باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى:
بۇ يازمىغا niyazdixan تەرىپىدىن نادىرلاندى (2008-05-09)
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ
تولۇق تىزىملىكى (1)
( 1900-يىللار )
رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: نازىمى
1. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ 1901-يىللىق ساھىبى:
رېنې سۈللى پرۈدوم
Sully-Prudhomme
( 1839 - 1907 )
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
"بۈيۈك ئەدەبىي مۇۋاپىقىيىتى، ئالىي ئىدىيالىزمى، بەدىئىي مۇكەممەللىكى، كەم ئۇچرايدىغان تالانتى ۋە قەلىب ئىزھارى ئۈچۈن."
2. 1902-يىلى:
تېئودور مومزېن
Theodor Mommsen
(1818 - 1909)
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
"<رىم تارىخى> ناملىق ئەسىرىنى يېزىشتىكى ئەمگىكى ئۈچۈن."
3. 1903-يىلى:
بيۆرنستېيېرنې بيۆرنسون
Bjørnstjerne Martinus Bjørnson
( 1832 -1910 )
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
"ئىلھام يېڭىلىقى ۋە روھى ساپلىقى بىلەن پەرقلەنگەن ئالاھىدە پوئىزىيىسى، دراما يېزىشتىكى ئالاھىدە تالانتى ئۈچۈن"
4. 1904-يىلى:
فرېدېرىك مىسترال
Frédéric Mistral
( 1830 - 1914 )
5. 1904-يىلى:
خوسې ئېچېگېراي ئېيساگىررې
Echegaray Y Eizaguirre, Jose
( 1832 - 1916 )
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
"ئىسپانىيە دراماتورگىيىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قوشقان بىھىساپ توھپىلىرى ئۈچۈن."
6. 1905-يىلى:
ھېنرىك سېنكېۋىچ
Henryk Sienkiewicz
( 1846 - 1916 )
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى: "ئېپوس ساھەسىدىكى بۈيۈك خىزمەتلىرى ئۈچۈن"
7. 1907-يىلى:
(1835 - 1907)
جوزۇئې كاردۇچچى
Giosuè Carducci
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
"ئىجادىي ئىنېرگىيىسى، ئۇسلۇپ يېڭىلىقى، شېئىرىيەتتىكى لېرىك قۇۋۋىتى ئۈچۈن."
8. 1907-يىلى:
جوزېف رېديارد كىپلىڭ
Joseph Rudyard Kipling
(1865 - 1936)
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
"كۈزىتىش ئىقتىدارى، يارقىن فانتازىيىسى، باي تەسەۋۇرى، تەسۋىرلەشتىكى پەۋقۇللاددە تالانتى ئۈچۈن."
9. 1908-يىلى:
رۇدولف كرىستوف ئېيكېن
Rudolf Christoph Eucken
(1865 -1926)
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
"ھەقىقەتنى ئىزدەش يولىدىكى تەلپۈنىشى، ئىدىيىنى ئىپادىلەشيىكى قۇدرىتى، كەڭ كۈزىتىش يولى بىلەن ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن ئىدىيالىزم پەلسەپەسى قىزغىنلىقى ئۈچۈن."
10. 1909-يىلى:
سېلما ئوتىلىئانا لوۋىزا لاگېرلۆف
Selma Ottiliana Lovisa Lagerlöf
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
"ئەسەرلىرىدىكى ئالىي غايە، باي تەسەۋۋۇر كۈچى، ئاددىي ھەم گۈزەل ئۇسلۇبى ئۈچۈن."
11. 1910-يىلى:
پائۇل يوھان ليۇدۋىك فون خېيزې
Paul Johann Ludwig von Heyse
( 1830 - 1914 )
مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈش سەۋەبى:
"لىرىك شائىر، دراماتۇرگ، رومان ئاپتورى، دۇنياغا مەشھۇر قىسقا ھىكايە مۇئەللىپى سۈپىتىدىكى سەنئەت ئىقتىدارى ۋە ئىدىيالىزمى ئۈچۈن."
_______________
ئىنتېرنەتتىكى رۇسچە مەنبەلەر ئاساسىدا تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: نازىمى
تېما ئىگىسىدىن رۇخسەتسىز، باشقا مۇنبەرلەرگە ۋە نەشرياتلارغا كۆچۈرۈپ پايدىلىنىش رەت قىلىنىدۇ!
[ بۇ يازما Nazimi تەرىپىدىن 2008-05-09 19:54 دە قايت ]