىرى بىلەن تاغدىن قەشقەرگە قايتۇرۇپ كېلىپ ، قوراللىرىنى ئېلىۋېلىپ بىكارچى قىلىپ قويغان . بۇ ۋاقىتتا « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » نىڭ ئىختىيارىدا ئالتە لۈي ، 12 تۈەن ( جەمئىي 3000 ئادەم ) بولۇپ ، بۇلاردىن 2400 ئادەم قەشقەر يېڭىشەھەرنى قورشاپ تۇرغان ؛ يۈسۈپجان تۈەنجاڭ 400 ئادەم بىلەن قەشقەر كونىشەھەرنى ساقلىغاندى . يەكەندىن چەرچەنگىچە بولغان 12 ناھىيىنى مەمتىمىن ھەزرەت ، قەشقەر تەۋەسىدىكى توققۇز ناھىيىنى ئىستىقلال جەمئىيىتى » ، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى توققۇز ناھىيىنى باي سىجاڭ ئىدارە قىلاتتى . قاراشەھەر ، ئاقسۇ ، قەشقەر ئۈچ ۋىلايەت كۆرۈنۈشتە خوجىنياز ھاجىغا ئىتائەت قىلاتتى . 1933 – يىلى 8 – ئايدىن 10 – ئايغىچە يېڭىشەھەر ئۇرۇشىدا ھېچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىدى . ساۋۇت داموللا قەشقەردە « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » نى قۇرۇپ ، ئۇزاق ئۆتمەي شاھ مەنسۇر 500 -600 پىدائىي بىلەن قەشقەر يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرە قىلىشقا كېلىدۇ . ما جەنساڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ، 300 ئەسكىرىنى شاھ مەنسۇر پىدائىيلىرىنى توسۇشقا چىقىرىدۇ . شاھ مەنسۇر پىدائىيلىرى چېكىنىپ ، 1933 – يىلى 12 – ئايدا يېڭىسار تەۋەسىگە كېتىدۇ ، شاھ مەنسۇر بۇ پىدائىيلىرىدىن 200 نى يېڭىساردا قالدۇرۇپ ، قالغان پىدائىيلىرى بىلەن يەكەنگە قايتىپ ،ئىنىسى نۇرمۇھەممەتنى 500 پىدائىي بىلەن يېڭىسارغا قوراللىق قوزغىلاڭ قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈشكە ئەۋەتىدۇ .
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 21:54
2 . خوجىنىياز ھاجى قەشقەرگە بارغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەت

خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭ 1500 گە يېقىن پىدائىينى باشلاپ ، ئۈچتۇرپاندىن قاخشال يولى بىلەن ئاتۇشقا باردى . ئاتۇش خەلقى بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى .

خوجىنىياز ھاجى تىجەندىكى ئەمەت ھاجى ( پاكار ) نىڭ ئۆيىگە ، مەھمۇت سىجاڭ ، ياقۇپ ھاجى ( ئابدۇقادىر ھاجىنىڭ دادىسى ) نىڭ ئۆيىگە چۈشتى . قەشقەردىكى ساۋۇت داموللا ۋە يۈسۈپجانلار كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاتايىن ئاتۇشقا كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇئامىلىسى قىزغىن بولمىدى . سۆھبەت ئىچكىرىكى ئۆيدە ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى . مەن ئۆيدە نىمە پاراڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تولۇق بىلمىگەن بولساممۇ ، لېكىن خوجىنىياز ھاجىنىڭ ھويلىغا چىقىپ : « قەشقەرگە كىرمىسەم كىرمەپتىمەن ، مەن تاغلىق جايلاردا ئۇرۇش قىلىپ ئۆگەنگەن . ئاتۇش تاغلىرىدا ئۇرۇش قىلىۋېرىمەن » دېگىنىنى ئاڭلاپ بۇ سۆھبەتنىڭ بىزنىڭ قەشقەرگە كىرىش – كىرمەسلىكىمىز مەسىلىسى ئۈستىدە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدىم . ئۇلار بىر نەچچە سائەت سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ، قالدى سۆزلەرنى قەشقەردە دېيىشىدىغان بولۇپ ، ساۋۇت داموللىلار قەشقەرگە قايتىپ كەتتى . ئىككى كۈندىن كېيىن بىز قەشقەرگە بارىدىغان بولدۇق . يولغا چىقىش ئالدىدا مەھمۇت سىجاڭ بىزگە : قەشقەردە ئەھۋال ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە چىگىش ، بەزىلەرنىڭ پەيلى يامان ، ھۇشيار بولۇڭلار ، ھاجى ئاكىنى ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىڭلار . قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن چۈشكەن ئورۇندىن يىراق كەتمەڭلار ، قول ئاستىڭلاردىكى ئەسكەرلەر رۇخسەتسىز سىرتقا چىقىپ چېچىلىپ كەتمىسۇن . ھەرقانداق ئىشقا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار تۇرۇڭلار ، قولۇڭلاردىكى قوراللاردىن بىر قەدەم ئايرىلماڭلار ، - دەپ قاتتىق جىكىلىدى . بىز قەشقەرگە كىرگىچە ، قەشقەر خەلقى ھەممە يەردە دېگۈدەك چارجاڭ قىلىپ بىزنى قىزغىن قارشى ئېلىشقا تەييارلىق قىپتۇ . قەشقەر خەلقى بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى ؛ تۆشۈك دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ ، قەشقەر ئىچىگە كىرگىنىمىزدە ، شەھەردىكى ھەر ساھە خەلقى ، ئوقۇغۇچىلار ، پىدائىي ئەسكەرلەر ، ھەربىي ۋە مۈلكى ئەمەلدارلار ، ئىدارە خىزمەتچىلىرى ، چوڭ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ ، داقا – دۈمباقلار بىلەن بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى .

لېكىن ، قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى مەھمۇت سىجاڭ ئېيتقاندەك ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ ، ئۇ يەردە ھەرخىل ھەربىي كۈچلەر ۋە بۇ ھەربىي كۈچلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغان چەتئەل ئىشپىيونلىرىدىن باشقا ، ئۆز ۋاقتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە سوتسىيالىزىمغا قارشى چىقىپ ، جوڭگوغا قېچىپ كېلىۋالغان ۋە كېيىن « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى » تەركىبىگە كىرىپ قوماندان بولۇۋالغانلار ؛ ئىلگىرى تۆمۈر سىجاڭغا سادىق بولۇپ ،كېيىن خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭلار تەرەپكە قوشۇلغان ھاپىز لۈيجاڭ ، ھەبدەمبەگ ھاجى لۈيجاڭ ، ھامۇتخان لۈيجاڭغا ئوخشاش قوماندانلارمۇ بار ئىدى . ئوسمان بولسا ئۇ چاغدا يەكەندە نەزەربەند ئاستىدا ئىدى . قەشقەردىكى ھەربىي كۈچلەر گەرچە « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئىتائەت قىلىپ ، يېڭىشەھەردىكى ما جەنساڭنى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا قاتناشقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلاتتى ؛ بۇ ھەربىي كۈچلەرگە بىر تۇتاش ھەربىي قوماندانلىق يوق ئىدى . بىرلىككە كەلگەن ھەربىي ئىنتىزامدىن گەپ ئاچقىلى بولمايتتى . شۇڭا ، بۇ قىسىملار ئۆزئارا ماسلىشالمايتتى . ئۇرۇش ۋاقتىدا پىدائىي ئەسكەرلەر خالىسا مىلتىقلىرىدىن ئوق چىقىرىپ ، خالىمىسا سەپتىن ئايرىلىپ ئۆزى بىلگەن يەرگە كېتىۋىرەتتى . قىسقىسى ، باشباشتاقلىق ،قالايمىقانچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن ، ھەركىم ئۆز كۈچىنى خوراتماسلىقنىڭ كويىدا ئىدى . قەشقەردە بۇ ئەھۋال بىر قانچە ئاي داۋاملاشقاچقا ، يېڭىشەھەرنى قورشاپ ما جەنساڭغا زەربە بېرىش غەلىبە قىلالماي تۇرۇۋەردى .

خوجىنياز ھاجى قەشقەرگە « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » قۇرۇلۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن ، يەنى 1934 – يىلى 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى باردى . بىز قارشى ئېلىشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغان غەزەللىرىنى زادىلا چۈشىنەلمىدۇق ، لېكىن ئۇلارنىڭ « ..... سۈر بېزى ئالتايلارە ، تۇرپانلارە ،سۈر بېزى تارىغلارە – ئىنسانلارە » دەپ ئوقۇغانلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە . مەن شۇ چاغدا باشقىلاردىن سوراپ بۇ غەزەلنىڭ تۈركچە غەزەل ئىكەنلىكىنى ،مەنىسى « بىزنىڭ ئەسلىمىز ئالتاي ۋە تۇرپاندىن ، بىز تارىختىن تارتىپ ئىنسان بولۇشقا ھەقلىقمىز » دېگەندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم . بۇ چاغدا قەشقەردە تۈركىيىدىن كەلگەن ياكى تۈركىيىدە ئوقۇپ كەلگەن بىر نەچچە ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ ، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە غەزەل ئۆگەتكەنكەن . بىزنى قارشى ئالغىلى چىققان ئەسكەرلەرنىڭ غەزەللىرىدىنمۇ « ئېنگىلىزلار باتۇر ئولاچاق ، ئايرۇپىلانلىرى ئېگىز ئۇچاچاق » دېگەن جۈملىلەرنى ئاڭلاپ قالدۇق. بىز قەشقەر كونىشەھەرگە كىرىپ دوتەي يامۇلىغا ( ھازىرقى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئورنىغا ) چۈشكەندۇق . ئۇ ۋاقىتتا « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » كونىشەھەردە ئىكەن . ئەتىسى بىرقانچىمىز شەھەر كوچىلىرىنى ئايلاندۇق . ھېيتكا ئالدىغا بارساق ، ئۇنىڭ يان كوچىسىدىكى ئىككى ھاممام ( مۇنچا ) نىڭ ئەتراپىدىكى تۈۋرۈك ۋە تاملاردا بېغىشىدىن كېسىلگەن بىر قانچە قوللار مىخلاقلىق تۇرۇپتۇ . ئەتراپتىكىلەردىن : بۇ – نېمە ئىش ؟ - دەپ سورىساق ئۇلار : بۇ ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولى ، شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمى بويىچە ، ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولى كېسىۋېتىلىپ ، مۇشۇنداق سازايى قىلىنىدۇ ، - دەپ جاۋاپ بەردى . كوچىلاردا يۈزى ئوچۇق ئاياللارنى كۆرگىلى بولمايتتى . ئەگەر بىرەر ئايال ئېلىم – سېتىم سەۋەبى بىلەن يۈزىنى ئازراق ئوچۇق قويغان بولسا ، قولىدا دەررە كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئاتلىق كىشىلەر ئۇنى « يۈزۈڭنى ياپ » دەپ قولىدىكى دەررە بىلەن ئۇرىدىكەن .

بىز بازارنى ئايلىنىپ يۈرسەك ئۇدۇل تەرىپىمىزدىن ئىككى ئەسكەر چىقىپ قالدى . ئۇلار بېشىغا كەمچەت تۇماق كىيگەن ، بوينىغا شارپا ئورىغان بولۇپ ، بېلىدە ئادەتتىكى تاسما ، مۈرىسىدە مىلتىقى بار ئىدى . بىرسىنىڭ مەيدە يانچۇقىدىن يانچۇق سائىتىنىڭ زەنجىرى چىقىپ تۇراتتى . ئۇلارنىڭ قايسى تەرەپنىڭ ئەسكىرى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى . ئۇلار كېلىشى بىلەن تەڭ ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇلاردىن تەپتارتىپ دەرھال ئورۇن بوشىتىپ بېرەتتى . ئۇلار بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئۆتكەندە ، بىر – بىرىگە بىزنى كۆرسىتىپ : مۇشۇ ئەسكەرلەر نېمىگە يارايدۇ ! – دەپ بىزنى زاڭلىق قىلىشتى . دېمىسىمۇ بىزنىڭ مۈرىمىزدە مىلتىق بولغان بىلەن ئۈستېبېشىمىز پاسكىنا ، كىيىملىرىمىز يىرتىق ، ئەپتى – بەشىرىمىز يىرگىنىشلىك ئىدى . شۇڭا ، بازاردىكى كىشىلەر بىزدىن قىلچىمۇ تەپتارتىپ قويمايتتى . دېمەك ، ئۇ چاغدىكى قەشقەردە ھەربىر گۇرۇھنىڭ پىدائىيلىرى ناھايىتى پۇزۇر كىيىنىپ سۆلەتلىك يۈرىدىكەن . بازار ئايلىنىپ بېرىپ ، ئادەم بىلەن لىق توشقان بىر ساراينىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدۇق . كىشىلەردىن سورىساق ، ئۇ ھىندى سارىيى ئىكەن . ئۇنىڭ ئىچىگە پۈتۈنلەي ھىندىستان سودىگەرلىرى ئورۇنلاشقان . ساراينىڭ ئىچىگە كىرىپ قارىساق ، ھىندىلار ئۇيەر – بۇيەردە چىلىپ چېكىپ ئولتۇرۇشۇپتۇ . بىز يەنە كىشىلەردىن : قەشقەردە ھىندىلارمۇ بار ئىكەن – ھە ؟ دپ سورىساق ، ئۇلار : قەشقەردە ھىندىلارلا ئەمەس ، ئېنگىلىز ، ئافغان ، تۈرك ، شىۋت ، ئورۇسلارمۇ بار ، يەنە تېخى ئېنگىلىز ۋە ئورۇسلارنىڭ كونسۇللىرىمۇ بار ،- دەپ جاۋاپ بەردى . بىز ئانچە يىراق كەتمەي ، چۈشكەن جايىمىزغا قايتتۇق . دوتەي يامۇلىدىن ھېيتكا تەرەپكە كېلىشتە كوچا تاملىرىغا ئانچە سەپسالمىغان ئىكەنمىز ، قايتىشىمىزدا بەزى تاملارغا « خىتايلارنىڭ ئۆزىمۇ كېرەك ئەمەس ، سۆزىمۇ كېرەك ئەمەس » دېگەن شوئارنىڭ چاپلانغانلىقىنى كۆردۇق . بۇ شوئارنى ساۋۇت داموللا تەرەپدارلىرى چاپلىغانلىقى مەلۇم ئىدى . لېكىن خوجىنياز ھاجىنىڭ پىدائىيلىرى قەشقەرگە كېلىشى بىلەنلا مۇنداق شوئارنىڭ چاپلىنىشى بىزنى ھەيران قالدۇردى . بىز ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،كوچىدا كورگەن – ئاڭلىغانلىرىمىزنى بولۇپمۇ تامغا چاپلانغان ھېلىقى ئەكسىيەتچى شوئارنى نىياز فۇگۈەنجاڭغا دوكلات قىلساق ، ئۇ كىشى : ھە ، بۇ ئىشلار بىزنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشكىنىمىزنى ياقتۇرمايدىغان ئەكسىيەتچىلەرنىڭ قىلغان ئىشى ، دەپ جاۋاپ بەردى .

مەھمۇت سىجاڭ قەشقەرگە كېلىپ 3 – كۈنى يېڭىشەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ۋەزىپىسى بىلەن چىقىپ كەتتى . مەھمۇت مۇھىتى خوجىنياز ھاجىغا قاتتىق ھۆرمەت قىلاتتى . ئۇنى ھەر دائىم ئاسرايتتى . خوجىنىياز ھاجىمۇ مەھمۇت مۇھىتىغا ئىشىنەتتى . شۇڭا ئۇ يېڭشەھەرگە مېڭىش ئالدىدا ، ۋالىي يۇنۇسبەگنى چاقىرتىپ ، ئۇنىڭغا « مەن سىزگە تەكرار ئېيتىمەن ، مېنىڭ سۆزۈمنى ئۇنتۇپ قالماڭ ، ھەممە ۋاقىت ھاجى ئاكامنىڭ يېنىدىن يېراق كەتمەڭ ، بولۇپمۇ قەشقەردىكى مەشھۇر زاتلار ۋە چەتئەللىكلەر بىلەن كۆرۈشكەندە سىز بىللە بولۇڭ . ھاجى ئاكام قورسىقىدا گەپ ياتمايدىغان ئادەم ، گەپنى ئۇدۇل قىلىۋېرىدۇ . ئەگىتمە گەپلەر بىلەن خوشى يوق ، بەزىلەر گەپنى خاتا چۈشىنىپ قېلىپ ئارىدا كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا بولۇپ قالمىسۇن ، ھاجى ئاكامنىڭ سۆزىنى باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن لازىم بولغان يەردە قوشۇمچە قىلىپ قويارسىز . بىز ئىلاجى بار ئىتتىپاق بولۇپ ، كۆز ئالدىمىزدىكى دۈشمەننى ( ما جەنساڭنى ) تېزدىن تار – مار قىلايلى . كېيىنكى ئىشلارنى ۋاقتىدا كۆرەرمىز . يەنە جىكىلەيدىغىنىم – ھاجى ئاكامنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا بىۋاستە مەسئۇل بولۇڭ » دەپ تاپىلىدى . دەرۋەقە ، خوجىنىياز ھاجى قەشقەر كونىشەھەردە تۇرغان مەزگىلىدە ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغۇچىلار ناھايىتى كۆپ ، بىرقانچە كۈنگىچە ئۇلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شەھەرنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرىدىن باشقا ، چەت مەملىكەتلەرنىڭ دىپلوماتىك ئادەملىرىمۇ بار ئىدى .

3 . قەشقەر يېڭىشەھەر مۇھاسىرىسى

مەھمۇت سىجاڭ يېڭىشەھەرگە يېتىپ بارغىچە ، يېڭىشەھەرگە ئالدىن بارغان ھەربىي كۈچلەر ئۇرۇشتا ئالغا بېسىشقىمۇ ، ئارقىغا چېكىنىشكە پايدىلىق ، شارائىتى ياخشى يەرلەرنى تاللاپ ئورۇنلىشىپ بولغانىكەن . پەقەت ئادەم ئورۇنلاشمىغان بارىن تەرەپلەر مۇداپىئەلىنىشكىمۇ ۋە ئالغا بېسىشقىمۇ ئەپسىز جاي بولغاچقا ، ئۇ يەرگە ھېچكىم بارماپتۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ما جەنساڭنىڭ ئاساسىي كۈچىمۇ شۇ يەرگە جايلاشقانكەن . بىز بارىن تەرەپكە بېرىپ ئورۇنلىشا – ئورۇنلاشمايلا ، دۈشمەنگە ھۇجۇم باشلىدۇق . دۈشمەن ھە دېگەندىلا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ ، بىزنى ئارقىمىزغا چېكىندۈردى ، بىر ئاز چىقىم تارتتۇق . ھەتتا يېرىم كېچىدە بىزنىڭ ئالدىنقى سەپ پوستلىرىمىزنى تۇتىۋېلىپ ، ئۇلارنىڭ بېشىنى كېسىپ مىلتىق ۋە قول بومبىلىرىنى تارتىۋاپتۇ . ئەتىسى دۈشمەن ئاكوبىدا بومبا پارتلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى . كېيىن ئۇقساق ،ئۇلار بىزنىڭ پوستىلىرىمىزدىن ئېلىۋالغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قول بومبىسىنى ئېتىشنى بىلمەي ، ئۇياق – بۇيېقىنى بۇراپ ئولتۇرغىنىدا ، بومبا توساتتىن پارتلاپ كېتىپ ، ئۇلارنىڭ بەش ئادىمى ئۆلۈپتۇ .

بىز دۈشمەن بىلەن ئۈچ كۈن جەڭ قىلغاندىن كېيىن ، قەدممۇ قەدەم ئالغا بېسىپ ، ما جەنساڭنىڭ سېپىل تېشىدىكى ئەسكەرلىرىنى سۈرۈپ سېپىل ئىچىگە كىرگۈزىۋەتتۇق ، شۇنىڭ بىلەن سېپىل تۈۋىگە يېتىپ باردۇق . دۈشمەنمۇ ئاساسىي كۈچىنى سېپىل تۈۋىگە توپلاپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى . شۇنداق بولسىمۇ ، مەھمۇت سىجاڭ يېڭىشەھەرنى قورشاپ تۇرغان ھەربىي كۈچلەرگە كېچىدە بىرلا ۋاقىتتا ھەممە بىردەك ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋە يېرىم كېچە بولغاندا بىزگە سېپىلگە چىقىشقا بۇيرۇق بەردى . بىز شوتا قويۇپ سېپىلغا چىقىۋاتساق ، خەندەكتىن ئۆتۈشكە قويغان شوتا سۇنۇپ كېتىپ ، بىرقانچە ئەسكەرلىرىمىز خەندەككە چۈشۈپ كەتتى . بۇنى دۈشمەنلەر سېزىپ قېلىپ ، سېپىلغا چىقىشىمىز ئەمەلگە ئاشمىدى . ئاندىن بىز ناچۇق دەرۋازىسىدا ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردۇق .لېكىن شەھەر ئەتراپىنىڭ باشقا تەرەپلىرىگە ئورۇنلاشقان ھەرقايسى گۇرۇھ پىدائىيلىرى بىزنىڭ ھۇجۇمىمىزغا ماسلىشىپ بەرمەستىن ، بەلكى چەتتە قاراپ تۇردى . شۇنداق قىلىپ ، ئارىدىن 20 كۈن ئۆتۈپ كەتتى . دەل شۇ كۈنلەردە ما جۇڭيىڭنىڭ ئىككى تۈەن ئاتلىق ئەسكىرى ئاقسۇدىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر كەلگەندى . خوجىنياز ھاجى ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ پەيزىۋاتقا كېلىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ، ئۇلارنى توسۇش ئۈچۈن بىر نەچچە يۈز ئادەم بىلەن يامانيار دېگەن يەرگە كەتتى . ئۇلار ئۇ يەردە ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنى توسۇپ ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ كۈچى ئاجىز كېلىپ قېلىپ ، قەشقەر كونىشەھەرگە چېكىندى . شۇ كۈنى كېچىدە ، خوجىنياز ھاجى مەھمۇت سىجاڭنى ئەھۋالدىن خەۋەردارا قىلىپ ، ئۇنىڭ كونىشەھەرگە قايتىپ كېلىشىگە بۇيرۇق بەردى . مەھمۇت سىجاڭ پىدائىي ئەسكەرلىرىنى باشلاپ شۇ كېچىدىلا كونىشەھەرگە قايتىپ كەلدى . ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى قەشقەر يېڭىشەھەرگە كېلىپلا ما جەنساڭ ئەسكەرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى . شەھەر ئىچى پاتپاراق بولۇپ ، بىر قىسىم پۇقرالار شەھەردىن يېزىلارغا چىقىپ كەتتى . ساۋۇت داموللىنىڭ ھەربىي ۋە مۈلكى ئەمەلدارلىرىمۇ شەھەرنى تاشلاپ ھەريەر – ھەريەرلەرگە چېچىلىپ كەتتى .

خوجىنىياز ھاجى دوتەي يامۇلىدىن چىقىپ ، يارباغ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بارسا ، ئۇ يەردە ھېچقانداق يەرلىك ئادەمنى ئۇچرىتالمىغاندىن كېيىن ، قۇمدەرۋازىسىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ . لېكىن ، دەۋازا ئىىچىدىن تاقىلىپ ، يوغان قۇلۇپ سېلىپ قويۇلغانكەن . قۇلۇپنى كىمنىڭ سالغانلىقى ، ئاچقۇچنىڭ كىمدە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن . خوجىنياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭ بۇ يەردە نېمە سىر بارلىقىنى ، ئۇ كىمنىڭ سۇيىقەستى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي ، قۇلۇپنى چېقىپ دەرۋازىنى ئېچىشقا بۇيرۇق بېرىپتۇ . پولات تۈەنجاڭ بىر يەردىن پالتا تېپىپ كېلىپ ، قۇلۇپنى چېقىپ دەرۋازىنى ئېچىپتۇ .خوجىنياز ھاجى شۇ كۈنى قەشقەر شەھىرىنى تاشلاپ ، توققۇزاق ۋە بۆرى خىتاي ( ھازىرقى بۇلاقسۇ ) ئارقىلىق يېڭىسارغا يۈرۈپ كەتتى .

4 . خوجىنياز ھاجى قەشقەرنى تاشلاپ چىققاندىن كېيىن

خوجىنياز ھاجى قەشقەرنى تاشلاپ يېڭىسارغا بارغاندا نۇرمۇھەممەت ( ئىمىر ساھىب ) بىر نەچچە يۈز پىدائىي لەشكىرى بىلەن يېڭىساردا ، ئۇنىڭ ئاكىسى ئابدۇللا ( شاھ مەنسۇر ) بىرەر مىڭ پىدائىي لەشكىرى بىلەن يەكەندە ئىكەن . خوجىنىياز ھاجى بىلەن ئىمىر ساھىب كۆرۈشكەندىن كېيىن ، يەكەنگە بېرىپ ئابدۇللا بىلەن كۆرۈشىدۇ . خوجىنياز ھاجىنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشتىكى مەقسىتى ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە ما جۇڭيىڭ قىسىملىرىغا قارشى جەڭ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى . ئابدۇللا مىڭلىغان ئادىمىنىڭ قولىغا چوماق تۇتقۇزۇپ « شاھ مەنسۇر ئاتا ، دۆلىتىڭىز مىڭلار ياشا » دەپ داقا – دۇمباق بىلەن غەزەل ئوقۇتۇپ ، خوجىنياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ كۈچىنى نامايىش قىلدى . ئۇلار داقا – دۇمباقنى قانچە ئۇرسىمۇ ، ئادەملىرىنىڭ قوراللىرىنىڭ تايىنى يوق ، جەڭگىۋارلىقىنىڭ ناچار ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى ؛ خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى ئۇلارغا قانچە يېقىنلاشقان بىلەن ، ئۇلار ئۆزلىرىنى « پادىشاھ » دەپ ھېسابلاپ ، خوجىنيازنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشكەنلىكىگە نارازى بولۇپ ، قورسىقىدا غۇم ساقلىغان . شۇنداقلا ئۇلار يەنە ھەرقانداق دۈشمەنگە چوماق تۇتقان پىدائىيلىرى بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا قادىرمەن ، دەپ قارايتتى .

بۇ چاغدا « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » نىڭ باشلىقلىرى ئۆزى خالىغان تەرەپلەرگە پارچىلىنىپ كەتكەن بولۇپ ، قورچاق ھۆكۈمەتنى ساۋۇت داموللا يېڭىسارغا كۆچۈرۈپ كەتكەنىكەن . خوجىنياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭ ئۇلار بىلەن كارى بولماي ، ئابدۇللانىمۇ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ ، يەكەندىن چىقىپ ئېلىشقۇنىڭ بازىرى ، ئەيسانىڭ ئاۋىتى ، تېرىم ۋە يوپۇرغا ئارقىلىق چوكانيارغا كېلىپ جايلاشتى ؛ ئاندىن ئۇ يەردە قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييارلىق كۆردى . قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى خوجىنياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ چوكانيارغا ئورۇنلاشقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ، چوڭ يول بىلەن ماڭماي ، شىمال تەرەپتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، شاپتۇللۇقتا يەنى مەھمۇت سىجاڭ تۇرغان جاينىڭ ئارقا تەرىپىگە يۈرۈش قىلغانىكەن . مەھمۇت سىجاڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ، بىزگە شاپتۇللۇقنىڭ جەنۇبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، پەيزىۋاتنىڭ ناھىيە بازىرىغا كىرىشىمىز توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى . چۈنكى شۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى 50 كە يېقىن ئادىمى بىلەن پەيزىۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە بىخارامان ئارام ئېلىۋاتاتتى . ئەگەر مەھمۇت سىجاڭ شاپتۇللۇقنىڭ شەرق تەرىپىگە ئۆتۈۋالمىسا ، ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ شاپتۇللۇققا كىرىپ خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇۋېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى . شۇڭا ، بىز مەھمۇت سىجاڭغا ئەگىشىپ كېچىچە يول مېڭىپ ، پەيزاۋات بازىرىغا ئۆتۇۋالدۇق . مەھمۇت سىجاڭ دەرھال خوجىنياز ھاجى ، لۈيجاڭ ۋە تۈەنجاڭلار بىلەن بىرلىكتە كېڭىشىپ ، ئەگەر پەيزاۋات بازىرىدا ئۇرۇش بولسا پۇقرالارنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ناھىيە بازىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلدى .
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 22:44
5 . قاۋۇل كۆۋرۈكىدىكى ئۇرۇش

بىز پەيزاۋات بازىرىدىن ئون نەچچە كىلومېتىر شەرق تەرەپتىكى چوڭ يول ئۈستىگە يەنى قاۋۇل كۆۋرۈكى دېگەن جايغا بېرىپ ئورۇنلاشتۇق . ئەتىسى ، دېگەندەك دۈشمەنلەر يېتىپ كەلدى . ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىدىن 300 ئاتلىق چوڭ يول بويلاپ ھۇجۇم قىلىپ ، بىردىنلا بىزگە قاراپ ئوت ئاچتى . مەھمۇت سىجاڭ ئۆز پىدائىيلىرىنى چوڭ يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۆزى 100 ئادەم بىلەن چوڭ يولنى توساپ تۇردى . ئۇ ، بىزگە بۇرۇنلا : دۈشمەن 400 مېتىر يېقىن كەلمىگىچە ئوق چىقارماڭلار ، - دەپ تاپىلىغاندى . بىز شۇ بويىچە ئوق چىقارماي چەنلەپ تۇرۇپ ، دۈشمەن 400 مېتىر يېقىنلاشقاندا ئاندىن ئوق چىقىرىشقا باشلىدۇق . دۈشمەن قوشۇنىدىكىلەر ئالدىدا بايراق كۆتۈرگىنىدىن تارتىپ قاتىرىسىغا ئارقا – ئارقىدىن دۇمىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى . ئالدىدىكى قىسىم يىقىلغاندىن كېيىن ، قالغانلىرى ئارقىغا قاراپ قاچقىلى تۇردى . ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئاتلىرىغا ئوق تەگدى ؛ يەنە بىر قسىم ئاتلىرى ئىگىلىرىنىڭ ئۇچۇپ چۈشكىنىگە قارىماي ، ئۇدۇلدىن بىز تەرەپكە قاراپ چېپىپ كەلدى . بىز ئۇ ئاتلارنى بىر – بىرلەپ تۇتىۋالدۇق . بىراق ئات ئىگىلىرىنىڭ قورالىنى ئولجا ئالامىدۇق . چۈنكى ، ئۇلارنىڭ يىقىلغان يېرى تۈپتۈز ئوچۇقچىلىق بولۇپ ، يەنە بىر قىسىم دۈشمەن بىزگە ئۈزمەي ئوق چىقىرىپ تۇرغاچقا ، ئۇ يەرگە بېرىشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق . دۈشمەن تەرەپمۇ بىر ھازاغىچە ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەي ، بىر ئىزدا تۇرۇپ قالدى . ئاخىر دۈشمەن چېكىندى . لېكىن ، ئۇزاق ئۆتمەي ئەسكەرلىرىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ، يەنە بىزگە ئوت ئاچتى . ئۇرۇش يېرىم كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن ، بىزنىڭ غەرپ تەرىپىمىزدىكى سولقانات پىدائىيلىرىمىز چېكىنىشكە باشلىدى ، ئارقىدىن ئوڭ قانات پىدائىيلىرىمىزمۇ چېكىنىشكە باشلىدى . ئەمما مەھمۇت سىجاڭ چېكىنمەي ئوتتۇرا يولدا تۇرۇپلاۋالدى . شۇ ئارىدا سول تەرىپىمىزدىكى دۈشمەنلەر ئارقا تەرىپىمىزگە ئۆتۈپ كەتتى . ئوڭ تەرىپىمىزنىڭ يەر شارائىتى سازلىق بولغاچقا ئۇ يەردىكى دۈشمەننىڭ ھەرىكىرى ئاستىراق بولدى . شۇنداقتىمۇ  بىز ئىلاجسىز قېلىپ چوڭ يولنى تاشلاپ چېكىنىشكە باشلىدۇق . دۈشمەنلەر مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئوتتۇرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئاق ئېتىدىن بىلىۋېلىپ ، ياندىن ۋە ئارقا تەرىپىمىزدىن ئات سېلىپ ، بىزنى ئورىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلدى . باشقا كەلگەندە باتۇر بولماي ئامال يوق . مەھمۇت سىجاڭنىڭ يېنىدىكى بىز 30 چە پىدائىي دۈشمەننى توسۈپ ئېتىپ تۇرۇپ ، مەھمۇت سىجاڭنى يولغا سېلىۋەتتۇق . مەھمۇت سىجاڭ ئۇزاپ كەتكەندە ئارقىسىدىن يېتىشىۋېلىپ ، دۈشمەن يېقىنلاشسا يەنە توسۇپ ئېتىشىپ ، مەھمۇت سىجاڭنى قاچۇرۇپ تۇردۇق . مۇشۇنداق بىرقانچە قېتىم تەكرارلىنىش بولدى . ئەڭ قورقۇنچلىقى – مەھمۇت سىجاڭ ئىككى قېتىم دۈشمەنگە تۇتۇلۇپ قالغىلى تاس قالدى . شۇنداق خەتەرلىك دەقىقىلەردىن قۇتۇلۇپ ، لىڭكۇنىڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ توپتوغرا مەكىتكە يول ئالدۇق .

مەكىتكە بارغاندىن كېيىن ، مەھمۇت سىجاڭ بىر قانچىمىزنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى . شۇ قاتاردا مېنىمۇ پەيجاڭلىقتىن ليەنجاڭلىققا ئۆستۈردى . بۇ مېنى ئىككىنچى قېتىم ئۆستۈرىشى ئىدى . بىرىنچى قېتىم 1933 – يىلى يازدا ، كورلا باشئەگىمدىكى دەسلەپكى ئۇرۇشتا مەھمۇت مۇھىتىغا ئوق تېگىپ ما جۇڭيىڭغا تۇتۇلۇپ قېلىش خەۋپى ئاستىدا قالغاندا ، بىز يەتتا – سەككىز پىدائىي ئۇنى قۇتقۇزىۋالغىنىمىز ئۈچۈن بىرقانچىمىزنى جۈملىدىن مېنىمۇ بەنجاڭلىقتىن پەيجاڭلىققا ئۆستۈرگەندى .

خوجىنىياز ھاجى 200 يېقىن پىدائىي بىلەن پەيزىۋاتتىن ئاتۇشقا كەتكەنىدى . دۈشمەنلەر بۇنى تۇيۇپ قېلىپ ،ئارقىسىدىن قوغلاپ باردى . نەتىجىدە ، ئىككى تەرەپ ئاتۇش ئاغىدا ئۇرۇش قىلدى . ئاخىر خوجىنىياز ھاجى ئەركەشتام تەرەپكە يول ئېلىپ ، سوۋېت چېگرىسى سىمخانىغا باردى . قەشقەردىكى يۈسۈپجان قۇربېشى ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئاتۇشتا ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىەلن ئۇرىشىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوپالدىن قەشقەر كونىشەھەرگە كېلىپ ، شۇ يەردىكى ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىگە ئوت ئاچقاندى . شەھەر خەلقى ئۇلارغا دۇئا قىلىپ ، تىلەكداشلىق بىلدۈردى . بىراق ، يۈسۈپجان قوزغىغان ھۇجۇم غەلىبە قىلالمىدى . نەتىجىدە ، ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى شەھەر خەلقىنى « بىزگە قارشى تۇرۇپ يۈسۈپجانغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەنلەر » دەپ ئالدىغا ئۇچرىغانلا كىشىنى قىرىپ – چېپىپ ، چوڭ قىرغىنچىلىق قىلدى . ئارقىدىن يەنە يېڭىسارغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئىمىر ساھىب ( نۇرمۇھەممەت ) قوشۇنىنى قورشىۋالدى .
6 . يېڭىسار ئۇرۇشى

مەھمۇت مۇھىتى مەكىتتە بىرنەچچە كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن ، تېرىمنى كېسىپ ئۆتۈپ ، كۆكراباتقا بېرىپ يەكەندىكى خوتەن پىدائىيلىرىنى يېڭىساردىكى ئىمىر ساھىبنى قۇتقۇزىۋېلىشقا تەشەببۇس قىلدى . ئۆزى بىزنى باشلاپ يېڭىسارغا يۈرۈپ كەتتى . مەھمۇت سىجاڭ يېڭىسارغا بېرىپلا ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىگە ئوت ئاچتى . ئىمىر ساھىب يېڭىسارنىڭ سېپىلى ئىچىگە 400 پىدائىيلىرى بىلەن سولىنىۋالغان ۋە سېپىل دەرۋازىسىنى ئىچىدىن تاقاپ خىش قوپۇرىۋەتكەنىكەن . بۇ پىدائىيلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قولىدا ئوقى يوق ھەرخىل ناچار مىلتىق بولسىمۇ ، كوپىنچىسىنىڭ قولىدا چوماقلا بار ئىدى . ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى سېپىلنىڭ شەرقىي سىرتى تەرەپتىكى ياغاچچىلار مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان . سېپىل ئىچىدە پۇقرالار ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىدى ، سېپىل سىرتىدىكى بازار ئاھالىسىنىڭ كۆپچىلىكىمۇ ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ئۆيلىرىنى تاشلاپ ، سەھرالارغا تارقاپ كەتكەن ياكى ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى ئۇلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرىۋەتكەن . سېپىل سىرتىدا پەقەت ئاز ساندىكى يېتىم – يىسىرلار قالغان .

مەھمۇت سىجاڭنىڭ مەقسىتى بىر تەرەپتىن ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىمىر ساھىبنى قورشاۋدىن قۇتقۇزۇش ئىدى . شۇڭا ئۇ ، ئىمىر ساھىب پىدائىيلىرىنى تونۇيدىغان بىرقانچە خوتەن مۆتىۋەرلىرىنى ئات سېلىپ بېرىپ ، سېپىل ئىچىدىكى ئىمىر ساھىب پىدائىيلىرىنى چېكىنىپ چىقىشقا دەۋەت قىلدۇردى . ھەتتا مەھمۇت سىجاڭنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان پىدائىيلاردىن ئىسكەندەر ئابىدىمۇ سېپىل تۈۋىگە ئاتلىق بېرىپ ، سېپىل ئۈستىدىكى پىدائىيلارغا : مەھمۇت سىجاڭ سىلەرنىڭ پۈرسەتنى چىڭ تۈتۈپ ، دەرھال سېپىل تېشىغا قايتىپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ ، - دەپ جېكىلەپ قايتىپ كەلدى . بىراق ، ئىمىر ساھىب سېپىلنى تاشلاپ چىقماي « دۈشمەن سېپىل ئىچىگە كىرەلمەيدۇ » دېگەن ئوي بىلەن قۇرۇق شەھەرگە سولىنىپ ياتتى .

مەھمۇت سىجاڭ يېڭىسارغا كېلىپ ئون كۈنلەردىن كېيىن ، ئىمىر ساھىبنىڭ ئاكىسى ئابدۇللا ( شاھ مەنسۇر ) يەكەندىن يېڭىسارغا كېلىپ مەھمۇت سىجاڭ بىلەن كۆرۈشتى . بۇ قېتىم ئۇنىڭ خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت سىجاڭلار بىلەن يەكەندە كۆرۈشكەن چاغدىكى كىبىرىسى يوق ئىدى . ئۇنىڭ يېنىدا مۇھاپىزەتچىلىرىمۇ يوق ، پەقەت ئىككىلا ئادەم بىلەن بىز چۈشكە يەرگە كېلىپ كەمتەرلىك بىلەن سالاملىشىپ ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئۇنىڭ ئىنىسى نۇرمۇھەممەت باشلىق خوتەن پىدائىيلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە : مەن ئۆتكەندە جانابلىرىنى ئوبدان چۈشەنمەپتىمەن ، - دەپ مەھمۇت سىجاڭدىن ئەپۇ سورىدى . ئۇ ، بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا تۆمۈر سىجاڭنىڭ خوتەن پىدائىيلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ ۋە خوتەنگە ھۇجۇم قوزغاپ ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئەنسىزلىك سېلىپ قويغانلىقىدىن شۇنداق قىلغان بولسا كېرەك . ئابدۇللا مەھمۇت سىجاڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قورال سېتىۋالساق دەپ ئۆزىنىڭ ئىككى مىڭ سەر ئالتۇن ئېلىپ كەلگەنلىكىنىمۇ ئېيتتى . مەھمۇت سىجاڭ بىلەن ئابدۇللا يېڭىسار بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى ئۇچار يېزىسى تىۋىزمازا ، دېگەن يەردىكى بىر ھويلىدا ئىمىر ساھىب باشلىق خوتەن پىدائىيلىرىنى قانداق قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى . مۇزاكىرە نەتىجىسىدە ، ئابدۇللا ئۆزى 30 كىشىنى باشلاپ ، سېپىل ئىچىگە ئاتلىق ئوت ئېچىپ كىرىۋېلىپ ، ئاندىن ئىنىسى بىلەن بىر ئامال قىلىپ ئاجىز نۇقتىغا ئوت ئېچىشنى مەسلىھەتلىشىپ بۆسۈپ چىقماقچى ؛ مەھمۇت سىجاڭ بايقاپ تۇرۇپ ، دۈشمەنگە كەينىدىن ھۇجۇم قىلماقچى بولدى . مەھمۇت سىجاڭ ئابدۇللادىن ئادەملىرىنىڭ قورال – ياراق ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇلارغا بېرىدىغان زاپاس مىلتىق بولمىغاچقا ، قول ئاستىدىكى پىدائىيلارنىڭ ياخشى مىلتىقلىرىدىن 27 تالنى سۇغىرىۋېلىپ ، ھەر بىر تال مىلتىققا 100 تالدىن ئوق قوشۇپ بەردى . يالغۇز مېنىڭ ليەنىمدىنلا ئالتە تال مىلتىق ئېلىپ بەردى .

ئابدۇللا باشلىق 30 ئادەم ئاتلىق قوراللىنىپ ، يېڭىسارنىڭ يەكەن تەرەپتىن كېلىدىغان چوڭ يولىنى بويلاپ ، ياغاچچىلار مەھەللىسى ئارقىلىق ئاللا چۇقان سېلىپ ، شەھەر دەرۋازىسىغا قاراپ يول سالدى . مەھمۇت سىجاڭ ئۇنىڭغا زىچ ماسلىشىپ ، جەنۇب تەرەپتىن ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى . لېكىن ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى . بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ، ئابدۇللا باشلىق كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئوق تېگىپ ئۆلۈپ كەتتى . ئوق تەگمىگەن بىر قانچەيلەن شەھەرنىڭ شىمال تەرىپى بىلەن ئاران – پاران بىزنىڭ قېشىمىزغا قېچىپ كېلىۋالدى . ئۇلاردىن ئۇقۇشىمىزچە ، ئەھۋال مۇنداق بوپتۇ : ئابدۇللا باشلىق 30 پىدائىي چۇقان سالغان پېتى شەھەر دەرۋازىسىغا قاراپ ئات سالغاندا ، ھەر بىر دەڭ – سارايلاردا بەخىرامان ئۇخلاۋاتقان دۈشمەنلەر بۇ چۇقان ساداسىنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ كوچىغا چىقىپ ، ئۇلارنى ئوققا تۇتقان . نەتىجىدە ، پىدائىيلارنىڭ تەڭدىن تولىسى سېپىل تۈۋىگە بارماي تۇرۇپ جېنىدىن ئايرىلغان . ئابدۇللا بىلەن تۆت – بەش كىشى مىڭ تەسلىكتە سېپىل دەرۋازىسىنىڭ تۈۋىگە بېرىپ : دەرۋازىنى ئېچىڭلار دەپ توۋلىسا ، سېپىل ئۈسىتىدىكىلەر : دەرۋازىنىڭ ئىچى خىش بىلەن قىرلاغلىق ، - دەپ جاۋاپ بەرگەن . شۇ ئارىدا ئابدۇللاغا ئوق تېگىپ ئاتتىن يىقىلغان . قالغان ئۈچ – تۆت كىشى دەرھال شىمال تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئارقا كوچا بىلەن قېچپ ، تەسلىكتە بىزنىڭ قېشىمىزغا كېلىۋالغان . دېمەك ، شاھ مەنسۇر بۇ ئۇرۇشتا ناھايىتى زور تەۋەككۈلچىلىك ۋە قاراملىق قىلغان .

شۇ چاغدا ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى سېپىلنى پارتىلىتىش كويىدا يەر ئاستى يولى كولىغانكەن . ئەگەر پىدائىيلار چۇقان سالماي سېپىل تۈۋىگە جىمجىت بېرىۋالغان بولسا ، سېپىل دەرۋازىسىنى ئاچالمىغان تەقدىردىمۇ ،بىر ئامال قىلىپ سېپىل تۈۋىدىن يۇقۇرىغا يامىشىپ چىققان بولاتتى . يەنە بىر تەرەپتىن مەھمۇت سىجاڭ ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىگە باشقا تەرەپلەردىن ئوت ئاچقان بولسىمۇ ، ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى شەھەرنى قولدىن بەرمەي ، ئىمىرى ساھىبنى قاچۇرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن سېپىل ئەتراپىدىكى مەھەللىلەرنى چىڭ ساقلاپ ياتقان . كېيىن ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى سېپىلغا چىقىشقا بىر قانچە قېتىم ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ ، جېنىدىن كەچكەن خوتەن پىدائىيلىرى ئۇلارنى قىلىچ ، كالتەك ، تاشلار بىلەن ئۇرۇپ سېپىلغا يېقىن كەلتۈرمىگەن . دۈشمەنلەر سېپىلنى دورا بىلەن پارتىلىتىپ بۇزۇپمۇ سېپىلغا يامىشىپ چىقالمىغان . شۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەر بىرنەچچە كۈن سۈكۈتتە تۇرىۋېلىپ ، خوتەن پىدائىيلىرىنىڭ ئەتتىگەندە ناماز بامدات ئوقۇۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ ، سېپىلنىڭ بۇزۇلغان يېرىدىن قاتتىق ھۇجۇم بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ ، سېپىل ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ، ناماز ئوقۇۋاتقان پىدائىيلارنى ئوققا تۇتقان . خوتەن پىدائىيلىرى قىلىچ ، كالتەك ، چوماقلار بىلەن ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىگەن . ۋەھشى ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى ئىمىر ساھىب باشلىق 400 نەچچە پىدائىينى بەش ئاتار مىلتىق ، پىلىموت ، گىراناتلار بىلەن قىرىپ تاشلىغان . بۇ ، ما جۇڭيىڭ يىرتقۇچلىرىنىڭ قەشقەر كونىشەھەردە قىلغان قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قىرغىنچىلىقى ئىدى .

ئىمىر ساھىب يېڭىساردا سېپىل ئىچىگە قامىلىپ تۇرغان مەزگىلدە ، ساۋۇت داموللا « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » ھۆكۈمىتىنى يەكەنگە كۆچۈرۈپ كەتكەن ؛ بۇ ھۆكۈمەتكە قاراشلىق قىسىملار تاشمىلىق ، ئوپال ۋە قەشقەر كونىشەھەر ئەتراپلىرىدا بېشى قايغان ، پۇتى تايغان جايلاردا قېچىپ يۈرۈپ ، ئىمىر ساھىبنى قۇتقۇزۇشقا بىرمۇ ئەسكەر ئەۋەتمىگەن . مەھمۇت سىجاڭ ئىمىر ساھىبنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا ، ئىلىدىن مەسئۇت سەبىرى ( 1947 – يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە رەئىس بولغان ) بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى يېڭىسارغا كېلىپ ، مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىللە ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقاندى . ئۇرۇشتا ئابدۇراخمان ئەپەندىگە ئوق تېگىپ قازا تاپتى ، مەسئۇت سەبىرى چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى .
7 . مەكىت ئۇرۇشى

مەھمۇت سىجاڭ يېڭىساردا ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا ، خوجىنىياز ھاجى سوۋېت چېگرىسىغا يېقىن ئەركەشتام دېگەن يەردە ئىدى . ئۇ ، مەھمۇت سىجاڭغا دەرھال قىزىلغا كېلىشكە بۇيرۇق بەردى . مەھمۇت سىجاڭ قىزىلغا كېلىپ كۆرۈشتى ۋە ئەتىسى يەكەنگە يۈرۈش قىلدى . يەكەنگە بارغاندىن كيېىن ، ئۇلار مەمتىمىن ھەزرەت بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇنىڭغا ئىككى ئىنىسىنىڭ قازا تاپقانلىقىنى ئۇقتۇردى . شۇنىڭ بىلەن يەكەن شەھىرىنى بىر خىل جىددىيلىك قاپلاپ كەتتى ؛ خوتەن پىدائىيلىرى ھېلى ئۇياققا ، ھېلى بۇياققا ئات سېلىشىپ ئالدىراپ يۈرۈشتى .

خوجىنياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭ يەكەنگە كېلىپلا « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » نىڭ زوڭلىسى ساۋۇت داموللا ، ئەدلىيە مىنىستىرى زىرىپ قارى ھاجى ۋە باشقا ئەمەلدارلىرىنى قاماققا ئالدى . 1933 – يىلى 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى قۇرۇلغان « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » 1934 – يىلى 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى يەكەندە بەربات بولدى . خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۇلارنى ئەركەشتامدىن كېلىپ قاماققا ئالغىنىغا قارىغاندا ، بۇ ئىشنىڭ مەسلىھەتى سىمخانىدا پۇشۇرۇلغان بولسا كېرەك . خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭ شۇ كۈنى كەچقۇرۇن مەمتىمىن ھەزرەت بىلە كۆرۈشكەندە ، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىپ ، ھەممەيلەن بىرلىكتە قاغىلىق ۋە خوتەنگە چېكىنىپ ، شۇ يەردە ماجۇڭيىڭ ئەسكەلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولدى ؛ ئۇرۇشقا قاتناشمايدىغان پىدائىيلارنى بولسا قاغىلىققا يولغا سالدى .

مەمتىمىن ھەزرەت بىلەن مۇزاكىرىلىشىدىغان يەنە جىق ئىشلاردىن ھەممەيلەننىڭ خەۋىرى بار ئىدى . لېكىن خوجىنىياز ھاجى ساۋۇت داموللىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ، مەمتىمىن ھەزرەت نارازى بولۇپ خوتەنگە كېتىپ قالدى . خوجىنىياز ھاجى پىدائىيلىرىنى باشلاپ پوسكامغا بارغاندا ، مەمتىمىن ھەزرەتنىڭ باشقا نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ ، خوتەنگە بارماي ، مەكىتكە قاراپ يول ئالدى ؛ ئاندىن مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىللە خوتۇن بالىلىرىنى قاغىلىقتىن يەكەنگە قايتۇرۇپ كەلدى . مەھمۇت سىجاڭ قولغا ئېلىنغان ساۋۇت داموللا باشلىق تۇتقۇنلارنىمۇ مەكىتكە بىللە ئېلىپ باردى . بىز مەكىتكە بېرىپ بىر نەچچە كۈن ئارام ئېلىپ ، چېچىلىپ كەتكەن ئادەملىرىمىزنى يىغىپ تۇرۇشىمىزغا ، ما جۇڭيىڭ قوشۇنى ئۆزىنىڭ يېڭىساردىكى كۈچلىرىگە قەشقەردىكى بىر قىسىم كۈچلىرىنى قوشۇپ ،يەكەن ئارقىلىق بىزگە ھۇجۇم قىلدى .شۇنىڭ بىلەن ،مەكىتتە بىر كۈن ئۇرۇش بولدى . بۇ ئۇرۇشتا مەھمۇت سىجاڭنىڭ فۇگۈەنجاڭى نىياز ئاخۇن ( سەنخۇچىڭ نىياز ) غا ئوق تېگىپ قازا تاپتى . بىز ئاخىر مەكىتتىن سېرىقبۇيا تەرەپكە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدۇق . شۇ چاغدا ما جوڭيىڭ ئەسكەرلىرىدىن توقسۇنلۇق ھېسامىدىن دېگەن ئادەم مىلتىقىنى كۆتۈرگەن پېتى بىز تەرەپكە قېچىپ ئۆتتى . بىز ئۇنىڭدىن ما جۇڭيىڭنىڭ ئۈرۈمچىدىن چېكىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن مەكىتتىن ئاقسۇ ئاۋاتقا قاراپ ماڭدۇق . تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېزىپ ، شاقۇر دېگەن يەرگە كەلگەندە كەچ بولۇپ كەتتى . شۇ يەردە قونماقچى بولۇپ خاتىرجەم ياتساق ، يېرىم كېچە بولغاندا دۈشمەن قوشۇنى ئۈرۈمچىدىن كېلىۋاتقان قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ بىزگە ئۇشتۇمتۇت ئوت ئاچتى .ئۇلار بىزنىڭ تۆگىلەرگە ئارتقان 1600 سەر ئالتۇن ، ئون ساندۇق ئوق ، 30 نەچچە تال ئۇزۇن قىسقا كونا مىلتىقلىرىمىزنى بۇلاپ كەتتى . بىز دەرھال ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسىگە قاراپ يول ئالدۇق .
yol
دەرىجىسى: كۇلۇب باشلىقى
UIDنومۇرى: 1760
جەۋھەر يازمىسى: 4
يوللىغان يازمىسى: 316
شۆھرىتى: 1230 نومۇر
پۇلى: 3020 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 231(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-20 22:48
8 . خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولۇشى

خوجىنىياز ھاجى پىدائىيلارنى باشلاپ مەكىتتىن ئاقسۇ ئاۋاتقا كېلىشى بىلەن تەڭ ، ما جۇڭيىڭنى ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا قوغلاپ كېلىۋاتقان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ، شېڭشىسەينىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرى ۋە بىكتيۋ باشچىلىقىدىكى ئاق ئورۇس ( گۈيخۇاجۈن ) ئەسكەرلىرىمۇ ئاقسۇغا كەلدى .

ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا كەلگەن بارلىق ئەسكەرلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭغا باش مەسلىھەتچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن گېنېرال مالىكوۋ ( تاتار ) قوماندانلىق قىلاتتى . ئۇ ، ئاقسۇغا كېلىپلا ، خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭنى ئاۋاتتىن ئاقسۇغا چاقىرتتى . بۇ ئىككىيلەن پىدائىيلىرىنى ئاۋاتتا قالدۇرۇپ ، مۇھاپىزەتىچىلىرى بىلەنلا ئاقسۇغا بېرىپ گېنېرال مالىكوۋ ۋە باشقىلار بىلەن كۆرۈشتى . ئۇلار خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولدى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرى بۇ مېھمانلارنى كۈندە دېگۈدەك باغلارغا چاقىرىپ بەس – بەس بىلەن مېھمان قىلدى .

گېنېرال مالىكوۋ خوجىنىياز ھاجىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئۇۈرۈمچىگە تېزراق بېرىپ خىزمەتكە چۈشۈشى لازىملىقىنى ؛ مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ھەربىي قىسىملار بىلەن بىللە ما جۇڭيىڭنى قوغلاپ قەشقەرگىچە بېرىپ ، ئۇنى ئۈزۈل – كېسىل تار – مار قىلىشقا ئاتلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى . خوجىنىياز ھاجى بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن « مەن قول ئاستىمدىكى لەشكەر باشلىقلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي » دەپ قايتىپ چىقىپ ، ئاۋاتتا قالغان تۈەنجاڭدىن يۇقۇرى ئەسكەر باشلىقلىرىنى دەرھال ئاقسۇغا چاقىرتىپ ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىش – بارماسلىقىنى مەسلىھەتلەشتى . لۈيجاڭ ، تۈەنجاڭلارنىڭ بەزىلىرى : ھاجىمنىڭ مەرتىۋىسى ئۆسۈپتۇ . ئۈرۈمچىگە بارسا قانداق ؟ ھاجى ئاكام ئۈرۈمچىگە بارسا ، يالغۇز بارمايدۇ ، ئەلۋەتتە بىر قانچە ئون ئەسكەر بىلەن بىللە بارىدۇ . بىز مەھمۇت سىجاڭ بىلەن جەنۇبتا تۇرساقمۇ ، يەنىلا ھاجى ئاكامنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىمىز ، - دېسە ، بەزىلىرى : ھاجى ئاكام ئۈرۈمچىگە بارسا بولمايدۇ . بىز ئۆتكەندىكى ساۋاقنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك . ئۆتكەندە ئۆلكە باشلىقى ياڭزىڭشىن قۇمۇل خەلقىنىڭ سەردارى تۆمۈر خەلىپىگە يىڭجاڭلىق مەنسىپىنى بېرىپ « ئۆتكەن ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلمايمىز . ئۈرۈمچىگە كەلسۇن » دەپ تۆمۈر خەلىپىنى بىر نەچچە يۈز ئەسكىرى بىلەن قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىپ ، ئاخىردا ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكەن ، بۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك ، دېدى . يەنە بەزىلەر : شېڭ شىسەي بىز بىلەن فۇكاڭدا تۈزگەن كېلىشىم بويىچە ، ما جۇڭيىڭ تار - مار قىلىنغاندىن كېيىن شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا كەلمەيدىغان بولغان . بۇ گەپنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتىمۇ ياكى ما جۇڭيىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا قاچقانلىقى ئۈچۈنلا شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرى بىلەن ئورۇس ئەسكەرلىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىۋاتامدۇ ؟ ما جۇڭيىڭ بۇ يەردە ئۈزۈل كېسىل تار – مار بولغاندىن كېيىن بۇ ئەسكەرلەر شىمالىي شىنجاڭغا قايتىپ كېتەمدۇ يوق ؟ دېيىشتى . ئارىدىن بىرسى : ئاق ئىت ، قارا ئىت ، ھەممىسى بىر ئىت . ياڭزىڭشىن بىلەن شېڭ شىسەينىڭ ھەر ئىككىسى ئوخشاش دېگەندە ، خوجىنىياز ھاجى بېشىنى لىڭشىتىپ ، بۇ سۆزگە مايىللىقىنى بىلدۈردى . ئەمما ، مەھمۇت سىجاڭ پىكىر بايان قىلماي ، جىم ئولتۇردى .گېنېرال بۇ مۇنازىرە ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ ، خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنى چاقىرتىپ ، ئۇلارغا شېڭ شىسەينىڭ خوجىنياز ھاجىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتى نامىدىن ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى ، باشقىلارغا بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلەشنى مەھمۇت سىجاڭغا ھاۋالە قىلغانلىقىنى ئېيتتى . كۆپچىلىك گېنېرالنىڭ ۋەدىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن : بىز تۇرپاندىكى ۋاقتىمىزدىلا ( 1933 – يىلى 4 – ئاي ) شېڭشىسەي ھاجىمغا خەت يېزىپ : « سىز ئۈرۈمچىگە كەلسىڭىز ، يۇرتنى بىللە باشقۇرساق » دېگەندى . قېنى ، دېگەن گېپىدە تۇرامدۇ يوق ، كۆرۈپ باقايلى . لېكىن ، مۇھاپىزەتچىلەرنى يېتەرلىك ئېلىۋېلىش كېرەك ، - دېيىشتى . شۇنداق قىلىپ ، ھامۇتخان لۈيجاڭ مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بولدى . بىز مەھمۇت سىجاڭ بىلەن ئاقسۇ ئاۋاتقا قايتتۇق .

خوجىنىياز ھاجى بىلەن مەھمۇت سىجاڭ گېنېرال مالىكوۋنىڭ چاقىرتىشى بىلەن ئاۋاتتىن ئاقسۇغا كەلگەندە ، گېنېرال مالىكوۋ ساۋۇت داموللىنى ئاقسۇغا ئەۋەتىپ بېرىشنى تاپىلىغانىكەن . « شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى » نىڭ باشلىقلىرىدىن بىر قانچىنى خوجىنىياز ھاجى يەكەندە قولغا ئېلىپ ، ئاقسۇغا ئېلىپ كېتىۋېتىپ شاقۇرغا كەلگەندە ، ما جۇڭيىڭ ئەسكەرلىرى بىزگە يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاچقا ، پاتىپاراقچىلىق ئىچىدە ساۋۇت داموللىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي قالغاندۇق . كېيىن ئۇلارنى ئاقسۇنىڭ قاراتال دېگەن يېرىدىن تېپىپ كېلىپ ، ئاۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىچىگە قاماپ قويغان . مەھمۇت سىجاڭ ئاۋاتتىن قەشقەرگە مېڭىش ئالدىدا ، ئاقسۇدىن ئالتە ئورۇس ئەسكەر ساۋۇت داموللىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى چاقىرتى ، ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۇنىڭغا : « ھەي مۇتتەھەم ، سەن نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ ، بىزنىڭ خەلقىمىز ساڭا ئوخشاش موللىلارنىڭ كاساپىتىدىن مۇشۇ كۈنگە قېلىۋاتىدۇ » دېدى – دە ، « بۇن ئەپچىقىڭلار » دەپ بۇيرۇدى . ئىككى ئەسكەر كىرىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى . شۇ چاغدا مەن مەھمۇت سىجاڭنىڭ يېنىدا ئىدىم . ئالتە نەپەر ئورۇس ئەسكەر شۇ كۈنى ساۋۇت داموللا بىلەن زىرىپ قارى ھاجىنى ھارۋىغا سېلىپ ، ئاقسۇغا ئېلىپ ماڭدى . كېيىنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، گېنېرال مالىكوۋ ساۋۇت داموللىنى ئۈرۈمچىگە ئەكەلگەندىن كېيىن 2 – تۈرمىگە قامىغان .

1941 – يىلى مەن ئۈرۈمچى 4 – تۈرمىدە ئابلىز مەخسۇم دېگەن كىشى بىلەن بىر ئۆيدە ياتقاندىم . ئۇ كىشىنىڭ ئېيتپ بېرىشىچە ، 1936 – يىلى ( ئۇ كىشى تېخى تۈرمىگە كىرمىگەن چاغدا ) ساۋۇت داموللا بۇ كىشىگە بىرسىدىن « مەھمۇت سىجاڭ ئۆز ۋاقتىدا ماڭا قاتتىق گەپ قىلىپ قوپاللىق قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ھازىر بىردىنبىر ئۈمىد مەھمۇت سىجاڭدا قالدى . مېنىڭ تۈرمىدىن چىقىشىمغا مەھمۇت سىجاڭ ياردەم قىلغان بولسا ، مېنىڭ مۇشۇ ئۈمىدىمنى مەھمۇت سىجاڭغا يەتكۈزۈپ قويسىڭىز » دەپ ئېيتىپ بەرگەن ئىكەن . ئابلىز مەخسۇمنىڭ سۆزلىرىدىن قارىغاندا ، ساۋۇت داموللىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى تۈرمىدە ئۆتكەن . ئۇنى ئاخىرى شېڭ شىسەي ئۆلتۈرىۋەتكەن .

9 . قەشقەرگە بارغاندىن كېيىنكى پائالىيىتىم

مەھمۇت سىجاڭ ساۋۇت داموللىنى گېنېرال مالىكوۋقا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ، قەشقەرگە قاراپ يۈرۈش قىلدى . ئۇ كىشى قەشقەرگە مېڭىش ئالدىدا ، مەن ( مەھمۇت سىجاڭغا بىۋاستە قاراشلىق قوغداش ليەنىنىڭ ليەنجاڭى ) ، ئەبەيدۇللا رەۋەيدۇللايوۋ ( مەزكۇر ليەننىڭ پەيجاڭى ) ، فۇگۈەنلەردىن : ئەيسا نىياز ، باۋۇدۇن يۈسۈپ ، ئابدۇللا ھوشۇرۇپ ، ئىسمايىل ھېپىزۇللايوپلار بىلەن بىرلىشىپ مەھمۇت سىجاڭغا « سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇپ كەلسەك » دەپ ئىلتىماس يازدۇق . مەھمۇت سىجاڭ ئىلتىماسىمىزنى ماقۇل كۆرۈپ ، ئاقسۇ ۋالىيسى نىياز شەرىپىگە بىزنى ئۈچتۇرپان چېگرىسى ئارقىلىق سوۋېتكە ئوقۇشقا ئەۋەتىپ بېرىشنى تاپىلاپ خەت يېزىپ بەردى . مەن قول ئاستىمدىكى ئەسكەرلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئالتە كىشى بىرلىكتە ئاۋاتتىن ئاقسۇغا كەلدۇق . مەھمۇت سىجاڭنىڭ خېتىنى ۋالىيغا بېرىپ ، سوۋېتتىن جاۋاپ كەلگىچە ئاقسۇدا ئوقۇپ تۇردۇق . بىر ئايدىن كېيىن ئاقسۇ ۋالىيسى بىزگە : سوۋېتتىن ئۈرۈمچى ئارقىلىق كەلسۇن » دەپتۇ ، - دېگەن جاۋابنى بەردى . بىز ئالتەيلەن ئۈرۈمچىگە ئاتلىق يولغا چىقتۇق . كۈچاغا كەلگەندە ، مەھمۇت مۇھىتىنىڭ سەنمۇجاڭى قۇربان سەئىدى ، تۈەنجاڭ ئەخمەت مەخسۇملار بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدۇق . ئۇلار بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئۇققاندىن كېيىن بىزگە : سىلەر ئۈرۈمچىگە بارساڭلار ئاتا – ئاناڭلار سىلەرنى ھەرگىز سوۋېتقا ئوقۇشقا ئەۋەتمەيدۇ ، ئوقۇيمىز دېگەن مەقسىدىڭلارغا يېتەلمەيسىلەر . بىز بىلەن قەشقەرگە قايتىڭلار ، بىز سىلەرنى شۇ يەردىن سوۋېتكە ئوقۇشقا ئەۋەتىپ بېرەيلى – دەپ ، بىزنى يولىمىزدىن قايتۇرۇپ ، قەشقەرگە بىللە ئېلىپ ماڭدى .

بىز مارالبېشىغا بارساق ، سوۋېت قىزىل ئارمىيسى بىلەن ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى قەشقەرگە ماڭماي مارالبېشىدا تۇرۇپ قاپتۇ ؛ مەھمۇت سىجاڭنىڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى خەنزۇ ئەسكەرلەر بىلەن بىللە قەشقەرگە كېتىپتۇ . بۇنىڭ سەۋەبى : قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە كونسۇلى روس ئەسكەرلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ،شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىگە : قەشقەرگە خەنزۇ ، ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى كىرسە گېپىمىز يوق . ئەگەر بۈگۈن روس ئەسكەرلىرى كىرسە ، ئەتە ھىندى ئەسكەرلىرى كىرىدۇ ، - دەپ ئۇلتىماتىم تاپشۇرغانكەن . شۇڭا ، روس ئەسكەرلىرى مارالبېشىدا توختاپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق . مارالبېشىدا قۇربان سەئىدى ماڭا : قولۇڭغا بىر تاغار ئال . يۈر ، - دېگىنىچە مېنى كەينىگە سېلىپ ئۇدۇل روس ئەسكەرلىرىنىڭ شىتابىغا باردى . پوستتىكىلەر ئىچكىرىدىن « كىرسۇن » دېگەن رۇخسەتنى ئالغاندىن كېيىن ، بىز ئىچكىرىگە كىردۇق . گېنېرال مالىكوۋ بىرنىمىلەرنى دەپ بىزنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى . قۇربان سەئىدى ئولتۇرا – ئولتۇرمايلا : گېنېرال ، بىز ئەتە قەشقەرگە باراتتۇق ، ئەسكەرلىرىمىز تەمىناتتىن قىينىلىپ قالدى . ئۈرۈمچىگە خەۋەر قىلساق ،ھازىرغىچە پۇل كەلمەيۋاتىدۇ . بىزگە بىر ئاز پۇل تەستىقلاپ بەرگەن بولسىڭىز . يەنە بىر ئىلتىماسىم : سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۈچتۇرپان چېگرىسى ئارقىلىق بىزگە قورال ياردەم قىلغاندا ، مىلتىقلارنى بېرىپ ، پىلىموتلارنى « ئاتىدىغان ئادىمىڭلار بولمىغاندىكىن ھازىرچە چېگرىدا ئامانەت تۇرۇپ تۇرسۇن ،كېيىن ئېلىۋېلىڭلار » دېگەنىدى . شۇ پىلىموتلارنى ئالدۇرۇپ بەرسىڭىز ، - دېدى . گېنېرال ماقۇل بولغان ئىشارەت بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ ، يېنىدىكى كانۋويىغا بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىۋىدى ، كانۋويى ئىچكىرىكى ئۆيدىن بىر سىقىم شىنجاڭ پۇلىنى ئېلىپ چىقىپ بىزگە سۇندى ( پۇلنىڭ سانى ئېسىمدىن كۆرۈلۈپ قاپتۇ ) . قۇربان سەئىدى پۇل تاپشۇرىۋالغانلىقىغا قول قويۇپ بەردى .

قۇربان سەئىدى باشلىق بىز سەككىز كىشى مارالبېشىدىن قەشقەرگە باردۇق . مەھمۇت سىجاڭ قىسىملىرى ( 6 – ئاتلىق دىۋىزىيە دەپ ئاتىلاتتى ) قەشقەر يۇمىلاق شەھەرگە ، ليۇ بىڭ سىلىڭ قىسىملىرى قەشقەر يېڭىشەھەرگە ئورۇنلاشقانكەن . ما جۇڭيىڭ 100 گە يېقىن مۇھاپىزەتچىسى بىلەن ئەركەشتام ئارقىلىق سوۋېتكە چىقىپ كېتىپتۇ . ماخۇسەن ما جۇڭيىڭنىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قاغىلىق ناھىيىسىدىن تارتىپ خوتەنگىچە بولغان جايلارنى بېسىۋاپتۇ . 6 – دىۋىزىيە شتابىغا ئۈرۈمچى ئارقىلىق مەسلىھەتچى بولۇپ كەلگەن سوۋېت گېنېرالى رىبالكا ، رادىست مۇرتازا ( تاتار ) ، ئەيسا يۇنۇسۇۋ ( تاتار ) لار مەھمۇت سىجاڭ بىلەن بىللە تۇرىدىكەن . ئۇلار پىدائىيلارنى ھەربىي تۈزۈم بويىچە رەتكە سېلىش ، قېرىلارغا رۇخسەت بېرىپ ياشلاردىن ئەسكەر ئېلىش ،پىدائىيلارنىڭ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان كىيگەن پۇقراچە كىيىملىرىنى ھەبىچە كىيىمگە ئالماشتۇرۇش ، ھەربىي مەشق ، قىلدۇرۇش ، ئوفىتسېرلارغا دەرس ئۆتۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىۋېتىپتۇ . مەھمۇت سىجاڭنىڭ قەشقەرگە بارغان پىدائىيلىرىنىڭ سانى جەمئىي 3000 ئاتلىق بولۇپ ، ئۇلاردا 2700 تال مىلتىق ، 16 دانە پىلىموت بار ئىدى . گېنېرال رىبالكا تۆت پولك ۋە دىۋىزىيە شتابىغا بىۋاستە قارايدىغان پىلىموت ئەترىتى ( مەھمۇت سىجاڭنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان 30 كىشىلىك ئەترەت ) گە ئايرىپ تەشكىللەپتۇ .

بىز قەشقەرگە بېرىشىمىز بىلەنلا گېنېرال رىبالكا مېنى پىلىموت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆتەيسەن دەپ بەلگىلەپ قويدى . قالغان بەش كىشىنى ئوقۇشقا بېرىشقا رۇخسەت قىپتۇ . مەن گېنېرال رىبالكا بىلەن مەھمۇت سىجاڭغا : مەن مۇشۇ بەش كىشى بىلەن بىللە ئوقۇمىسام ، سوۋېتكە ئوقۇشقا چىقىشتىن قېپقالىمەن ، - دېسەم ، ئۇلار سوۋېتكە كېلەر قېتىم ئوقۇشقا چىقىرىشتا سېنى بىللە ئويلىشىپ كۆرىمىز ، - دېدى . شۇ كۈندىن باشلاپ مەن مايور دەرىجىلىك پىلىموت ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئىشلىدىم .

1935 – يىلى كۈزدە ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا شىنجاڭدىن ئىككىنچى قېتىم ئوقۇغۇچى چىقىرىشتا مەھمۇت سىجاڭ  شېڭ شىسەيگە قەشقەردىن 12 ئوقۇغۇچى چىقىرىشنى تەستىقلاتتى . ئۇلار : سەيپىدىن ئەزىزى ، سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ، ئابدۇقادىر ھەسەنوپ ، ئەيسا نىياز ، ئەبەيدۇللا رەۋەيدۇللايوپ ، ، ئابدۇللا ھوشۇرۇپ ، ئىسمايىل ھىبزۇللايوپ ، مۇھەممەت خۇسەينوپ ، ئابدۇقادىر توختاروپ ( قىرغىز ) تۇرغان غوجامبايوپ ( قىرغىز ) ، قېييۇم ئارىز ھاجىيوپ ، مەن ( ئابلىمىت مەخسۇتوپ ) لاردىن ئىبارەت . بىز شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن ئەركەشتام ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت شەھىرىگە ئوقۇشقا كەتتۇق .

ئاخىرقى سۆز

مۇندىن 60 يىل ئىلگىرى شىنجاڭ خەلقىنىڭ جۈملىدىن قۇمۇل ، تۇرپان خەلقىنىڭ ئىستىبدات ھاكىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭلىرىغا قاتنىشىپ ، خوجىنىياز ھاجى ، مەھمۇت مۇھىتى بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇرۇشلاردا بولدۇم . بۇ جەرياندىكى كەچۈرمىشلىرىمنى ئەسلىمە قىلىپ يېزىپ چىققاندىن كېيىن ، ئەينى ۋاقىتتا بىللە بولغان ۋە بۇ ۋەقەلەرنى بىلىدىغان يولداشلاردىن سەيدۇللا سەيپۇللايوپ ، باۋۇدۇن يۈسۈپ ، ئوسمان قارى ھاجىلاردىن پىكىر ئالدىم . بولۇپمۇ يولداش سەيپۇللايوپ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بەردى . بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يولداشلارغا رەھمەت . ئېيتىمەن .

بۇ ئەسلىمە شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولۇپ قالار ، دېگەن ئۈمىدتىمەن . بۇ ئەسلىمىنىڭ تولۇق بولمىغان ۋە ياكى خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرى بولسا كىتابخانلارنىڭ تۈزىتىش بېرىشىنى سەمىمى ئۆتۈنىمەن .

مەنبە : شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى 38 – سان .

شىنجاڭ خەلق نەشرياتى 1993 – يىلى 12 – ئاي 1 – نەشرى
ئەركەم تورى
دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇرى: 1785
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 117
شۆھرىتى: 324 نومۇر
پۇلى: 1150 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2008-04-12
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-03-11
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-11-23 23:15
رەھمەتلىك دادام ئەينى ۋاقىتتا پىچاندا ئاتلىق پولىكنىڭ كوماندىرى بولغان ئىكەندۇق. تېمىڭىز ئۈچۈن رەخمەت.
دەرىجىسى: لەشكەر
UIDنومۇرى: 1112
جەۋھەر يازمىسى: 0
يوللىغان يازمىسى: 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-15
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2008-11-08
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-19 17:24

 Re:1931 – 1934 – يىللىرى شىنجاڭدا بولغان خەلق    قوزغىلاڭلىرىدىن قىسقىچە ئەسلىمە

رەخمەت سىزگە! ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز.
دەرىجىسى: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
UIDنومۇرى: 1168
جەۋھەر يازمىسى: 2
يوللىغان يازمىسى: 557
شۆھرىتى: 908 نومۇر
پۇلى: 5415 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى: 286(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2009-02-21
14-قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2007-12-30 02:55
بۇنى ناھايىتى قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ  چىقتىم، ئىچىم گەرچە ئاچچىققا تولۇپ كەتسىمۇ.
yol
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

ئاخىرىدا ھەربىر كۈنىڭىزنىڭ خۇشاللىق تىلەيمىز !