toram
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 سىتالىننىڭ بىر ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯﻯ

ستالىننىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن قىلىنغان چوڭ باسقۇنچىلىق
 
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقىنىغا 60 يىل بولغان بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزىلەر كىتاب يېزىپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى گېرمانىيىگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن گېرمانىيە ئاياللىرىغا جېنىنىڭ بارىچە باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان گېرمانىيە ئاياللىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليوندىن ئاشىدىكەن.
 
ستالىن: «قانلىق قەرزنى قان بىلەن قايتۇرۇۋېلىش كېرەك»
 
باسقۇنچىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە تىلغا ئېلىش نومۇس بولغان ئەڭ شەرمەندە ۋەھشىي قىلمىش. چۈنكى، بۇ قىلمىشتا ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئىنسانىي قىممىتى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، ئۇنىڭدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئاياللار بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەدەنىي جەمئىيەت باسقۇنچىلارنى ئېغىر جازالاپ كەلگەن.
گىتلېرنىڭ ھۇجۇمچى قىسمى پولشا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، بارغانلا يېرىدە ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، نۇرغۇن ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پاھىشىخانىلارنى قۇرۇپ، ئاياللارنى گېرمانىيە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىدىن «ھال سوراش»قا مەجبۇرلىغان. غەزەپلەنگەن ستالىن قايتۇرما ھۇجۇم باشلانغاندا: قانلىق قەرزنى قان بىلەن قايتۇرۇۋېلىش كېرەك، دېگەن.
«بېرلىن: 1945-يىلىدىكى ئىشغالىيەت»: بېرلىندا 300 مىڭ ئايال باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان
 
ستالىننىڭ قۇترىتىشىدىن بولسا كېرەك، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىمۇ گېرمانىيە ئاياللىرىغا باسقۇنچىلىق قىلغان. 2002-يىلى، ئەنگلىيىلىك ھەربىي ئىشلار تارىخچىسى ئانتوني بەەۋور «بېرلىن: 1945-يىلىدىكى ئىشغالىيەت» ناملىق بىر كىتاب يازغان، كىتاب رۇسىيە ئارخىپلىرىدىكى ئاشكارىلانمىغان بىرقىسىم ماتېرىياللار، گېرمانىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە شىۋېتسىيىلەرنىڭ ئۇرۇش ئارخىپلىرى ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەسلىمىلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىقىلغان.
ئانتوني بەەۋور كىتابىدا، ئالاھەزەل 3 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى پرۇسسىيەدە ناتسىست گېرمان ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ، بېرلىنغا كىرگەندە، تەخمىنەن ئىككى مىليون ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئايالغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىنغان. پەقەت بېرلىندىلا، 300 مىڭ ئايال زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئارىسىدىكى 10 مىڭ ئايال خورلۇققا چىدىماي ئۆلۈۋالغان، دەپ يازغان.
باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئاياللار قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۇرۇشتىن كېيىن بۇ ۋەقەنى تىلغا ئېلىشنى خالىماي كەلگەن، قىزىل ئارمىيە گېرمانىيىنى ناتسىستلار قولىدىن ئازاد قىلغان قەھرىمانلار دەپ قارالغاچقا، ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرى تىلغا ئېلىشقا بولمايدىغان مەسىلىلەر قاتارىغا چىقىرىلغان، شۇڭا ئۇنى تىلغا ئېلىشقا پېتىنىدىغانلار چىقمىغان. ئانتوني بەەۋور نۇرغۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن خەت تاپشۇرۇۋالغان، ئۇ خەتلەرنىڭ بىر قىسمىدا، ھازىرغىچە كىشىلەرگە مەلۇم بولمىغان ئىشلار تىلغا ئېلىنغان، مەسىلەن، بىرقىسىم ئاياللارنىڭ قىزىل ئارمىيىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆلۈۋالغانلىقى، بەزىلەرنىڭ باسقۇنچىلاردىن ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقى، ئار-نومۇستىن ئۆزى تۇغقان بالىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى، يەنە مەكتەپلەردە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ ئۆلۈۋالغانلىقى، دېگەنلەردەك.
ئەنگلىيىلىك ئانتوني بەەۋور ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كېيىن يازغۇچى بولغان، ئىسپانىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا داىر كىتابلارنى يازغان. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى يىلى ناتسىستلار ئارمىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇكراىنا قىزلىرىنى ھەربىي پاھىشە قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، قىزىل ئارمىيىسىنىڭ زوراۋانلىقلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئاشكارىلىغان تارىخ
 
بىرىنچى كېچىسى، بىز بىرنەچچە قوشنا رېيمان پىۋا ئىشلەش دۇكىنىغا يىغىلىپ، ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ ئۆزىمىزنى توختىتىپراق ئولتۇردۇق. نەۋرە سىڭلىم بېرلىندىكى بومباردىماندىن پاناھلىنىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ تۇرۇۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئىككى ياشلىق بالىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ تاپانچىسى بار بولسىمۇ، ئوقى بەكلا ئاز ئىدى، بۇ يەرگە يىغىلغانلارنىڭ ئۆزىمىزنى ئېتىۋېلىشىمىزغىمۇ يەتمەيتتى. بىز بالىخانىدا بىر كېچە ئۇخلىماي تۈنەپ چىقتۇق، شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدىن ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى. كۆپچىلىك تاڭ يورۇغاندىن كېيىنلا ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. رۇسىيە ئەسكەرلىرى ھەممىلا يەردە ياش ئاياللارنى ئىزدەيتتى، تۇتۇۋالسىلا، بوش ئۆيگە ئەكىرىپ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلاتتى. ئۇ چاغدا مەن 24 ياشتا ئىدىم، كۈنلىرىم دەككە-دۈككە ئىچىدىلا ئۆتەتتى.
قىزىل ئارمىيە شەھەرنىڭ تەرتىپىنى قولىغا ئالغان ئىدى، ئالدىنقى 6 ھەپتىدە ئاساسەن ھېچكىمنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى. بىر كۈنى كەچلىكى، رۇسىيىلىكلەر بىزنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ نەۋرە سىڭلىم ئىككىمىزنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭدى. بۇ ئىش ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ ئاسانغا توختىدى، چۈنكى ئۇلار ئاھالىلەرنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋېلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. ئۇلار بىزنى قورال تەڭلەپ تۇرۇپ بىر بوش ئۆيگە ئېلىپ كىردى. ئۇ ئۆيدە يەنە بىرمۇنچە ياش ئاياللار تۇراتتى. ئاندىن كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق قىلىش باشلاندى، بۇ ھايۋانلار بىزگە يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن، توپتوغرا بىر كېچە باسقۇنچىلىق قىلىپ، تاڭ يورۇغاندىلا كېتىشتى. بىز ئاجىز تېنىمىزنى ئاران سۆرەپ ئۆيگە قايتىپ بارغىنىمىزدا، بىزنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، ئاپام يەنىلا ئىنتايىن خۇش بولۇپ كەتتى. ئەينى چاغدا نۇرغۇن ئاياللار باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئېتىپ تاشلانغان ئىدى. بىزنىڭ كىچىك شەھەردە نۇرغۇن ئادەم ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان بولۇپ، بىز داىم بېرىپ ئارغامچىنى كېسىپ، ئۇلارنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلاتتۇق.
گەرچە بۇ شەھەرنىڭ 60%ئى خارابىلىككە ئايلانغان بولسىمۇ، يەنىلا بەزى بولكىخانىلارنى ئىشلەتكىلى بولاتتى. رۇسىيىلىكلەر ئاياللارنى بولكا پىشۇرۇشقا سالاتتى. بىز ھەركۈنى ئىككى يۈز گىرام بولكىغا ئېرىشەلەيتتۇق. بىر كۈنى، بۇ ئەبلەخلەر بىزنى بىر بوش ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، توخۇ ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئادالاتقۇزدى. ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، بىزگە بىر پارچە گۆش بەرمەكتە يوق، ئەكسىچە نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلدى!
دوختۇر: رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئاياللارنى بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىغان
 
دوكتور ئارنولد نېدىنچو ئۇرۇش ۋاقتىدا روەسسەلدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيتتى. 1945-يىلى 1-ينىڭ 8-كۈنى، روەسسەل شەھىرى ئاجىز قارشىلىقتىن كېيىن سوۋېت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئىشغال قىلغۇچىلارنىڭ شەھەردىكى زور كۆلەملىك ئۇرۇش-دۇمبالاش، ئوت قويۇش، باسقۇنچىلىق، ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشلىرى باشلاندى. بىرىنچى كۈنى ئاھالىلەردىن 60 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى باسقۇنچىلىق قىلىشقا قارشىلىق قىلغان ئاياللار، ئاياللار ۋە بالىلارنى قوغداشقا ئۇرۇنغان ئەرلەر، شۇنداقلا رۇسىيىلىكلەرگە قول ساەت ۋە كۈچلۈك ھاراق بەرمىگەنلەر ئىدى. مېنىڭ دوختۇرخانامغا بىر كۈنى ئۆپكە قىسمىغا ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغان بىر ئېغىرئاياغ ئايال كەلتۈرۈلدى، بىر رۇس ئۇنىڭغا زورلۇق قىلماقچى بولغاندا، ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋېدى، ئۇ رۇس ئاچچىقلىنىپ، ئۇ ئايالنىڭ قورسىقىغا قاتتىق تەپتى ھەمدە ئۇنىڭغا ئوق چىقاردى.
باسقۇنچىلىق ناھايىتى تېزلىكتە تىزگىنسىز دولقۇنغا ئايلىنىپ كەتتى. دوختۇرخانىدا ئىگىلىشىمچە، 15 ياش بىلەن 50 ياش ئارىلىقىدىكى ئاياللاردىن باسقۇنچىلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالىغانلىرى ئاران 10% ئەتراپىدا ئىدى. رۇسىيىلىكلەر زوراۋانلىق ئوبيېكتلىرىغا ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايتتى، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلار 80 ياشلىق قېرىلار، 10 ياشلىق بالىلار، تۇغۇش ئالدىدىكى ئاياللار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار بولسۇن تاللاپ ئولتۇرمايتتى. كەچلىكى رۇسىيىلىكلەر ئىشىكتىن، دەرىزىدىن ياكى ئۆگزىدىن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئۆيمۇ-ئۆي ئاياللارنى ئىزدەيتتى، بەزىدە ھەتتا كۈپكۈندۈزدىلا باسقۇنچىلىق قىلىۋېرەتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە قورال بار ئىدى، ھەمىشە تاپانچىسىنىڭ ئۇچىنى ئاياللارنىڭ ئاغزىغا تىقىپ، ئۇلارنى بوي سۇنۇشقا مەجبۇرلايتتى. ھەتتا كۆپ ھاللاردا بىرقانچىسى بىر ئايالنى بېسىۋېلىپ، ئاخىرىدا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلاتتى، ئىشنى تۈگىتىپ بولۇپ، ئىزنى يوقىتىش ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. مەن تونۇيدىغان ئاياللاردىن ئىككىسى مۇشۇنداق ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. رۇسلار داىم بىر ياقتىن باسقۇنچىلىق قىلىپ، بىر ياقتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇراتتى.
مەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى رۇسىيىلىكلەرنىڭلا بۇ قورقۇنچلۇق جىنايەتكە ئارىلاشمىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ جەھەتتە ئوفىتسېرلار بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ پەرقى ئىنتايىن كىچىك ئىدى. باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان 10 ياشلىق بىر قىزچاق ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكتىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا، مەن زادىلا ئۆزۈمنى بېسىۋالالمىدىم، پولشىلىق تەرجىمان ئارقىلىق دوختۇرخانىدىكى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ مەسئۇلىدىن: بۇ ھەرىكىتىڭلارنى توختىتىشقا بولامدۇ-يوق! دەپ سورىدىم. قارشى تەرەپ بولسا: “دەسلىپىدە رۇخسەت قىلىنغاچقا، ھازىر ئۇنى توختىتىۋېلىش ئىنتايىن قىيىن” دېدى. شۇ چاغدا ئايرىم تۇتقۇنلارنى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شىتابىغا ئاپىرىدىغان ئىشلار بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ كىشىلەر نەچچە ساەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.
باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلار جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولىدىغان ئىشلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بولۇپمۇ يېشى كىچىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار شۇنداق بولغان ئىدى. دورا كەمچىل بولغانلىقتىن، دورىخانىلارنىمۇ رۇسىيىلىكلەر بۇلاپ قۇرۇقداپ قويغان ئىدى. دوختۇرخانىدا ھەركۈنى جىنسىي كېسەل بولغۇچىدىن 25 نەپىرى بىرتەرەپ قىلىناتتى. نۇرغۇن قىزلار زورلۇق قىلغۇچىلارنىڭ بىرەرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنى قوغداش ئويىغا كەلگەن ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنى ئىشغال قىلىش جەريانىدا “ئازاد قىلىش”دېگەن سۆزنى كۆپ ئىشلەتتى، ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىلىكلەر ناتسىستلار يوقىتىلغان ۋاقىتنى “نۆل نۇقتا” دەپ بىلىپ، گېرمانىيىنىڭ يېڭى تارىخى مۇشۇنىڭدىن باشلىنىدۇ دېيىشكە ئادەتلەنگەن ئىدى. گېرمان خەلقىگە رۇسىيىلىكلەرنىڭ “ئازادلىق” ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئىنتايىن قىيىن ئىدى. ھېچبولمىغاندا، سانسىزلىغان گېرمان ئاياللىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، رۇسىيىلىكلەرنىڭ يېتىپ كېلىشى زور بالايى ئاپەتتىن دېرەك بېرەتتى.
مەنبە: بىلىۋال
دۇنيادا ۋىجدان ئىگىلىرىگە مىللى ھاقارەت ۋە مىللى كەمسىتىشتىنمۇ ئېغىر خورلۇق بولماس .
Posted: 2007-11-20 00:21 | [ئاپتور]
bares
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

مانا بۇ مىنڭمۇ دىمەكچى بولغىنىم .شۇنداق بۇلكشى كىررەك .
Posted: 2007-12-31 16:33 | 1 -قەۋەت
iwirgol
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 5
شۆھرىتى: 6 نومۇر
پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-06

 

مانا بۇ مۇستەبىتلىك.زوراۋانلىق ئەڭ پەسكەش ھايۋانى قىلىق
Posted: 2008-01-06 18:15 | 2 -قەۋەت
brave-heart
EVERYTHING I HAVE IS FOR MY NATION
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 9
شۆھرىتى: 10 نومۇر
پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-02
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-09

 

بۇنىڭغا نىمە دىسەم بولار؟زوراۋانلىقنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇش مېنىڭچە توغرا ئەمەس.
Posted: 2008-01-07 14:02 | 3 -قەۋەت
jawlan22
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 4
شۆھرىتى: 5 نومۇر
پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-08

 

مېنىڭچە  توغرا؛بىزدە  ئۇنداق ئوچ  ئېلىش  كەمچىل شۇڭا...........................................
Posted: 2008-01-08 12:44 | 4 -قەۋەت
udun
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 53
شۆھرىتى: 54 نومۇر
پۇلى: 530 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-11

 

[quote]1 - قەۋەتتىكى bares 2007-12-31 16:33 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
مانا بۇ مىنڭمۇ دىمەكچى بولغىنىم .شۇنداق بۇلكشى كىررەك .


iwirgol:

مانا بۇ مۇستەبىتلىك.زوراۋانلىق ئەڭ پەسكەش ھايۋانى قىلىق



ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى____________________پەزىلەتتە، ھايا-نومۇسنى بىلىشتە، ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلىشتە، روسىيە ئارمىيىسى يامان بولسا ئاياللارغا چېقىلمىسۇن، ئۇلاردا نېمە گۇناھ؟ ستالىن بىر نامەرت ئادەم، .......... ساناقسىز مىساللار بار، شۇڭا بۇ شۇارنى توۋلىغان.
نۇر چېچىپ ياشاشنى بىلمىسەڭ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ ئۆتىسەن
Posted: 2008-01-09 00:31 | 5 -قەۋەت
Ghunche
دەرىجىسى : يۈز بېشى


نادىر يازمىلار : 1
يوللىغان تېما : 47
شۆھرىتى: 50 نومۇر
پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-11-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-11

 

دىمىسىمۇ ئۇ ھەددىدىن ئاشقان پەسكەش، ھايۋانىي قىلىق ئىكەن. ئاياللارنىڭ قىلچىلىكمۇ قەدىر- قىممىتى يوق!
Posted: 2008-01-09 03:20 | 6 -قەۋەت
kalbim09
دەرىجىسى : لەشكەر


نادىر يازمىلار : 0
يوللىغان تېما : 17
شۆھرىتى: 18 نومۇر
پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-01-01
ئاخىرقى كىرگىنى : 2008-01-09

 

سىلەر ئاشۇ سىتالىننى ياخشى ئادەم دەپ قارامسىلەر؟
  توۋا ~~~~~~~~~~
  بىزگە  ئاز زۇلۇم قىلمىغان جىما ئۇ  مۇناپىق!
    گىتلىر بولسا  ئۇزىنى مىلىلىتىگە  ۋەتىنىگە ئاتىغان
    ئەنە  شۇ  ھەقىقى ئەزىمەت
  ئۇنىڭ يەھۇدىلارنى قىرغىنى  توغرا  چۇنكى يەھۇدىلەر دۇنيادىكى ئەڭ پەس مىللەت
    كاللا ئىشلىتىلى دەيمەن 
    تارىغقا قارىۋالماي ،،،،،،،،،،،،،، 
Posted: 2008-01-09 15:04 | 7 -قەۋەت
niyazdixan
دەرىجىسى : كۇلۇب باشلىقى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-22
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 

Quote:
7 - قەۋەتتىكى kalbim09 2008-01-09 15:04 دە يوللىغان  نى نەقىل كەلتۈرۈش :
سىلەر ئاشۇ سىتالىننى ياخشى ئادەم دەپ قارامسىلەر؟
   توۋا ~~~~~~~~~~
   بىزگە  ئاز زۇلۇم قىلمىغان جىما ئۇ  مۇناپىق!
    گىتلىر بولسا  ئۇزىنى مىلىلىتىگە  ۋەتىنىگە ئاتىغان
    ئەنە  شۇ  ھەقىقى ئەزىمەت
.......

بۇ يەردە ھېچكىم ستالىننى ياخشى ئادەم دېمىگەندۇ . گىتلېرغا بەك ئامراق ئوخشايسىز . مەنمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا گىتلېرگە بەك قايىلتىم . كېيىنكى ئەقلىمنى تېپىپ ، كۆپرەك ماتىرىيال كۆرگەندىن كېيىن گىتلېردەك مۇستەبىتلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئەسەبىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم .
يەنە بىر گەپ تار مىللەتچىلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئادەملەر ، شۇ تار مىللەتچىلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇچرىغانلارمىكىن دەيمەن . ھازىرقى دۇنيادا بىزمۇ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردەك ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلايلى . خۇدا ئىنسانلارنى تەڭ باراۋەر يارىتىپتىكەن . ئىگىز - پەس قىلماي .
Posted: 2008-01-09 15:27 | 8 -قەۋەت
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » دۇنيا تارىخى

Total 0.053363(s) query 4, Time now is:01-11 01:55, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation