بۇ بەتتىكى يازما : تارىختىكى «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﯨﻜﻰ» ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 تارىختىكى «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﯨﻜﻰ» ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ


1. «سوڭ تارىخى «(宋史)نىڭ ‹ئەسكەر-ياراغ تەپسىراتى› بابىدا قەيىت قىلىنىشىچە ، جەنۇبى سوڭ دۆلىتىدە چۈنشىنىڭ 9-يىلى(مىلادى 1182 - يىلى) چىگرا رايۇنلاردىكى ۋىلايەتلەردە ‹خۇي خۇي زەمبىرىكى (回回炮)› گە تەقلىد قىلىپ ياسالغان زەمبىرەكلەر ئەپچىللىك، يىراقتىكى نىشانغا تەككۈزۈش جەھەتلەردە بۇرۇنقى زەمبىرەكلەردىن ئېشىپ چۈشتى دىگەن بىر خەۋەر تارقالغان.

2. ‹خۇي خۇي(回回)› دىگەن نام مىلادى 11- ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدا يېزىلغان ‹مىڭشى بېغىدا پۈتۈلگەن تەسىرات› دىگەن كىتاپتا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. ئۇنىڭدا بۇ نامنىڭ ‹ئۇيغۇر(回鹘)› دىگەن مەنىدە ئېيتىلغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۈتۈلگەن.

3. مىلادى 1265-1274 يىللاردىكى‹ئۇيغۇر زەمبىرىكى (回回炮) › گە تەقلىد قىلىپ ياسالغان زەمبىرەكلەر ئالاھىدە بىر خىل ئەسكىرى قۇرال بۇلۇپ چىقتى.

4. جىن خانلىقى بىلەن مۇڭغۇل خانلىقى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا، جىن خانلىقى بۇ خىل قۇرالنى ئىشلەتكەن.

5. شۇ زامانلاردا جەنۇبى سوڭ خانلىقىمۇ قارشى تەرەپنىڭ قەلئەلىرىگە يىراقتىن تۇرۇپ ئوق ئاتىدىغان بۇنداق زەمبىرەكلەرنى كۆپ ئىشلەتكەن.

6. فەن ۋېنلەن يازغان ‹جۇڭگۇ تارىخى› دا مۇڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇرۇشلىرىدا بۇنداق زەمبىرەكنى ئىشلەتكەنلىكى ھەمدە ئۇيغۇر زەمبىرىكى ياسايدىغان ئۇستىلارنى تايدۇ (ھازىرقى بېيجىڭ) غا يىغىش توغرىسىدا يارلىق چۈشكەنلىكىنى قەيىت قىلغان.

7. يۇقارقى كىتاپتا يەنە سوڭ خانلىقى ‹ئۇيغۇر زەمبىرىكى› گە تەقلىد قىلىپ ياساپ چىققان زەمبىرەكلەرنىڭ ئەينى زاماندا ناھىيىتى ئىلغار قۇرال بۇلۇپ قالغانلىقى بايان قىلىنغان.



قۇربان ۋەلىنىڭ ‹بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز› ناملىق كىتاۋىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.



دىمەك، يۇقارقى ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى بۇرۇنلا زەمبىرەك ياسىغانلىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ. لىكىن بۇنى يەنىمۇ ئىسپاتلاشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-20 00:13 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار

Total 0.043461(s) query 3, Time now is:12-05 01:01, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation