باش بەت | ئائىلە تەربىيسى

بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە قانداق قاراش كېرەك

      بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى قەتئىي رەت قىلىش كېرەك. بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە ماقۇل بولۇش بالىلارنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى قوللىغانلىقتۇر. ئەگەر بالىلار شەخسىيەتچى بولۇپ كەتسە، ھەمىشە ئۆزىنىڭكىنى راست دەيدىغان، ئاتا – ئانىسىدىن قىلچە مىننەتدار بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلارغا ھەممە ئىشنىڭ ئادەمنىڭ رايىغا باقمايدىغانلىقىنى، ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگىلا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئەزەلدىن رەت قىلىشقا ئۇچراپ باقمىغان بالىلار چوڭ بولغاندا ئازراق ئوڭۇشسىزلىق ۋە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ بەختى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بەزى يولسىز تەلەپلىرىگە ‹‹بولمايدۇ›› دېيىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ خاراكتېرى، ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. لېكىن، ئاتا – ئانىلار تۆۋەندىكىلەرگە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.

    بىرىنچى، ئېنىق بولغان ئائىلە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاتا – ئانىلار بالىلاردا ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان، ئۆزى قىلغان ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشى ۋە ئائىلىدە ئۇلارنىڭ يېشىغا، خاراكتېرىگە ماس كېلىدىغان قائىدە – تۈزۈملەرنى بېكىتىشى كېرەك.

    ئىككىنچىدىن، مەسىلىنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرى رەت قىلىنغاندا جېدەل قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا – ئانىلار سوغۇققان بولۇپ، رەت قىلىشنى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى، ئەگەر يەنىلا جېدەل قىلىۋەرسە ئۇنى بەزلىمەسلىك كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالىلار ئاتا – ئانىسىنىڭ قەتئىي پوزىتسىيەسىدىن جېدەل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.

    ئۈچىنچىدىن، بالىنىڭ دىققىتىنى بۇراش كېرەك. بالىلار يولسىز تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، نەسىھەت قىلغاندىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ دىققىتىنى باشقا ئىشلارغا بۇرىۋېتىش كېرەك.

    تۆتىنچىدىن، بالىغا رەت قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغاندا ئۇلارغا رەت قىلىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمەي، باھانە – سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى ئالدايدۇ.

    بەشىنچىدىن، ‹‹بولمايدۇ›› دېيىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن تەس ئىش. كۆپ ھاللاردا ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ يىغلاشلىرىغا چىدىماي ئۇلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى قاندۇرىدۇ. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بەزىدە بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە ئېتىبارسىز قاراشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا بالىلار يىغلاپ جېدەل قىلىشنىڭ ئەسقاتىدىغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر