باش بەت | كائىنات سىرلىرى

قۇياش

      قۇياش ناھايىتى ئىسسىق ئوت شارى بولۇپ، بىزگە كۈندە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. قۇياش بولمىسا يەر شارىدا ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ.

  
 
بىزگە ئەڭ يېقىن سەييارە

      قۇياش ئالەمدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن سەييارە، ئۇنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن 1 مىليون 400 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى دىيامېتىرىنىڭ 109 ھەسسىگە تەڭ كېلىدۇ، قۇياش سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 5500 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ.

قۇياشنىڭ ھەرىكىتى

      قۇياش ناھايىتى تىنچتەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتى ھەرىكەتچان. قۇياش ھەرىكىتىدىن ئاساسلىقى قۇياش داغلىرى، قۇياش ئۆسۈكى، چاقناش قاتارلىقلار بار. قۇياش چاقنىشى يۈز بەرگەندە، ئۇ يەر شارىدىكى يىراق مۇساپىلىق خەۋەرلىشىش، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش، رادىيو ئىستانىسىسى ۋە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ سىگناللىرىغا كاشىلا پەيدا قىلىدۇ.

قۇياشنىڭ ئىچى ۋە سىرتى

      قۇياش ئاتموسفېراسى ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ بىرقانچە قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، مەركىزىي قىسمى قۇياش يادروسى دەپ ئاتىلىدۇ، قۇياش ماسسىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ قىسمىغا مەركەزلەشكەن ھەمدە قۇياشنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن ئىسسىقلىقىمۇ مۇشۇ قىسمىدا پەيدا بولغان. بىز ئادەتتە كۆرۈۋاتقان يورۇق قۇياش ئۇنىڭ ئاتموسفېراسىدىن ئىبارەت.

قۇياش نۇرىنىڭ رەڭگى

      قۇياش تارقاتقان نۇرلار قىزىل، نارەنج (قىزغۇچ سېرىق)، سېرىق، يېشىل، زەڭگەر، كۆك، سۆسىندىن ئىبارەت يەتتە خىل رەڭدىن تەركىب تاپقان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەر شارى ئاتموسفېراسىدىن ئۆتكەندە بىزگە قۇياش نۇرى ئاق كۆرۈنىدۇ. ئەمما، ئەتىگەن ۋە كەچقۇرۇنلۇقى يانتۇ چۈشۈۋاتقان قۇياش نۇرى قېلىن ئاتموسفېرا قەۋىتىدىن ئۆتكەندە، پەقەت قىزىل، نارەنج ۋە سېرىقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭلىك نۇرلا ئاتموسفېرادىكى سۇ تامچىلىرى ۋە چاڭ – توزانلاردىن ئۆتەلەيدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا قۇياش بىزگە قېپقىزىل كۆرۈنىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو بالىلار قامۇسى تەھرىر: ئاينۇر