باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ يازلىق لاگېرىنى ئۇيۇشتۇرغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

       پائالىيەتنى چوقۇم ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك. پايانسىز تەبىئەتتىكى ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي شارائىتى بويىچە مۇۋاپىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەسلەن: تاغقا چىقىش، ئەۋرىشكە يىغىش، مەنزىرىلىك جاي ۋە مەشھۇر ئاسارە – ئەتىقىلەرنى ساياھەت قىلىش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىنى سۈپۈرۈش، گۈلخان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزسە بولىدۇ.

      لاگېر جەريانىدا پائالىيەت بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پىيونېرلارغا ئازراق ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقتى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا، ئۆز قىزىقىشى بويىچە ساياھەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش لازىم.

      تەشكىللەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەش كېرەك. يازلىق لاگېرنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىك خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ھەرخىل خىزمەتلەرگە مەخسۇس كىشى مەسئۇل بولۇشى، خىزمەتلەرنى ئوبدان پىلانلىشى، تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، ئەستايىدىل ئەمىلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك.

      يازلىق لاگېرنىڭ ئورنىنى ياخشى تاللاش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى تاغ سۇلىرى بار، مەنزىرىسى چىرايلىق يەرلەرنى تاللاش لازىم. بىخەتەرلىك خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش لازىم. بۇنىڭدىن سىرت يەنە جەمىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قاتناش ۋە تۇرمۇش قاتارلىق ئارقا سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر