باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئەترەت پائالىيەتلىرىنى لايىھەلەشتە كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك

       1. كىچىك ئىشلارنى تۇتۇش، پائالىيەتنىڭ تېمىسى كىچىك بولۇش، پىيونېرلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، پىيونېرلار قوبۇل قىلالايدىغان پائالىيەتلەرنى لايىھەلەش. پىيونېرلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق پەرقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، پائالىيەت تېمىسىنى بەلگىلىگەندە ياش پەرقىگە دىققەت قىلىش، پائالىيەتنى بارلىق پىيونېرلارغا يېقىنلاشتۇرۇش كېرەك.

      2. كىچىك ئىشلارنى تۇتۇش، پىيونېرلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى تېپىش، پىيونېرلارنىڭ ئىدىيەسىدىكى كىچىك ئۆزگىرىشلەرنىمۇ بايقاشقا ماھىر بولۇش، پائالىيەتلەرنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئېلىپ بېرىش. ھازىرقى دەۋردە ئۇچۇرنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، پىيونېرلارنىڭ ھەممىگە قىزىقىش پىسخىكىسى ئۇلارنى ھېلى بۇ چولپانغا، ھېلى ئۇ چولپانغا قىزىقىدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ. تەربىيەچىلەر كۈزىتىشكە، پىيونېرلارنىڭ ئىدىيە ھالىتىنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى، مۇۋاپىق پائالىيەتلەرنى دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

      3. كىچىك ئىشلاردىن باشلاش، پائالىيەت شەكلى، پائالىيەت لايىھەسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، پائالىيەت ئۈنۈمىگە دىققەت قىلىش. تەربىيەچىلەر ئادەتتە چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى ئازراق ئېلىپ بېرىپ، كىچىك تىپتىكى پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئېلىپ بارسا پىيونېرلاردىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلالايدۇ، تەربىيە ئۈنۈمىگە ئېتىبار بېرەلەيدۇ، پىيونېرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئۇمۇمەن، زۆرۆر بولغان پائالىيەت شەكلىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە مۇۋاپىق بولۇشىغا دىققەت قىلىپ چوڭ تېمىنى بىكىتىش كېرەك. بىز چوقۇم مەسىلىلەرگە تەرەققىيات نەزەرى بىلەن قاراپ، پىيونېرلارنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇشىمىز؛ يېڭى دەۋىردىكى پىيونېرلاردا ساقلىنىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىپ ۋە بايقاپ، ھەقىقىي تۈردە پائالىيەت تېمىسى، مەزمۇنى ۋە شەكلىنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، پىيونېرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئەترەت پائالىيىتى دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىيەلەيدۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر