باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئەترەتكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيە

       ئالتىنى بىلىش:

      1. ئەترەت نامىنى بىلىش: ئەترەت نامى جۇڭگو ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى.

      2. ئەترەت نامى ۋە ئەترەت گېربىنىڭ ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىش.

      3. قىزىل گالىستۇكنىڭ پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىش.

      4. ‹‹ئوڭ قولىنىڭ بەش بارمىقىنى جۈپلەپ باشتىن ئېگىز كۆتۈرۈش›› تىن ئىبارەت ئەترەت سالىمى ‹‹خەلقنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا›› دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلىش.

     5. ئەترەتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يېتەكچىسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشىغا ھاۋالە قىلىنغانلىقىنى بىلىش.

     6. ‹‹سەمىمىي، باتۇر، جۇشقۇن، ئىتتىپاق بولۇش›› نىڭ ئەترەتنىڭ ئىستىلى ئىكەنلىكىنى بىلىش.

      ئالتىنى قىلىش:

     1. ئەترەتكە كىرىش ئىلتىماسى يېزىشنى بىلىش؛

     2. ئەترەتكە كىرىش قەسەمنامىسىنى ئوقۇشنى بىلىش؛

     3. قىزىل گالىستۇك تاقاشنى بىلىش؛

     4. ئەترەت سالىمىنى توغرا بېرەلەيدىغان بولۇش؛

     5. ئەترەت ناخشىسىنى ئېيتالايدىغان بولۇش؛

     6. ئەترەت شۇئارى توۋلىيالايدىغان بولۇش؛

     بىرنى ئورۇنداش: ئەترەت نىزامنامىسىدىكى تەلەپلەر بويىچە ئەترەتكە كىرىشتىن بۇرۇن بىر ياخشى ئىش قىلىش كېرەك.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر