باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

پىيونېرلار ئەترىتى قانداق دائىملىق پائالىيەت بازىلىرى ۋە تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى كېرەك

   پىيونېرلار ئەترىتى ئۇمۇمەن ئەترەت ئىشخانىسى، تام گېزىتى، قىزىل گالىستۇكلۇقلار رادىيو ئۇزىلى، كىتاب بۇلۇڭى، قەھرىمانلارنىڭ بۇلۇڭى، شەرەپ دەپتىرى، چوڭ، ئوتتۇرا ئەترەت تۇرمۇش دەپتىرى، پىيونېرلار تىزىملىكى جەدۋىلى، قىزىل گالىستۇكلۇقلار ئورمانلىقى، ئۆسمۈرلەر تەجرىبە ئېتىزى، پەن – تېخنىكا ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش گۇرۇپپىسى، بارابانچىلار ئەترىتى، ئالاقىلىشىش تورى ۋە مەشىق قىلىش، رېپىتېتسىيە قىلىش تۈزۈمى، چوڭ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك ئەترەت يىغىنى قاتارلىق دائىملىق پائالىيەت بازىسى ۋە تۈزۈملەرنى ئورنىتىشى كېرەك. پىيونېرلار ئەترىتى دائىملىق پائالىيەت بازىسى ۋە تۈزۈملەرنى ئورناتقاندىلا، ئەترەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ، پىيونېرلارنىڭ ھەۋەس ۋە تەلەپلىرىنى قاندۇرالايدۇ. بۇ ئارقىلىق پىيونېرلار ئەتراپلىق تەربىيەگە ئىگە بولىدۇ، مۇستەقىل خىزمەت ئىشلەش ئىقتىدارىنى چىنىقتۇرىدۇ، تەشكىلىي كۆز قارشىنى كۈچەيتىدۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر