باش بەت | ئائىلە تەربىيسى

بالىلارنىڭ رەسىم سىزىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك

    بەزى بالىلار رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىش داۋامىدا قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۇلارنىڭ قىزىقىشى بارا – بارا سۇسلىشىپ قالىدۇ. بالىلارنىڭ رەسىم سىزىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك:

    1. ئالدى بىلەن بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بالىلار رەسىم سىزىشقا كىرىشكەندە ياخشى سىزالمىسىمۇ ئۇلارنى ماختاش، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاتا – ئانىلار ئۇلار بىلەن بىرلىكتە رەسىم سىزىش.

    2. بالىلار سىزغان رەسىملەرنى ئائىلىدە كۆرگەزمە قىلىش ھەمدە ئۇنى دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش.

    3. سىزىلىدىغان رەسىملەرگە مەزمۇن جەھەتتىن چەك قويماسلىق لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

    4. ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش، ئۇلارغا رەسىم سىزىشقا دائىر كىتابلارنى ھازىرلاپ بېرىش لازىم.

    5. بالىلارنى دائىم رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە ئاپىرىش، ئۇلارنى مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇپ، رەسىم سىزىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر