باش بەت | ئائىلە تەربىيسى

لاياقەتلىك ئاتا – ئانا

      سىز لاياقەتلىك ئاتا – ئانىمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ قانداقلىقىڭىزنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ كىچىك سىناقنى ئىشلەپ كۆرۈڭ: 1. بالا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىك. 2. ئۆزىدىن سەۋەنلىك ئۆتكەندە بالىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم سوراش. 3. باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىنى ئەيىبلىمەسلىك. 4. بالا سورىغان ‹‹نېمە ئۈچۈن››لەرنىڭ بىلگىنىگە جاۋاب بېرىش، بىلمەيدىغانلىرىنى بالا ئالدىدا ئىقرار قىلىپ، ئاندىن بۇ مەسىلىنى بالا بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىش. 5. كۈندا بالا بىلەن مۇڭدىشىدىغان ۋاقىت چىقىرىش. 6. كۈندە بالىغا ئەركىن ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقىت ۋە بوشلۇق ئاجرىتىپ بېرىش. 7. بالىنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى بىلىش. 8. باشقىلار بالىنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسەتكەندە بالىغا يان باسماسلىق. 9. بالا بىلەن بىللە ھەرخىل مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرلىشىش. 10. بالىغا ئۆزىنىڭ چامىسى يەتكۈدەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرۇش. 11. داۋاملىق بالىلارغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراش. 12. بالىلارنى تەنقىدلىگەندە، ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە سۆز قىلىشىغا يول قويۇش. 13. بالىنى پات – پات سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئايلاندۇرۇپ تۇرۇش.

 

 

مەنبە: ئاتا – ئانىلار قوللانمىسى تەھرىر: ئاينۇر