بۇ بەتتىكى يازما : تۇران تىل سىستېمىسى ۋە ئۇيغۇر، قىپچاق تۈركىي تىل گۇرۇپپىلىرى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

iltebir
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 تۇران تىل سىستېمىسى ۋە ئۇيغۇر، قىپچاق تۈركىي تىل گۇرۇپپىلىرى

تۇران تىل سىستېمىسى ۋە ئۇيغۇر، قىپچاق تۈركىي تىل گۇرۇپپىلىرى


ئورال-ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى: فىن-ئۇگۇر (فىنلاندىيە تىلى، شەرقىي روسىيە فىن تىلى، ۋېنگىرىيە تىلى) تىللىرى« ساموئېد (غەربىي سىبىرىيە خەلقلىرى) تىللىرى: تۈركى (تۇران) تىلى: توڭغۇز (شەرقىي سىبىرىيە خەلقى، مانجۇ، داغۇر) تىللىرى، موڭغۇل تىلىدىن ئىبارەت بەش تارماق تىل سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە بەزى تىلشۇناسلار ئورال-ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنى تۈركىي تىللار، موڭغۇل تىلى، توڭغۇز-مانجۇ تىل تارماقلىرىغا بۆلىدۇ. ئۇلار ھازىرقى جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى بويىچە فىن-ئۇگۇر تىلىنى ياۋرۇپا تىلى سىستېمىسى سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنى فىنلاندىيە تىلى، لوپار تىلى، ئېسقون تىلى، ھۇنگار (ۋېنگىر) تىللىرىغا ئاجرىتىدۇ. ساموئېد تىللىرىن پارچە تىللار سۈپتىدە ئايرىم بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئورال-ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدا كۆپ تارماقلىرى ئاساسىي تىل تۈركىي تىل ئىكەنلىكى روشەن، تۈركىي تىل تارماق سىستېمىسىغا كىرىدىغان خەلقلەر ۋە تىللار، ئۇلارنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى، خۇسۇسىيىتى، قاتارلىقلار تۈركلوگلار-تىلشۇناسلارنىڭ تەتقىقات تېمىسى بولۇپ، بۇ يەردە چەتنەپ ئۆتىمىز.
تۈركىي تىلنى تىل سىستېمىلىرى شەكىللەنگەن دۇچ قۇراللىرى ياكى ئېنېلوئىت دەۋرىدە شەكىللەنگەن تىل دېيىش كېرەكمۇ ياكى تۈركىي خەلىقلەر شەكىللىنىش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن دېيىش كېرەكمۇ؟ بۇ مۇھاكىمە تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە.
شۇنى ئالدىن ئىزاھلاپ ئۆتۈش كېرەككى، تىل ۋە تىل سىستېمىسى مەسلىسى نوقۇل تىل ھادىسىسى ئەمەس، ئەلۋەتتە، تىل سىستېمىسى شەكىللىنىش ئانتروپولوگىيىلىك ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ ئىجىتمائىي ھايات تارىخىنى تايانچ قىلغان سەۋەبىياتلىق سەمەرىدىن ئىبارەت، ئەگەر بىز ھازىرقى تۈركىي تىل سىستېمىسىنى ئۇلاردىكى ئومۇملۇق ۋە ئايرىمىلىقلار بويىچە تۈرلەرگە بۆلۈنۈش، ئۇلارنىڭ فونتىكلىك، لىكسىكىلىق، مورفولوگىيىلىك، دىئاكتولوگىيىلىك ۋە باشقا گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تەرىپلەش بىلەنلا چەكلەنگىنىمىزدە تولىمۇ يۈزەكى بىر قاتلاملىق ئىلمىي خىزمەتتىن نېرىغا ئۆتمىگەن بولىمىز، مېنىڭچە، تۈركىي تىل مىلادىيدىن ئىلگىرىكى مىڭىنچى يىللار ئارىسىدا «شەكىللەنگەن» ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ بۇ ئىككىلەمچى ئانتوپولوگىيىلىك ئادىمىنىڭ تىلى سۈپىتىدە تەدرىجىي مەيدانغا كەلگەن دېيىشتىن كۆرە، بۇ تىلنى تۈركلەشكەن، ئېنىقراق ئېيتقاندا تۈركىي شەكىل ئالغان، تۈكىي خەلىقلەر بولۇپ قايتا تەشكىل تاپقان ئاندرونوپ-ئارىيانلار ئەۋلادلىرىنىڭ تىلىنىڭ ئۆزگەرگەن داۋامى دېيىش ھەقىقەتكە ئۇيغۇن، بۇ تۈركىي خەلىقلەرنىڭ جىسمانىي تۈزۈلۈشى، قان تىپىدە ئاسىيا ئاق جىنسلىرى دەپ ئاتالغان ئاندروپ- ئارىيانلار ئەۋلادلىرىنىڭ يەنىلا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەنلىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ھادىسە، «ۋىداس» (دانىش كىتابى) دەستۈرىگە كىرگەن. «رىگاۋىدا» جەڭنامە كىتابىدا ئاىيان قەبىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن پەنجىئاپ ۋادىسىغا كەلگەن جەريانى ۋە جەڭلىرى بايان قىلىنىدۇ. مۇشۇ باياندىلا «تاران» ئېقىن، «قاناۋىچ» (خان ئاغچى)، «پىتكا» (پۈتۈك، كىتاب)، «ئالىي» (مۆتىۋەر)، «داس» (پەس، تۆۋەن)، «گرامما» (گەمە، كەنت)، «جىنابىل» (يۇرت بېشى)، «يابغۇل» (يامغۇر)، «مۇلۇت» (بۇلۇت)، «ۋاز ئورگ» (ئۇلۇغ، بۈزۈك)، «پۇترا» (پەرزەنت، پۇشتى)، «نۇسخا» (پۇل)، ئاباسىن» (ئانا دەريا، ئانا ساي)، «سىرۇتى» (سوراپ بىلىش)، «ئاغى» (ئاغا، ئاكا)، «ئاگاينى» (ئاغا ئىنى، قېرىنداش)، «ئاگنى» (ئوت)، «ياجانا» (ئازنا، قۇربانلىق)، «ئوتتۇرا» (ئارىلىق جايلار)، «ئاتامان» (قەھرىمان)، «ئاناش» (بۇرنى پەس، پاناق)، «ۋىز» (بىز)، «ياۋانغ» (ياۋا، يات كىشىلەر)، «ئىشغارا» (ھىمايىچى)، «ئۇلتۇرخان» (ئۆلتۈرگۈچى خان، ئۇرۇشقۇچى خان) قاتارلىق سۆزلەر ئۇچرايدۇ. گەرچە ھازىرقى زامان تۈركىي تىل بىلەن قەدىمكى زامان پەنجىئاپ ئارىيانلىرىنىڭ لىكسىكىنى بىۋاستە سېلىشتۇرۇش ئۆلچەملىك سېلىشتۇرۇش قائىدىسىغا ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرگەنلەر تۈركىي تىلىنىڭ ئاسماندىن چۈشمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ تۈركىي خەلىقلەرنىڭ مۇڭغۇلوئىد تەسىرىگە ئۇچرىمىغان (ياكى ئاساسەن ئۇچرىمىغان) ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مەۋجۇت تىلى ئاساسىدا ئۆزگىرىپ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئورال-ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ھىند-ياۋرۇپا تىللىرى ئاندورۇپـ -ئارىيان، ئاندورۇپ-سىكفلارنىڭ غەربكە ۋە جەنۇبقا كۆچكەن بىر قىسىم جەڭگىۋار ۋە غالىپ قەبىلىلىرى تەسىرى تۈپەيلى بەزى ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. بۇ مۇھىمى گرامماتىكىلىق جەھەتتە گەۋدىلىكرەك. مىكگوۋېرن ۋە ۋ.شېمىدت بۇنى گىرامماتىكىلىق ئورتاقلىق جەھەتتە پەرەز قىلغانىدى. بىز بۇنى لىكسىكىلىق جەھەتتىمۇ پەرەز قىلىمىز.
ھۇن خانلىقى كۆپ قەبىلىدىن (تارىخىي مەنبەلەردە 24 قەبىلە دېيىلگەن) تەشكىل تاپقان ئىختىيارىي ھەم مەجبۇرىي سىياسىي بىرلەشمە ئىدى. ھۇن خانلىقى تەركىبىدىكى فىن-ئۇگۇرلىرى بىلەن سامويېدلار تۇران رايۇنىدىن قاچان يىراقلاپ كەتكەنلىگى دېگەندەك ئېنىق ئەمەس. توڭغۇزلار ھۇن خانلىغىغا كېيىنچە قوشۇۋېلىنغان بولسىمۇ گەۋدىلىك ئورۇن تۇتمىغان. ھۇن خانلىقىدىكى ئاساسىي خەلق يەنىلا تۈركلەر، جۈملىدىن كېيىنچە قوشۇۋېلىنغان بولسىمۇ گەۋدىلىك ئورۇن تۇتمىغان. ھۇن خانلىغىدىكى ئاساسىي خەلق يەنىلا تۈركلەر، جۈملىدىن كېيىنچە مۇڭغۇل خەلقىنىڭ ئاساسىنى تەشلىك قىلغان «ئورمان قەبىلىلىرى» بىلەن «يايلاق قەبىلىلىرى» (ب.يا.ۋىلادېمرىزوف) ئىدى. ئۇنداقتا بۇلاردىن باشقا يەنە «ھۇن» ناملىق ئېتنىك خەلق بولغانمۇ؟ «ھۇن تىلى» دەپ ئاتالغان ئايرىم بىر مىللىي تىل بولغانمۇ؟ تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرسەتتىكى ھۇن نامى بىرەر ئېتنىك خەلقنىڭ خاس نامى بولمىغىنىدەك، بىرەر تىلىنىڭمۇ نامى بولمىغان.
ئۇنداقتا، ھۇن خانلىقىنىڭ ئاساسىي ئېتنىك گەۋدىسى تۈركىي قەبىلىلەرمىدى ياكى مۇڭغۇل خەلقنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان باشقا قەبىلىلەر (مۇڭغۇل تىلى قەبىلىلىرى)مىدى؟ بۇ مەسلىگە كۆپلىگەن ئەسەرلەر بېغىشلاندى. ئالىملار ئەڭ ئاخىرى «ھۇنلار» تۈكىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلىقلەر ئىدى. دېگەن خۇلاسىگە كېلىشتى. رېمۇستات، كلاپروتى، خاۋاننېس، فرانكې، رادلوف، ھىرتى، لائوفېر، پاركېر، پېللىئوت ۋە كرائۇسكىي قاتارلىق ئالىملار كۆپ يىللىق تەتقىقاتلىرى ئاساسىدا «ھۇنلار» تىل ۋە ئېنتىك جەھەتتىمۇ تۈركىي خەلىقلەرگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىرىمۇ ئوتتۇرا ۋ مەركىزي ئاسىيا ساكلىرى، سارماتىنلىرىنىڭ «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» تىپىگە، باشقىچە ئېيتقاندا «يايلاق مەدەنىيىتى» تىپىگە مەنسۇپ بولغان دېگەن خۇلاسىگە كېلىشتى. ما چاڭشۇ «شىمالىي دىلار ۋە ھۇنلار» ناملىق كىتابىدا: «نۆۋەتتە ھۇھنھ تىلىنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار ھۇن تىلىنىڭ ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، بىردەك تونۇپ يەتتى. بۇنىڭغا ھېچاقانداق گۇمان بولماسلىقى لازىم». ھۇن تىلى تۈرك تىلى ئاساسىغا قۇرۇلغان، «ھۇن تىلىنى تۈركىي تىل گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ دېيىش ياۋرۇپا ئالىملىرىدا ئۈستۈنلۈك ئالغان پىكىر ئېقىمىدىن ئىبارە» دەپ كۆرسىتىدۇ. جى. كلاپروتى «ھۇنلار كۆكتۈركلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى ھېسابلانغان تۈركلەردۇر» ناملىق ئەسىردە ئوتتۇرا ئەسىر كۆتۈرۈكلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولغان قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ھۇنلار بىلەن، فىن-ھۇنلارنى تۈركلەرنىڭ فىن-ئۇگۇر قسىمىغا باغلاپ ئىزاھلايدۇ، بېرنىشتام «ھۇن تارىخىنىڭ ئوچېرىكلىرى» ناملىق كىتابىدا: «ھۇنلاردا، ھۇن قەبىلە ئىتتىپاقىدا تۈركىي تىل ئۈستۈنلۈك مەۋقەسىدە ئىدى» (لېنىنگراد نەشرى، 55- بەت) دەپ كۆرسىتىدۇ.
پېللىئوت بولسا خەنزۇ ھەرپى بىلەن خاتىرلىنپ قالغان ھۇن ئاتالغۇلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ھۇنلار ياكى كەم دېگەندىمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمران قاتلىقى تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكەن، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن.
ھۇنلارنىڭ ئىشلەتكەن تىلىنى گراممقاتىكىلىق، لىكسىكولگىيىلىك جەھەتتە تەتقىق قىلىشىمۇ ھۇنلار ئىشلەتكەن تىلىنى مۇڭغۇل تىلىنڭ غەربىي تارمىقى بولغان قالماق تىلىغا باغلاش خاھىشىنىڭ (مەسلەن H. خوۋورد ۋە S.p پاللاسلار تەشەببۇس قىلغىنىدەك) ئاساسسىزلىقىنى كۆرسەتتى.
مېنىڭچە، ھۇنلار ئىشلەتكەن تىل قەدىمكى دىلار ۋەدىڭلىڭلار ئىشلەتكەن بىر خىل تۈركىي تىل بولۇپ، بۇ تىل ھۇن دۆلىتىنىڭ ئاساسىي تىلى بولغان. ھۇنلار ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى مۇڭغۇل نەسىللىك خەلىقلەرئوغان (؟ ) سىئانپىي (؟) قەبىلىلىرى ئۆز تىلىدا قالغان ۋە ئۆز تىلىغا تۈركىي ئىبارىلەرنى قوبۇل قىلغان. شەرقىي رۇسىيىدىكى چۇۋاش تىلىنى ئالىدىغان بولساق، بارتولد، پومېللىي قاتارلىقلار بۇ تىلنى ياۋرۇپاغا كۆچكەن ھۇنلار تىلىنىڭ بىۋاستە داۋامى دەپ ئىسپاتلىدى. بۇ تىل تۈركىي تىلىنىڭ قەدىمكى تىپىدىكى تىل بولۇپ چىقتى، فېھىر گومبۇكىز قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى بۇلغار ۋە ھازار تىلىمۇ چۇۋاش-ھۇن تىلىغا يېقىن ئۆلچەملىك تۈركىي تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو يىلنامىلىرىدە ئىزچىل قەيت قىلىنىشىچە، خەن-ۋېي سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى دىڭلىڭلار شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە «تېلى» (؟) ۋە گاۋچې (ئېگىز ھارۋىلىقلار) دەپ ئاتالغان. سۈي-تاڭ دەۋرىدە ئۇلار خۇيخۇ (ئۇيغۇر) دەپ ئاتالغان. سۈي-تاڭ دەۋرىدە ئۇلار خۇيخۇ (ئۇيغۇر) دەپ ئاتالدى. «ۋېينامە، ئېگىز ھارىۋىلىقلار شەجەرىسى»دە ئۇلارنىڭ «تىلى ھۇنلارنىڭكىگە ئوخشاش، بەزىدە ئازراق پەرقى بار» دەپ ئىزاھلانغان. ھۇنلار غەربكە كۆچكەندە كۇچانىڭ شىمالىدا قېپقالغان بىر قىسىم ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى مىلادىينىڭ VI~ V ئەسەرلىرىدە «يۇرت ئىلى» (؟) ناملىق شەھەر مەملىكىتى قۇرغانىدى. «يۇرپان» - ئاق قەلئە مەنىسىنى بېرەتتى. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى (؟)، ئېگىز ھارۋىلىقلار شەجەرىسى»دە: «بۇ مەملىكەتنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە تىلى ئېگىز ھارۋىلىقلار بىلەن ئوخشاش» دەپ ئۇچۇر بېرىلگەن.
ئەمدى ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلارغا مۇراجىئەت قىلايلى.
كوزلوف 1926- يىلى شىمالىي مۇڭغۇلىيەدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قەدىمكى ھۇن قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ قەبرىسدىن چىققان زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ۋە سەنئەتلىك نەقشى نۇسخىلىرى بىلەن قازاقىستاننىڭ تۈركىستان رايونى ۋە جەنۇبىي روسىيە-كاۋكاز قەدىمكى مەدەنىيىتىنى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇلاردىكى ئوخشاشلىقلارنى ۋە ھەتتا ئېلىنىزىم تەسىردىكى بۇيۇملارنىڭ شىمالىي مۇڭغۇلىيىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇجەي (؟) ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە، شىمالىي مۇڭغۇلىيىدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلىرى ھۇنلارغا خاس ھېچقانداق ۇچ ۋە نېئولىت دەۋرى مەدەنىيىتى بولمىغانلىقىنى، مۇنداق ئىپتىدائى مەدەنىيەت ئاندورۇپ-دىڭلىڭلارغا تەئەللۇق بولغانلىقىنى، بۇنىڭدا مۇڭغولوئىد ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، تۆمۈر ئىختىراسىدىن كېيىنكى ھۇن مەدەنىيتىنىڭ ئارىلاشما خاراكتېرىدە مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ھۇن تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئاندورۇپ-دىڭلىڭلار تارىخىدا ۋارسىلىق قىلىش نەتىجىسىدە باشلانغانلىقىدىن دالالەت بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئاندرونوپ ۋە تۇران قەدىمكى قەبرىلىرى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، دىڭلىڭلاردا ئەركەكلەر چېچىنى چۈشۈرۈۋېتەتتى، ئايال-قىزلار قۇلاقلىرىنى تېشىپ ھالقا-سۆكە تاقىشاتتى. ۋە چاچلىرىنى سىكىلەك قالدۇرۇپ ئۇزۇن ئۆرۈۋالاتتى. بۇ ئادەت ھۇن ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە ئومۇمىيۈزلۈك داۋام قىلدى. مىلادىيدىن كېيىنكى XVII ئەسىرگە يەتكەندە مانجۇلار بۇ ئادەتنى قوبۇل قىلدى.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن شۇ نەرسە روشەنلەشتىكى، ئورال-.ئالتاي تىل سىستېمىسىدىكى ئاساسلىق تىل گۇرۇپپىسى بولغان تۈركىي تىل ئەڭ قەدىمكى ئارىيان-دىڭلىڭلار تىلىنى ئۇل قىلىپ راۋاجلىنىپ شەكىللەنگەن. بۇ قەدىمكى تىل تۈركى تىلغا ئاساس سېلىش بىلەن بىللە ھىند-ياۋرۇپا تىللىرىدىكى بەزىبىر تىللارغا تەسىر كۆرسەتكەن ياكى مۇھىم بىر مەنبە بولغان. ئاۋايىپ، مىلىر، كاراكوف قاتارلىقلارنىڭ پەرىزىچە، شەرقىي ئىران تىلى دەپ ئاتىلىۋاتقان تىل يەرلىك كونا ئىران قەبىلىلىرىنىڭ تىلى بىلەن ئارىيان-ساك تىلىدىن ئىبارەت ئىككى مەنبە ئاساسىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن يەنە شۇ نەرسە روشەنكى، ھۇن خانلىقى تېررىتورىيسىدە تۈرك تىلى، موڭغۇل تىپىدىكى خەلقلەر تىللىرىدىن باشقا مۇستەقىل ھۇن تىلى گۇرۇپپىسى بولغان ئەمەس. ھۇنلار ئىشلەتكەن تىل ئەڭ قەدىمكى دىلار ۋە دىڭلىڭلار تىل ئۇلى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى، كۆكتۈرك خانلىقىدىن ئىلگىرى تۈركىي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتكەن.
شۇنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، مىلادىيىدىن كېيىن تارىخ سەھىپىلىرىگە كىرىپ كەلگەن ئاق ھۇنلار (ئېفتالىتلار)-پامىرىمونلىرى شۈبھىسىز تۈركىي خەلىقلەر ئىدى. ئۇلا ركېيىنچە شەرقىي ئىران خەلىقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىچە، ئاق ھۇنلار موڭغۇل دالىلىرىدىن ئەمەس، جۇڭغار دالاسى ۋە يەتتە سۇدىن كەلگەن، موڭغۇلوئىد (سېرىق) تەسىرگە ئۇچراش دەرىجىسى ئازراق بولغان خەلىقلەر ئىدى. يەتتەسۇ، فەرغانە (كەڭگوردىكى) ئەتراپىدا گورىلوف تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان، خارەزم (قۇياياز، شەھىت ئەسەردىكى) رايۇنىدا مىلادىيە IV~V ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان ئاق ھۇن قەبىلىرى خۇددى «لياڭنامە»دە زىكىر قىلىنغان ئادەت-قائىدىلەر بويىچە دەپنە قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى. بەزى تارىخچىلار كورلا يېنىدىكى «كۆنچى دەرياسى»نى، ھۇن (كۆن) ئاقساقاللىرىنىڭ نامىغا، قۇياشقا سېغىنىشقا ۋە ھەتتا قەدىمكى «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىكى ئوغۇزخاننىڭ چوڭ كۈن خان نامىغا، ئاق ھۇنلارنى بولسا «ئاخۇن» نامىغا باغلاپ ئىزاھلىشىدۇ.
تۈركىي تىللار ئائىلىسى تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى قىپچاق تىللىرى گۇرۇپپىسى بىلەن ئۇيغۇر (ئوغۇز) تىللىرى گۇرۇپپىسىغا بۆلىنىدۇ.
قىپچاق قەبىلىلىرى قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى III ئەسىردە ھۇن قوشۇنىنىڭ باتۇر (مەتە، ؟) تەڭرىقۇت باشچىلىقىدىكى جەنۇبىي يۈرۈشلىرىدە دىڭلىڭ، جەنكۇن (قىرغىز)لار بىلەن بىللە چىنسا (؟) قەبىلىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغانىدى، بېرنىشتام قاتارلىقلارنىڭ پىكىرىچە چىنسا–قعىحاٿقەبىلىلىرىنىڭ قەدىمكى نامى بولغان. بىز قەدىمكى مەنبەلەردە قىپچاقلارنىڭ ناملىرىنىڭ كۆپىنچە قىرغىز، باسمىل، ئوسكاك، سىرغۇچلار بىلەن بىللە يېزىلغانلىقىنى كۆرىمىز. تارىخچىلار ئانتوروپولوگىيىلىك مەلۇماتلار ئاساسىدا ئالتاي تۈركلىرىنى شىمالىي ئالتاي ۋە جەنۇبىي ئالتاي تارماقلىرىغا بۆلىدۇ، ھازىرقى زامان جەنۇبىي ئالتاي تۈركلىرى: چۇي ۋە ئارغۇت دەريالىرى ئېقىنىدىكى تىلېكتىللار (چۇي كرېلىرى)، باش كاۋوس ۋە ئولاگان دەريالىرى ساھىلىدىكى تېلسلار (ئولاگان كرېلىرى)، چىرىك دەرياسى بويىدىكى تېلىۋۇتلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، قىپچاق تىلى گۇرۇپپىسى تەركىبى بويىچە قازاقلار، قىرغىزلار، باشقىرتلار، تۈبورلار، بارابىن تاتارلىرى، قىسمەن (ئەمما دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى چۈشەنچىسىدىكى) ئەسلىدىكى ئۆز بېكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما، ئۆزبېك خان نامىنى قوبۇل قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆز بېك مىللىتىنى بۇ چۈشەنچىدىن پەرقلەندۈرۈش لازىم.
ھازىرقى زامان شىمالىي ئالتاي تۈركلەر، سۇرلار، كەركەنلەر، كوشتىنلار ۋە تۇبالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۇبالاردا شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئارىلاشمىچىلىقى خېلىلا روشەن، تىل گۇرۇپپىسى نۇقتىسىدىن ئالغاندا مانا مۇشۇ شىمالىي ئالتاي تۈركىي خەلىقلىرى تىللىرى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىل گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئانتروپولوگىيىلىك جەھەتتە ئۇلاردا مۇڭغۇلوئىد ئالامەتلىرى تولىمۇ سۇس. ئۇلار فىن-ئۇگۇر ۋە سامويىدلار بىلەن بىللە ئاسىياچە ئاق جىنس ئالامەتلىرى ئۈستۈن بولغان خەلىقلەردۇر. مېنىڭچە، قىپچاق قەبىلىلىرى ئەڭ دەسلەپ تۈركلەشكەن يايلاق قەبىلىلىرى ياكى مۇڭغۇلوئىد تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان تۈركىي خەلىقلەر بولۇپ، ئۇلار دىڭلىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇر-ئوغۇز تىل گۇرۇپپىسىدىكى خەلىقلەرگە بۇ تەسىرىنى يەتكۈزۈش جەريانىغا قاتناشقان.
قىپچاق قەبىلىلىرى «قەننامە»نىڭ 94- جىلدى بىلەن «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىزىسى»نىڭ 30- جىلدىدا تىلغا ئېلىنىپ قالماستىن، ئورخون مەڭگۈ ئابىدىلىرىمۇ باشقا قەبىلىلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنغانىدى. قىپچاق قەبىلىلىرى قانداق شەكىللەنگەن. ئۇلار مەركىزىي ئاسىيادا ئەسلىدىن بارمىدى ياكى دەشتى قىپچاق دالىسىدىن بۇياققا كەلگەنمۇ دېگەن مەسلىلەرگە كەلگەندە بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن كونكرېت تارىخىي تېمىلار تېخى روشەن ئەمەس. شۇنداقمۇ قىپچاق قەبىلىلىرىنىڭ موڭغۇلوئىد تەسىرىگە يېقىن ياشىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. دەشتى قىپچاق قەبىلىلىرىگە كەلگەندە شۇنى ئېيتىش مۇمكىنكى، شىمالىي ئالتاي تۈركىي قەبىلىلىرى يەتتەسۇ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنلىرىغا سۈرۈلگەندە جەنۇبىي ئالتاي تۈركىي قەبىلىلىرى قىپچاق دالىسىغا (قەدىمكى ئوغۇز دالىسىغا) سۈرۈلگەنىدى.
لوبلوك (Loblok) مەيلى ئورخوندا ياكى جەنۇبىي ئالتايدا بولسۇن قىپچاق قەبىلىرىدە دەپنە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ بىر خىل قائىدە بويىچە ئورۇندالغانلىقىنى، قەبرە توپىسىغا ئۇدۇل قىلىنىپ ياغاچ قونچاق قادىلىپ، بىر دۆۋە توپا ئىچىدە شەرققە قاراپ ياتقۇزۇلغان جەسەتنىڭ قولىدا بىر تاۋاقنى تۇتۇپ ياتىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. لوبلوكنىڭ ئېيتىشىچە، قىپچاقلار بىردىن «قاپچاق» (قاپچىق) ئېسىۋالىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تېرىدىن ياسالغان قاپچۇققا بىر كىچىككىنە تاش ھەيكەل سېلىنغا. بۇ ئادەت كېيىنچە ئالتايدىكى باشقا ئوۋچى قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ كېڭەيگەن. شۇڭلاشقا كۆپلىگەن تارىخچىلار «قىچاق» دېگەن نام «قاپچۇق»، «قاپچىق»، «قاپچاق» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دەپ ھېسابلىشىدۇ. مۆلدوس ‹؟›لارنعؿرىۋايىتىگە قارىغاندا، قىپچاقلار ئۇرۇقداشلىق جامائەسىدە بىر قىز ئاغزىغا ئۈچ پارچە مۆلدۈرنى ئېلىشى بىلەن تەڭلا ھامىلدار بولۇپ مۆلدۈسلارنىڭ ئاتا-بوۋىسىنى تۇغقانمىش، ماركوپولونىڭ «ساياھەتنامە»سىدە يېزىلىشىچە، قىپچاقلاردا ناتىگەي (؟؟؟) ئىسىملىك ئىلاھ بولغان. ھەربىر تۈتۈندە بىردىن ناتىگەي نامىغا ياسالغان قونچاقلار ساقلانغان. ناتىگەينىڭ بىر خوتۇنى ۋە بىر قانچە ئوغۇللىرى بولغان. قىپچاقلار تاماق يېگەندە بىر پارچە گۆشنى ئېلىپ بۇ قونچاقلارنىڭ ئاغزىغا سۈركەپ قويۇشنى ئۇدۇم قىلغان. تىلكت قەبىلىسىدىمۇ كېگىزدىن ياسالغان مۇشۇنداق قونچاقلار بولغان. VIII- ئەسىردە قىپچاق يايلاقلىرىغا كەلگەن غەربىي ياۋروپا ساياھەتچىسى لوتانىن مۇشۇنداق ناتىگەي قونچاقلىرىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە «ئەمىدگىل» (ئاتا-بوۋىلار) ناملىق باشقا ئاتىلىشىنىڭىمۇ بارلىقىنى يازغان. XI- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئەرەب جۇغراپىيىچىسى ئىبن خەلدات بىگانىڭ يېزىشىچە، بىر قىسىم قىپچاقلار كەمەك (؟؟؟) دەپ ئاتىلىدىكەن. گەردىزى VIII- ئەسىردىلا كەمەكلەرنى قىپچاقلارنىڭ غەربىي تارمىقى بولۇپ، قوي-كالا باقىدىغان، قىمىز ئىچىدىغان خەلق دەپ يازغان. «موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخى» دا كەرەي ۋە ئۇنىڭ غەربتىكى قوشنا قەبىلىسى بولغان قەدىمكى نايمانلار موڭغۇل قەبىلىلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان، «نايمانلار موڭغۇل قەبىلىلىرى ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىك بولغان... ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان» دەپ قەيت قىلىنغان. «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» ناملىق كىتابتا ئالتايغا كىرگەن نايمان قەبىلىلىرىنىڭ تۈركلەشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۈرك تىلىنى قوبۇل قىلىپ ئالتايغا يەرلىكلەشكەنلىك جەريانى تەپسىلىي سۆزلەنگەن. مەنبەلەردە بۇ بىر قىسىم موڭغۇللار تۇرمۇش جەھەتتە تۈركلەشتى، ئىلگىرى قوينى ياكى قورساقتىن يېرىپ، ياكى قان تومۇرىنى كېسىۋېتىپ ئۆلتۈرەتتى، كېيىن ئالتاي تۈركلىرى يوسۇنىدا قوي بوغۇزلايدىغان بولدى، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى ۋە ئوغۇزلارنىڭ غەربكە سۈرۈلۈشى بىلەن بۇ قىپچاقلاشقان خەلقلەر ئارال دېڭىزىدىن كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان ھازىرقى قازاقىستان دالىسىغا قەدىمكى ئوغۇز دالىسىغا يۆتكەلدى، دەپ كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوتتۇرا ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ چوڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ئۇيغۇر-ئوغۇز ۋە ھەرقايسى قىپچاق قەبىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى تەرەققىيات گەۋدىلىنىشكە باشلىدى. X-XV ئەسىرلەر ئارىسىدا تۈركىي خەلقلەر بىر پۈتۈن تۈرك مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىشكە كىرگەن بىر جەريان ئۆزىنى كۆرسەتكەنىدى. ئەمما چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشى بۇ جەرياننى توختاتتى، ئارقىدىنلا ئالتۇن ئوردا خانلىقى ۋە چاغاتاي ئۇلۇسلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەكىللىنىشى بۇ جەرياننى پارچە-پارچە ھاكىمىيەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. بۇ جەرياننىڭ تارىخىي ئاقىۋىتى نەتىجىسىدە موڭغۇلوئىد تەسىرىگە زور كۆلەمدە ئۇچرىغان ۋە يېڭى ئېتنىڭ ناملار بىلەن ئاتالغان بىر قاتار قېرىنداش تۈركى مىللەتلەر كېلىپ چىقتى. موڭغۇلوئىد تەسىرىگە ئەڭ كەم ئۇچرىغان خەلقلەرمۇ (مەسىلەن: قەشقەرىيە ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى) كېيىنچە جۇڭغارلارنىڭ بۇنداق تەسىرىدىن خالىي قالالىغان ئەمەس. موڭغۇل ۋە تاتار قەبىلىلىرى موڭغۇلوئىد تەسىرىنى يەرلىك تۈركىي خەلقلەرگە ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، ئاقىۋەت يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن تىل، مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك جەھەتتە ئۆزلەشتۈرۈۋېتىلدى ۋە ھەتتا ۋولگا-قىرىم بويىغا كەتكەن موڭغۇل-تاتارلىرى ئۆز يىلتىزىدىن پۈتۈنلەي باشقىچە بولغان ئېتنىك ئالامەتلەرگە ئىگە بولسى. بۇ رايونلاردا ئەينى زاماندا تۈركىي خەلقلەرنىڭ كۈچلۈك تەسىرى تۈپەيلى، ئۇلار يەنىلا تۈركىي ئالامەتلەردىن ھالقىپ كېتەلمىگەنىدى. XVI ئەسىردە ياشىغان ئەرەب تارىخچىسى جەلىل ئۆمەر ئالتۇن ئوردا خانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: قەدىمدە بۇ قىپچاقلار دۆلىتى ئىدى. تاتارلار بېسىپ كىرىپ قىپچاقلارنى بېقىندۇرۇۋالدى. كېيىنچە قىپچاقلار بىلەن تاتارلار ئۇرۇقلىشىپ، موڭغۇللارنىمۇ قىپچاقلاشتۇرۇۋەتتى، دەپ يازغان.
ئۇيغۇر-ئوغۇزلارنىڭ ئېتنىك گەۋدىسى ۋە تارىخىي قىسمەتلىرىگە باغلىق ھالدا تىل گۇرۇپپىسىمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ كەلدى. مېنىڭچە، ئۇيغۇر-ئوغۇز تىللىرى ئەڭ دەسلەپ تۈركلەشكەن ئاندرونوپ ئارىيان تىلىنىڭ بىر تارمىقى بولۇشى ئېھتىمال. ئاندۇرونوپ دىڭلىڭلىرى ئەۋلادلىرى سىماچيەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر» ناملىق كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان. بەن گۇنىڭ «خەننامە» ناملىق كىتابىنىڭ «سۇئۇ شەجەرىسى» قىسمىدا: «دىڭلىڭلار ھۇنلارنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز (بايقال كۆلىنى كۆرسىتىدۇ- ئاپتور) ساھىلىدا ياشايدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن، «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» نىڭ 30- جىلدىدا شىمالىي دىڭلىڭلاردىن باشقا يەنە يارىش يازىقى (جۇڭغارىيە) ۋە يەتتە سۇدا ياشىغۇچى دىڭلىڭلار توغرىسىدىمۇ بىر قەدەر ئېنىق جۇغراپىيىلىك مەلۇمات بېرىلگەن. «ۋېي خانلىقى تەزكىرىسى» (؟؟؟) «غەربىي بەدەۋىلەر شەجەرىسى» قىسمىدا كانگىيىنىڭ شىمالىدا، يەنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا دىڭلىڭلار بار، بۇ «غەربىي دىڭلىڭلار» دەپ يېزىلغان. چاۋاننېس (chavannes) دىڭلىڭلارنى شىمالىي دىڭلىڭلار ۋە غەربىي دىڭلىڭلار دەپ ئاتاش سۈنئىي بولۇپ، ئەسلىدە ئۇلار بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ كۆرسەتكەنىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگلىرى جەنۇبىي سىبىرىيىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپ ئۇگلا دەرياسىدىن يەنسەي دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىغىچە بولغان جايلاردا دىڭلىڭلار ياشىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدىكى «شىمالىي دىڭلىڭ» ۋە «غەربىي دىڭلىڭ» قەبىلە ناملىرى ئەسلىدىن بىر خەلقنىڭ نامىدىن ئىبارەت ئىدى. ئامېرىكا تارىخچىسى مىكگوۋېرننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېگىز ھارۋىلىقلار خۇيخېلار (؟؟؟) دەپ ئاتالغان خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بولغان دىڭلىڭلار «ھىند ياۋروپا تىلى» دا سۆزلىشىدىغان ئارىيانلاردىن ئىدى. ئۇلار كېيىن تۈركىي تۈس ئالغان. «خەننامە» نىڭ 94- جىلدىدا گۇاجۇ (؟؟؟ داش ئاتا) نىڭ غەربىي شىمالىدا خۇجيە (قوجۇ ئۇيغۇرلىرى)، ئۇسۇندىن ئىبارەت ئۈچ ئەلنى بېسىۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنىپ ئانچە ئۆتمىگەندىن كېيىنكى ئىش. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» نىڭ 98- جىلدىدا دىڭلىڭلار بىلەن خۇجيەلەرنىڭ بىر پۈتۈن خەلق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ ئېگىز ھارۋىلىقلار دەپ ئاتالدى. «يېڭى تاڭنامە» نىڭ 217- جىلدىدا گاۋجۈي گاۋگۇي (ئېگىز ھارۋىلىقلار)نىڭ VII ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ھازىرقى كۈندە ئۇسۇن قەبىلىلىرىنى ھۇنلار تەسىرىدىكى «ھىندى-ياۋروپا تىلى» دا سۆزلەشكۈچى خەلق ئىدى دېگۈچىلەر كۆپەيمەكتە. كىرائۇسي، چارپنېتىر قاتارلىقلار «خەننامە» دە ئۇسۇنلار «كۆك كۆز، قوڭۇر چاچ» ئىدى دېگەن مەلۇماتقا ئاساسلىنىپ، ئۇلارنى كاۋكاز تىپىدىكى ئاق جىنىس خەلق بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلىشماقتا. «خەتنامە، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە ئۇسۇنلار ئۇلۇغ ياۋچىلار بىلەن بىللە دۇنخۇاڭ (داش ئاتا) ئەتراپىدا ياشىغان دەپ يېزىلغان. شۇ كىتابنىڭ «ھۇنلار تەزكىرىسى» قىسمىدا ئۇرۇشقاق دۆلەتلەر دەۋرىدە ئۇسۇنلار گۇاجۇ (دۇنخۇاڭ) دا ياشىغان دەپ تەكىتلەنگەن. ئۇسۇنلارنىڭ بىر قىسمى كېيىنچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كانگىيە، ئوغۇز ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە سىڭىپ كەتتى. بىر قىسمى كاڭئەيسەن تاغلىرى بىلەن كىنتى تاغلىرى ئارىسىدىن، ئورخۇن ۋە تورا دەريالىرى ساھىلىدىن جەنۇبىي ئالتايغا يۆتكەلگەن كەرەي، نايمان ۋە باشقا قەبىلىلەر بىلەن قوشۇلۇپ ھازىرقى قازاق مىللىتىنىڭ ئېتنىك مەنبەلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.
ياۋچىلار «خەننامە»دە كۆرسىتىلگەن «ئورا كۆزلۈك، بومبا ساقاللىق، ئاق يۈزلۈك» غەربىي يۇرت تىپىدىكى خەلق ئىدى. بەزىلەر ياۋچى-توخارلارنى ئۇلارنىڭ «توخرى» دەپ ئاتىلىشىغا قاراپ «تۇغلى» ئىبارىسىگە ۋە ئۇنى دىڭلىڭ - «تۇغلۇق» ئىبارىسىگە باغلايدۇ. ياۋچىلارنىمۇ ئاندرونوپ ئارىيان تىپىدىكى خەلق دېگەن كۆز قاراش ھېلىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئىگە. كۇشان ئۇلۇغ ياۋچى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئالتۇن ئاقچىلىرىدا ئىپادىلەنگەن كۇشان خانلىرىنىڭ تۈسىگە قاراپ گاردنېر ۋە كېنېدىلار كۇشانلارنى «تۈرك قىياپەتلىك كاۋكاز تىپىدىكى خەلق» دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. لېكوك تۇرپان يارغۇل قەدىمكى شەھىرىدە ساقلىنىپ قالغان بۇددا تام رەسىملىرىگە قاراپ ئۇنىڭدا «كۆكۈش كۆزلۈك، ئاق يۈزلۈك» كىشىلەر تەسۋىرلەنگەن، دېگەنىدى.
بېرنىشتام ياۋچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئوغۇزلارنى بىر خەلق دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ تۈركمەنلەر ۋە قىرغىزلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ماقالىلىرىدە تۈركمەنلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى مەسىلىسىنى ئۇيغۇر-ئوغۇزلار بىر مىللىي ئېتنىك گەۋدە دېگەن قاراش ئاساسىدا ئىزاھلىغان. ئۇ كاۋكاز قەدىمكى قەبرىلىرىدىن تېپىلغان ھۇن ئادەم سۆڭىكىنىڭ تۈركمەنلەرگە يېقىنلىقىنى، ھۇنلاردا باش سۆڭەكنى كىچىكىدە زاكىلاپ ئۆزگەرتىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى، مۇنداق ئادىتى بولمىغان ئۇيغۇرلار كېيىنچە بۇ ئادەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بېرنىشتام تۈركمەنلەر ئوغۇزلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ياۋچىلار ۋە ساكلارغا باغلايدۇ. ئۇ تۈركمەن رىۋايەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېپوسى «ئوغۇزنامە» ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، جۈملىدىن «سۈينامە» 84- جىلددىكى ئوغۇزلارغا ئائىت خاتىرىلەر بىلەن VIII ئەسىردىكى توخارچە ھۆججەتلەرگە ئاساسلىنىپ، تۈركمەنلەرنىڭ كونا يۇرتلىرى ئىسسىقكۆل بويىدا بولغانلىقى، تۈركمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئورتاق ئىسىم ۋە ئورتاق خان ئوغۇزخان بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بېرنىشتام تۈركمەنلەرنىڭ بىۋاسىتە ئاتا-بوۋىسى تۈركلەشكەن ئۇيغۇر-ئوغۇزلار دېگەن پىكىرگە كېلىدۇ. بېرنىشتام ئوغۇزخان ئوبرازىنى باتۇر تەڭرىقۇت ۋاقتىدىمۇ مەۋجۇت بولغان قەدىمكى ئوبراز ئىدى، دەپ كۆرسەتسە، تولىستوف «ئوغۇز شەھەرلىرى» دېگەن ماقالىسىدە سىر دەريا بويىدا ئوغۇزلار ھۇن ياۋچىلار زامانلىرىدا (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى III - VI ئەسىرلەر) پەيدا بولغان دەپ كۆرسىتىدۇ.
شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئورخۇن يەنسەي ئابىدىلىرى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىل گۇرۇپپىسى لەھجىسىدە يېزىلغان. كۆكتۈرۈك خانلىرى ھەشەمەتلىك شەھەر-قەلئە مەدەنىيىتى مۇھىتىدا تۇرغان زامانلىرىدا ئۇيغۇر ئوغۇز تىلىنى خانلىق تىلى قىلغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار سەلتەنەت سۈرگەن ۋاقىتلاردىمۇ ئەھۋال مۇشۇنداق ئىدى. مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتتىت تۈرك» ناملىق تىل خەزىنە كىتابىنىمۇ ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئوغۇز تۈركمەن تىللىرىنى سېلىشتۇرۇپ يازغان. «ئوغۇزنامە»، «قۇتادغۇبىلىك»، «ئەتەبۇتۇل ھاقايىق» داستانلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىلى بويىچە، باشقىچە ئېيتقاندا ئۇيغۇر قارلۇق تىلى بويىچە يېزىلغان. بىز تەڭرىتاغلىرى ئېتىكىدىكى قەدىمكى قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر ئوغۇز قارلۇق ئېتنىك ناملىرىنىڭ بىردەكلىكىنى كۆرىمىز. پۈتكۈل چاغاتاي دەۋرى ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى تەرەققىياتىنىڭ بىر دەۋرىنى تەشكىل قىلدى. بۇ دەرۋردە ئالتۇن ئوردا تۈركىي ئەدەبىياتىدىمۇ «ئۇيغۇرىزىم» (سامايلوۋىچ سۆزى) ئۈستۈنلۈكنى ئالغان بولۇپ، مۇھەممەت خارەزمىنىڭ «مۇھەببەتنامە» داستانى، رابغوزىنىڭ «قىسسەسۇل ئەنبىيا» نەزمە-نەسرى ئەسىرى، ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «ھېكمەتنامە» ناملىق ئەسىرى ئۇنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. موڭغۇل خانلىرى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىغا ھېرىسمەن بولغانىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتى سۈپىتىدە بىر قىسىم موڭغۇل ئەۋلادلىرى تۈركلىشىپ كەتتى. تۈركلەشمىگەن موڭغۇللار تاكى كەڭ موڭغۇل يايلاقلىرىغىچە ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلىشتى.
تېلى بىلەن تۆلۆس ئىبارىسىنىڭ بىر ياكى بىر ئەمەسلىكى ھېلىمۇ ئېنىقلانمىغان بىر سىر. رادلوف ۋە يامسۇنلار ئۇنى بىر دېسە، بارتولد ۋە مىلۇرانسكي مۇنداق دېيىشتىن شۈبھىلىنىدغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ما چاڭشۇ «كۆكتۈركلەر ۋە كۆكتۈرك خانلىقى» ناملىق كىتابىدا: «دىڭلىڭ، سۇلى (؟؟؟)، ئېگىز ھارۋىلىقلار، تېلىلار دېگەن ناملار بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. «سۈينامە، پېيجۈ (؟؟؟) تەزكىرىسى» دا ئېگىز ھارۋىلىقلار دۆلىتى «تېلى دۆلىتى» دەپ ئېلىنغان. ئورخۇن ئابىدىلىرىدە «تېلېس» سۆزى ئىشلىتىلگەن.
ھازىرقى ئۆزبېك مىللىتىنىڭ ئېتنىك نامى موڭغۇل نەسەبىدىن بولغان ئۆزبېك خاننىڭ نەۋرىسى مۇھەممەت شەيبانخان باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قوراللىق دەشتى قىپچاق ئۆزبېكخان قوۋمىنىڭ ماۋەرائۇننەھر ۋە شىمالىي خوراساننى ئىستېلا قىلىشى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزبېك مىللىتىنىڭ ئېتنىك گەۋدىسى يەنىلا قىسمەن سوغدى توخار، ئاساسەن ئوغۇز تۈركىي خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تىلى ئۇيغۇر-ئوغۇز تىلى گۇرۇپپىسىغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېقىنلىقى روشەن. ئەگەر كېيىنكى زامانلاردا يەتتە سۇ ۋە قىپچاق دالاسىدىكى قىپچاق تىللىرى موڭغۇل ۋە ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ تەسىرىگە كۆپ قېتىم ئۇچرىغان بولسا، ئۆزبېكخان قىپچاقلىرى ئېتنىك جەھەتتە پۈتۈنلەي يەرلىك «كونا ئۆزبېك» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر ئوغۇز تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەرگە سىڭىپ كەتتى. دەرۋەقە، مۇستەقىل ئۆزبېك خانلىقى ۋە قازاق خانلىقىنىڭ شەكىللىنىشى، خۇددى ۋىلادىمىرزوف ئېيتقاندەك چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كېيىنكى ھادىسە بولدى.
شۇ نەرسىنى تەكىتلەش ھاجەتكى، قىپچاق ۋە ئۇيغۇر ئوغۇز تىللىرىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېتنىك گەۋدىسى ھېچقانداق ئەزەلىيلىككە ئىگە ئەمەس. ئۇ تارىخىي يوسۇندا ئۆزگىرىپ بارغان كۆپ قاتلاملىق ئۇزاق جەرياننىڭ مەھسۇلى. بۇ خەلقلەرنىڭ ئاساسىي ئورتاقلىقىنى، قىسمەن پەرقلىرىنى، مۇنداق ئورتاقلىق ۋە پەرقلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. مىللەتلەر تارىخى، بولۇپمۇ قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى ئۆزگەرمەس قېلىپتىن چىققان خىش بولماستىن، بەلكى ھەمىشە ئارىلىشىپ تۇرىدىغان كۆپ قاتلاملىق تارىخىي ئېقىندىن ئىبارەت.
Posted: 2007-11-19 23:39 | [ئاپتور]
iltebir
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

كونا مۇنبەردىكى kulbilge نىڭ ئىنكاسى

Quote:
1 - قەۋەتتىكى kulbilge 2007-8-2 1:31:54 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
تۇركلەر ئاندرونوۋۇ-ئارىيانلارنىڭ شەرقى ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن ئۇزاق مەزگىل ئارلىشىشى جەريانىدا شەكللەنگەن ئارغۇن خەلق دىگەن پەرەز مىنىڭچە توغرا ئەمەس. بۇ يەردە بىرقانچە توقۇناق بار:

1. قەدىمقى ئاندرونوۋۇ قەبىلىلىرى ئوتتورا ئاسىيا مىس مەدىنىيىتىنى ياراتقۇچىلار دەپ قارىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئارخىلوگىيەلىك تىپىلمىلىرى تېپىلغان جاي روسچە ئاندرونوۋۇ دەپ ئاتالغاچقا بۇ مەدىنىيەتمۇ شۇ نامدا ئاتىلىپ قالغان. ئوتتورا ئاسىيا ئاندرونوۋۇ مەدىنىيىتىنى م ب 3500-يىللىرىغىچە سۇرۇشكە بولىدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ ئورال تەرەپتىن كەلگەن ئېرقى جەھەتتىن قەدىمقى ياۋروپا ئېرقىدىكى(ئارىيانلارنىڭ ئېرقى تىپىدىن پەرقلىنىدۇ) خەلق ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما ھىندى-ياۋروپا تىلى سېستىمىسىدىكى ئارىيانلار بولسا م ب 2000-يىللىرى كىچىك ئاسىيا ئارقىلىق ئېرانغا ، م ب1500-يىللىرى ھىندىستانغا .م ب 1000-يىللىرى تارىمغا كىرگەن قەدىمقى ياۋروپا ئاھالىلىرى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرقى پارسلار،ئاق سۆڭەك ھىندىلار ۋە تاجىكلاردۇر.  قەدىمقى ئاندرونوۋۇ ئادەملىرى بىلەن ئارىيانلارنى بىر يەرگە قويۇپ تەھلىل قىلىش توغرا ئەمەس، گەرچە ئۇلار ھەر ئىككىسى ياۋروپا ئېرقى بولسىمۇ، ئەمما ئوخشىمىغان ئىككى تىپقا كىرىدۇ.  ئاندروۋۇلارنىڭ ئېرقى تىپى ئوتتورا ئاسىيا ماۋرەئۇننەھىر تىپىغىمۇ يېقىن كىلىدۇ، خەرىتىگە قاراپ باقىدىغان بولساق ئورال رايونىنىڭ ئوتتورا ئاسىياغا خوشنا ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ ئوتتورسىدا ئالاھىدە پاسىلمۇ يوقلىقىنى كۆرۇۋالالايمىز.

2.تىل جەھەتتىن 5500-6000 يىللار ئىلگىرى ئورال تاغلىرىدىن ئوتتورا ئاسىياغا سۇرۇلۇپ كەلگەن ئاندرونوۋۇلارنىڭ تىلىنى چوقۇم ھىندى ياۋروپا تىلىغا كىرىدۇ دىگىلى بولمايدۇ.چۇنكى ئۇچاغدا تىل سېستىمىلىرىنىڭ ئايرىلىپ بولغىنى توغرىسىدا ئىنىق ئىسپات يوق. ئۇلار ئىپتىدائى ئالتاي-ئورال تىللىرى ياكى يېپىشقاق تىللاردا سۆزلەيدىغان ئاھالىلەر بولۇشىمۇ تامامەن مۇمكىن. ئورال تىللىرىدىكى خەلقلەر ئەجدادىنىڭ 6000-7000يىللار ئىلگىرىلار ئورال رايونىدا ياشىغانلىقى مەلۇم.

3.ئارىيانلار ئەزەلدىن ئۆزلىرى بېسىۋالغان جايلاردىكى خەلقلەرنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ ،تىل جەھەتتىن ئۆستۇنلۇكنى ساقلاپ كەلگەن خەلق، شۇ دەۋرلەرگە نىسپەتەن ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئوتتورا ئاسىيا  خەلقلىرىدىن ئىلغار بولغان ئارىيانلارنىڭ ئاتالمىش بايقال رايونىدىكى ياكى جەنۇبى سىبىرىيىدىكى ئىپتىدائى ئورمان خەلقلىرى تەرىپىدىن تىل جەھەتتە تەتۇر ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كىتىپ كىيىنكى مەزگىللەردىكى تۇركى خەلقلەرنى شەكىللەندۇردى دىيىش ئەقىلگە سىغمايدۇ.

مىنىڭچە غەرپلىك ئالىملارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگىنىنىڭ توغرا بولۇپ كىتىشى ناتايىن. بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىدا  تورۇپ تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشمىز كىرەك. ئۆزىمىزنى ئارىيانلارغا ھەرقانچە ئوخشاتقان بىلەنمۇ بىز ئۇلار ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرقى تاجىكلار.
ئاندرونوۋۇ ئادەملىرى توغرىسىدا يەنە ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر نوقتا، ئورال تاغلىرى دىگەنلىك ياۋروپا دىگەنلىك ئەمەس، ئورال تاغلىرى ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتورسىدىكى ئىككى قىتئەنى ئايرىپ تۇرىدىغان پاسىل تاغ. ئىپتىدائى ياۋروپا ئېرقى دىگەن ئۇقۇممۇ ياۋروپالىق دىگەنلىك بىلەن باراۋەر ئەمەس، ئۇ پەقەت بىر خىل ئېرقى تىپنىڭ ئاتالمىسى. ئاندرونوۋۇلار 5500-6000يىللار ئىلگىرى ئورال تاغلىق رايونىدىن ئوتتورا ئاسىياغا كەلگەن،ئەمما ئۇلار 4000يىللار ئىلگىرىكى زامانلارغا كەلگەندىلا ئاندىن بايقال رايونى ۋە شەرق تەرەپلەرگە تىخىمۇ ئىچكىرلەپ بارغان(ئاتالمىش كىيىنكى تۇركلەر پەيدا بولدى جايلار)،مانا مۇشۇ ئارلىقتىكى 1500- 2000يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئۇلار قەدىمقى ئوتتورا ئاسىيا ئاھالىلىرى بىلەن ئاساسەن ئارلىشىپ كەتكەن، بۇنى بايقال ۋە شەرق تەرەپلەردىن، شۇنداقلا ئوتتورا ئاسىيا رايونىدىن تېپىلغان ئارخلوگىيىلىك ماتىرىياللارمۇ ئىسپاتلايدۇ.



كونا مۇنبەردىكى Jenggiwar نىڭ ئىنكاسى

Quote:
1 - قەۋەتتىكى Jenggiwar2007-6-27 18:43:34 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
مېنىڭ بىر ماتېرىيالدىن  بىلىشىمچە تېلى سۆزى特犁 قەدىمكى خەنزۇ تىلىدا tü lak  دەپ ئوقۇلىدىكەن  . بۇ سۆز تۈرك دېگەن سۆزنىڭ قەدىمكى زامان  خەنزۇ تىلىدا ئېيتىلىشى . دېمەك خەنزۇ تىلىنىڭ تاۋۇشلىرىمۇ ئۆزگەرمەس قېلىپ ئەمەس. شۇڭا بىز يالغۇز ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىنىڭ تەلەپپۇزى بىلەنلا ئاتايدىغان تارىخى ئاتالغۇلارغا قايتىدىن قاراپ چىقساق بولغۇدەك . بولۇپمۇ چىڭ سۇلالسىنىڭ ئالدىدا يېزىلغان كىتاپلاردىكىلەرگە .
Posted: 2007-11-19 23:58 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلاردا تىل - يېزىق

Total 0.097850(s) query 4, Time now is:12-05 01:01, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation