iltebir
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 قاراخانىلار تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر

قاراخانىلار تارىخىدىكى زور ۋەقەلەر

840-يىلى قىرغىزلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈكەن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇيغۇر دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلدى . پان تېكىن ئۇيغۇرلارنى باشلاپ غەربتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا چېكىندى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە يەتتە سۇ رايونىغا چېكىنگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى شۇ جايدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ قاراخانلار سۇلالىسىنى قۇردى .
850- يىلدىن 890- يىلغىچە بىلگە قادىرخان ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى چوڭ خاقان بولۇپ ، بالاساغۇننى ئىدارە قىلدى . ئىككىنچى ئوغلى ئوغۇلچاق قادىرخان ئۇنۋانى بىلەن تالاسنى ئىدارە قىلدى .
893- يىلى ئوغۇلچاق قادىرخان قەشقەرنى پايتەخت قىلدى .
900- يىللاردىن 930 - يىلغىچە ساتۇق تېكىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى . ئۇ مۇسۇلمانچە ئابدۇكېرىم ساتۇق تېكىن دەپ ئاتالدى . ئابدۇكېرىم ساتۇق تېكىن ئوغۇلچاق قادىرخاننى مەغلۇپ قىلىپ ، قەشقەردە ئىسلام ھاكىمىيىتى ئورناتقاندىن كېيىن ئۆزىنى " قارا خان " دەپ .ئېلان قىلىپ ، " بۇغراخان " ئۇنۋانى بىلەن ئاتالدى .
942- يىلى ساتۇق بۇغراخان سۇياپ شەھىرىنى ۋە بالاساغۇننى ئىشغال قىلىپ ئۇ جايلارنى قارا خانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى .
955- يىلى ساتۇق بۇغراخان ۋاپات بولدى ، ئۇ قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشنىڭ مەشھەت دېگەن يېرىگە دەپىنە قىلىندى .
956- يىلى ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم ( بايتاش ) بۇغرا قارا خاقان بولدى .
960- يىلى قارا خانلار بالاساغۇننى قاراخانلار خانلىقنىڭ يەنە بىر پايتەختى قىلدى .
971- يىلى مۇسا بۇغراخان خوتەنگە ھۇجۇم قىلدى .
992- يىلى مۇسا بۇغراخان ۋاپات بولدى . ئۇ ئاتۇشتىكى قاراخانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى .
992- يىلى ھارۇن بۇغرا قاراخان تەختتە ئولتۇردى . ئۇ زېمىن دائىرىسىنى پەرغانە ، سەمەرقەنت ، ماۋرائۇننەرگىچە كېڭەيتىپ بۇ جايلارنى ئىشغال قىلدى.
997- يىلى ھارۇن بۇغراخان بۇخارادىن قەشقەرگە قايتىش سەپىرىدە ۋاپات بولدى . يۈسۈپ قادىرخان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى .
999- يىلى قاراخانلار خانلىقى سامانىيلار خانلىقنى مۇنقەرز قىلدى .
1000- يىلى غەزىنە سۇلتانى مەھمۇت قاراخانلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش تەلىپىنى قويدى ، دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالاندى .
1002- يىلى خوتەندە قاراخانلار سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلدى .يۈسۈپ قادىرخان خوتەندە ئىسلام دىنىنى قايتىدىن ئومۇملاشتۇردى .
1007 - يىلى قاراخانلار سۇلالىسى بىلەن غەزىنە ( غەزىنىۋىلەر سۇلالىسى ) ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى . غەزىنە سۇلتانى مەھمۇت سۈلىھ تەلەپ قىلدى .
1032- يىلى يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولدى .
1032- يىلدىن 1056- يىللارغىچە سۇلايمان تېكىن ئارىسلان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانلار خانلىقنىڭ تەختىدە ئولتۇردى . بۇ مەزگىلدە قاراخانلار خانلىقى بالاساغۇننى يازلىق پايتەخت ، قەشقەرنى قىشلىق پايتەخت قىلدى ، قەشقەرنى ئوردا كەنت نامى بىلەن ئاتىدى .
1039- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ناسىر خان تابغاچ ئىبراھىم خان ئۇنۋانى قوللاندى .
1041- يىلى سالجۇقلار سۇلتانى ئالىپ ئارسلان قاراخانلار سۇلالىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى .
1056- يىلى سۇلايمان ئارسلان قاراخان ۋاپات بولدى . ھەسەن ئىبنى سۇلايمان قاراخان قاراخنالار خانى بولۇپ " بۇغرا ئارىسلان قاراخان " ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى .
1069- 1070- يىللىرى مۇتەپەككۇر ، پەيلاسوپ يۈسۈپ << قۇتاتقۇبىلىك >> نى تاماملاپ ، قاراخانلار خانى ئەبۇ ئىلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغرا ئارىسلان قاراخانغا تەقدىم قىلدى ، قاراخان يۈسۈپكە " خاس ھاجىپ " ئۇنۋانى بەردى .
1072- 1075- يىللىرى ئاتاقلىق تىلشۇناس ، ئالىم مەھمۇت قەشقىرى << تۈركى تىللار دىۋانى >> نى تاماملاپ ، باغدات خەلپىسىگە تەقدىم قىلدى .
1070- 1080- يىللىرى تارىخشۇناس ئەبۇلفۇتۇھ ئابدۇجاپپار ئىبنى ھۈسەيىن قەشقىرى << قەشقەر تارىخى >> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى .
1105- يىلى ئەھمەد ئىبنى ھەسەن قاراخان خانلىق تەختىدە ئولتۇردى .
1124- يىلى قاراخىتايلار خانى يەللىغ تاشىن قارا خىتايلارنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ كەلدى ۋە قۇرۇلتاي ئېچىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلدى . قاراخىتاي خانلىقى قۇرۇلدى .
1128- قاراخانلار خانى ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد قاراخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قارلۇق ، قىپچاق ۋە قاڭقىللار ئىسيان كۆتۈردى . ئىبراھىم قاراخان ئىسياننى تىنچىتىش ئۈچۈن قارا خىتايلاردىن ياردەم سوراپ ئۇلارنى شىمالىي ئىلىك خان تەۋەسىدىكى يەتتە سۇ رايونىغا ئورۇنلاشتۇردى . كىيىن قارا خىتايلار يەتتە سۇنى ئىشغال قىلدى .
1133- يىلى غەربتىكى قاراخىتايلار يەتتە سۇدىن ئىلگىرىلەپ ، قاراخانلارنىڭ قارلۇقلاردىن تەشكىل قىلىنغان قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى يېڭىپ ، بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى .
1141- يىلى قاراخىتايلار سالجۇقلار سۇلتانى سەنجارغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى . كاتىۋان چۆلىدىكى ئۇرۇشتا سالجۇقلار قوشۇنى مەغلۇپ بولدى . خارەزىم قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى .
1156- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد ۋاپات بولدى . مۇھەممەت ئىبنى ئىبراھىم قاراخانلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ ،قەشقەردە تەختتە ئولتۇردى . بۇ مەزگىلدە ماۋرائۇننەھىر ، يەتتە سۇ رايونىدا قارا خىتايلار ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى .
1200- يىلى غەربتە قاراخانىيلاردىن ئىبراھىم ئىبنى ھۈسەيىن ئوغلى ئوسمان قاراخانلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى . بۇ مەزگىللەردە ماۋرا ئۇننەرىز ، قەشقەر ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قاراخىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلار پارتلىدى . ئوسمان قاراخان قاراخىتايلارنىڭ سەمەرقەنتتىكى ۋەكىلىنى دەريا تاشلاپ ، قارا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى .
1204- يىلى نايمانلارنىڭ باشلىقى كۈچلۈك قەشقەرگە قېچىپ كېلىپ ، قارا خىتايلار بىلەن بىرلەشتى ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى . قەشقەردىكى قاراخانلار خانى يۈسۈپ ئېبنى مۇھەممەت ۋاپات بولدى . ئورنىغا مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ خان بولدى ۋە قاراخىتايلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى .
1211- يىلى نايمانلارنىڭ باشلىقى كۈچلۈك ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ، قاراخىتايلارنىڭ ئوردىسىنى ئىشغال قىلدى ۋە قارا خىتايلارنىڭ باشلىقى چورۇقتىين ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى ، قاراخىتاي خانلىقى يىمىرىلدى .
1211-1212- يىللىرى كۈچلۈك قاراخىتايلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالدى .
1218- يىلى چىڭگىزخاننىڭ جۆبە باشچىلىقىدىكى قوشۇنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئۆتۈپ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى . قاراخانلار تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر كۈچلۈكنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى .
1219- يىلى چىنگىزخان قوشۇنى شەرقىي قاراخانلار تەۋەسىنى ئىشغال قىلدى .
1221- يىلى شەرقىي قاراخانلار خانلىقى يىمىرىلدى . پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى چىنگىزخان ھاكىمىيىتى ئاستىغا چۈشتى .

<< قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى >> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
Posted: 2007-11-20 00:04 | [ئاپتور]
iltebir
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

كونا مۇنبەردىكى toram نىڭ ئىنكاسى
Quote:
1 - قەۋەتتىكى toram 2007-4-25 19:47:48 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
1039- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ناسىر خان تابغاچ ئىبراھىم خان ئۇنۋانى قوللاندى .

1040 - يىلى ئىلىكخان ناسىرنىڭ ئوغۇللىرىدىن مۇھەممەت ئىبنى ناسىر بىلەن ئىبرايىم ئىبنى ناسىرلار ھوقۇق تالىشىپ بىر پۇتۇن ، گۇللەنگەن ، كۇچلۇك قارخانىلار خانلىقىمىزنى پارچىلاپ ئىككىگە بولۇۋەتكەن . مانا مۇشۇ تارىخى بولگۇچ خاتالىق سەۋەپلىك دانىشمەن ، باتۇر ئاتا - بوۋىلىرىمىز قۇرغان بۇ باي ، مەدەنىيەتلىك مۇستەقىل خانلىقى ئاستا - ئاستا زوۋاللىققا يۇز تۇتۇپ دەسلەپ قارا قىتانلارنىڭ ، كېيىن موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىقىندا ھالغا چۇشۇپ قالدى ۋە ئاخىرى بىرىپ تارىخ سەھنىسىدىن يوقالدى .


كونا مۇنبەردىكى niyazdixan نىڭ ئىنكاسى
Quote:
1 - قەۋەتتىكى niyazdixan 2007-4-25 21:25:03 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
ئۆتۈكەن شەھەرمىتى ؟

ئۇيغۇر خانلىقى ئاغدۇرۇلغان ۋاقىتتا نوپۇسى قانچە بولغىيتى ؟

شۇ چاغدا بىرقانچە بۆلەككە بۆلۈنۈپ كۆچۈپتىكەن ، بىر بۆلۈكى شەرقىي شىمال تەرەپكە مېڭىپتۇ ، بىر بۆلۈكى تاڭ سۇلالىسى تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ ، بىر بۆلۈكى گەنسۇغا كېلىپ خانلىق قۇرۇپتۇ ، بىر بۆلۈكى تۇرپانغا كېلىپ خانلىق قۇرۇپتۇ ، يەنە بىر بۆلىكىنى يەتتەسۇغا بېرىپ ئاندىن قەشقەر ئەتراپىغا باردى دەيدىكەن . گەنسۇ بىلەن تۇرپاندىكى قۇرۇلغان خانلىق ئۇيغۇر خانلىقى دەپ ئاتىلىپتۇ . بىراق قەشقەردىكى ئۇنداق ئەمەس . سەۋەبى نىمىكىن . ئۇيغۇرلار چوقۇم قەشقەر تەرەپكە باردى دەيدىغانغا ئېنىق ئىسپات بارمىدۇ ؟

بەزىلەر ئۆزىچە قاراخانلار خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىگەن نامنى تاشلىدى دەيدىكەن . بىراق ئىسلام ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنمۇ ئۆزىگە ئاۋۇ ئىككى خانلىققا ئوخشاش ئۇيغۇر دىگەن نامنى بەرمەپتىكەن .

شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر دىگەن گەپنىڭ مەنىسى ئۇيغۇر مىللىتى دىگەننى بىلدۇرەمدۇ ياكى ئۇيغۇر قەبىلىسىگە قارىتىلغانمۇ ؟

چارۋىچى خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنى ئاسمىلاتسىيە قىلىۋىتەمدۇ ياكى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر چارۋىچى خەلقلەرنى ئاسمىلاتسىيە قىلىۋىتەمدۇ ؟
toramگە تۈزىتىش
قاراخانلار خانلىقىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭدىن بۇرۇن باشلانغاندۇ . بۇ ئىككى ئاكا ئۇكىنىڭ ھوقۇق تالىشىشى غەربىي قاراخانلارنى قالايمىقانلاشتۇردى .

قاراخانلار موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان بولۇشى مۇمكىن يەنى ئۇنىڭدىن بۇرۇن يوقىلىپ بولغان . غەربىي قاراخانلارنى خارازىمشاھ مۇھەممەد يوقاتقان . شەرقىي قاراخانلارنى كۈچلۈك يوقاتقان .


كونا مۇنبەردىكى toram نىڭ ئىنكاسى
Quote:
1 - قەۋەتتىكى toram 2007-4-28 0:29:12 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
1039- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ناسىر خان تابغاچ ئىبراھىم خان ئۇنۋانى قوللاندى .

1036 - يىلى ئىلىكخان ناسىر( 992 - يىلىدىن 1012 - يىلىغىچى ئىكىخان بولغان ) نىڭ ئوغۇللىرىدىن مۇھەممەت ئىبنى ناسىر بىلەن ئىبرايىم ئىبنى ناسىرلاربىرلىشىپ يۇسۇپ ئىبنى ئەلىگە قارشى ئىسيان كۆتۇرىدۇ ، 1037 - يىلى مۇھەممەت ئىبنى ناسىر ئۆزكەنتنى بىسىۋالىدۇ ، 1040 - يىلى ئىبرايىم ئىبنى ناسىربۇ خارانى بىسىۋالىدۇ . يۇسۇپ ئىبنى ئەلى بولسا پانا ئىزدەپ سۇلايمان ئارىسلانخاننىڭ قىشىغا قىچىپ بىرىۋالىدۇ .  شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەت ئىبنى ناسىر باشتا ئكزىنى << ئىلىكخان >> دەپ ئاتىسا كېيىن ئكزىنى << تاۋغاچ بۇغراخان >> دەپ ئاتاپ مۇستەقىللىق جاكارلايدۇ . مۇھەممەت ئىبنى ئەلىنىڭ سۇلايمان ئارىسلان خانغا پىتىنىپ قىسقىغىنا ۋاقىتتا بۇنداق مۇستەقىللىق جاكارلىشىدىكى سەۋەپ شۇ چاغدا سۇلايمان ئارىسلانخان قارخانىلارنىڭ شەرقى شىمالىدىكى يەنى ئېرتىش ۋە بالقاش بويلىرىدىكى قارخانىلارغا بەيئەت قىلىپ ياشايدىغان قابا قۇلار ، باسمىل قاتارلىقلارنىڭ ئىسيانى بىلەن بولۇپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن بۇ ئاكا - ئۇكىنىڭ غەرىپتىكى بۆلگۇنچىلىك ھەركەتلىرىگە ئۇنۇمۇلك تەدبىر قوللىنالمىغان . شۇنىڭ ئۇچۇن بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا 1040 - يىلى سەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان غەربى قارخانىلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقىۋالغان .
Posted: 2007-11-20 01:00 | 1 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » شانلىق مەدەنىيەت دەۋرى

Total 0.094859(s) query 4, Time now is:12-04 14:56, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation