1. سۆيگۈ كەمچىل بولۇش: نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋە ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن بالىلار كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئاسراشقا ئېرىشەلمەسلىك.
2. پوزېتسىيە بىردەك بولماسلىق: ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارغا تۇتقان پوزېتسىيەسى بىردەك بولماسلىق.
3. بالىلار ھوقۇقىنى كۆككە كۆتۈرۈۋېتىش: بالىلارنى ‹‹كىچىك پادىشاھ›› دەپ قاراپ خالىغاننى قىلىشىغا يول قويۇش.
4. دائىم جازالاش: كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ بالىلارغا تەن جازاسى ۋە پىسخىكا جازاسى بېرىش.
5. ناچار كەيپىيات: ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەرىكەت ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى تۇراقسىزلىقى بالىلاردا ناچار ئادەت ۋە پىسخىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. زىيادە يۇقىرى تەلەپ قويۇش: بالىلارنى ئۇنى – بۇنى ئۆگىنىشكە زورلاش.
7. قالايمىقان ياساندۇرۇش: بالىلارنى يېشىغا، جىنسىغا ۋە ئىقتىدارىغا ماس كەلمىگەن ھالدا رەڭگارەڭ ياساندۇرۇش ۋە پەرداز قىلدۇرۇش.
8. جىم ئولتۇرۇشنىلا تەلەپ قىلىش: بالىلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك تەلىپىنى كونترول قىلىپ، مىدىرلىماي ئولتۇرۇشنىلا تەلەپ قىلىش.
9. يالغان سۆزلەش، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق: دائىم بالىلارنى ئالداپ يالغان سۆزلەش، ئۆز گېپىگە ئەمەل قىلماسلىق.
10. بالىنى ئۆزئارا ئىتتىرىش: بالىلارنى دادىسى ياكى ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشقىلا زورلاش ياكى بالىلارنىڭ ھېسسىياتى ۋە قىزىقىشىنى كونترول قىلىۋېلىش.