بۇ بەتتىكى يازما : ئۇيغۇرلارنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىچكى ئۆلكىلەرگە كۆچۈشنىڭ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسى بېسىپ چىقىرىش | بۇ تېمىنى ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلانمىسىنى كۆچۈرىۋېلىش | تېما ساقلىۋېلىش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما

TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 ئۇيغۇرلارنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىچكى ئۆلكىلەرگە كۆچۈشنىڭ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسى

يۈەن سۇلالىسى (1279-1368) ئىلىمىز تارىخىدىكى كۆپ مىللەتلىك بىرلىككە كەلگەن، شۇنداقلا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئۆز-ئارا قوشۇلغان ۋە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ ، ئورتاق تەرەققىي قىلغان خانىدانلىق بولۇپ ، بۇ دەۋر مەدىنىيىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ۋە رەڭگ –رەڭ تۈسكە ئىگە بولغان ئىدى. بۇ دەۋردە جۇڭگونىڭ شىمالى ۋە غەربى شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن دېھقانچىلىق ۋە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتلەر ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشىپلا قالماستىن بەلكى ئۇلار يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى دېھقان – تېرىقچى مىللەتلەر بىلەنمۇ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ، ئەينى دەۋر جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە مەدىنىيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەربى شىمالدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۈچۈپ بېرىشى، بۇ خىل مىللىي مۇناسىۋەت ۋە مەدەنىيەت تەسىرىنىڭ بىر تىپىك ئۆلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

يۈەن دەۋرىدە ئىلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كەڭ- كۆلەملىك كۆچۈش پائالىيەتلىرى يالغۇز ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن، يەككە مىللەت ئولتۇراقلىشىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئۇزاقتىن بۇيان نوقۇل خەنزۇلار ئولتۇراقلىشىش ھالىتىگە خاتىمە بەردى. مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا يۆتكىلىش – ئالمىشىش ۋە سىڭىشىش ھالەتلىرى شۈبھىسىزكى، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خۇددى خەن رۇلىن ئەپەندىنىڭ: «مەلۇم بىر مىللەت ئەگەر ئۆز تارىخىدا ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئىلىم-پەن مەدىنىيىتى قوبۇل قىلمىسا ئۇ ھالدا ئۇ مۇقەررەر ئاجىزلىشىدۇ» دەپ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، موڭغۇللار ئەينى دەۋردە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ئىلىمىزدىكى خەنزۇ، ئۇيغۇر، قىتان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدىنىيىتى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلغان. تۈرلۈك ئىجتىمائىي سەۋەب ۋە سىياسىي زۆرۈرىيەتلەر بىلەن بىر قىسىم مىللەتلەرنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

يۈەن دەۋرىدە مەملىكىتىمىزنىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ، گەنسۇ ئەتراپلىرىدا ياشىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار (كۆپىنچىسى بۇددىست ئۇيغۇرلار) ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي شارائىتىنىڭ تۈرتكىسى ۋە سىياسىي ئېھتىياجى سەۋەبلىك ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا كۈچۈپ بېرىپ، ئاشۇ جايلاردا تىرىكچىلىك قىلىپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ، بۇ خىل كۈچۈپ بېرىشنىڭ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنىشى مۇنداق ئىدى.

1. تارىختىكى ئۇرۇش-يېغىلىقلار سەۋەبىدىن جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى – ئەينى دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە كۈچۈپ بېرىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب بولغان. 13- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 14- ئەسىرگىچە بولغان مەزگىللەردە موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ئانچە مۇقىم بولمىدى. بولۇپمۇ 1259- يىلى موڭغۇل خانى مۆڭكۈ ئۆلگەندىن كىيىن، ئال بۆكە توپىلىڭى پارتلىدى. بۇ ئىش ئاشۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئاپەتلىك دەۋرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. قۇبلايخان قۇرۇم تاغلىرى ئەتراپىدا ئەل بۆكەنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلار رايونىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى. مۇشۇ مەزگىلدە قوچقار تېكىن قۇچۇ رايونىنىڭ ئىدۇقۇتى بولۇپ تەيىنلەندى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆگداينىڭ نەۋرىسى قايدو زور قوشۇن تەشكىللەپ، موڭغۇل چۆللۈكنىڭ شىمالى ۋە غەربى شىمالى رايونىدا ئون يىلغا سۇزۇلغان ئۇرۇش باشلىدى. بۇ ئۇرۇش يۈەن سۇلالىسىنىڭ 12- يىلى (1275- يىلى) دوۋانىڭ قوشۇن چىقىرىپ قورشاۋغا ئېلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى» نىڭ 11- جىلدىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا يۈەن سۇلالىسى بۇ دەۋردە گەرچە تۈرلۈك تىنچلاندۇرۇش سىياسەت-چارىلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ لېكىن ، ئۇرۇش ئاپىتى تۈپەيلىدىن خانىۋەيران بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۈچۈپ بېرىشىنى تولۇق توسۇپ قالالمىدى. ئەينى ۋاقىتتا قۇچۇ ئىدىقۇتلىرىدىن قوچقار تېكىننىڭ ئوغلى يۇرىن تېكىننىڭ بىر قىسىم قۇچۇ ئاھالىسىنى باشلاپ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ يۇڭ چاڭ دېگەن يىرىگە كۈچۈپ بېرىشى مۇشۇ خىل تارىخى ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە ۋۇجۇدقا چىققان ئىدى.

2. يۈەن دەۋرىدە موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدىكى تەبىئىي ئېھتىياجىمۇ ، ئەينى دەۋردە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ۋە ئاھالىلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەرگە كۈچۈپ بېرىشىغا سەۋەب بولغان. چۈنكى بۇ مەزگىللەردە موڭغۇللار مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈنرەك بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىدىن ئۈنۈملىك پايدىلانغان. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ مەمۇرىي ئورگان ۋە ھەربىي پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان مەمۇرىي ۋە لەشكىرى خادىملاردىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇلار ئاشۇ دەۋر ياكى كىيىكى مەزگىللەردە ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئەمەل تۇتۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

3. يۈەن دەۋرىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈشنىڭ يەنە بىر مۇھىم تاشقى سەۋەبى – ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلارنىڭ مۇقىم ۋە تىنچ ئولتۇراقلاشقان تۇرمۇش ۋە مەدىنىيىتى چەت-چېگرا رايوندا ياشاپ كەلگەن بىر قىسىم ئاھالىلەرنى خېلى زور دەرىجىدە جەلپ قىلغان. تارىختا تۈرلۈك جۇغراپىيىۋى ۋە تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قارىغاندا بىر قەدەر ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى خەرەكتىرلىك كۆچۈشنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دۇنخۇاڭ ۋە سەنشى ئەتراپلىرىغا كۆچكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم خەنزۇ ئاھالىلىرى غەربى شىمالغا كۈچۈپ ئولتۇراقلىشىپ، ئاشۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرى رايونلارنىڭ مەدىنىيىتىنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇ خىل ھالەت سوڭ سۇلالىسى ۋە غەربى قىتان خانلىقى دەۋرلەردىمۇ ئىزچىل داۋام قىلغان. مانا بۇ خىل ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە مىللىي چۈشىنىشلەر ئەينى دەۋردىكى بۇددىزم مەدىنىيىتى ئورتاقلىقىنى مەنبە قىلغان بولسا، بەزىدە ئەينى دەۋر سىياسىي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن يۈز بەرگەن ئىدى. شۇڭا يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا كىرىشى ئۇلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى كىچىك كۆلەمدىكى كۆچۈشنىڭ داۋامى ئىدى.

4. ھۈنەرۋەنلەر تائىپىسىنىڭ كۈچۈپ بېرىشى. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ھۈنەر-كەسىپكە ماھىر خەلق بولۇپ ، يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەينى دەۋردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، غەربىي شىمال رايونىدىن بىر قىسىم ھۈنەرۋەن ئۇستىلار ۋە تالانتلىق كەسىپ ئەھلىلىرىنى ئىچكىرى رايونغا تاللاپ كۆچۈرگەن بولۇپ ، ئەينى دەۋردە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن بارغان بۇ ئۇيغۇرلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچكەن ئۇيغۇرلار توپىنىڭ يەنە بىر تارمىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تارىخى كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە «يۈەن سۇلالىسىنىڭ 12- يىلى (1275- يىلى) غىچە بېشبالىقتا ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلەر كۆپ بولۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھەربىي خىزمەت ئۈتۈگەن. شۇنداقلا ئۇلار ناشىشى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچكەن». ئوگدايخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىمۇ غەربىي يۇرتتا ھۈنەرۋەن-كاسىپلار كۆپ بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن شەرققە كۆچكەن. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن خانبالىق (بۈگۈنكى بېيجىڭ)، شەنشى، گەنسۇ، خېنەن-كەيفېڭ، خۇنەن، يۈننەن قاتارلىق شەھەر ۋە ئۆلكىلەرگە كۈچۈپ ماكانلاشقان.

يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتلۇق كەشپىياتچى ئىسمائىل دېگەن كىشى ئۇيغۇر زەمبىرىكىنى ئىجاد قىلىپ چىققان. ئىسمايىل كەشىپ قىلغان غايەت زور زەمبىرەك «ئۇيغۇر زەمبىرىكى» دەپ ئاتالغان بولۇپ ، ئۇنىڭ كۈچى قالتىس زور ئىدى. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى. ئىسمائىلنىڭ تەرجىمىھالى» دا، ئۇيغۇر زەمبىرىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا: «ئوق ئۈزسە يەر-جەھەن تىترەپ، نىشاننى كۈكۈم-تالقان قىلىپ، يەرنى يەتتە چى چوڭقۇرلۇقتا ئۇيۇپ تاشلايتتى» دېيىلگەن.

يۇقىرىدىكى پاكىتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت بولۇپ قۇرۇلغان. مەملىكىتىمىزدىكى ئۇزۇن تارىخقا ۋە قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھالال مېھنىتى ۋە كەسپىي قابىلىيىتىگە تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ غەربىي يۇرتقا خاس بولغان كۆپ خىل مىللىي مەدىنىيىتىنى ياراتقان ھەمدە ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئىلىمىزدىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ بۇددىست ئۇيغۇرلار يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە تۈرلۈك تارىخى ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربتىكى مۇسۇلمان كۈچلىرىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ياكى باشقا ئېھتىياجلار سەۋەبىدىن، ھەر خىل شەكىلدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا كۈچۈپ ماكانلىشىپ، ئىلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر، بولۇپمۇ خەنزۇلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ ۋە بارا-بارا ئۇلارغا قوشۇلۇپ ، پارلاق جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخى ۋە مەدىنىيىتىنى يارىتىشتا ئۆزلىرىگە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان.



«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 2005- يىل 4- سانىدىن ئېلىندى

نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-20 00:16 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇرلار

Total 0.068109(s) query 3, Time now is:12-04 15:12, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation