Quote:
ئاپتور BIRLIK نىڭ 2008-04-21 00:11 دە يوللىغان يازمىسى تېمىسىز (تەۋسىيە) نەقىل ئېلىندى
تور ئارىلاپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا ئائىت بىر خەنزۇچە ماتېريالنى ئۇچرىتىپ قالدىم.
گەرچە بۇ ھەقتە مۇنبەرگە ئىلگىرى كۆپ ماتېريال يوللانغان بولسىمۇ بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلاربىر قەدەر تەپسىلى ،كونكىرىتى ئېلىنغان ئىكەن، ئەينى ۋاقىتتىكى قىسىمنىڭ تۈزۈلىشى ،جەڭ ئەھۋالى، ئەينى ۋاقىتتىكى بىر قىسىم مۇرەككەپ ۋەزىيەت ، قاتناشقان ئادەم سانىدىن باشلاپ تىلغا ئېلىنغىلى تۇرسا كىشىنى مول بىلىمگە ئىگە قىلىدىغان ياخشى ماقالە ئىكەن.خەت سانى 4 مىڭغا يېقىنلىشىدىغان بولغاچ بوشلۇقنى تىجەش ئۈچۈن كۈرۈش ئادرېسىنى يوللاپ قويدۇم، تەرجىمە قىلىشقا ۋاقىت يار بەرمىگۈدەك،يەنە كىلىپ بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى خاتا ئىشلىتىپ سېلىشتىن ئەنسىرەپ قالدىم،ئىمكان قىلالىغانلار ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمە قىلىپ ئاندىن pdf غا ئايلاندۇرۇپ يوللاپ قويغان بولساڭلار تولىمۇ ساۋاپلىق ئىش بولغان بولاتتى،( ياز كىرگۈچە قىلىدىغانلار چىقمىسا ئۈزەم بىر قوللۇق قىلىمەن) تەۋسىيە قىلدىم، كۈرۈپ باققايسىلەر!
مەنبە:
http://bbs.tiexue.net/post_1340789_1.html
.......
دوستۇم مەن بۇ ئادىرستىكى مەزمۇننى ئەستايىدىللىىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم ،ئەسلى بىر سۆزلەي دىگەن ،لىكىن بۇ مۇنبىرىمىزنىڭ قائىدە بەلگىلىمىلىرنى كۆزدە تۇتۇپ سۆزلىمىدىم. خېلى تەپسىلى يېزىپتۇ،مېىنىڭ ھەرقانداق ئىشقا سېلشتۇرۇپ تەھىلىل قىلىپ ئاندىن پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئادىتىم بار.
ئەمدى مەن سۆزلىسەم ،مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكىمىز نىڭ "ئىز"، "ئويغانغان زىمىن" قاتارلىق تارىخى رومانىدىكى ۋەقەلىككە ئاساسلانغاندا ،ئاۋۇ تور بەتتىكى "يولداش" نىڭ بەزى گەپلىرى مىنىڭچە بەكمۇ مەسئۇليەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان سۆز،بۇلۇپمۇ ،3ۋىلايەت ئىنىقىلابى"سوۋىت"نىڭ ياردىمى بىلەن كۆكلەپ بارلىققا كەلگەن، "سوۋىت" بولمىسا 3ۋىلايەت ئىنىقىلابى ۋە مىللى ئارمىيە بولمايتى،م3 ۋىلايەت مىللى ئارمىيەسىنى "سوۋىت" ياساپ چىققان .......دىگەندەك گەپلىرى ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ،(شۇ "ھاشارەت" نىڭ تور بېتىدىكى نەقىل:苏联对三区的影响十分深远,用邓力群的话说就是没有苏联的帮助,三区革命是不可能成功的,而彭国安则说的更为直接:“三区就是苏联打出来的”,三区革命与苏联的联系如此紧密,可以想像三区民族军众多官兵与苏联的关系,有未经证实的资料说在新疆和谈成功之前,三区民族军排以上干部均为苏军派遣来的正规军官。民族军中也有大批苏联援助的武器装备,) دىگەن گىپىنى كۆرۈپ سەل قوسىغىم كۆپتى مېنىڭ!ئاشۇ تارىخى روماندىكى ۋەقەلىكەر دىن ئاساسلانغاندا ،"سوۋىت" نىڭ ياردىمى ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە،مەسىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى مىللى ئارمىيەنىڭ ئىزوۋۇت (排) (يەنى ئىزوۋۇت كوماندىرى) دىن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوفىتسىرلار ئاساسەن روسلار ، بۇنداق بۇلشىدا مىللى ئارمىيە ئاساسلىق پارتىزانلىق ئۇرۇش قىلىشتىن تەرەققى قىلىپ زورايغان ،مۇنتىزىم ھەربى تەلىم تەربىيە ئالغان ئوفىتسىر -جەڭچىلەر كەمچىل ،بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزلۈكسىز زورىيىۋاتقان مىللى ئارمىيەنىڭ رەسمى ئۇرۇش تاكتىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى بىر بوشلۇق ،بۇ بوشلۇقنى چۇقۇم تولدۇرۇش كىرەك .ئەمدى شۇ قورال- ياراق سەپلىنىشىگە كەلسەك ئاساسەن دىگۈدەك شۇ "سوۋىت" نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قوراللىرى ئىدى، بۇ قوراللارنى بۇ گۇيلار "قۇشقاچنى قار ياققاندا تۇت" دىگەندەك ناھايىتى يۇقىرى باھادا ئالماشتۇرغان،يەنى ئادەتتكى بەش ئاتار يېرىم ئاپتۇماتىك "كۆسەي" نىلا 80 قويغا ئالماشتۇرغان ،بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى بۇ گۇيلار مۇ "جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا" دىن ئىبارەت خالاس، ھەرگىزمۇ ئاۋۇ تور بەتتىكى "يولداش" نىڭ ئېيتقىنىدەك 3ۋىلايەت ئىنىقىلابى پۈتۈنلەي "سوۋىت" نىڭ ياردىمى بىلەنلا بولغان ئەمەس، شۇ ۋاقىتتىكى ۋاقىتلىق رەھبەرلىمىز شۇنىڭدىن بۇرۇنقى 2قېتىملىق ساۋاقنى قۇبۇل قىلمىدىمۇ ياكى ياكى ۋاقىتلىق غەلبىدىن غەپلەتتە قالدۇمۇ، بىرەرسىنىڭ خىيالىدىن ئۆتمىگەن ئوخشايدۇ...ھەي،،،ئىسىت ..ئىسىت ..ئىسىت ،مەيدەمدە زەرداپ ، بۇرنۇم ئېچىشىپ ......كۆزۈمدە ....