باش بەت | ئەترەت نىزامنامىسى

ئەترەت نىزامنامىسى

      1. ئەترىتىمىزنىڭ نامى: جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى.

      2. ئەترىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى. پارتىيەنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، ئەترىتىمىزگە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

      3. ئەترىتىمىزنىڭ خاراكتېرى: ئۇ جۇڭگو ئۆسمۈر – بالىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى ئۆگىنىش مەكتىپى، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇشنىڭ زاپاس قوشۇنى.

      4. ئەترىتىمىزنىڭ مەقسىتى: ئۆسمۈر – بالىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، ئىلىم – پەننى سۆيىدىغان، ئۇمۇمنىڭ مال – مۈلكىنى ئاسرايدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان، ئەمەلىيەتكە قاتنىشىدىغان، قابىلىيەت يېتىلدۈرىدىغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا ئىرادە باغلايدىغان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا مۇناسىپ لاياقەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يېتىلىشكە تىرىشىدىغان كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارى قىلىپ يېتىشتۈرۈش. ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ يوللۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش.

     5. ئەترىتىمىزنىڭ بايرىقى، گېربى: بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بىلەن مەشئەل چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق بىزنىڭ ئەترەت بايرىقىمىز. بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەشئەل يورۇقلۇقنىڭ سىمۋولى، قىزىل بايراق ئىنقىلاب غەلبىسىنىڭ سىمۋولى. ئەترىتىمىزنىڭ گېربى بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز بىلەن مەشئەل ‹‹جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى›› دېگەن خەت يېزىلغان قىزىل لېنتىدىن تۈزۈلگەن.

     6. ئەترەت شېئىرىمىز: ‹‹بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى››.

     7. بىزنىڭ بەلگىمىز: قىزىل گالىستۇك. ئۇ قىزىل بايراقنىڭ بىر بۇرجىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان. ھەربىر پىيونېر ئۇنى تاقىشى ۋە قەدىرلىشى، ئۇنىڭغا يېڭى شۆھرەت قۇشۇشى كېرەك.

     8. ئەترەت سالىمىمىز: ئوڭ قولنىڭ بارماقلىرىنى جۈپلەپ باشنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈش. ئۇ خەلق مەنپەئەتىنىڭ ھەممىدىن ئەلا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

     9. بىزنىڭ شوئارىمىز: ‹‹كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تەييار بولۇڭلار!›› جاۋابىمىز ‹‹دائىم تەييارمىز!››

    10. بىزنىڭ ئىستىلىمىز: سەمىمىي بولۇش، باتۇر بولۇش، تېتىك بولۇش، ئىتتىپاق بولۇش.

    11. پىيونېرلىرىمىز: ئالتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان، پىيونېرلار ئەترىتىگە قاتنىشىشىنى، ئەترەت نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىشنى خالايدىغان ئۆسمۈر – بالىلار مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، ماقۇللانغاندىن كېيىن پىيونېر بولىدۇ. پىيونېرلار ئەترەتكە كىرىشتىن بۇرۇن خەلق ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش قىلىشى كېرەك. ئۇلار ئۈچۈن ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.

    پىيونېرلار پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىنىڭ خوجايىنلىرى، ئەترەتتە ھەممە پىيونېر سايلاش – سايلىنىش ھوقوقىغا ئىگە، ئەترەت خىزمىتى ۋە پائالىيەتلىرىگە قارىتا پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. ھەربىر پىيۇنېر ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، ئەترەتنىڭ قارارىغا بويسۇنۇشى، ئەترەتنىڭ خىزمىتى ۋە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى، ئەترەت تاپشۇرغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى، كۆپچىلىككە قىزغىن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئەترەت تەشكىلى مۇنەۋۋەر پىيونېرلارنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوبيېكتى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. پىيونېرلار بىر چوڭ ئەترەتتىن يەنە بىر چوڭ ئەترەتكە يۆتكەلسە، يېڭىدىن بارغان چوڭ ئەترەتكە تىزىملىتىش جەدۋىلىنى ئاپىرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى لازىم. 14 ياشتىن ئاشقان پىيونېرلار ئەترەتتىن چېكىنىشى لازىم. چوڭ ئەترەت ئەترەتتىن ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.

     12. ئەترەتكە كىرىش قەسىمىمىز: مەن جۇڭگو پىيونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. مەن ئەترەت بايرىقى ئاستىدا قەسەم بېرىمەنكى: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيىمەن، خەلقنى قىزغىن سۆيىمەن، تىرىشىپ ئۆگىنىمەن، تىرىشىپ چېنىقىمەن، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى تەقدىم قىلىشقا تەييار تۇرىمەن!

     13. بىزنىڭ تەشكىلىمىز: مەكتەپتە، مەھەلىدە چوڭ ئەترەت ياكى ئوتتۇرا ئەترەت قۇرۇلىدۇ. ئوتتۇرا ئەترەت قارمىقىدا كىچىك ئەترەت تەسىس قىلىنىدۇ. كىچىك ئەترەت بەشتىن 13كىچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئەترەت باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى قويۇلىدۇ. ئوتتۇرا ئەترەت ئىككىدىن ئارتۇق كىچىك ئەترەتتىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭدا ئۈچتىن يەتتىگىچە كىشىدىن تەركىب تاپقان ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ. چوڭ ئەترەت ئىككىدىن ئارتۇق ئوتتۇرا ئەترەتتىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭدا يەتتىدىن 13كىچە كىشىدىن تەركىب تاپقان چوڭ ئەترەت ھەيئىتى قۇرۇلىدۇ. كىچىك ئەترەت ھەيئىتى ۋە ئوتتۇرا ئەترەت، چوڭ ئەترەت ھەيئەتلىرى پىيونېرلار تەرىپىدىن سايلىنىدۇ. يېرىم يىلدا ياكى بىر يىلدا بىر قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چوڭ ئەترەت ۋە ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئىتى ئەترەت باشلىقى، بايراقچى ۋە ئۆگىنىش ھەيئىتى، ئەمگەك ھەيئىتى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ھەيئىتى، تەنتەربىيە ھەيئىتى تەشكىلات ھەيئىتى ۋە تەشۋىقات ھەيئىتى قاتارلىق ھەيئەتلەرنى قويىدۇ.

     14. بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىز: ئەترەت يىغىنى، ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەت، لاگېر، ساياھەت، ھېكايە ئېيتىش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن، كۆڭۈل ئىچىش، ئويۇن ئويناش، ھەربىي مەشىق، تەنتەربىيە قاتارلىق ئەھمىيەتلىك، قىزىقارلىق ھەرخىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، شۇنداقلا قۇربى يېتىدىغان جامائەتكە پايدىلىق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتنىشىش.

     15. ئەترىتىمىزنىڭ مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش چارىسى: پىيونېرلار ۋە ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئەلا نەتىجە ياراتسا، ئەترەت تەشكىلى ياكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ. پىيونېرلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئەترەت تەشكىلى سەۋرچانلىق بىلەن ياردەم، تەنقىدىي تەربىيە بېرىپ، تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

    16. بىزنىڭ تەربىيەچىلىرىمىز: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تاللاپ ئەترەت تەربىيەچىلىكىگە تەيىنلەيدۇ ياكى ئىدىيەدە ئىلغار، ئىستىلى دۇرۇس، بىلىمى مول، ئۆسمۈر – بالىلارنى قىزغىن سۆيىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ۋە ھەرقايسى سەپلەردىكى ئىلغار شەخىسلەرنى ئەترەت تەربىيەچىلىكىگە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلار پىيونېرلارنىڭ يېقىن دوستى ۋە يېتەكچىسى بولۇپ، ئوتتۇرا ئەترەت ياكى چوڭ ئەترەت ھەيئەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە، پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

   17. ئەترىتىمىزنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى: مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى كومىتېتلىرى مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ دائىملىق خىزمىتىنى ئۆتەيدىغان رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرىدۇر. ئۇلار تەڭ دەرىجىلىك پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى پرىنسىپ جەھەتتىن ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ.

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر