TuranTekin
مۇنبەر ئالىي نازارەتچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


نادىر يازمىلار :
يوللىغان تېما :
شۆھرىتى: 0 نومۇر
پۇلى: سوم
تۆھپىسى: نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى : 1970-01-01

 خۇجىلارنىڭ يىلتىزى

ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسى ۋەزىيىتىنى يېرىم ئەسىر دىگۈدەك ئۆز قۇلىدا تۇتقان كامىل نەيراڭۋاز، مەشھۇر دىنىي داھى خۇجا ئەھرار ھىجىرىيە 895- يىلى ئۈلۈپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ يىتىلگەن مۇرىتى ۋە ئىزباسارى بولغان مەۋلانە مۇھەممەت غازىمۇ ھىجىرىيە 921- يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ رەھبەرلىك ھۇقۇقى تەدىرىجى ھالدا مەخدۇم ئەزەمنىڭ قۇلىغا ئۆتتى.

مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەھمەت كاسانى بۇلۇپ، ھىجىرىيە 866- يىلىدىن 949- يىلىغىچە ياشىغان. مۇھەممەت سادىق قەشقەرىنىڭ "تەزكىرەئى خۇجىگان" ناملىق ئەسىرىدىكى بايانلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئاتا-بۇۋۇلىرى مەدىنىلىك بۇلۇپ، بۇۋىسى كىيىنچە پەرغانە رايۇنىغا كىلىپ ماكانلاشقان. ئۇنىڭ ئەجداتلىرى ھەققىدىكى شەجەرىلەر ئون خىلدىن ئاشىدىغان بۇلۇپ، ئەۋلاد سانى، ھۆرمەت نامى ۋە ئىسمى قاتارلىقلاردا ناھىيىتى چوڭ ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. شۇنداق بولسىمۇ ھەممىسىدىلا ئۆز يىلتىزىنى فاتىمەگە تۇتاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇھەممەد پەيغەمبەرگە باغلىشىدۇ.

مەخدۇم ئەزەم ياش ۋاقىتلىرىدا تاشكەنتتىكى بىر مەدىرىستە ئىلىم تەھسىل قىلغان بۇلۇپ، ئۇقۇشنى تۈگەتمەيلا نەقشىبەندىيە تەرىقىتىگە كىرگەن ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر ئۈلىما مەۋلانە مۇھەممەد غازىغا مۇرىت بولغان. مۇھەممەد غازى ئۆلگەندىن كىيىن نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ رەھبەرلىك ھۇقۇقى تەدىرىجى ئۇنىڭ قۇلىغا ئۆتكەن. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا سۇپىزىم دۇنياسىدا يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە بۇلۇپ، كىيىنكىلەر تەرىپىدىن "دىننىڭ نۇرى ۋە تۈۋرىكى" دەپ تەرىپلەنگەن. مەخدۇم ئەزەم سۈننىي مەزھىپىدە بۇلۇپ، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى پان ئىلاھچىلىققا ئوخشۇشۇپ كىتەتتى. ئۇ سۇپىلار ھەمىشە خانىقادا تۇرىشى كىرەك، پەقەت دىن تارقىتىش توغرا كەلگەندىلا ئاندىن ئۈزۈن مەزگىل سىرىتتا تۇرسا بۇلىدۇ، دىگەننى تەشەببۇس قىلىپ، يەككە-يىگانە زاھىدلىققا قارشى تۇرغان. ئۇ نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ يۇسۇنلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئەگەر مۇرۇتلار مەزھەپ ئىچىدىكى رەسمى پائالىيەتلاردە "پەس ئاۋازلىق زىكىر" ئۈچۈن خىراج تۈلىسە، ئۇلارنىڭ "يۇقىرى ئاۋازدا زىكىر قىلىش"ى ۋە ساما ئوينىشىغا ئىجازەت بەرگەن. ھەمدە مۇزىكا ساما ئۇسۇلى ئۈچۈن زۈرۈر دىگەننى ئىتىراپ قىلغان.

مەخدۇم ئەزەممۇ ئۈزىدىن ئىلگىرىكى پىشىۋالارغا ئوخشاش زور تەسىر كۈچكە ئىگە دىنىي سىياسى پائالىيەتچى بولغاچقا شەيبانە سۇلالىسىنىڭ ھەربى-سىياسى ئىشلىرىغا ۋە سۇلالىدىكى ئىچكى كۈرەشلەرگە پائال قاتناشقان. ئۇ ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ماۋرائۇننەھەر  رايۇنىدا ئۆتكۈزگەن. بىراق خ.ۋ.بىللېۋنىڭ "قەشقەر تارىخى" دىگەن ئەسىرىگە ئاساسلانغاندا، مەخدۇم ئەزەم ئابدۇرەشىتخان دەۋرىدە قەشقەرگە كەلگەن ۋە خانلىقنىڭ ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۈتۈۋېلىشى ھەم يەرلىك خەلىقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە مۇيەسسەر بۇلۇپ، شۇ يەرلىك بىبىچە ئىسىملىك بىر ئايالغا ئۆيلەنگەن. بۇ ئايالدىن بىر ئۇغۇل يەنى مەشھۇر خۇجا ئىسھاق ۋەلى تۇۈغۇلغان.

مۇسۇلمان مەنبەلىرى ۋە خەنزۇچە مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، مەخدۇم ئەزەمنىڭ ناھىيىتى كۆپ ئۇغۇللىرى بولغان. ئەمما كونكىرىتنى سانى ۋە ئىسىملىرىدا پەرىقلەر بولغان. پەرزەنىتلەر بەزى مەنبەلەردە 7، بەزىلىرىدە 13،  يەنە بەزىلىرىدە 14 دىيىلگەن. مەخدۇم ئەزەم ھايات ۋاختىدىلا ئۇغۇللىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ ئوغلى مۇھەممەد ئىمىننى ("ئىشان كالان" نامى بىلەن مەشھۇر) نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ باش پىرلىقىغا ، قالغان ئۇغۇللىرىنى مەزكور مەزھەپنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى سەردارلىقىغا تەيىنلىگەن. ئەمما مەخدۇم ئەزەم ئۈلۈشى بىلەنلا ئۇغۇللىرى مەزھەپنىڭ ئەڭ ئالى ھۇقۇقىنى تالىشىپ كەسكىن كۈرەشلەرنى قوزغىغان. ئەمما بۇ مەيدان كۈرەشتە چوڭ ئۇغۇل مۇھەممەد ئىمىن باشقىلارغا قارىغاندا نامى ئۇلۇغ، سۈزى يوللۇق بولغاچقا تەبىئى ھالدا ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن. ئەمما ئىسھاق ۋەلى مەخدۇم ئەزەمنىڭ قەشقەرلىك خۇتۇنىدىن تۇغۇلغان، ھەمدە بۇ خۇتۇن سەئىدىيە جەمەتىدىن كىلىپ چىققان بولغاچقا، ئىسلام دىنىدىكى "ئۇغۇل ئانىسى نەسەبىدىن ئەتىۋارلىق" دىگەن ئەنئەنە بۇيىچە ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلۇپ، "خۇجائى قەشقەرى" دەپ ئاتالغان. يەنە كىلىپ ئۇ قابىلىيەتلىك بولغاچقا ئۇمۇ مۇھەممەد ئىمىن بىلەن ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرالايدىغان كۈچكە ئايلانغان. شۇڭا بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش تۇلىمۇ كەسكىن بولغان. ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرىمۇ تەدىرىجى ھالدا ئىككى چوڭ گۇرۇھقا بۈلۈنگەن. مانا بۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئاقتاغلىق، قاراتاغلىق خۇجىلارنىڭ مەنبەسى ئىدى. بۇ كۈرەش ماۋرائۇننەھەر رايۇنىدىن ھالقىپ، يەكەن خانلىقى تىرىتورىيىلىرىگىچىلىك كىڭەيگەن. بۇ قارمۇ-قارشى ئىككى مەزھەپ بۇ رايۇنلاردا كۆپلەپ مۇرىت توپلاپ، تەسىرىنى ۋە كۈچىنى زۇرايتقان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا خۇجىلار غەرىبى يۇرۇتقا كىرىپ كەلگەن
نادانلىق _ زاۋاللىقنىڭ بوسۇغۇسى!!!
Posted: 2007-11-20 00:21 | [ئاپتور]
يازما كۆرۈلۈش خاتىرىسى سەھىپە كۆرۈلۈش خاتىرىسى
ئورخۇن مۇنبىرى » خوجىلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار

Total 0.056771(s) query 3, Time now is:12-05 00:42, Gzip disabled ICPNo : 新06003667
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2003-07 PHPWind.com Corporation

Uyghur Version Powered by Sazgur Code © 2007-2008 Yadikar.com Corporation