باش بەت | كائىنات سىرلىرى

يەر شارى

     يەر شارى ئىنسانلارنىڭ ماكانى، شۇنداقلا قۇياش سىستېمىسىدىكى بىردىنبىر ھاياتلىق بار سەييارە. ئىنسانلار يەر شارىدا ھايات كەچۈرۈۋاتقىلى بىر قانچە مىليون يىللار بولدى. قەدىمدىن تارتىپلا كىشىلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ زېمىندا ئىزدىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

 
 
  يەر شارىنىڭ ئوربېتىلىق ئايلىنىشى 
     يەر شارى قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ بىرى، ئۇ بەلگىلىك ئوربىتىنى بويلاپ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، بۇ يەر شارىنىڭ ئوربىتىلىق ئايلىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ. يەر شارىنىڭ ئوبىتىلىق ئايلىنىشىنىڭ بىر دەۋرى بىر يىل بولىدۇ. ئوربىتىلىق ئايلىنىش داۋامىدا، يەر شارى ئەتىياز، ياز، كۈز ۋە قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشى كېلىپ چىقىدۇ.

ھاياتلىق بۆشۈكى

    قۇياشتىن 150 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەر شارىدا جانلىقلار ياشىشىنىڭ بارلىق زۆرۈر شەرتلىرى: تېمپېراتۇرا، ئاتموسفېرا ۋە سۇ قاتارلىقلار ھازىرلانغان. شۇڭا، ئۇ قۇياش سىستېمىسىدا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە ھاياتلىقنىڭ بۆشۈكىگە ئايلانغان.

 

كۆك سەييارە

    يەر شارى ئېللىپىسسىمان شار جىسىم. ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىغا قارىسىڭىز، ئۇنىڭ يۈزىگە نېپىز چۈمپەردە يېپىپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ يەر شارى ئاتموسفېراسىدۇر. بۇ نېپىز چۈمپەردىدىن ئاق بۇلۇتلار، دېڭىز – ئوكيانلار، قۇرۇقلۇقلار ۋە ئاراللارنى كۆرەلەيمىز.

 

 يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى

   يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئوربىتىلىق ئايلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، توختىماستىن غەربتىن شەرققە قاراپ ئۆز ئوقىدىمۇ ئايلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى، شۇنىڭدەك قۇياش، ئاي، سەييارە، يۇلتۇزلارنىڭ شەرقتىن چىقىپ غەربتە ئولتۇرۇشى كېلىپ چىقىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو بالىلار قامۇسى تەھرىر: ئاينۇر