باش بەت | ئائىلە تەربىيسى

ئاتا – ئانىلارنىڭ يۈرەك سۆزى

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى: بالىمىز بەكلا ئەقىللىق، كۆڭلى ئازار يېگەن ياكى بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغاندا بىزنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن، دەپ بىزگە پەقەت دېمەيدۇ. بىز ئۇنىڭ كۆڭلىدە نېمە بولسا بىزگە تارتىماي ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ھەممە ئىشنى ئىچىگە يۈتۈپ ئازاپلىنىشىنى خالىمايمىز.

    تاشقى بۆلۈم دوختۇرى: بالىمىز مەكتەپتىن كېلىپلا كومپيۇتېردا ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئوينايدۇ. ئۆي ئىشلىرىغا زادىلا ياردەملەشمەيدۇ. ھازىرقى بالىلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدۇ.

    ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى: بالام بىلە ئارىلىقىمىزنىڭ يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەقەت بىلمەيمەن. راست گەپنى قىلغاندا مەن ئۇنى مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشسىكەن دېمەيمەن. پەقەت ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرساق دېگەن ئۈمىدىم بار.

    دۆلەت مەمۇرى: ھازىرقى بالىلار ئادەمنى بەكلا ئەنسىرىتىدۇ. مۇشۇ مەزگىلدە بالىلار ئاسانلا يامان يولغا كىرىپ قالىدۇ. شۇڭا، بىز ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى، ئۇچرىغان ئاۋارچىلىقلىرىنى بىزگە دېيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ھەرگىزمۇ ئۇلارنى ئەيىبلىمەيمىز، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىمىز. چۈنكى، بىزنىڭمۇ بالىلىق چاغلىرىمىز بولغان.

    كارخانا خىزمەتچىسى: بالىمىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى يامان ئەمەس، بىراق ئاچىقى بەك يامان. ھەدېسىلا بىز بىلەن سوقۇشىدۇ، ئەگەر بالام دەرسلەرگە كۆڭۈل قويۇپ، ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسا ھاردۇقۇم چىقاتتى. بىز ئۇنىڭ تېزرەك چوڭ بولۇشىنى، بىز بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ پاراڭلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر