باش بەت | ئائىلە تەربىيسى

ئاتا – ئانىلار گېپىدە تۇرۇشى كېرەك

      بىز دائىم بالىلارنىڭ دادام ئىمتىھاندا يۈز نومۇر ئالساڭ باغچىغا ئاپىرىمەن، دېگەنىدى، بىراق يۈز نومۇر ئالسام ۋاقتىم يوق، دەپ باغچىغا ئاپارمىدى، ئاپام تاپشۇرۇقنى يېزىپ بولساڭ ئوينىساڭ بولىدۇ، دېگەنىدى، يېزىپ بولسام گېپىدە تۇرماي مەشىق ئىشلەتتى ... دېگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. مۇشۇنداق ئىشلار ئارقا – ئارقىدىن تەكرارلانسا ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئابرۇيىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ. بالىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ناھايىتى خەتەرلىك. مۇشۇنداق بولىۋەرسە بالىلار گېپىگە ئەمەل قىلمىسىمۇ، ۋەدە قىلغان ئىشنى بېجىرمىسىمۇ بولىدىكەن، دەپ ئويلاپ قالىدۇ ۋە يامان ئادەت يېتىلدۈرۈۋالىدۇ. چوڭ بولغاندا دوستلىرى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بالىنىڭ ئالدىدا ئاتا – ئانىلارنىڭ ئابرۇيى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ ئابرۇيى قانداق تىكلىنىدۇ؟ ئاتا – ئانىلار ئۆزىنىڭ سۆز، ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئابرۇي تىكلەيدۇ. گېپىدە تۇرىدىغان، دېگىنىنى قىلىدىغان ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئاتا – ئانىلىرىنىڭ سۆزىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ بىلىدۇ، كىچىكىدىن باشلاپ بۇيرۇقىنى بەجانىدىل ئورۇندايدۇ.

      ئۇنداقتا ئاتا – ئانىلار قانداق قىلسا گېپىدە تۇرالايدۇ؟

      يېنىكلىك بىلەن ۋەدە بەرمەسلىك، بالىنىڭ ھەرقانداق تەلىپىگە ئالدىراپ ماقۇل بولماسلىق كېرەك. ۋەدە بېرىشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئەقىلگە مۇۋاپىق، مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى، ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ياكى ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى ئەستايىدىل ئويلىنىش كېرەك. ئەگەر ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بولسا ۋەدە بېرىش، چوقۇم ئورۇنداش كېرەك. ئەگەر ئەقىلگە مۇۋاپىق بولماي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىسا ماقۇل بولماسلىق كېرەك، بالا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ ئاندىن ماقۇل بولۇش كېرەك.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر