باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئەترەت پائالىيەتلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا لايىھەلەش

      1. ئۇچۇر مەنبەسىنى قېزىپ، پىيونېرلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش كېرەك. بالىلارنىڭ ئويلىغانلىرى دائىم يۈز بەرگەن ئىشنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرى، تەلىپى، ئىچ پۇشۇقلىرىنى ئىگىلىگەندىلا، تەربىيە ۋە ياردەم قىلغىلى، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكى، تونۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

       2. سوئال – جاۋاب شەكلى ئارقىلىق تەكشۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ، قېيىن مەسىلىلەرنىڭ بۆسۈش نۇقتىسىنى تېپىش كېرەك. پىيونېرلاردا ئىپادىلەنگەن ئىدىيە، ھەرىكەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈش مەزمۇنىنى بېكىتكەندە مەسىلىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى تاپقىلى ھەم ئۇمۇمىيلىقنى ئىگىلەپ، ئەترەت پائالىيىتى لايىھەسى ئۈچۈن ئۇچۇر توپلىغىلى بولىدۇ.

       3. ئاتا – ئانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئادەتتە پىيونېرلارنىڭ ئائىلە ۋە مەكتەپتىكى ئىپادىسى ئىككى خىل بولىدۇ. ئاتا – ئانىلار يىغىنى ئېچىش، پىكىر ئېلىش جەدىۋىلى تارقىتىش، سىرداش قەلىبلەر قىزىق لىنىيىسى تەسىس قىلىش، پىيونېرلار بىلەن ئاتا – ئانىلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان پىكىر – تەلەپلىرىنى توپلاشقا بولىدۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر