باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

شامالدىن قورقمايدىغان پەي توپت

     پەي توپ ئويناۋاتقان ۋاقتىڭىزدا شامال چىقسا توپ ئوينىشىڭىزغا تەسىر يېتەمدۇ؟ مەن شامالدىن قورقمايدىغان پەي توپ ياساشنى ئويلىدىم.

     بۇ پەي توپنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا كىچىك تىپتىكى شامال كۈچىنى ئۆلچىگۈچ ئورنىتىلغان. شامالنىڭ سۈرئىتى سېكۇنتىغا 15 مېتىردىن ئاشقان ۋاقىتتا پەي توپنىڭ ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىسى پەي توپنىڭ چوققا قىسمىدىن كىچىك بىر پاراشوت قويۇپ بېرىمىز، سىز ئۇرغان ھەربىر توپنىڭ ئوتتۇرىچە تېزلىكىنى ھېسابلاپ چىقىپ چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، شامال كۈچىنى تۆۋەنلىتىدىغان پاراشوتلارنى قويۇپ بېرىدۇ، بۇنداق بولغاندا توپنىڭ ئۇچۇش تېزلىكىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. شامالغا قارشى ئۇچۇۋاتقان توپنىڭ قۇيرۇق قىسمى ئىككى ياپراق چىقىرىپ، توپنىڭ باش قىسمىنى ئورۇۋېلىپ توپنى ئۈچ بۇرجەك شەكىلگە كەلتۈرىدۇ، بۇنداق بولغاندا شامالنىڭ توپقا بولغان قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئالاھىدە پەي توپ يەنە ئاۋاز دولقۇنى قويۇپ بېرىپ، توپنى ئۇرۇشقا بىر مېتىر ئارىلىق قالغاندا تېز سۈرئەتتە ياپرىقىنى يىغىۋالىدۇ، بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ توپ ئۇرۇشىڭىزغا دەخلى يەتمەيدۇ. بۇ پەي توپ 21 – ئەسىرنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولۇپ قالغۇسى.

تۇرپاندىن: ئەزىمەت

 

   

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر