باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئەترەت پائالىيىتىدىكى ‹‹بەش مۇھىم نۇقتا››

      1. قىزىقارلىقلىقى: قىزىقارلىق بولۇش پائالىيەت لايىھەلەشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ جىسمانىي تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان، بالىلارنى قىزىقتۇرالايدىغان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغاندىلا پىيونېرلار قىزغىنلىق بىلەن پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ.

     2. كەڭ دائىرىلىكلىكى: پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى. شۇڭا، پائالىيەت تەشكىللەش، لايىھەلەشتە ئۇمۇمىيلىققا يۈزلىنىشتەك پرىنسىپنى گەۋدىلەندۈرۈش، پائالىيەتكە ھەممەيلەن قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

     3. ئەمەلىيەتچانلىقى: پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن خىزمەت بولۇپ، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەيدۇ. بۇ ئەترەت پائالىيەتلىرىدىن ئىشنى ئەمەلىيەتتىن، پىيونېرلارنىڭ ئەترەتتىكى ئىشلىرىدىن باشلاشنى، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى مەشىقىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

     4. ئىجتىمائىيلىقى: ئېلىمىز مائارىپى ئېچىۋېتىلگەن مائارىپ. شۇڭا، ئەترەت پائالىيەتلىرى ئىجتىمائىي تەربىيە مەنبەسىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، پىيونېرلارنى جەمئىيەت، تەبىئەت، زامانىۋى پەن – تېخنىكا بىلەن ئۇچرىشىشقا، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك.

     5. ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش: ئۆز – ئۆزىگە خۇجا بولۇش مائارىپنىڭ ئاساسى. ئەترەت ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆز تەشكىلاتى، ئەترەت پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پىيونېرلار. ئەترەت پائالىيەتلىرى پىيونېرلارنىڭ خاراكتېرىنى يېتىلدۈرىدىغان، قىزىقىشىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت. شۇڭا، ئەترەتتە ئۆز پائالىيىتىنى ئۆزى قىلىش، ئۆز پائالىيىتىنى ئۆزى باھالاش، ھەربىر پىيونېرنىڭ ئورنى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر